|
|
|
|
تىڭشۈن تورىنىڭ31-ئىيۇل خەۋىرى: تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن200مېتىرغا ئەركىن سۇ ئۈزۈش مۇسابىقىسىنىڭ مۇكاپاتلاش مۇراسىمىدا ئويلىمىغان كۆڭۈلسىزلىك يۈز بەردى.بۇ مۇسابىقىدە جوڭگۇ ماھىرى سۈن يوڭ بىلەن كورىيە ماھىرى پۇ چىنخېڭ ئوخشاشلا كۈمۈش مېدالغا ئېرىشكەن بولسىمۇ بايراق چىقىرىش مۇراسىمىدا كورىيە دۆلەت بايرىقى بىلەن جوڭگۇ دۆلەت بايرىقى تەڭ تىزىلماستىن ئاستى -ئۈستى قىلىپ چىقىرىلدى.جوڭگۇدىكى تورداشلارنىڭ گۇمانى نەزىرىگە قارىتا ،خەلقارا ئولىمپىك كومىتىتى جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دىدى: "بەلگىلىمىگە ئاساسەن،مۇسابىقىدە ئىككى نەپەر تەنھەركەتچىنىڭ نەتىجىسى ئوخشاش بولغان ئەھۋال ئاستىدا ،دۆلەت ياكى رايۇن بايرىقى ئوخشاش تەرتىپتە چىقىرىلىدۇ. بوشلۇق يېتىشمىگەن ئەھۋالدىلا ئاستى-ئۈستى قىلىپ چىقىرىلسا بولىدۇ.بۇ شۇ تەنھەركەتچى ئىسمىنىڭ ئېنگىلىسچە باش ھەرپى بويىچە تىىزىلىدۇ.سۈن ياڭنىڭ ئىسمىنىڭ باش ھەرىپى S،پۇ چىنخېڭنىڭ P، شۇڭا كورىيە ماھىرىنىڭ دۆلەت بايرىقى ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئەمما تورداشلار ئىنچىكە كۈزۈتۈپ،29-ئىيۇل ئۆتكۈزۈلگەن روداۋچە چېلىشىش ئەرلەر 66كېلۇگىراملىقلار مۇسابىقىسىنىڭ مۇكاپاتلاش مۇراسىدىمۇ مۇشۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلگەنلىكى،ئەمما مىس مېدالغا ئېرىشكەن كورىيە ماھىرى بىلەن ياپۇنيە ماھىرىنىڭ دۆلەت بايرىقىنىڭ ئوخشاش تەرتىپتە چىقىرىلغانلىقىنى بايقىدى.ئۇنداقتا بۇنى قانداق چۈشۈنۈش كېرەك؟
http://2012.qq.com/a/20120731/001925.htm
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا katran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-1 01:29 AM
|
|
|
|
|
|