(ھۆرمەتلىك باشقۇرغۇچىلار ! ئېغىر كۆرمەي بۇ ئىنكاسنى يۇقۇردىكى تېما ئورنىغا يۆتكەپ قويغان بولساڭلار- مەن تەھرىرلىيەلمىدىم) رەھمەت !
چېھرىمدە ئۈمىد بار
ھاياتنىڭ شاتلىقى - قايغۇسىمۇ بار ،
ياشىدۇق شۇ تاتلىق قايغۇلار بىلەن .
سەزمىدۇق قايغۇنى، يالغان شاتلىقنى ،
ۋىجداننى قاپلىغان چۈمپەردە بىلەن .
تاقەتسىز ئۆتكۈزدۇق ئايلار - يىللارنى ،
سىلكىن ئەي ۋىجدانلار! يىرتقىن پەردە دەپ.
چاقنىسۇن سادادىن كۆكلەردە چاقماق ،
ياڭرىسىۇن ئاۋازىڭ كۆكتە-يەردە دەپ.
شۇ ھەسرەت قايغۇلار بۇ ۋۇجۇدۇمدا ،
مۇڭدىشار، كۈن-تۈنلەپ سەھەردە بىدار .
سىردىشار، ئايرىلماس ھەمراھىم بۇلۇپ ،
يەتكىچە ۋىسالغا - قانغىچە دىدار !!!.
كۆز يېشىم بۇلىقى يۈرەك-قەلبىمدۇر ،
قاينايدۇ بۇ بۇلاق مۇڭلۇق ھىجراندا .
ئېگىلمەس قامىتىم، چىقمىسا بۇ جان .
بىر ئۆمۈر قالساممۇ پىراق-ھىجراندا .
ئويغانغان بىر روھمەن ئۆسمۈرلۈكىمدىن ،
ئۆلمىدى شۇ ”قۇياشىم“ تاغۇ-چۆللەردە .
چېھرىمدە ”ئۈمىد“بار، قۇللۇق ئەسلا يوق،
تەلپۈنەر ”تاراسلاپ“ يېڭى بەيكىلەرگە !!!.
مۆلجەرلى
2012-07-31
_______________________________________
بارچۇق - تۇلۇقلىمىسى
(مەنبە - مىسرانىم)
چىھرىمدە ئۈمۈد بار غەم –قايغۇمۇ بار ،
دىلىمدا ئاجايىپ كۈچ–قۇدرەتمۇ بار .
شۇ قۇدرەت بىلسەڭلار كەلگەن دىنىمدىن ،
مەن يالغۇز ئەمەسمەن ئاللاھ ئىگەم بار .
قىلسىمۇ ۋاقتىنچە دۇنيا مىنى خار ،
شۇنچە كەڭ كائىنات بىلىنسىمۇ تار .
چىھرىمدە ئۈمۈد بار شەيتاندىن يىراق،
دىلىمدا ئاللاھىم بولغاچ ماڭا يار …!
2012-07-31
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا möljarli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-1 09:53 AM