ھاياتلىقنىڭ ئۇ تەرىپى
بىرەر جاي بارمۇ مەن قېنىپ يىغلىۋالغۇدەك، چۈنكى ھەممە يەردە، قىسىلدى نەپەسلىرىم، بۇغۇلدى تىنىقلىرىم، چاڭقىدى ھىسلىرىم ، يىتىرقىدى تۇيغۇلىرىم مىڭ -مىڭ . ماڭا سالغان بۇ ئازاپنى، ئىخ، ئىگەم سالمىغىن مەندىن ئۆزگىگە. چۈنكى ئازاپنىڭ قەرىدە سۇنغىنى ، ئۈزۈڭ بەرگەن رىزىقلىرىڭ.
(1) ھەر كۈنۈم ئالدىراشچىلىق ئىچىدە ئۈتۈپ كىتىۋاتقان بولغاچقىمۇ،چارچاپ كىتىپ بارغىنىمنى بىر ئۈزۈم سىزىپ تۇراتتىم .ھاياتتىكى كۆڭۈلسىزلىك ۋە ئارقا- ئارقىدىن كەلگەن بەخىتسىزلىكلەرنى ئۈنتۇش،تۇرمۇشقا قايتىدىن كىرىش ئۈچۈن ئۆزۈمنى زورىغا ئىشقا بېسىپ كىلىۋاتاتقىنىم ماڭا ھەم زۇرۇرلۈك ئىدى .ئۆزۈم قىلالغۇدەك ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىپ بېقىش ئۈچۈن ماڭا نۇرغۇن چىدام غەيرەت كىرەك بولغىنى بىلىنىپلا تۇرىدۇ. بىرسى ماڭا« سەن بىر نەرسە يازىمەن دىسەڭ كۆپ ئۇقۇ،كۆپ كۈزەتكىن ،ساڭا ھەممىدىن كۆزۈڭ بىلەن كۆرۇشتىن ئارتۇق يوق .كەچكىچە ئويگە بېكىنىۋالمىغىن ،سەھەردە تۇرۇپ ئەتتىگەنلىك قايناق بازارلارنى ئارىلىغىن ،ئادەم سىرىتلارغا چۇقۇم نەرسە كىرەك سېتىۋېلىش ۋە ساياھەت قىلىپ كۆرمىگەننى كۆرۈش ئۈچۈنلا چقماسلىقى كېرەك.ساڭا تەسىر قىلغان بىرە ئىش بىرە ئادەمنى يازغىن ،ئۇنىڭدىن خاتىرە قالدۇر،بەلكىم شۇ خاتىرەك كىيىنچە بىر نادىر ئەسەر بۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن »دىگەن ئىدى . مەن ئۇنىڭ ئېيتقىنىدەك پەقەت يېزىقچىلىق ئۈچۈنلا ئەمەس ،بەلكى مىنى بۇغۇپ تۇرغان مۇدىھىش خىياللاردىن بىردەم بولسىمۇ قۇتۇلۇش ئۈچۈن شۇكىشىنىڭ دىگىنى بۇيىچە ھەر كۈنى سەھەردە ،ئەتتىەننلىك بازارلارنى ئارىلاشنى ئۆزۈمگە ئادەت قىلىۋالدىم .بەزى كۈنلىرى مەن يىغلاپ قايتاتتىم ،بەزى كۈنلىرى قەلبىم چەكسىز ئاراملىققا كىلىپ قالدى .ماڭا بەكرەك تەسىر قىلدىغىنى ،20ياش بىلەن 25 ياشلار ئارىسىدىكى ئۇغۇللارنىڭ تۈرلۈك تىجارەت قىلىۋاتقان تۇرقى بولدى. -كىلىڭلار،ئېلىڭلار بەش يۈەنگە ئۈچ جۈپ پايپاق .... -ياممان تاتلىق قۇغۇن بۇ،بىر تىلىمى ئىككى يۈئەن .. -بۇ كورلىنىڭ نەشپۈتى كىلوسى ئون يۈئەن ،تېخى ئاخشاملا 13يۇئەن ئىدى ...ئەرزان بۇلۇپ كەتتى ...... مۇشۇ ۋاقىراشلارنى ئاڭلاۋاتقىنىمدا كۆزلىرىمگە ياش كىلىپ كىتەتتى.تېخى ئەمدىلا 6.7 ياشلاردىكى بالىلارنىڭ پىشقان تىجارەتچىدەك ئاشخانىمۇ ئاشخانا ،ھەتتا كەچلىك بازارلاردا يۈرۈپ قول سۈرتىدىغان قەغەز سېتىشلىرى ...... يۈرىگىم شۇنچىلىك ئىزىلىپ كىتەتتى .ئاشخانىدا تاماق يەپ ئولتۇرساق ،20لەرنىڭ قارىسىنى ئالغان ئۇغۇللارنىڭ پەتنۈسقا تاۋۇز قۇغۇننى تىزىپ ئاشخانىمۇ –ئاشخانا كۆتۈرۈپ سېتىشلىرى...... بەلكىم ئەقىللىق ئۇقۇرمەن بۇ قۇرلارنى ئۈقۇۋاتقاندا نارازىلىق ئىچىدە مۇدھىشلاندى ،سىزىپ تۇرىۋاتىمەن .
ئەمدىلا13ياشقا كىرگەن ۋاختىم بولسا كېرەك ئۈرۈمچىگەرەھمەتلىك ئانامنى داۋالىتىش ئۈچۈن كەلگەنىدۇق .مەن بالىلارنىڭ كىچىگى بولغاچقا ھەم تەتىل بولغاچقا بىرگە ئەگىشىپ كەلگەنىدىم .شۇ كۈنى كوچا ئاپتۇۋۇزىغا ئولتۇرۇپ ،2- دوختۇرخانىغا مېڭىش سەپىرىدە رەھمەتلىك ئانامنىڭ چاپىنىنىڭ يانجۇقىنى، 22 ياشلار چاممىسىدىكى بىر ئۇيغۇر بالىنىڭ كىسىىپ ئىچىدىكى پۇلنى ئالماقچى بولغىنى كۆرۈپ ۋاقىراپ تاشلىغان ئىدىم .ئوغرى نىيىتىگە يىتەلمىدى ،ئەمما قۇلىدىكى پىچىقىنى رەھمەتلىك ئانامغا تىرەپ ،تاكى بىز چۈشۈپ كەتكىچە تۇردى،بىچارە ئانامنىڭ چىرايىدا قان دىدارىمۇ قالمىغان شۇ ھالىتىنى ۋە ئابتۇبۇستىن چۈشۈپلا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى پەقەتلا ئۇنتىيالمايمەن . شۇ ئاپتۇبۇستا نۇرغۇن ئەركىشىلەرمۇ بار ئىدى،ھەتتا ماشىنا شوپىرىمۇ بىرە ئېغىز ئىپادە بىلدۈرمىگەنىدى.ھېچكىممۇ ئارلاشمىدى،بىرەر ئەركەكمۇ ئۇنى تۇتۇپ ساقچىغا ئاپىرىپ بىرىش ئۈچۈن ئۇرۇنمىدى ...كاللامدىكى بۇ تۈگۈن مىنى شۇنچىلىك قايمۇقتۇرۇپ تۇرغىنىدا ،ئاكامنىڭ «شۈكرى ئانامنى ساق قويغىنىغا،پۇلنى ئالسىمۇ مەيلىتتى ئانا،ئايىشە نېمىشقا ۋاقىرىغاندۇ »دىگىنى تېخىمۇ كاللالمدىن ئۆتمىدى .كىيىن ئۇقۇشقا ماڭغاندىمۇ ،چوڭ ئاچام پۇللارنى ئىچ كىيىمىمگە، كىچىك يانجۇق قىلىپ سېلىپ تىكىپ قويغانىدى .دادام رەھمەتلىكمۇ بازالارغا ئاز چىقىڭ قىزىم ،يوللاردا يالغۇز ماڭماڭ،بىرەرسى سومكىڭىزنى ئەپ قاچسا كەينىدىن قوغلىماڭ دەپ ھەر خېتىدە ئەسكەرتىپ تۇراتتى . ئىسىت قانداق كۈنلەر بولغىيدى شۇ كۈنلەر،قانداق بالىلار بولغىيدى شۇبالىلار،قانداق نەرسە يەپ چوڭ بولغان بولغىيدى شۇنچىلىك قاپ يۈرەك بۇلۇپ كەتكىدەك......يەنە شۇ ئۈرۈمچى ،يەنە شۇ ئاپتۇبۇسلار ،،،ئەمما ھازىر مەن بۇ يەردە تۇرىۋاتقىلىمۇ بىر يىلدىن ئېشىپتۇ بىرەر ئۇغۇللارنىڭ ئوغرىلىق قىلغىنىنى،پىچاق ئېسىپ پوخورلىق قىلغىنىنى كۆرمىدىم .كۆرىۋاتقىنىم بايىقى ھالەتلەر..... بۇ نېمىنىڭ ئالامىتى ؟ئەلبەتتە ھەممىمز بۇنىڭغا ئىشەنمەي تۇرالمايمىز،يوقمۇ ئەمەستۇر ئاز ساندا ئاچامدىن ئاڭلاپ تۇرىمەن ،تىلفۇن ئوغۇرلاپتۇ ،قىزلارنىڭ پۇلىنى ئالداپ قېچىپتۇ دىگەندەك ،ياكى ئوغۇرلارنىڭمۇ سەۋىيىسى ئۈسۈپ ،تاكتىكىلىرى ئۆزگىرىپ كەتتىمۇ ؟ ئەمما شۇنى كۆرۈپ تۇرىۋاتىمەن ،يىگىتلىرىمىز دە ئىنساپ پەيدابوپتۇ،جاپا تارتسىمۇ ھالا پۇل تېپىشنىڭ يوللىرىنى بىلىپ يىتىپتۇ.نېمىنىڭ ياخشى يامانلىقىنى كۆرەلەيدىغان كۆز پەيدا بوپتۇ. شۇلارنى ئويلىغىنىمدا خۇشاللىققا چۈمۈپ كىتىمەن . ئەمما شۇ موچەن ئۈچۈن پىژغىرىم ئىسسىق ،تاڭ تاڭ سۇغۇقتا ئۇنى –بۇنى سېتىپ ئولتۇرىۋاتقان يىگىتلىرىمىزنى ھەر كۆرگىنىمدە ،يىغا ئىچىمنى نېمىشقا ئۆرتەيدۇ؟بىلىشلىكى شۇكى مېنى قىيناۋاتقىنى مەندىكى چوڭچىلىق،مەندىكى ھېچ ئوڭشىلىپ بۇلالمايۋاتقان بەتخەجلىك.ئۇلار موچەن ئۈچۈن سىرىتلاردا جاپا چىكىپ يۈرىۋاتىدۇ،مەن ھۇكۈمەتتىن ھەر ئايدا چىقىۋاتقان مۇئاشىمنى پەخىرلىنىش ئىچىدە خەجلەۋاتىمەن.تاتلىق يەۋاتىمەن ،ئىسىل كىيىنىۋاتىمەن ،مىنىڭ كۆزۈمگە يۈز،ئىككى يۈزلەر چوڭ كۆرۈنمەيدۇ.ئولتۇرۇش چايلار ئۈچۈن،سەيلى ساياھەت ئۈچۈن،ئۆيلىرىمنى بىزەش ئۈچۈن ،باللىرىمغا ئۇششاق- چۈشەك يىمەكلىك ۋە ئۇيۇنچۇقلارنى ئېلىپ بىرىش ئۈچۈن ئايىماي خەجلەيمەن ،تالاللا بازىرىغا كىرسەم سانىماي،ئويلىماي،كۆزۈمگە كۆرۈنگەننى ئېلىپ كارتامنى ئايىماي سىيرىپ بىرىپ كىتىپ بارىمەن .چارچىغان چاغلىرىمدا ھورداققا چۈشۈپ،يۈزۈمنى يۇيغۇزۇپ،چېچىمنى ئاسراپ...... ئىشقىلىپ مەن شۇنچىلىك بەخىتلىك ئىكەنمەنكى ھازىر كەچۈرىۋاتقان بۇ تۇرمۇش ھەرگىز يوق بۇلۇپ كەتمىسۇن ... ناۋادا شۇنداقلا بۇلۇپ قالسا،قانداق ياشاش ئۈچۈن مەن تىرىشىشنى،جاپا چىكىشنى ھەم مېڭىشنىمۇ بىلمىگىنىم ئۈچۈن چۇقۇم ئۈلۈپ قالىمەن.....ئاھ يىغام..ئاھ مېنى ئورتەۋاتقان بۇ ھايات،مېنى سەگىتىۋاتقان شۇ ئۇلۇغ كۈچ.....ئاھ! يوقلىقتىن بارلىققا قاراپ،مېنى يىتىلەشكە قوللىرىنى سۇزۇپ تۇرغان شۇ شۇ چەكسىزلىك..... يۈرىگىم مانا مۇشۇ تاپتا ھەقىقى يىغلاۋاتىدۇ،بىرىنجى قېتىم رەھمەتلىك دادام ئۇنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ھىس قىلدۇرغان شۇ كۈنى ،ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشقان شۇ كۈنى مەن مۇشۇنداق يىغلىغان ئىدىم .ئۇنتۇپ قالغىنىم ،ئۇنىڭغا ئاسىي بولغىنىم ،راھەت پاراغەتلىك تۇرمۇشقا چوڭقۇر سىڭىپ كەتكىنىم...نىچۈن ئۇنىمۇ شۇنچە تىز قەلبىمدىن يۇقاتقىنى....ئاھ ! بۇنىڭ ئۈچۈن قانداق قىلىشىم كېرەك.ھەممىنى قايتىدىن باشلىماق قىيىندۇر .ئەمما ئۇنى يەنە سىزەلىگىنىم ،قايتا كۆرۈشەلىگىنىم يەنە ئۇنى تاشلىۋېتىشىمدىن دىرەك بەرمەيدۇ.چۈنكى ئۇ چاغدا مەن تۇلىمۇ ساددا ئىدىم ،كىچىك ئىدىم ،بىلمەيتتىم ،كۆرمىگەن ئىدىم .ھازىر چوڭ بولدۇم ،بىلدىم ،كۆردۈم..ھەم كۆرۈۋاتىمەن بىلىۋاتىمەن ..........
داۋامى ئىنكاستا داۋاملىق يېزىلىدۇ . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا zvmrat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-31 09:05 AM
تولۇقلىما مەزمۇن (2012-7-31 03:20 PM):
مەن يازغان خاتىرىلەر
|