مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2561|ئىنكاس: 0

مىللىي ئارمىيەنىڭ تەشكىللىنىش ئەھۋالى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

پۇزىتسىيە ھەممى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66074
يازما سانى: 337
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5340
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 477 سائەت
تىزىم: 2011-11-20
ئاخىرقى: 2015-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 03:12:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئازادلىق ئارمىيە بىلەن مىللى ئارمىيەنىڭ ئاقسۇدا ئۇچىرىشىشى (ئاتلىق كېلىۋاتقىنى مىللى ئارمىيە جەڭچىلىرى)




ئالدىنقى رەت ئوڭدىن ئەخمەتجان قاسىمى،مىللى ئارمىيەنىڭ باش قۇماندانى ئىسھاقبەگ مونۇنوف (قىرغىز)
ئارقا رەت ئوڭدىن ئابدۇكېرىم ئابباسوپ،سەيپىدىن ئەزىزى.


مىللى ئارمىيەنىڭ توپ زەمبىرەكلىرى.




مىللى ئارمىيەنىڭ پاگونلىرى

مىللى ئارمىيە ئەسكەرلىرى پاراتتىن ئۆتمەكتە.1949 - يىلى 12 - ئاي ئۈرۈمچى.

مىللى ئارمىيە ئاتلىق ئەسكەرلىرى قەشقەردە

مىللى ئارمىيەنىڭ تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە نەتىجىگە ئېېرىشكەن جەڭچىلەر

مىللى ئارمىيە جەڭچىلىرى ماناس دەرياسى بۇيىدا.

مىللى ئارمىيەنىڭ 1945 - يىلى 4 - ئاينىڭ 8 - كۈندىكى ئارمىيە قۇرۇلۇش مۇراسىمىدىكى بايراق چىقىرىش.

مىللى ئارمىيەدىكى مېھرى - شەپقەت ھەمشىرىلىرى.


مىللى ئارمىيەدىكى ئايال ئوفېتسىر - جەڭچىلەر.



مىللى ئارمىيە نەشىر قىلغان گېزىت < يېڭى يول > گېزىتى ھىجىرىيە 1269 - يىلى 7 - يانۋار شەنبە رەبىيەلئەۋۋەلنىڭ 18 - كۈنى.


1945 - يىلى 7 - ئاي .غۇلجا بايانداي مىللى ئارمىيە ھەربى مەكتىپىدىكى ئوقۇچى ئەسكەرلەر.


مىللى ئارمىيەنىڭ ئاتلىق قىسىمى.





مىللى ئارمىيەنىڭ < ئىستىقلالىيەت ئۈچۈن كۈرەش > ئوردېنى








مىللى ئارمىيەنىڭ ساداقەت ئوردىنى


1945-يىلى 4-ئاينىڭ 8 -كۈنى غۇلجىدا ئون مىڭدىن ئارتۇق كىشى يىغىلىپ،مىللىي ئارمىيەنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى تەن-تەنە بىلەن جاكارلىدى ۋە "8-ئاپرىل"نى ئارمىيە قۇرۇلۇش كۈنى دەپ بېكىتتى. ئۇ چاغدا مىللىي ئارمىيەنىڭ سانى 15 مىڭغا يەتكەن ئىدى.
يېڭى ماش رەڭ كىيىملەرنى كىيىپ،پاگونلارنى تاقىغان  كوماندىر -جەڭچىلەر پاراتتىن ئۆتتى.پاراتتا ھەر خىل زەمبىرەك ،پىلۇمۇت،تانكا ئاتارلاردىن باشقا،ئولجىغا چۈشكەن بىر-قانچە ئايرۇپىلانلار يىغىن مەيدانىنىڭ ئاسمىنىدا ئايلىنىپ ئۇچتى.
ئارمىيە تۆۋەندىكىدەك 7 پولىك بولۇپ تەشكىللەندى.
غۇلجا پىيادىلەر 2-پولكى.
غۇلجا زاپاس 4- پولكى
تىكەس ئاتلىق  1- پولكى
تىكەس ئاتلىق 2-پولكى
سۈيدۇڭ پىيادىلەر 1-پولكى
كەڭ ساي ئاتلىق 3-پولكى
تۇققۇستارا ئاتلىق پولكى
ئۇنىڭدىن باشقا مۇستەقىل 5 باتالىئون بولۇپ:
تۇڭگان ئاتلىق باتالىئونى
مۇڭغۇل ئاتلىق باتالىئونى
زەمبىرەكچىلەر باتالىئونى
مۇھاپىزەتچىلەر باتالىئونى
مۇستەقىل ئاتلىق باتالىئون.دەپ رەسمىئىي تەشكىللەندى.
ئىلى ۋىلايىتىدىن باشقا يەرلەردە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان پارتىزانلاردىن ،دەلىلقان باشچىلىغىدىكى ئالتاي ئەترىتى،موللا ئىسلام باشچىلىغىدىكى جىمىنەي ئەترىتى،تارغاباتايدىكى غۇجا ئىسلام ئەترىتى، تولىدىكى مايلى ئەترىتى،قازىخان مۇناپبايىف ،دېنسوۋ پارتىزان ئەترەتلىرى شىخودىن،ئايغىر بۇلاقتىكى نايخىل پارتىزان ئەترىتى،نىكتىن پارتىزان ئەترىتى يۇلتۇز ۋە تاشقورغان پارتىزان ئەترەتلىرى بولۇپ جەمى 2500 دىن ئارتۇق پارتىزان ئەترەتلىرى بار ئىدى.


http://uyghur.co.uk/wiki/index.php?title=%D9%85%D9%89%D9%84%D9%84%D9%89%D9%8A_%D8%A6%D8%A7%D8%B1%D9%85%D9%89%D9%8A%DB%95%D9%86%D9%89%DA%AD_%D8%AA%DB%95%D8%B4%D9%83%D9%89%D9%84%D9%84%D9%89%D9%86%D9%89%D8%B4_%D8%A6%DB%95%DA%BE%DB%8B%D8%A7%D9%84%D9%89

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
Davan_Axkuqi + 50 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 50   باھا خاتىرىسى

مائارىپ ئېڭى يوق مىللەت نادان بولىدۇ،ئىقتىساد ئېڭى بولمىغان مىللەت نامرات بولىدۇ،سىياسى ئېڭى بولمىغان مىللەت قۇل بولىدۇ!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش