ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ 1-سوتىدا غۇلجا شەھەرلىك پارتكومنىڭ سابىق شۇجىسى جىياۋ باۋخۇانىڭ ئاشنىسى دۇ ..غا 15 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىپتۇ.ئەمما ئۇ يۇقۇرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرزى سۇنۇشقا تەييارلىق قىلىۋېتىپتىمىش.
ئاسىيا كىندىكى تورىنىڭ حەۋىرىگە قارىغاندا ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ 1-سوتىدا دۇ فامىلىلىك ئۆزىنى ئاقلاپ « مەن پەقەت مۇناسىۋەت باغلىغۇچى، پارىخور ئەمەس» دەپ ئۆزىنى ئاقلىغان بولسىمۇ ئەمما سوت دۇ فامىلىلىكنى جىياۋ باۋخۇانىڭ ئىمتىيازىدىن پايدىلىنىپ يې ۋە شې فامىلىكتىن جەمئىي 21مىليون ئۈندۈرۋالغان، مۇشۇنىڭ ئۆزى پاراخورلۇق جىنايىتىگە ياتىدۇ، دەپ قارىغان.
تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتا يېزىلىشىچە، دۇ فامىلىلىك بۇ خېنىم 2006-يىلى تىجارىتىنى كڭەيتىش مەقسىدىدە غۇلجىغا كلىپ غۇلجا شەھەرلىك پارتكومنىڭ 1-قولى جىياۋ باۋخۇا بېلەن تونۇشۇپ قالغان. بىر قېتىملىق ساياھەتتىن كېيىن ئۇلار ئىش-پەش تارتىشىپ ئاشىق-مەشۇق بولۇپ قېلىشقان. دۇ فامىلىلىك بۇ خېنىم ئۇچرىغانلىكى ئادەمگە ئۆزى بېلەن جىياۋ باۋخۇانىڭ ئاكا-سىڭىل ئىكەنلىكىنى كەڭ تۈردە تەشۋىق قىلغان.
2009-يىلى 4-ئايدا غۇلجىدىكى يېجىياۋ باۋخۇانىڭ فامىلىلىك بىر ئۆي-مۈلۈك خوجايىنى دۇ فامىلىلىك بۇ خېنىمنىڭ جىياۋ باۋخۇانىڭ ئاشنىسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ ئۇنى ئىزدەپ بېرىپ جىياۋ باۋخۇاغا 170مو يەر تەستىقلىتىپ بەرسە ئۇنىڭغا 10مىليون يۇەن تاپان ھەققى بېرىدىغانلىقىنى ئېيىتقان.
دۇ فامىلىلىك بۇ خېنىم جىياۋ باۋخۇانى ئىزدەپ ئۇنىڭغا يې فامىلىلىك ئۆي-مۈلۈك خوجايىنىنىڭ مەقسىدىنى ئېيىتقاندا جىياۋ باۋخۇا ئاچچىقلاپ يېقىن كەلتۈرمىگەن. دۇ فامىلىلىك خېنىم : « بىراق ئۇ 18 مىليون يۇەن بېرىشكە قوشۇلغان تۇرسا » دېگەندە جىياۋ باۋخۇا : « مەن دېگەن دۆلەت مەمۇرى تۇرسام ئۇنچە كۆپ پۇلنى قانداق قوبۇل قىلالايمەن » دېسە دۇ فامىلىلىك : « بىراق مەن دۆلەت مەمۇرى ئەمەس. مەن قوبۇل قىلسام بولىدىغۇ» دېگەن.
شۇنداق قىلىپ 2009-يىلى 7-ئايدا يې فامىلىلىك بىر ئۆي-مۈلۈك خوجايىنى ھېلىقى يەرنى ئوڭۇشلۇق قولغا كىرگۈزگەن.
يې فامىلىلىك ئۆي-مۈلۈك خوجايىنى جىياۋ باۋخۇانىڭ ياردىمىدە يەنە 73.9مو يەرگە ئېرىشىپ دۇ فامىلىلىك بۇ خېنىمغا 18مىليون يۇەن تاپان ھەققى بەرگەن.
2009-يىلى 5-ئايدا دۇ فامىلىلىك غۇلجىدا ئۆي-مۈلۈك سودىسى قىلىدىغان بىر ساۋاقدىشىغا غۇلجا شەھەرلىك 15-باشلانغۇچ مەكتەپ يېنىدىن يەر تەستىقلىتىپ بېرىپ 3مىليون يۇەن تاپان ھەققىگە ئېرىشكەن.
بۇ يىل 43 ياشقا كىرگەن دۇ فامىلىلىك بويى ئىگىز ھەم زىلۋا، ئاقپىشماق كەلگەن چوكان بولۇپ ئىلگىرى ئۈرۈمچى شەھرىدىكى بىر سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز شىركىتىدە مۇئاۋن دىرىكتۇر بولۇپ ئىشلىگەنكەن. ئۇ قانۇن تورىغاچۅشكەندىن كيىن قىلمىشىغا پۇشايمان قىلىپ، ئائىلىسىدىكىلەرگە يۈز كىلەلمەيدىغانلىقىنى ، قانۇننىڭ ئۆزىنى يېنىك بىر تەرەپ قىلىشىنى ئېيتىپتۇ.
http://news.stnn.cc/china/201207/t20120730_1770158_1.html
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا a.sayrami تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-30 11:21 PM