دوستلار ھەممىمىزگە مەلۇم ھازىر دەۋىر تەرەققىياتىنىڭ تىزلىشى بىلەن تۇرمۇشىمىزغىمۇ نۇرغۇن يېڭى شەيئىلەر كېرۋاتىدۇ مەسىلەن تېلۋىزور دېگەندەك... بۇيەردە دېمەكچى بولغۇنۇم ھازىرقى 3ئۆلچەملىك تېلۋىزور بۇلۇپ
گەپنىڭ قىسقىسىنى ئېيتسام بىز ئۈلۈشكۈن مۇشۇ خىلدىكى تېلۋىزوردىن بىرنى سېتىۋالغان ئىدۇق،سۈپىتى ھەقىقەتەن
ياخشىكەن بىراق مۇشۇ تېلۋىزوردا كۆردىغان 3ئۆلچەملىك فىلىم ۋە 3ئۆلچەملىك mtv لارنى توردىن چۈشۈرۈش
بەك قىيىن ئىكەن.بەزى خەنزۇچە تور بىكەتلەردە تەمىنلەنگەن بولسىمۇ چۈشۈرۈش ئۈچۈن شۇ توربەتكە تىزىملىتىپ
ئىنكاس يېزىش كېرەك ئىكەن.لېكىن مەن شۇ دېگىنى بۇيىچە قىلغان بولساممۇ سىزنىڭ دەرىجىڭىز بۇ ھۆجەتنى چۈشۈرۈشكە توشمايدۇ ياكى 20 مىنوتتىن كېيىن مەشغۇلات قىلالايسىز دېگەندەك خەتلەر چىقىۋىلىپ بەك تېرىكتۈردى. شۇڭا كۆپچىلىك بولسا مۇشۇ خىلدىكى فىلىملەرنى چۈشۈرۈشكە قۇلايلىق بولغان ئۇسۇلنى تېپىپ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلساق...
(تەھرىردىن : تورداشلارنىڭ ياردەم سۇراپ يوللىغان تىمىلىرىنىڭ ئىملاسىنىڭ توغرا، تىما ماۋزۇسىنىڭ ياردەم مەزمۇنىنى ئەكىس ئەتكەن ئاساستا يېزىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. <<جىددى ياردەم>>، <<ماڭا ياردەم كېرەك>> دېگەندەك ماۋزۇلاردا يوللىماي نەخ گەپنىڭ ئۆزىنىلا يازساڭلا كېيىنچە باشقا تورداشلارنىڭ ئىزدەپ تېپىشىغىمۇ قۇلايلىق بۇلىدۇ.)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا elijan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-31 03:35 AM