(ئالتە كۆرنۈشلۈك تارىخي تراگىدىيە)
ئاپتۇرى-مۇھەممەتئېلى زۇنۇن.
ئاساسلىق روللاردا:
ئابدۇقادىر داموللا-58ياش.
قۇتلۇق شەۋقى-44ياش.
بارات ئاخۇن-46ياش.سوپى داموللا-60ياش.
ئىشان مەزىن-50ياش.ئىنگىلىس كونسۇلى-51ياش.
شىۋىت كونسۇلى-40ياش
تراگىدىيىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى:
بۇ تراگىديەدە مىلادى 20-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدا قەشقەردە يۈز بەرگەن ماتىتەينىڭ زۇلمەتلىك ھۆكۈمرانلىقى ۋە شۇ دەۋىردىكى يېڭى مەدىنىيەت ھەركىتىنىڭ باشلامچىسى، خەلقپەرۋەر ئۇلۇغ زات-ئابدۇقادىر داموللام ۋە قۇتلۇق شەۋقىلەرنىڭ دەھشەتلىك زۇلۇمغا ئۇچرىغان خەلق ئاممىسىغا غەمخورلۇق قىلىشى، شۇنداقلا خەلققە زۇلۇم سالغان ئىشان مەزىن، سوپى داموللا ۋە ئىنگىلىس كونسۇلىغا ئوخشاش ئىچكى-تاشقى فىۋدال كۈچلەرنىڭ ئىكىسپىلاتاتسىيەگە قارشى تۇرۇپ، نامرات يىتىم-يىسىر بالىلارغا
ۋە قېرى-ئاجىزلارغا باشپانا بولغانلىقى تەسۋىرلىنىدۇ.
ئابدۇقادىر داموللام، قۇتلۇق شەۋقىگە ئوخشاش ۋەتەنپەرۋەر، خەلىقپەرۋەر، مەدىنىيەتپەرۋەر كىشىلەرنىڭ نادانلىق، جاھالەت ئەزگۈچى كۈچلەرگە قارشى كۆرەش قىلىپ، ئىشان مەزىن، سوپى موللىغا ئوخشاش ئەجنەبىي قارا نىيەتلەرنىڭ قەستىگە ئۇچراپ، ۋەتەن خەلقنىڭ ھۆرلۈك ئازاتلىقى يولىدا باتۇرلارچە قۇربان بولغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. ئابدۇقادىر داموللىنىڭ ۋاپاتىدىن كىيىن ئەزگۈچى كۈچلەرنىڭ زۇلمىغا قارشى ئەمگەكچى خەلق ئويغۇنۇپ،ئۇستاز ئابدۇقادىر داموللىنىڭ:«ئويغۇنۇش،ئويغۇنۇش، يەنە ئويغۇنۇش. ئىتتىپاقلىشىش،ئىتتىپاقلىشىش يەنە ئىتتىپاقلىشىش.»دېگەن شۇئارىغا ۋارىسلىق قىلىپ، فىۋدال خۇراپى كۈچلەر ۋە چەتئەل ئەجنەبىلەرنىڭ قۇترىشىغا قارشى تۇرۇپ، يېڭى تاڭنى كۈتۈۋىلىش ئۈچۈن مەدىھيە ئوقۇلغان.
دراممىدا ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئوقىغان نەزمىسى:
ھاۋادا ئەيلىسە جەۋلان جاھاندا ئۆزىگە مىللەتلەر،
نادانلىق غارىدا بىھۇش مېنىڭ قەۋمى-قېرىنداشلىرىم.
يۈرەكتە ئاھۇ-پەريادى غېمى بىچارە خەلقىمنىڭ،
تۈمەن بىرلە قىزىل دەريا قىيانىدۇر مېنىڭ ياشىم.
خالاس بولغان كۈنى خەلقىم،ئەسىرلىك دەردۇ-كۈلپەتتىن،
ئۆسۈپ قەددىم ئېشىپ كەتكەي، بۈيۈك خانتەڭرىدىن باشىم.
قۇتلۇق شەۋقى شىئېرىدىن پارچە:-ئويغان
(بۇ شىئېر دراممىغا كىرگۈزۈلگەن.)
قېرىنداشلار تۇر ئەمدى،
پۈتۈن جاھان ئويغاندى.
قۇتۇلۇش ئۈچۈن قۇللۇقتىن،
مەردۇ-مەردان ئويغاندى.
پۈتۈن ئىنسان ئويغاندى،
مەردۇ-مەردان ئويغاندى.
جانۇ-جاھان ئويغاندى،
يەرۇ-ئاسمان ئويغاندى.
بۇ درامما بەك ياخشى يېزىلغان بولۇپ، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 20-يىللاردىكى ئەكسىيەتچى زالىملارنىڭ زۇلمىغا قارشى خەلقنى ئويغۇنۇشقا دەۋەت قىلغان.
يازغۇچى-ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى
2012-يىلى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى يېزىلدى. قەشقەر
سۈرەتلەرنىڭ مەنبەسى _ مەزكۈر مۇنبەردىكى ئەزا شەۋقىي تەمىنلىگەن ( قۇتلۇق ھاجى شەۋقىينىڭ پەينەۋرىسى )