«كۈچ بەردى»گە
مەقسۇت ئەمىن ئەركيار
(ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىدىكى يېڭى ئىنكاس سۆزى «كۈچ بەردى»گە)
تىل-مۇھەببەت،تىل-غۇرۇر،تارىخىمىز سايىسى،
ئۇيغۇرتىلى سۈيۈملۈك، تەپەككۇرنىڭ چانىسى.
شۇ چانىدا كېزىڭچۇ! ھېكمەت ئىچى-خانىسى،
قىزغانچۇقمۇ سۈتىدىن «كۈچ يېگەن»لەر ئانىسى.
پورلاشتىمۇ ئانا تىل،شورلاشتىمۇ ئانا تىل،
ئالتۇن بىلسەم قەدرىنى زەرگەرلىرى تۇچ بەردى.
ماختىيالماي كېكەچلەپ،نەدىندۇر بىر كام ئەقىل،
غىدىقىمنى كەلتۈرۈپ تولا دەيدۇ«كۈچ بەردى».
قوزا ئۇرغان رەھىمسىز،قوزا سويغان«كەسپى شۇ»،
«بەرگەن»بولسا رەھمەت دەپ بەرگەن كۈچنى ئەپقېلىڭ.
بار زەھەرنى يېيىتماڭ،ئېغىزلارغا تېمىتماڭ،
مادا بولماي مودا دەپ، مەنچە بولسا قەپقېلىڭ!
ئىزاھ:
كۈچ بەردى ___خەنزۇچىدە مودا بولغان给力دېگەن سۆزنى دېمەكچى.