مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 785|ئىنكاس: 16

بىز ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ ۋارىسلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79092
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4246
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 17 سائەت
تىزىم: 2012-4-20
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 03:33:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار مەن ئۆزۈم بىر پاراكتىكانىت دوختۇر ،مىنىڭ ئۈگەنگىنىم ئۇيغۇر تىبابىتى ،مەن بۇنىڭدىن تولىمۇ خۇرسەنمەن ، مەن پاراكتىكىغا چىقىشتىن بۇرۇن پاراكتىكا جەريانىدا شۇنداق بىر ئۆگۈنۈپ ياراملىق بىر دوختۇر بۇلۇپ چىقىشنى ئۈمىد قىلغان ئىدىم ،چۈنكى بىر ئاق خالاتنى كىيىپ بىمارلانىڭ يېنىدا تۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئاھۇ-زارىغا سەۋەپ قىلىپ ،ئۇلارنىڭ تىنىدىكى ئاغىرىق ئازابىنى ئازراق بولسىمۇ يەڭگىللىتىپ ،ئۇلارنىڭ ئاغزىدىكى رەھمەت سۆزنى ئاڭلىغاندا تىنىم شۇنداق يايراپ كىتىدۇ،چۈنكى بۇ بىر ساۋاپ ئىشتە.
شۇنداق قىلىپ بىزمۇ يىللىق پاراكتىكىغا چىقتۇق .
مەن دوختۇرخانىغا پاراكتىكىغا چىققاندىن بېرى مەندە بۇ كەسىپكە بولغان قىزقىش بارغانسىرى سۇسلاۋاتىدۇ،گەرچە ئەتراپىمدىكى بىمارلارغا قاراپ پۈتۈن كۈچۈمنى چىقىرىپ داۋالاپ ئۇلارنىڭ ئاغىرىق ئازابىنى يەڭگىللىتىشنى ئويلىغان بولساممۇ بۇ مۇمكىن بولمايۋاتىدۇ.نىمشقا دەمسىلەر ؟؟تۆۋەندە مۇشۇ خىل سەۋەپچى بولغان ئىشنى مەن بايان قىلىپ بىرەي، بىر دوختۇرنىڭ دەردىنى ئاڭلاپ قۇيۇڭلار.
1.بىزنىڭ ئىچكى كىسەللىكلەر بۆلۈمىمىزدە جەمىي 65 كىسەل بار ،بۇ بۆلۈمدە 5دوختۇر بار ،بىرسى مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچ،بىرسى مەسئۇل ۋىراچ قالغان ئۈچى بالىنىسىت ۋىراچ،(بىزدەك پاراكتىكانىت دوختۇرلار جەمىي 4 )مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچنىڭ مائاشى  ئاساسى مائاشى+مۇكاپات+دىجورنى تۇرۇش ھەققى  بۇلۇپ جەمى 5000يۈەنگە باردۇ، مەسئۇل ۋىراچنىڭ مائاشى  ئاساسى مائاشى+مۇكاپات+دىجورنى تۇرۇش ھەققى  بۇلۇپ جەمى 3000يۈەنگە باردۇ،بالىنىسىت ۋىراچنىڭ مائاشى  ئاساسى مائاشى+مۇكاپات+دىجورنى تۇرۇش ھەققى  بۇلۇپ جەمى 1500يۈەنگە باردۇ، بىراق ھەممىدىن بالىنىسىت ۋىراچنىڭ داۋالايدىغان كىسىلى كۆپ ئەمما مائاشى ئاران  1500يۈەن ،بۇ پۇل نىمىگە يىتىدۇ ،بىزغۇ پۇل ئالمايمىز ،تېخى پاراكتىكا ھەققىگە 3600يۈەن تۆلەپ ئاندىن پاراكتىكا قىلىمىز،بىزنىڭ بۆلۈمدىكى 3 بالىنىسىت ۋىراچلار بۇ قېتىم ئىش تاشلىدى ،پۈتۈن بىر دوختۇرخاندا ئىش تاشلىغان 11بالىنىسىت  ۋىراچ شۇنداقلا كەتتى ،ئۇلاردىن ئەمدى نىمە ئىش قىلسىلە دىسەم تىجارەت قىلىپ جان كەچۈرەيلى دەيدۇ،بۇنداق دىسەم سىلەر ئۇلارنىڭ بىلىمى يوق ئوخشايدۇ دەپ قالماڭلار،بىزنىڭ بۆلۈمدىكى 3 بالىنىسىت ۋىراچنىڭلا دوختۇرخانىغا بىر ئايدا كىرىم قىلىپ بەرگەن پۇلىسى 200مىڭ يۈەن ،بۇنداق ھىسابلىساق 11بالىنىسىت ۋىراچنىڭچۇ؟ ئۆيلاپ كۆردۈڭلارمۇ؟؟؟؟يەنە ئويلاپ بېقىڭلار بىزنىڭ دوختۇرخانىدىكى رېنتىگىن تەكشۈرۈش بۆلۈمىمزدىكى 60ياشلىق خەنزۇنىڭ مائاشى 4000يۈەن ئۇنىڭ دوختۇرخانىغا بىر ئايدا كىرىم قىلىپ بەرگەن پۇلىسى 10000يۈەندىن ئاشمايدۇ ،ئۇ خەنزۇ مائاش ئاز دەپ ئىش تاشلاپتى، بىزنىڭ شۇجى دىگەن خەنزۇ دەرھاللا ئۇنىڭ مائاشىنى 5000يۈەنگە ئۆستۈرۈپ بەردى ئەمما ئاۋۇ دوختۇرخانلارنى بېقىۋاتقان باللار ئىش تاشلاپتى ،ئۇنىڭ بىلەن كارى بولمىدى.
بۇ قانداق گەپ، مۇشۇنداق قانۇن بارمۇ ؟
2. بىزنىڭ شارائىتىمىز ناچار. نىمىشقا دەمسىلەر چۈنكى بىزگە مەبلەغ چۈشمەيۋاتىدۇ.
3.بىزدەك پاراكتىكانىت دوختۇرلانىڭ ئىش تاپمىقى تەس،چۈنكى بىزنىڭ مەكتەپتە ئاران تولۇق كۇرۇس، 6ئاي بۇرۇن ھۆججەت كەلدى،ئەمما بىزدەك تولۇق كۇرۇس  باللارنى ئالمايدۇ،مەخسۇس كۇرۇسنى ئالىدۇ،بىراق مەكتەپ تۇلۇق كۇرۇس.
3.ئۆزمىزنىڭ مىللى ئەنئەنە بويىنچە ۋە ياكى دىننىچە كىيىم كىيىشىمىز بىزنىڭ خەنزۇ شۇجى تەرىپىدىن چەكلەندى. قايسى كۈنى بىر بىمارنىڭ ناماز ئۆتىگىنىنى شۇجى خەنزۇ كۆرۈپ قېلىپ شۇنداق كۆپ سوراق قىلدى پاشمۇ قىلدى.بىزنىڭ ئەركىنلىكىمىز نەگە كەتتى.....
مۇشۇ خىياللار ئۈستىدە ئۆيدىكىلەرگە تېلفۇن قىلدىم دادا ،ئاپا مىنى ئۇقۇتقىنىڭلارغا رەھمەت، جاپا چەكتىڭلار،ئوغلۇڭلارنىڭ بىر ئارزۇسى بار ،دوختۇرخانا ئېچىپ دوختۇرلىقىمنى قىلايمىكىن دەيمەن ،مۇمكىن بولسا قۇشۇلساڭلار ،ئۆزەم ئىگىلىك تىكلىسىەم دېدىم .ئاتا-ئانام قۇشۇلدى،ئەمما شۇ كۈندىن بېرى بېشىم ئاغىرىپ كەتىتى چۈنكى مىنىڭ قېرىندارلىشىم ۋە ئۇرۇق تۇققانلىرىم مىنىڭ ھۆكۈمەت ئورۇنلىردا ئىشلىشىمنى ئۈمىد قىلدىكەن ،نەچچىسى تىللاپمۇ باقتى بىراق مەن يانمىدىم،ھەم يانمايمەن ،ماڭا ئەركىنلىك كىرەك ،چۈنكى مەن ھۆر ئادەم.   شۇنىڭ بىلەن مەن ۋە بىر نەچچە دوستۇم بىلەن بىرلشپ ناھىيىمىزگە بىر ئۇيغۇر تىبابىتى ساغلاملىق دورا دۇكىنىدىن بىرنى ئاچتۇق،بىراق قانداق بولدى دىمەمسىلەر؟  ناھىيىلىك ھۆكۈمەتتىن كىلىپ ئۇيغۇر تىبابىتى دۇكىنى ئېچىشقا بولمايدۇ،بۇ ۋىۋىسكىدىكى ئۇيغۇر تىبابىتى دىگەن گەپنى ئېلىۋەت بولمىسا دۇكىنىڭنى تاقا! دەپ تەھدىد سېلىۋاتىدۇ. بىراق مەن چىڭ تۇرۋالدىم ئالمايمەن دەپ ئويلاپ قالدىم، بىزنىڭ كۈن كەچۈرشىمىز شۇنداق تەسلىشىپ كەتتىمۇ؟؟؟؟
شۇڭا سىلەردەك تورداشلىرىمغا بىر دەدىمنى تۆكۈۋالدىم بولسا بىزدەك ئۇيغۇرلار ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەيدىغان تىبابەت ۋارىسلىرنى كەمسىتمەڭلار، بولسا بىزدەك ياش نوتىلارنى قوللاپ قۇۋەتلەڭلار چۈنكى بىز ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ ۋارىسلىرى!!!!!!!!!!!!!!!!


مەنبە:ئۆزەم

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-31 04:34 PM  


بىر يۈز يىگىرمە

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22875
يازما سانى: 501
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7323
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 2008 سائەت
تىزىم: 2010-12-19
ئاخىرقى: 2012-9-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 04:32:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەۋېر قىلىڭ قېرىندېشىم ، كۆزلەر ئاللاھنى كۆرمەيدۇ ، ئاللاھ كۆزلەرنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر .  ئەمما مىللىي تىبابەتچىلىكنى ياخشى تەرەققى قىلدۇرۇڭ ،   ھەرگىز تاشلىۋەتمەڭ قېرىندېشىم .

دىللار ئاللاھ نى ياد ئېتىش بىلەن ئارام تاپىدۇ .

ﺋﻪﯞﺝ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﻣﻮﺩﺍ ﻧﺎﺧﺸﯩﻼﺭ ،ﺋﺎﻳﻨﯩ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1594
يازما سانى: 416
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9937
تۆھپە نۇمۇرى: 363
توردا: 2553 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 04:33:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىلەر پۇل تاپشۇرۇپ پىراكتىكا قىلىسىلەر ؟ قىلىۋاتقان پىراكتىكامغا شۈكرى دەيمۇ مەن ...ئايدا 1000تۇرمۇش پۇلى بېرىۋاتىدۇ .(كاماندىروپكا پۇلى بۇنىڭ سىرتىدا ) بەش ئالتىنجى ئايدا ئىككى ئاينىڭ بىرلىشىپ 5300چىقىپتىكەن ۋاي ۋاي لاپ كەتكەن ئىدىم ...شۇكرى خۇدايىمنىڭ بەرگەن كۈنىگە دەۋەتتىم ئىچىمدە جۇمۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48371
يازما سانى: 2060
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8057
تۆھپە نۇمۇرى: 1537
توردا: 5045 سائەت
تىزىم: 2011-7-19
ئاخىرقى: 2012-9-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 04:34:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاۋۇ  ۋىۋىسكىدىكى خەتنى نىمىشقا يوق قىلۋىتىدىكەنسىز ؟  شۇلاردىن ئاشۇنداق ھۆججەتنى كۆرسەتسەڭ ھازىرلا ئېلۋىتىمەن بولمىسا ئىشىڭنى قىل دەپ  چىڭ تۇرۋېلىڭ .....قايسى ناھيىدىن سىز

خەپ  ئىچكى دۈشمەن

ئادەم ئىمانى بىلەن ئادەم .....

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82799
يازما سانى: 333
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3684
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 62 سائەت
تىزىم: 2012-7-21
ئاخىرقى: 2012-9-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 04:37:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ شۇنى ئويلىغان ، خوتەندىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر تىبابىتى ئالى تىخنىكومى تولۇق كۇرۇس ، ھەممىمىزگە ئايان تولۇق كۇرۇستا ئوقۇغانلارنىڭ ھەممە ئىشلىرى تەس ، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ مەكتەپنىڭ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرمىگەنلىكى ئۇيغۇر تىبابىتىنى قوللىمىغانلىقى .
ئوقۇپ خىزمەتكە ئېرىشەلمىسە ،ئەلېەتتە بۇ مەكتەپتە ئوقۇيدىغانلار ئاز بولىدۇ ، بۇنداق كىتىۋەرسە بۇ مەكتەپ تاقىلىپ قىلىشىمۇ مۇمكىن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 427
يازما سانى: 1709
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5227
تۆھپە نۇمۇرى: 545
توردا: 9609 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 04:39:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مانا مەنمۇ ئۇيغۇر تىبابىتىگە بولغان چوڭقۇر ئىشتىياقىم بىلەن شىنجاڭ تىببىي ئۇنۋىرسىتى دورىگەرلىك كەسپىدىن ئۇيغۇر تىبابىتى كەسپىگە يۆتكىلىشنى قارار قىلغان ئىدىم .    .    مەن ھىچ بىلمىدىم دۇكىنىڭىز قايسى شەھەردە  ئۇيغۇر تىبابىتى دىگەن خەتنى ئۈچۈر دىگىدەك .... ئۇلارنىڭ  نەرىگە تاقىشىدۇ دەيمەن .  گىزىتتىكى خەۋەرلەر يالغان ئوخشىمامدۇ  نەچچە مىليۇن مەبلەغ چىقىرىپ ئۇيغۇر تىبابىتىنى راۋاجلاندۇرۇش .... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kaisar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-31 04:42 PM  


مىللەتنى مىللەتنىڭ تىلىدىن بىلدىم،
مىللەتنىڭ تىلىنى ئېلىدىن بىلدىم .
     ئۆز تىلىن خار قىلغان مىللەت خار مىللەت،
  ئۇلارنى بىخۇدلار خىلىدىن بىلدىم ...

                  __ ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82145
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3029
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 10 سائەت
تىزىم: 2012-6-26
ئاخىرقى: 2012-8-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 05:18:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ شۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى مەن يەنە بىر يىلدىن كىيىن پۈتتۈرىمەن.سىزىنڭ بىشڭزغا كەلگەن ئىشلارنى ئاڭلاپ مەنمۇ ئەنسىرەپ قىلۋاتىمەن. بۇ خەخنىڭ دەدىدە ياشىماق راسلا شۇنچە تەسلىشىپ كەتتىمۇ؟ ئاللا دىن   سىزنىڭ ۋە باشقا قىرىنداشلىرمىزنڭ ئىشلىرغا ئاسانلىق تىلەيمەن..
ھەرگىز بۇشىشىپ قالماڭ.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 56653
يازما سانى: 88
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3621
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1301 سائەت
تىزىم: 2011-9-15
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 05:34:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زادى نىمە ئۈچۈن ،نىمە ئۈچۈن ..............................................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2907
يازما سانى: 447
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10395
تۆھپە نۇمۇرى: 415
توردا: 5205 سائەت
تىزىم: 2010-6-23
ئاخىرقى: 2012-10-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 06:07:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەھۋالىڭىزنى بىلدىم ، مەنمۇ تىۋىپ . بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىلى12يىل بولدى، بۇرۇندن باشلاپ بىرەر ئۇرۇندا مائاشقا ئىشلەشنى ئويلىشىپ باقمىدىم ، ئوز ئالدىمغا ئىگىلىك تىكلىدىم . ئوز ئالدىغا قىلغان ئىشتا بەركەت كۆپ بولىدۇ .ئابى زۇلال ماركىسىدا شەربەت قاينىتىپ توپ تارقىتىۋاتىمەن ، بولسا شۇ ئىش تاشلىغان 11 نەپەر تىۋىپنىڭمۇ باشقا كەسىپنى قىلىشنى خىيال قىلماي ئوز كەسپىنى گۇللەندۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن .

ئابى زۇلال  شەربەتلىرى توپ تارقىتىلىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81031
يازما سانى: 140
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3504
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 275 سائەت
تىزىم: 2012-6-3
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 06:10:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زادى نىمە ئۈچۈن؟ سىزغۇ ئۇقۇپ دىپلوم ئېلىپ ئۈزىڭىز ئۇقۇغان كەسىپىڭىزدە ئىش باشلاپسىز.باشقىلارچۇ ؟ ئۇقۇمغانلارمۇ ئۇ堂بۇ 堂خېتنى قۇيۇپ ئېچۋاتىدغۇ. ئوڭلاپ زۇكام بولدۇم دىسە نۇرغۇن نۇرغۇن دورىلارنى بىرىدۇ.ساقايمىقى تەس .بۇ دوراڭ پايدا قىلمىدى دىسە ،سەن تاماقنى ئۇنى يەپسەن ،بۇنى يەپسەن دىگەن.ئۇيغۇر تىبابىتى ھەققەتەن قالتىس .ئاڭلاشلارغا قارىغاندا كىسەلنى يىلتىزدىن ساقايتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستگە دورىلار ئەكىس تەسىر قىلمايدۇ. مەن ھەم باشقىلار سىزنى قوللايدۇ. لىكىن سىز چۇقۇم شۇ دوختۇر دىگەن ئىسىمغا يۈز كىلەلىگۈدەك بۇلشىڭىز كىرەك . بۇ جاھاننىڭ سورىقى بار. تىرشىىڭ بۇرادەر. ئۇ يەرلىك ھۈكۈمەتنىڭ  نىمشقا ئۇنداق ۋىۋىسكا ئاستۇرمايدىغانلىقنى سوراپ باقمىدىڭىزمۇ؟ سەۋەبى نىمكەن؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ark-zat618 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-31 06:12 PM  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش