مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1961|ئىنكاس: 0

مىللىي ئارمىيەنىڭ ئونسۇدىكى جەڭگىۋار تارىخىي ئىزلىرى  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64986
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3226
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 58 سائەت
تىزىم: 2011-11-14
ئاخىرقى: 2015-1-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 03:24:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مىللىي ئارمىيەنىڭ ئونسۇدىكى جەڭگىۋار تارىخىي ئىزلىرى


ئابدۇللا ئېلى بەگزاد

1944-يىلى كۈزدە، شىنجاڭنىڭ ئىلى، تارباغاتاي، ئالتاي ۋىلايەتلىرىدىكى ئاز سانلىق مىللەت خەلقىنىڭ شېڭ شىسەي، گومىنداڭنىڭ ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلىقىغا ۋە جاھانگىرلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تۇرۇپ، مىللىي ئازادلىقنى ۋە دېمۇكىراتىيەنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان كەڭ كۈلەملىك قوراللىق كۈرەش- ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى پارتلىدى. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ئۈچ ۋىلايەت دائىرىسىدە گومىنداڭنىڭ ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، جاھانگىرلارنىڭ كۈچلىرىنى قوغلاپ چىقىرىپ، 300مىڭ كۇۋادىرات كېلومىتىرغا يېقىن كېلىدىغان زېمىندا ئىنقىلابىي ھاكىمىيەت قۇردى ھەمدە 14 مىڭ كىشىلىك ھەربىي قوشۇن تەشكىل قىلدى. بۇلار كۈرەشنى پۈتۈن مەملىكەت ئازاد بولغىچە داۋاملاشتۇرۇپ، جۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى پۈتۈن مەملىكەت خەلقنىڭ دېمۇكىراتىك ئىنقىلابى  بىلەن بىرلىشىپ، شىنجاڭنىڭ تىنچ يول بىلەن ئازاد قىلىنىشىغا، خەلق دېمۇكىراتىك ئىنقىلابىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا غەلىبە قازىنىشىغا مۇھىم تۆھپە قوشتى. شۇڭا، ماۋزىدوڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى «پۈتۈن جۇڭگۇ خەلقىنىڭ دېمۇكىراتىك ئىنقىلابىي ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى» دەپ كۆرسەتتى.

ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ ئۇرۇش ئوتلىرى ئاقسۇغىمۇ تۇتاشقانىدى. ئاقسۇ- جەنۇبىي شىنجاڭدىكى مۇھىم ھەربىي بازا ۋە ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان مۇھىم رايۇن. ئۇ- ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان يېزا ئىگىلىك رايۇنى، شۇنداقلا ئۈرۈمچىدىن قەشقەرگە ۋە خوتەنگە بېرىشتا ئۆتمىسە بولمايدىغان مۇھىم جاي. ئۇنىڭ شىمال تەرىپىدە ھەيۋەتلىك تەڭرىتېغى بولۇپ، ئىلىغا تۇتىشىدىغان نۇرغۇن تاغ يوللىرى بار، ئۇنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدە دونياغا داڭلىق تەكلىماكان قۇملۇقى بار. غۇلجا قوزغىلىڭى پارتلىغاندىن كېيىن، گومىنداڭ دائىرىلىرى ئىلىدىكى ئىنقىلابىي كۈچلەرنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ رايۇنىغا سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بۇ جايدىكى ھەربىي كۈچلىرىنى كۈچەيتتى. ئەينى ۋاقىتتا جەنۇبىي شىنجاڭنى مۇداپىئە قىلىۋاتقانلار ئاتلىق ئەسكەرلەر 2-دىۋىزىيەسى بولۇپ، ئۇلار قاراشەھەردىن  ئاقسۇغىچە بولغان تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدىكى ئىلىغا تۇتىشىدىغان بارلىق تاغ ئېغىزلىرىنى كونترول قىلدى. مەزكۇر دىۋىزىيەنىڭ 4-پولكى كۇچانى، بۇ پولكنىڭ 3- باتالىيۇنى تەلەمەت داۋىنىنى، 1-باتالىيۇنى قېيىر تېغى ئېغىزىنى، 5-پولك ئاقسۇنى، مەزكۇر پولكنىڭ كۈچەيتىلگەن باتالىيۇنى ئاقسۇ كوناشەھەرنىڭ شىمالىدىكى مۇزارت داۋىنى (قۇرغان)نى ساقلاپ، مىللىي ئارمىيەنىڭ تەڭرىتاغ تىزمىلىرىدىكى ھەر قايسى داۋانلاردىن ئۆتۈپ ئاقسۇ ۋىلايىتىگە كىرىشىدىن قاتتىق مۇداپىئە كۆردى.

1945-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ھەيئىتى بىلەن مىللىي ئارمىيە باش قوماندانلىق شىتابى گومىنداڭنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئەسكىرىي كۈچىنى ئىسكەنجىگە ئېلىپ، ئوتتۇرا سەپتىكى ئۇرۇشنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاقسۇغا يۈرۈش قىلىش توغرىسىدا قارار چىقاردى.ئاقسۇغا يۈرۈش قىلىدىغان مىللىي ئارمىيە ئاتلىق ئەسكەرلەر ئەترىتىگە  سۇپاخۇن سۇۋۇرۇف ئەترەت باشلىقى، ئابدۇكېرىم ئابباسوف سىياسىي كومىسسار، پولكوۋنىك قاسىمجان قەمبىرى ھۆكۈمەت ۋەكىلى،  رازىيوف داموللا دىنىي ئىشلار مەسئۇلى، سۆۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي ئىشلار خادىمى ئىسكەندەر (ئەسلى ئىسمى ئىۋان ئىۋانوۋىچ ئىۋانوف) بىلەن زاكىر تۆرە (ئەسلى ئىسمى شوخپور) ھەربىي ئىشلار مەسلىھەتچىسى، مايۇر ھۈسەيىن غازى شىتاب باشلىقى بولدى.

1945-يىلى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى ئەتىگەن سۇپاخۇن سۇۋۇرۇف ئاتلىق پارتىزانلار ئەترىتىنى باشلاپ، غۇلجىدىن چىقىپ، ئىلى دەرياسىدىن كىمە بىلەن ئۆتۈپ،  7-ئاينىڭ 19-كۈنى تىكەس ناھىيە بازىرىغا كىرىپ ئورۇنلاشتى. 20-چىسلا زاكىر تۆرە، ئابدۇكېرىم ئابباسوف ۋە قاسىمجان قەمبىرى، دىنىي نازارەتتىن رازىيوف داموللا يېتىپ كەلدى.  23-كۈنى تىكەس ناھىيە بازىرىدىن يولغا چىقىپ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاقسۇغا يۈرۈش قىلىش سەپىرىگە ئاتلاندى. ئۇلار تىكەس دەرياسىدىن كېمە بىلەن ئۆتۈپ، چوڭ قوشتاي، كۆكتېرەك، چولاقتېرەك، سارتور يايلاقلىرىنى كېسىپ ئۆتتى. 7-ئاينىڭ 31-كۈنى قاراداۋان تۈۋىگە كېلىپ قوندى. تاڭ ئاتقاندا بۇلار بۇ ھالاكەت داۋىنىدىن مىڭ بىر مۇشەققەتتە ئۆتتى. ئۇلار قاراداۋان، ئاقداۋاندىن ئۆتۈپ، كۆل دېگەن يەردە قوندى. ئۇ يەردىن ئۆتۈپ بوز كېرىكى داۋىنىدا قوندى. بوز كېرىكى داۋىنى تەڭرىتاغلىرىنىڭ جەنۇبىي ئىشىكى بولۇپ، باي ناھىيىسىگە تەۋە يول ئېغىزى ئىدى. بۇ يەردە گومىنداڭ بىر يېرىم روتا قوشۇننى ئۈچ ئېغىزغا بۆلۈپ ئورۇنلاشتۇرغانىكەن. مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرى باتۇرلۇق ۋە پەم- پاراسەت ئىشلىتىپ، قېيىرنى ئىگىلىدى. قېيىر ئېغىزىدىكى بىرىنچى قېتىملىق ئۇرۇشتا گومىنداڭ قوشۇنىنى تويۇقسىز تارمار قىلىش، كۇچادىكى ئاتلىق 4-پولك، ئاقسۇدىكى ئاتلىق 5-پولكنىڭ ئەمەلدارلىرىنى ئالاقزادە قىلىۋەتتى. ئۇلار پۇتى كۆيگەن تۇخۇدەك بولۇپ قالدى. جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭ يوللىرىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ساراسىم ئىچىدە قالدى.

8-ئاينىڭ 8-كۈنى سۇپاخۇن سۇۋۇرۇف، ئابدۇكېرىم ئابباسوفلار ئاتلىق پارتىزانلار ئەترىتىنى باشلاپ ئۈچ يولغا بۆلۈنۈپ باي ناھىيە بازىرىغا ھۇجۇم قىلدى. تۆت سائەت كەسكىن جەڭ ئارقىلىق، ناھىيە بازىرىنى ئالدى. مىللىي ئارمىيەنىڭ تەڭرىتاغدىن ئۆتۈپ تەلەمەت داۋىنىنىڭ قېيىر ئېغىزىنى مۇداپىيە قىلىۋاتقان گومىنداڭ قوشۇنىنى تارمار قىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر باي ناھىيەسىگە يېتىپ كېلىشى بىلەن گومىنداڭ قوراللىق قىسمى ئاقسۇغا يۆتكىلىپ كەتتى.

باينى ئىشغال قىلىپ ، بىر ھەپتىدىن كېيىن غەلىبە تويى ئۆتكۈزۈلدى. ئارقىدىن چوڭ سايلام قىلىنىپ، ناھىيە ھاكىملىقىغا ئوسمان داموللام، مۇئاۋىن ھاكىملىقىغا ئىسمايىل قازى قاتارلىقلار سايلاندى.

تۈرلۈك پىكىر، مەسلىھەت ۋە مۇلاھىزىلەردىن كېيىن، ئاخىر باتالىيۇن رەھبەرلىرى غەربكە يۈرۈش قىلىش توغرىسىدا بىرلىككە كەلدى، بىرىنچى قېتىم تېگىش قىلىنىدىغان ھەربىي نوقتا- قۇرغان ئىستىھكامى قىلىپ بەلگىلەندى.

مىللىي ئارمىيە قۇشۇنلىرى قۇرغانغا يېتىپ بارغاندا تاڭ سۈزۈلۈشكە باشلىغان بولسىمۇ، ئەمما ھاۋانىڭ بۇلۇتلۇقى سەۋەبىدىن ئەتراپ بىر نەرسىنى پەرق قىلالمىغۇدەك دەرىجىدە قاراڭغۇ ئىدى. باتالىيۇن ئاخىر قۇرغانغا قارشىلىقسىز كېلىپ، بۇ يەردە ئالدىن يۈرەر ئىزۋۇت بىلەن مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا قۇشۇلدى. بۇ ئىزۋۇت سەل ئىلگىرى يېتىپ كېلىپ، قۇرغان دەرۋازىسى تەرەپنى ئۆز نازارىتى ئاستىغا ئېلىپ تۇراتتى. دۈشمەنلەر مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرىنىڭ مۇھاسىرىسىدە قالغانلىقلىرىنى بايقىغاندا، پاسسىپ ئورۇنغا چۆشۈپ قالغانلىقىنى بىلىپ، قاتتىق ئالاقزادىلەشتى. كېچىچە سىرتتا قالدۇرغان تەييار ئىگەرلىك ئاتلىرىنى سېپىل ئىچىگە ئەكىرىۋالالمىدى، دەرۋازىنى تاقىۋالالىغان بولسىمۇ، ئىچىدىن يۈلەپ، تام توسۇق قىلىۋىلىشقا ئۆلگۈرەلمىدى، سىرتتىكى پوتەي ۋە ئاكوپنى ھەش- پەش دېگۈچە قولدىن بېرىپ قويدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە قورغاننىڭ ئاقسۇدىكى پولك شىتابى بوزدۆڭدىكى خۇاڭ يادۈەن رۇتىسى، مۇزداۋاندىكى خاكى ۋىزۋوتى بىلەن بولىدىغان ئالاقىسىمۇ ئۈزۈپ تاشلانغانىدى. چۈنكى، ئالدىن يۈرەر ئىزۋۇت بۇ يەرگە كېلىشى بىلەنلا، سىم تاناپلارنى كېسىۋەتكەنىدى.  باتالىيۇن جەڭچىلىرى تەكشى يېيىلىپ، قورغان سېپىلى ئۆپچۆرىسىدە بىر تۇتاش چەمبىرەك شەكلىنى بارلىققا كەلتۈردى. بۇنىڭ بىلەن دۈشمەن قەپەسكە سۇلانغان قۇشتەك مۇستەھكەم مۇھاسىرە تېمى ئىچىدە قالدى.

ئاتلىق پارتىزانلار ئەترىتى بىر نەچچە كۈن جەڭ قىلىپمۇ قۇرغاننى ئىشغال قىلالمىدى. بۇ چاغدا ئاتلىق پارتىزانلار ئەترىتى گومىنداڭنىڭ كۇچادىن چىققان ياردەمچى قوشۇنىنىڭ باي ناھىيە بازىرىنى ئىگىلىۋالغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، قۇرغاننى ئىمكانقەدەر تېزلىكتە ئېلىپ، ئىلىنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈشنى قارار قىلدى. 19-كۈنى ئاتلىق پارتىزانلار ئەترىتى قۇرغاننى ئىگىلەپ 100 دىن ئارتۇق دۈشمەننى ئەسىرگە ئالدى. 170تال مىلتىق، 18 دانە يېنىك ۋە ئېغىر تىپتىكى پىلىمۇت، 5 دانە گراناتاميوت، 210 ئات غەنىيمەت ئالدى.  بۇنىڭ بىلەن ئىلىدىن ئاقسۇغىچە بولغان يول ئېچىلدى.

8-ئاينىڭ19-كۈنىدىن 25-كۈنىگىچە سۇپاخۇن سۇۋۇرۇف باشچىلىقىدىكى مىللىي ئارمىيەنىڭ جەنۇبقا يۈرۈش قىلىش ئارمىيەسىنىڭ رەھبەرلىرى ئاتلىق پارتىزانلار ئەترىتىنى قايتىدىن تەشكىللەپ مۇنتىزىملاشتۇردى. ئۈچ ئىزۋوتنى بىر روتا قىلىپ تەشكىللىدى. جەمئى ئۈچ ئاتلىق روتا، بىر پىلىموتچىلار روتىسى تەشكىل قىلىندى. ھەر بىر ئىزۋوت، روتالارنىڭ كوماندىرلىرى يېڭىدىن تەيىنلەندى.

ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى بىلەن پارتىزان قوشۇنىنىڭ ئەترەت باشلىقلىرى چوڭ يىغىن ئېچىپ، ئاقسۇغا يۈرۈش قىلىش قارارىغا كەلدى. 1945-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى ئاقسۇغا يۈرۈش باشلاندى.  مىللىي ئارمىيە قورغاننىڭ كۈنپېتىش تەرىپىگە بۇرۇلۇپ مېڭىپ، شۇ كۈنى تىكەنقۇدۇقتا، 29-كۈنى تۇزئاۋاتنىڭ قېچى دېگەن يېرىدە قوندى. 30-كۈنى تاڭ سەھەردە مېڭىپ، كۈن قىزىغاندا جامغا باردى.

جامدىكى خەلق مىللىي ئارمىيەنى يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە تىزىلىپ يىغا- زار بىلەن قارشى ئالدى. بەزىلىرى جەڭچىلەرنىڭ پەشلىرىگە، ئاتلىرىغا ئېسىلىپ يۈز- كۆزلىرىگە سۈرتسە، بەزىلىرى تۇخۇم، قېتىق، قوغۇن- تاۋۇز، نان- تۇغاچ قاتارلىق ھەر خىل نەرسىلەر بىلەن ئۇلارنى كۈتتى. جامدىن چىقىپ تازلەڭگىرىنى بېسىپ ئۆتۈپ، كوناشەھەرنىڭ ئۈستىدىكى ياربېشى(ھازىرقى ئايرۇدۇرۇم ئەتراپى)غا يېتىپ باردى. دۈشمەنلەر ياربېشىدا مۇداپىيە قىلىپ تۇرغان ئىكەن. بۇ يەردىكى پايانسىز كەڭ قەبرىستانلىقتا 5-ئاتلىقلار پولكىنىڭ پىلىموت ۋە ھەر خىل قوراللار بىلەن قوراللانغان بەش رۇتا ئەسكىرى تەكشى تارقالغانىدى. قېلىن تام  بىلەن يۇغان ۋە ئىگىز قىلىپ ياسالغان كەپتەرخانا گۈمبىزى ئۆزىگە ئىككى ئىزۋۇت ئەسكەرنى سىغدۇرۇپ كېتەلەيتى.

مىناميۇت بىلەن ئارقىمۇ ئارقا ئىككى پاي ئوق ئېتىلىپ، گۈمبەزنىڭ بىر تەرىپى بۆسۈپ تاشلاندى، دۈشمەن پىلىموتچىكى تام ئاستىدا بېسىلىپ قالغانىدى. جەڭچىلەر ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، 5-ئاتلىقلار پولكىنىڭ يار بېشى قەبرىستانلىقىدىكى بۇ ئىشەنچىلىك كىچىك قۇرغىنىنى دۈشمەن تاپىنىدىن پاك- پاكىز تازىلىدى. بۇنىڭ بىلەن ئومۇمىي ھۇجۇم باشلىنىپ كەتتى. ئاخىر دۈشمەن 50چە ئۈلۈكىنى قالدۇرۇپ، 20 نەچچە يارىدارىنى ئەكىتىشكە پېتىنالماي تاشلاپ قويۇپ، يېڭىشەھەرگە، ئۆزلىرىنىڭ 5-ئاتلىق پولكىدىكى  كونا ئۇۋىسىغا قاراپ قاچتى. سۇپاخۇن سۇۋۇرۇف دۈشمەنگە قوغلاپ زەربە بەرگۈچى جەڭچىلەر  بىلەن بىللە يار بېشىدىن توپتۇغرا يېڭىشەھەرگە كەتكەنىدى. ئابدۇكېرىم ئابباسوف بىلەن قاسىمجان قەمبىرى بىر ئوتدىلىنىيە جەڭچىنىڭ مۇھاپىزىتى ئاسىتىدا يار بېشىدىن تۆۋەنلەپ، تەنتەنىلىك ھالدا كونىشەھەر كوچىسىغا كىردى. خەلق ئۆز جەڭچىلىرىنى كۆرۈشكە تەشنا ئىدى. سىىياسىي كومىسسارلار ئاتتىن چۈشۈپ پىيادە ماڭغانلىقلىرىغا قارىماي، خەلقنىڭ تەنتەنە شاۋقۇنلىرى ئىچىدە يار بېشىدىن ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئىدارىسىغىچە بولغان ئۇزۇن ئارىلىقنى بىردەمدىلا بېسىپ بولغاندەك بولدى. ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئىدارىسى ئادەم دېڭىزىغا ئايلاندى.

كوناشەھەرگە كېلىپلا سىياسىي كومىسسارلارنىڭ بۇيرۇغى بىلەن ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسى ۋە ناھىيەلىك ئەدلىيە مەھكىمىسىدىكى مەھبۇسلار قويۇپ بېرىلدى. بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ كۆپچىلىكى گومىنداڭنىڭ ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى چىقىش، ھاشارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالماسلىق، ئالۋان- ياساق تۆلىيەلمەسلىك، بالىلىرىنى مەجبۇرىي ئەسكەرلىكتىن قاچۇرۇش، ھەربىيلەرگە ئات بېرىشتىن باش تارتىش، باج تۆلىيەلمەسلىك، بەگ، مەنسەبدار ۋە زىمىندارلار بىلەن تاكاللىشىپ قويۇش، بازار ۋە يېزا باشلىقلىرىغا يېنىش، ئېلىمدارلارنىڭ قەرزىنى ۋاقتىدا قايتۇرالماسلىق، باج تاپشۇرالماسلىق سەۋەبلىرى بىلەن قامالغان بىگۇناھ كىشىلەر ئىدى.

ئەتىسى بامدات نامىزىدىن كېيىن، 26 ئەزىمەتلەرنىڭ مېيىتى دەپنە قىلىندى. بۇلاردىن 22 سى يار بېشىدىكى ئۇرۇشتا قازا تاپقان، تۆت نەپىرى ماجەنساڭنىڭ ئاشخانىسى ئالدىدا گومىنداڭ ساقچى- ئوفېتسىرلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلەر بولۇپ، ئۇلار بىر- بىرىگە يانداش، قاتارمۇ قاتار كولانغان 26 يەرلىككە چوڭقۇر قايغۇ ئىچىدە قويۇلدى.

9-ئاينىڭ 3-كۈنى رۇزى ھېيت ئىدى. ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى پولك كوماندىرلىرى جامائەت  بىلەن ناماز ئوقۇدى. قالغانلار قوراللىق ناماز ئوقۇدى. خەلق نامازدىن يېنىپ تارقاشماستىن نېمە خەۋەر باركىن دەپ مەسچىت سەيناسىدا ھۆكۈمەت ۋەكىللىرىنىڭ سۆز قىلىشنى كۆتۈشۈپ تۇردى. ئابدۇكېرىم ئابباسوف سۆز باشلىدى:

-زالىم شىڭ شىسەي ئۇزاق يىللار خەلقىمىز ئۈستىدىن يۇشۇرۇن ۋە ئاشكارا فاشىستلىق- زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى يۈرگۈزدى. خەلقىمىز ئىچىدىكى ۋەتەنپەرۋەر زاتلار، ئۆلىمالار، زىيالىلارنى يۈزلەپ، مىڭلاپ تۈرمىلەرگە تاشلىدى. ئۇلارنى ۋەھشىلەرچە ئۆلتۈرۈپ قانلىق جىنايەتلەرنى سادىر قىلدى. گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى كەلگەندىن كېيىنمۇ يۈكلەنگەن ئالۋان- ياساقلار قاتلاممۇ قاتلام ئېغىرلاشتى. خەلقىمىز ئېغىر زۇلمەتتە قالدى، مال- مۈلكىدىن ھەتتا ئېزىز جانلىرىدىن ئايرىلدى. مانا بۈگۈن ھەممىمىز خۇشال- خۇرام ھېيت ئۆتكۈزۈۋاتىمىز. بۈگۈندىن باشلاپ ئاقسۇ كوناشەھەر سىلەرنىڭ بولدى. قېرىنداشلار، ھېيتڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! ھېيتتىن كېيىن ئاقسۇ يېڭىشەھىرىمۇ سىلەرنىڭ بولىدۇ. ساڭدىكى ئاشلىقلارمۇ سىلەرنىڭ!

خەلق توپىنىڭ «ھوررا!...» ساداسى ئۇزاققىچە داۋام قىلىپ، مەيداننى ياڭراتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن قاسىمجان قەمبىرى، رازىيوف داموللىلارمۇ سۆز قىلدى.

كونىشەھەرگە شېرىپ قارىھاجىم ھاكىم بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن ناھىيەنىڭ ھەر قايسى ئىدارىلىرىنىڭ باشلىقلىرى سايلاپ چىقىلدى.

9-ئاينىڭ 7-كۈنى مىللىي ئارمىيە ئاقسۇ ناھىيە بازىرىنى قورشىۋالدى. ئەتىسى شەھەرگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قوزغىدى. گومىنداڭنىڭ شۇ يەرنى ساقلاۋاتقان ئاتلىق ئەسكەرلەر 5-پولكى جان تىكىپ قارشىلىق كۆرسەتتى ھەمدە ئۇيغۇر شائىرى لۇتپۇللا مۇتەللىپ باشچىلىقىدىكى ئىلغار تەشكىلات «ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى»نىڭ 28 ئەزاسىنى قەتلى قىلدى.

9-ئاينىڭ 12-كۈنى سەھەردە ئاقسۇ يېڭىشەھەردىكى ئاتلىق 5-پولك ئۇچتۇرپاندىن ياردەمگە كەلگەن 300دەك ئەسكەر بىلەن بىرلىشىپ مىللىي ئارمىيەگە ھۇجۇم قىلدى. مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرىنىڭ تۇرغان ئورنى قولايلىق بولغاچقا، دۈشمەننىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇرۇپ، 1-سەپتىكىلىرىنىڭ ئەدىبىنى بەردى. 2-سەپ كەلگەندە، «ئاتماڭلار، قورال تاپشۇرىمىز» دەپ مىلتىقلىرىنى تەتۈر تۇتۇپ مىللىي ئارمىيە تەرەپكە يېقىنلاپ كەلدى. بىر قىسىم تەجرىبىلىك جەڭچىلەر ئېتىشنى باشلىغاندا، كوماندىرلار ئۇرۇشتا تەجرىبىسىزلىكتىن، دۈشمەنلەرنىڭ قورال تاپشۇرىمىز دېگەن سۆزىگە ئىشىنىپ كېتىپ جەڭچىلەرگە «ئاتماڭلار» دەپ ۋارقىرىدى. بەزى قورالسىز يولداشلار دۈشمەننىڭ ئالدىغا «قورالنى بەر» دەپ يۈگۈرۈشتى. گومىنداڭ ئەسكەرلىرى يېقىن كېلىۋىتىپ مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرىنى بىراقلا ئوققا تۇتۇپ مۇداپىئە ئورنىدىن قوزغىۋەتتى. بەزى يەردە قۇچاقلاشما جەڭ باشلاندى. پىدائىي جەڭچىلەردىن نەچچە ئونى قۇربان بولدى. بۇ جەنۇبىي يۈنىلىش ئارمىيەسى ئۈچۈن باي، ئاقسۇ كوناشەھەر ۋە ئاقسۇ يېڭىشەھەر ناھىيەلىرىگە كېلىپ، 20 نەچچە كۈن ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان بىر قاتار ئۇرۇشلار ئىچىدە ئەڭ پاجىئەلىك مەغلۇبىيەتلىك ۋە ئېغىر ئېچىنىشلىق ئۇرۇش بولۇپ قالدى.  مىللىي ئارمىيە جىددىي پەيتنى قولدىن بېرىپ قويۇپ، ئىلاجىسىز چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى.

مىللىي ئارمىيە تازلەڭگەرگە بېرىپ پارتىزانلارنىڭ ئالدى- كەينىنى يېغىپ، ئاقسۇ كوناشەھەرگە قايتىپ كىرگەندە گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى مىللىي ئارمىيەگە ئاقسۇدىن پىدائىي بولۇپ قۇشۇلغان بىگۇناھ خەلقتىن بولۇپ  بەش- ئالتە كىشىنى ئۆلتۈرىۋىتىپتۇ. قۇربان بولغانلار دەپنە قىلىندى. بۇ قېتىمقى چېكىنىشنىڭ جەڭچىلەر ۋە خەلق ئىچىدىكى تەسىرى ئىنتايىن يامان بولدى.

ئاقسۇدا يەنە ئىككى كۈن تۇرۇپ ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى جىددىي كېڭەشتى. ئاخىرى كۈچ ئاز، ياردەمچى قوشۇن يېتىپ كەلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا قۇرغانغا قايتىپ، مۇداپىئەنى كۈچەيتىپ، گومىنداڭ قوشۇنلىرىنىڭ قورغاننى قايتا ئىگىلەپ، مىللىي ئارمىيەنىڭ ئارقا سەپ يولىنى ئۈزۈپ قويۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ۋاقىتلىق قۇرغانغا چېكىنىش قارار قىلىندى.

كوناشەھەردە مىللىي ئارمىيە يارىدارلىرى بولۇپ، ئۇلارنى تىنچ ئارقا سەپكە، بوزدۆڭ ياكى قۇرغانغا يۆتكەپ تۇرۇشقا توغرا كېلەتتى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە كوناشەھەر ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسىدا جەنۇبىي يۈنىلىش پولكىنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن قامالغان ئون نەچچە كىشىنىڭ مەسىلىسىنى تېز بىر تەرەپ قىلىۋېتىشكە توغرا كېلەتتى. بىراق، ئۇچتۇرپان باتالىيۇنىنىڭ 5-ئاتلىقلار پولكى بىلەن بىرلىكتە ئىز قوغلىشىپ، كوناشەھەرگە ھۇجۇم قىلىپ كىرىشى نەتىجىسىدە شىتاب رەھبەرلىرىگە بۇ ئىشنى بىر تەرەپ قىلىۋىتىشكە ئىمكان بولمىدى. راشىدىنجان باتالىيۇنى ئاران دېگەندە مىللىي ئارمىيەنىڭ يارىدارلىرىدىن ئات مىنەلىگۈدەك يېنىكلىرىنى ئەكىتەلىدى. ئېغىر يارىدارلىرىنى ئەكىتىشكە ئىمكان بولماي قالدى. بۇنىڭ ئاقىۋىتىدە، گومىنداڭچىلار كوناشەھەر ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ قاماقخانىسىنى ھەممىدىن بالدۇر ئىگىلەپ، پىدائىي بولۇش ئارزۇسىدىكى كىشىلەرنى ھايالسىز ئېتىپ تاشلىدى، ئۆز ئىشپىيۇنلىرىنى قۇتقۇزۇپ، ئىززەت- ھۆرمەت بىلەن يېڭىشەھەرگە ئەكەتتى. ئۇلار مىللىي ئارمىيەنىڭ قالدۇرۇپ قويغان يارىدارلىرىنى ۋەھشىلەرچە خورلاپ، ئېتىپ ئۆلتۈردى، چېپىپ ئۆلتۈردى.

مىللىي ئارمىيە تازلەڭگىرىگە چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن،  تاز لەڭگىرىدە گومىنداڭ قوشۇنلىرىدا قاتتىق جەڭ قىلدى. ئاخىرى كوچا پولكىنىڭ باتالىيۇن ۋە روتىلىرى 60 چە ئۆلۈك، ئەللىككە يېقىن يارىدارلىرىنى تاشلاپ پەرىشانلىق بىلەن چېكىنىشكە باشلىدى. مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرى قوغلاشنى داۋام قىلدى.

5-ئاتلىقلار پولكى بىلەن ئۇچتۇرپان باتالىيۇنى راشىدىنجان باتالىيۇنىنىڭ كەينىدىن تازلەڭگىرىگە كەلگەن بولسىمۇ، ئاخىر كۇچا باتالىيۇنلىرىنىڭ چېكىنىپ قېچىپ كەتكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئەنسىرەشكە چۈشۈپ ئاقسۇ شەھرىگە قايتىپ كەتتى. لېكىن ئۇلار يەنىلا خاتىرجەم بولالمىدى. جەنۇبىي يۈنىلىش پولكىنىڭ ئىككىنچىلەپ ئاقسۇغا باستۇرۇپ كېلىشىنى ئويلاپ، يۈزلىگەن ھاشارچىلارنى مەجبۇرلاش ئارقىلىق، ئالدىراشلىق بىلەن يار بېشى قەبرىستانلىقىغا يېڭى ھەربىي قۇرۇلمىلار ياساشقا كىرىشتى، كەپتەرخانا گۈمبىزى ئالدىدىكى قارىغا ئېلىش تۈشۈكلىرىگە ئىگە پوتەينى تېخىمۇ قېلىنلىتىش ۋە ئىگىزلىتىپ ياساشنى باشلىۋەتتى. بىراق، ئۇلار قەبرىستانلىقتا قىلىۋاتقانلىرىنىڭ ئەكسىچە، مىللىي ئارمىيەنى كەلگۈسىدە  پايدىلىنىپ كەتمىسۇن دېگەن مەقسەت بىلەن يېڭىشەھەرنىڭ لەڭگەر كۆۋرۈكىدىكى كوچا ۋە مەھەللىلەردىكى ئونلىغان پوتەيلەرنى ئۆرۈپ تاشلاپ، بۇلارنىڭ چۆرە- ئەتراپىدىكى لەخمىلەرنى تىندۇرۇپ تۈزلىۋەتتى. 5-ئاتلىقلار پولكى  بىلەن ئۇچتۇرپان باتالىيۇنى يەنە، جەنۇبىي يۈنىلىش پولكىغا يۇشۇرۇنۇپ تۇرۇپ ئوق ئېتىش جايى قالدۇرماسلىق ئۈچۈن، شەھەر سېپىلى ئەتراپىدىكى تاشقىرىكى بازارنى، ئاسۇق، سۇجۇ مەھەللىلىرىنىڭ بىر قىسمىنى، قەشقەر، خوتەن دەرۋازىلىرىغا يانداش كوچىلاردىكى ئىگىز- ئىگىز ئۆي-ئىمارەتلەرنى، جۈملىدىن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى بىلەن دارىلمۇئەللىمىن جايلاشقان چوڭ بىر يۈرۈش ئىمارەتلەرنى، ئىشخانا ۋە ئوقۇش بىنالىرىنى كۆيدۈرۈپ ئۆرۈپ تاشلىدى. بۇنىڭ ئاقىۋىتىدە ئاقسۇ يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ ئەنئەنىۋىي ئاۋات تاشقىرىقى بازىرى بىلەن يۈزلىگەن ئائىلىلەرنىڭ ئۆيلىرى، ئاشخانىلار، چايخانىلار، ناۋايخانا، سامسىخانىلار، پارچە- پورات سودا- سېتىق دۇكانلىرى بىر تۇتاش ۋەيران بولۇپ كەتتى. نۇرغۇن كىشىلەر ماكانسىز، نۇرغۇن بالىلار ئوقۇشسىز قالدى.

مىللىي ئارمىيە 9-ئاينىڭ 14-كۈنى قۇرغانغا قايتىپ كەلدى. قورغاندا قوراللىرىنى تازىلىغاچ، جەڭچىلەرنى ئارام ئالغۇزدى. بەزى ئاغرىق ۋە يارىدار بولغان جەڭچىلەرنى ئىلىغا قايتۇردى.

مىللىي ئارمىيە قۇرغاندا تۇرۇۋاتقاندا يەنى 8-ئاينىڭ 28-، 29-كۈنلىرى ئىلى تەرەپتىن مۇزارت يولى ئارقىلىق ئىككى روتا ياردەمگە كەلدى. بىر كۈندىن كېيىن پودپولكوۋنىك دىنىسكوۋنىڭ رەھبەرلىكىدە ئون نەچچە كوماندىر ياردەمگە كەلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە رۇس، ئۆزبىك، ئۇيغۇر ۋە قىرغىزلار بولۇپ، ئۇلار ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيەسىنىڭ كىيىم- فورمىلىرىنى كېيىپ، ھەربىي ئونۋانلىرىنى تاقىغانىدى. بۇلارنىڭ بەزىلىرى پارتىزان ئەترىتى شىتابىغا بەزىلىرى روتا ۋە مۇئاۋىن روتا كوماندىرى ياكى روتالارغا مەسلىھەتچى قىلىپ بەلگىلەندى. بۇ يېڭى كەلگەن ئوفېتسىرلار ئىچىدە 2-دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقان كوماندىرلارمۇ بار ئىدى.

ئىلىدىن ياردەمچى قوشۇن كەلگەندىن كېيىن مىللىي ئارمىيە ئاقسۇغا ئىككىنچى قېتىم يۈرۈش قىلىش ئۈچۈن يولغا چىقتى. 9-ئاينىڭ 10-كۈنى جامغا كېلىپ ئىككى كۈن تۇرۇپ قالدى. 9-ئاينىڭ 11-كۈنى ئاقياز ۋە تەلەمەت داۋانلىرىدىن ئېشىپ باي ناھىيەسى ئارقىلىق كوماندىر مىرزا ناسىروف رەھبەرلىكىدە ئاتلىق قىسىمنىڭ ئىككى روتىسى ئېلىخان تۆرىنىڭ ئىككىنچى ئوغلى ئاسىلخان بىلەن بىللە جامغا يېتىپ كەلدى. 9-ئاينىڭ 12-كۈنى يولغا چىقىش ئالدىدا، ئاقسۇدىن بىر نەچچە بەگ ۋە چوڭ ئاخۇنلار گومىنداڭ ھاكىمىيىتىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ سۆھبەتلەشكىلى كەلدى. ئابدۇكېرىم ئابباسوف، قاسىمجان قەمبىرى ۋە رازىيوف داموللا ھەم ئاقسۇ كوناشەھەرگە ھاكىم قىلىپ تەيىنلەنگەن شىرىپ قارى ھاجىملار بىر دېھقان قورۇسىدىلا سۆھبەتنى باشلىۋەتتى. ئاقسۇدىكى گومىنداڭ ۋەكىللىرىنىڭ كېلىشتىكى مەقسىتى ئېنىق ئىدى: (1) مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرىنىڭ ئاز- كۆپلۈكى ۋە كۈچىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلمەكچى؛ (2) قورال تاپشۇرۇپ تەسلىم بولۇشنى خالىمىسا قايتىپ كېتىشكە ئۈندىمەكچى. ۋەكىللەر بۇلارنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان يولسىز پىكىر، تەلەپلىرىنى قاتتىق رەت قىلدى. گومىنداڭ ۋەكىللىرى مىللىي ئارمىيە تەرەپنىڭ قەتئىي مەيدانىنى بىلىپ  ھەم پارتىزانلارنىڭ ئىرادە- كۈچىنى كۆرگەندىن كېيىن باش كۆتۈرەلمەي قايتىشقا مەجبۇر بولدى. گومىنداڭ ۋەكىللىرىنى مىللىي ئارمىيەنىڭ  ھەر خىل قوراللار بىلەن قوراللانغان پارتىزانلىرى يالاپ كونىشەھەرنىڭ يار بېشىغىچە ئاپىرىپ قويدى.

دۈشمەن ۋەكىللىرىنى قايتۇرۇپ ئىز بېسىپلا ئاقسۇ كوناشەھەرگە ھۇجۇم باشلاندى. 9-ئاينىڭ 22-كۈنى ئاقسۇ كوناشەھەر ناھىيە بازىرىنى  قايتا ئىگىلىدى. مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرىنىڭ بىر قىسمى ئاقسۇ يېڭىشەھەرگە قاچقان دۈشمەنلەرنى قوغلاپ كەتتى، بىر قىسمى كوناشەھەرگە كىردى.  كوناشەھەرگە كىرگەندە بۇ قەدىمىي دىيار ئاھالىسى تەكرار- تەكرار ئەنسىرەشلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئەمدىلەتىن ئۇيقۇغا چۆككەنىدى. كونىشەھەر خەلقىنىڭ كۆپ قىسمى مۇندىن تۆت- بەش كۈن ئىلگىرى گومىنداڭ ئەسكەرلىرىنىڭ بۇ يەرگە قايتىدىن بېسىپ كېرىشى بىلەن قېچىپ يىراق يېزىلارغا بېرىۋالغان، بازارنىڭ ئۆزىدە بولسا، قېچىشقا ئامالى بولمىغان بەزى ئاز ساندىكى قېرى- چۆرىلەر، تۇل خۇتۇن، ئىگە- چاقىسىز كىچىك نارەسىدە بالىلارلا قالغانىدى. بۇ قىسقىغىنا بىر قانچە كۈن ئىچىدە گومىنداڭ جاللاتلىرى تەرىپىدىن كونىشەھەردە ھەر كۈنى ئۇدۇللۇق بىر قانچە ئادەم ئۆلتۈرۈپ تۇرۇلدى. ئۇلار بۇ ئادەملەرنى ھەر خىل باھانە- سەۋەبلەر بىلەن، بەزىسىنى «ئوغلۇڭنى مىللىي ئارمىيىگە پىدائىيلىققا بېرىپسەن»، بەزىسىنى «ئوغرىلار ئۈچۈن خىزمەت قىپسەن» دېگەن «ئەيىب» بىلەن ئېتىپ تاشلىغان، چاپقان ياكى يېرىم ئۆلۈك قىلىۋىتىپ تۇرۇپ، نىمجان ھالەتتە ئازگاللارغا تاشلىغانىدى.

مىللىي ئارمىيە بارلىق كۈچى بىلەن يېڭىشەھەرنىڭ قەشقەرگە بارىدىغان دەرۋازا تەرىپىنى ئۇچۇق قويۇپ سېپىلنىڭ ئۈچ تەرىپىنى مۇھاسىرىگە ئېلىپ قاتتىق ئۇرۇش قىلدى. سېپىلنىڭ ئەتراپى ئۇچۇقچىلىق ھەم خەندەكلەرگە سۇ قويۇلغان، كېچىسى سېپىلغا مەشئەللەر يېقىلغان بولغاچقا، سېپىلنىڭ يېنىغا بېرىش خەتەرلىك ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ سېپىلدە كۈرۈنگەن دۈشمەننى ئېتىپ دومىلىتىپ تۇردى. ئۇلارنىڭ قورالىنى ئېلىشقىمۇ ئىمكانىيەت يوق ئىدى.

مىللىي ئارمىيە ئۇرۇش ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن سېپىل ئۈستىگە چىقىشنى قارار قىلدى. ئون نەچچە جەڭچىلەر سېپىلگە ئوڭۇشلۇق چىقتى. ئۇلار ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇ يەردىكى گۇناھسىز قاماپ قويۇلغانلارنى قۇتقۇزماقچى بولدى. ئەپسۇس، ئادەم كۈچى بەك ئاز بولغاچقا، گومىنداڭچىلار تەرىپىدىن قورشاۋغا چۈشۈپ قالدى. قالىكەش قاتارلىق جەڭچىلەر سېپىلگە چىقىش جەريانىدا قول بومبىسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، سېپىل تۈۋىگە يىقىلىپ چۈشتى. سېپىلگە چىقىش ھەربىي ئوپىراتسىيەسى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى. لېكىن، گومىنداڭچىلار ئون نەپەر مىللىي ئارمىيە جەڭچىسىنىڭ كاللىسىنى سېپىل ئۈستىگە ئېسىپ قويغان ئەشۇ پەيتتە، قۇربان بولغانلارنىڭ باتۇرانە روھىدىن جەڭچىلەرنىڭ گومىنداڭغا قارشى ئىنقىلابىي روھى تېخىمۇ ئۇرغۇپ تاشتى. ئەتىسى ئاقسۇ كوناشەھەر قەبرىستانلىقىدا قالىكەش قاتارلىقلارنىڭ نامىزى چۈشۈرۈلدى. ئابدۇكېرىم ئابباسۇف تەزىيە نۇتقى سۆزلىدى. سۇپاخۇن سۇۋۇرۇف مىللىي ئارمىيە باش قوماندانلىق شىتابىنىڭ ئىنقىلابىي قۇربان قالىكەشكە «ئازادلىق- 1» ئالتۇن ئوردىنى، ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىغا بېسىپ كىرگەن ئون نەپەر پىدائىيغا «ئىستىقلالىيەت- 1» ئالتۇن ئوردىنى بېرىش قارارىنى ئوقۇدى. جامائەت قايتىدىن بۇلارنىڭ ياتقان يېرىنىڭ جەننەت بولۇشىنى تىلەپ، دۇئاغا قول كۆتۈردى.

شۇنداق قىلىپ، مىللىي ئارمىيە ئاقسۇنى بىر ئايغا يېقىن مۇھاسىرە قىلىپ ياتتى. ئۇرۇش جىددىيلىشىپ كەتتى. «ئىلى ئوغرىلىرى سېپىلنى پارتىلىتىدىكەن» دېگەن خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن  گومىنداڭچىلار بىر تەرەپتىن مۇداپىئەنى كۈچەيتسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئەمەلدارلار خوتۇن- بالىلىرى ۋە مال- مۈلكىنى ھارۋا ۋە ماشىنىلىق قەشقەرگە يولغا سېلىۋاتاتتى. مىللىي ئارمىيە سېپىلنى قاتتىق مۇھاسىرىگە ئېلىپ، ئاقسۇ يېڭىشەھەردىن كونىشەھەرگە چىقىدىغان دەرۋازىغا ئوت قويدى. دۈشمەن دەرۋازىنى تېخىمۇ غالجىرلارچە مۇداپىئە قىلدى. سېپىل تۈۋىگە تۈشۈك ئېچىپ دورا قويۇپ پارتلاتماقچى بولدى. لېكىن ئىلى تەرەپتىن دورا يېتىپ كەلمىدى.

مۇھاسىرە ئېلىۋاتقان ۋاقىتلاردا يەنى 9-ئاينىڭ ئاخىرلىرى گومىنداڭنىڭ ئۈرۈمچىدىن كەلگەن قوش قاناتلىق بىر ئايرۇپىلانى يېڭىشەھەر سېپىلى ئۈستىدە  بىر- ئىككى ئايلىنىپ ئىككى دانە پاراشۇت تاشلىدى. ئايرۇپىلانغا مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرى مىلتىق، پىلىموتتىن ئوت ئاچتى. ئايرۇپىلاندىكىلەر شەھەر سېپىلىدا دۈشمەن بار ئوخشايدۇ دەپ پەرەز قىلغان بولۇشى مۇمكىن، كونىشەھەر تەرەپكە قاراپ ئۇچۇپ ئىككى شەھەر ئوتتۇرىسىغا پاراشۇت بىلەن تۆت نەرسە تاشلاپ، ئۈرۈمچىگە كەتتى. پاراشۇتلارنىڭ ھەممىسى مىللىي ئارمىيەنىڭ قولىغا چۈشتى. ئىككى پاراشۇتتا ئىككى ساندۇق ئوق، قالغان پاراشۇتتا گومىنداڭنىڭ يېڭى بېسىلغان پۇلى، ئۈرۈمچى گومىنداڭ قوماندانلىق شىتابىدىن ئاقسۇ ئاتلىق 5-پولك جاۋخەنچېڭغا يېزىلغان ئۇقتۇرۇش بار ئىكەن. خەتتە مۇنداق دېيىلگەن ئىدى: «ھازىر ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنىۋاتىدۇ. پولكنىڭ كوماندىرلىرى، شىمالىي شىنجاڭ تەرەپلەردە ئۇرۇش توختىتىلدى، سىلەرگە پۇل ئەۋەتتۇق. باشقا ياردەم كۈتمەڭلار. ئۆزۈڭلار چارە قىلىپ، ئۆزۈڭلارنى ئۆزۈڭلارنى قوغداڭلار. ئاقسۇ تەرەپتىكى ئوغرىلارمۇ چېكىنىپ قېلىشى مۇمكىن. چۈنكى بېتىمدا شۇنداق ھەل قىلىندى.»

مىللىي ئارمىيە پولكى قورقۇپ ئالاقزادىلىككە چۆككەن دۈشمەنگە قەۋەتلەپ تەستەك ئۇرماقچى بولۇپ، ئىككىنچى قېتىم سېپىلغا چىقىپ، ھەل قىلغۇچ جەڭ ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا يەنە قارارغا كەلگەنىدى. بۇ خەۋەر جەڭچىلەرگە يەتكۈزۈلگەندىن كېيىن، پۈتۈن پولك ئىچىنى يېڭىباشتىن جۇشقۇنلۇق قاپلىدى. قىسىم جىددىي سېپىلگە چىقىش تەييارلىقىنى ئىشلەشكە باشلىدى. شۇ ۋاقىتتا يەنى 10-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 11-كۈنىگىچە ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيە باش قوماندانلىق شىتابى ئاقسۇغا قورشاپ ھۇجۇم قىلىۋاتقان ئاتلىق پارتىزانلار ئەترىتىگە ئىككى قېتىم تېلىگىرامما ئەۋەتتى. غۇلجىدىن بۇ قېتىم كەلگەن رادىئوگرامما تامامەن يېڭى، ھېچكىم شۇ چاغقىچە ئويلىنىپ باقمىغان مەزمۇندا بولۇپ ، ئۇ بويىچە ئاقسۇدىكى بەلكى پۈتۈن ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ئۇرۇش پىلانلىرىنى، جۈملىدىن ئەتە ئاخشام ئىجرا قىلىنىشى بەلگىلىنىپ بولغان نۆۋەتتىكى سېپىلغا چىقىش پىلانىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا توغرا كېلەتتى. ئەمما رادىئوگراممىدىكى سۆزلەر قەتئىي بولۇپ، مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرى ئۈچۈن ئىجرا قىلىشقا تېگىشلىك ناھايىتى كەسكىن ۋە مۇرەسسە تەلەپ قىلىنمايدىغان ھەربىي بۇيرۇق ئىدى. رادىئوگراممىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى «ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى. جەنۇبقا يۈرۈش قىلىش پولكى دەرھال ئۇرۇشنى توختىتىپ، 10 كىلومىتىر كەينىگە چېكىنىپ بۇيرۇق كۈتسۇن. سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي خادىملىرى ۋە سۆۋىت ئىتتىپاقىنىڭ قورال- ياراغلىرى ئاۋۋال ئىلىغا چېكىندۈرۈلسۇن».

بىر قىسىم تارىخىي ماتىرىياللارغا ئاساسلانغاندا، مىللىي ئارمىيە ئاقسۇ رايۇنىدا گومىنداڭ بىلەن ئۇرۇشۇپ تۇرغاندا مۇسكىۋا تەرەپ شىنجاڭدىكى ئۇرۇش ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئاقسۇدىكى ئۇرۇش چېكىندۈرۈلۈپ، شىخۇدىكى ئۇرۇش توختىتىلسۇن... دەپ  بۇيرۇق قىلغانىكەن. ئۇلار غۇلجا شەھىرى ھەربىي شىتابىغا كەچ سائەت ئوندا تېلىگىرامما بېرىپتۇ. غۇلجا شەھىرى شىتابى بۇيرۇقنى ئېلىپ قورغانغا تېلىگىرامما بېرىپتۇ. تېلىگىرامما ئاقسۇغا ئاتلىق يەتكۈزۈلگەنىكەن.

ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى ۋە كوماندىرلار تېلىگىراممىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن،   مۇزاكىرە قىلىپ، بېتىمگە ئەمەل قىلايلى ۋە ھۆرمەت قىلايلى. بۇنى ئەمەلدە كۆرسىتەيلى دېگەن خۇلاسىگە كېلىشتى. ئالدى بىلەن جەڭچى- ئوفېتسىرلارغا چېكىنىشنىڭ سەۋەبلىرىنى چۈشەندۈرۈش زۆرۈر ئىدى. يولداش ئابدۇكېرىم ئابباسوف باتالىيۇن ۋە روتا كوماندىرلىرىنى يىغىپ، ئۈرۈمچى گومىنداڭ ھەربىي قوماندانلىق شىتابىدىن كەلگەن خەت ۋە ئىلىدىكى ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيە شىتابىدىن كەلگەن بۇيرۇق تېلىگىراممىلارنى ئوقۇپ ئۆتتى.

كوماندىرلار نۇرغۇن چۈشەندۈرۈشلەر، قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇشلاردىن كېيىن ئىلاجىسىزلىقتىن ئاران- ئاران ماقۇلغا كېلىشتى. ئاخىرىدا پولك كوماندىرى سۆز قىلىپ، سېپىل ئەتراپىدىن كېتىش ۋاقتىدىكى تەرتىپنى ئۇقتۇردى.

ــ باتالىيۇنلار ئۆزلىرىنىڭ رەت دەرىجىلىرى بويىچە قايتىدۇ، ئەمما بۇنىڭ كونكرىت ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مۇنداق بولىدۇ: ئاۋۋال 2-ئوقچىلار باتالىيۇنى سېپىل ئەتراپىدىن كېتىپ، ئاندىن 1- ئوقچىلار باتالىيۇنى قايتىشقا باشلايدۇ. 3-قىلىچۋازلار باتالىيۇنى مېڭىپ، ئەڭ ئاخىر ھۇجۇمچى باتالىيۇن سېپىل ئۈستىدىن كېتىدۇ. ئاقسۇلۇق جەڭچىلەرگە ئۆيدىكلەر بىلەن خۇشلىشىۋېلىش پۇرسىتىمۇ بېرىلىدۇ. بۇنىڭغا مەخسۇس ۋاقىت بېرىلمەيدۇ. پەقەت جەڭچىلىرىمىز قايتىۋاتقان ۋاقتىمىزدا يول ئۈستىدىن ئۆيلىرىگە قىسقا ۋاقىتلىق كىرىپ ئۆتسىلا بولىدۇ. قايتىش يۈرۈشى يار تۈۋىدىكى تاشيول ئارقىلىق داۋام قىلدۇرۇلىدۇ. سەھەردە خەلقنى بىسەرەمجان قىلىپ قويماسلىق ئۈچۈن كونىشەھەر بازىرىدا ئايرىمچە كۆپ توختاپ تۇرمايمىز. دەپسەنگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن توپتۇغرا ياربېشى قەبرىستانلىقىغا كۆتۈرۈلۈپ، ئاندىن جام ئارقىلىق قۇرغان تەرەپكە كېتىمىز، ئۈچ ۋىلايەتكە ئۆتۈپ كېتىش يولىمىز مۇز داۋاندىن بولىدۇ.

ئەڭ ئاخىرقى جىددىي سەپەرۋەرلىكتىن كېيىن پۈتۈن پولك ئاتلىنىپ يولغا چىقتى. سېپىل ئەتراپىدا كۆكە ۋە ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە بىر روتا- 90 نەپەر جەڭچىلا دۈشمەننى بەند قىلىپ تۇرۇش تاكتىكىسىغا ئاساسەن ۋاقتىنچە قېپقالدى. دۈشمەنلەر مىللىي ئارمىيەنىڭ قايتىشقا باشلىغانلىقىدىن خەۋەرسىز ئىدى.

ھۆكۈمەت مەسلىھەتچىلىرىدىن قاسىمجان قەمبىرىنىڭ مەسلىھەتى بويىچە دۈشمەنلەرنىڭ بېتىمگە ئەمەل قىپتۇ دېيىشى ئۈچۈن مىللىي ئارمىيە تەرەپ پارتىزان ئەترەتلىرىدىن يىغىلغان 150 دانە كاربىن مىلتىق، ئىككى دانە تانكا ئاتار، 25 دانە ئاپتوماتنى ئۈستىنىمۇ ياپماي 10-15 ئىشەككە ئۇتۇن ئارتقاندەك ئارتىپ شىتابتىن ئىلىغا ماڭدۇردى. بۇ ناھايىتى خەتەرلىك ئىدى. ئەگەر دۈشمەن بۇرۇنراق بىلىپ قالسا، بىر نەچچە ئەسكىرى بىلەنلا تارتىۋېلىشى مۇمكىن ئىدى.

جەنۇبىي يۈنىلىش پولكى يېڭىشەھەردىن قوزغىلىپ، كونىشەھەر يار بېشى دەپسىنىگە يېتىپ كەلگۈچە تاڭ سۈزۈلۈپ، ئەتراپ يۇرۇپ قالدى. بىر قىسىم جەڭچىلەر مەھەللە- مەھەللىلەرگە ئات چاپتۇرۇپ، ئاتا- ئانا، ئۇرۇق- تۇغقان ياكى بالا- چاقىلىرى بىلەن خۇشلىشىۋېلىش ئۈچۈن ئالدىراش ئۆيلىرىگە كەتتى. ئەزان ئاۋازى بىلەن تەڭ ھاياتلىق سەھنىسىنىڭ شۇ كۈنكى يېڭى پەردىسى ئېچىلىپ كەتتى. بۇنىڭغا ئۇلاپ بىر مۇنچە ئۆيلەردىن جەڭچى بالىسى، ئىنىسى ياكى جەڭچى ئاكىسى ۋە ئېرىنى ئۇزۇتۇپ، ھەر خىل ياشتىكى كىشىلەر، بوۋايلار، مومايلار، بالا ۋە قىز- چوكانلار چىقتى. ئۇزاتقۇچى ئامما ئاز ئەمەس ئىدى. ئۇلار يەنە كۆپەيدى ۋە ھەممىسى ئالدىن مەسلىھەتلىشىۋالغاندەك غۇجمەك بولۇپ كېلىپ، پولك رەھبەرلىرىنىڭ ئالدىنى توسۇپ، ئاقسۇدىن كەتمەسلىكنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋېلىشتى. ئاڭغىچە بامدات نامىزى ئوقۇلۇپ بولسا كېرەك، بىر دەمنىڭ ئىچىدە يار بېشى قەبرىستانلىقى ئارقىمۇ ئارقا كېلىپ توپلانغان كىشىلەر بىلەن چوڭ ھايات دېڭىزى قاينىمى ئىچىگە كىرىپ، تەنتەنىلىك ۋەزىيەت شەكىللەندى. ئابدۇكېرىم ئابباسوف خەلقنى تارقىتىش، ئۇلارغا تەسەللىي بېرىش ئۈچۈن خۇشلىشىش نۇتقى سۆزلىدى، قايتىش سەۋەبىنى سەۋرىچانلىق بىلەن چۈشەندۈردى. خەلق ئۆيلىرىگە قايتىپ كېتىشكە كۆزى قىيماي، جەنۇبىي يۈنىلىش پولكىنىڭ كۆپ كىشىلىك سەلتەنەتلىك قوشۇنىغا خېلى ئۇزاققىچە قاراپ تۇردى.

مىللىي ئارمىيەنىڭ  چېكىنىدىغىنىنى ئاڭلىغان ئاقسۇدىكى بىچارە دېھقانلار ۋە خەلق جېنىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ھەر تەرەپكە قېچىشقا باشلىدى. بەزىلەر غۇلجىغا چىقىپ، تاكى 1949-يىلى شىنجاڭ ئازاد بولغانغا قەدەر ئىلىدا مۇساپىر بولۇپ تۇردى. كېيىن ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتى ئۇلارنى چىرايلىق كىيىندۈرۈپ ھەم يول خىراجىتى بىرىپ، خىزمەت كۆرسەتكەنلەرنى ئوردېن، مېدال بىلەن مۇكاپاتلاپ، ئۆز يۇرتىغا يولغا سالدى. مىللىي ئارمىيە پارتىزانلىق ئۇرۇشى قىلىمىز دەپ بېرىپ ئاقسۇ كوناشەھەرنى ئازاد قىلىپ، دۈشمەنلەرنى خېلى تەمتىرىتىپ، شىمالىي- جەنۇبىي شىنجاڭ يوللىرىنى ئۈزۈپ تاشلىغان، يېڭىشەھەرنىڭ ئازاد قىلىنىشىغا بىر نەچچە كۈنلا قالغان، دۈشمەنلەر زۇۋاللىققا يۈر تۇتقان پەيتتە، بۇيرۇق بويىچە ئاقسۇ رايۇنىدىن چېكىندۈرۈپ كەتتى. ئەپسۇس، ئاقسۇ خەلقى  پاراكەندىچىلىككە، ۋەيرانچىلىققا قالدى.

1945-يىل 10-ئاينىڭ 14-كۈنى بىر قىسىم ئىشپىيۇنلارنىڭ مەلۇم قىلىشى بىلەن، گومىنداڭ مىللىي ئارمىيەنىڭ چېكىنگەنلىكىنى ئاڭلاپ، گومىنداڭ پولكىنىڭ مىللىي ئارمىيە پولكى چىقىپ كەتكەن جايلارغا  قايتىدىن باستۇرۇپ كىرىش يۈرۈشى باشلىنىپ كەتتى. كۆكە رۇتىسى قايتىشقا ئۈلگۈرەلمىدى. ئۇلار دەرۋازىدىن يامراپ چىققان گومىنداڭ قوراللىقلىرى بىلەن ئۇرۇش قىلغاچ چېكىنىشنى داۋام قىلدۇردى. كۈناشەھەر ياربېشى قەبرىستانلىقىغا بارغاندا بۇ رۇتا تۆت تەرەپتىن قورشاپ قىلىنغان ھۇجۇمغا دۈچ كەلدى. ئاخىرقى قېتىملىق ھايات – ماماتلىق ئۇرۇشى كەپتەرخانا ئۆپچۈرىسىدە داۋام قىلدى. كوماندىر كۆكە جەڭ ئەھۋالىنى نەزەردە تۇتۇپ،  جەڭچىلەرگە مۇھاسىرە چەمبىرىكىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، مۇزات تەرەپكە كېتىش توغرىسىدا قەتئىي بۇيرۇق بەردى. چېكىنىش مۇۋەپپىقىيەتلىك ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، ساق قالغان 75 نەپەر جەڭچى جەنۇبىي يۈنىلىش پولكىغا يېتىشىۋېلىش ئۈچۈن تېزلىك بىلەن ئات سېلىپ، شىمال تەرەپكە يول ئالدى. كۆكە دۈشمەنلەرنى بەند قىلىپ يالغۇز قالدى. ئۇ دۈشمەنلەرنىڭ ئون نەچچىسىنى يەر چىشلەتكەندىن كېيىن، دۈشمەن قولىغا تىرىك چۈشۈپ قالدى. كېين جاۋ خەنچى تەرىپىدىن سوراق قىلىنىپ، تىلى كېسىلىپ ، كۆزى ئۇيۇلۇپ، دارغا ئېسىلدى. جەسىدى داردا بىر ھەپتىدىن ئارتۇق تۇرغۇزۇلدى...

مىللىي ئارمىيەنىڭ چوڭ قۇشۇنى كەچتە جامغا يېتىپ باردى. ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى ۋە ئېغىر- يىنىك يارىدارلار بىلەن قۇرغانغا يىتىپ بارغۇچىلىك دۈشمەن يەنە ئارقىمىزدىن كېلىپ قالارمىكىن دەپ ئىككى كۈن مۇداپىئەدە تۇردى. ئاقسۇ يېڭىشەھەردىكى گومىنداڭ قوشۇنلىرى كونىشەھەرگىچە كىرىپ قايتىپ كەتتى. چۈنكى ئۇلار مىللىي ئارمىيەنى يەنە كېلىدۇ دەپ ئويلىغانىكەن. شۇڭا سېپىلنىڭ ئىچىگە كىرىپ مۇداپىئەنى كۈچەيتتى. مىللىي ئارمىيە جامدا بىر كېچە قۇنۇپ، تىكەنقۇدۇق، تۇزئاۋات، بوزدۆڭ ئەتراپلىرىدا رازۋىدكىچىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ قورغانغا قايتتى.  قۇرغاندا 10 كۈندەك دۈشمەننىڭ كېلىشىنى كۈتتى. ھۆكۈمەت ۋەكىللىرىدىن ئابدۇكېرىم ئابباسوف ۋە قاسىمجان قەمبىرى، دىنىي رەھبەرلەردىن رازىيوف داموللا ۋە باشقىلار مۇزداۋان ئارقىلىق ئىلىغا قايتىپ كەتتى. 11-ئاينىڭ 6-كۈنى سۇپاخۇن سۇۋۇرۇف ئاتلىق پارتىزانلار ئەترىتىنى باشلاپ قۇرغان ئارقىلىق مۇزات داۋىنىدىن ئېشىپ موڭغۇلكۆرەگە قايتىپ كەلدى. ئاتلىق پارتىزانلار ئەترىتى بۇيرۇققا بىنائەن تېكەس 12-ئاتلىق ئەسكەرلەر پولكىغا ئۆزگەرتىلدى، شۇنىڭ بىلەن جەنۇبىي يۈنىلىشتىكى ئۇرۇش ئاخىرلاشتى.

مىللىي ئارمىيە ئاقسۇ ۋىلايىتىدە ئۇرۇش قىلىپ، گومىنداڭ قوشۇنلىرىغا مەلۇم زەربە بېرىپ، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى  دۈشمەن ئارمىيەسىنى ئىسكەنجىگە ئېلىپ، شىمالغا يۆتكىلەلمەيدىغان قىلىپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن ئوتتۇرا سەپتىكى ئۇرۇشنىڭ يۈكىنى يەڭگىللەشتۈردى. لېكىن، ئاقسۇ ۋىلايىتىنى ساقلاپ تۇرۇۋاتقان گومىنداڭ قوشۇنى جاھىللىق بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن، مىللىي ئارمىيە كۆزلىگەن نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى. لېكىن چوڭ ۋەزىيەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ زامانىۋىي قوراللىق كۈچلىرىگە- مىللىي ئارمىيەگە تايىنىپ تۇرۇپ پۈتۈن شىمالىي شىنجاڭ رايۇنىنى دېگۈدەك ئۈنۈملۈك تېزگىنلەپ، گومىنداڭنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملىرىنى مىدىر- سىدىر قىلغۇزماي، جۇڭگۇ خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ يولداش ۋاڭ جىن قوماندانلىقىدىكى قىسىملىرىنىڭ شىنجاڭغا ئۇرۇشسىز، ئوڭۇشلۇق كىرىپ ئورۇنلىشىشىغا ۋە جايلاردا ھەر دەرىجىلىك ھاكىمىيەتلەرنى تەشكىللىشىگە پايدىلىق تارىخىي شارائىت يارىتىپ بەردى. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ مىللىي ئارمىيەسى يېتىشتۈرگەن نەچچە ئونمىڭلىغان مەمۇرىي ۋە ھەربىي كادىرلار ھەر دەرىجىلىك ھاكىمىيەت ئورگانلىرىنىڭ مۇستەھكەملىنىشى ۋە ھەر خىل ئىجتىمائىي ئىسلاھاتلارنىڭ ئوڭۇشلۇق قانات يېيىشى ئۈچۈن ئاكتىپ خىزمەت قىلدى. شۇ ۋاقىتتا ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئامىيەسىگە ئەگىشىپ، نىمشىھىت ئارمىيە داموللا، ئەرشىدىن تاتلىق، ئەيسا يۈسۈپ قاتارلىق بىر تۈركۈم خەلقپەرۋەر زىيالىي ياشلارمۇ غۇلجىغا باردى. ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتى ئىچىدە تاۋلاندى، پىشىپ يېتىلدى.  ئۇلار ئازادلىقتىن بۇرۇن ۋە كېيىن مۇھىم ئورۇنلاردا خىزمەت قىلىپ، ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشتى. ھازىرمۇ ناھىيە تەۋەسىدە مەھەمەتجان قاتارلىق مىللىي ئارمىيەنىڭ تىرىك شاھىدلىرى ھايات ياشىماقتا.

مىللىي ئارمىيەنىڭ جەنۇبقا قىلغان ئۇرۇش ھەرىكىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئاقسۇ ئىنسانىيەت تارىخىدا ئاز كۆرۈلىدىغان تولىمۇ قەبىھ قىلمىش- ئەتمىشلەر بىلەن تولۇپ تاشقان رەھىمسىز بىر مەزگىلگە قەدەم قويدى. كوناشەھەر بىلەن يېڭىشەھەرنىڭ كوچا- كويلىرىدا قىرغىنچىلىق، يېزا- كەنت ۋە مەھەللىلەردە بىر تۇتاش بولاڭچىلىق باشلاندى. ھايۋان تەبىئەتلىك گومىنداڭ ھەربىيلىرى نارەسىدە قىزلارغا ۋەھشىيلىك بىلەن باسقۇنچىلىق قىلدى، مىلتىقلىرى ۋە قىلىچلىرىغا تايىنىپ، قىزلارغا ۋە ياش چوكانلارغا ئۇلارغا ئاتا- ئانىسى ۋە ھالال جۈپتى بولغان ئەرلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا ئاشكارا ئەسكىلىك قىلدى. ..

بۇ خىل مۇدھىش رىئاللىق تاكى 1949-يىلى يېڭى جوڭگۇ قۇرۇلغىچە داۋاملاشتى. ئازادلىقتىن كېيىن، ئاقسۇ كوناشەھەر (ئونسۇ) خەلقى زۇلۇم ۋە ئېكىسپولاتاتسىيەدىن قۇتۇلۇپ، يېڭى تارىخىي دەۋرگە قەدەم قويدى.

پايدىلانغان ماتىرىياللار:

1.     ئەيسا يۈسۈپ: «ئاقسۇدا 1945-يىل»، شىنجاڭ ياش- ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، 1987-يىلى 9-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى؛

2.     سۇپاخۇن سۇۋۇرۇف: «مەن كەچكەن كېچىكلەر»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 2010-يىلى 8-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى؛

3.           سەيدۇللا سەيپۇللايۇف: «مەن شاھىت بولغان ئىشلار»، شىنجاڭ ياش- ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، 2005-يىلى 6-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى؛

4.     «شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى تارىخى»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 2000-يىلى 5-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى؛

5.     توختى ئىبراھىم: «مىللىي ئارمىيەنىڭ جەڭگىۋار مۇساپىسى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى،  2003-يىلى 1-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى؛

6.     «ئونسۇ ناھىيەسى تەزكىرىسى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1999-يىلى 6-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zvmrat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-31 08:02 AM  


ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
Davan_Axkuqi + 50 ماختاشقا تېگىشلىك
budak810 + 10 تارىختىن خەۋەردار قىل.
yadikar- + 100 ئىسىل تېما

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 160   باھا خاتىرىسى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش