‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى ›› دىن ھىكمەتلەر
ئۆزۈڭنىڭ ئېغىر يۈكىنى باشقىلارغا يۈدكۈزمە
ئىپارقاچىلغان تۈلۈمدىن ئىپارنى ئېلۋەتسىمۇ پۇرىقى قالىدۇ.
بەخىتنىڭ بەلگىسى بىلىم .بىلىملىك كىشلەرنى ھۆرمەتلەپ ،سۆزىنى ئاڭلاپ ،پەزىلىتىنى ئۈگۈنۈپ ،ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇر .
ئالدامغا چۈشۈش بىرلا قېتىم بولىدۇ،بىر قېتىم ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچىرساڭ،بىر ئەقىل تاپسەن.
ئۇرۇق -تۇققان ،خوشنا-قۇلۇملارغا ياخشىلىق قىل ،ئۇلارنى ھۆرمەتلە،ئۇلاردىن سوۋغا ئالساڭ ،تېخىمۇ قىممەتلىكرەكسوۋغا تەييارلىغىن.
كۆزدىن يىراقلاشسا ،كۆڭۈلدىنمۇ يىراقلىشىدۇ.
ئىلىم ھېكمەت ئىزدە ،ئۈگنىشتىن چېكىنمە، غادايما ،بىرەر نەرسىنى ئۈگەنمەيلا ئۆزىنى بىلىمدان كۆرسىتىپ ماختىنىدىغان كىشى سىناقتا ھۇدۇقۇپ قالىدۇ.
ياشلىقتا تىرىشمىسا ،قېرغاندا قايغۇردۇ.
ئوۋچى قانچىلىك ھىلە بىلسە ، ئىيىقمۇ قېچىش ئۇچۇن شۇنچە يول بىلىدۇ.
تېزەك قاردا ياتماس ،ياخشى يامانغا قىتلماس .
كۆركەم چىرايلىق تونۇڭنى ئۆزۇڭ كەي، تاتلىق ئېشىڭنى باشقىلارغا بەر .
مېھماننى ھۆرمەتلە ، ئۇ شۆھرىتىڭنى ھەممىگە يايسۇن.
دۇشمەن ھەر قانچە كىچىك ،ئاجىز بولسىمۇ ،ئۇنى مەنسىتمەسلىك توغرا ئەمەس. ئېھتىياتسىزلىق قىلىپ ،ئۇنى نەزەرگە ئالمىساڭ ،ئۇ ئەلنى سەندىن تارتىۋالىدۇ .
تىلىڭدىن ھەرۋاقىت خەلىق سەندىن خۇشال بولىدىغان چىرايلىق سۆزلەرنى چىقارغىن .
ھەددىدىن ئارتۇق خۇشال بولسا (ئارقىدىن )، قاتتىق قايغۇ - ئەلەم كېلىدۇ.
ئاتا - ئاناڭنىڭ نەسھەتلىرنى ئاڭلا ،ئۇنى قايتۇرما، مال- دۇنيا ۋە بەخىتكە ئېرىشكەن تەقتىردىمۇ تەكەپپۇرلىشىپ ، قۇتىرىما.ئەگەر ساڭا ئېغىر كۇنلەر كەلسە ،بۇمۇ ئۆتۇپ كېتەر دەپ سەۋىر قىلغىن ، دۇنيانىڭ ئىشلىرى شۇنداق بولدىغانلىقىنى چۈشەن، ھەر بىر جاپا - مۇشەقەتكە ھەسرەت چېكىپ ئۆزۇڭنى ئالدۇرۇپ قويما .
مەنبە: ‹‹سەرخىل ئەسەرلەردىن جەۋھەرلەر››دىن .شىنجاڭ خەلىق سەھيە نەشىرياتى. 2005-يىل نەشىرى (2-كىتاپ))
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا زامانى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-31 02:54 PM