مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 616|ئىنكاس: 9

شىمالى ياۋرۇپاغا سەپەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئاناڭ سۈتىنى ئاق

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64807
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 681
تۆھپە نۇمۇرى: 399
توردا: 26 سائەت
تىزىم: 2011-11-12
ئاخىرقى: 2012-8-3
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

شىمالى ياۋرۇپاغا سەپەر

مۆلجەرلى

ئىنساننىڭ تەقدىرى ئاجايىپ بۇلىدىكەن، ھاياتىمىز قانداق باشلىنىپ، قاچان ۋە قانداق ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى،  نەدە تۇغۇلۇپ نەدە ئۆلىشىمىزنى،  ياراتقان رەببىمىزدىن باشقا ھىچكىم بىلەلمەيدىكەن. ئەنە شۇنداق تەغدىرى-تىراگىدىيەلىك قىسمەتلەرنىڭ ئۈزۈندىلىرى بولغان سەرسانلىق ساياھىتىمنى باشلىغان قىش كۈنلىرىنىڭ بىرىدە، ياۋرۇپانىڭ ئەڭ سوغوق جۇغراپىيەسىگە جايلاشقان شىۋىتسىيەگە يىتىپ باردىم. ئاق تۇمانلىق قار ئارىسىدىن ئاستا پەسلىگەن ئايرۇپىلان قاتتىق گۈرۈلدىگەن ئاۋازدا يەرگە چۈشتى. مېنى ھەيران قالدۇرغىنى، مېنى كۈتىۋالغىلى ھاۋا يۇلىغا چىققان كىشىنىڭ ئۈستىدىكى كىيىمىدىن كۆرە پۇتىدىكى خۇرۇم ئۆتەكنىڭ ئاستىغا قۇشۇمۋە قىلىپ باغلىۋالغان مىخلىق ئاياغ نوختىسى دەرھال دىققىتىمنى تارتتى. ئاسىيانىڭ ئۆتكۈنچە سوغۇقلىرىدا قىشنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەي كەلگىنىمگە خېلى بولغاچقا، بۇ ئەھۋال مىنى خېلىلا قىززىقتۇردى. مانا كۆرۈڭ، يۇرتىمىزدىكى شوپۇرلار ماشىنىسىنىڭ چاقىغا باغلىغان تىكەنلىك زەنجىرنى بۇ يەردىكىلەر ئەپچىل قىلىپ ئاياغ ئاستىغا باغلاپتۇ، ئەگەر بۇ يەردە بىرمەزگىل تۇرۇپ قالىدىغان بولسام خېلى ئىشلارنى كۆرىدىغان ئوخشايمەن ... دىگەنلەر كۆزئالدىمدىن تىزلا ئۆتتى. شۇ ئەسنادا مىنى كۈتىۋالغىلى كەلگەن كىشى بىلەن تەرجىمان بىرگە ئىكەن. شۇنچە ناتۇنۇش كىشىلەر ئارىسىدىن مىنىڭ ئىسمىمنى چاقىرىپ ، خۇش كەلدىڭىز ، بۇ خانس ئەپەندىم چەتئەللىك مېھمانلارنىڭ ئىشلىرىغا مەسئۇل، مەن بولسا سىز ئۈچۈن تەكلىپ قىلىنغان تەرجىمان دىدى .

ئۇزۇن بويلۇق رۇس قىزى. تىل دىگەن ئۈگۈنۈپ قويسا مانا مۇشۇنداق يەرلەردە ئەسقاتىدىغان گەپكەن. ئەسلىدە مەن رۇس تىلىنى ئۇنچە ياخشى بىلمەيتتىم، شۇنداق بولسىمۇ ئورتا ئاسىيادىكى بىرمەزگىللىك تىجارەت قىلغان كۈنلىرىمدە دۇكانغا كەلگەن خېرىدارلاردىن ۋە مەن ئۈگۈر دەپ، ئۇيغۇرچىنى چالا سۆزلەيدىغان ئۇيغۇرلاردىن سوراپ يۈرۈپ ئۈگىنىۋالغان ئىدىم.

مىنىڭ رۇس تىلىدا سۆزلىشەلەيدىغانلىقىمنى، مەندىن بۇرۇن بۇ يەرگە كەلگەن بىر تونۇشۇمدىن ئاڭلاپ، ئالايىتەن بۇ رۇس تەرجىماننى بىرگە ئەكەلگەن ئىكەن. بىز ئۆز-ئارا تۇنۇشۇپ بولغاندىن كېيىن سىرىتقا چىقىپ، چاقلىرىغا مىقلىق زەنجىر باغلانغان ئالى ماشىنىغا ئولتۇرۇپ شەھەرگە باردۇق. بۇ جۇغراپىيەدە قىش پەسلى قۇياش كۆرۈنمەيدىغان بولغاچقا كۈندۈزمۇ خۇددى كېچىگە ئوخشاپ قاراڭغۇ، ھەممىلا يەردە چىراقلار يۇرۇتۇلغان، ئادەملەر خۇددى بىرەر قىشلىق پائالىيەت ئۆتكۈزىۋاتقاندەك ئۇياق-بۇياققا توختىماي يۈرىشەتتى. شەھەرگە كېلىپ بىر سودا سارىيىغا كىردۇق، ھېلىقى كىشىنىڭ ئەۋۋەل ماڭا ئېلىپ بەرمەكچى بولغىنى قىشلىق ئاياغنىڭ ئاستىغا باغلايدىغان مىقلىق رېزىنكە ”ئاياق نوختىسى“ بولدى، بۇنى كۆرۈپ بىرئاز كۈلگۈم كەلدى. بۇ كەيپىياتىمنى كۆرگەن تەرجىمان سىز بۇنىڭغا ھەيران بۇلماڭ. بۇ، مۇشۇ يەردە ياشايدىغان كىشىلەرنىڭ دائىم يېنىدىن ئايرىمايدىغان زاپاس ئاياق كىيىمى. بۇ يېردە قار كۆپ ياققاچقا ئادەم ئۆيدىن تالاغا چىقسلا مۇزغا دەسسەيدۇ. شۇڭا كوچىلاردا ۋە مەھەللە يوللىرىدا يۈرگەنلەر دائىم شۇنى نوقتىنى كىيىشىدۇ، دۇكان-ماركېتلارغا كەلسە يىشىپ سومكىسىغا سېلىۋالىدۇ دىدى. بۇ سۆزنى ئاڭلاپ بۇ يۇرتتىكى قىشلىق ساياھىتىم راسا كۆڭۈللۈك بولغىدەك دىدىم ئىچىمدە.

بىز شۇ يەرنىڭ سوغاق ھاۋاسىغا مۇۋاپىق بەزى قېلىن كىيىملەرنى ۋە باشقا كېرەكلىك نەرسىلەرنى ئېلىپ بولۇپ، ئانچە ئۇزۇن يول يۈرمەيلا ماڭا ئالدىن ھازىرلانغان ئۆيگە باردۇق. ئۆيلەرنىڭ ئالدىدىكى قار دۆۋىلىرى مىنىڭ بويۇمدىن خېلىلا ئىگىز تۇراتتى. بۇنى كۆرگەندىن كېيىن ھېلىقى سېتىۋېلىنغان ئاياغ نوقتىسىنىڭ ھەقەقەتەن كېرەك بۇلىدىغانلىقىنى بىلدىم.

مېنى ئەكەلگەن كىشى ئۆيگە كىرگىنىمىزدىن كېيىن تەرجىمان قىز ئارقىلىق، ئاددى ئەمما ناھايىتى ئەپچىل قۇرۇلغان ئىككى ئېغىزلىق ياغاچ ئۆينى بەكمۇ تەپسىلى تۇنۇشتۇرۇپ، ئاشخانىدىكى بارلىق نەرسىلەرنى يېڭىدىن سېتىۋالغانلىقىنى، بەزى يىمەكلىكلەرنىمۇ مەخسۇس ھالال يىمەكلىك ساتىدىغان ماركېتتىن ئالغانلىقىنى، ئىچىملىك سۇنى سۇ تۇربىسىدىن خاتىرجەم ئىچسەم بولىۋېرىدىغانلىقىنى، توك ۋە سۇنى كونتىرول قىلىدىغان (جىددى ھالەتتە تاقايدىغان) مەخسۇس ئورۇننى تەپسىلى تۇنۇشتۇرۇپ، ئۆينىڭ ئاچقۇچلىرىنى ماڭا تاپشۇرۇپ بەرگىنىدىن كېيىن، مېنىڭ ئۇقۇش رەسمىيەتلىرىم ۋە باشقا كېرەكلىك رەسمىيەتلەتلەر تۇلۇقلىنىپ بولغۇچە مۇشۇ ئۆيدە ساقلاپ تۇرۇشۇمنى ئېيتىپ قايتىپ كېتىشتى.
شىمالى ياۋرۇپاغا ئاياغ باسقان قىشلىق ساياھىتىمنىڭ تۇرالغۇسى ئەنە شۇنداق باشلاندى. ئۆينىڭ بىر تەرىپىدىكى كىچىك ئەمما بەكمۇ چىرايلىق بىزەلگەن مۇنچىدا يۇيۇنۇپ نامازغا تاھارەت ئېلىۋېلىپ، سەپىرىمنىڭ بىخەتەر بولغانلىقى ۋە بۇندىن كېيىنكى ئىشلىرىمنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك بۇلىشى، تۇرالغۇمنىڭ خەيرىلىك بۇلىشى ئۇچۈن، ئىككى رەكەئەت شۇكرنە ناماز ئۇقىۋالغاندىن كېيىن شام بىلەن خۇپتەننى ئۇقۇدۇم. يولنىڭ ھاردۇقى باستمۇ قانداق كۆزلۈرۈمگە ئۇيقا كېلىشكە باشلىدى. يېڭى تەييارلانغان ياتاقتا يېنى ياتقان پېتى تاڭ ئاتقاننىمۇ بىلمەي ئۇخلاپ كىتىپتىمەن. ئورنۇمدىن تۇرۇپ تالاغا قارىسام ھەممىلا يەر ئاپپاق قار، ۋاقىتنىڭ نەگە كەلگىنىنىمۇ بىلەلمىدىم. يامان بولغىنى سەپەرگە مېڭىش ئالدىدا قول سائىتىمنى ئۇنتۇلۇپ قالغىنىم بولدى. بۇ يەرگە كېلىپ ئەسلى ئالىدىغان نەرسەم سائەت ئىكەن،  بىراق بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن مەن بارىدىغان ئۆيدە سائەت بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ سائەت ئېلىۋېلىشنىمۇ ئويلىماپتىمەن. شۇنداق قىلىپ ناماز باداتنىڭ ۋاقتىنىمۇ قىياس قىلىپلا ئوقۇدۇم.چۈنكى كۈن چىقمىغان ئىقلىمدا، سائەتسىز ۋاقىتنىڭ نەگە بارغىنىنىمۇ بىلگىلى بولمايدىكەن. ئۆيدىن تالاغا چىقماي تۇرۇپ ئەتىگەنلىك چاينى ئىچىۋالغاندىن كېيىن بىسمىللاھ دەپ ئاستا ئىشىكنى ئاچسام ئېچىلمايدۇ، ئاچقۇچنىمۇ ئوڭ-تەتۈر نەچچىنى تولغۇدۇم يەنىلا ئېچىلمىدى. ئاشخانا دەرىزىسىدىن تالاغا قارىسام كېچىچە توختىماي ياققان قېلىن قار ئىشىكنى پۈتۈنلەي تۇسىۋالغان ئىكەن، خېلى كۈچەپمۇ ئىشىكنى ئاچالمىدىم. مانا كۈرۇڭ، ئەمدىلا باشلانغان مۇساپىرلىق ھاياتنىڭ غېرىپلىق ھىس-تۇيغۇلىرى شۇ ھامان ۋۇجۇدۇمنى چىرمىۋالدى. كۆزلىرىمگە يۇرتىمىزنىڭ پىشايۋانلىق ئۆيلىرى، مەھەللە باللىرىنىڭ ئۆگىزىدە قار تازلاشلىرى، ئۇششاق بالىلارنىڭ چىرايلىق قار ھەيكەللەرنى ياساپ، بىر-بىرىگە قار ئېتىپ چۇقىراشلىرى كۆزئالدىمدىن قاتار تىزىلىپ ئۆتۈشكە باشلىدى. غول قارغايلىقنىڭ ئوتتۇرسىغا جايلاشقان بۇ ئۆيۈمنىڭ دەرىزىسىدىن تالاغا تەكرار قارىسام ئەتىراپتا ئادەم زاتى كۆرۈنمەيتى. مىنى ھاۋا يولىدىن كۈتىۋالغان ھېلىقى كىشىگە تېلىفۇن قىلاي دىسەم ئۆيدە تېلىفۇن يوقكەن. مەن بۇ ئۆيگە شۇ كېچىدىلا كەلگەچكە مېنىڭ يېنىمدىمۇ تېخى تېلىفۇن يوق ئىدى.

نىمە قىلىشنى بىلمەي تېخىمۇ غەمكىنلىشىپ روھى چۈشكۈنلۈككە ئۇچىراشقا باشلىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ كۈنى شەنبە ئەتىگەنلىكى بولغاچقا تالادا ئادەم زاتىنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەيتى. مۇشۇنداق مىنۇتلاردا ئادەمنىڭ كۆڭلىگە نىمە خىياللار كەلمەيدۇ دەيسىز .... ھاياتىمدا ئۆتكەن كۈنلىرىم، قەۋمى-قېرىنداش، دوست-بىرادەرلەردىن باشلاپ، ھەتتا  ئاخىرەتلىكىمنىمۇ بىرقۇر ئويلاپ چىقتىم. ئادەم تۈيۈقسىز دۈچكەلگەن بۇنداق تاساددىپى ئەھۋاللارمۇ ئىنسان ئۈزىنى تونىشقا، ئۆتمۈشنى ئەسلەشكە ۋە كېلەچەكتە يېڭى قەدەمنى ئويلاپ بېسىشقا خېلىلا ياردىمى بولىدىكەن. ئەنە شۇنداق چۇڭقۇر خىياللارغا پېتىپ تۇرغىنىمدا، ئىشىك ئالدىغا كىچىك تىپتىكى بىر قار تازىلاش ماشىنىسى كەلدى. ”ئاللاغا مىڭ شۇكرىلەر بولسۇن“ ھەرنىمە بولسا قارنىڭ ئاستىدا قالمايدىغان بولدۇم. ھەقاچان مىنى بۇ ئۆيگە ئەكەلگنلەر ئەۋەتكەن ئولسا كېرەك- دەپ سۈيۈندۈم.

قارىسام ھېلىقى قار تازلاش ماشىنىسى ناھايىتى ئەپچىللىك بىلەن ئىشىكنىڭ ئالدىدىكى قارلارنى تۈرتۈپ يولنىڭ چېتىگە ئاچىقىشقا باشلىدى. دەرىزىگە يېقىن كەلگەندە دىققەت بىلەن كۈزەتتىم. ”تېخنىكا تەرەققىياتنىڭ مەنبەسى، يۇقىرى پەللىگە يۈكسىلىشنىڭ شوتىسى“ دىگەن ئەنە شۇ بولسا كېرەك. تېخنىكىنى، تەرەققى تېپىشنىڭ ئاساسى مەنبەسى بىلگەن بۇ ياۋرۇپالىقلار، ئادەتتىكى ئاددى قار تازلاش ئىشىنىمۇ قارا كۈچكە تايىنىپ قول بىلەن قىلماستىن، ئىخچام ۋە يەڭگىل تىپتىكى ماشىنا ئارقىلىق ئىشلەپ، بىر تەرەپتىن ئادەم كۈچىنىڭ ئىسراپ بولىشىنى قوغدىسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئىشنى تىزلەشتۈرۈپ ۋاقىتنى تىجەش ئارقىلىق، ھايۋاندەك ئىشلەپ ئەللىككە بارماي تۇرۇپ بەلدىن كېتىدىغان ئېغىر جىسمانى ئەمگەكلەرگە خاتىمە بەرگەنلىكىنى ھېس قىلدىم. بۇ ئاددى تېخنىكا بىر تەرەپتىن قارنى تۈرتسە يەنە بىر تەرەپتىن، ماشىنىغا ئورۇنلاشتۇرغان قاتتىق بېسىم بىلەن پۈلەش شامالچىسى ئارقىلىپ قارنى ئۇچۇرتۇپ، ئىشىك ئالدىنى بىرقانچە مىنۇتتىلا پاك-پاكىز تازلىۋەتتى. ھەقاچان بۇلار مىنى يېڭى كەلدى، بۇ يەرنىڭ مۇھىتىغا ئۈگىنىۋالسۇن دەپ شۇنداق ياردەم بەرگەن بولىشى مۇمكىن، ئىككى-ئۈچ كۈندىن كېيىن ئۆزەم تازلىمىسام ياكى قار تازلىغاننىڭ ھەققىنى بەر دەپ ئۆيگە كەلمىسە بۇلاتتى دەپمۇ ئويلۇدۇم.

قارىسام قاتار يۈرۈپ ھەممىلا ئۆيلەرنىڭ ئالدىنى تازىلاشقا باشلىدى. بۇ ئەھۋالنى كۆرگىنىمندىن كېيىن ئەمدى تالاغا چىقاي، ھىچبولمىسا بۇ شوپۇرغا بىر ئېغىز سالام قىلاي دىدىمدە ئاستا ئىشىكنى ئېچىپ تالاغا چىقتىم. مېنى كۆرگەن شوپۇر بۇ قورچاق ماشىنىسىنىڭ كابىنكىسىنى ئېچىپ مەندىن بۇرۇن ئۆز تىلىدا سالام قىلىپ ئەھۋال سورىۋالدى ھەمدە قۇشۇمچە قىلىپ، يېڭى مېھمان يۇرتىمىزغا خوشكەلدىڭ دىدى. بۇنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن سەل خجىللىق ۋە ھەيرانلىق ھىس قىلدىم. ئەجەبا بۇ ئادەم مىنىڭ بۇكېچىدە كەلگىنىمنى قانداق بىلدى ...؟! دىمەك بۇ يۇرتنىڭ ئادەملىرى ئۆز يۇرتىغا يېڭىدىن كەلگەن ياقا يۇرتلۇقلارنىڭ سان-سۈپەتلىرىنى، ئىش-ھەرىكەتلىرىنى تۇلۇق بىلىپ تۇرىدىكەندە...؟ دىگەنلەرنى ئويلىغاچ، مەنمۇ ئۇنىڭغا ”چۈشەنمىسىمۇ“ ئۇيغۇرچىلا سالام بەردىم- كېيىن شۇلارنىڭ تىلىدا بىر ئىككى كەلىمە ئەھۋال سورۇدۇم . كېيىن ئۆيدە دەملەنگەن ئىسسىق چيغا تەكلىپ قىلدىم، بىراق ئۇ ئادەم ئۆيگە كىرىشكە ئۇنىمىدى. شۇنداق بولسىىمۇ بۇ تەكلىپىمدىن ناھايىتى خۇرسەن بولغانلىقىنى ئېيتىپ، بۇنداق ئەھۋالنى تۇنجى كۆرگەنلىكىنى،  ياۋرۇپالىق ئارىسىدىكى بەزى تۇنۇشلارنىڭمۇ ئىشىك ئالدىغا كەلگەن قارتازلىغۇچى ياكى باشقا بىرەر كىشىگە بۇنداق بۇنداق تەكلىپلەرنى قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۈزىنىڭ ھەيران بولغانلىقىنى ئېيىتتى. كېيىن ماشىنىسىنى توختۇتۇپ مەندىن رەسمى ئەھۋال سوراشقا باشلىدى. مەنمۇ ئالدىرماي ئۆزەمنى توختۇتۇپ تۇرۇپ يۇرتىمىزنىڭ ئىسمى، جۇغراپىيەلىك ئورنى، مىللىتىمىزنىڭ ئۇيغۇرلىقى، دىنىمىزنىڭ ئىسلاملىقى، قىسقىچە تارىخىمىز ... قاتارلىق خېلى نۇرغۇن مەلۇماتلارنى سۆزلەپ بەردىم. بۇ سۆزلىرىمنى  ئاڭلىغان قارتازلىغۇچى بەكمۇ ھاياجانلاندى ۋە ئۆزىنىڭ بىر دۆلەت ئورنىدا ئىشلەيدىغانلىقىنى، ئۆزى ئائىلىسى بىلەن شۇ مەھەللىدە تۇرىدىغانلىقىنى، بۇ تازلىق ئىشىنى ئەتىگەنلىك سەھەر ۋاقتىدا قۇشۇمچە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيىتتى. كېيىن يەنە، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى بىلەن ئۈزىنىڭ ستوكھولم ئۈۋېرسىتىدا ئۇقىۋاتقان دەۋرىدە ئازراق تۇنۇشقانلىقىنى، بولۇپمۇ بۇ يىلقى بەشىنجى ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن خەلىقارا ئاخپارات ساھەلىرىنىڭ ھەپتىلەپ-ئايلاپ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئاڭلاتقان خەۋەرلىرىدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنى بىرقەدەر يېقىندىن تۇنىغانلىقى، ئەمما بىرەر ئۇيغۇر بىلەن بۇنداق ئۇچىراشمىغانلىقىنى ېيتىپ-، بۈگۈن سىنىڭ مىنى ئۆيگە تەكلىپ قىلىشىڭ ۋە ماڭا بەرمەكچى بولغان بىر ئىستاكان ئىسسىق چېيىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ قانچىلىك ئاقكۆڭۈل، ئادىمىگەرچىلىكى تۇيغۇسى يۇقىرى، ئالىجاناپ-پەزىلەتلىك، سېخى مىللەت ئىكەنلىكىڭلارنى ھەقىقى تۇنۇتتى، بۈ ھادىسە، ھاياتىمدا ئۇنۇتۇلماس ئەسلىمە بولىدۇ. شۇنداقلا، يىراق ئاسىيادىكى قەدىمى مەدىنىيەتلىك، ئېسىل پەزىلەتلىك ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان غايىۋانە دوستلىقىمنىڭ باشلىنىشى ياخشى بولدى، دىدى.


2009-12-12

شىۋىتسىيە


(ئاللاھ نەسىب قىلسا، بۇ ھەقتىكى ئەسلىمە خاتىرلىرىم يەنە داۋاملىشىدۇ)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zvmrat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-31 09:06 AM  


ئاناڭ سۈتىنى ئاقلايمەن دىسەڭ - ئانا يۇرتۇڭغا قان-تەرىڭنى سىڭدۈر

QQ : 770148110

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80808
يازما سانى: 662
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2137
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 110 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2012-8-3
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاۋال ئورۇن ئىلىۋىلىپ ئاندىن كۆرەي

بىر كۈنى شۇنداق ۋاقىت بولىدۇ ، كۆزگە  - كۆزلەر قادىلىدۇ !

كۆرىمىز ! ھىم ~! كىمنىڭ كۆزىدىن ياشلار ئاقىدۇ !!!!


                                                                     ANSWER

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82963
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 8 سائەت
تىزىم: 2012-7-25
ئاخىرقى: 2012-8-2
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىغا قىزىقىپ قالدىم. داۋامى بارمۇ ياكى مۇشۇنداقنام تۈگەمدۇ؟ ئەگەر يوق بولسا يىزىشنى ئويلىنىپ باقسىڭىز. بىرسىگە ئۆزىڭىزگە خاتىرە بولىدۇ، يەنە بىرىگە بىزگە ئوخشاش بىرىپ باقمىغانلار خاتىرىڭىزنى ئوقۇپ بىلمىگەننى بىلىۋالىلى. رەخمەت سىزگە. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   subat_kari998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-31 02:02 AM  


ھەي جۇڭگۇچىلىق

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48371
يازما سانى: 1914
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7288
تۆھپە نۇمۇرى: 1447
توردا: 4825 سائەت
تىزىم: 2011-7-19
ئاخىرقى: 2012-8-3
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىمەك سىزمۇ ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى كۆرۈپلا ،بىزگە ئوخشىمايدىغان قانداق كەمچىلىكى بارلىقىنى كۆرمەپسىز دە .ياكى داۋامىدا چىقامدۇ ...ھىم

سەن مىنىڭ ھەققىمدە نىمىنى ئويلىساڭ ياراتقۇچىمىز ساڭا شۇنىڭ ئىككى ھەسسىنى بەرسۇن ....دىنىمنىڭ ئىسلام بولغىنىدىن ئالامچە سۆيۈندۈم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23888
يازما سانى: 119
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3469
تۆھپە نۇمۇرى: 210
توردا: 1248 سائەت
تىزىم: 2010-12-26
ئاخىرقى: 2012-8-3
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرى قاچان چىقىدۇ ؟

يا تارىخنى يارىتىمىز،يا تارىخنى يازىمىز

ئىمپىراتور

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64728
يازما سانى: 814
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 333
تۆھپە نۇمۇرى: 748
توردا: 520 سائەت
تىزىم: 2011-11-12
ئاخىرقى: 2012-8-3
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇغۇتلۇق تىما  قاچان يەڭگىپ بولار!

ئەگەر قۇدىرىتىم يەتكەن بولسا،كۇڭزىنىڭ ساقىلىنى چۈشۈرۋىتىپ ئۇزۇن تون-يەكتەكلىرىنى سالدۇرۋىلىپ  نىيۇزەي ئىشتان  كەيدۈرۇپ قوياتتم!

بىز ھەممىمىز قايتقۇچىلارمىز !!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12341
يازما سانى: 741
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 9060
تۆھپە نۇمۇرى: 1359
توردا: 506 سائەت
تىزىم: 2010-10-1
ئاخىرقى: 2012-8-3
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ئىكةن , ئاخىرىغا تةشنامىز

ئىگىز ئۆسكەن دەرەخمۇ خالىي ئەمەس پۇتاقتىن ،
تۇغۇلسىكەن مىللىتىم پەقەت بىرلا قوساقتىن .!
                                            ھاجى مۇختەر بۇغرا

ھەر تىنىقمدا بىر سۇئال ؟!

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9531
يازما سانى: 171
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5983
تۆھپە نۇمۇرى: 428
توردا: 607 سائەت
تىزىم: 2010-9-7
ئاخىرقى: 2012-8-3
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەسىراتلار  سۈرەتلەر بىلەن بىرلەشكەن بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاركەن ! كىيىنكى تېمىلاردا بۇنى ئويلىشىپ باقاسىز !  

سۈرەتكە تولۇپتۇ كۈنلەر ئالبومى،
ئاختۇرساڭ بەرى بار ياخشى ياماننىڭ.
ئاقىدۇ   بەزىدە   شارقىراپ  دەريا،
گاھ سۇلار يولىدۇ ئاستى ساماننىڭ ....

دىلىڭ گۈزەل ، روھىڭ پاك بولسۇن

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6450
يازما سانى: 259
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6055
تۆھپە نۇمۇرى: 371
توردا: 3210 سائەت
تىزىم: 2010-8-15
ئاخىرقى: 2012-8-3
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامنى ساقلايمىز  ،قىرىندىشىم

قەشقەر شةۋقىي ظصلانچصلصقص سصصزنصث ظصلانچصلصق ساهةسصدصكص توغرا تاللصشصثصز!        
شەۋقى مۇنبىرىگە كۆڭۈل بۆلەيلى!
  [url=http://www.shewqiy.com/]http://www.shewqiy.

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36679
يازما سانى: 1058
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3922
تۆھپە نۇمۇرى: 51
توردا: 4378 سائەت
تىزىم: 2011-4-6
ئاخىرقى: 2012-8-3
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 02:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمدا پەيزى

تاغ سۈپەت قەددى بار ئىگىلمەيدىغان،
شىرسۈپەت روھى بار يىڭىلمەيدىغان .
ھەق ئۈچۈن ئۆلگەن بار تىرىلمەيدىغان.
شۇنداق بىر ۋەتەننىڭ ئوغلى ئىدىم مەن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش