مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3866|ئىنكاس: 24

ئىسلام ئەللىرىدە رامزان... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

سەمىمى بولۇڭ!!!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25217
يازما سانى: 258
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9627
تۆھپە نۇمۇرى: 291
توردا: 203 سائەت
تىزىم: 2011-1-6
ئاخىرقى: 2012-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-30 07:38:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

imagescadqzb9i.jpg

مالايسىيادا رامىزان-----مالايسىياغا ئىسلام دىنى جەنۇبى شەرقى ئاسىيا دۆلەتلىرىگە تىجارەتچىلەر ۋە دەۋەتچىلەر ئارقىلىق كىرگىنىگە ئوخشاش كىرگەن بولۇپ، كېيىن پۈتۈن مالايسىيا زېمىنلىرىگە كەڭ تارقالغان. ئاللاھ تائالانىڭ پەزلى – مەرھەمىتى بىلەن مالايسىيادا نۇرغۇن جامە – مەسجىدلەر بىنا قىلىنغان، جۈملىدىن مالايسىيا پايتەختى كۇئالا لومپوردا 15 مىڭ كىشى بىرلا ۋاقىتتا ناماز ئوقۇيالايدىغان چوڭ بىر جامە بار.
مالايسىيا مۇسۇلمانلىرى باشقا ئىسلام ئەللىرىدىكى مۇسۇلمانلىرىغا ئوخشاش رامىزان ئېيىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغان بولۇپ، شەبان ئېيىنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن تەڭ ئۇلاردا رامىزان ئېيىنى كۈزىتىش قىزغىنلىقى باشلىنىدۇ. ئاينى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ گۇۋاھلىقىنىڭ راستلىقى ئىسپاتلانغاندىن كېيىن كۆزەتكۈچىلەرگە قىممەتلىك سوغاتلار تەقدىم قىلىنىدۇ. دىنىي ئىشلار مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن رامىزان ئېيىنىڭ باشلانغانلىقى ھەققىدە رەسمىي بايانات چىقىرىلىپ، بارلىق تەشۋىقات ۋاستلىرىدە ئېلان قىلىنىدۇ. يەرلىك ئورگانلار يول – كوچىلارنى پاكىزلاپ، سۇ چېچىپ، ھەر خىل رەڭلەردىكى چىراغلارنى ئېسىپ، كوچىلارنى باشقىچە بېزىۋېتىدۇ.
مالايسىيا مۇسۇلمانلىرى شەبان ئېيىنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن بىر ئاي رامىزانلىق ئېھتىياجلىرىنى سېتىۋېلىشقا، ناماز ئوقۇغۇچىلارنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن مەسجىدلەرنى قايتىدىن زىننەتلەپ تەييارلاشقا باشلايدۇ، رامىزان ئېيىنىڭ كىرگەنلىكىنى ھەر قەبىلە ئۆز ئۆرپ – ئادەتلىرىگە كۈرە، داپ، ناغرا – سۇناي قاتارلىقلارنى چېلىش ئارقىلىق ئېلان قىلىدۇ. رامىزان ئېيىدا ئەر – ئايال، كىچىك بالىلار مەسجىدلەرگە يۈزلىنىدۇ، بۇ مۇبارەك ئايدا مەسجىدلەرگە ئەتىر ۋە ھەر خىل خۇشپۇراقلىق ماددىلار پۈركىلىدۇ.
مالايسىيا مۇسۇلمانلىرى كۈن ئولتۇرۇشى بىلەن سۇ، سۈت – قېتىق، خورما، مېۋە – چېۋەلەرگە ئوخشاش يېنىك نەرسىلەر بىلەن ئېغىز ئېچىپ، ناماز شامنى مەسجىدلەردە جامائەت بولۇپ ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئاساسلىق ئىپتارلىق تائاملىرىنى يېيىشكە باشلايدۇ. ئىپتار تائاملىرىدىن كېيىن تاھارەت ئېلىپ خۇپتەن، تەراۋىھ نامازلىرىنى جامائەت بولۇپ ئادا قىلىش ئۈچۈن قايتا مەسجىدلەرگە يۈزلىنىدۇ. ئۇلار رامىزان ئېيىنى غەنىمەت بىلىپ، قۇرئان كەرىمنى كۆپ ئوقۇيدۇ. دۆلەت تەرىپىدىن مالايسىيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا قۇرئان كەرىمنى يادلاش مۇسابىقىلىرى ئۇيۇشتۇرۇلىدۇ. ئاخىردا ئەلا نەتىجىگە ئېرىشكەنلەرگە، ئۇستازلارغا قىممەتلىك مۇكاپاتلار بېرىلىدۇ.
مالايسىيادا ھەر يىلى رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرىدا قۇرئان كەرىمنى ئاخىرلاشتۇرۇش مۇراسىملىرى ئۈچۈن ياكى روزا ھېيت نامىزى ئۈچۈن توپلانغان مۇسۇلمانلارنى كۆرگىلى كەلگەن باشقا دىندىكى نۇرغۇن كىشىلەر بەس – بەستە ئىسلام دىنىغا كىرىشكە باشلايدۇ.
مالايسىيا مۇسۇلمانلىرى ئىپتارنى ئاساسەن مەسجىدلەردە قىلىدۇ، بەزى ساخاۋەتچىلەر نۆۋەت بىلەن مەسجىدلەرگە ئىپتارلىق تائاملىرىنى ئېلىپ كېلىپ، جامائەتلەرگە ئىپتارلىق بېرىدۇ. يەنە بەزىلەر ئۆيلىرىدە ئىپتار قىلىدۇ ۋە جامائەتنى ئۆيلىرىگە چاقىرىپ، ئىپتارلىق زىياپىتى بېرىدۇ. يېزىلاردا بۇ مۇبارەك ئاي ئاخىرلاشقىچىلىك ھەر بىر ئائىلە نۆۋەت بىلەن جامائەتكە ئىپتارلىق بېرىش ئادىتى ئومۇملاشقان.



مىسىردا رامىزان



رامىزان ئېيى ئىسپاتلىنىش بىلەن تەڭ مىسىر كوچىلىرى گۈزەل مۇراسىم كوچىلىرىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ، خەلق ئاممىسى بازارلاردا رامىزانلىق ئېھتىياجلىرىنى سېتىۋېلىش ھەرىكەتلىرىنى باشلىۋېتىدۇ، كوچىلارغا ھەر خىل رەڭدىكى زىننەت چىراغلىرى ئېسىلىدۇ، بالىلار ھەر خىل مەزمۇندىكى تەبرىك شىر - قوشاقلارنى ئوقۇپ، كوچىلارنى زىلزىلگە كەلتۈرىۋېتىدۇ..



مىسىردا رامىزان داستىخانلىرى



فۇل - دادۇر، پۇرچاق مىسىردا رامىزان داستىخانلىرىدا كەم بولسا بولمايدىغان تائاملارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. دادۇر، پۇرچاق سودىگەرلىرى كۇچا – كوچىلارنى ئايلىنىپ، دادۇر، پۇرچاقلارنى مەدھىيىلەيدىغان قوشاقلارنى ئوقۇپ، خېرىدارلارنى ئۆزلىرىگە جەلب قىلىدۇ.

مىسىردا رامىزان داستىخانلىرى تۈرلۈك تائام، ھەر خىل ئىچىملىكلەر بىلەن بېزىلىدىغان بولۇپ، خەلق ھۆل خورما، سۇ، سۈت - قېتىق، ھەر خىل مېۋە - چېۋەلەردىن ئالاھىدە تەييارلانغان ئىچىملىكلەر بىلەن ئىپتار قىلىۋالغاندىن كېيىن جامائەت بولۇپ، ناماز شامنى ئوقۇشقا ئالدىرايدۇ، ئۇلار جامائەت بولۇپ ناماز شامنى ئوقۇۋالغاندىن كېيىن، تۈرلۈك تائام، ھەر خىل ئىچىملىكلەر بىلەن بېزەلگەن داستىخان ئەتراپىغا قايتا جەم بولۇپ، داستىخاندىكى پولو، كاۋاپلار بىلەن ياخشى غىزالىنىدۇ. مىسىر مۇسۇلمانلىرى ئۇرۇق - تۇغقان، خولۇن - قوشنىلىرىنى ئىپتارلىتىش، ئۇلارنى نۆۋەت بىلەن زىيارەت قىلىش قاتارلىق ئۆرپ - ئادەتلەردە دۇنيادىكى باشقا مۇسۇلمان قېرىنداشلىرى بىلەن ئورتاقلىشىدۇ. مىسىر مۇسۇلمانلىرى ئىپتاردىن كېيىن كىنافە، باكلاۋا قاتارلىق تاتلىق يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ.



مىسىردا تەراۋىھ نامازلىرى



مىسىر مۇسۇلمانلىرى ئىپتار تائاملىرىدىن پارىغ بولغاندىن كېيىن تەراۋىھ نامازلىرىنى مەسجىدلەردە ئوقۇش ئۈچۈن ئىماملىرى قۇرئان كەرىمنى ياخشى ئوقۇيدىغان جامەلەرگە يۈزلىنىدۇ، مىسىردىكى ھەر قانداق مەسجىدتە ئاياللارنىڭ ناماز ئوقۇشى ئۈچۈن تەييارلارنغان ئايرىم بۆلەكلەر بار بولۇپ، ئاياللار تەراۋىھ نامازلىرىنى مەسجىدلەردە ئۇقۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولىدۇ. كۆپلىگەن مەسجىدلەردىكى تەراۋىھ نامازلىرىدا قۇرئان كەرىمدىن بىر پارە ئوقۇلىدۇ، بىر پارىدىن ئاز ياكى ئۈچ پارە، ھەتتا ئون پارە ئوقۇلىدىغان مەسجىدلەرمۇ بار.

مىسىردا رامىزان ئايلىرىدا بولۇپمۇ رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئونىدا ۋە قۇرئان كەرىم ئاخىرلىشىدىغان كېچىسى بەزى مەسجىدلەر تولۇپ كېتىپ بىر كىشىلىك ئورۇن تېپىش ناھايىتى قىيىنغا توختايدۇ. مەسجىدلەرگە جامائەتنىڭ سىغمايۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ئىمام – خەتىپلەر جۈمە خۇتبىلىرىدا: رامىزان ئېيىنىڭ پەرۋەردىگارى ھەممە ئايلارنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر، نېمە ئۈچۈن سىلەر باشقا ئايلاردىمۇ مەسجىدلەرگە مۇشۇنداق يىغىلمايسىلەر؟، دەپ كايىپ كېتىدۇ.

مىسىر مۇسۇلمانلىرى تەراۋىھ نامازلىرىنى مەسجىدلەردە ئوقۇشقا ئەھمىيەت بەرگىنىدەك، كېچىنىڭ يېرىمىدا باشلىنىپ، سوھۇرلۇق ۋاقتىغىچىلىك داۋاملىشىدىغان تەھەججۇد نامازلىرىنى ھەم مەسجىدلەردە ئوقۇشقا، مىسىردىكى مەشھۇر جامەلەرگە بېرىپ ئېتىكاپتا ئولتۇرۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. مىسىر ۋەخپە ئىشلىرى مىنىستىرلىكى ياكى ئەزھەردىكى پىداكار ئۇستازلار ھەر يىلى رامىزان ئېيىنىڭ كىرىشى بىلەن كۆپلىگەن جامەلەردە رامىزان كېچىلىرىنى غەنىمەت بىلىش پائالىيەتلىرىنى، دەرس، مۇھازىرە – لېكسىيىلەر، ۋەز – نەسىھەت سورۇنلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، بۇ پائالىيەتلەرنىڭ ۋاقىت ۋە ئورۇنلىرىنى ئالدىن ئېلان قىلىدۇ.



مىسىردا رامىزاندا زەمبىرەك ئېتىش ئادىتى



مىسىردا رامىزان ئېيىنىڭ ئىسپاتلانغانلىقىنى، ئىپتار ۋاقتىنىڭ كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلىش ئۈچۈن شۇنىڭدەك، روزا ھېيت بولغانلىقىنى ئېلان قىلىش ئۈچۈن زەمبىرەك ئېتىش ئادىتى ئومۇملاشقان بولۇپ، ئېلان قىلىش مەسئۇلىيىتىنى تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى ئۈستىگە ئالغان بۈگۈنكى كۈنلەردىمۇ بۇ ئادەت مىسىرنىڭ ھەر قايسى شەھەر ۋە يېزىلىرىدا داۋاملاشماقتا. زەمبىرەك ئاۋازى بىلەن ئائىلە ئەزالىرى ئىپتار داستىخىنى ئەتراپىغا جەم بولىدىغانلىقى ئۈچۈنمۇ ياكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: "روزا تۇتقۇچى ئۈچۈن ئىككى خۇشاللىق بار، بىرى ئىپتار قىلغان ۋاقتىدىكى خۇشاللىق، يەنە بىرى پەرۋەردىگارىغا ئۇچراشقان ۋاقتىدىكى خۇشاللىق" دېگىنىدەك، ئىپتار ۋاقتىدىكى خۇشاللىققا ئېرىشىدىغانلىقى ئۈچۈنمۇ ئىشقىلىپ مىسىر خەلقى زەمبىرەك ئاۋازىنى ئاڭلاش بىلەن تەڭ شادلىققا چۆمىدۇ.

مىسىردا رامىزاندا زەمبىرەك ئېتىش ئادىتىنىڭ قاچان، قانداق پەيدا بولغانلىقى ھەققىدە تارىخ كىتابلىرىدا ھەر خىل رىۋايەتلەر بار بولۇپ، مەشھۇر رىۋايەت شۇكى، مىسىر ۋالىيلىرىنىڭ بىرىگە چەتئەللەرنىڭ بىرىدىن بىر زەمبىرەك سوغات قىلىنغان بولۇپ، ئۇنى سىناق قىلىش رامىزاننىڭ بىرىنچى كۈنى كۈن ئولتۇرۇش ۋاقتىغا توغرا كەلگەن، ئىپتار ۋاقىتىنى كۈتۈپ ئولتۇرغان مىسىر خەلقى بۇ ئاۋازنى ئاڭلاپ، كۈننىڭ ئولتۇرغانلىقىغا بېرىلگەن ئىشارەت بولىشى مۇمكىن، دەپ ئىپتار قىلىشقان، ئەتىسى يۇرت چوڭلىرى كېلىپ ۋالىيغا خەلقنىڭ بۇ ئىشتىن ئىنتايىن مەمنۇن بولغانلىقنى يەتكۈزگەن، شۇنىڭ بىلەن مىسىر ۋالىيسى خەلقنى مەمنۇن قىلغان بۇ ئىشنى ھەر كۈنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئەمرى قىلغان، مىسىرنىڭ كېيىنكى ۋالىيلىرى بۇ ئىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، بۇ ئىشنى مىسىرنىڭ ھەر قايسى شەھەر ۋە يېزىلىرىغا كېڭەيتكەن.

بۇ ئادەتنىڭ قانداق پەيدا بولىشىدىن قەتئىينەزەر مىسىر خەلقى بۇ ئادەتنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ، مىسىر خەلقى رامىزاندا كۈن ئولتۇرغان ۋاقىتتا مىسىرنى زىلزىلىگە سالىدىغان بۇ ئاۋازنى ئاڭلاشقا ھەر زامان ۋە ھەر ماكان تەشنا بولۇپ تۇرىدۇ.

ئوبۇلقاسىم ئەھمىدى.


ئى مۇسلىمە قېرىندىشىم ئۇنۇتماڭ، سىز قەدىرلىك ئىنسانسىز، بىر نەچچە كۈنلىكلا قەدىرىڭىزنى قىلىش سىزنى ئالداپ كەتمىسۇن. قاراڭكى ئىسلام بىلەن سىز مەڭگۈ ھۆرمەتلىكسىز !!ھىكمەت مۇئمىننىڭ يۈتۈرۈپ قويغان نەرسىسى مۇئمىن ئۇنى نەدىن تاپسا ئۇنىڭغا ھەقلىق!!!

نېمىلەرنى ئويلا

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12654
يازما سانى: 2089
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13508
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 3115 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2012-11-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-30 08:02:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داستىخانلار تۈرلۈك تائام ، ئىچىملىك ، مىۋە - چىۋىلەر  بىلەن تولغان شۇ زوھۇرلۇق  ۋە ئىپتار ۋاقتىلىرىدا سۇمالىدىكى شۇ قېرىنداشلىرىمىز ئاغزىغا سالغۇدەك بىر بۇردا نانغا تەلمۈرۈشمەكتە .....................................................................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82067
يازما سانى: 87
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4204
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2012-8-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-30 08:09:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جانلىقلارنىڭ رەسىمىنى چىقارماي قالتىس ئېسىل ئىش قىلىپسىز رەھمەت

تازنىڭ نېمىسى بار تۆمۈر تاغىقى قاغىلار قاقئېتىدۇ ئۆز كۆڭلىنى شاد ئېتىدۇ بىرئىككىئۈچ ئىتتىپاقلىقكۈچچەيلەپيانچىيمىزدۈشمەنكەلسەدۇچئۆزىنىسورغانشەھەرسوراپتۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80282
يازما سانى: 67
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3135
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 30 سائەت
تىزىم: 2012-5-18
ئاخىرقى: 2012-11-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-30 08:17:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەسىملەر كۈرۈنمەپتىغۇ

[/url]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78191
يازما سانى: 569
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4300
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 237 سائەت
تىزىم: 2012-3-31
ئاخىرقى: 2012-11-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-30 08:23:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىسىردا  باشقىچىكە  ھە  بىزنىڭ  ماۋۇ يەدىمۇ شۇنداق بولسا ماۋۇ دۇكىنىمنىڭ يېنىدىكى كىشىلەر بەزىدە ئىپتار ۋاقتى بولدى - بولمىدى  دەپ دەتالاش قىلىپ قالىدۇ بەزىدە ئاسەسەن ئۆز قارار چىقىرىدۇ  دە بىرسى ئاۋۇ يەدە ئىپار  قىلىۋاتقان بولسە يەنە بىرسى ماۋۇ يەدە ئىپتار يەپ بولغان دىگندەك ئىشقىلىپ بەك چېچىلاڭغۇ بىرسى ئالدىدا بىرسى كەينىدە ئىپتار قىلىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82600
يازما سانى: 194
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3380
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 77 سائەت
تىزىم: 2012-7-7
ئاخىرقى: 2012-11-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-30 08:56:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي روزا تۇتۇش مۇسۇلماننىڭ پەرىزى بولغاندىن كىيىن  قىلغاندۇ ئۇنچىلىك ھەيران قىلىشنىڭ نىمە ھاجتى؟ بىزمۇ تۇتۇۋاتىمىز، يىرىم كىچىدە قوپاپ ئۇيقۇچىلىققا تايىنى يوق نەرسىنى يەپ. ئەتىسى ئىشقا بارمىساق تىخى. ئىشقا بىرىپ 8سائەت ھۆكۈمەت ئاكامنىڭ كۆزىنىڭ ئىچىگە قاراپ ئاران توشقۇزۇپ، ئۆيگە كەلسەك يەنە 3 سائەت بار. ئۇياققا مىڭىڭپ بۇياققا مىڭىپ ئاران توشقۇزۇۋاتىمىز. لىكىن ھەركىم پەقەت ئۆزى ئۈچۈنلا ياخشى ئەمەلنى قىلالايدۇ.

سۇ كىېتىپ تاش قا

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23611
يازما سانى: 1631
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12457
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 4179 سائەت
تىزىم: 2010-12-24
ئاخىرقى: 2012-10-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-30 09:18:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىرىندىشىم ياخشى تىمىدىن بىرنى يوللاپسىز كوپرەخمەت.

ۋەتەننى سۆيۈش ئى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28041
يازما سانى: 182
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6623
تۆھپە نۇمۇرى: 391
توردا: 1770 سائەت
تىزىم: 2011-1-27
ئاخىرقى: 2012-10-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-30 09:18:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي روزا تۇتۇش مۇسۇلماننىڭ پەرىزى بولغاندىن كىيىن  قىلغاندۇ ئۇنچىلىك ھەيران قىلىشنىڭ نىمە ھاجتى؟ بىزمۇ تۇتۇۋاتىمىز، يىرىم كىچىدە قوپاپ ئۇيقۇچىلىققا تايىنى يوق نەرسىنى يەپ. ئەتىسى ئىشقا بارمىساق تىخى. ئىشقا بىرىپ 8سائەت ھۆكۈمەت ئاكامنىڭ كۆزىنىڭ ئىچىگە قاراپ ئاران توشقۇزۇپ، ئۆيگە كەلسەك يەنە 3 سائەت بار. ئۇياققا مىڭىڭپ بۇياققا مىڭىپ ئاران توشقۇزۇۋاتىمىز. لىكىن ھەركىم پەقەت ئۆزى ئۈچۈنلا ياخشى ئەمەلنى قىلالايدۇ.

نىمە دىمەكچى سىز؟

دۇئا قلسا ھەرۋاقىت مۆمىن مۇسۇلمان،
تىلەيدۇ دوزاقتىن بولماقنى ئامان.
ۋەلىكىن دوزاقنىڭ ئۆزى ئىتارمىش،
‹‹مەن ئۆزەم قورقىمەن ناداندىن يامان››

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67304
يازما سانى: 446
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3927
تۆھپە نۇمۇرى: 239
توردا: 411 سائەت
تىزىم: 2011-11-28
ئاخىرقى: 2012-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-30 09:26:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
gilasmurabbasi يوللىغان ۋاقتى  2012-7-30 08:56 PM
ۋاي روزا تۇتۇش مۇسۇلماننىڭ پەرىزى بولغاندىن كىيىن  قىل ...

مەخسەت..................       ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
ھەي ئۇنداق قىلماي تايىنى باراق بىر نەرسىە يەڭ توقچېلىق زامانىغۇ بۇ .  مائاشلىغ كەنسىز بولمىسا ،  يا بۇ سېرىقتال مەزگىلى بولمىسا

غەيۋەتخۇر گەپ تۇشۇغۇچى پىتنە خور ،كىشىلەرنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تېلەيمەن

SUBAT

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82271
يازما سانى: 285
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 377
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 130 سائەت
تىزىم: 2012-6-29
ئاخىرقى: 2012-8-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 12:21:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
مۇشۇ يەرگە بىر نەرسە يېزىپ قويساڭ دوستلىرىڭ كۆرەلەيدۇ دەيدىغۇ ! ھى ھى ھى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش