تورداشلارغا ئىپتارلىق
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىم مۇنبىردىكى بارلىق تورداشلار!بۇ ئۇلۇغ رامىزان كىرگەندىن باشلاپ ،يىقىن-يۇرۇق-خۇلۇم-خوشنىلار ئارا بىر-بىرىمىزنىڭ ئۆيىدە ئىپتارلىشىپ، بىردەمدە رامىزانغىمۇ بۈگۈن 11-كۈن بۇپتۇ.ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋاسى ئىلگىركى يىللاردىكىن ھۆل يىغىن ئاز بۇلۇپ بەك ئىسسىق بولدى.ئەمما ئاللاھنىڭ قۇدرىتى... رامىزاننىڭ ئۇلۇغلىقى بىلەن،ھاۋا شۇنچە ئىسسىق بولسىمۇ،يا، ئۇسساپ يا، قۇساق ئېچىپ قالماي ،خۇددى كۈز پەسلىدىكى سالقىن ھاۋادا رۇزا تۇتقاندەك ئادەم بەدىنىدە بەك ئۆزگىرىش بولمىدى. بۇمۇ ئاللاھنىڭ رامىزاندا بەندىلىرىگە ئاتا قىلغان ،كۈچلۈك سەۋرى- تاقەت چىداملىقىدۇر.
نەچچە كۈننىڭ ياقى رىيال دۇنيادا ئىپتارلىشىپتۇق.
ئەمدى بۈگۈن بۇ مەۋھۈم دۇنيادىكى يىقىن-يۇرۇق تورداشلىرىمنى، بۈگۈن كەچتە ئۆيۈمگە ئىپتارلىققا چاقىرمەن.ۋاقتى يار بەرگەنلەرنىڭ كىلىپ ئۆز قۇلۇم بىلەن ئەتكەن ئاددى،ھەم تەملىك تائاملىرىمنى تېتىپ،رامىزاننىڭ ھۆرمىتى، ئەجداتلارنىڭ مېھمان دوسلىقىنىڭ ،توختاپ قالماي پەرزەنتىلىرمىزگىچە يىتىشى ئۈچۈن،ئازراق ۋاقتىنى چىقىپ كىلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.
مۇنبەردە ئادەم سانى كۆپ بولغاچقا تەييارلايدىغان تائاملىرىمنىڭ تۈرى كۆپ ئىدى.ئەمما مەن ئىسراپچىلىق بۇپ قالمىسۇن دەپ، ئىككى ئۈچ خىل تامائام راسلاي دېدىم.
قېنى ئۆزىنىمۇ-ئۆزگىنىمۇ ھۆرمەتلەپ.ئەنئەنە دوسلۇقنى ئەلا بىلدىغانلار تورداشلىرىم،سىلەرنىڭ يۇلىڭلارغا قارايمەن ئەمىسە!!!ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئىپتار ۋاختىغىچە كەپ بۇلۇڭ.ھەممىمىز تەڭ دۇئا قىلىپ ئىپتار قىلساق،كۆڭۈللۈك ھەم ساۋاپ بۇلىدۇ.
ئۆيۈمنىڭ ئادرىسى ئۈرۈمچى يىڭى شەھەر رايۇنى ئىكىس-ئىكىس ئولتۇراق رايۇن.2-بىنا 408 -ئۆي.
تۇنۇر كاۋپىنى تەييارلاش ئۈچۈن،خۇشنىمىز قوي سۇيۇپ بىرۋاتىدۇ.
ئېغىز ئىچىپلا ئاۋۋال ھەممىمىز يفخشى كۆردىغان،ھەرقانداق چاغدا ئايرىلالمايدىغان ناننى بىرپىيالە بىلەن بىرتۇغرامدىن يىگەچ تۇرۇڭلار.
ئەمدى ھەممىڭلار بىركۈن رۇزا تۇتۇپ،ئىچىڭلار قۇرۇپ قالدى.شۇڭا سۇيۇق-سەلەڭلىكى بىلەن نۇرغۇنلىرمىز ياخشى كۆرۈپ ئىستىمال قىلدىغان،چۈچۈردىن بىر چىنىدىن ئىچىڭلار.
پولۇ ئۆزىنىڭ قۇۋۋەتلىكى ھەم تائاملار شاھى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن، ھەرقانداق داستىخىنىمىزدىن كەم قالسا بولمايدۇ.ئۆزۈمنى ماختىغىنىم ئەمەس،پولوغا خېلى ئۇستا،بۈەۈنكى پولومۇ بەك ئۇخشىدى.شۇڭا ھەممىڭلارنىڭ ياختۇرۇپ يەپ تۈگتىۋېتىشىنى سورايمەن.
بايام ئۆلتۈرگەن قوينىڭ گۆشىنى قىيما قىلىپ،ئاچىقىپ بەرسەم مەھەللىدىكى مىسرانىمنىڭ ،ماقالە ئوبروز .ھېكايىلىرگە ھىرىسمەن.ھەپتىدە بىرەر سائەت ۋاقىت چىقىرىپ،مىسرانىم مۇنبىرىنى زىيارەت قىلدىغان،ناۋاي ئۇستام مۇنبەردىكلەرنىڭ ئۆيۈمگە ئىپتارلاپ كىلشىنى ئاڭلاپ خوشلۇقتا سامسا يىقىپ بەردى....قېنى تۇنۇردىن يىڭى چىققان سامسىغا ئېغىز تىگىڭلار.
ماۋۇ قوينىڭ ئىچ-باغرىنى ۋاختىدا ،مۇشۇنداق ئادەم جىق كۈندە بىرتەرەپ قىلمىسام ،بىزنىڭ ئۆيدە ئادەم ئاز ،شۇڭا تۇڭلاتقۇغا بىر كىرسە ۋاقىت چىقماي،قوربان ھېيىتقا ئۇلاشمىسۇن دەپ،ئۆپكە-ھېسىپنى قۇيۇپ ئەپكەلدىم.
بۇنىڭغىمۇ خېلى ئېپىم بار جۇمۇ؟ئۇبدانلا ئوخشىتىپ قۇيىمەن...ئىشتىھا بىلەن يەپ،قان بېسىمى بارلار بولسا،بازاردا توردا ئېلان قىلنىۋاتقان،گۈل چاينى دەملەپ قويدۇم.ئىچىپ ئۆزىنى تەڭشىسە بۇلىدۇ.
نۇرغۇن يىمەكلىكلىرىمىزنىڭ سۈپىتى ئۆزگىرىپ،بەدەنگە بولغان پايدىلىق قۇۋۋىتىنى يۇقاتقان،بازارغا چىقىپ خاتىرجەم بىرنەرسە .يىگىلى بولمايدىغان بۇ كۈنلەردە ،تۇنۇر كاۋپىنىڭ قۇۋۋەتلىكلىكى ھەممىمىز ئامراقلىقى ئۈچۈن،گۆشنىڭ باھاسى شۇنداق ئۆرلەپ كەتكەن بولسىمۇ چىداپ ،بىرقوينى كاۋاپ قىلدۇردۇم...قېنى مۆكتىرەم مېھمانلار.تارتىنماڭ يوغان-يوغان كىسىپ بېقىڭلار.
تاماقتىن كىيىن مىيۋە-چىيۋە يەيدىغان ئادىتىمىز بار.شۇڭا ھەرخىل مىيۋىلەردىن يەپ،بايام يىگەن مايلىق تائاملارنى سىڭدۈرۈش بىلەن بىرگە،بۈگۈنكى بۇ ئاددى ئىپتارلىقنى ئاخىرلاشتۇرمەن... يىراق-يىقىندىن كەلگەنلەرگە رەھمەت.
مەنبە ئويلىغانلىرىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا fatima تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-30 05:56 PM