مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 8176|ئىنكاس: 94

ساۋاقداشلىرىمغا چاقچاق!   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80480
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4011
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 23 سائەت
تىزىم: 2012-5-22
ئاخىرقى: 2012-9-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 02:29:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

(خوتەن دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىنىڭ1998-يىللىق ئومۇمى پەن 2-سىنىپىنى پۈتتۈرگەن ساۋاقداشلىرىمغا بېغىشلايمەن).

ئالى مەكتەپ ھاياتى ئاجايىپ گۈزەل بولىدۇ.ئاجايىپ غايە-ئىستەكلەر،ئۈزۈلمەس دوستلۇق ناخشىلىرى،ئۆگىنىش ،تۇرمۇشتىكى ياردەم،ياشلىقتىكى سۆيگۈ-مۇھەببەت...
ھەممىسى گۈزەل...
ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئەينى ۋاقىتتا، ئۈچ يىل جەريانىدىكى  تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن دىپلۇملىرىمىزنى ئېلىشتۇق-دە،خۇددى بىرسى بىزلەرنى تۇتىۋالىدىغاندەك ئالدىراپلا يۇرتلىرىمىزغا قاراپ يولغا چىقتۇق.
ئوقۇش پۈتتۈرگىلى ئون نەچچە يىل بولغان بولسىمۇ،بىر شەھەردە تۇرساقمۇ نۇرغۇن ساۋاقداشلار بۇ ئون نەچچە يىل جەريانىدا بىر قېتىممۇ كۆرۈشۈپ باقماپتىمىز.ھەممىمىز خىزمەت-تۇرمۇشقا بېشىمىزچە شۇڭغۇپ كېتىپتىمىز...
بۇ چاقچاق مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ساۋاقداشلارنىڭ يوقلام نۇمۇرىغا ئاساسەن توقۇلدى.
*    *    *    *    *    *    *


مۇقەددىمە

ھاياتلىق ئىنسانغا ھېچ باقمايدىكەن،
سۇلارمۇ ئېگىزگە ھەم ئاقمايدىكەن.
دوستلۇقنىڭ مېھرىگە تەشنا يۈرەككە،
سىرداشماي ئۆتكەن چاغ ھېچ ياقمايدىكەن.
*        *       *      *       *        *
دوسىت-ساۋاقداش،قەدىرلىك ئۇستاز،
ئۆز بىلگەچكە قىلدىم مەن چاقچاق.
سۆزۈم ئېغىر كەتسىمۇ شۇندا،
تەخىر قىلىڭ،چىقمىسۇن جاق-جاق.



1-نومۇرغا

شاش ئوغۇل دەپ ماختىسام سېنى،
پەرۋا قىلماي ئويناپ يۈرەمسەن؟
يېشىڭ ئوتتۇز بولسىمۇ بۇ چاغ،
خوتۇن ئالماي بويتاق يۈرەمسەن؟

ياكى ئۇچۇپ پىلانت ئارا،
قىز-چوكاننى تاللاپ يۈرەمسەن؟
كەلتۈرەلمەي گۈزەل قىزلارنى،
ئىڭەك يۆلەپ خىيال سۈرەمسەن.



2-نومۇرغا

«ياۋايى»دەپ نامىڭىز قالدى،
«گازۇن»لاردا ئىزىڭىز قالدى،
رىشتىمىزنى كۈيلەرگە قاتقان،
سىزنىڭ چالغان سازىڭىز قالدى.

ئاڭلىمىدۇق گارمۇنىڭدا كۈي،
بارماقلارغا ھاردۇق يەتتىمۇ؟
كۈيگە قاتساڭ ئەزىز دوستلارنى،
رەببىڭ دەرھال قۇلاق تارتتىمۇ؟

مەكتەپلەردە شېئىر بىلەن تەڭ،
ياخشىلارنى كۈيگە قاتقانسەن،
مەتبۇئاتتا كۆرمىدۇق ئەمدى،
شېئىرلارنى كىمگە ساتقانسەن؟



3-نومۇرغا

كىرىيەنىڭ گۈزەل قىزى سەن،
كۆپ ئىشلارغا مەشخۇل بولىسەن،
ئەھۋال سوراپ بارسام يۇرتۇڭغا،
نېمە ئۈچۈن قاپاق تۈرىسەن؟



4-نومۇرغا

چىقىۋېلىپ ئۇزۇن ئارالغا،
مىنىۋېلىپ ياكى مارالغا.
دوسىت ئاداشلار كەلگەندە ئىزدەپ،
مۆكۈپ يۈرسەڭ بولماس غارلارغا.



5-نومۇرغا

قارىقاشنىڭ ماڭلايلىرىغا،
ئېسىلدىڭمۇ بولۇپ كۆز مۇنچاق،
ياكى بىر توپ بالىلار بىلەن،
ئوينىدىڭمۇ ھەرچاغ چىمچاچاق.

ئىللەتلەرنى تۈگىتىش ئۈچۈن،
دوسىت يارەنلەر بولايلى ئىناق.
قول تۇتۇشۇپ ھەرچاغ-ھەر زامان،
كەلگۈسىگە ئاچايلى قۇچاق.



6-نومۇرغا

خان ئېرىقنىڭ بويىدا،
سۇلار كېچىپ يۈرەمسەن؟
ئىزدەپ بارساق مەھەللىگە،
قاپاق تۈرۈپ يۈرەمسەن؟

يار بولغاچقا پاراسەت،
سەن يادىمدا بار پەقەت.
بىز ئىزدىشىپ يۈرەيلى،
چىقىپ قالسا «ساياھەت».



7-نومۇرغا

بازار كۈنى باغچىنىڭ،
ئۆيگە بېرىپ ياتتىڭمۇ؟
ياكى ئېلىپ ئەرزاننى،
قىممەت قىلىپ ساتتىڭمۇ؟

ئۇچۇرۇڭنى بەرمەيسەن،
خىياللارغا پاتتىڭمۇ؟
كۆڭلۈڭدىكى دوستلارنى،
ئېلىشىغا ساتتىڭمۇ؟



8-نومۇرغا

توساللاغا بارغاندا،
سەن توسۇپسەن يولۇمنى.
ئىزدەپ سوراپ يۈرەمسەن
سەن يوقاتقان قويۇڭنى؟



9-نومۇرغا

يۈرۈڭقاشنىڭ دولقۇنلىرىدا،
بېلىق كەبى ئۈزۈپ يۈرەمسەن؟
مىليۇنىرغا ئايلىنىش ئۈچۈن،
قاشتاش ئىزدەپ كولاپ يۈرەمسەن؟

ئۇچراپ قالسا ناۋادا«قاشتاش»
بوياپ،سىرلاپ سېتىپ يۈرەمسەن؟
خوتۇن ئېلىپ خوتۇن ئۈستىگە؟
نازىنىغا كۆيۈپ يۈرەمسەن؟



10-نومۇرغا

ئېلىپ قاچما ئۆزۈڭنى پەقەت،
ئىپار ھىدىنى پۇراپ ئالغۇم بار.
ئىپار چاچسا بىزنىڭ تىلەكلەر،
قول تۇتۇشۇپ بىرگە يانغۇم بار.



11-نومۇرغا

كۆزۈڭ بۇلاق ھۆسنۈڭ ئاي ئىدى،
جىسمىڭ گويا بىر پىيالە چاي.
ئىچەي دېسە كۆيدۈردۈڭ تىلنى،
يۈرەك تولدى دەرد ئەلەمگە ۋاي!


12-نومۇرغا

سۇمبۇل چاچلىق گۈزەللەرنىڭ بىرى سەن،
ئويتوغراقتا ئۆسكەن گۈلنىڭ ئۆزى سەن.
قىسقىراپتۇ ئۇزۇن چاچلار نە بولدى
كۆزۈڭ ياشلاپ،خىياللارنى سۈرىسەن؟



13-نومۇرغا

چالىقۇشتەك سەن ئۇچۇپ يۈرۈپ،
يىتىپ باردىڭ قانچە ئۇزاققا،
ئارىلىقىمىز يىقىنغۇ بىزنىڭ،
يە چۈشمىدىڭ بىزنىڭ توزاققا.

نېمە بولدى ئەلەم يەتتىمۇ،
دوسىت يارەنلەر دىلدىن كەتتىمۇ؟
خەت خەۋەر يوق14يىل بولدى،
تېلېفۇنۇڭغا قازا يەتتىمۇ؟



14-نومۇرغا

قەدەم يەتسە گۈزەل لاڭرۇغا،
كېتىپ قالدىڭ سەيگە-ياڭيۇغا،
ئەمدى بارساق يەنە قاچامسەن،
باھانە قىپ ھەتتا جياڭيۇغا؟



15-نومۇرغا

يېڭى باغنىڭ باغرىدا،
تەنھا ئۆسكەن بىر گۈلسەن.
دەردلەر كېلىپ باستىمۇ،
نە خىياللار سۈرىسەن؟

ئەستە يوقمۇ ئەللىك تۆت،
دوسىت ساۋاقداش، مۇئەللىم،
يار-يۆلەك بولۇپ ئۆتۈشتىن،
يوقتۇر     ئۆزگە خىيالىم.



16-نومۇرغا

تالاي يۈرەك كۆيگەن بىر ساڭا،
لېكىن كۆڭۈل بەرمىگەن ئاڭا.
بەخت كۈلۈپ قۇچاق ئاچتىمۇ؟
ئەۋەتكىنچۇ سىرلارنى ماڭا !



17-نومۇرغا

سالغۇزەكنىڭ گىرۋەكلىرىدىن،
خارابىلار ئىزدەپ يۈرەمسەن؟
قۇملۇقلاردا ئاپتاپتا كۆيۈپ،
ساپال كاھىش تىرىپ يۈرەمسەن؟

سىتەيىننىڭ ئىزىدىن مېڭىپ،
قانداق بايلىق ئۇچرىدى ساڭا،
تىپىۋالساڭ ئالتۇن يا كۆمۈش،
سىرنى ئېيتاي،تاپشۇرغىن ماڭا !



18-نومۇرغا

پۇرچاقچىغا مېھمان بوپ كەلسەك،
يىراق قېچىپ كۈتمەي يۈرەمسەن؟
بىز كەتكەندە يۇرتلارغا ئاندىن،
خىجىل بولۇپ خىيال سۈرەمسەن؟



19-نومۇرغا

بىر ھەقىقى سودىيە بولۇپ،
ھەق-ناھەقنى ئايرىپ يۈرەمسەن؟
تۇرمۇش گويا ئۇپقۇنلۇق دېڭىز،
خىيال ئارا ئۈزۈپ يۈرەمسەن؟

ئەينى چاغدا خىياللار سۈرۈپ،
سەن قالغانتىڭ ئىشىك تۈۋىدە.
دوستلار سۆزى ئەسكە يەتتىمۇ،
جاراڭلامدۇ قۇلاق تۈۋىدە؟



20-نومۇرغا

ئالى بىلىم يۇرتىدا قالدىڭ دوستۇم ئاڭلىدۇق.
بىزنىڭ ياخشى دوستىمىز،پەخرىمىز دەپ ماختىدۇق.
قېتىۋالما سەن دوستۇم،بارساق ئىزدەپ سەن تامان،
باشقا نىيەت بىزدە يوق،سېنى ھەردەم ياقلىدۇق.

يىراقلاشما سەن بىزدىن ،چۈنكى ياردۇر دوسىت ئاداش،
گەر ئۇچساڭمۇ ئاسماندا،چۈشەر يېرىڭ يەر-زېمىن،
كۈچ ئۆملۈكتە،قېيىن ئىش، قول تۇتۇشساق ھەل بولار،
تەتقىقاتىڭ يۈرۈشسە،ھەممە خۇشال،بىز ئەمىن.



21-نومۇرغا

«تەنھا»لىقتا ياشاپ قانمايىتتىڭ،
نېمە ئۈچۈن«جۈپ»بولغۇڭ كەلدى.
ھە،راسىت ئەمدى«بۇرۇت خەت تارتتى»
بوي-بەستلەر ئۆسۈپ چوڭ بولدى.

«تەنھا»لىقتا كۆنگەن يۈرەكلەر،
«جۈپ»بولۇشقا كۆنەلەمدىكەن؟
«باشلىق»بولۇپ كۆپەيسە بىرسى،
خوش-خوش دېمەي يۈرەلەمدىكەن؟



22-نومۇرغا

نامى مەشھۇر لاڭرۇ قوينىدا،
سەكرەپ-تاقلاپ ئۆسكەن بىر قىز سەن،
ھالىڭ نېچۈك،بىلمىدۇق،ئەمدى-
خەۋەر بەرگىن دەرھال بىزگە سەن !



23-نومۇرغا

مۇھەببەتكە تولغان ئالىمىڭ،
شەھەر قىزى بولساڭمۇ ئۆزۈڭ.
بەخت ھەر چاغ يار بولسۇن ساڭا،
سولاشمىسۇن گۈل كەبى يۈزۈڭ.



24-نومۇرغا

ئىلىك ئېلىپ ئىلتىجايىڭنى،
شېئىر يازاي دېسەم بەختىڭگە.
نەزەر سېلىپ قوياي دېمەيسەن،
چىقىۋېلىپ ئېگىز تەختىڭگە.

شېئىر بىلەن تولدۇراي دېسەم،
قەلبىڭ تولۇپ بوپتۇ رومانغا،
خەير ئاللاغا تاپشۇردۇم سېنى،
كىرىپ قالما سىرلىق تۇمانغا.



25-نومۇرغا

چۈش كۆرگەنتىم گۈلباغلار ئارا،
پەيدا بولدى ئايدەك گۈزەل قىز.
ئاي ئەمەسكەن ئەسلى قارسىام،
قۇياش كەبى چاقناپتۇ بىر يۈز.

باغلار ئارا كېپىنەك بولۇپ،
سەن ئۇچتۇڭمۇ ئەي گۈزەل گۈل قىز.
دوستلار كەلدى يىراقتىن ئىزدەپ،
ئۇچۇپ كەتمە ئارىمىزدىن تىز.



26-نومۇرغا

ئانارىدەك چىرىنىڭ تاتلىققىنە بىر قىز سىز،
قىيا بېقىپ كۆزلەردە جاننى ئېلىپ قويىسىز.
ئۇزۇن بولدى كۆرمىدىم ھالىڭ نېمە بىلمىدىم،
نېمە ئۈچۈن دوستلارغا خەۋەر بەرمەي يۈرىسىز؟.



27-نومۇرغا

يارىشىپتۇ ساڭا ئەمەل تىز،
چىقىپ قاپتۇ قورساق ئالدىغا.
سېنى ئىزدەپ دوستلىرىڭ كەلدى،
ئۆتۈۋالما پىنھان-دالدىغا.

ساۋادىنى چىقىرىپ چوڭنىڭ،
ھەتتا ئاڭلاپ گېپىنى توڭنىڭ.
ھەق-ناھەقتە بولغىن سەن ئادىل،
مەيدان بولۇپ قالمىسۇن سولنىڭ.



28-نومۇرغا

ساقچى بولۇپ قاپسەن يىراقتا،
بەزى يېتىپ ئۆزۈڭ «سولاقتا»
شەپشەك پىتى يۈرەمسەن يەنە،
ئاڭلىماستىن نەسىھەت قۇلاقتا.

تۇتقىن دېسە ئوغرىنى تىزدىن،
ئىزدەپ يۈردۈڭ نەچچىنى«قىز»دىن
ئىشرەت كەبى ئۆتكۈزۈپ يۈرگەچ،
چاپىنىڭمۇ ئاشماپتۇ تىزدىن.

دوستلار كەلدى چىققىن ئۆچەكتىن،
بىزنى كۆرۈپ قاچما رۇجەكتىن.
قېچىپ كەتسەڭ ناۋادا،ئىزدەپ
تۇتۇپ ئالىمىز سېىنى بۇرجەكتىن.



29-نومۇرغا

نەچچە يىللار بولدى كۆرمىدىم،
خەت-خەۋىرىڭ ئەسلا يوق بولدى،
سەنسىز ئىچكەن شۇ سۇيۇقئاشنىڭ،
تەمى تەمسىز بىر ياماق بولدى.

خەتلەر يېزىپ يا تېلېفۇن ئۇرساڭ،
خانىملىرىڭ سەندىن چانامدۇ؟
تىزلاندۇرۇپ سېنى ئالدىدا،
توشەي بىلەن راسا ئۇرامدۇ؟



30-نومۇرغا

مېھرىڭ ئوتلۇق يالقۇنلۇق،
ئۇز خوتەننىڭ قىزى سەن.
ئۇزۇن بولدى كۆرمىدىم،
بۇ جاھاندا بارمۇ سەن؟



31-نومۇرغا

يۈرۈڭقاشنىڭ بويىدا،
قاشتاش ئىزدەپ يۈرەمسەن؟
گۈزەللەرگە ئۆيلىنىپ،
يەنە خىيال سۈرەمسەن؟

چاھار باغدا سەيلە قىپ،
بەل-پۇتلىرىڭ تالدىمۇ؟
كەلمەس بولدۇڭ بىز تامان،
«باشلىق»چاچتىن ئالدىمۇ؟



32-نومۇرغا

سەرخىل گۈللەر ئىچىدىن ھەرچاغ،
گۈزىلىنى تاللاپ يۈردۇڭمۇ؟
سولۇپ قالسا تاللىغان گۈلۈڭ،
بۇلبۇل كەبى ئۇچۇپ يۈردۈڭمۇ؟



33-نومۇرغا

كۆك ئاسمانغا بولۇپ سەن شوتا،
كۆكلەر تىرەپ يۈرگەنتىڭ شۇ چاغ.
شوتا سۇنۇپ كەتتىمۇ ئەمدى،
خەت-خەۋەر يوق ئۆتتى نەچچە چاغ.

ياكى شىركەت قۇرۇپ چىرىدا،
پاختا،كەندىر تىرىپ يۈرەمسەن،
كەندىرلەرنى يۇلسا ساقچىلار،
گۇلاخمادا قېچىپ يۈرەمسەن؟



34-نومۇرغا

مۇنەۋۋەرلىك تالشىپ يۈرۈپ،
دوسىت-ساۋاقداش چىقتىمۇ ئەستىن،
ياكى تۇرمۇش ئاچاللىرىدا،
لىق تولدىمۇ كۆزلىرىڭ ياشتىن؟



35-نومۇرغا

نەچچە تېلېفۇن ئۇرسام ئالمايسەن،
قورقۇنچتا تومۇر قاتتىمۇ؟
ياكى رىجىم ئاستىدا بولساڭ،
سەنەم قىزلار قۇلاق تارتتىمۇ؟



36-نومۇرغا

دەردلەر تاغ بوپ باستىمۇ سېنى،
ياكى شېئىر ئالدى قوينىغا،
ھالىڭ نېمە؟ بىلمىدىم سېنىڭ،
ئىپ قويمىدىڭ تېلېفۇن قولۇڭغا.

سۆزلەپ قويساڭ تېلېفۇنىڭدا كۆپ،
«خوجايىن»ىڭ خاپا بولامدۇ؟
تىزلاندۇرۇپ ئالدىدا سېنى،
سوئاللارغا كۆمۈپ قويامدۇ؟



37-نومۇرغا

بازارىدا شەنبىنىڭ،
يۇمۇر سۆزلەپ يۈرەمسەن؟
مەپتۇن بولۇپ گۈزەلگە،
ياكى خىيال سۈرەمسەن؟

قوشتاغدىمۇ شەنبە بار،
سەن ئىزدىسەڭ ھەممە بار.
كۆرۈپ كەتكىن قوشتاغنى،
ئۇنىڭ پەيزى نەدە بار؟



38-نومۇرغا

«ئىلغارلىقتا بەسلىشىپ»،ئەلا شەرەپ يارىتىپ،
تاپشۇرۇقلار ئىچىدە يا يۈرەمسەن ئۇخلىماي؟
ساۋاتسىزنى ئوقۇتۇپ،يۇۋاشلارنى قورقۇتۇپ،
قول بېرىشكەن دوستلارنى سەن يۈرەمسەن يوقلىماي؟



39-نومۇرغا

«ئەركىن» دېسەك ئەزىزلەپ دوستۇم،
سەن خانەڭدىن چىقماي يۈرەمسەن؟
«ئەركىن»لىكىڭ بوغۇچلاندىمۇ؟
خەت-خەۋەر يوق ئۆتۈپ كېتەمسەن؟

ئابدۇغېنى سىيىت مۇئەللىم،
شېئىر بىلەن يازمىدى سېنى.
ئاداققىچە ئىزدەپ يۈرسەكمۇ،
يوقاپ كەتتىڭ قىنى سەن قىنى؟

يوقاپ كەتمە جانىجان دوستۇم،
شېئىر بىلەن خەۋەر بەرگىن تىز.
دوسىت ئاداش بوپ ئۆتەيلى ھەر چاغ،
تارىخلاردا قالسۇن مەڭگۈ ئىز.



40-نومۇرغا

ناھىيە ئېچى تار كېلىپ ساڭا،
قاچتىڭ نېچۈن چەت موكۇيلىغا.
دوستلار قولنى قولغا تۇتۇشۇپ،
چۈشەتتۇق بىز بەيگە،ئۇسۇلغا.

چاقىرغاندا ھېچ بىر ئۈنۈڭ يوق،
نېمە بولدى ياكى خېتىڭ يوق.
سەكرىمەيتتۇق شوراڭدىن ھەرگىز،
قاۋاشقىمۇ ياكى ئىتىڭ يوق.



41-نومۇرغا

سۆيۈنگەچكە لاتاپىتىڭدىن،
ھەر بېقىشىڭ جاننى ئالىدۇ.
سەن ئۆزۈڭنى يالغۇز چاغلىما،
يۈرىكىمدە كۆڭلۈڭ قالىدۇ.



42-نومۇرغا

ئۇشبۇ يىللار ئۆتتى تىز
يەر شارىدا بارمۇ سەن؟
ياكى يەردە تۇرالماس،
پەرىزاتمۇ-ئايمۇ سەن.

كۈنلەر ئۆتۈپ كەتسىمۇ،
مېھرىڭ دىلدىن كەتمىدى،
سەنسىز يېگەن تاماقلار
ئۇشبۇ گالدىن ئۆتمىدى.

بىر ناھىيىدە ياشايمىز،
لېكىن پەقەت كۆرمىدىم.
سۈرىتىڭگە لەۋ ياقتىم،
ئەمما تاتلىق سۆيمىدىم.



43-نومۇرغا

ھاياتلىق ئىنسانغا ھېچ باقمايدىكەن،
سۇلارمۇ ئېگىزگە ھەم ئاقمايدىكەن.
دوستلۇقنىڭ مېھرىگە تەشنا يۈرەككە،
سىرداشماي ئۆتكەن چاغ ھېچ ياقمايدىكەن.



44-نومۇرغا


باي بوپتۇ دەپ ئاڭلىدۇق،
ئانار سېتىپ چۆللەردە،
ۋاقتىڭ بوشمۇ ئۆتمەپتۇ،
«بۇلاق»لاردا،كۆللەردە.

تورلىرىڭنى ئىپقاچما،
بېلىقىڭنى سۈزمەيمەن،
قېچىپ كەتمە بېغىڭدىن،
ئانارىڭنى ئۈزمەيمەن.



45-نومۇرغا

«بېسىپ ئالغان ئاناسىر تېغى
500يىللار مۇقەددەم سېنى».
مانا ئەمدى تۇرۇپ كېتىپسەن،
«تاڭ سېڭ كېلىپ قۇتقۇزغاچ سېنى».

موللاق ئېتىپ جەمەتىڭ بىلەن،
چىمەنتاغدا ئويناپ يۈرەمسەن؟
قوشتاغدىمۇ سىرلىق غارلار بار،
كېلىپ كۆرۈپ كەتمەي يۈرەمسەن؟

ھەققانىيەت يولىدا ئازماي،
ئالۋاستىنى ئۇرۇپ يۈردۈڭمۇ؟
چەمبىرەكلەر قىسسا بېشىڭنى،
سەن تىزلىنىپ توۋا قىلدىڭمۇ؟

ئەرشلەرنى مالىمان قىلغاچ،
مىراخور بوپ ئۆتتىمۇ كۈنلەر،
شۇنچە كۈتسەم كەلمىدىڭ تامام،
نەچچە-نەچچە ئۆتسىمۇ تۈنلەر.

يوقاپ كەتسە ئۇستاز،خاپا بوپ،
جۇباجىينى ئۇرۇپ يۈرەمسەن،
كۆتەرگۈزۈپ شاسىڭنى يۈك-تاق،
تاڭ سېڭ كەبى ئۇچۇپ يۈرەمسەن؟

ئۇستاز ئوقۇغان سېھىرلىك ئەپسۇن،
ئامبۇر بولۇپ قىستىمۇ باشنى؟
كۆرگۈم يوقتۇر بۇلاق كۆزۈڭدىن،
جىن-شاياتۇن ئاققۇزغان ياشنى.

تېلېفۇن ئۇرماي ساقلاتتىڭ مېنى،
خىراجەتنى تاڭ سېڭ قىستىمۇ؟
ياكى غوۋغا كۆتۈرۈپ يۈرسەڭ،
چەمبىرەكلەر يەنە قىستىمۇ؟

تاڭ سېڭ كەلمەس ھېچ سېنى ئىزدەپ،
چۈنكى سېنى قىسقارتقان سەپتىن،
ئىشىنىپ ئۇ پىتنە-ئىغۋاغا،
باجىي ئېيىتقان شۇ يالغان گەپتىن.

جىن ئالۋاستىنى بىرگە ئۇرايلى،
قورقما ئەمدى ئۇچقىن بىز تامان،
چىن دوستلۇقنىڭ قەدرىنى بىلمەي،
ئۇنتۇپ كېتىش ھەممدىن يامان.



46-نومۇرغا

كىرىيەنىڭ گۈزەل قىزىغا،
مەپتۇن بولۇپ كۈنلەر ئۆتتىمۇ ؟
خەت-خەۋەر يوق،ھالىڭ نە بولدى،
ياكى دوستلار دىلدىن يۈتتىمۇ؟

ياكى يەڭگەم نەزەر بەنت قىلىپ،
قازناقلارغا سولاپ قويدىمۇ؟
نەسىھىتىنى ئاڭلاپ قويمىساڭ،
يوللۇرۇڭنى توراپ قويدىمۇ؟



47-نومۇرغا

ئىسىمداشتىڭ كۆيگەن يار بىلەن،
كۆپ يۈرەككە ئوتلارنى ياقتىڭ.
ئېيتىپ بەرچۇ قارىقاش گۈزىلى،
ئەمدىلىكتە كىملەرگە باقتىڭ.



48-نومۇرغا

ئەي ھۆر پەرى ئادىل سوتچى بوپ،
ھەق-ناھەقنى ئايرىيالامسەن؟
ئەلگە زىيانلىق ناكەس قوللارنى،
تېڭىرقىماي قايرىيالامسەن؟



49-نومۇرغا

تەۋەككۈلدە بېلىڭنى باغلاپ،
دولقۇنلارغا قۇچاق ئاچتىڭمۇ؟
غەۋۋاس بولۇپ بىلىم كانىدا،
خەلقىڭ ئۈچۈن نۇرلار چاچتىڭمۇ؟
ئۇچراپ قالسا ياكى قىيىن ئىش،
ئارتقا قاراپ شۇنداق قاچتىڭمۇ؟



50-نومۇرغا

ئىزلەپ بارسام شەنبە بازارغا،
رەستىلەردە كۆرمىدىم سېنى،
ئۇزۇن بولدى ھېچ بىر خەۋەر يوق،
نە چىقمايسەن ئالدىمغا قېنى؟



51-نومۇرغا

دوستۇم تاشلاپ ئالتۇن كەسىپنى،
ئۆتەڭ قۇرۇپ مېھمان كۈتتۈڭمۇ؟
لەڭگەرلىكلەر قوغلىسا سېنى،
قۇملۇقلاردا تۈكۈرۈك يۇتتۇڭمۇ؟

ياكى بولۇپ چۆللەر كېمىسى،
كارۋان بولۇپ يۈكلەر ئارتتۇڭمۇ؟
ئېغىر كەلسە چۆللەردە مېڭىش،
كۆزنى يۇمۇپ يەردە ياتتىڭمۇ؟



52-نومۇرغا

نۇسرەت قۇچقان ئاشۇ كۈنلەردە،
مەتيۈسۈپكام چاۋاك چالدىمۇ؟
شان-شەرەپتىن كىرىلگەن چاغدا،
دوسىت يارەنلەر ئەسكە كەلدىمۇ؟



53-نومۇرغا

مەتسەيدىكام نەگە ھەيدىدى،
كۆرۈنمەيسەن ئويتوغراقتا سەن.
قانداق تۇيغۇ كۈچ بەردى ساڭا؟
مۈشكۈللەرگە ئوت ئاچقاندا سەن.



54-نومۇرغا

بىز ئوقۇغان ئەشۇ يىللاردا،
قومۇراتتىڭ توقسەننى-يۈزنى،
ئەمدى يەڭگەم توراپ قويدىمۇ؟
ئايلانمامسەن تالانى-تۈزنى.

باش بولغانتىڭ بىزلەرگە ھەرچاغ،
ئۆگىنىش ھەم تۇرمۇشتا بوپ يار.
دوست يارەننى يىغىش-جەم قىلىش،
بوپ قالدىمۇ ئەمدى ساڭا ھار.



خاتمە

ئۈمىدىم شۇ ئۆملۈكتە ياشاش،
ئەللىك تۆت دوست بولۇپ ئۇيۇلتاش،
ئۇچراپ قالسا دوقال،تىك داۋان،
قوللار تۇتۇپ بىرلىكتە چامداش.




2012-يىلى 7-ئاي  قوشتاغ



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قارلۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-31 04:09 PM  


ھازىرغىچە 4 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
OTYAK + 300
13579081520 + 10 ماختاشقا تېگىشلىك
YuqunAdam + 333 تەپەككۇرى كۈچلۈك
musilina + 200 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 843   باھا خاتىرىسى

ئاچچىق خۇرۇچلار (2) «كالۋا ئوغۇل».      كولاپ كۆمۈۋىتىڭلار

ۋاپاسىز ياردىن ۋ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1873
يازما سانى: 329
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5900
تۆھپە نۇمۇرى: 305
توردا: 7162 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2012-10-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 02:55:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قالتىسكەنسىز جۇمۇ.54نەپەر ساۋاقدىشىڭىزنىڭ ھەممىسىگە چاقچاق يېزىپسىز.....
ئۇلار بۇ تىمىڭىزنى كۆرسە چوقۇم خۇشال بولىدۇ.

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53409
يازما سانى: 389
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7044
تۆھپە نۇمۇرى: 940
توردا: 1441 سائەت
تىزىم: 2011-8-27
ئاخىرقى: 2012-10-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 02:56:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شېئىر مەزمۇنى،مىسرالارنىڭ باغلىنشى شۇنداق ياخشى بولغان.
شۇنچە يىللار ئۆتكەن بولسىمۇ يازما ئىگسى شاپ ئەپەندىم ساۋاغداشلىرنى ئەسلەپ ئۇلارنىڭ خارەكىتىرى،ئەينى يىللاردىكى ئالاھىدىلىك ۋە ئارتۇقچىلىقىنى شېئىر شەكىلدە  مۇنبەرگە سۇنۇپ ساۋاغداشلىرىغا بولغان  چوڭقۇر سېغىنش ھىسياتىنى  ناھايىتى جانلىق ئىپادىلگەن، ئاغىزدا دىمەككە ئوڭاي بولغىنى بىلەن شېئىر شەكىلدە بايان قىلىش ئاسان ئەمەس.
ھەمممىزنىڭ ساۋاغداشلىرى بار.....شۇتاپتا  شېئىرنى ئوقۇۋېتىپ مەنمۇ 10نەچچەيىللارئىلگىرىكى ئالي مەكتەپ قويندىكى ساۋاغداشلىرىمنى ئەسلەپ قالدىم.....
يازما ئىگىسىگە كۆپ تەشەككۈرلەر بولسۇن!
شۇنچە ئىسىل مىسرالارنى پۈتكەن قوللىرىڭىزغا ئاللاھ دەرىت بەرمىسۇن!

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   a.sayrami تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-31 03:02 PM  


كېىلدۇ شۇنداق بىركۈنلەر....

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78611
يازما سانى: 943
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5170
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 290 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2012-9-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 03:00:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ھەممدىن بەك تولوق ئوتتۇردىكى ساۋاقداشلىرىمىنى سىغىنىمەن،ئالىي مەكتەپنى ئىچكىردە ئوقۇغاچقا ئالىي مەكتەپتىكى ساۋاقداشلىرىم ئىسىمدە يوق. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hekmat110 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-31 03:03 PM  


بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوقت

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68426
يازما سانى: 810
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8001
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 644 سائەت
تىزىم: 2011-12-4
ئاخىرقى: 2012-10-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 03:25:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
54ئوقوغۇچى

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ  ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ.

ھەر تىنىقمدا بىر سۇئال ؟!

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9531
يازما سانى: 180
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9005
تۆھپە نۇمۇرى: 518
توردا: 608 سائەت
تىزىم: 2010-9-7
ئاخىرقى: 2012-9-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 03:58:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەلەم قۇۋىتىڭىزغا بارىكاللا ئېيتماي تۇرالمىدۇق ! ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ ! ئىلگىرى ئوتتۇرا مەكتەپتىكى چېغىمغا ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچۇمنىڭ مۇشۇنداق بىر ئىجادىيتىگە ھەيران بولغان ئىدىم! بۇ قۇرلارنى ئوقۇغاچ ساۋاقداشلىرىمنى سېغىندىم ،ھەم شۇ ئۇستازىم يادىمغا كەلدى !بەك ياخشى يېزىپسىز !!!!!!!!!!

سۈرەتكە تولۇپتۇ كۈنلەر ئالبومى،
ئاختۇرساڭ بەرى بار ياخشى ياماننىڭ.
ئاقىدۇ   بەزىدە   شارقىراپ  دەريا،
گاھ سۇلار يولىدۇ ئاستى ساماننىڭ ....

كۆزلىرىمدە ياش!!!!!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49
يازما سانى: 1005
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6316
تۆھپە نۇمۇرى: 697
توردا: 6376 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-9-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 04:30:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
54ئوقۇغۇچى؟ شۇنداق جىقمىدىڭلار

مۇشت ئاتمىغان ئادەمنى كىم ئاجىز دەيدۇ؟بەلكىم ئۇنىڭ قوينىدا خەنجەر بولىشى مۈمكىن.

سەنەمجان

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50478
يازما سانى: 742
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6545
تۆھپە نۇمۇرى: 437
توردا: 1451 سائەت
تىزىم: 2011-8-4
ئاخىرقى: 2012-9-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 04:35:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ قاچان موشۇنداق يازالارمەن 52 تالنى؟

[img][/img]تېۋىنىپ ياشىغان مىڭ يىل ئۆمۈردىن،مىڭ ئەلا دولقۇنلاپ ئۆتكەن بىر نەپەس!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82567
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3240
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 29 سائەت
تىزىم: 2012-7-7
ئاخىرقى: 2012-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 05:16:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قالتىسكەنسىز 54 ئادەمگە شىئر قاتماق ئاسان ئىشمۇ باللا

ھەر بىرمىز تەقدىرنڭ تۈمۈرچىسى!گەپ ئۇنى قانداق سۇقۇشتا !!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57007
يازما سانى: 1545
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3118
تۆھپە نۇمۇرى: 1148
توردا: 642 سائەت
تىزىم: 2011-9-18
ئاخىرقى: 2012-10-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 05:22:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە ئىككى ساۋاقدىشىڭىز بولغان بولسا ئۇ ساۋاقداشلرىڭىز 56 بولۇپ، تېخىمۇ ئۆم ئىتتىپاقلىققا ۋەكىل بوپ قالىدىكەن. شېئىرى چاخچاق ياخشى چىقىپتۇ، مۇھىمى سىزنىڭ ساۋاقداشلىرىڭىزغا بولغان سېغىنىش ھىسسىياتىڭىز ياخشى ئىپادىلىنىپتۇ. بىرىنى قالدۇرماي ھەممىسىنى ئەسلەپ يېزىپسىز، ئۇلارمۇ چوقۇم سىزنى ياد ئېتىپ تۇرىدۇ، ساۋاقداشلىق مېھرىڭلارغا كۆز تەگمىسۇن!

دۇنيا ئۇيغۇرنى بىلىدۇ، ئەممائۇيغۇرنىڭ دۇنيانى ۋە ئۆزىنى بىلىشى يېتەرلىك ئەمەس.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش