|
|
|
|
مەن تېلفۇنۇمنى قولۇمغا ئالدىم، نومۇرۇڭنى تېلفۇن دەپتىرىدىن قانچە قېتىم چىقىرىپ قانچە قېتىم كىرگۈزۈپ باقتىم،
ئاخىرى تېلفۇن دەپتىرىدىكى ئايالىم دېگەن ئىسىمنى ئۆچۈرۈپ تاشلىدىم،مەن بۇ ئىسىمنى سەككىز يىلدىن بېرى مىدىرلىتىپ باقمىغان ئىدىم، گەرچە سەن ھازىر مېنىڭ ئايالىم بولمىساڭمۇ لېكىن بۇ ئىسىمنى مىدىرلىتىشقا پەقەت قىيمىغان ئىدىم، ماڭا ھامىنى بىر كۈنى يەنە قايتىدىن بەخىتلىك تۇرمۇشىمىزنى باشلايدىغاندەك تۇيغۇ بېرەتتى.
رەسىملىرىڭنى يۇيۇپ تاشلىدىم، بۇ رەسىملەر مېنىڭ بۇندىن بۇرۇن كۈندە نەچچە رەت كۆرىدىغان، كۈندىلىك تۇرمۇشۇمدىكى ئادىتىمنىڭ بىرسى ئىدى.
مۇڭداشقۇدىكى ئىسمىڭنى ئۆزگەرتىش بىلەن بىرگە كومپىيوتۇرنى قوزغاتساملا ساڭا خەت يازىدىغان ئادىتىمنى ئۆزگەرتتىم، چۈنكى سېنىڭ مۇڭداشقۇڭ 24 سائەت ئوچۇق تۇرسىمۇ ماڭا بىر قېتىم ئۇچۇر كەلمەس بوپ قالغان ئىدى، بۇرۇن كېچە-كېچەلەپ مۇڭدىشىپ، جاھاندىكى بارلىق سۆيگۈ تىلەكلەرنى ئۆز-ئارا تىلەيدىغان، شۇنچە ئۇزۇن سۆزلەشسەكمۇ ۋاقىت يېتىشمىگەندەك ھىس قىلىدىغان، بىزنىڭ نۇرغۇن سۆيگۈ ئىزھارلىرىمىزنىڭ گۇۋاھچىسى بولغان مۇڭداشقۇ ئەمدى شۇ سۆيگۈلەرنى باشقىلارغا تىلەيدىغان قورال بولغان بولسا كېرەك.
باشقىلارغا بۇرۇندىن يوشۇرۇپ كەلگەن سىرنى ئاشكارىلاپ تاشلىدىم، ئاڭلىغۇچىلار ھەيرانلىقتا قېلىشتى، ئۇلار بۇرۇن ئىككىمىزنىڭ بەخىتلىك تۇرمۇشىدىن سۆيۈنىدىغانلار ئىدى، ئاجرىشىپ كەتتىم دېگەن سۆزنى يوشۇرغىلى 3يىل بولغان ئىدى بىراق بۈگۈن ئاشكارىلاشقا مەجبۇر بولدۇم، چۈنكى سېنىڭ قانچە قېتىملاپ ئەمدى مەن سىزنىڭ ئايالىڭىز ئەمەس مېنى سەنلىمەڭ دېگەن گەپلىرىڭ، غايەت زور بۇرۇلۇش، سەندىكى ئۆزگىرىش مېنى شۇنداق قىلىشقا مەجبۇر قىلدى.
سېنى بەخىتلىك قىلالمىدىم، ساڭا خوشاللىق ئاتا قىلالمىدىم، سېنى تۇرمۇشنىڭ لەززىتىدىن رازى بولغۇدەك ھوزۇرلاندۇرالمىدىم، بۇ جەھەتتە مەن ساڭا قەرىزدار،مەن بۇ قەرىزنى قايتۇرۇش يولىدا تىرىشىۋاتقان ئىدىم، سېنى قايتىدىن باغرىمغا بېسىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان ئىدىم، بەلكىم سەنمۇ مەندىكى ئۆزگىرىشلەرنى ھىس قىلغان بولۇشۇڭ مۈمكىن، لېكىن كېچىككەن بولسام كېرەك، ئەمدى بۇنداق پۇرسەت ياكى بەخىت ماڭا نېسىپ بولمايدىغاندەك. چۈنكى سەندىكى ئاسمان-زىمىن ئۆزگىرىشلەر بۇنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.
ھەركىم ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۈرچىسى، سەن بۇلارنى قىلىشقا ھەقلىقسەن، چۈنكى سېنىڭمۇ تۇرمۇشنىڭ لەززىتىدىن بەھىرلىنىش ھوقۇقۇڭ بار،ياكى كۆزدىن يىراق كۆڭۈلدىن يىراق بولغاندۇ، چۈنكى ئىككىمىزنىڭ ئارىلىقى ھەقىقەتەنمۇ يىراقلاشتى، ئەتراپىڭدىن سەن كۈندە كۆرىدىغان سېنىمۇ كۈندە كۆرىدىغان، ساڭا خوشاللىق ھەم بەخىت ئاتا قىلالايدىغان ئەرلەر پەيدا بولغاندۇ، كۆڭلۈڭ باشقىلارنى خالاپ قالغاندۇ.
مەن گاڭگىراپ قالدىم، سېنىڭ مەن مۇشۇ كەمگىچە قايتىدىن توي قىلىشنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىدىم، تاكى مۇشۇ مىنۇتقىچە سىزدىن ۋاز كەچكىنىم يوق، سىز بىلەن ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىگىچە بىللە ئۆتۈش نىيىتىم بار دېگەن سۆزلىرىڭ قۇلاق تۈۋۈمدە جاراڭلاپ كەلگەن ئىدى، مېنى تىرىشىشقا ئۈندەپ كەلگەن ئىدى، ئەپسۇس سەندىكى ئۆزگىرىشلەر مېنى ئويغا سالدى، ئاخىرقى قارار چىقىرىشقا مەجبۇر قىلدى.
ئاخىرقى بىر رەت سېنىڭ ئەركىلەتمە ئىسمىڭنى چاقىرىشىمغا يول قويغىن، بەلكىم ھازىر باشقىلار سېنى شۇنداق چاقىرىدىغان بولغاندۇ، ياكى ئۇ ئەركىلەتمە ئىسىم باشقا ئىسىملارغا ئۆزگىرىپ بولغاندۇ، مەيلى مەن يەنە شۇ بۇرۇنقى تەبىئىي چىقىدىغان شۇ ئىسىمغا ئامراق.
《چوقۇم بەختلىك بول》 ساڭا بەخىت تىلەيمەن، چىن كۆڭلۈمدىن بەخىت تىلەيمەن، سېنى قايتىدىن بەخىتكە ئېرىشتۈرۈش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالغانلىقىمدىن ئاز-تولا ئەپسۇسلانساممۇ لېكىن سېنى مەن ئويلىغاندىنمۇ ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرىدىغان ئەرنى تاپالايدىغانلىقىڭغا ئىشىنىمەن، چۈنكى ئەتراپىڭدىكى ئەرلەر مەندەك لاياقەتسىز ئەمەستۇر بەلكىم.
ساڭا ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن، مېنى قايىل قىلىدىغان يەرلىرىڭنىڭ بىرسى سېنىڭ قەيسەرلىكىڭ، خىزمەت ئورنۇڭدا، سىرتلاردا سېنىڭ روھى كەيپىياتىڭنى بىلمەك ئەڭ قىيىن، ئۆيگە كىرگەندىلا بايقاش مۈمكىن، پۇتلىرىڭنى ئۇۋۇلاشنى ئۇنتۇپ قالما، شۇندىلا بەدەن گۈزەللىكىڭگە نۇقسان يېتىشتىن ساقلىنالايسەن، ئانچە-مۇنچە دوختۇرخانىلارغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ تۇر، چۈنكى ۋاقىت ناھايىتى تېز ئۆتىدۇ،ئادەمگە باقمايدۇ، بۇرۇنقى ياش ۋاقىتلىرىمىز ئورنىغا ئوتتۇرا ياش مەزگىللەر ئالمىشىش باسقۇچىدا تۇرماقتا ياكى يېتىپ كەلدى، مىجەزىڭنى ئاز-تولا ئۆزگەرتىشنى ئويلىشىپ باققىن، دائىم ئالدىراڭغۇ ھەم گەپنى ئۇدۇللا دەيدىغان مىجەزىڭ بىلەن باشقىلارنى ئاسان رەنجىتىپ قويىسەن، ھازىر ھېچكىمنىڭمۇ كۆڭۈل ئاغرىقى تېپىۋالغۇسى يوق.
ساڭا ئىنساپ-ئىمان تىلەيمەن، ئۇلۇق ئاللاھ ساڭا تېخىمۇ كۆپ ھىدايەت ئاتا قىلسۇن، نامازلىرىڭنى شارائىت بولسىلا تولۇق ئوقۇپ ماڭ، ئۇرۇق-تۇققان، دوست-بۇرادەرلىرىڭگە،دۇنيادىكى بارلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۈچۈن دۇئا قىلىشنى ئۇنتۇپ قالمىغىن.
ئاخىرىدا كەلگۈسى تۇرمۇشۇڭغا بەخىت، ئائىلەڭگە ئىناقلىق ۋە بەرىكەت تىلەش بىلەن بىرگە ئىككى كۈپلىت شىئېر بىلەن يازمامنى ئاخىرلاشتۇراي.
تىلەي ساڭا ئالەمچە بەخت،
خالىغاننى سۆيگىن، قەدىرلە.
چۈنكى ھەقلىق سەنمۇ شۇنىڭغا،
ۋاپاسىزلىق قىلدىممۇ دېمە.
قەدىرلىگىن بەختىڭنى ھەرچاغ،
ئۆز يولۇڭدا بوشاشماي پەقەت.
گۈل چېھرىڭدىن كۈلكە يۈتمىسۇن،
شاتلىق ساڭا يار بولسۇن ئەبەت.
چوقۇم بەختلىك بول
2012-يىل 31-ئىيۇل
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا زامانى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-31 02:26 PM
|
|
|
|
|
|