تۇرمۇش ساۋاتلىرى
1. ئاچچىق نەرسە يىگەندە، ئازراق تۇزنى كاپ ئېتىپ ئارقىدىن سۇ بىلەن ئېغىزنى چايقىۋەتسە ئېغىز ئېچىشمايدۇ.
2. چىش پاستىسىنىڭ پىيالە، ئىستاكانلاردىكى چاي دېغىنى چىقىرىش ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى.
3. كۆزگە دورا تېمىتقاندا ئېغىز ئازراق ئوچۇق قويۇلسا، كۆز تولا چىمىلدىمايدۇ.
4. كۆزگە چاڭ-توزان كىرىپ كەتكەندە كۆزنى چىڭ يۇمۇپ، بىر-ئىككىنى يۆتەلسە توپا ئۆزلىكىدىن چىقىپ كېتىدۇ.
5. پاشا چاققان جايغا سوپۇن سۈركەپ قويسا قىچىشمايدۇ.
6. چامادانغا كىيىم -كېچەكلەرنى قاتلاپ سالماستىن، خۇددى گىلەمنى تۈرگەندەك تۈرۈم-تۈرۈم قىلىپ سالغاندا كىيىملەر جىق پېتىپلا كەتمەستىن يەنە ئاسان پۈرلەشمەيدۇ.
7. تولا ئەسنەۋەرگەندە ئاچچىقسۇ ئىچىۋالسا پايدىسى بولىدۇ.
8. پىياز، سامساق يىگەندىن كېيىن ئازراق خۇسىڭ يىۋالسا غەيرى پۇراق تۈگەيدۇ.
9. گۈلنى لوڭقىغا ئالغاندا قاچا-قۇچا سۇيۇقلۇقى تېمىتۋەتسە، گۈلنىڭ ساقلاش ۋاقتىنى تېخىمۇ ئۇزارتقىلى بولىدۇ.
10. زىببۇ-زىننەت ئارىسىغا بور قويۇپ قويسا ئۇلارنىڭ پارقىراقلىقىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ.
11. ھەر كۈنى پۇتنى تۇز سۈيىگە چىلاپ بەرسە پۇت تەرلەشكە پايدىسى بار.
12. ئۇخلاش يېتەرلىك بولمىسا ئادەم دۆتلىشىپ قالىدۇ؛ چۈشلۈك ئۇيقۇ قېرىشنى كچىكتۈرىدۇ.
13. ئۈزۈم ئۇيقۇنى ياخشىلايدۇ.
14. ئالمىنى ئىزىپ داكىغا ئوراپ، باشنىڭ قەيەرى ئاغرىغان بولسا شۇ يەرگە تاڭسا ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ.
15. قولنى ئاچچىقسۇغا ئون مىنۇت چىلاپ بەرسە يىرىكلىشىپ، يېرىلشىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
تەرجىمە قىلغۇچى: مىژگان
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا elijan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-1 01:55 AM