مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3880|ئىنكاس: 53

مانا قانۇن دىگەن   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48371
يازما سانى: 2037
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8069
تۆھپە نۇمۇرى: 1537
توردا: 5046 سائەت
تىزىم: 2011-7-19
ئاخىرقى: 2012-12-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 11:51:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوسلار كەمىنە سەزگۈرىدىن سىلەرگە سالام .
تور ئارلاپ كېتىۋېتىپ مۇنۇ قانۇنغا كۆزۈم چۈشتى ...قېنى ئوقۇپ مۇشۇنىڭدىن پايدىلىنىڭ
ئەسكەرتىش : تىما يوللىغۇچى ئامان قالسۇن .ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىپ سوغۇققانلىق بىلەن ئىنكاس يازارسىز


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تىل- يېزىق خىزمىتى نىزامى

- يىل 9- ئاينىڭ 25- كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 8 -نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4- يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2002- يىل 9- ئاينىڭ 20- كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 30 -يىغىنىنىڭ «<شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تىل- يېزىق خىزمىتى نىزامى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار» ىغا ئاساسەن تۈزىتىلدى


1- باب ئومۇمىي پرىنسىپ


1-ماددا بۇ نىزام مىللەتلەرنىڭ تىل- يېزىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە گۈللەندۈرۈش، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ پەن- مەدەنىيەت سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش مەقسىتىدە، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى »، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى قانۇنى» ۋە باشقا ئالاقىدار قانۇن -نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تۈزۈلدى .
2- ماددا تىل- يېزىق خىزمىتىدە مىللەتلەرنىڭ تىل- يېزىقى باراۋەر بولۇش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىل- يېزىقىنى قوللىنىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئەركىنلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، مىللەتلەرنىڭ تىل- يېزىقىنى ئۆز ئارا ئۆگىنىشىنى تەشەببۇس قىلىپ ۋە رىغبەتلەندۈرۈپ، تىل- يېزىقنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ۋە سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلدۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى، تەرەققىياتى ۋە ئورتاق گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش شەرت .
3- ماددا مىللەتلەرنىڭ تىل -يېزىقىنىڭ قوللىنىلىشى، قۇرۇلۇشى ۋە ئىلمىي تەتقىقاتى كۈچەيتىلىدۇ، مىللەتلەر تىل- يېزىقىنىڭ قېلىپلىشىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. يېزىقنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشتە، تىلنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، شۇ مىللەتتىكى كۆپ سانلىق ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئېھتىياتچانلىق، سالماقلىق بىلەن ئىش كۆرۈش كېرەك .
4- ماددا يېزىقى ياكى ئورتاق قوللىنىدىغان يېزىقى يوق مىللەتنىڭ يېزىق مەسىلىسىنى شى مىللەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىگە پايدىلىق بولۇش، ئىختىيارىي تاللاش پرىنسىپى بويىچە، ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. باشقا مىللەتنىڭ يېزىقىنى قوللانغان مىللەتنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش لازىم.
5- ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ تىل - يېزىق خىزمىتىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى ئاپتونوم رايوننىڭ تىل- يېزىق باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. ئاپتونوم ئوبلاست (ۋىلايەت)، شەھەرنىڭ تىل- يېزىق باشقۇرۇش ئاپپاراتى ۋە ناھىيىلىك (شەھەرلىك) خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تىل- يېزىق باشقۇرۇش ئاپپاراتى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ تىل- يېزىق باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ .
6- ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ياكى تىل- يېزىق باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى تىل - يېزىق خىزمىتىدە گەۋدىلىك نەتىجە ياراتقان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى تەقدىرلەيدۇ ۋە مۇكاپاتلايدۇ .




2- باب تىل - يېزىقنى قوللىنىش ۋە باشقۇرۇش


7- ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ ئاپتونومىيە ئورگىنى ۋەزىپە ئىجرا قىلىشتا ئۇيغۇر تىل - يېزىقى بىلەن خەنزۇ تىل- يېزىقىنى تەڭ قوللىنىدۇ؛ باشقا مىللەتنىڭ تىل- يېزىقىنى ئېھتىياجىغا قاراپ تەڭ قوللانسىمۇ بولىدۇ؛ ئاپتونوم ئوبلاست، ئاپتونوم ناھىيىلەرنىڭ ئاپتونومىيە ئورگىنى ۋەزىپە ئىجرا قىلىشتا ئاپتونوم رايوندا ئورتاق قوللىنىلىدىغان ئۇيغۇر تىل- يېزىق بىلەن خەنزۇ تىل- يېزىقىنى قوللىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيىنى يولغا قويغان مىللەتنىڭ تىل- يېزىقىنى قوللىنىدۇ، شۇ جايدا ئورتاق قوللىنىلىدىغان باشقا مىللەتنىڭ تىل- يېزىقىنى ئېھتىياجىغا قاراپ تەڭ قوللانسىمۇ بولىدۇ؛ بىر نەچچە خىل تىل- يېزىقنى تەڭ قوللىنىپ ۋەزىپە ئىجرا قىلىشتا، تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيىنى يولغا قويغان مىللەتنىڭ تىل- يېزىقى ئاساس قىلىنسا بولىدۇ.
8- ماددا ئورگان، تەشكىلات ۋە كەسپىي ئورۇنلارنىڭ تامغىسى، ۋىۋىسكىسى، كېنىشكىسىدە ۋە ئورۇن نامى بېسىلغان كونۋېرتتا، شۇنىڭدەك ئاپتونوم رايون تەۋەسىدە يۇقىرىغا يوللىنىلىدىغان، تۆۋەنگە چۈشۈرۈلىدىغان ھۆججەت- ئالاقىلەردە قېلىپلاشقان ئاز سانلىق مىللەت يېزىقى بىلەن خەنزۇ يېزىقىنى تەڭ قوللىنىش كېرەك. تارقىتىلىدىغان ئۆگىنىش ماتېرىياللىرى ۋە تەشۋىقات بۇيۇملىرىدا شۇ جايدا ئورتاق قوللىنىلىدىغان بىر خىل يېزىق ياكى ياكى بىر قانچە خىل يېزىقنى ئېھتىياجغا قاراپ قوللىنىش كېرەك. ئاز سانلىق مىللەت تىل- يېزىقى بىلەن خەنزۇ يېزىقىنى تەڭ قوللىنىشتا، خەتنىڭ چوڭ- كىچىكلىكى ماسلاشقان بولۇشى، رەت تەرتىپ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بولۇشى كېرەك .
9- ماددا جامائەت سورۇنى، جامائەت ئەسلىھەسى ۋە جامائەت مۇلازىملىقىدا يېزىق قوللىنىلىدىغانلىكى نام تاختىسى، جامائەت پاراۋانلىق ئېلانى، چېگرا تاختىسى، يول بەلگىسى، قاتناش بەلگىسى ۋە ئاپتوموبىللارغا يېزىلىدىغان ئورۇن نامى، بىخەتەرلىك شوئارى، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىشلەنگەن ھەمدە سېتىلىدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ نامى، چۈشەندۈرمىسى قاتارلىقلاردا قېلىپلاشقان ئاز سانلىق مىللەت يېزىقى بىلەن خەنزۇ يېزىقىنى تەڭ قوللىنىش كېرەك .
10- ماددا ئورگان، تەشكىلات، كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلار يىغىن ئاچقاندا، يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ بىر خىل ياكى بىر نەچچە خىل تىل- يېزىق قوللىنىلىدۇ. مۇھىم يىغىنلارنىڭ پلاكاتىدا ئاز سانلىق مىللەت يېزىقى بىلەن خەنزۇ يېزىقىنى تەڭ قوللىنىش كېرەك.
11- ماددا ئورگان، تەشكىلات، كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلار ئوقۇغۇچى، ئىشچى، كادىر ئېلىش ۋە تېخنىكا ئىمتىھانى ئېلىش، كەسپىي ئۇنۋان باھالاش، دەرىجە ئۆستۈرۈشتە، شۇ جايدا ئورتاق قوللىنىلىدىغان ئاز سانلىق مىللەت تىل- يېزىقى بىلەن خەنزۇ تىل- يېزىقىنى تەڭ ياكى ئايرىم قوللىنىشى شەرت، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ياكى ئىمتىھان ئالغۇچىلار ئۆزى خالىغان بىر خىل تىل- يېزىقنى تاللاپ ئىشلەتسە بولىدۇ. دۆلەت ياكى ئاپتونوم رايوننىڭ ئايرىم بەلگىلىمىسى بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
12- ماددا ھەر مىللەت پۇقرالىرى دەۋا ئىشلىرىدا ئۆز مىللىتىنىڭ تىل- يېزىقىنى قوللىنىشقا ھوقۇقلۇق. خەلق سوت مەھكىمىلىرى، خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ياكى مىللەتلەر ئارىلاش ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا دېلونى سوت قىلىش ۋە تەپتىش قىلىشتا، شۇ جايدا ئورتاق قوللىنىلىدىغان تىل- يېزىقنى قوللىنىشى، شۇ جايدا ئورتاق قوللىنىلىدىغان تىل- يېزىقنى بىلمەيدىغان دەۋا ئىشتىراكچىلىرىغا تەرجىمە قىلدۇرۇپ بېرىشى لازىم. قانۇن ھۆججەتلىرىدە شۇ جايدا ئورتاق قوللىنىلىدىغان بىر خىل ياكى بىر نەچچە خىل يېزىقنى ئېھتىياجىغا قاراپ قوللىنىش كېرەك .
13- ماددا ھەر دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرى، ئەدلىيە ئورگانلىرى، خەلق تەشكىلاتلىرى ھەر مىللەت پۇقرالىرىدىن كەلگەن خەت- چەكلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا ياكى ھال ئېيتىپ كەلگەنلەرنى كۈتۈۋېلىشتا، ئەرزىيەتچىلەر پىششىق بىلىدىغان تىل- يېزىقتا جاۋاب بېرىشى ۋە مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىشى ياكى تەرجىمە قىلدۇرۇپ بېرىشى لازىم. ئۇلارنىڭ خادىملىرى ئۆزى پىششىق بىلمەيدىغان يېزىقتىكى خەت، ئالاقە، تەستىق ۋە باشقا ماتېرىياللارنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى، بېسىپ قويماسلىقى ياكى كېچىكتۈرمەسلىكى لازىم .
14- ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئاز سانلىق مىللەت تىل- يېزىقىدىكى مائارىپ، نەشرىيات، رادىئو، كىنو- تېلېۋىزىيە ئىشلىرى، قەدىمىي كىتابلارنى رەتلەش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشى لازىم. ئوقۇتۇش، رادىئو، سەنئەت نومۇرلىرى، دەرسلىك، گېزىت- ژۇرنال، كىتاب، كىنو- تېلېۋىزىيىدە قېلىپلاشقان تىل- يېزىقنى قوللىنىش شەرت .
15- ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئاز سانلىق مىللەت پەن- تېخنىكا خادىملىرى، ئەدەبىيات- سەنئەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىلمىي تەتقىقات، كەشپىيات- ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش، ئىلمىي ماقالە، ئەسەر يېزىش، ئەدەبىيات- سەنئەت ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىش ۋە ئويۇن قويۇشتا ئۆز مىللىتىنىڭ تىل- يېزىقىنى قوللىنىشىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك .
16- ماددا پوچتا، پۇل مۇئامىلە تارماقلىرى ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى پوچتا يوللانمىلىرىنى قوبۇل قىلىش، يوللاش ۋە كرېدىت، پۇل ئامانىتى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشى لازىم .




3- باب تىل- يېزىق ئۆگىنىش ۋە تەرجىمە خىزمىتى


17- ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مىللەتلەرگە تىل- يېزىقنى ئۆز ئارا ئۆگىنىش ھەققىدە تەربىيە ۋە ئىلھام بېرىشى كېرەك. خەنزۇ كادىرلار شۇ جايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل- يېزىقىنى ئۆگىنىشى كېرەك، ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى ئۆز مىللىتىنىڭ تىل- يېزىقىنى ئۆگىنىش ۋە قوللىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەملىكەت بويىچە ئورتاق قوللىنىلىدىغان پۇتۇڭخۇا ۋە قېلىپلاشقان خەنزۇ يېزىقىنىمۇ ئۆگىنىشى كېرەك.
18- ماددا ئاز سانلىق مىللەت تىل- يېزىقىدا دەرس ئۆتىدىغان ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئۆز مىللىتىنىڭ تىل- يېزىقى ھەققىدىكى ئاساسىي مائارىپىنى كۈچەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 3- يىللىقىدىن باشلاپ خەنزۇ تىلى دەرسى تەسىس قىلىپ، خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىنى ئوبدان يولغا قويۇپ، ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندە تەدرىجىي ھالدا ئۆز مىللىتىنىڭ تىلىنىمۇ، خەنزۇ تىلىنىمۇ پىششىق بىلىدىغان قىلىشى كېرەك. شارائىتى بار جايلار بۇرۇنراق تەسىس قىلسىمۇ بولىدۇ. ئالىي مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا تېخنىكوملار ئاز سانلىق مىللەت تىلى بىلەن خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىنى كۈچەيتىپ، قوش تىللىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشى كېرەك .
19- ماددا ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردىكى خەنزۇ تىلىدا دەرس ئۆتىدىغان ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە شۇ جايدا ئورتاق قوللىنىلىدىغان ئاز سانلىق مىللەت تىل- يېزىقىدىكى دەرس مۇۋاپىق تەسىس قىلىنسا بولىدۇ .
20- ماددا ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى خەنزۇ تىلىدا دەرس ئۆتىدىغان باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇسا بولىدۇ، خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارمۇ ئاز سانلىق مىللەت تىلىدا دەرس ئۆتىدىغان باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەردە دەرس ئوقۇسا بولىدۇ. مەكتەپلەر ئۇلارنى قوللىشى ۋە قوبۇل قىلىشى كېرەك.
21- ماددا سودا، پوچتا- تېلېگراف، قاتناش، سەھىيە، پۇل مۇئامىلە، باج، سودا- سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش، جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرى خادىملارغا ئاز سانلىق مىللەت تىلى ۋە خەنزۇ تىلىنى ئۆگىتىپ، ئۇلارنى شۇ جايدا ئورتاق قوللىنىلىدىغان تىلنى ئىگىلەپ ۋە قوللىنىپ، ھەر مىللەت پۇقرالىرىغا خىزمەت قىلىدىغان قىلىشى كېرەك .
22- ماددا ئورگان، تەشكىلات، كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلار ئاز سانلىق مىللەت تىل- يېزىقى تەرجىمە خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىش ۋە ئۇنى كۈچەيتىشى شەرت.
23- ماددا ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى كىتابلار ۋە خەنزۇ يېزىقى، چەت ئەل يېزىقىدىكى كىتابلارنى تەرجىمە قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پەن- تېخنىكا ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك .
24- ماددا ئاز سانلىق مىللەت تىلىنى خىزمەت تىلى قىلىدىغان دىكتور، رىياسەتچى، كىنو، تېلېۋىزىيە، تىياتىر ئارتىسى، ئوقۇتقۇچى، مۇھەررىر، تەرجىمان قاتارلىق ئالاقىدار خادىملار ئاپتونوم رايون بەلگىلىگەن تىل دەرىجە ئۆلچىمىگە يېتىشى كېرەك، ئۆلچەمگە يەتمىگەنلىرىنى تەربىيىلەش كېرەك.
25- ماددا تىل- يېزىق مەسئۇل تارمىقى ۋە مائارىپ تارمىقى ھەرخىل شەكىللەرنى قوللىنىپ، ئاز سانلىق مىللەت تىل- يېزىقى تەرجىمانلىرى، مۇھەررىرلىرى، ئوقۇتقۇچىلىرى، پەن تەتقىقاتچىلىرى ۋە باشقۇرغۇچىلىرىنى پائال يېتىشتۈرۈشى كېرەك.
26- ماددا ئاز سانلىق مىللەت تىل- يېزىقى تەرجىمانلىرى كەسپىي تېخنىكا خادىم ھېسابلىنىدۇ، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن كەسپىي تېخنىكا ئۇنۋانى بېرىلىدۇ، كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنىڭ تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ .




4- باب تىل - يېزىقنى ئىلمىي تەتقىق قىلىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش


27- ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ تىل- يېزىق مەسئۇل تارمىقى ئاز سانلىق مىللەت تىل- يېزىقى توغرىسىدىكى ئاساسىي نەزەرىيە، ئەمەلىي نەزەرىيە ئىلمىي تەتقىقاتى ۋە تىل- يېزىق ئۇچۇرلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئىلمىي تەتقىقاتىنى كۈچەيتىشى، ئاز سانلىق مىللەت تىلىنىڭ ئەدەبىي تىل ئۆلچىمى، ئىملا قائىدىسى ۋە تەلەپپۇز قائىدىسى قاتارلىقلارغا ئائىت بەلگىلىمىلەرنى تۈزۈپ چىقىش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق ئاز سانلىق مىللەت تىلىدىكى ئاتالغۇلارنى قېلىپلاشتۇرۇش، بېكىتىش كومىتېتى ھەرخىل تىل، پەن، كەسىپنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ۋە ئەمەلىي ئېھتىياجىغا قاراپ، كەسپىي گۇرۇپپىلارنى قۇرۇپ، ئاز سانلىق مىللەت تىلىدىكى ئاتالغۇلارنى تەتقىق قىلىش، قېلىپلاشتۇرۇش ۋە بېكىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدۇ .
28- ماددا ئورگان، تەشكىلات، كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلار ئاپتونوم رايوننىڭ تىل- يېزىق مەسئۇل تارمىقى بېكىتكەن ھەم ئېلان قىلغان ئىملا قائىدىسى، تەلەپپۇز قائىدىسى، ئاتالغۇ، ئادەم ئىسمى ۋە يەر نامى قاتارلىقلارنى قوللىنىشى، تىل- يېزىققا دائىر بەلگىلىمىلەرنى ئىجرا قىلىشى شەرت. ئاز سانلىق مىللەت تىلىدىكى ئادەم ئىسمى، يەر نامىنىڭ خەنزۇچە يېزىلىشى ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بولىدۇ.
29- ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەملىكەت بويىچە ئورتاق قوللىنىلىدىغان پۇتۇڭخۇانى ۋە قېلىپلاشقان خەنزۇ يېزىقىنى زور كۈچ بىلەن ئومۇملاشتۇرۇشى كېرەك. ئالاقىدار تارماقلار زۆرۈر تەدبىر قوللىنىپ، پۇتۇڭخۇا ۋە قېلىپلاشقان خەنزۇ يېزىقىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە قوللىنىشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. خەنزۇ يېزىقىنى قوللىنىشتا، دۆلەت ئېلان قىلغان ئاددىيلاشتۇرۇلغان خەت، ئورتاق قوللىنىلىدىغان خەت جەدۋىلىنى ۋە رەتلەنگەن باشقىچە خەت، ۋارىيانت سۆز جەدۋىلىنى ئۆلچەم قىلىش كېرەك .مۇرەككەپ خەتلەرنى كەلسە- كەلمەس قوللىنىشقا ۋە ئاددىيلاشتۇرۇلغان خەتنى قالايمىقان ياساشقا بولمايدۇ .




5- باب قانۇن جاۋابكارلىقى


30- ماددا بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئورگان، تەشكىلات، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ تامغىسى، ۋىۋىسكىسى كىنىشكىسىدە ۋە ئورۇن نامى بېسىلغان كونۋېرتتا قېلىپلاشقان ئاز سانلىق مىللەت يېزىقى، خەنزۇ يېزىقىنى تەڭ قوللانمىغان ياكى ئاز سانلىق مىللەت يېزىقى، خەنزۇ يېزىقىنى تەڭ قوللىنىشتا خەتنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىنى ماسلاشتۇرمىغان، خەتنى قېلىپلاشتۇرمىغان، شۇنىڭدەك رەت تەرتىپىدە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلمىغانلارنى، تىل- يېزىق خىزمىتىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، سۈرۈك ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلەرنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلەيدۇ، قوشۇمچە 1000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ .
31- ماددا بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، جامائەت سورۇنى، جامائەت ئەسلىھەلىرىنىڭ نام تاختىسى، يېزىق قوللىنىلىدىغان جامائەت پاراۋانلىق ئېلانى، چېگرا تاختىسى، يول بەلگىسى، قاتناش بەلگىلىرىدە قېلىپلاشقان ئاز سانلىق مىللەت يېزىق بىلەن خەنزۇ يېزىقىنى تەڭ قوللانمىغانلارنى تىل -يېزىق خىزمىتى باشقۇرۇش ئاپپاراتى ئاگاھلاندۇرىدۇ ھەمدە سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، سۈرۈك ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلەرنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلەيدۇ، قوشۇمچە 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ .
32- ماددا ئالاقىدارلاردىن مەمۇرىي جازا قارارىغا قايىل بولمىغانلىرى قانۇن بويىچە مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا ياكى مەمۇرىي دەۋا قىلسا بولىدۇ .



6- باب قوشۇمچە پرىنسىپ

33- ماددا بۇ نىزام ئېلان قىلىنغاندىن كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ .


مەنبە :مانا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sazguri تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-31 11:53 PM  


خەپ  ئىچكى دۈشمەن

<<ئانا &am

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10693
يازما سانى: 667
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12933
تۆھپە نۇمۇرى: 646
توردا: 5548 سائەت
تىزىم: 2010-9-17
ئاخىرقى: 2013-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-1 12:12:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي  مۇشۇ قانۇنى ئىجرا قىلدىغانلار ئادەم بەلكى ماشىنا ئادەم بولغان بولسا باشقىچە بۇلاتتى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82350
يازما سانى: 422
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3239
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2012-7-1
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-1 12:23:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
.بىزنىڭ ماۋۇ يەردىغۇ بۇ ئىشلار قېلىپلاشمىدى.ۋىۋىسكا دىگەننى ھەممسى ئۆزى خالىغانچە ياساپ خالىغانچە يېزىق ئويۋالدى.بۇ نىزامغا خىلاپلىق قىلسىمۇ ئاساسەن جازاسى يوقكەن.نەچچە يۈز يۋەن دىگەن ھازىر خەق كۆزگە ئىلمايدىغان بولۇپ قالدى.قاچانمۇ قېلىپقا چۈشەر بۇ ئىشلار. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   awyamatka تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-1 12:23 AM  


ئۆمىد بىلەن ياشايمەن.

ئوماق قوزام!!!

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72723
يازما سانى: 1759
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9738
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 465 سائەت
تىزىم: 2012-1-7
ئاخىرقى: 2013-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-1 12:24:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزى قانۇنلار تۈزۈلگەن بىلەن ئىجرا قىلىنىشى تەس  بولىۋاتمامدۇ شۇ ..

ئىزدىمىگىن گۈزەللىكنى ھەر ياندىن ، گۈزەللىك ئۆز قەلبىڭدە...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82685
يازما سانى: 104
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3821
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 141 سائەت
تىزىم: 2012-7-10
ئاخىرقى: 2013-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-1 12:29:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راسمىدۇيا!بالامنى ئۇيغۇرچىدا ئۇقۇتاي دىسەم ئۈيغۇرچە سىنىپ يوقكەن مەكتەپلەردە.

ئۆتمۈشكە رەخمەت ، بىزگە دۈشمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12462
يازما سانى: 1877
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20068
تۆھپە نۇمۇرى: 2246
توردا: 7426 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-1 12:31:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇمۇ 10 - 5 يىللىق پىلانمۇ بۇ ؟ بەزى ئاقماس ، ئاق قەغەز قارا سىياھلارنىڭ ئانچە كىرىكى يوق ، ئورنىمۇ يوق . چۈنكى ئىجرا پەقەت يىغىندا ئىلىپ بىرىلىدۇ !

ئەقىلسىز دوستۇڭدىن ئەقىللىق دۈشمىنىڭ ياخشى ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73736
يازما سانى: 464
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4640
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 709 سائەت
تىزىم: 2012-1-22
ئاخىرقى: 2013-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-1 12:45:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مانا ئىنكاس دىگەن ....
ۋىۋىسكىلاردا خەنزۇچە خەتلەر بەك چوڭ ، ئۇيغۇرچە خەتلەر بەك كىچىك ، بەزىلىرىدە ئۇيغۇرچە خەت يوق ، ۋىۋىسكىلاردا ئۇيغۇرچە خەت خاتالىغى ئېغىر ،
مۇشۇنداق ئىشلارنى مەدەنىيەت ئىدارىسىدەك ئورۇنلار ھەركەتكە كېلىپ ئوڭشىسا بۇلاتتى ، .....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 247
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3842
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 82 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-1 12:49:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر قوشنام بولىدىغان ئىتنى قويۇۋىتىپ، « ئىتىمنىڭ خۇيى ئەسكى، دىققەت قىلىڭلار چىشلىۋالمىسۇن » دەيدىغان...

ئوماق قوزام!!!

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72723
يازما سانى: 1759
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9738
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 465 سائەت
تىزىم: 2012-1-7
ئاخىرقى: 2013-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-1 12:52:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
turmux.net يوللىغان ۋاقتى  2012-8-1 12:49 AM
بىر قوشنام بولىدىغان ئىتنى قويۇۋىتىپ، « ئىتىمنىڭ خۇيى  ...

ئىتىنىڭ ئاغزىغا قۇلۇپ سېلىپ قويىۋەتكەندەك گەپ قىلىدىكەندە ئۇ خوشنىڭىز ... ئۆزىنى بىر چىشلىۋالىدۇ بىر كۈنى ئىتى ، شۇ چاغدا بىلىدۇ خاتا گەپ قىلغىنىنى..

ئىزدىمىگىن گۈزەللىكنى ھەر ياندىن ، گۈزەللىك ئۆز قەلبىڭدە...

"/ئارتۇق گەپ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15156
يازما سانى: 916
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12073
تۆھپە نۇمۇرى: 395
توردا: 3670 سائەت
تىزىم: 2010-10-25
ئاخىرقى: 2013-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-1 01:12:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممىگە سەزگۈرلۈك بىلەن مۇئامىلە قىلىدىكەنسىز، ئەجرىڭىزگە تەشەككۈرلەر توختىمىغاي!

باتۇر بىر ئۆلىدۇ، قورقۇنچاق مىڭ.....!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش