مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 747|ئىنكاس: 24

جېنىم سېنى ئۇنتالمىدىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79352
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 88
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 35 سائەت
تىزىم: 2012-4-26
ئاخىرقى: 2012-8-3
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

جېنىم  سېنى ئۇنتالمىدىم


(ھېكايە)


قىز:ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ! ياخشىمۇ سىز؟ ياخشى تۇرىۋاتامسىز؟ يوقاپلا كەتتىڭىز، مېنى ئۇنتۇپ قالمىغانسىز؟
يىگىت : ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! ياخشىمۇ ؟ ياخشى تۇرىۋاتقانسىز؟ مەنمۇ ياخشى، ياقەي جىنىم سىزنى قانداقمۇ ئۇنتۇپ قالاي. ئۆزىڭىزچۇ نىمە ئىشلار بىلەن ئالدىراش؟
قىز:مەنمۇ شۇ ياخشى تۇردۇم. شۇ كۈندە خىزمەت بىلەن ئالدىراش.
يىگىت :ھەجەپ ئالتىنجى ئاينىڭ پاقىسىدەك يوقاپلا كەتتىڭىزغۇ؟
قىز: مەنغۇ بار ، سىزمۇ يۇرتىڭىزغا كېتىۋېلىپلا يوقاپ كەتتىڭىز، مەن تېخى مېنى ئۇنتۇپ قالدىمىكىن دەپتىمەن.
يىگىت : مەن شۇ سىزنى ئىزدەي دەپ ئويلىغان شۇ تېلاۇن نۇمىرىڭىز ئۆزگىرىپ كېتىپتۇ، شۇ سىز بىلەن ئالاقىلىشالماي..................
قىز: ئەگەر ئالاقىلىشىش نىيتىڭىز بولغان بولسا باشقىلاردىن ئىزدەپ بولسىمۇ تاپاتتىڭىز، بولدى تولا باھانە ئىزدىمەڭ.
يىگىت : ماڭا ئۇنداق ئۇۋال قىلماڭچۇ ، سىزنى ئىزدىيەلمىگىنىم بىلەن ھەر كۈنى ئويلاپ تۇردۇم. راس جنىم ماڭا ئىشىنىڭ ، سىزنى شۇنداق سېغىندىم . سىزچۇ؟
قىز: يالغانچى، مەنمۇ سىزنى شۇنداق سېغىندىم.
شۇنىڭ بىلەن ئۇزۇن مەزگىل كۆرۈشمىگەن ئاشىق -مەشۇقلار قايتىدىن جەم بولدى، ھەم ئەمدى قايتا ئايرىلماسلىققا ۋەدە بېرىشتى . ئۇلار ئىككىسى ئىككى شەھەردە بولسىمۇ كۈندە دىگۈدەك تېلاۇندا كۆرۈشۈپ، ئۇچۇر يېزىشىپ ، توردا پاراڭلىشىپ تۇردى، قىز ئەمدى يىەىتنىڭ يۇرتىغا بېرىپ خىزنەت قىلىشقا، بۇندىن كىيىن ئۇنىڭ بىلەن تۇرمۇش قۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆيۈشكە نىيەت قىلدى. بىراق ئۇئاشۇ ئىشەنگەن ، ئۆزى ئۈچۈن ئەڭ قەدىرلىك بولغان ئادىمىنىڭ ئۆز يۇرتىدا نىمە ئىشلار نى قىلىپ كىملەر بىلەن ئارىلىشىۋاتقىنىدىن بىخەۋەر ھالدا شىرىن ئارزۇلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتاتتى .‹يىتىمنىڭ ئاغزى ئاشقا تەگسە بۇرنى قاناپتۇ ›دىگەندەك  بىر كۈنى ئۇنىڭغا ناتونۇش بىر  نۇمۇردىن كەلگەن  قىسقا ئۇچۇر ئۇنىڭ بارلىق ئارزۇ - ئارمانلىرىنى كۆپۈككە ئايلاندۇردى ، ئۇچۇرغا مۇنداق دەپ يېزىلغان ئىدى :
‹ياخشىمۇ سىز؟ سىز كىم بولىسىز  ؟ سىز ئارسلاننى قانداق تونىيسىز؟ ئىككىڭلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا قانداق ئىش بار؟ مەن ئۇنىڭ قىز دوستى بولىمەن . ئىككىڭلارنىڭ دائىم قىسقا ئۇچۇر يوللاشقىنىڭلارنى بىلدىم ، بىراق ئۇنىڭدىن سورىسام سىزنە تونىمايمەن دىدى› . دىگەن خەتلەر تېلفۇننىڭ ئېكرانىدا تۇراتتى ، زۇمرەتنىڭ بېشى پىقىراپ نىمە بولغىنىنى بىلىپ بولغىدەك دەرىجىدە ئەمەس ئىدى . ئۇ ئۇچۇرنى ئوقىۋاتامدۇ، ياكى ئۇچۇر ئۇنى ئوقىۋاتامدۇ ئۇنى ئۇ ئۆزىمۇ بىلمەيتى  . ئۇنىڭغا خۇددى ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشكەندەك تۇيۇلۇپ كەتتى .
قېنى ئۇنىڭ ئىشەنگەن ئادىمى؟ قېنى ئۇنىڭ گۈزەل ئارزۇ ئارمانلىرى ؟ ئۇ ئىچ - ئىچىدىن ئۆرتىنىپ كېتىۋاتاتتى ، ئۇ ئەمدى قانداق قىلسۇن؟ ئۆزىنىڭ شور پىشانىلىكىگە يىغلىسۇنمۇ، ياكى ئۆزى چىن يۈرىكىدىن سۆيگەن ، جېنىدىن ئەزىز كۆرگەن يىگىتىنىڭ ۋاپاسىزلىقىغا يىغلىسۇنمۇ ؟
(داۋامى بار )


ئەسكەرتىش: مەنبەسىنى ئىنىق ئەسكەرتىڭ، داۋامىنى تىزراق يوللىغايسىز، بىر ھەپتە ئىچىدە داۋامى يۇللانمىسا تىما ئۆچۈرۈلىدۇ.ۋاقىپ بولغايسىز.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   لەزىنە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-31 07:52 PM  


بىزنى قايتىدىن ئۇچىراشتۇرغان ئاللاھقا شۇكرى!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83046
يازما سانى: 64
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 88
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 18 سائەت
تىزىم: 2012-7-26
ئاخىرقى: 2012-8-2
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرىنى كۆرۈشكە بەك تەققازا بولىۋاتىمەن .

سۆيگۈ  

باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60124
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 78
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 20 سائەت
تىزىم: 2011-10-12
ئاخىرقى: 2012-8-2
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ھەقىقەت  ئىگىلىدۇ   سۇنمايدۇ

كىملەرنىڭ ئەزىز

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11997
يازما سانى: 593
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8820
تۆھپە نۇمۇرى: 458
توردا: 4198 سائەت
تىزىم: 2010-9-28
ئاخىرقى: 2012-8-3
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىسرانىمدىكى باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئەدەبىيات سەۋىيەسى بەك تۆۋەنمىكىن دەيمەن.
ئەڭ ئاددىيسى ماۋزۇغا چېكىت قويۇپ قويسىمۇ ئوڭشاپ قويماپتۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zulfay تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-31 11:49 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 898
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 65
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 769 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2012-8-3
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئاخىرىنى پەرەز قىلىپ بولدۇم بۇ ھىكايىنىڭ.

بۇ مىللەت بەك بۇزۇلۇپ كەتتى.ئەمما ئۇنچىلىك ئەمەس.ھەممە ئىشقا ماقۇل دەيلى.بۇلاڭچىقا بوپتۇ مەيلى دەيلى. ئوغرىغا بوپتۇ مەيلى دەيلى. قويمىچىغا بوپتۇ مەيلى دەيلى . قانخورغا بوپتۇ مەيلى دەيلى. ئەمما لىكىن نۇمۇسسىزغا كەلگەندە توختا.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80968
يازما سانى: 695
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1256
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 206 سائەت
تىزىم: 2012-6-2
ئاخىرقى: 2012-8-3
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تازا قاملاشمىغان يەدە تۈگەپكەتتىغۇ،ئاخىرى قانداق بولا،ئاخىرغا تەشنا مەن

ئەتىكى ئازاپنىڭ سەۋەپچىسى بولغان بۈگۈنكى خۇشاللىقنىڭ نىمە كىرىكى

قارىغايدەك ياشايمەن مەڭگۈ!

مەستانە ئـــەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7639
يازما سانى: 1700
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11964
تۆھپە نۇمۇرى: 461
توردا: 4854 سائەت
تىزىم: 2010-8-24
ئاخىرقى: 2012-8-2
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ماۋزوغا قاراپ شېئىر ئۇقارمەن دەپ كىرگەن ھىكايە ئىكەن ئەمەسمۇ يەنە بىر ھىكايىنى كۈتۈپ ئولتۇرۇپ ئۇقۇيدىغان بولدۇمدە ئەمدى!  ناخشا ئاڭلىغاچ ئاخىرىنى كۈتۈيلى ئەمىسە!

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   gulbaxikar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-31 08:39 PM  


مۇھەببەت ئۆز ئارا ئىشەنىچ، ئۆز ئارا ياردەم، ئۆز ئارا ئورتاق غايە، ئورتاق نىشان ئۈستىگە قۇرۇلىشى لازىم!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79352
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 88
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 35 سائەت
تىزىم: 2012-4-26
ئاخىرقى: 2012-8-3
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى....
    شۇ تەرىقىدە يەنە نەچچە ئايلار ئۆتتى ، زۇمرەت بولسا شۇ ئازاپ ۋە تۈگىمەس خىياللار بىلەن توختىماستىن كۆرەش قىلىۋاتاتتى . بىر كۈنى تۇيۇقسىز ئۇنىڭ كوت- كوت نۇمۇرىغا بىر تال ئۇچۇر كەلدى ، قارىسا ئارىسلان ئۇنىڭغا ئۇچۇر ئەۋەتكەن ئىدى . بۇ بىر تال ئۇچۇر ئۇنىڭ كونا ئازاپلىرىنى قايتىدىن ئېسىگە سالدى . ھەم ئاستا- ئاستا ئۇنتۇلۇشقا باشلىغان ئۆتمۇش ئۇنىڭغا قايتىدىن كۆرۈنگەندەك بولدى . بىراق ئۇ نىمىمۇ دىيەلىسۇن، ئۆزى شۇنچە ياخشى كۆرىدىغان ئەڭ قەدىرلىك بولغان ئاشۇ ئادىمىنىڭ كىچە - كۈندۈز تۆت كۆزى بىلەن كۈتكەن ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇپ ئالغان تۇرسا . ئۇ شۇنچە مۇرەككەپ ھېسياتلار ئىچىدە ئۇنىڭ بىلەن قايتىدىن ھىچ ئىش بولمىغان قىياپەتتە پاراڭلاشتى ، بىراق قانچىلىك ئازاپلانغانلىقىنى  پەقەت بىر ئۆزىلا بىلەتتى .
ئۇلار ئاخىرى كۆرىشىدىغان بولدى . ئارىسلان زۇمىرەتنىڭ يۇرتىغا كېلىدىغان بولدى، ئارىسلاننىڭ كېلىدىغان خەۋىرىنى ئاڭلاپ تاكى شۇ كۈنگىچە زۇمىرەتنىڭ كۆزىگە ئۇيقىمۇ كەلمىدى . ئۇ توختىماستىن ئارىسلان بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇنىڭغا دەيدىغان گەپلىرىنى ، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەندىكى مەنزىرىنى خىيالىدا تەسەۋۇر قىلاتتى .
     ئاخىرى كۈتكەن كۈنمۇ يىتىپ كەلدى . زۇمرەت قاتناش بېكىتىدە ئارىسلاننى كۈتىۋالدى . ھەر ئىككىسى دىيىشىدىغان گېپىنى تاپالمىغانداك بىر -بىرىگە قارىشىپ بىر ئاز تۇرغاندىن كىيىن  ، ئارىسلان ئاۋۋال ئېغىز ئېچىپ ئەھۋال سورىدى ، ئۇلار سالاملاشقاندىن كىيىن ئىككىسى بىرلىكتە يىقىن ئەتراپتىكى بىر تېز تاماقخانىغا كىرىپ ئولتۇردى .  ئارىسلان بولسا توختىماستىن ھەر خىل قىززىق گەپلەرنى قىلىپ زۇمىرىتنىڭ كۆڭلىنى ئېچىشقا ئۇرىنىۋاتاتتى ، بىراق ئۇ زۇمرەتنىڭ كۆڭلىنى ، ئۇنىڭ ئازاپلىرىنى قانداقمۇ چۈشەنسۇن . زۇمىرەت بولسا ئارىسلانغا قارىغانسىرى كۆڭلى بۇزىلاتتى ، ئۇ شۇنچە ئازاپلانسىمۇ چاندۇرماسلىق ئۈچۈن تىرىشىۋاتاتتى . تاماقمۇ يىيىلىپ بولدى . ئىككىسى بىر ئاز ئايلانغاندىن كىيىن ئارىسلان زۇمىرەتنىڭ ئۆيىگە يىقىن بىر مېھمانخانىغا ئورۇنلاشتى ، ئۇلار ئەتە كۆرىشىدىغان بولۇپ خوشلاشتى .
    ئەتىسى ئەتىگەندە زۇمىرەت مېھممانخانىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئارىسلانغا تېلفۇن قىلدى . ئارىسلان چىققاندىن كىيىن ئىككىسى بىللە ناشتا قىلدى . ئۇلار ناشتا قىلىپ بولغاندىن كىيىن تەرەققيات رايونى تەرەپكە قاراپ يۈرۈپ كەتتى .  
ئۇلار ياشلار كۆرۈكىدە بىر- بىرىگە قارىشىپ تۇراتتى ، زۇمىرەت ئۆزىگە :‹ئەمدى تازا كۆرىۋال سەن كىچە كۈندۈز تۆت كۆزۈڭ بىلەن كۈتكەن ، سېنى كىچە كۈندۈز سېغىندۇرغان ، ساڭا ئۆچمەس ئازاپلارنى يادىكار قىلغان ئاشىقىڭ ئالدىڭدا تۇرۇپتۇ ، ›دەۋاتاتتى ،
ئارىسلاننىڭ سۆزى ئارىدىكى جىمجىتلىقنى بۇزدى.
-ئولتۇرايلىمۇ ؟  
-مەيلى ،
ئۇلار سۇنىڭ بويىدا يانمۇ -يان ئولتۇررتتى .
ئارىسلان ئاۋال گەپ باشلىدى ،
-كەچۈرۈڭ ، مەن سىزنىڭ كۈتكەن يېرىڭىزدىن چىقالمىدىم ، سىزنىڭ ئالدىڭىزدا سىزگە بۇ گەپلەرنى قىلغۇدەك يۈزۈممۇ قالمىغىنىنى بىلىمەن ، بىراق شۇنچە ئازاپلارنى تارتىپ تۇرۇپمۇ ماڭا ئۆزۈمنى چۈشەندۈرىدىغان پۇرسەت بەرگىنىڭىزدىن بەك خوشال بولدۇم ، ئەگەر ماڭا ئاچچىقىڭىز بولسا مېنى قانغۇچە تىللاڭ، مەيلى ئۇرۇڭ ، بىراق سىز ئۆزىڭىزنى بۇنچە ئازاپلىماڭ ، مەن ئىلگىرىمۇ سىزگە دىگەن سىزنىڭ كۆزىڭىز پەقەت كۈلۈش ئۈچۈنلا يارىتىلغان ، كۆزىڭىزدىن ياش چىقىشىنى خالىمايمەن دىگەن ئىدىم . بىراق ۋەدەمدە تۇرالمىدىم ، بۇنىڭدىن كىيىن بولسىمۇ مەن ەدەمدە تۇرۇپ گۇناھىمنى يۇياي ، ماڭا بىر قېتىم پۇرسەت بېرىڭ ، مەن چوقۇم سىزنى بەخىتلىك قىلىشقا تىرىشىمەن ،- دېدى .  
زۇمىرەت ئارىسلاننىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ئۇنىڭغا :‹ ئەمدى قايسى يۈزۈڭ بىلەن ماڭا مۇشۇ گەپلەرنى  قىلىۋاتىسەن ، يوقال مەن سېنى كەچۈرمەيمەن ، مەن سېنى شۇنچە ياخشى كۆرگەن ، جېنىمدىن ئەزىز كۆرگەن ئاخرىرىدا سەندىن نىمە كۈنلەرنى كۆرمىدىم، كۆزۈمدىن يوقال › دىيىشنى ئويلىدى يۇ بىراق ، ئۇ مەيلى قانداقلا گۇناھ ئۆتكۈزسۇن ، يەنە كېلىپ ئۆز گۇناھىنى تونىدى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە زۇمرەت ئارىسلاننى بەك ياخشى كۆرەتتى ، شۇنچە ئىشلار بولغان بولسىمۇ ئۇ ئارىسلاندىن پەقەتلا ئاغرىنىپ باقمىدى ، ھەممە گۇناھنى ئۆزىدىلا قوياتتى .  ئۇ دائىم :‹بۇ ئىشتا ئاساسلىق سەۋەنلىك مەندە ، ئەگەر مەن ئۇنىڭ قېشىدا بولغان بولسام ئۇنداق ئىشلا يۈز نەرمەيتى ، مەن يېنىدا بولمىغاچغا باشقەلار ئۇنى ئازدۇرۇپتۇ ›دەپ ئويلايتتى . شۇڭا ئۇ ئارىسلانغا بەك قاتتىق مۇئامىلىمۇ قىلىپ كەتمىدى ، ھەم ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادىمىدىن قايتا ئايرىلىپ قالغۇسى كەلمىدى . چۈكى ئۇ ئارىسلاننى ئۇنتالمىغان ئىدى . شۇنىڭ بىلەن زۇمىرەت ئارىسلانغا بىر قېتىم پۇرسەت بەردى ھەم كۆڭلىدىكى ھەممە گەپلىرىنى يىغلاپ تۇرۇپ ئارىسلانغا دەۋاتاتتى ، ئارىسلان بولسا ئۆزىنىڭ شۇنچە ياخشى بىر ۋاپادار مەشۇقىنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرگىنىگە پۇشايمان قىلىۋاتاتتى .
زۇمىرەت ئورنىدىن تۇرۇپ ئارىسلانغا قاراپ تۇرۇپ :
-بىلسڭىز جېنىم ، بىز ئايرىلغان ئاشۇ كۈنلەردىن بۇيان سىزنى  بىرەر دەقىقىمۇ .ئۇنتۇپ باقمىدىم ، كىچىلىرى چۈشۈمدىن سىزنى  ئىزلەيمەن ، سىرىتلارغا چىقسام سانسىزلىغان ئادەملار ئارىسىدىن  سىمايىڭىزنى  ئىزدەيمەن . ھەر نامىزىمدا ئۇلۇغ ئاللاھتىن ئامانلىقىڭىزنى  ، ھەم ئىككىمىزنى جەم قىلىشىنى تىلىدىم ، ئۇلۇغ ئاللاھقا يۈز مىڭ شۈكرى ، تىلەكلىرىم مانا بۈگۈن ئەمەلگە ئاشتى . نۇرغۇن قېتىم سىزنى  ئۇنتۇشنى ئويلىدىم بىراق ئۇنداق قىلالمىدىم ، سىزنىڭ  سۆيگۈڭىزگە ئاسىيلىق قىلىشنى جىنايەت دەپ ھېسابلاپ بۈگۈنكى كۈننىڭ كېلىشىنى تۆت كۆزۈم بىلەن كۈتتۈم .
ئارسلان زۇمىرەتنىڭ قېشىدا ئۇنىڭ سۆزلىرىنى شۇنچە ئەستايىدىللىق بىلەن ئاڭلاپ تۇراتتى ، كۆزلىرى ئاللا بۇرۇن ياشتىن  نەملەنگەن ئىدى . ئۇ زۇمىرەتكە قاراپ :
- مېنى كەچۈرۈڭ  جېنىم . بۇندىن كىيىنكى  ئۆمرۈمدە بىر سىزگىلا سادىق بولۇپ ئۆتىمەن ،دەپ زۇمىرەتنى قۇچاقلىدى . زۇمىرەت بولسا ئارىسلانغا :
-سىزدىن ئايرىلىپ قالغۇم يوق ، جېنىم مەن سىزنى  ئۇنتالمىدىم ،ھەم سىزدىن ھەرگىز ئايرىلمايمەن ،- دەۋاتاتتى .
بۇ ئىككى ئاشىق مەشۇقنىڭ قايتىدىن جەم بولغىنىنى  دەريا بويىدىكى سۇلاردىن تارتىپ قۇشلارغىچە قۇتلۇقلاۋاتقاندەك قىلاتتى .

ئەسكەرتىش ، بۇ بىر ئىككى ئاشىق - مەشۇقنىڭ مۇھەببەت سەرگۈزەشتىسى . (راست  بولغان ئىش ).


مەنبە : ئۆز ەم .

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   لەزىنە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-31 09:20 PM  


بىزنى قايتىدىن ئۇچىراشتۇرغان ئاللاھقا شۇكرى!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79352
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 88
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 35 سائەت
تىزىم: 2012-4-26
ئاخىرقى: 2012-8-3
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
gulbaxikar يوللىغان ۋاقتى  2012-7-31 08:32 PM
مەن ماۋزوغا قاراپ شېئىر ئۇقارمەن دەپ كىرگەن ھىكايە ئىك ...

كەچۈرۈڭ ساقلىتىپ قويدۇم .

بىزنى قايتىدىن ئۇچىراشتۇرغان ئاللاھقا شۇكرى!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79352
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 88
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 35 سائەت
تىزىم: 2012-4-26
ئاخىرقى: 2012-8-3
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[كەچۈرۈڭلار ئالدىراش بولۇپ قېلىپ ئىككىگە بۆلۈپ يېزىپ قالدىم . ئەگەر قاملاشمىغان يېرى بولسا ئەسكەرتىش بېرەرسىلەر . رەخمەت !

بىزنى قايتىدىن ئۇچىراشتۇرغان ئاللاھقا شۇكرى!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش