ماددىتۇلھاياتنىڭ رىتسىپى ۋە رىتسىپ تەركىبىگە دورىلارنى قېتىش مەسىلىسى
ماددىتۇلھايات ئۇيغۇر تىبابىتىمىزنىڭ ئۆزگىچە نامغا ۋە رىستىپقا ئىگە، ئۆزىنىڭ خاسىيتى بىلەن ئۇيغۇر تىبابىتىنى ھەر بىر ئۇيغۇر خەلقىمىزگە تۇنۇتقان دورىلارنىڭ بىرى ، ئۇيغۇر تىبابىتى دورىلىرىنىڭ گېپى چېقسا ھەرقانداق ئادەم ماددىتۇلھايات، داۋائى مىشكى، لوبوبى كەبىر قاتارلىق دورىلىرىمىزنى ئىسىگە ئالىدۇ.
بۇگۇن ئەنە شۇ خاسىيەتلىك ماددىتۇلھايات دورىمىزنىڭ ئەسلى قەدىمىي ۋە ئورتاق بولغان رىتسىپ نۇسقىسىنى ئاشكارلاش بىلەن بىرگە ھازىرقى زامان تىۋىپلىرىمىزنىڭ ماددىتۇلھايات نۇسقىسى تەركىبىگە زەفەر، پارپا قاتارلىق دورىلارنى قوشۇشنىڭ ئىلمى ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتمەكچىمىز.
ماددىتۇلھايات
تەركىبى: پىلپىل، قارمۇچ، دارچىن، ئامىلە، بەلىلە پوستى، شەتىرەنجى ھىندى، يۇمۇلاق زىراۋەندە، سۆلەپ مىسرى، چىلغۇزا مىغىزى، بابۇنە يىلتىزى، نارجىل، شاقاقۇل ھەر بىرى بىر سەردىن (بىر سەر 33گىرام)بابۇنە ئۇرۇقى بەش مىسقال (17گىرام) ئۇرۇقسىز قىزىل ئۇزۇم 90گىرام، سارغايتىلغان ياڭاق مېغىزى33گىرام، ھەسەل 1.5كىلوگىرام.تەييارلىنىشى: چىلغۇزا مىغىزى، نارجىل، سارغايتىلغان ياڭاق مېغىزى، ئۇرۇقسىز قىزىل ئۇزۇمدىن باشقا دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ تالقان ھالىتىگە ئەكىلىمىز، چىلغۇزا مىغىزى، نارجىل، سارغايتىلغان ياڭاق مېغىزى، ئۇرۇقسىز قىزىل ئۇزۇم قاتارلىقلارنى بىرلەشتۇرۇپ يانجىپ سۇيۇق سوقماق ھالەتكە ئەكىلىمىز، ئاندىن ھەسەلنى سۇس ئوتتا قىزىتىپ كۆپىكىنى ئېلىۋەتكەندىن كىيىن يانجىپ سۇيۇق سوقماق ھالەتكە ئەكەلگەن دورىلارنى سېلىپ ئېرىتىپ ئارلاشتۇرۇپ، ھەسەل قول كۆيمىگۇدەك سۇغۇغان ۋاقىتتا باشقا دورا تالقانلىرىنى ئارلاشتۇرۇپ، چېنە كوزىغا قاچىلاپ، ئېغىزىنى ھىم ئېتىپ 40كۇن ئاپتاپتا قويۇپ قويۇلىدۇ.
تەبىيتى:ھۆل ئىسسىق (40كۇن ئاپتاپتا پىشقاندىن كىيىن ھۆللۇك تەبىيتى تۆۋەنلەيدۇ)
تەسىرى: ئورگانىزىمنى قۇۋۋەتلەپ، زىيادە ھۆللۇكنى يوقۇتىدۇ، بەلغەم خېلىتىنى تەڭشەپ، مەنىنى كۆپەيتىپ، باھنى كۇچەيتىپ بىرىدۇ.
ئىشلىتىش دائىرسى: سۇغۇقتىن بولغان مىڭە كىسەللىكلىرىدىن پالەچ، لەقۋا، كىكەچلىك، ئۇنۇتقاقلىق، ئېغىزىدىن شالا ئېقىش، سۇغۇقتىن بولغان ئاشقازان-ئۇچەي كىسەللىكلىرىدىن ئېغىز پۇراش ئىشتىھاسىزلىق، ھەزىم ناچارلىشىش، يەللىك ئۈچەي توسۇلۇش، سۇغۇق ۋە ھۆلۇكتىن بولغان سۇيدۇك يولى كىسەللىكلىرىدىن سىيىپ يېتىش، سۇيدۇك تۇتالماسلىق، ھەرخىل تاش چۇشۇش كىسەللىكلىرى، سۇغۇقتىن بولغان ھەركەت سىتىمىسى كىسەللىكلىرىدە بەل ئاغرىقى، رىماتىزىم، ھەرخىل سۆڭەك ئۆسىۋىلىش كسەللىكلىرى، سۇغۇقتىدىن بولغان ئەر-ئاياللار جىنسى كىسەللىكلىرىدىن مەنى تۇتالماسلىق، باھ ئاجىزلىق، ئاق خۇن كۆپ كېلىش، جىنسى يولنىڭ نەملىكى ئېشىپ كىتىش، EDتۆۋەنلەش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلسە ئۇنۇمى كۆرنەرلىك بۇلدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كىسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ ھەركۇنى ئۇچ ۋاخ 7گىرامدىن 11گىرامغىچە، بالىلارغا بىرىلگەندە مىقدارى تۆۋەنلىتىپ بىرىلىدۇ.
دورا ئىچىپ ئىككى سائەتكىچە سۇغۇق سۇ ئىچىش چەكلىنىدۇ.
يۇقۇردا بايان قېلىنغانلىرى ماددىتۇلھاياتنىڭ ئۆلچەملەشكەن ۋە ئۆزگەرمەي كەلگەن قەدىمىي نۇسقىسى بۇلۇپ ھازىرقى دەۋىرگە كەلگەندە بىر قىسىم تېۋىپلىرىمىز ماۋجۇشىينىڭ ‹مېغىزىنى قۇبۇل قېلىپ، شاكىلىنى ئايرىش› دىڭ شاۋپىڭنىڭ ‹ئىشىكنى سىرتقا ئېچىپ، ئىسلاھات ئېلىپ بىرىش› سىياسەتلىرىنى قارغۇلارچە ئۇيغۇر تىبابىتىمىزگە ئىشلىتىپ ئەسلى نۇسقا تەركىبىگە زەفەر، پارپا، بەزۇرۇلبەنجى يەنە قانداقتۇر جوڭگۇ تىبابىتىنىڭ بىر قىسىم دورىلىرىنى ئۆزى بىلگەنچە قېتىۋىلىپ ئاتالمىش‹‹مەخپىي رىتسىپ››نى مەيدانغا كەلتۇرۇپ بىر تەرەپتىن ئۆزىنى ئالداپ يۇرسە يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر تىبابىتىمىزگە ئىشەنگە كىشىلەرنى زىيانغا ئۇچۇرتىپ يۇرمەكتە.
ئويلاپ باقايلى، نەچچە مىڭ يىللاردىن بىرى ئۇيغۇر تىبابىتىمىزنى يوقلىقتىن بارلىققا كەلتۇرۇپ، تەرەققىي قىلدۇرۇپ كەلگەن ئەنە شۇ بىزدىن ئەقىللىق ئەجدادىمىز ماددىتىلھاياتقا زەفەر، پارپا قاتارلىق دورىلارنى سېلىشنى ئۇنتۇپ قالغانمىدۇ؟؟ ھازىرقى ئىلغار پەن-تېخنىكىنىڭ ئىسپاتلاشقا، دەلىللەشكە قۇربى يەتمەيدىغان شۇنداق سىرلىق تىبابەت ئىلمى ئەسەرلىرىنى دۇنياغا كەلتۇرگەن غازىباي، فارابى، ئىبىنسىنا قاتارلىق ئالىملىرىمىز ماددىتۇلھاياتقا نىمىشقا زەفەر سېلىپ ئۇنىڭ ئۇنۇمى ۋە تەسىرىنى كۇچەيتىشنى تەتقىق قىلمىغاندۇ؟؟ ۋەياكى ئۇ ۋاقىتتىكى كىشىلەرنىڭ مىزاجى بۇ تۇردىكى دورىلارنى قوشۇپ ماددىتىلھايات ياسىمىسىمۇ بۇلىدىغان ھالەتتىمىدۇ؟؟
قارىماققا ماددىتۇلھاياتقا زەفەر، پارپا قاتارلىق دورىلارنى قوشۇپ تەييارلىغاندا ئۇنىڭ بەلغەم خېلىتىنى تەڭشەپ، بەدەندىكى سۇغۇقلىقنى ھەيدەپ، دورىنىڭ سۇغۇقتىن بولغان كىسەللىلەرگە تەسىر قىلىش تىز بولغاندەك قىلسىمۇ لىكىن بۇ خىل دورىلار قوشۇلغان ماددىتۇلھاياتنى بىر مەزگىل ئىستىمال قىلغاندىن كىيىن نىرۋا ۋە جىگەر،پەي-تارامۇشلارغا قۇرۇقلۇق يەتكۇزۇپ قويۇشتەك يامان تەسىرىنى ئۆز كۆزۇمىز بىلەن كۆرمەكتىمىز.
ئۇيغۇر تىبابەت خادىملىرىمىزغا شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇگۇن دىمەكچى بولغىنىمىز، قەدىمدىن تارتىپ ساقلىنىپ كېلىنگەن رىتسىپ نۇسقىلىرىنى قالايمىقان ئۆزگەرتىمەڭ، قىممەت باھالىق، كۇچلۇك تەسىرگە ئىگە دورىلارنى قوشۇپ ياسالغان دورىلارنىڭ ھەممىسى ياخشى دورا ھىساپلانمايدۇ.
2012-يىلى7-ئاينىڭ31-كۇنى
ئاشىن