ھاراقكەشلەر ياشىسۇن
(فېليەتون)
ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت
كىچىك چاغلىرىمدا، ئەمدىلا تىلىم چىقىشىغا ئاتا-ئانام ماڭا ۋاپات بولۇپ كەتكەن ئەجدادلىرىمىزنىڭ مۇبارەك نام-شەرىپىنى ئۇلۇغ بوۋىمىزدىن باشلاپ بىر مۇ-بىر ئاتاپ، ئۇلارنىڭ روھىناتلىرىغا دۇئا-تىلاۋەت قىلىشنى ئۆگەتكەن. ھەر قېتىملىق ناماز ۋە ھەر بىر ۋاق تاماقتىن كېيىن ئۇلارغا ئاتاپ ئۇزۇندىن-ئۇزۇن دۇئا-تىلاۋەتلەرنى قىلىپ، ئۆزۈمگە روھىي تەسەللى تېپىپ كەلگەنمەن. ئاتا-ئاناممۇ ۋاپات بولۇۋىدى، ئەمدى ئۇلارنىڭ نامىنى باشقا ئېلىپ يەنە پەرزەنتلىرىمنىڭ بەختىنى، ئائىلىمىزنىڭ ئامانلىقىنى تىلەپ، دۇئا-تىلاۋەت قىلىپ كېلىۋاتىمەن. قارىغاندا، ھەر كۈنلۈك دۇئا-تىلاۋىتىمدە يىغلاپ تۇرۇپ ئىسمىنى ئاتايدىغانلار كۆپىيىپ بارغۇدەك. بىراق، ئويلاپ باقسام ھېچكىممۇ ماڭا دۇئا-تىلاۋىتىمدە زىكرى قىلىدىغانلارنىڭ ئىسىملىكىنى تاپشۇرۇشۇمنى تەلەپ قىلىپ باقمىدى- مۇنۇ زاتقا دۇئا-تىلاۋات قىلمىساڭ بولمايدۇ دەپ مەجبۇرلاپ باقمىدى. شۇڭا، ئۆزۈم خالاپ، يۈرىكىم سېغىنغانلارغا دۇئا-تىلاۋەت قىلىۋاتىمەن، يۈرىكىم تونۇغانلارنىڭ ئىككى دۇنيالىقىنى تىلەۋاتىمەن.
ئەمدى ئىش ئۇنداق بولمايدىغاندەك قىلىدۇ: مەن ئۆمرۈمدە بىر ئۆمۈر ھاراقكەشلىك قىلىپ، ئىت-ئېشەكتىن بەتتەر خار-زارلىقتا ياشاپ، ئەلنىڭ نەپرىتى بىلەن ئۆلگەن بىرەر ھاراقكەش ئۈچۈن: «ئى ئۇلۇغ ئاللاھ، كەرىمىڭ كەڭدۇر، بۇ بەندەڭنىڭ گۇناھىي-كەبىرلىرىنى مەغپىرەت قىلغايسەن، ئۇنىڭغا جەننەت ئاتا قىلغايسەن....» دەپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىپ باقماپتىمەن؛ يەنە ئەشۇنداق لەنىتى، دەۋزىخىيلەردىن بىر ئۆمۈر ئىبرەت ئالماي، ساقىلى ئاقارغىچە قاۋاقلاردىن چىقالماي يۈرگەن ناكەسلەر ئۈچۈن ئىنساپ، ئىمان، ھىدايەت تىلەپ باقماپتىمەن.
ئەمدى بىلسەم، مېنىڭ بارلىق دۇئا-تىلاۋەتلىرىم، ھەمدۇ-سانالىرىم، مۇناجات-نىدالىرىم ئالدى بىلەن ئاۋۇ ھاراقكەشلەر ئۈچۈن بولغىنى ئەڭ ئەۋزەل ئىكەن. بۇنىڭ سەۋەبىنى بىر قېتىملىق سورۇندا بىلىۋالدىم.
ھاراق قەدەھلەردە ئايلىنىۋاتىدۇ، ئىچكەنلەرنىڭمۇ، ئىچمىگەنلەرنىڭمۇ بېشى جاھاندا ئايلىنىۋاتىدۇ. راستىنى دېسەم، سورۇنىمىزنىڭ تۆرىدىكى خەلق سەنئەتكارى، ئاجايىپ پەلسەپىۋىي ھېكمەتلەرگە تويۇنغان، ئۆزىنىڭ كىنايىلىك لەتىپە-چاخچاقلىرى بىلەن ھەممىنى تاڭ قالدۇرىدىغان، خەلقىمىزنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان مۆتىۋەر ئاكىمىز تۇرغۇن مۆمىننى سورۇنغا يەنە قانداق يېڭىلىقلارنى ئېلىپ كەلگەندۇ دېمىسەم، يىراقتىن كەلگەن بۇ ئەزىز مېھمانلارنىڭ ئالدىدا سەت بولۇشىنى ئويلاپ ئولتۇرمايلا ئۆز يولۇمغا ماڭغان بولاتتىم. مانا ئاخىرى تۇرغۇن مۆمىن ئاكىمىزنىڭ خاسىيەتلىك ئاغزى ئېچىلدى: «ھاراقكەشلەر ياشىسۇن!». تۇرغۇن مۆمىن ئاكىمىز بۇ قوشاقنى ئوقۇپ تۈگەتتى، قىزغىن ئالقىشلار، مۇلاھىزىلەر خېلى ئۇزۇنغىچە داۋاملاشتى. تۇرغۇن مۆمىن ئاكىمىز ئاخىرىدا: «ھەممەيلەن ھاراقكەشلەرنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولۇشىنى تىلەيلى. ئۇلار ئۆزلىرىنى قۇربان قىلىپ بىزنىڭ ھاياتىمىزنى، بەخت-سائادىتمىزنى، ئېتىقادىمىزنى قوغدىغۇچىلار. ئۇلار ئىچسۇن، مەستلىكىدىن شەيتانمۇ كۈلگىدەك ئىچسۇن، كوچىلاردا رەسۋا بولۇپ يۈرگىدەك ئىچسۇن، دۇكانلار ئاۋاتلىشىپ، ئۇلار نامراتلىشىپ ئۆلگىدەك ئچىسۇن!.... ئەگەر ئۇلار مۇشۇنداق ئىچىشنى بىر كۈن توختۇتۇپ قويسا، بىزگە قىيامەت قايىم بولىدۇ. يەرلىك ئەمەلدارلار دەرھال ھۆججەت چۈشۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى ئەتىگەندە بىر جىڭدىن، ئادەتتىكى كادىرلار 400 گرامدىن، ئايال ئىشچى خىزمەتچىلەر200 گرامدىن ھاراق ئىچىپ ئىشقا چۈشۈشى لازىم؛ دىنىي زاتلار، ھۆكۈمەتنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلىنى ئالىدىغانلار، كاپالەت خاراكتېرلىق تۇرالغۇ ئۆيدە تۇرۇۋاتقانلار مۇۋاپىق ئىچىشى كېرەك؛ مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنى ھاراق بىلەن ناشتا قىلدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشى، شۇ ئارقىلىق ئادەم تەربىيىلەش بازىسىنى مۇستەھكەملىشى لازىم؛ دوختۇر خانىلار، ئاممىۋىي سەھىيە مۇلازىمەت تارماقلىرى دەرھال تەدبىر قوللىنىپ، بىمارلارغا ئاسىدىغان ئاسمىنىڭ ئورنىغا ھاراقنى ئالماشتۇرۇشنى جىددى سىناق قىلىپ يولغا قويۇشى لازىم؛ قارشىلىق كۆرسەتكەنلەر سىياسىي مەيدانى مۇستەھكەم ئەمەس دەپ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؛ نېسى ھاراق ئىچىپ ھاراق سودا ئوبوروتىغا تەسىر كۆرسەتكەنلەر ۋە ئاشقازىنىمدا يارا بار، قان بېسىمىم يۇقىرى، يېقىندا مۇسىبەتلىك بولغانتىم....دېگەندەك يوقىلاڭ باھانە-سەۋەبلەرنى كۆرسەتكەنلەرنى قانۇن ئورۇنلىرىغا يوللاپ بېرىش كېرەك.... دەپ بەلگىلىمە چىقىرىدۇ.»،-دېۋىدى، ئۇنىڭ گېپىنىڭ تېگىگە يەتتىم. چۈنكى، بىر نەچچە يىل بۇرۇن مەلۇم بىر گېزىتتىن ئىچكىرى ئۆلكىدىكى مەلۇم بىر ناھىيە ناھىيىلىك پارتكومنىڭ قىزىل باشلىق ھۆججىتىنى چۈشۈرۈپ مۇشۇ ناھىيە ئىشلەپ چىقارغان ھاراقنى پۇخرالارنىڭ مەجبۇرىي سېتىۋېلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى كۆرگەنمەن.
ئەمدى مېنىڭ بارلىق دۇئا-تىلاۋەتلىرىم، ھەمدۇ-سانالىرىم، مۇناجات-نىدالىرىم ئالدى بىلەن ئاۋۇ ھاراقكەشلەر ئۈچۈن بولسۇن. مەن ئۇلارنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولۇشىنى، تېنىنىڭ ھاراق كۆتۈرۈشكە لايىق ساغلام بولۇشىنى تىلەيمەن. ئۆزۈم بىلىدىغان، ئۆلۈپ جەسەتلىرى ئاللا بۇرۇن چىرىپ كەتكەن ھاراقكەشلەرنىڭ نامىنى مەرھۇم ئاتا-ئانامنىڭ نام-شەرەپلىرىنىڭ ئالدىغا قويۇمەن! ئاللاھ، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى مەن تارتاي، چۈنكى مېنىڭ قان بېسىمىم ناھايىتى يۇقىرى، ئاشقازىنىمدا يارا بار، ئىككى نارەسىدە بالام بار......
مەنبە ؛ تور دۇنياسى