مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2887|ئىنكاس: 34

بىر كۆرۈپ كۆيۈپ قېلىش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63958
يازما سانى: 51
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4848
تۆھپە نۇمۇرى: 289
توردا: 56 سائەت
تىزىم: 2011-11-7
ئاخىرقى: 2012-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-30 05:47:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىنى تۇنجى قېتىم نەدە كۆرگۈنۈمنى ئەسلىيەلمەيمەن.بەلكىم مەكتەپنىڭ كىچىك ئاشخانىسىدۇ ياكى <زۇلنۇر>ئاشخانىسىدىدۇ.بەلكىم ئەتىگەنلىك ياكى چۈشلۈك ۋە ياكى كەچلىك تاماقتىدۇ. سەن بەلكىم ھېلىقى كومپىيوتۇر كۆتۈرۋالىدىغان ئاغىنەڭ بىلەن بىللە ياكى باشقا دوستلىرىڭ بىلەن بىللىدۇرسەن.سەن دائىم ئوغۇل دوستلىرىڭ بىلەن بىللە تاماق يەيتتىڭ.لىكىن بەك ئالدىراش ئىدىڭ.سىنى كۈرۈپلا مىنىڭ يۈرۈگۈمگە ئوت تۇتاشقان.شۇ كۈندىن باشلاپ سىنى نەدىلا كۆرسەم ساڭا قارايتتىم.بولۇپمۇ سىنىڭ ئاشۇ قاملاشقان بوي-بەستىڭ،مەن ھەممىدىن ئامراق بىر جۈپ قاپقارا،دۇمبۇلاق كۆزلىرىڭگە تويماي قارايتتىم.سەن بىلمەيسەن مەن ئىنتايىن خىجىلچان،باشقىلارغا پەقەتلا تىكىلىپ قارىيالمايتتىم،لىكىن نىمىشقىكىن سەندىن كۆزلىرىمنى ئۈزۈپمۇ-ئۈزەلمەيتتىم.سەنمۇ ماڭا قاراپ ئۆتۈپ كىتەتتىڭ.ئىككىيلەننىڭ كۆزلىرى ھەر بىر ئۇچراشقاندا مەندە تەسۋىرلىگۈسىز جىددىلىشىش يۈز بىرەتتى.
    سىنى ئەمدىلەتىن بايقاپ يۈرگەن كۈنلىرىمنىڭ بىرىدە سەن بىر قىز بىلەن مەكتەپنىڭ ئالدى دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدىكى يول بۇيىدا پاراڭلىشىپ تۇراتتىڭ.مەن چىدىمىدىم،بەلكىم ئۇ سىنىڭ دوستۇڭدۇ،ساۋاغدىشىڭدۇ ياكى تۇنۇشۇڭدۇ... ياتاققا كىرگۈچە كۆڭلۈم شۇنداق يېرىم بولدى.كىيىن سەنمۇ ماڭا قارايدىغان بولدۇڭ،لىكىن ئۇچرىشىش پۇرسىتىمىز بەكلا ئاز ئىدى.سىرىتقا چىقسام كۆزلىرىم سىنى ھامان سىنى ئىزدەيتتى،لىكىن بىز ساناقلىقلا ئۇچراشتۇق.كىيىن سىنى نەچچە قېتىم بىزنىڭ  ياتاق بىناسىنىڭ ئالدىدا بىر-ئىككى قىز بىلەن پاراڭلىشىپ تۇرغىنىڭنى ،ئۇلارغا ئىرىنمەي چۈشەندۈرۈپ قۇلىغا بىر نەرسىلەرنى تۇتقۇزۇپ قۇيۇپ كىرىپ كەتكىنىڭنى كۆرۈپ سىنىڭ چوقۇم مەسئۇلىيەتچان،باشقىلارغا ياردىمىنى ئايىمايدىغان مەرت يىگىتلەردىن ئىكەنلىكىڭنى ھىس قىلدىم.ئىسىڭدىمۇ يازلىق تەتىلگە يېقىن مەن سىنىپتىن چىقىپ،ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ئالدىدە بىر دوستۇمغا تېل قىلسام ئالمىغاندىن كىيىن ئارقامغا ئۆرۈلاپلا بېشىمنى كۆتەرسەم (سەن دەل ماڭا قاراپ تۇرۇپتىكەنسەن)  سەن بىلەن كۆزلىرىمىز نەق ئۇچرىشىپ قالغىنى.مەن شۇ چاغدا ئىختىيارسىز ساڭا ئۇزاقلارچە تويماي قاراپ كەتتىم(ئاشۇ قارا كۆزلىرىڭگە).سەنمۇ قارىدىڭ.ئىككىمىز شۇنداق ئۇزاق قارىشىپ كەتتۇق (خۇددى ئاستا كۈرىنىشتەك)تاكى مەن ئۆتۈپ كەتكۈچە. مانا شۇ كۈندىن باشلاپ سىنى ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم.كەلگۈسىدىكى ئاشىقىمنىڭ سەن بۇلىشىنى ئۈمۈت قىلىدىغان بولدۇم.تەتىلدىمۇ سىنى ئەسلىدىم.يېڭى مەۋسۈمدە كىلىپلا كۆزلىرىم سىنى ئىزدىدى.لىكىن سەن يوق.ھىچيەردە يوق .مەن سىنى چوقۇم本部غاكۆچۈپ كەتتى دەپ ئويلىدىم.مەن سىنىڭ قانچىنچى يىلىنىڭ،قايسى سىنىپتا، ھەتتا ئىسمىڭنىمۇ ،قايسى يۇرتلىقلىقىڭنىمۇ،تېلفۇن نۇمۇرۇڭنىمۇ بىلمەيتتىم.مىنىڭ شۇنداق ئىزدەنگۈم كەلدى،لىكىن ئىزدىنەلمىدىم.سىنى ئەسلىسەملا مەن ئامراق قاپقارا بىر جۈپ ئوماق كۆزۈڭ يادىمغا،كۆزئالدىمغا كىلىدۇ.سەن بەك قاملاشقان،سىنىڭ ئاۋازىڭنى ئۆتكەن مەۋسۈم بىر كۈنى ياتاق بىناسىنىڭ ئالدىدا قىزلارغا سەن بىر نەرسىلەرنى چۈشەندۈرگەن ۋاختىڭدا ئاڭلىغان ئىدىم.مەن پەقەت ئويلىماپتىكەنمەن،سىنىڭ ئاۋازىڭ ھەقىقى ئەركەكلەرنىڭكىدەك ئۆزگىچە چىقاتتى.ئاھ...مەن سىنى يەنىلا ئۇنۇتمىدىم.
    لىكىن تۆنۈگۈن مەن پەقەت ئويلىمىغان بىر ئىش يۈز بەردى.سىنىڭ بىر جۈپ قارا كۆزلىرىڭ يەنە مەن بىلەن ئۇچراشتى.مەن دوستۇم ،دوستۇمنىڭ يىگىتى ۋە يىگىتىنىڭ دوستى بىلەن بىرگە<جەۋھەر>دە تاماق يەپ ئولتۇراتتۇق.تويۇقسىزبىرى ئاقىغا قارا دىگەندەك ئارقىغا قاراپتىمەن،بىر تۇنۇش سىياق غىل-پال كۆز ئالدىمدىن ئۆتە-ئۆتمەي يەنە ئالدىمغا قاراپ بولدۇم،لىكىن شۇ دەقىقىدە يۈرۈكۈم جىغغىدە قىلىپ قالدى.ئارقىمغا يەنە بىر ئۆرۈلگەن ئىدىم.سەن ئىككى ئىگىز بالا بىلەن بوش ئورۇن ساقلاپ ۆرە تۇراتتىڭ.كۆزلىرىمىز يەنە ئۇچراشتى.بەك ھاياجانلاندىم.سىنىڭ بىر جۈپ قارا كۆزۈڭگە يەنە تويماي قاراپ كەتتىم،سەنمۇ قارىدىڭ،كۆزلىرىم چاقناپ كەتتى.لىكىن سەن بىزنىڭ ئىككى قىز ئىككى ئوغۇللىقىمىزنى كۆرۈپ كۆزۈڭنى ئۈزدۈڭ.مەن ئالدىمغا قارىدىم،لىكىن شۇ دەقىقىدىن باشلاپ ۋۇجۇدۇمنى تىتىرەك بېسىپ كەتتى،بەكلا ھاياجانلانغان ئىدىم.بەلكىم سەنمۇ دىققەت قىلغانسەن،تاماق گېلىمدىن ئەسلا ئۆتمىدى.مەن يەنە بىر قېتىم ئارقىمغا قارىدىم ،ئىلگىرى مەندە بۇنداق جاسارەت پەقەتلا يوق ئىدى،مەن قەسەم بىرىمەنكى باشقا ھەر قانداق ئادەمگە مەن بۇنداق تىكىلىپ قاراپ باقمىغان،يەنە كۆزلىرىمىز ئۇزاق ئۇچراشتى.ئارقىمغا نەچچە رەت قارىدىم،سەن بەلكىم بىزار بولغانسەن،لىكىن مىنىڭ پەرۋايىم پەلەك ئىدى.مەن سىنىڭ ئاشۇ بىر جۈپ ئوماق كۆزۈڭگە تويماي قارىۋالساملا بولاتتى،مەن ئاشىقلاردەك قارىدىم،بىر ۋاقىتتا سەن بىز بىلەن يىراقتىراق بىر جايدا ئولتۇرۇپسەن،يەنە نەچچە قېتىم قارىدىم تاكى تاماقلىنىپ بولۇپ چىقىپ كىتىدىغاندىمۇ ئەڭ ئارقىدا مېڭىپ ساڭا يەنە بىر رەت قارىدىم،لىكىن مەن ئالدىمغا قاراي دەپ ئۆرۈلگىنىمدە سەن بىلەن كۆزۈم دەقىقە ئۇچراشتىيۇ مەن كىتىپ قالدىم،سەن قالدىڭ.تاماقخانىدىن چىقىپ ئارقىمغا نەچچە رەت قارىدىم ،لىكىن سىنىڭ سايەڭمۇ كۆرۈنمەيتتى...  
ياتاققا قايتىپ  كىلىپ سىنىڭ بىلەن كۆزلىرىم ئۇچراشقان ئاشۇ مىنۇتلارنى يېرىم كېچىگىچە نەچچە رەت خىيالىمدىن ئۆتكۈزدۈم.ھەتتا سىنىڭ ئاۋازىڭغا شۇنداق ئوخشايدىغان ئاۋازدا ئېيتىلغان <كاسابلانكا>دىگەن ئېنگىلىزچە ناخشىنى ئون نەچچە قېتىم ئاڭلىدىم.بۇ ناخشا گەرچە شۇنداق بۇرۇنقى ناخشا بولسىمۇ لىكىن مىنىڭ ئەڭ ئامراق ناخشام بولۇپ قالدى.كېچىچە خىيال قىلدىم ،سىنى 本部غا كەتكەن بولسا چۇقۇم ئىزدەپ تېپىپ سەن بىلەن پاراڭلىشىش نىيىتىگە كەلدىم.زاى سىنىڭ يۈرگىنىڭ بارمۇ-يوق؟كۆڭلۈڭدە باشقىلار بارمۇ-يوق؟دىگەن سۇئاللارنى ئايدىڭلاشتۇرۋالغۇم كەلدى.ئەگەر بار بولسا سەندىن ئۈزۈل-كېسىل ئۈمۈدىمنى ئۈزۈشنى،ئەگەر بولمىسا ھىچ بولمىسا ئادەتتىكى دوستلاردىن بولۇپ ئۆتۈشنى ئويلىدىم ھەم شۇنداق قارارغا كەلدىم...
  لىكىن بۈگۈن ئەتتىگەندە ھەممە ئىش باشقىچە بولۇپ كەتتى.بىز غا رەسىمگە چۈشۈش ئۈچۈن ئۆچۈرەت ساقلاۋاتاتتۇق،سەن تۇيۇقسىز بىر ئاغىنەڭ بىلەن پەيدا بولدۇڭ،كۆزلىرىمىز ئىختىيارسىز يەنە ئۇچىرشىپ قالدى.توۋا نەچچە ۋاقىتتىن بىرى يوقاپلا كەتكەن سەن ئىككى كۈن ئۇدا ئۇچۇردۇڭ،لىكىن ئاخشامقى خىياللىرىم نىمىشقىكىن سىنى كۆرۈش بىلەنلا خىجىل بۇلىۋاتاتتى.<نىمىشقا ئۆز مەكتىپىدە تىزىملاتمايدىكىنە؟>كاللامدىكى سۇئاللار تېخىمۇ كۆپۈيۈپ كەتتى.سەن رەسىمگە چۈشىدىغان ئۆيگە كىرىپ كەتتىڭ،مەن زوۋلاڭدا تېلفۇن سۆزلىشىۋاتقان دوستۇمنى ساقلاپ قالدىم.ئىشىكتىن سىنىڭ ئىچىدە تىزىملىتىدىغان يەردە بىر نەرسىلەرنى ئاختۇردۇڭمۇ ئىشقىلىپ مېڭىپ يۈرگىنىڭنى كۆردۈم،كۆزلىرىم يەنىلا سىنى ئىزدەپلا تۇردى.بىزنىڭ سىنىپتىكى بالىلارمۇ ئۆچرەتكە تىزىلىپ تۇردۇق.سەن يېنىمىزدىلا ئاغىنەڭ بىلەن تۇراتتىڭ،مەن ساڭا قارىدىم،كۆزلىرىمىز يەنە بىر قېتىم ئۇچراشتى.مەن ئالدىمدىكى بالىنىڭ كەلمىگەنلىكىنى كۈرۈپ ئالاقزادە بۇلۇپ تېل قىلىۋاتقاندا كۆزىمىز يەنە بىر قېتىم ئۇچراشتى،لىكىن سەن قاچۇردۇڭ.مەن يەنە شۇنداق خىجىل بولدۇم.ئادەم بۇلۇپ مۇشۇ كەمگىچە بۇنداق بېزەڭلىك قىلىپ باقماپتىكەنمەن،بەلكىم ئاشىقلىق مىنى شۇنداق قىلدۇرغاندۇ.مەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم جاسارەتكە كىلىپ سىنىڭ ھېلىقى ئوماق كۆزۈڭگە قارىۋالدىم،لىكىن سەن بىزارلىق ھىس  قىلغاندەك قىلدىڭ.ئەمدى غۇرۇرۇم پەقەتلا كۆتۈرمىدى،ئەمدى كۆزۈڭگە ئىككىنجى قارىماسلىققا قەسەم ئىچتىم.ماڭا نۆۋەت كىلەيلا دەپ قالدى،سەن مىنىڭ  يان ئۇدۇلۇمدا تۇراتتىڭ،ئىككىمىزنىڭ ئارلىقىدا پەقەت بىر جوزىلا بار ئىدى،مەن تۇيدۇم،سەن ماڭا قاراپ تۇراتتىڭ،لىكىن مەن قارىمىدىم.مەن رەسىمگە چۈشۈپ بولغىچە ماڭا قاراپلا تۇرغىنىڭنى كۆڭلۈم تۇيۇپ تۇراتتى،شۇنداقتىمۇ قەتئى قارىمىدىم،مانا رەسىمگىمۇ چۈشۈپ بولدۇم،كۆزلىرىم يەنىلا قەسىمىمگە بوي بەرمەي  سىنى ئىزدىدى،لىكىن سىنىڭ ئىككى ئاغىنەڭلا تۇراتتى،ئۆزۈڭ ھىچ يەردە كۆرۈنمەيتىڭ،خۇددى ئەرۋاھلاردەك غايىپ بولغان ئىدىڭ.مەن شۇنداق مەيۈس ھالەتتە سىنىڭدىن قىيالماي ساۋاغداشلىرىم بىلەن چۈشۈپ كەتتىم.كۆڭلۈم بەك يېرىم،توۋا ئاخشامقى ئىرادىللىرىم قېنى؟مەن نىمە دىگەن ئاجىز ھە،بۇ ئىشلارنى ھىچكىمگە تىنماي شۇنداق ھاردىم...
    ھەقىقى مۇھەببەت-ئەركىن مۇھاببەت،سۆيۈشكەنلەرنىڭ ئۆز مۇھەببىتىدىن،ئىختىيارلىق مۇھەببىتىدىن ئىبارەت.
    بىر كۆرۈپلا تۇغۇلغان مۇھەببەتنىڭ داۋاسىنى تېپىش بەكمۇ قىيىن.
    مەن پۈتۈن ئۈمۈدۈمنى 11-ئايدىكى بىرىدىغان كۈنگە باغلىغان ئىدىم.چۈنكى مەن شۇ كۈنى سىنى ئۇچراشتۇرۇپ قېلىشىم مۈمكىن ئىدى.بىر دوستۇمدىن شۇ كۈنى پىراكتىكانتلارنىڭ مۇشۇ مەكتەپتە غا تىزىملاتقانلىقىنى ئاڭلاپ سىنىڭ پىراكتىكا قىلىۋاتقانلىقىڭنى جەزىملەشتۈرىۋالدىم.مىن سىنىڭ نەدە پىراكتىكا قىلىۋاتقانلىقىڭ توغرىسىدا خېلى ئىزدەندىم،لىكىن بىرەر ئۇچۇرۇڭنىمۇ بىلمىگەچكە سەن توغرۇلۇق ھىچنىمىگە ئىرىشەلمىدىم.مەن يەنە پىراكتىكانتلارنىڭ مەكتەپكە كەلمەيلا تەتىلگە چىقىدىقانلىقىنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم شۇنداق يېرىم بولدى.سىنىڭ بىر جۈپ .وماق كۆزۈڭنى كۆرەلمەيدىغان بولدۇم،ھەقىقى ئەھۋالنى بىلەلمەيدىغان بولدۇم دەپ بەكمۇ ئۆمۈتسىزلەندىم،ئەپسۇسلاندىم.
    مانا ئاخىرى مەن تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن كۈنلەرمۇ يىتىپ كەلدى.نى بىرىش ئۈچۈن دوستلىرىم بىلەن ئەتتىگەندىلا 本部غا باردىم،چوڭ دەرۋازىدىن كىرىپلا كەيگەن پوسمامنى سېلىۋىتىپ چېچىمنى ئوڭشاۋاتسام سەن تۇيۇقسىز پەيدا بولدۇڭ،سەن سىرىتقا چىقىپ كىتىۋىتىپسەن.مەن نىمە قىلارىمنى بىلمەيلا قالدىم،بىر جۈپ ئوماق كۆزۈڭگە تەشنالىق ،جۇدالىق بىلەن بىلەن قارىدىم،ئەمما سەن نىمىشقىكىن شۇنداق سوغۇق قارىدىڭ(كىيىن دەپ بىرىشىڭچە سەن ئىزىڭغا ئادەم سالغاچقا يۈرەك پوك-پوك شۇنداق چۈشىنىكسىز قاراپتىكەنسەن)،بۇ قارىشىڭدىكى مەنانى پەقەتلا ئۇقالماي كۆڭلۈم بەكلا يېرىم بولدى.مەن ئەسلى چوڭ ئۈمۈت بىلەن چۇقۇم ئىمتاھانغا كىرىشتىن بۇرۇن ياكى كىيىن سىنى كۆرۈپلا قالسام بىر پۇرسەتلەر ئارقىلىق تېلفۇن نۇمۇرۇڭنى بىلمەكچى ئىدىم،لىكىن سەن بەك تۇيۇقسىز ئۇچرىدىڭ،مەن ھەرگىزمۇ سىنى بۇنداق ۋاقىتتا ئۇچىرتىپ قېلىشنى ئويلىمىغان،مەن بەكلا تەييارلىقسىز ئىدىم...سىنىڭ سوغاق مۇئامىلىڭ مىنى لاسسىدە قىلىپ قويدى.ئىمتاھان مەيدانىغا قانداق كىرگىنىمنى بىلمەيمەن.كىرىپ ئىمتاھان بىرىۋىتىپمۇ نەچچە رەت سىنى ئەسلەپ،سىنىڭ باياقى قوپال مۇئامىلەڭنى ئامال بار ئويلىماسلىققا تىرىشتىم-يۇ،يەنىلا مۇستەسنا بۇلالمىدىم.ئىمتاھاندىن چىقىپ 本部غا يېنىپ كەلگەن بۇرۇنقى دوستلىرىم بىلەن ئۇچراشتىم.ئەسلى سىنى ئىزدەپ تېپىشتىن ئىبارەت ئارزۇيۇمدىن نىمىشقىدۇر ۋاز كەچتىم.دوستلىرىمنىڭ ياتىقىغا كىرىپ بىردەم ئولتۇرغاندىن كىيىن بىللە سەنشىخاڭزىغا تاماققا باردۇق،دابازانى ئايلاندۇق.كەچتە  بالىلار يىغىلىپ ئويناپ كەلدۇق ،دوستۇمنىڭ ياتىقىدا قونۇپ قالدىم.گەرچە دوستلىرىم بىلەن ئۇزۇندىن كۆرۈشمەي شۇنداق مۇڭداشقۇم بولسىمۇ،ھەم مۇڭداشقان بولساممۇ يەنىلا بىر يەرلىرىمدىن ئۆزەم ئەمەستىم،نىمىشقىدۇر كۆڭلۈمنىڭ بىر يەرلىرى بەكلا يېرىم ئىدى.
    بىلەمسەن؟مىنىڭ ھازىر بەكلا يىغلىغۇم كىلىۋاتىدۇ،لىكىن پەقەت ئۈنسىزلا يىغلىيالايمەن.چۈنكى مەن ھىچقانداق ئادەمگە يىغلاپ بىرىپ باقمىدىم،يىغلاپ بىرىشنىمۇ خالىمايتتىم،ھەيييييييييييييي،يەنىلا قەيسەر ياشاشنى ئۆگىنىۋىلىشىم كېرەككەن.كۈنلەر يەنە شۇنداق مەنىسىز ئۆتمەكتە ،خۇددى سەن ھاياتىمنىڭ مەنىسىنى بىللە نەلەرگىدۇ ئېلىپ كەتكەندەك...
    بۈگۈن چۈشتەئاشخانىدا ئىككى ئوغۇل بالىنىڭ پىراكتىكانتلارنىڭ دۈشەنبىدىن باشلاپ مەكتەپكە كىلىپ دەرس ئۇقۇيدىغانلىقىنى دىيىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ شۇنداق خوشال بۇلۇپ كەتتىم.سىنىڭ سىمايىڭ كۆز ئالدىمغا كەلدى،لىكىن بىر يەرلىرىمدىن كۆڭلۈم يېرىم ئىدى،چۈنكى ھېلىقى سوغوق قاراشلىرىڭ  چاقماق تېزلىكىدە يادىمغا كەلدى.شۇنداقتىمۇ نىمىلا بولمىسۇن قايتىپ كەلسەڭ چۇقۇم ئىشنى ئايدىڭلاشتۇرۋالغۇم بار،يۈرۈكىمنى يەنە بىر قېتىم داۋالغۇتقان سىنى يەنىلا كۆرۈپ يۈرگۈم بار.لىكىن ماڭا ئىشەن ،ئەگەر سىنىڭ قىز دوستۇڭ ياكى ياخشى كۆرىدىغىنىڭ بولسىلا ساڭا ھەرگىزمۇ دەخلى-تەرۇز قىلمايمەن ھەم ئۇنداق قىلىشنى ئۆزەمنىڭ ئەخلاقى نوختامغا مۇخالىپ دەپ ئويلايمەن،چۈنكى مەن شۇنداق ئەخلاقلىق،شۇنداق كەڭ قورساق،ئىلمى،بۇ جەھەتتە ئۆزەمگە ئىشىنىمەن،ئۆزەمنى شىنجاڭ تەۋەسىدىكى ئەڭ ياخشى قىزلارنىڭ بىرى دەپ ئويلايمەن...لىكىىن سەن بىلەن مەڭگۈ دوست بولۇشنى،سىردىشىپ ئۆتۈشنى ئۈمۈت قىلىمەن،خۇددى قېرىنداشلاردەك...
مانا پىراكتىكانتلارمۇ قايتىپ كەپتۇ،لىكىن سەن يەنىلا ھىچ يەردە كۆرۈنمەيتتىڭ،ئەمدى بۇ نىمە بوپكەتكىنى؟ئەجىبا ئۇ قايتىپ كەلمىدىمىكىنە؟ئۇ本部دا بىرەر ئىشلار بىلەن شۇ يەردە تۇرۇۋاتامدۇ يە؟ سۇئاللىرىم كۆپەيسە كۆپەيدىكىن ،ھەرگىزمۇ ئازلىمىدى.مەن سىنى يەنىلا ئۇچراتمىدىم،ساراڭ بولايلا دەپ قالدىم.ئاللا نىمە ئۈچۈن سىنى ماڭا ئۇچراشتۇرمايدىغاندۇ دەپ ئاچچىقلىنىپمۇ قالدىم.بىلەمسەن،مەن سىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۈچۈن نۇرغۇن يالغان-ياۋىداق گەپلەرنى قىلدىم،باشقىلارنى ئانىي تاپتىم،سەنمىكىن دەپ باشقىلار بىلەن تېلفۇن قىلىپ نۇرغۇن جەريانلارنى باشتىن كەچۈردۈم.بۇ جەريانلارغا ئۆزەمنىڭمۇ ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ،ھىچكىم مىنىڭ تارتقان جاپالىرىمنى ئويلاپ يىتەلمەيدۇ.ئىشقىلىپ ئۆمرۈمدە قىلىپ باقمىغان بىمەنە قىلىقلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىپ باقتىم.ھەم نۇرغۇن ئاۋارىچىلىقلارنىمۇ تېپىۋالدىم،بەكلا تىرىشتىم،لىكىن يەنىلا سىنى ئىزدەپ تاپالمىدىم. زادى سىنى قانداق قىلسام تاپالايمەن دەپ باقە؟ئومىقىم، سەنمۇ مىنى ئويلاپ باققانسەنمۇ؟ئەسلەپ باققانسەنمۇ؟ئۈمۈدۈمنى ئەمدى ئۈزۈشكە قاراپ ماڭماقتىمەن،بۇمۇ تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىدۇ،خۇدايىم نىسىپ قىلمىغان ئىشقا بەندە نىمىمۇ دىيەلىسۇن...
  لىكىن سىنى يەنە تۇيۇقسىز ئۇچۇرتۇپ قالدىم .مەن  ئىككى دوستۇم بىلەن تاماققا ماڭغان ،سەن مىنى تۇنۇمىدىڭمۇ بىلمىدىم،ماڭا پەرۋاسىزلا قارىدىڭ(پوسما ماسكىلاردا تۇنىغىسىز بوپكەتكەنتىم)،مەنمۇ قارىدىميۇ لىكىن كۆڭلۈم بەكلا يېرىم بولدى،چۈنكى بۇ سىنى بەلكىم مۇشۇ مەۋسۈمگە قارىتا ئاخىرقى قېتىم كۈرىشىم بۇلۇپ قېلىشى مۈمكىن،لىكىن سىنى توختۇتۇپ  گەپ قىلىشقا يەنىلا پۇرسەت بولمىدى،چۈنكى مەنمۇ دوستلىرىم بىلەن سەنمۇ ھەم شۇنداق.تەتىلگە ساناقلىقلا كۈن قالغان ئىدى،بۇ مەۋسۈم ئىشلارنى ئايدىڭلاشتۇرۋالمىسام كىلەركى مەۋسۈم تېخىمۇ مۈمكىن ئەمەس ئىدى. مەكتەپكە كەلسەڭمۇ ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىراشچىلىقىڭدا مىنى قىيناپ كىلىۋاتقان بۇ ئازاپ سېسىپ يىرىڭ بوپكىتەتتى.
  گەرچە تەتىلگە ساناقلىقلا كۈن قالغان بولسىمۇ يەنىلا ھىچ ئۈمۈدىمنى ئۈزگۈم يوق،خۇددى سەن يەنە ئۇچراپ قالىدىغاندەكلا...بىلەمسەن ،مەن ئاشۇ كۈنى تاماقتىن كىرگۈچە ھەممە يەرلەرگە قاراپ ماڭدىم...شۇ كۈنىدىن باشلاپ مەن يوللاردىن ،سەن داۋاملىق تاماق يىگىلى كىرىدىغان ھېلىقى<زۇلنۇر>ئاشخانىسىدىن...ھەممە يەرلەردىن سىنى ئىزدەيدىغان بولۇپ قالدىم،ئەگەر يالغۇز ئۇچرۇشۇپلا قالساق سىنى توختۇتۇپ دادىللىق بىلەن سۆزلىشىدىغان نىيەتكە كەلدىم،لىكىن سىنى يەنىلا ئۇچۇرتالمىدىم.مىنىڭ راستىنلا ئىس-يادىم سەندىلا قالغان ئىدى.ھەتتا 本部غا دوستۇمنىڭ يېنىغا بېرىپ كىلىشنى باھانە قىلىپ يوللاردىن ،ئاشخانىللىرىدىن سىنى ئىزدىدىم،لىكىن سەن يەنىلا ھىچ يەردە يوق...ئاخىرى چىدىمىدىم ،بۇ ئازاپلارنى بىرەرسىگە دىمىسەم ئەمدى ساراڭ بولۇپ قالاتتىم،مەن دوستۇمغا بۇ يۈرەك سۆزلىرىمنى تۈكۈلۈپ تۇرۇپ ئېيتتىم،بۇقۇلداپ-بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتىم.ئۇ مىھرىبانلارچە بېشىمنى سىلاپ «ھەي ئىچى پىششىق،نىمىشقا بالدۇرراق دىمەيسىز؟بۇنداقمۇ قىينالغان بارمۇ؟قېنى سىزنىڭ قۇلى يەتمىگەن شاپتۇل ئاچچىق دەيدىغان نامىڭىز؟نى-نى ئوغۇللارنىڭ تەلىۋىنى رەھىمسىزلەرچە رەت قىلىدىغان روھىڭىز شۇنىڭغا كەلگەندە مۇشۇنچىلا ئاجىزلىشىپ كەتتىما؟.......يىغلىماڭ كۆڭلىڭىزنى چۈشىنىمەن...» دەپ  بىردەم تەنقىدلەپ بىردەم كۈلدۈرۈپ دىگەندەك تەسەللىلەرنى بەردى.ماڭا خۇددى مىنى بېسىۋالغان چوڭ بىر بېسىمنىڭ يېرىمى يەڭگىللەپ قالغاندەكلا بىلىندى. دوستۇم ئىككىمىز شۇنداق كېچىگىچە مۇڭداشتۇق،ئۇمۇ نۇرغۇن دەرتلىرىنى تۆكۈپ بەردى ،مەنمۇ ئۇنىڭغا ئىش ئۆگۈتۈپ يىگىتىنى قانداق باشقۇرۇش توغرىسىدا نۇرغۇن گەپلەرنى قىلدىم،تەسەللى بەردىم،توۋا ،ئادەم باشقىلارنىڭكىنى شۇنداق توغرا كۈزۈتۈپ توغرا مەسلىھەتلەرنى بىرەلەيدىكەنيۇ،ئۆزىگە كەلگەندە قارىغۇ بولۇپ قالىدىكەن دىسە...ئەتىسى ئەتتىگەندە دوستۇممۇ چۇقۇم سۈرۈشتۈرۈپ بېقىش ۋەدىللىرىنى بىرىپ  خوشلاشتۇق.
    ياتاققا قايتىپ كىلىپ مەن ئىنتايىن مۇھىم ئىشتىن بىرنى ئۇنتۇلۇپ قالغانلىقىمنى ئەسلەپ يەنە دوستۇمغا يوغان بىر ئىشنى ئۇنتۇلۇپ قالغانلىقىمنى يەنى ئۇنىڭ ئاۋازىنىڭ زايىڭ ئارلاش ھەقىقى ئەركەكلەرنىڭكىدەك چىقىدىغانلىقىنى دەپ قويۇش ئۈچۈن تېلفۇن قىلدىم.مەن ئۈچ كۈننىڭ ئالدىدا ئۇنى كۆرگەندە ئۇنىڭ قارا يۈرۇڭفۇ كىيىۋالغانلىقىنى دەپمۇ ئۈلگەردىم.كونىلار سەۋدايىدىللىق بىر كېسەل دەپتىكەن،سەۋدايىلىق دىگەن مۇشۇمىدۇ؟
  تۇيۇقسىز ئاكام داۋاملىق ئاڭلايدىغان ئەكبەرنىڭ ناخشىسى يادىمغا كىچىپ قالدى.
                          سەن نەدە ئاھ كەپتىرىم
                          سەن نەدە،سەن نەدەھەي كەپتىرىم.
                          سۆيگۈدىن خەۋەرلەر بەر كەپتىرىم،
                          كەپتىرىم،كەپتىرىم...
    سىنى ئوماق كەپتەرگە ئوخشاتقۇم كىلىدۇ،پاك نىيەتلىك قارلىغاچغا ئوخشاتقۇم كىلىدۇ،ئوماق پىنگىۋىنغا ئوخشاتقۇم كىلىدۇ،يەنە تۇرۇپ مەن ياخشى كۆرىدىغان ئېيىق قوچاقلارغا ئوخشاتقۇم كىلىدۇ.چۈنكى مەن ئەڭ ئامراق ئادەملەرنى بولوپمۇ كىچىك بالىلارنى قارلىغاچ،پىنگىۋىن...لارغا ئوخشىتىمەن.كىچىك بالىلارنى كۆرسەم «ۋوي قارلىغىچىم،پىنگىۋىنىم...» دەپ ئەركىلىتىمەن.
    مەن زادى قانداق قىلاي؟ھەممىنى ئاللاغا تاپشۇردۇم،ئاللا قانداق بۇيرۇغان بولسا شۇ بۇيىنچە بولسۇن!ئاللانىڭ ئىرادىسىز قىل تەۋرىمەيدۇ!ئاللا سەندىن ئۆتۈنەي ،ئىشلىرىمنى توغرا يولغا سالغىن!...
بۈگۈن ياتاقتىكى تۆتى چۈشتىن كىيىنكى ئىمتاھان تۈگىسىلا ئۆيىگە قايتىش ئۈچۈن ئەتىگەندىلا  تەييارلىقىنى پۈتتۈرگەن ئىدى،پەقەت مەن بىلەن يەنە بىر ياتاقدىشىملا قالماقچى.مەن ھاممامنىڭ ئىچكىرىدە ئۇقۇيدىغان مەن بىلەن تەڭ دىمەتلىك قىزى بىلەن ئۇ قايتىپ كەلسە كۆرىشىۋىتىپ ئاندىن قايتىشنى دىيىشكەن ئىدۇق.ئۇ يەنە 3-4 كۈنلەردىن كىيىن قايتىپ كىلەتتى.دىمىسىمۇ ئۆيگە قايتسام نىمىشمۇ قىلارمەن بىرەر ھەپتە ئاچامنىڭكىدە،بىرەر ھەپتە ئاكامنىڭكىدە تۇرغاندىن كىيىن يەنە شۇ ئۆيدە كومپىيوتوردىن بېشىمنى كۆتەرمەي مەندىن بۆلەك ئىنسى جىن يوق ئۆيدە غوققىدە ئولتۇردىغان گەپ. ئاچامنىڭ بالىسىمۇ مەن بىلەن بىللە بىرەر ھەپتە تۇرۇپلا كىچىك دوستلىرى بىلەن توپ ئويناشنى باھانە قىلىپ تاماق ۋاختىغا ئۈلگۈرۈپ پەيدا بۇلاتتى.ئاكامنىڭ بالىسى بولسا تېخى بەكلا كىچىك ئىدى.مۇشۇنداق كۈنلەردە ئۆزەمنى شۇنداق بەزلەپ باقساممۇ يەنىلا تېلۋۇزۇرلاردا ئاتا-ئانا توغرۇلۇق بىرەر كىنو كۈرەپ قالسام ئۆزەم بىلەن ئۆزەم ياستۇقنى چىشلەپ ،پولغا يېيىتىلغان گېلەمنى تاتىلاپ يىغلاپ كىتەتتىم.<ئاھ ئاپا ،ئاھ دادا ،ئاچا مىنى تاشلاپ نىمىشقا كىتىپ قالىسىلەر؟بىرەرسىڭلارنىڭ بولسىمۇ ماڭا ئىچىڭلار ئاغرىمىدىما؟ئاللا مىنى نىمىشقا مۇشۇنداق كىچىك تۇرۇپلا روھىمنى تىگى-تىگىدىن سۇلغۇنلاشتۇرىۋىتىسەن ؟ مەن زادى نىمە گۇناھ قىلغان ؟ قېنى مىنىڭ ئۆينىڭ كىچىكى دەپ ھەممە ئەركىلىتىپ بېشىغا ئېلىۋالىدىغىنى؟قېنى مىنىڭ دادام ئىشتىن ھېرىپ كەلسىمۇ ئەركىلەپ ھاپاش بۇلىۋالىدىغىنىم؟قېنى مىنىڭ ئاپام شۇنداق چارچاپ كەتسىمۇ مەن ئامراق تاماق ئىتىپ بەر دەپ جاپا سېلىپ ئەتكۈزىدىغان كۈنلىرىم؟قېنى مىنىڭ ئاپا مەن مانداق كىيىملەرنى ئالىتىم دەپ بازارنى ئوتتۇز چۆگلىتىپ يارىغاننى ئېلىپ كىرىدىغان كۈنلىرىم؟دادام بىلەن ئاپام گەپ تالىشىپ قالسا دادامنى خۇددى مەن دادىسىدەك خاتا قىلدىڭ دەپ ئەيىپلەپ ئىككىسنى كۈلدۈرۈپ ئەپلەشتۈرۈپ قويىدىغان كۈنلىرىم؟قېنى مىنىڭ...........كۈنلىرىم؟...> نىمىدىگەن بەختلىك چاغلار ئىدى ھە...
      دادام مەلۇم ئىدارىدا باشلىق بولغاچ ھال-كۈنىمىز خېلىلا ياخشى ئىدى، مەن باشلانغۇچتا ئۇقىۋاتقاندا چوڭ ئاچامنىڭ تۇيى بولغان ئىدى،كىچىككىنە ئاچام تۇيىدا مىنى ئەركىلىتىپ تۇلۇقسىزدا ئۇقىۋاتقان ئىككىنجى ئاچام ئىككىمىز بىلەن شۇنداق جىق رەسىملەرگە چۈشكەن ئىدۇق،ئاكام بۇ ۋاقىتتا تۇلۇقتا ئۇقىۋاتاتتى.توۋا ئاكامغا بىر كۈن يالۋۇرۇپ بىر پارچىمۇ رەسىمگە چۈشىرەلمىگەن ئىدۇق (لىكىن ئۇ ھازىر شۇ ئىشى ئۈچۈن بەك ئەپسۇسلىنىدۇ).لىكىن ئاكامنىڭ ئاچامنى ئېلىپ ماڭغاندا يىغلىغىنىنى كۆرۈپ قالغان ئىدىم.<توۋا نىمىشقا يىغلايدىغاندۇ؟>دەپ ئاپامغا كەچتە دىسەم <كىيىن بىلىپ قالىسىز قوزام، ئۇ ئاچىڭىز بىلەن كەچكىچە ئۇرۇشقىنى بىلەن چىدىمىغان گەپ >دەپ چۈشەنچە بەرگەن ئىدى.ئاچامنىڭ دوستلىرى تېخى ئەمدىلەتىن داشۆدە ئۇقاۋاتقاچقا تۇيىنى تەتىلدە قىلغان ئىدۇق،شۇنداق ئىسىمدە تويدا ئاچامنىڭ دوستلىرى بەك چىرايلىق بولۇپ كەتكەن ئىدى.ئەلۋەتتە ئاچام نەزىرىمدە ھەممىدىن چىرايلىق بولۇپ كەتكەن ئىدى. گەرچە كىچىك بولساممۇ توي شۇنداق قىززىغاندەك تەسىر بەرگەن . مانا تۇلۇقسىز2-يىللىققا چىققاندىن باشلاپ ئۆيىمىزدىكى بەختلىك مۇھىت بارا -بارا سۇسلاشتى ،ئەمدىلا17ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان كىچىك ئاچام ئاققان كېسىلى بىلەن تۈگەپ كەتتى.شۇنداق جىق داۋالىتىپمۇ ھامىنى ئەجەلگە سۆرەپ بارىدىغان بۇ نىجىس كېسەل 3 يىلدەك بىچارە ئاچامنى قىيناپ ئۇنى بىزدىن ئايرىدى.كېسەل كارۋىتىدا قوپماي يېتىۋىرىپ ئۇنىڭ بەدەنلىرى ھەتتا تىشىلىپ يىرىڭداپ كەتكەن ئىدى،،ھەر بىر يىرىڭ بار يەرنى ئاپام دارىلاپ ئادالىغان ۋاختىدا جېنىم ئاچامغا قاراپ ئىچىم سىيرىلىپ كۆزلىرىمدىن مۇنچاقتەك ياشلار تۈكۈلۈپ كىتەتتى،توۋا سىرىتتىن شۇنداق كىچىك كۈرۈنگەن جاراھەت ئاغزىنىڭ ئىچىن قانچىلىك (ئالما ئىچىدىن سېسىغاندەك)دەرىجىدە يىرىڭداپ جاراھەتلىنىپ كىتىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايدىكەنسىز،ئاپام ئۇزۇن ياغاچقا داكىنى يۆگەپ دارىغا مىلەپ تازلىغان ۋاختىدا بىچارە ئاچام جاننى قۇيىدىغان يەر تاپالماي<ئاپا ،جېنىم ئاپا،مەن بۇنداق جاپا تارتقىچە ،بۇنداق جېنىم قىينالغىچە ئۆلۈپ كەتسەم بولمامدۇ؟ۋاي ماڭا بىر دورا ئىچۈرۈپ ئۆلتۈرۈپلا قويساڭلا بولمامدۇ ؟....>دەپ چىدىغۇسىز يىغلاپ كىتەتتى،ھەممىمىز بۇ ئېچىنىشلىق رىئاللىق ئالدىدا يىغلىمايمىز دەپمۇ ئۆزىمىزنى تۇتۇۋالالمايتتۇق...شۇنداق قىلىپ ئۇمۇ كۈز ئايلىرىنىڭ بىرىدە بۇ ئالەم بىلەن مەڭگۈلۈك خوشلاشتى.ئىككىمىز كىچىكىمىزدىن بىللە ئوينىغاچقىمۇ ،ياكى مەنمۇ خېلىلا چوڭ بولۇپ قالغاچقىمۇ پەقەتلا چىدىمىدىم ،روھىم بىراقلا چۈشۈپ كەتتى.مىجەزىممۇ بۇرۇنقىدىن خېلىلا ئېغىرلاپ قالغان ئىدى. ...ۋاقىت ھەممىنى سۇسلاشتۇرىدىكەن،مانا مەنمۇ تولۇققا چىقتىم. يەنىلا بەخىتلىك ھالىتىمگە قايتىشقا قاراپ ماڭدىم.مەن بەكلا ئەركىن ئىدىم ،ئوغۇللارنى گەپتە تىقىپ تويغۇزىۋىتەتتىم،بىچارە ئوغۇللار مەندىن قورقۇپ ماڭا گەپ قىلغاندا بەك ئېھتىيات قىلاتتىيۇ يەنىلا بىر يەرلىرىدىن ماڭا ئامراق ئىدى...
شۇنداق ئىسىمدە مەن شۇ كۈنى دەل ياتاقتا ياتىدىغان بىر دوستۇمنى ئېلىپ ئۆيدە قوندۇرغىلى ئەكەلگەن ئىدىم ،ئاپام بىزگە پولۇ ئىتىپ بەرگەن ئىدى.
  _ ئاپا،دادام قاچان قايتىپ كىلىدىكەن؟
  _قىزىم دادىڭىز يولغا چىقىپتۇ،خۇدايىم بۇيرىسا  كېچىدە ياكى تاڭ سەھەردە قايتىپ كىلەرمىكىن،
  _ئاكامنىڭ ئىشى قانداق بوپتۇ؟
  _ئۈرۈمچىدىغۇ قالدۇرغىلىمۇ بولۇپمۇ قالغىدەك،لىكىن بەكمۇ ياخشى يەرلەرگە تىققىلى بولمىغىدەك ،بىر ئوغۇل بولغانكىن يەنىلا يېنىپ كەلسۇن دەيدۇ.
  _ۋايجان،داداممۇ ھەجەپبىركەن،ئىشقىلىپ ئۈرۈمچىدە قالسىلا بولمىدىمۇ...
  _دادىڭىزنىڭمۇ ئويلىغىنى باردۇ قىزىم...ھە راست سىزگە بىر كۆڭلەك ئاپتۇ
  _ۋاھ نىمانداق ياخشى ،قانداق كۆڭلەككەن،سىزگىچۇ؟سىزگە نىما ئاپتۇ؟...
  ................
  دوستۇم  ئاللابۇرۇن ئۇخلاپ قالغان  بولسىمۇ  مەن خوشاللىقىمدا دادامنىڭ قايتىپ كىلىشىنى ساقلاپ تېخىچە ئۇخلىيالمايۋاتاتتىم. خېلىلا كېچە بولۇپ قالغان ئىدى،نىمىشقىدۇر ئۇخلىيالمايۋاتاتتىم،ئۇبۇرنىغا چىقىپ كىرگۇچە ئاپامنىڭ ئۆزى ياتىدىغان ئۆيدە چىراقنى يېقىپ قۇيۇپ بىر نەرسىلەرنى تىكىپ ياماپ ئولتۇراغىنىنى كۆردۈم...
  _ئاپا تېخى ئۇخلىمىدىڭىزما؟
  _ھازىر ئۇخلايمەن ئومىقىم ، كىرىپ ئۇخلاڭ ...
  قانداق ۋاقىتلاردا ئۇخلاپ قالغىنىمنىمۇ بىلمەيمەن...جىررررررررررررر،جىررررررررررررررر، جررررررررررررررررررر، ئاپامنىڭ تېلفۇن بار ئۆيگە ئۇچقاندەك چىقىپ تېلفۇننى ئالغىنىنى ئۇيقىچىلىقتا غۇۋا تۇيۇپ تۇرۇۋاتاتتىم.
  _نىمە؟نەدە؟مەن ھازىرلا باراي...
  يۈرىكىم قارتلا قىلىپ قالدى.
  _ئاپا نىمىش بوپتۇ؟ كىمكەن؟...
    ئاپام يىغلاپ تۇرۇپ كارۋاتتا پايپىقىنى ئوڭ-تەتۈر كىيىپ ، نىمىسىنى كىيىپ نىمىسىنى سېلىشنى ئۇخماي خۇدىنى يوقاتقان ئىدى ...
  _ئاپا زادى نىمىش بوپتۇ؟
  ئاپام مىنى قۇچاقلاپ ئاۋازىنى قۇيىۋىتىپ :
  _ ئۇلۇغ ئاللا  قىزىمنىمۇ  كىچىكلا ئۇزۇتۇپ قويدۇم، ئەمدى بۇ نىمە ئىش؟ قالغان باللىرىمنىڭ بېشىنى ئوڭشاپ بولغىچە بولسىمۇ ئامانلىق بەرگىيتىڭ،ئۇلۇغ خۇدا سەندىن ئۆتۈنەي ،پاختىنىڭ ئىچىدە ئوت ساخلىيالايدىغان ئاللا يولدىشىمنىڭ رىسقىنى بەرگىيتىڭ....ئاپام يۈرۈكۈمنى ئىزىپ  نالە قىلىپ بەك بەك يىغلاپ كەتتى،مەنمۇ ھەقىقى ئەھۋالنى بىلمىسەممۇ ئاپامغا ئېسىلىپ ئاۋازىمنى قۇيىۋىتىپ يىغلاپ كەتتىم...دوستۇممۇ يا تەسەللى بىرىشنى يا باشقا ئىشنى بىلمەي بىزگە ئەگىشىپ كۆز يېشى قىلدى.
يىغىنى ئاڭلاپ ئويغىنىپ كەتكەن ئۈستىمىزدىكى  ئۇيغۇر خوشنىمىز <نىمە ئىش بولغاندۇ ؟>دەپ يۈگۈرۈپ كىرىپتۇ.ئاپامنىڭ دىيىشىچە دادام كىلىۋاتقان ماشىنا يولدا بىر ماشىنا بىلەن سۇقۇشۇپ كىتىپتۇ،شوپۇر ساقكەن ،دادام ھازىر توخسۇن خەلق دوختۇرخانىسىدا جىددى قۇتقۇزۇشتا ئىكەن،ئەھۋالى ئېغىر ئوخشايدۇ...ئاپام تېزدىن ئاچامغا تېلفۇن قىلدى.ئاچاممۇ يولدىشى بىلەن بىردەمدە بالىسىنى ئېلىپ كەلدى .يەنە بىر ھازا يىغلاشتۇق،ئاپام ئاق ياغلىق دىگەندەك نەرسىلەرنى ئېلىۋالدى، ھەممىمىزكىيىملەرنىمۇ قارا-قۇرا كىيىشىپ ماڭغان ئىدۇق. ،دوستۇم،ئاچامنىڭ بالىسى،خوشنىمىزنىڭ ئايالى ئۆيدە قالدى .
      ماشىنا كىتىپ بارىدۇ،شۇنداق تېز ماڭسىمۇ بىر كىلومىتىرنى بىر سائەت ماڭغاندەك بىلىندى،ئاپام شوپۇرغا توختىماستىن <تېزراق> دەپ تۇراتتى،ئاچام بولسا يول بۇيى يىغلاپلا ماڭدى،ئالدىدا ئولتۇرغان ئاچامنىڭ يولدىشى ئۈن-تىنسىز ئېغىر سۈكۈتتە ئولتۇراتتى.ماشىنىنىڭ ئىچى ئۈچىمىزنىڭ ئىچىمىزدە بۇقىلداپ نىمىلەرنىدۇ ئاللادىن تىلىگەن شىۋىرلاشلىرىمىزدىن بۆلەك ماشىنا ئۆزىنىڭ ئاۋازىدىن ئۆزى بىزار بولغىدەك ئېغىر سۈكۈتتە كىتىپ باراتتى... مانا ئاخىرى يىتىپ كەلدۇق ، ئاپام ماشىنا توختىشى زامات دوختۇرخانىغا ئۇچقاندەك كىرىپ كەتتى، بىزمۇ تەڭ يۈگەردۇق،نەدىدۇ؟جىددى قۇتقۇزۇش بۆلۈمى قايەردىكەن؟...بىز خۇددى ساراڭ بولۇپ قالغاندەك ھەممە دوختۇر-سېستىرادىن <ماشىنا ھادىسگە ئۇچرىغان بىمار نەدىدۇ؟...>دىگەن سۇئالنى سوراپ جاۋابىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتتۇق،بىر دوختۇر دەپ بولغىچە ئاچامنىڭ يولدىشى يۈگۈرگەن پېتى كىلىپ ئېنىقلاپ كەلگىنىنى دەپ بىزنى باشلاپ ماڭدى،ھەممىمىز ئاچامنىڭ يولدىشىنىڭ ئارقىدىن يۈگەردۇق...دادام يداتقان ياتاققا كىرىپلا <ئاھ دادا ،بىچارە دادا ،ۋاي سەن بارمۇ دادا ...>ئاچامنىڭ يىغىسى پۈتۈن دوختۇرخانىنى بىر ئالدى،...ئاپام  دادامنىڭ پۈتۈن ئورىۋىتىلگەن بېشىنى سىلاپ ئىچى-ئىچىدىن بۇقۇلداپ يىغلاپ دادامنىڭ قۇلىنى سىلاۋاتاتتى،مەن بولسام دادامنىڭ تېڭىۋىتىلگەن ئوڭ پۇتىنى قۇچاقلاپ ئاۋازىمنى قۇيىۋىتىپ كىچىك بالىلاردەك يىغلاپ كەتتىم ...دوختۇرلارغا تىزلىنىپ:
  - جېنىم دوختۇر تاغا ،دادامنى قۇتقۇزۇپ قالسىڭىز،دادام بەلەن ئادەم ئىدى،ئۇ ھىچكىمگە يامانلىق قىلمايتتى،بىزگە بەك ئامراقتى... دەپ يالۋۇردۇم،بۇنىڭغا چىدىمىغان ئاچامنىڭ يولدىشى :
  _جېنىم ئۇكام بۇنداق قىلمىغىن ، چۇقۇم ياخشى بولۇپ كىتىدۇ،ئورنۇڭدىن تۇرغىن ...دەپ يالۋۇردى،دوختۇر سېستىرالارمۇ كۆز يېشى قىلدى...
  دادام ئۈن-تىنسىز ياتاتتى...مانا تاڭمۇ ئاتاي دىدى ،دادامنىڭ ئۇكىسى -ئايالى،ئاپامنىڭ ئىككى ئاكىسىمۇ كەلدى...ھەممىمىز چەكسىز ئۈمۈتتە دادامنىڭ يېنىدا ياكى كارىدوردا ئىنتايىن روھسىز ھالەتتە ئاندا-مۇندا پاراڭلىشىپ تۇراتتۇق...تاڭ سەھەرگە يېقىن دوختۇر-سېستىرالاردۆپۈرلىشىپ كەتتى، ئاپام ۋە ئىنىسىدىن بۆلەك ھەممىمىزنى چىقىرۋەتتى،بىز كارىدوردا ئاللادىن مۆجىزە يۈز بىرىشىنى تىلەپ تۇراتتۇق...ئىنىسى يۈگۈرۈپ چىقىپ ئاپامنىڭ ئاكىسىغا بىر نىمىلەرنى دىدى.ئۇ دادامنىڭ ھۇشىغا كەلگەنلىكىنى ،تېزدىن بىز ھەممەيلەن 2-3 تىن كىرىپ رازىلىق ئېلىپ چىقىدىغاننى دەپتۇ،مەن بۇ گەپنى ئاڭلاپلا ئاۋازىمنى قۇيۇپ يىغلاشنى باشلىغان ئىدىم ،ئاپامنىڭ چوڭ ئاكىسى سەۋر قىلىشىمىزنى، بەك يىغا-زارە قىلماسلىقىمىزنى،تېزدىن كىرىپ رازىلىق ئېلىۋىلىشىمىزنى  تاپىلاپ  بىر مۇنچە نەسھەت قىلدى.پۇتۇمدا مېڭىۋاتامدىم يۈزۈمدىمۇ قانداق كىرگىنىمنى ئۇخمايمەن،يىغلىماي دەپمۇ يەنە ئۈزەمنى تۇتۇۋالالمىدىم...دىيەلىگىنىم پەقەت<جېنىم دادا مەندىن رازى بولغىن،ساڭا ئەركىلەپ سىنى تەنقىدلىكەن يەرلىرىمنى كەچۈۋەتكىن،ساڭا سالغان جاپالىرىمنى كۆڭلۈڭدىن چىقىرۋەتكىن....>،كاللام قۇپقۇرۇق،پەقەت ئىچ-ئىچىمدىن ئۆرتەۋاتقان يىغا مىنى قارىغۇ-گاس قىلىپ قويغان ئىدى.قالغانلارنىڭ نىمە دىگەنلىكىنى ،ھەتتا دادامنىڭ ماڭا قانداق ئىپادە بىلدۈرگەنلىكىنىمۇ ئەسلىيەلمەيتتىم...
    ئۆيگە قانداق كىلىپ ،ئاق ياغلىقنىڭ قانداق ئارتىلىپ قالغىنى ،ئاق بەلباغنىڭ قانداق باغلىنىپ قالغىنىنىمۇ ئەسلىيەلمەيمەن....پەقەت ئەسلىيەلەيدىغىنىم ئاكامنىڭ ئەتىسى كېچىدە مۇئەللىمى ئارقىلىق خەۋەر تېپىپ كىلىپ تالادىن ھۆڭرەپ يىغلاپ كىرگەندىكى كۆرۈنۈش.
  -ۋاي دادا ،جېنىم دادا،سۇلتانىم دادا،ھۆرمىتىم دادا...ۋوي تېخى تۈنۈگۈنلا بىللىتۇققۇ دادا،مەن سىزنى ئۇزىتىپ قويغانغۇ دادا،مەڭگۈلۈككۈ ئۇزاتقانمىتىم دادا،مىنى ئۆيگە  دادا بولسۇن دەپ تاشلاپ قۇيۇپ كەتتىڭىزمۇ دادا...ئاكامنىڭ يىغىسى ئەمدىلەتىن سەل پەسكويغا چۈشكەن پىغانىمىزنى يېڭىدىن ئۆرلىتىپ قايتىدىن شۇنداق ئۇزۇن ھازا ئاچتۇق.
  شۇنداق قىلىپ مىھرىبان دادامدىنمۇ ئايرىلدىم، قانىتىم سۇندى ، كۈلكەم شوخلىقىم،ئەركىن مىجەزىم يەنە يوقىدى...ئاكاممۇ ئۆز ناھىيىمىزگە بۆلۈندى...
  ئالتۇن باش داداڭ بىلەن قالغۇچە پاخما باش داداڭ بىلەن قال دىگەندەك دادامغا چىدىمىغان يۈرۈكۈم ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ رىئاللىققا قاراپ يۈزلەنمەكتە ئىدى.لىكىن ئەسلىدىنمۇ ئىنتايىن ئىچكى مىجەزئاپام كۈندىن -كۈنگە ئاجىزلىشىپ كىتىپ باراتتى،دادامنىڭ قۇلىغا شۇنداق كىچىك چۈشكەنلىكىنىنى ئەسلەپ ئۇزۇن يىقلاپ كىتەتتى.ئەمدىلا 43ياشقا كىرگەن ئاپامنىڭ چىرايى كۈندىن كۈنگە سارغىيىپ كىتىپ باراتتى.شۇنداقتىمۇ ئاپام پۈتۈن مىھرى بىلەن بىزگە كۈيۈپ قەيسەرلىك بىلەن ياشاۋاتاتتى.مەن تۇلۇق 3-يىللققا چىققاندا ئاكامنىڭ تۇيىنى قىلدۇق.ئاكامنىڭ ئايالى شۇنداق ئوڭلۇق مىھرى ئىسسىق قىز ئىدى...ئاپام ئاكامنىڭ تۇيىدا بەكلا يىغلىدى، بىر يۈرەك پارىسىدىن ، قەدىردان جانانىسىدىن ئايرىلغان ئايالنىڭ يىغىسىنى ھەممەيلەن توغرا چۈشۈنۈپ كۆز يېشى قىلىشتى...
  نىمىشقىكىن ئۆگۈنىشىم دادام تۈگەپ كەتكەندىن كىيىن سەل چېكىنگەن ئىدى.ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىسىنى خېلى ياخشى بەرسۇممۇ لىكىن ئۆزۈم ئارزۇ قىلغان ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمىدىم، شىنجاڭدىكى مەلۇم بىر ئالىي مەكتەپتە ئوقۇدۇم،لىكىن مەكتەپكە بارغاندىن كىيىن شىنجاڭدا ئۇقۇغانلىقىمدىنمۇ خوش بولۇپ قالدىم...ئالي مەكتەپتە شۇنداق ياخشى ئوقۇدۇم.يېڭى مۇھىتتا يەنە بۇرۇنقى خۇشخۇي مىجەزىم ئەسلىگە كىلىۋاتاتتى...لىكىن 2-مەۋسۈمى ئاكامنىڭ ئۇرغان تېلفۇنى يەنە مىنى قايتىدىن ئازاپ ئىچىگە تارتتى.ئاپامنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى ئاڭلاپ يۇرتۇمغا قاراپ ماڭدىم...
ئاپامنىڭ داۋاملىق يۈرىكى ئاغرىيتتى ھەم قان بېسىمى ،ئۆت ياللۇغى دىگەندەك  بەك جىق كېسەللىرى بار ئىدى. ھەر بىر قان بېسىمى ئۆرلەپ كەتسە بالنىسستتا مەن كارۋاتتىن بىرنى قۇرۇپلا ئاكامنىڭ ئاچچىقى كەلسىمۇ بىللە يېتىۋالاتتىم .ئاپاممۇ نەچچە كۈن داۋالىنىپ ياخشى بولۇپ قالاتتى،شۇڭا مەن ئانچە چوڭ ئەنسىرەپمۇ  كەتمەي ئاپامنىڭ چۇقۇم ياخشى بولۇپ كىتىدىغانلىقىغا ئىشىنىپ يولدا بارغۇچە ئاساسەن ئۇخلاپ ماڭدىم.ئەتىسى تاڭ سەھەردە يۇرتۇمغا چۈشتۈم،ئاكام مىنى بېكەتتە ساقلاپ تۇرۇپتىكەن.ئاكامنىڭ بېشىدىكى شەپكىنى كۆرۈپ يۈرىكىم جىغغىدە قىلىپ قالدى.ئاكام كىلىپ مىنى چىڭ قۇچاقلىدى،خۇددى كۆز يېشى قىلغاندەكلا بىلىنىپ كەتتى،لىكىن قارىسام ئاكام كۈزىنى ئەپقاچتى.
    _ئاكا نىمىشقا شەپكە كىيىۋالدىڭ؟
  _ۋاي شۇ خوشنىمىزنىڭ ئاپىسىنىڭ نەزىرىگە بارماقچىتىم، ئاكام شۇنداق سۇلغۇن ھالەتتە ماشىنىنى قانداق ھەيدەۋاتقان بولسا شۇ پېتى ماشىنىنىڭ ئالدى ئەينىكىدىن كۆزىنى ئۈزمەي جاۋاپ بەردى.
  _قايسى خوشناڭ؟
    ئاكام بىر ئېغىز گەپ قىلمىدى ، مەن ئاكامغا بىرەر ئىش بولغان ئوخشايدۇ دەپ ئۈندىمىدىم.بىزنىڭ رايۇنغا ئەگىلىدىغان دوقمۇشقىمۇ كەلدۇق.ئاكام ئارانلا<ئۆزەڭنى تۇتىۋالارسەن >دىيەلىدى،مەن ھاڭ-تاڭدا نىمىش بولغانلىقىنى ئۇقماي ئاكامغا قارىدىم.ئاكام يىغلاپ تۇرۇپ ماشىنىنى توختاتتى،مەن ھەممە ئىشنى چۈشەندىم.ماشىنىدىن چۈشۈپلا ئاكامغا ئېسىلىپ ھۆڭگۈرەپ يىغلاپ كەتتىم،ئاۋازىمنى ئاڭلىغان پۈتۈن قېرىنداش -تۇققانلىرىم پەسكە چۈشتى.ئاچام ھازا ئېچىپ يىغلاپ كىلىپ قۇچاقلىۋالدى.
  _ جېنىم ئاپا،چىرايلىق ئاپا،مىھرىبانىم ئاپا،ئوڭلۇق ئاپا،يۇۋاشىم ئاپا،باش-پاناھىم ئاپا....مىنى قانداق تاشلاپ كىتىشكە كۆڭلىڭىز ئۇنىدى ئاپا،ۋاي قارا يىتىم بولدۇقمۇ ئاپا،ئون گۈلۈمنىڭ بىرى ئېچىلغاننى كۆرمەي تۇرۇپ كەتتىڭىزمۇ ئاپا،ماڭا قانداقمۇ چىداپ كىتىپ قالغانسىز ئاپا...ۋاي ئەمدى مەن قانداق قىلىمەن،كىمنى ئاپام دەيمەن،كىمنى دادام دەيمەن، كىمگە ئەركىلەپ،كىمگە يىغلايمەن.ئاللا خۇدا سەن نىمانچە تاش يۈرەك،مەندەك ئاجىز قىزنى نىمىشقا  قارا يىتىملىك قوينىغا تاشلايسەن، مەن زادى نىماە گۇناھ قىلغان،مەن نىمانچە شور پىشانە؟... يەنە نىمىلەرنى دەپ،نىمىلەرنى دىمىگەنلىكىمنى ئەسلىيەلمەيمەن،ئاچام بىلەن ئاكاممۇ ئىچ-ئىچىدىن ئازاپلىنىپ مىنى قۇچاقلاپ يىغلاۋاتاتتى...ئۇلارنىڭ نىمىلەرنى دىگىنى ئىسىمدە ئەسلا يوق ئىدى...ئاكام مىنى دەپ ئاتايىن 14سائەت بۇرۇن ئالەمدىن ئۆتكەن ئاپامنى يۇيۇندۇرۇپ بولغاندىن كىيىن قۇم ئۈسىتىدە ياتقۇزۇپ ئەتراپىغا مۇزپارچىللىرىنى قۇيۇپ تېخى يەرلىككە قويمىغان ئىدى4-ئاي كىرەي دەپ قالغاچقا ئۆيدە پارمۇ توختاپ خېلىلا سوغاق ئىدى.ئاپامنىڭ يۈزىنى كۆرۈپ شۇنداق چىرايلىق ياتقان تۇرقىغا قاراپ ئۆلۈپ كەتكىنىگە پەقەتلا ئىشەنگۈم كەلمىدى،لىكىن ئاللىبۇرۇن بۇ دۇنيا بىلەن خوشلىشىپ بولغان رىئاللىق ئالدىدا ھازامنى يەنە باشلىدىم،لىكىن چوڭلار كىرىپ مىيىتنىڭ يېنىدا ھازا ئېچىشقا بولمايدىغانلىقىنى ،سەۋر قىلىشىم كېرەكلىكىنى... ئېيتىپ مىنى ئاچىقىپ كەتتى.ئاپام ياتقان ئىشىكنىڭ ئالدىغا كىلىپ ئېسىلىپ تۇرىۋالدىم،شۇنداق يالۋۇرسىمۇ قەتئى ئۇنىمىدىم.يەنە شۇ بىچارە ئاچام يالۋۇرۇپ سافاغا ئولتۇرغۇزدى...ئاپامنىڭ مىيىتىنى ئۇزاتقان كۆرۈنىشنى تىل بىلەن تەسۋىرلەش ئاجىزلىق قىلاتتى.ئاچامنىڭ دوستلىرى ئاچامنى شۇنداق تۇتىۋالسىمۇ ئاچام بىنانىڭ سىرتىغا يۈگۈرۈپ چۈشۈپ كەتتى،مەن چۈشۈشۈم مۈمكىن ئەمەس ئىدى،ھەممىسى مىنى قاتمۇقات ئورىۋالغان ئىدى،مەن پەقەت دەرىزدىنلا ئاكامنىڭ جىنازىنىڭ ئالدىدا كۆتۈرۈپ ماڭغان تىگى-تىگىدىن بىچارە ھالىتىنى كۆرگەندەك قىلدىم.مەن پەقەت ئاپامغا،دادامغا،كىچىك ئاچامغابولغان  پۈتۈن مەدھىيەمنى،سېغىنىشىمنى،ئۆزەمنىڭ خاتا قىلغان تەرەپلىرىنى،ئاللادىن زارلانغان سۆزلىرىمنى...قوشاققا قېتىپ يىغلاۋاتاتتىم ...      
مانا بۈگۈن ئاپامنىمۇ مەڭگۈكەلمەس،مەڭگۈ ئاۋازىنى ئاڭلىيالماس،مەڭگۈ دىدارلىشالماس يەرگە ئۇزۇتۇپ قويدۇق... يەتتە نەزىرىنىمۇ مەسجىدنىڭ يىغىنچىلىق زالىدا بەردۇق،سىنىپ مەسئۇلىم بىلەن بىر دوستۇممۇ كەلگەن ئىدى... مۇئەللىم مىنى يەنە بىرەر ھەپتە ئارام ئېلىپ بېرىشىمنى،لىكىن  ياشاش ئىرادەمنى يوقىتىپ قويماي داۋاملىق ياخشى ئوقۇپ ياخشى نەتىجىلەر بىلەن ئۇ دۇنيادىكى ئاتا-ئانام،ئاچامنىڭ روھىنى خوش قىلىشىمنى ئۆتۈندى.گەرچە ھاياتتىن پۈتۈنلەي ۋاز كەچكەم بولساممۇ لىكىن يەنىلا كۆڭلىگە يارىشا ماقۇللىقىمنى بىلدۈردۈم...مىنىڭ مەكتەپكە قايتىدىغان ۋاختىم ئازلا قالغان ئىدى.ئاكام،ئاچاملار يەتتە نەزىردىن كىيىنمۇ يەنىلا مۇشۇ ئۆيدە ئىدى.ئۇلار ماڭا قاراپ ئىچ-ئىچىدىن يىغلاپ كىتەتتى. ئاچام بىچچارە<جېنىم ئۇكام سەن تېخى كىچىك ئەمەسمىدىڭ،قارا يىتىم بولۇپ كەتتۇقمۇ؟ئەنسىرمە ،مانا مەن سىنىڭ ئاپاڭ،ئاكاڭ بولسا داداڭ،بىز مەڭگۈ سىنى قوغدايمىز،ساڭا باش-پاناھ بولىمىز،سەن خاتىرجەم ئوقىغىن.>دەپ بەك يىغلىدى.ئاكام بولسا مۇشۇ ئۆي-ۋاق ،ئاپامنىڭ تاپقان-تەرگىنىنىڭ ھەممىسى سىنىڭ،ھىچقانداق ئىشتىن ئەنسىرىمەي ئوبدان ئۇقىغىن دەپ تەسەللە بەردى.
_ئاكا ماڭا ھىچنىمە كېرەك ئەمەس ،ماڭا ئاپاملا بولسا بولدى دەپ يەنە يىغلىشىپ كەتتۇق...
  ئاكام ئاتايىن رۇخسەت سوراپ مىنى ئۆزى مەكتىۋىمگە ئاپىرىپ قويدى.ئاكام مىنى تاشلاپ كىتىپ باراتتى،ھىچقاچان بۇنچىلىك يالغۇزسىرىمىغان مەن ئۆزەمنى دۇنيادىكى ئەڭ بىچارە،ئەڭ يالغۇز ئادىمدەك ھىس قىلدىم...
  تەتىلدە ئۆيگە كەلسەم ئۆي قۇپقۇرۇق، ماڭا قاتتىق ھار كەلگەن ئىشلار يەنە ئۆز ئىپادىسىنى تېپىۋاتاتتى.ئاچام-اكام،يەڭگەم،ئاچامنىڭ يولدىشى ھەممىسى يەنىلا مىنى شۇنداق ئايايتتى.ھەتتا ئەمدىلا باشلانغۇچ 2-سىنىپتىكى ئاچامنىڭ بالىسىمۇ ماڭا ئىچى ئاغىرتىش نەزىرىدە قارايتتى.بۇ تەتىلمۇ يىغلا -قاخشا ئۆتۈپ كەتتى.يېڭى مەۋسۈم يەنە مەكتەپكە ماڭدىم،ئاكام-ئاچام نۇرغۇن تەسەللىلەرنى بىرىپ مىنى يولغا سالدى.ئاكام ھەر ئايدا ئاپامدىن قالغان پۇللاردىن ئايرىپ ئېلىپ خېلىلا جىق پۇل ئەۋەرتەتتى.ئاپام تۈگىگەندىن كىيىن ماڭا ھەتتا كىيىم كىيىشمۇ،سىرىتقا چىقىپ تاماق يىيىشمۇ خوش ياقماس بولۇپ كەتكەن ئىدى،بۇرۇن يەتمەيدىغان پۇللىرىم ئەمدى ئېشىپ قالىدىغان بولۇپ قالدى.شۇندادىمۇ ئاكام يەنىلا ئۈزۈلدۈرمەي پۇل سېلىپ قۇياتتى.كۈنلىرىم شۇنداق روھسىز،دۇنيادىن شۇنداق بىزارئۆتمەكتە...
  مانا بىر يىلمۇ ئۆتتى،ئاپامنىڭ يىل نەزىرىنىمۇ بەردۇق...مۇشۇ كۈنلەردە ئاپامنى بەك چۈشەيدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم.بىر كۈنى تاڭ سەھەردە ئاۋازىمنى سرتقا چىقىرالماي شۇنداق يىغلاپ چۈش كۈرۈپتىمەن،ئۈستۈمدىكى كارۋاتتا ياتىدىغان دوستۇم بۇنى سىزىپ مىنى ئويغىتىۋەتتى. چۈشۈمدە<ئاپام شۇنداق چىرايلىق كۆينەك كىيىپ ماڭا كۈلۈپ قارىغىدەك،قوپ قىزىم نامىزىڭنى ئوقۇ دەپلا يوقاپ كەتكۈدەك،مەن ئاپا،جېنىم ئاپا مىنى تاشلاپ كەتمەڭ >دەپ شۇنداق يىغلاۋاتسام دوستۇم ئويغىتىۋەتتى.مەن شۇ زامات دوستۇمدىن بامدات ۋاختى بولدىمۇ دەپ سورىدىم،دوستۇم يەنە بىر سائەتتەك بارلىقىنى ئېيتىپ مەندىن نىمىش بولغانلىقىنى سورىدى.ئىككىمىز شۇنچە ئاستا پاراڭلاشقان بولساقمۇ،لىكىن ياتاقتىكىلەر يەنىلا بىر-بىرلەپ ئويغۇنۇپ كەتتى.ھەممەيلەن مىنى چۈشەنگەچكە ماڭا شۇنداق دوستانە تەسەللى بەردى.مەن يەنە بىر ھازا يىغلىغاندىن كىيىن تەرەت ئېلىش ئۈچۈن ياتاقنىڭ ئۇبۇرنىسىغا كىرىپ كەتتىم...
ئاپام مىنى كىچىكىمدە بىر موللامغا تەتىلدە بىر ئايدەك بەرگەن ئىدى،مەن بەش ۋاخ ناماز قائىدىللىرى،سۈرە-ئايەتلەرنى شۇنداق تېز ئۆگۈنىۋالغان ئىدىم.تېخى ئەمدىلا ئەلھەمدۇ بىلەن قۇلئەئۇزىبىرەببىنناسى نى قىرائەت قىلىشنى ئۆگۈنىۋاتقاندا تەتىلمۇ تۇشۇپ توختاتقان ئىدىم. شۇڭا مىنىڭ دىندا ئاندا-مۇندا ساۋادىم بار ئىدى،ئەرەپچە خەتلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمىسەممۇ خېلىلا تېز ئوقۇيالايتتىم.دادام تۈگەپ كەتكەندىن كىيىن ئاساسەن بىر ۋاخ بولسىمۇ نامازنى تاشلىماي كىلىۋاتاتتىم، نىمىشقىكىن مۇشۇ بىرەر ئايدىن بۇيان دۇنيادىن بىزار بۇلۇپ پۈتۈنلەي ئۆزەمنى باشقىچە تاشلىۋەتكەن ئىدىم شۇنداقلا نامىزىممۇ قېلىپ قالغان ئىدى. ئاپام ئاشۇنداق چۈشۈمگە كىرگەندىن بۇيان مەن نامىزىمنى بىر ۋاخ بولسىمۇ قايتىدىن باشلاپ ، قەيسەرلىك بىلەن ياشاش كېرەكلىكىمنى ،شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن خۇددى ئوقۇتقۇچۇم دىگەندەك ئۇ دۇنيادىكى ئاپام-دادام،ئاچام...نىڭ ھەقىقى روھىنى قورۇندۇرمىغان بولاتتىم.مانا مەنمۇ ئوقۇشقا كەلگىلى 3 يىل توشاي دىگەن ئىدى،ئاپام تۈگەپ كەتكىلىمۇ ئىككى يىلدىن ئېشىپ قالغان ئىدى.دەل مۇشۇ كۈنلەردە مەن باشتا تەسۋىرلىگەن يىگىتنى ئۇچۇرتۇپ قالغان ئىدىم، يۈرۈكۈمنىڭ قات-قېتىدىن مەيۈسلىكىم ،سۇلغۇنلۇقۇم ئاشۇ يىگىتنى ئۇچراتقاندىن باشلاپ  ھاياتىمغا جان كىرگەن ئىدى.
        ****************************************************************
    مەن ياتاقتىكىلەر بىلەن بۇ مەۋسۈملۈك ئەڭ ئاخىرقى تاماققا چىقىپ بىللە كىتىپ باراتتۇق.گەرچە بۈگۈن بالىلارنىڭ كۆپۈنچىسى قايتىدىغان بولسىمۇ يەنىلا ئۈمۈدىمنى ئۈزگۈم كەلمىدى.مەن يوللاردىن يەنىلا سىنى ئىزدىدىم،لىكىن سەن ھىچيەردە كۆرۈنمەيتتىڭ.بىز تاماق يەپ بولۇپ ياتاققا قاراپ كىتىپ باراتتىم .توۋا ... سەن ئاسماندىن ئۈنگەندەكلا ئۆزەڭ يالغۇز تېلفۇن سۆزلىشىپ كىلىۋاتاتتىڭ.سەن ماڭا قارىدىڭمۇ بىلمىدىم،مەن قارىدىم.سەن ئۆتۈپ كەتتىڭ.مىنىڭ بەكلا سىنى توسۇپ گەپ قىلغۇم كەلدى،لىكىن يېنىمدا ياتاقداشلىرىم بار خىجىل بولاتتىم.كىتىپ بارىمەن،لىكىن پۇتۇم ئۆزۈمنىڭ ئەمەس.مەن قەتئى نىيەتكە كىلىپ ياتاقداشلىرىمغا:<كىرىپ تۇرۇڭلار ،ئالىدىغان نەرسەم بار ئىدى>دەپ ئارقىمغا ياندىم،سەن ئاللىبۇرۇن مەندىن 300-400مىتىردەك ئۇزاپ كەتكەن ئىدىڭ.ئارقىڭدىن ئۇچقاندەك كىتىپ بارىمەن،ھەتتا يۈگۈردۈم،شۇنچە تېز ماڭساممۇ سەن ئاللىبۇرۇن چوڭ يولغا چىقىپ بولغان ئىدىڭ.مەن سىنى بېكەتتە بىرەر ماشىنىغا چىقىپ كېتىپ قالارمۇ دەپ بەكلا ئەنسىردىم،لىكىن سەن بېكەتتە توختۇمىدىڭ.مەن يەنىلا سىنىڭ ئارقىڭدىن شۇنداق تېز كىتىپ بارىمەن.سەن نىمە دىگەن تېز ماڭغان،مەن شۇنداق تېز مېڭىپمۇ ساڭا يىتىشەلمىدىم،مانا يىتىشەيلا دەپ قالدىم.مەن سىنى توۋلىدىم
    _ھېي.لىكىن سەن قارىمىدىڭ،مەن يەنە قوغلىدىم،ئاخىرى يىتىشەيلا دەپ قالدىم .مەن يەنە:
  _ھېي ،دەپ توۋلىدىم.سەن ئارقىڭغا قاراپ، ھېرىپ ئۈلەيلا دەپ قالغان ماڭا قاراپ :
  -گەپ بارمىتى؟ مەن جىددىلەشكىنىمدىن ئاپپاق يۈزلىرىم قىپقىزىل بولۇپ كەتكەن ئىدى.
  -ھەئە.
  -نىمە گەپتى؟
  مەن ھازىر دىسەم بولمايدىغىنىنى كەچتە ۋاختىڭ بار-يوقلىقىنى سورىدىم.
  _ھازىر دىسە بولمايدىغان قانداق گەپتى؟...
  مەن سەن توغرۇلۇق بىرىنجى ئۇچۇر يەنى قايسى كەسىپ قايسى سىنىپتا ئوقۇيدىغانلىقىڭنى سورىۋالدىم.ھەم تېل نۇمۇرىمىزنى كىرگۈزىۋالدۇق.مەن بۇ ئىشنى ھىچكىمگە دىمەسلىكىڭنى تاپىلاپ ئارقىمغا ياندىم.
  مەن يولدا قانداق يېنىپ كىرگىنىمنى بىلمەيمەن،ھاياجاندىن پۇت-قوللۇرۇم جاق-جاق تىتىرەۋاتاتتى.بىر كىلومىتىردەك يولنى پىيادە بېسىپ،توڭلاپ يېنىپ كىرگىنىمنىمۇ سەزمەي قاپتىمەن.چۈشتىن كىيىنكى ئىمتاھاندىمۇ ھاياجاندىن ئىمتاھان سۇئالى پەقەتلا كاللامغا كىرمىدى. شۇنداق ئاددى سۇئاللارغىمۇ ئىنكاس قايتۇرالماي كاللام رودىمىتلىشىپلا قالغان ئىدى.تەلىيىمگە سىنىپ مەسئۇلىمىز كومىسىيەكەنتۇق،بالىلاردىن كۆچۈرۈپ دىگەندەك ئىمتاھاننى ئوڭۇشلۇق بىرىۋالدىم.ئىمتاھاندىن چىقىىپ ئەتە ھاممامنىڭ ئۆيىگە كىتىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىپ تۇرسام医科大 دىكى بىر دوستۇم  بىللە تاماق يەيلى دەپ تېل قىلغان ئىدى.مەن شۇ ھامان ساڭا تېل قىلىپ ھازىر 医科大غا بارىدىغانلىقىنى،سىنىڭ قاچان ۋاختىڭ بارلىقىنى سورىدىم.مەن چۈشتە سىنىڭ ئىسمىڭنى سورىۋالماپتىكەنمەن.توۋا...<ئىسمىڭىز نىمە؟> ئۇمۇ سورىدى،سەن مىنىڭ بېرىۋىرىشىمنى كەچقۇرۇن ماڭا تېل قىلىدىغىنىڭنى ئېيتتىڭ.مەن بېرىپ دوستۇم بىلەن كۆرۈشۈپ تاماق يەۋاتساق سەن ماڭا تېل قىلدىڭ.<ھازىر ۋاختىم بار،نەنمېندا كۈرۈشەيلىمۇ؟> دىدىڭ .مەن ھاپىلا-شاپىلا دوستۇمغا يالغان ئېيتىپ خوشلىشىپ ماڭدىم. مەن ئەمدىلا ماڭاي دەپ تۇرسام سەن يەنە تېل قىلدىڭ.
  _تېز بۇلۇڭ ،مەن چوكا-مۇز بۇلايلا دىدىم.
  _مانا ھازىرلا بارىمەن ،بر ئاز ساقلاڭ.
  مەن تاكسى توساپ بارماقچى بولدۇم،لىكىن بۇ ۋاقىتتا تاكسى توسۇش بەكمۇ قىيىن ئىدى.گەرچە ئىچىدە ئادەم بولمىسىمۇ يەنىلا توختىمايۋاتاتتى،ھەممىسى گاز قاچىلىغىلى ئالدىرايتتى.مەن ئاخىرى بىر 自用车نى ئاران تەستە توسۇپ باردىم.ساڭا تېل قىلسام نەنمېن بېكەتتە ساقلاۋاتقانلىقىڭنى ئېيتتىڭ.مەن نەنمېن بېكەتكە چۈشسەم سەن يوق،مەن يەنە ساڭا تېل قىلدىم.سەن يولنىڭ قارشىسىدا بىر بانكىنىڭ ئالدىدا تۇراتتىڭ.بىز كۆرۈشتۇق.
  _نەگە كىرەيلى؟
  _بىرەر كافىيتىڭگە كىرەيلىمۇ؟
  _بولىدۇ.بىز كىرگۈچە قايسى يۇرتلۇق ئىكەنلىكىمىزنى سۈرۈشتۈردۇق.توۋا ئىككىمىز شۇنداق يېقىن خوشنا ناھىيىدىن ئىدۇق.بۇنىڭدىن بەكلا خوش بولدۇم.بىز كافىيتىڭگە كىرىپ شۇ يەردە پاراڭلاشتۇق.
  _نىمە گەپ بار ئىدى شۇنچە سىرلىق؟
  نەچچە ۋاقىتتىن بىرى كۆڭلۈمگە تىزىۋالغان گەپلىرىمنى پۈتۈنلەي ئۇنتىغان ئىدىم.بەكلا جىددىلىشىپ كەتتىم،ھەم قىز بۇلۇپ مۇشۇ كەمگىچە ئوغۇللارغا بۇنداق گەپ قىلىش تۈگۈل ئۇلارغا نەزەر كۆزۈمنىمۇ سالمايدىغان مەن ئەمدى سىنىڭ ئالدىڭدا گاچىلىشىپ قالغان ئىدىم.شۇنداقتىمۇ مەن قەتئى نىيەتكە كىلىپ ئۇزۇندىن بۇيان قىيناپ كىلىۋاتقان بۇ ئازاپنى ساڭا ئېيتتىم،توۋا ئېيتىپ بولۇپلا پۈتۈنلەي يەڭگىللەپ قالغان ئىدىم.
  _سىز بۇرۇن بىرەرسى بىلەن ئارلىشىپ باققانمۇ؟
  _ھەئە،تولۇق ئوتتۇرادىكى ۋاختىمدا دادام تۈگەپ كەتكەندە بىر يىگىت ماڭا بەكلا ھىسداشلىق قىلاتتى،ئۇنىڭ دادىسى مىنىڭ دادامنىڭ دوستى ئىدى،مەن شۇنىڭ بىلەن يۈرۈپ باققان.
  _كىيىن قانداق بولدى؟
  _ شۇ كىيىن ئۇمۇ باشقا يەرگە ئوقۇشقا كەتتى، مىنىڭ بېشىمغىمۇ بەك جىق ئىشلار كىلىپ كىتىپ مىجەزىم ئوساللىشىپ كەتتىمۇ،ياكى ئۇنىڭدىن ئۆتتىمۇ؟ئىشقىلىپ مىجەزىمىز تازا ماس كەلمەي ئايرىلىپ كەتتۇق.
  _ ئۇنى ھازىرمۇ ياخشى كۆرەمسىز؟دەپ كۈلۈپ كەتتىڭ.
  _ياخشى كۆرمەيمەن، مەن  شۇ ۋاقىتلاردا شۇنداق بىر ئادەمنىڭ ماڭا ھەمرا بۇلىشىغا،ماڭا تەسەللى بىرىشىگە ،ماڭا كۆيۈنىشىگە مۇھتاج ۋاختىمكەنتۇق،شۇڭا پەقەت بىر مەزگىللىك قىزىقىشنى دەپ يۈرۈپتىكەنمەن.
  _ مەنمۇ بىر قىز بىلەن يۈرۈپ باققان،ئۇنى شۇنداق ياخشى كۈرەتتىم،لىكىن ئۇ ماڭا ۋاپاسىزلىق قىلدى،شۇڭا قىزلاردىن بەك قوقاپ كەتتىم.
  _ۋاي سىز شۇنداق قاملاشقان ،ياخشى تۇرسىڭىز نىمىشقا ئايرىلىپ كەتتى ئۇ قىز؟
  _ھا ھا ھا ھا،مىنىڭ ياخشىلىقىمنى قانداق بىلسىز؟
  _ئالتىنجى سەزگۈم سەت تەرەققى قىلغانچۇ مىنىڭ      
  _ راست،ئۇ بەكلا دۆتلۈك قىلدى،كىيىن پۇشايمان قىپمۇ كەلدى بولمىسا،لىكىن مىنىڭ كۆڭلۈم كۆتۈرمىدى.شۇ ئىشتىن كىيىن مەن قىزلاردىن بەك قورقۇيدىغان بوپقالدىم............................
  توۋا ئىككىمىز خۇددى بۇرۇندىن تۇنىشىدىغان ئادەمدەك شۇنداق تېزلا بىمالال سۆزلىشىپ شۇنداق چىقىشىپ كەتتۇق.بۇ جەرياندا ئۇنىڭ مەندىن بۇرۇنلا مىنى كۆرگەنلىكىنى ،ئۇنىڭمۇ شۇنداق تۇنۇشقىسى بولسىمۇ لىكىن قىزلاردىن قورقۇپ كەتكەچكە ھەم مىنى يۈرىۋاتقىنى بولىشى مۈمكىن دەپ ئېغىز ئاچالمىغانلىقىنى ئېيتتى.بىز بەك ئۇزۇن پاراڭلاشتۇق. ۋاقىتمۇ بىر يەرگە بېرىپ قالغان ئىدى.بىز نەنمېن كىنوخانىنىڭ ئالدىغا بارغۇچە پىيادە ماڭدۇق.ئىككىمىزنىڭ بوي-تۇرقى شۇنداق ماس كىلەتتى.بولۇپمۇ كافىيتىڭدىن چىقىپلا ئىككى-ئۈچ ئۇيغۇر بالىلار بىزگە قاراپ قالغان ئىدى.شۇ يەردىن ئۆتكەندە ئىككىمىزنىڭ شۇنداق بەخىتلىك بىرجۈپلەردەك مېڭىپ كەتكىنىمىزدىن ھەيران قالدىم.مەن شۇ كۈنى ئازراق قىزىتىپ قالغان ئىدىم.سەن پىشانەمنى تۇتۇپ راستلا قىزىتىپ قالغانلىقىمنى ئېيتتىڭ.مەن شۇنداق خوشال بولدۇم.سەن مىنى قول تۇتۇشۇپ ماڭايلى دەپ تۇرۋالدىڭ ،لىكىن مەن ئۇنىمىدىم.نەنمېن كىنوخانىنىڭ يېنىدىن بىر تاكسىنى توسۇپ مەكتەپكە كەتتۇق.سەن يەنە بىر ئاز مۇڭدۇشايلى دەپ تۇرىۋالدىڭ.ساڭا پەقەتلا قىيالمىدىم،لىكىن قان-قېنىمغا سىڭىپ كەتكەن ئەخلاقى كۆز قارىشىم كىرىپ كىتىشكە مۈرەمدىن ئىتتەردى.مەن كىرىپ كەتتىم.لىكىن كېچىچە ئىككىمىزنىڭ بىردەمدىلا چىقىشىپ كەتكەنلىكىمىزنى ھەمدە سىنىڭمۇ ماڭا ئەسلىدىنلا ئامراقلىقىڭنى،بۈگۈن تېخىمۇ ئامراق بولۇپ قالغانلىقىڭنى دىگەن مەنزىرلەرنى كۆزئالدىمدىن ئۆتكۈزۈپ تۈزۈك ئۇخلىيالمىدىم.ئەتىسى ئەتتىگەندە ئاچام يېنىپ كىلىشىمنى ئۆزىنىڭ ئازراق مىجەزى يوقلىقىنى ئېيتىپ تېل قىلدى. ئەسلى نەچچە كۈن تۇرۇپ كەتمەكچى بولغان پىلانىممۇ ئۆزگەردى.مەن شۇ ھامان ساڭا تېل قىلدىم،ماڭا بېلەت ئالغىلى بۇلارمۇ دىسەم سەن بىر ئامال قىلىپ باقاي ،مەن ھېلى سىزگە خەۋىرىنى بىرەي دىدىڭ.مەن بىردەمدىلا ھەممە نەرسەمنى يىغىشتۇرۇپ تەييارلىق قىلىپ بولغان ئىدىم،سەن 9يېرىملار بىلەن ماڭا تېل قىلىپ 加班车نىڭ بېلىتىنى ئالغانلىقىڭنى،چۈشتىن كىيىن سائەت 2دە ماڭىدىقانلىقىنى ئېيتتىڭ.مەن:
  _ئەمىسە بىكەتتە كۈرىشەيلى ،پۇلىڭىزنى شۇ ۋاقىتتا بىرەي ،سىز قاچان ماڭىسىز؟
  _مەنمۇ بۈگۈن كىتەيمىكىن دەيمەن،مەنمۇ سائەت 2يېرىمنىڭ بېلىتىنى ئالدىم.مەن 1لەر بىلەن بارىمەن،شۇ چاغدا كۆرۈشەيلى.
  مەنمۇ ھاممام بىلەن خوشلىشىپ كىلىش ئۈچۈن تېل قىلىپ قويدۇم.ئۈيىگە بارسام تاماقنى ئىتىپ تەييا قىلىپ تۇرۇپتىكەن .ئۇ:
  _بوپتۇ مېڭىۋەرگىن بالام،لالەگە ئۆزۈم توغرا چۈشەندۈرۈپ قويىمەن،خۇدايىم بۇيرىسا يا بىز بارارمىز يۇرتقا...دەپ تەسەللى بىرىپ يولغا سالدى.مەن تېزلىكتە ياتاققا بېرىپ سومكا چامىدانلىرىمنى بىر تاكسىنى توسۇپ سېلىپ بېكەتكە قاراپ كىتىپ باراتتىم،سائەت 1 بولۇپ بولغان ئىدى.مەن شوپۇرغا تېز بولىشىنى ،بولمىسا ماشىنىغا ئۈلگىرەلمەيدىغانلىقىمنى ئېيتىپ سۈلىسەممۇ،يەنىلا ئوتتۇز يەدە قىزىل چىراقتا توختاپ يېرىم سائەتتە ئاران ئۈچتاش بېكىتىگە يىتىپ كەلدۇق.مەن كىلىپ تۇرسام سەن نەگە كەلگەنلىكىمنى سوراپ تېل قىلدىڭ.
  _مانا مەن كەلدىم،لىكىن ماۋۇ سومكا تەكشۇرىدىغان يەر بەك ئۆچۈرەتكەن،ھازىرلا كىرىمەن.سەن ئىچىدىلا ساقلاپ تۇرىۋاتقانلىقىڭنى ئېيتتىڭ.مىڭ تەستە ئۆچۈرەتتىن ئۆتۈپ سىنى تاپتىم.سەن قۇلۇمدىكى چاماداننى سۆرەپ ئىككىمىز يۈگۈرگەن پېتى مەن چىقىدىغان ماشىنا تەرەپكە قاراپ چاپتۇق،ماشىنىغا نەرسىللىرىمنىمۇ جايلاشتۇرۇپ بولدۇق.بىز ئاددىلا خوشلىشىپ تېل ياكى كۇكۇدا ئالاقىلىشىپ تۇرىشىمىزنى،ئارلىق يېقىن بولغانكىن يۇرتىمىزغا كىلىپ ئويناپ كىتىشنى تاپىلاشتۇق ھەم كۇكۇ نۇمۇرلىرىمىزنى كىرگۈزىۋالدۇق.بېلەت ئالغان پۇلنى بەرسەم سەن ئالغىلى ئۇنىماي يامان تەستە ئالدىڭ.سەن بىزنىڭ ماشىنا ئالدىدا مەن بىلەن خوشلىشىپ ماڭدىڭ.مەن ماشىنىغا چىقسام بىزنىڭ ماشىنىدا تۈزۈك ئادەممۇ يوق،بۇ نىمە ئىش؟شوپۇردىن سورىسام 加班车نىڭ ۋاختىنى بىر سائەت كىيىنگە سۈرىۋەتكىنىنى ئېيتتى.مەن يەنە سەن تەرەپكە بارغۇم كەلدى،ساڭا تېل قىلسام سەن ماشىنىنىڭ نۇمىرىنى ئېيتىپ بەردىڭ.سەن بىرنەرسىللىرىڭنى ھەدەپ ماشىنىنىڭ يان ساندۇقىغا تىقىۋاتاتتىڭ.مەن كىلىپ ئارقىڭدا گەپ قىلماي ساڭا قاراپ تۇردۇم،سەن ئارقىڭغا ئۆرۈلۈپلا مىنى كۆردۈڭ. ھەركەتلىرىڭگە قاراپ شۇنداق ئامراقلىقىم كەلدى.مەن ئۆزەم ياخشى كۆرىدىغان چاي ئىچىدىغان قۇتامنى ساڭا سوۋغا قىلدىم،سەنمۇ بىر تېلفۇن ئاسقۇچ سوۋغا قىلدىڭ.شۇنداق خوش بولدۇم.يەنە بىر قېتىم خوشلاشتۇق.ماشىنىغا يېنىپ كەلدىم،لىكىن بىىزنىڭ ماشىنا ھىچ تۇشىدىغاندەك ئەمەس.تۇيۇقسىز تېلفۇنۇم سايراپ كەتتى.
  _نىمىش قىلىۋاتىسىز؟
_شۇ ساقلاپ ئوتتادىم،سىزچۇ؟
_بىزنىڭ ماشىنا يەنە 10 مىنۇتلاردا ماڭارمىكىن.يېنىڭىزدا تۇنۇشلار بارمۇ؟ماشىنىڭىزنىڭ يېنىغا بارسام قانداق بۇلا؟
  _مەندىن بىر قارار يۇقىرى  ** داشۈېدىكى بىر قىز باردەك قىلىدۇ. سىزنىڭكىدىچۇ؟تۇنۇشلار بارمىكەن؟
  _يوقتەك قىلامدۇ نىمە
  _ئەمىسە مەن باراي
  سەن ئولتۇرغان ماشىنىنىڭ يېنىغا باراي دىگەندە بىر تۇنۇشۇم ئۇچراپ قالدى.مەن خىجىل بولغىنىمدىن ياندىكى ماشىنا تەرەپكە قاراپ ماڭدىم.<ھەي ،نەگە ماڭدىڭىز؟>مەن لام-جىم دىمەي مېڭىۋەردىم،سەن ئارقىمدىن كەلدىڭ.ئىككىمىز بىر ئاپتۇۋۇزنىڭ يېنىدا تۇرۇپ يەنە بىر قېتىم خوشلاشتۇق.بىر-بىرىمىزگە قىيالماستىن ئۆزىمىز چىقىدىغان ماشىنىغا چىقىپ كەتتۇق.سەن مەندىن يېرىم سائەت بۇرۇن يولغا چىقتىڭ.مەن پەقەت دەرىزىدىنلا ساڭا خوش دىيەلىدىم،سەنمۇ دەل مەن تەرەپتە ئوتتۇرغاچقا قۇلاڭنى پۇللاڭلاتتىڭ.مەن تاكى قاراڭ يۈتكىچە قاراپ قالدىم. سەن يەنە يېرىم سائەت ئۆتكەندىن كىيىن ماڭا قىسقا ئۇچۇر يوللىدىڭ.مىنىڭ ماڭغان-ماڭمىغانلىقىمنى سۈرۈشتۈرۈپ.مەنمۇ ئەمدى بېكەتنىڭ چىقىش ئېغىزىغا كەلگەنلىكىمىزنى ئېيتىپ قىسقا ئۇچۇر يوللىدىم.بىز خېلىلا جىق ئۇچۇرلاشتۇق...مانا كىتىپ بارىمەن، توۋا نەچچە ۋاقىتتىن بىرى مىنى شۇنچە قىيناپ كىلىۋاتقان بۇ ئىشلارنىڭ دەل قۇيۇپ بىرىدىغان كۈندە ھەل بولۇپ كەتكىنىگە ئۆزەمچە ھەيران قالدىم.توۋا ،خۇدايىمنىڭ بەرمەيدىغىنى يوقكەن،ئىنسانغا ھەر بىر ئۇنتۇلدۇرۇپ،ئۇنتۇلدۇرۇپ تەڭشەيدىكەن ...دەپ ئاللاھقا مىڭنى شۈكرى قىلدىم.شۈكرى ئاللاھ،ئاتا-ئانام،ئاچام،...لارنىڭ ياتقان يىرىنى جەننەتتە قىلغايسەن!....ھەممە ئىشلىرىمنى توغرا يولغا سالغىيسەن ...دەپ ئىچىمدە ئاللادىن بەختىمنى تىلىدىم.مانا كىتىپ بارىمەن ، يەنە ئۇنىڭدىن قىسقا ئۇچۇر كەلگەن ئىدى.مەزمۇنى<بىر كۈرۈپ كۆيۈپ قېلىشقا ئىشىنەمسىز؟>مەن نىمە دەپ جاۋاپ بىرىشنى بىلەلمەيلا قالدىم...يەنە نىمە بەخىت،نىمە قىسمەتلەر مىنى كۈتۈپ تۇرىۋاتىدۇ ،بۇنى بىلگۈچى پەقەت بىر ئاللاھدۇر...
بۇ تەتىل مەن ئۈچۈن يېڭى ھاياتلىق تاپقان،قۇرۇپ قالغان گۈل مۆجىزە يۈز بىرىپ قايتىدىن كۆكلەپ چىققان،يېڭىچە بىر خوشال كۈنلەرگە مۇيەسسەر بولغان ئىنتايىن كۆڭۈللۈك تەتىل بولدى.ئىككىمىز كۈندە كۈندۈزلىرى ئاز دىگەندىمۇ 7-8 قېتىم تېلفۇن ئۇرۇشاتتۇق.گەرچە بىر-بىرىمىزنى كۆرۈپ تۇرمىساقمۇ نىمىش قىلىۋاتقانلىقىمىز،نىمە يەپ-نىمە ئىچىپ،قانچىلىك ئۇخلاپ،نىمە فېلىم كۆرۈپ،نەلەرگە بېرىپ،نىمە قىززىق،نىمە ئاچچىقلىنىدىغان ئىشلار بولغاندىن تارتىپ ھەممە ئىشلىرىمىزدىن خەۋەردار بولاتتۇق.بەزىدە بىرەسىمىزنىڭ تېلفۇنى ئۇلانماي قالسا دەرھال كۇكۇغا چىقىپ ئالاقىلىشاتتۇق،ئۇنىڭدىمۇ بولمىساق ئۇچۇر دىگەننى ياغدۇرۋىتەتتۇق.شۇندااق قىلىپ ئىككىمىز تەبئىيلا يۈرۈپ قالدۇق.بۇ جەرياندا سەنمۇ مىنىڭ ئائىلەمگە مۇناسىۋاتلىك بارلىق ئىشلاردىن خەۋەردار بولدۇڭ.ماڭا چىن كۆڭلۈڭدىن ھىسداشلىق قىلىدىغىنىڭنى،مەڭگۈ مىنى قوغداپ،مىنى ئاسراپ،كۆڭلۈمگە ئازار بەرمەسلىككە تىرىشىپ،رەھىمسىز رىئاللىقلارغا ئۆزەڭنىڭ چىن قەلبى بىلەن جاۋاپ قايتۇرۇپ،مىنى ھەقىقى بەخىتلىك قىلىدىغانلىقىڭ توغرۇلۇق ۋەدىلەرنى بىرىپ كەتتىڭ.مەنمۇ سىنىڭ بىر ئىنىڭ بارلىقى،ئۇنىڭمۇ داشۆدە ئۇقۇيدىغانلىقى،ئۆيەڭدىكىلەرنىڭ ئىسمى،ئاپاڭ-داداڭنىڭ خىزمەت ئورنى ھەتتا ئۆيەڭنىڭ قايسى يەردە ،نەچچىنچى قەۋەتلىكىدىن تارتىپ يادلىۋالغان ئىدىم.كۈندە كەچتە بولسا چۇقۇم بىر سائەت ئەتراپىدا تېلفۇنلىشاتتۇق.توۋا شۇنداق تايىنى يوق،تۈكى يوق گەپلەرمۇ بىزگە شۇنداق تاتلىق بىلىنىپ كىتەتتى.قىشلىق تەتىل بولغاچ سوغوقتا تالاغا تولا چىقالمايدىغانلىقىمنى باھانە قىلىپ ئاچام بىلەن ئاكامنىڭ ئۆيلىرىگە ئاتايىن چاقىرمىغىچە ئۆزەم تەشەببۇسكارلىق بىلەن بارمايدىغان بولۇپ قالدىم.ئەمەلىيەتتە مەن بەزى كۈنلىرى ھەتتا ئۇرۇنۇمنىمۇ يىغماستىن سەن بىلەن پاراڭلىشىشنى باشلىغىنىمدىن ئۇلار خەۋەرسىز ئىدى.
    بىر كۈنى ئاشقازىنىم ئاغرىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتسام سەن ئاتايىن سىلەرنىڭ نەھىيىدىن بىزنىڭ ناھىيىگە كىرا قىلىدىغان بىر ساۋاغدىشىڭدىن 5 كەپتەرنى ھەتتا ئادالاپ ئەۋەتكەنلىكىڭنى،ئۇنىڭ شورپىسىنى ئىچسە ئاشقازانغا پايدا قىلىدىغانلىقىنى،ئۆزەڭنىڭمۇ ئاشقازان كىسىلىڭ بارلىقىنى،داۋاملىق شۇ ئۇسۇلنى قوللىنىپ تۇرىدىغىنىڭنى ئېيتىپ تېلفۇن قىدىڭ.بىردەمدە ھېلىقى دوستۇڭدىن تېلفۇن كەلدى.مەن بىزنىڭ رايۇننىڭ جىبەنشىدا ساقلاپ تۇرۇشىنى ئېيتىپ بىردەمدىلاچۈشتۈم.توۋا سەن راستىنلا بەك ئەتراپلىق ئويلايدىكەنسەن.كەپتەر گۈشى سېلىنغان بىر خالتا بىلەن يەنە بىر خالتىدا خېلى جىقلا تونۇر كاۋىپى بار ئىدى .مەن خوشاللىقىمدا ئۆيگە كىرىپلا ساڭا تېل قىلدىم.
_ئوماق،نىمانداق جىق نەرسىلەرنى ئەۋەتتىڭىزپۇلنى زىيان قىلىپ
_ياقەي،جىق پۇل خەجلىمىدىم،يېزىدىكى تاغامنىڭ كەپتىرى بەك جىق ،شۇ يەردىن ئەكەلدىم.يەنە باشقا نىمە ئېلىشنى بىلمەي شۇ كاۋاپ ئەۋەتتىم.
_رەھمەت ،ئەمدى نىمە ئەۋەرتىپ قايتۇرامەن بۇ قىلغانلىرىڭىزغا؟
  _ۋاي ئۇ قانچىلىك بىرنىمىتى،ماڭا بىر سوۋغات بولسىلا بولدى
  _نىمە سوۋغات دەڭە
  _مىنى بىر سۈيۈپ قويىڭە...
   بۇ سىنىڭ تۇنجى قېتىم ماڭا بۇنداق گەپ قىلىشىڭ ئىدى.توۋا ئىككىمىز پۈتۈن سىيگەن-چىشقاندىن تارتىپ ھەممە گەپلەرنى قىلىشىپمۇ تېخى بىر-بىرىمىزدىن تەپ تارتىپ بۇنداق گەپلەرنى ئېغىزىمىزغا ئېلىپ باقمىغان ئىدۇق.مەن ئۈندىمىدىم.
  _خالىمامسىز؟
   _گەپ قىلىڭە،ئاڭلاۋاتامسىز؟...ئۈزۈلدۈرمەي سوراۋەردىڭ.
      ئىختىيارسىزلا مەن ھاببا قىلغان ئاۋازنى ساڭا ئەۋەرتىپ سالدىم.لىكىن شۇ دەقىقىدە ئۆزەم يالغۇز تۇرۇپمۇ ئەتراپىمغا ئالاق-جالاق قاراپ كەتتىم.<ئۇھ ،ھەرنىمە بولسا ئادەم يوقكەن>.
  _بولمىدى بولمىدى
  _قېلىن بولدى قىلىڭە
  _ئاپپاق ،تاتلىق يەنە بىرنى،بىرلا قېتىم،تېز بۇلىڭە...
   ئىككىمىز شۇ كۈندىن باشلاپ تېخىمۇ تاتلىق سۆزلىشىدىغان بولۇپ كەتتۇق.سەن ئالدىمىزدا مىنى ئىزلەپ كىلىدىغانلىقىڭنى ئېيتتىڭ.مەن خۇددى ھازىرلا كىلىدىغاندەك تېلفۇننى قۇيۇپلا شۇنداق جىددىيلىشىپ كىيىم ئىشكاپىمدىكى كىيىملەرنى بىردىن ماسلاشتۇرۇپ ئۈلگۈردۈم،شۇنداق چىرايلىق كۆرىنىدىغان كىيملىرىمدىنمۇ ئەمدى قۇسۇر چىققىلى تۇردى.
   ئىككى-ئۈچ كۈن ئۆتمەيلا ئاچامنىڭ ئۆيىگە بارسام ئاچام سىلەرنىڭ ناھىيىدىكى بىر تۇققىنىمىزنىڭ قىزىنىڭ تويىغا بارىدىغانلىقى ،تۇققىنىمىزنىڭ مىنىمۇ چۇقۇم ئالغاچ كىلىشىمنى تاپىلىغانلىقىنى ئېيتتى.ئاپام تۈگەپ كەتكەندىن كىيىن بىرەر تويغىمۇ تۈزۈك بېرىپ باقمىغان مەن ئەمدىلىكتە شۇنداق بارغۇم كەلدى.
  _ئاچا قاچانقى تويكەن؟نىمەمنى كەيسەم بۇلا؟
_مۇشۇ ئالدىمىزدىكى شەنبە كۈنىكەن،ۋاي كىيملىرىڭ جىققۇ،ھېلىقى سارابىنىڭ بىلەن ئۈستىگە ئوماق دۇەندايىرىڭنى ،ئاستىڭغا ھېلىقى شىيۇشىيەن قارائۆتۈكۈڭنى كىيمەمسەن.
  _پاختىلىق چاپىنىمنى كىيمىسەم توڭلامەنمۇ؟
   _ۋاي بىز بىر سىرىتتا يۈرمەيمىز،ماشىنىدا ماڭغانكىن توڭلىمايسەن.
  _ھە مەيلى ئەمىسە...
   مەن ساڭا مۇشۇ شەنبە سىلەرنىڭ ناھىيىگە بارىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم.سەن خوشاللىقىڭدا چۇقۇم سىنى ئىزدىشىمنى،ئەگەر ئىزدىمىسەم بەك خاپا بولىدىغىنىڭنى ئېيتىپ ماڭا بەك-بەك تاپىلاپ كەتتىڭ.مەنمۇ بۇ تۆت كۈنگىچە ئاللىبۇرۇن بەلگىلىنىپ بولغان كىيىمىمنى يەنە كىيىپ يەنە سېلىپ نىمىلەرنىدۇ ئۆزەمچە ماسلاشتۇرۇپ،يەنە قاملاشمىغاندەك يەنە ئېلىۋىتىپ،چېچىمغا جۈيوۇگاۋلارنى چېپىپ دىگەندەك بەكلا چوڭ تەييارلىق قىلىپ كەتتىم.مەن جۈمە ئاچامنىڭ ئۆيىدە قونغان ئىدىم .ئاچامنىڭ ئۆيىدە ئالاقىلىشىش ئەپسىز بولغاچقا ئۇچۇرلىشىپ چۇقۇم ئەتە كۆرىشىدىغىنىمىز توغرۇلۇق يەنە بىر قېتىم ۋەدىلەرنى بىرىشتۇق.شەنبە ئەتىگەندىلا ئاچامنىڭ بالىسىنى قېينى ئاپىسىنىڭكىگە ئاپىرۋىتىپ ئاچام،يولدىشى،مەن ئۈچىمىز سىلەرنىڭ ناھىيەگە تويغا ماڭدۇق.توينى بىر چوڭ رېستۇراندا قىلغان ئىدى.مەن كىيىملىرىمگە چەستەي دەزمال سېلىپ،ئاياقلىرىمنى پارقىرتىپ مايلاپ،سۇس گىرىم قىلىپ شۇنداق چىرايلىق بولۇپ كەتكەن ئىدىم.رېستۇراننىڭ قىزلار ئولتۇرغان ئايرىمخانىسىغا بىر تۇققىنىمىز مىنى باشلاپ ئەكىرىپ قويدى.مەن تۇيى بولغان ئاچاشنى ئاپاملار بار ۋاقىتتا تۇلۇقتا،داشۆدە ئۇقىۋاتقان ۋاقىتلىرىدا 2-3 قېتىم بىزنىڭ ئۆيگە بارغاندا كۆرگەن ئىدىم.بۇ ئاچاشمۇ توي گىرىملىرى بىلەن شۇنداق ئېچىلىپ كەتكەن ئىدى.ھەممەيلەن ماڭا قارايتتى،ھەممىسى دىگۈدەك مەندىن 3-4 ياش چوڭ  ئاچاشلار بولغاچقا مەن بېشىمنى كۆتۈرەلمەي دىگۈدەك شۇنداق خىجىللىقتا ئولتۇردۇم.تېلفۇنۇم سايراپ كەتتى.مەن تېلفۇنۇمنى ئېلىپلا كارىدورغا چىقتىم.
   _ۋەي
   _ۋەي نەدە؟
  _شۇ تويدا بايا كەلگەن.
  _شۇ كەلگەنمىدۇ دەپ ئۇرغان،قاچانلاردا بىكار بۇلىسىز؟
  _بىلمەيمەن،بىكار بولساممۇ ئاچامغا نىمە دەپ چىقارمەن؟
  _ۋاي بىر دوستۇم بىلەن كۈرۈشمەكچى دىمەمسىز،قاچانلاردا قايتىسىلەر؟
  _شۇ كەچقۇرۇن قايتامىزمىكىن
  _ئەمىسە بىر سائەتتىن كىيىن سىزگە تېلفۇن قىلاي ھە،چۈشلۈك تاماقنى بىرگە يەيلى.
  _قېنى قاراپ باقاي
  _چۇقۇم بىر ئامال قىلىڭ ھە...
  مەن تاماقلارنى خىجىلچىلىقتا ئازراقلا يىدىم ۋە ئۆزرە ئېيتىپ قايتىپ چىقماقچى بولدۇم،تۇيى بولغان ئاچاش مىنىڭمۇ ئوغۇل تەرەپكە بىللە بېرىشىمنى ،كەچتە ۋىچىركىغا بارىدىغانلىقىمىزنى دەپ تۇرىۋالدى.مەن دوستۇم بىلەن كۈرۈشمەكچىلىكىمنى،كەچتە ئاچاملار بىلەن قايتىدىغانلىقىمنى، قەتئى خاپا بولماسلىقىنى ئېيتىپ ئاچام بار چوڭ زالغا قايتىپ چىقتىم.
  -ۋاي يېنىپ چىقىپسەنغۇ؟
  -ئاچوي ،قاچان قايتىمىز؟
  _نىمانداق ئالدىرايسەن،تېخى دىلبەر ھەدەڭلەر بىلەن چۈشتىن كىيىن ئايرىم ئولتۇرىمىز(تۇيى بولغان ئاچاشنىڭ نەۋرە ئاچىسى)،كەچقۇرۇن قايتامىز.
  _مەن شۇ بىر دوستۇم بىلەن كۈرۈشۈپ كىلەي دىگەن،ئۇ تېلفۇن قىپتىكەن...
   ئاچام سەل قىيالمىسىمۇ يەنىلا:
  _بوپتۇ كۈرىشىپ كەلگىن،چۈشتىن كىيىن ساڭا تېلفۇن قىلىمەن،پاتراق يېنىپ كىلەرسەن...
   بىردەمدىلا سەندىن تېلفۇن كەلدى.مەن ئۇچۇر يوللىۋەتتىم.ئاچام مىنى رېستۇراننىڭ ئالدىغا ئەچىقىپ قويدى. مەن خوشاللىقىمدا ھاياجاندىن نىمە قىلارىمنى بىلمەيلا قالدىم.ئاچام كىركىتىشى ھامان مەن ساڭا تېل قىلدىم.سەن مىنى رېستۇراننىڭ يېنىدىكى كىچىك دۇكاندا ،ھازىرلا بارىدىغانلىقىڭنى ئېيتتىڭ.سەن بىردەمدىلا ماڭا تېل قىلدىڭ.
  _رېستۇراننىڭ سول تەرىپىدىكى يولغا چىقىڭە.
توۋا مەن شۇنداق ھاياجانلىنىپ كەتكەن ئىدىم.يەنىلا پۇت-قۇلۇم جاقىلداپ تىتىرەۋاتاتتى.سەن يىراقتىنلا مىنى كۆرۈپ كۈلۈمسىرىدىڭ ھەم ئىتتىكلا مەن تەرەپكە قاراپ ماڭدىڭ.
_ۋۇييۇ،ھەجەپ چىرايلىق بوپكىتىپسىززا
_نەدىكىنى،نەگە بارىمىز؟
_ئەنسىرمەڭ بۇ مىنىڭ يۇرتۇم.نەگە باشلىسام قوقماي مېڭىۋىرىڭ.
شۇنداق قىلىپ ئىككىمىز بىر كىرا ماشنىسىغا چىقىپ مۇھىتى خېلىلا ياخشى  بىر تېز تاماقخانىغا باردۇق.توۋا  تېلفۇندا ۋە كۇكۇدا شۇنداق ئەركىن،بىمالال سۆزلەشكەن مەن ئەمدىلىكتە يەنە گاچا بولۇپ قالغان ئىدىم.ئۇ يەردىمۇ خىجىل بولۇپ<نىمە يەيسىز.>دىسە ،يەيدىغان نەرسەمنى تاپالماي،خېلى ئۇزۇندا تاماق بۇيرۇتۇپ يەپ چىقتۇق.
  بۇ بىزنىڭ تۇنجى قېتىم بىللە تاماق يىيىشىمىز ئىدى.گەرچە ئالدىنقى نۆۋەت ئۈرۈمچىدە كافىيتىڭدا بىللە ئولتۇرۇپ باققان بوساقمۇ لىكىن بىللە تاماقلىنىشنىڭ ئەھمىيىتى باشقىچە بولىدىكەن دىسە توۋا.بىز تاماقخانىدىن چىقىپ بىر چايخانىغا كىرىپ ئايرىمخانىسىدا پاراڭلىشىپ ئولتۇردۇق.سەن كەچتە دوستلىرىڭغا خەۋەر قىلىپ بىرەر يەرگە بېرىپ ئويناپ كىلەيلى دىدىڭ.مەن كەچتە قايتىدىغىنىمىزنى ئېيتىپ ئۇنىمىدىم.ئىككىمىز يەنىلا مەكتەپنىڭ گىپى،تەتىلدە كۈندە ئاڭلاپ بولغان گەپلەر،يەنە ئۇنتۇلۇپ قالغانلىرىمىزنى سۆزلىشىپ كەتتۇق.
  _قاراڭ ھېلىقى كۈنى مەن سىزگە چېچىمنى مۇنداق ياساتتىم دەپ كامىرانى ئاچتىمغۇ
  _ھە
  _شۇ كۈنى ئۇكام كىرىپ قېلىپ سىزنى كۈرۈپ<ۋۇييۇ بۇ قىز نىمەڭ >دەپ كەتتى.
  _ۋاي خۇدايىم مەن كۆرمىدىمغۇ
   _ئۇ ئىشىكنىڭ يېنىدىتى،شۇڭا كۆرمەپسىز،مەن چىقە-چىق دەپ چىقىرۋەتتىم.
  _ئاللا ئەمدى قانداق قىلارمەن؟
   _نىمە بولماقچى،تونىمايدىغان ئادەملەر بىلەنمۇ كامىرادا سۆزلىشىمىزغۇ...
   بىز شۇنداق ئۇزۇن پاراڭلاشتۇق.ئاچام بىر ۋاقىتتا تېلفۇن قىلدى.ھازىر يەنە بىر يەرگە بارىدىغانلىقىنى ،مىنىڭ قايتىپ كىلىپ ئۇ ئاچاشنىڭ قىزى بىلەن تۇرۇپ تۇرىشىمنى ئېيتتى. مەن ماڭماقچى بولدۇم،سەن بىردەم تۇرۇپ مېڭىشىمنى ،ئۆزەڭنىڭ ئاپىرىپ قويىدىغانلىقىڭنى ئېيتىپ تۇرىۋالدىڭ.مەن ئاچامغا <دوستۇم ئاپىرىپ قويىدىغان بولدى،سىلەر مېڭىۋىرىڭلار ،مەن يەنە بىر سائەتكىچە قايتىمەن >دەپ تېلفۇن قىلدىم(ئاچام دوستۇمنىڭ ئوغۇل بالا ئىكەنلىكىدىن ئەسلا خەۋەرسىز ئىدى).مەن يەنە ئۇ تۇققىنىمىزنىڭ ئۈيىنى سورىۋالدىم،سوراش جەريانىدا ھەر بىر ئۇچۇرنى ئۈنلۈك يەنە بىر قېتى ئۆزەم تەكرارلاپ ساڭا ئۇچۇر بىرىۋاتاتتىم.بىز يەنە بىرەر سائەتتىن ئارتۇقراق پاراڭلىشىپ ئولتۇردۇق.قىش كۈنلىرى بولغاچقا بىردەمدىلا كۈن كەچ بولوپ كەتكەندەك تەسىر بىرەتتى.سەن شۇنداق يلۋۇرساڭمۇ مەن كەتمىسەم بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ جاھىللىق قىلىپ تۇرىۋالدىم،سەن ئامالسىز مىنى ئاپىرىپ قويدۇڭ،بىز ئاسانلا ئادرىس بۇيىچە ئۇلارنىڭ ئۆيىنى تېپىۋالدۇق.ئۇلارنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا كىلىپ بىنانىڭ ئىچىگە كىرىپ كىتىۋاتاتتىم،سەن يەنىلا ئارقىمدىن تەڭ ئەگىشىپ ماڭدىڭ.بىناغا كىرىپلا پەشتاققا چىقماستىنلا سەن مىنى <ماڭا قارىڭە>دەپ يىنىك قۇچاقلىۋالدىڭ،مەن جىددىيلەشكىنىمدىن تېزدىن سىنى ئىتتىرۋەتتىم.
  _ۋاي نىمىش قىلىپ يۈرۈيسىز؟خىق كۆرۈپ قالمامدۇ؟
سەن خىجىل بولغىنىڭدىن يەرگە كىرىپ كىتەيلا دەپ قالدىڭ.مەنمۇ سەل ئوڭايسىزلىنىپ قالدىم.
   _خوش ئەمىسە ،ئاللاغا ئامانەت،دەپ قۇلۇمنى سۇندۇم،سەن ئىسسىق ئالقانلىرىڭ بىلەن قۇلۇمنى بوشراق سىقىپ قويدۇڭ.بىر-بىرىمىزگە قىيالماي ئايرىلدۇق.
   ئۇلارنىڭ ئۈيىگە كىرسەم تۇققىنىمىزنىڭ قىزىنىڭ دوستلىرىمۇ بىلمىدىم ئىشقىلىپ 3-4 قىز كومپىيوتۇر ئالدىدىن قوپماي ئولتۇراتتى.ئۇ قىز ماڭا تېخى چاي قۇيۇپمۇ بەردى.مەن تېلۋوزۇر كۆرگەچ ئاچاملارنى ساقلاپ ئولتۇردۇم،سەل كېچىدىراق ئاچامنىڭ يولدىشى مەجبۇر كىتىمىز دەپ تۇرىۋىلىپ قايتىپ كەلدۇق.چۈنكى ئاچامنىڭ يولدىشى ھەر قانداق يەرگە بارسا يېرىم كېچە بولسىمۇ ئۆيگە قايتمىسا ئۇنىمايتتى.
   شۇنداق قىلىپ تەتىلمۇ توشاي دىدى.سەنمۇ بىر قېتىم بىزنىڭ ناھىيىگە كەلدىڭ.سەن كىلىشنىڭ ئالدىدىراق قار ياغقان ئىدى .بىز بىللە تاماق يەپ،بىردەم بازار ئايلىنىپ،باغچىغا بېرىپ قار ئېتىشپ ئوينىدۇق.ئۇ كۈنمۇ بەكلا كۆڭۈللۈك بولغان ئىدى.كەچقۇرۇن يەنە بىر-بىرىمىزگە قىيالماي ئايرىلدۇق.بۇ تەتىلىم مۇشۇنداق خېلىلا رومانتىك ئۆتتى.تەتىل تۇشايلا دىدى .مەن يەنە مېڭىشقا تەييارلاندىم.مەن ئۈرۈمچىدىكى ھاممامنىڭ قىزى بىلەن خوشلىشىۋىلىش ئۈچۈن سەندىن 3-4 كۈن بۇرۇن ماڭدىم.ئاچىم-ئاكاملارمۇ بۇ قېتىم ئانچە يىغلاشماي مىنى ئۇزۇتۇپ قويدى.ۋاقىت ھەممىنى بەلگۈلەيدىكەن،ھاياتلار يەنىلا شۇ ھاياتلىق ئۈچۈن ئامال يوق تىرىشىپ ياشايدىكەن.ھەممىمىز يەنىلا ئاستا-ئاستا رىئاللىق قوينىغا قايتىپ كىلىۋاتاتتۇق
  مەن ئۆرۈمچىگە كىلىپلا نەرسىللىرىمنى ياتاققا تاشلىۋىتىپ ھاممامنىڭ ئۆيىگە باردىم.لالە بىلەن خوشاللىقىمىزدا ھال-مۇڭلىرىمىزنى تۆكۈشۈپ بىر كۈننىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى بىلمەيلا قالدۇق.ساڭا مۇناسىۋەتلەك ئىشلارنى ئۇنىڭغا دەپ بەردىم.ئۇ شۇنداق خوشال بولدى.ھەم< ئەتە كىيىم ئېلىپ كىرەيلى،ئىچكىرىدە ئالىدىغانغا تۈزۈك ۋاقىت يوق >دەپ ئەتىسى بىر كۈن بازار ئايلاندۇق.پۇل كارتامدا خېلىلا جىق پۇل يىغىلىپ قاپتىكەن،مەنمۇ خېلى جىق كىيىملەرنى ئالدىم.ئەتىسى مەنمۇ خوشلىشىپ مەكتەپكە قايتىپ كەلدىم.ساۋاغداشلىرىمنىڭ ئالدىمۇ كىلىپ بولغان ئىدى.
   يېڭى مەۋسۈمدە يېڭىچە قىياپەت،يېڭىچە روھ بىلەن كەلگەنلىكىمدىن دوستلىرىممۇ ھەيران قالدى.
   _ئۆزگىرىش چوڭغۇ بۇ مەۋسۈم،يائاللا ئەسلىدىنلا سەن مۇشۇنداق روھ بىلەن ياشاشقا تىگىشلىك.ياخشى،مەڭگۈ سىنى قوللايمىز!...
  دوستلىرىمنىڭ ئىلھام بىرىشلىرىدىن بەكلا سۈيۈنۈپ كەتتىم.
   سەنمۇ كەلدىڭ،بىزنىڭ رومانتىك كۈنلىرىمىز يەنە باشلاندى.سەن بۇ مەۋسۈم ئىلمى ماقالە يېزىش ،ھەر خىل ئىمتاھانلارغا تەييارلىق قىلىش ئىشلىرى بىلەن بەكلا ئالدىراش بولوپ كەتتىڭ.شۇنداق بولسىمۇ بىز خۇدانىڭ  كۈنىدە ئاساسەن ئىككى ۋاخ بىللە تاماق يەيتتۇق،بەزىدە ھەتتا ئۈچ ۋاخ بىللە يەيتتۇق.شۇنداق ئىجىل-ئىناق ئۆتتۇق.بىر-بىرىمىزنى تېخىمۇ ياخشى كۆرۈشۈپ قېلىۋاتاتتۇق.سەن بىلەن شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى مەن ئامراق تاماقخانىلارغا ئاپتۇۋۇزغا چىقىپ شۇنداق ئۇزۇن يولنى بېسىپ بېرىپ تاماق يەپ كىلەتتۇق،ئاپتۇۋۇزغا چىقساق بىرەر ئورۇن بىكار بولسىلا مىنى ئولتۇرغۇزۇپ قويۇشقا ئالدىرايتتىڭ.تاماق يىسەك<سىز چىرايلىق گۆشكە ئامراق>دەپ قاچاڭدىكى چىرايلىق گۆشلەرنى ماڭا ئىلغاپ ئېلىپ بىرەتتىڭ.ئىككىمىز بىر-بىرىمىزگە مىھىر بىلەن قاراپ ئولتۇرۇپ ئالدىرماي ھوزۇرلۇنۇپ تاماق يەپ كىتەتتۇق.كەلگىچە خېلى ئۇزۇن يەرگىچە قولتۇقلىشىپ ماڭاتتۇق.تېخى سەن  <ئا بالىغا نىمانداق قارايسىز؟...>ياكى مەن<ئاۋۇ قىزغا نىمانداق قاراپ كىتىسىز؟...>دەپ بىر-بىرىمىزنى قىزغىنىشىپ گەپ تالىشىپمۇ قالاتتۇق.توۋا ئىنسان دىگەن نىمانداق ساراڭ نەرسە ھە،خۇددى قارىغانغا شۇنىڭ بولۇپ كىتىدىغاندەك...
  5-ئاي بايرامدا سەن بىزنىڭ يۇرتنىڭ ماشنىسىغا چىقىپ ئىككىمىز بىللە قايتتۇق.يۇرتقا بارغىچە خۇددى مەن كىچىك بالىدەك ھەتتا ئۇبۇرنىغىمۇ بىللە ئاپىرىپ ھالىمدىن شۇنداق ياخشى خەۋەر ئالدىڭ.
   سىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم بىر شىركەتتە ئىشلەيدىغان بەك يېقىن بىر ئاغىنەڭ بار ئىدى .سەن بەك تولا شۇنىڭ ياتىقىغا باراتتىڭ.ئۇ دوستۇڭمۇ ماڭا بەك ئامراق ئىدى.داۋاملىق ئىككىمىزنىڭ ياتىقىغا بېرىپ تاماق  ئىتىپ يەپ كىتىشىمىزنى دەيتتى.بىز ئۈچەيلەن بىر ئىككى قېتىم بىللە تاماق ئىتىپ يىگەنمۇ بولدۇق.بىر يەكشەنبە كۈنى ئۇ بالا يوق ئىدى،سەن ئۇنىڭ ياتىقىغا بېرىپ تاماق ئىتىپ يەپ كىلەيلى دەپ تۇرۋالدىڭ.بىز كونسۇل كۇچىسىنىڭ ئاغزىدىن گۆش ئېلىپ ئۇنىڭ ياتىقىغا باردۇق.ئۇنىڭ ياتىقىدا بىر دىئەنفەنگو بىلەن گازلىق ئۇچاق بار ئىدى.
_مەن پولوغا بەك ئۇستا ئىتىپ بىرەيمۇ؟
  _ۋاي ھېلى ئوخشىماي قالسا نىمە يەيمىز؟ئالدى بىلەن بىر مىفەن ئىتەيلى ...دەپ تۇرىۋالدىڭ.مەن ئۇنىماي سىنى سەۋزىگە بۇيرۇدۇم.سەن ھەممە يەرگە چاچىرتىپ سەۋزە ئاقلىدىڭ،گۆش پارچىلىدىڭ.مەن قىلىقلىرىڭغا قاراپ بەكلا مەسلىگىم كەلدى.مەن سەۋزىنى توغراپ قورۇشقا باشلىدىم،سەنمۇ ماڭا مەسلىگىڭ كىپكەتتىمۇ،ئاشخانىدىن چىقماي مىنى ئارقامدىن قۇچاقلاپ تۇرىۋالدىڭ.بىردەمدىلا پولونى ئىتىپ بولدۇم،مەن پولو دەم يىگۈچە لىئاڭسەي قىلدىم.
  _ۋاھ،ھەجەپ ئوخشاپتا ،ۋاي ماۋۇ لىئاڭسەيمۇ بەك ئوخشاپتۇ،قۇلىڭىز گۈلكەن جۇمۇ،كىلىڭە بىرنى...سەن يىنىكلا بىرنى چوككىدە سۈيۈپ قويدۇڭ.
  ئىككىمىز شۇ كۈنى تۇنجى قېتىم خۇددى بىر ئائىلىنى بېشىمىزغا كىيگەن،بىر مۇرىدىن تەڭ ئىس چىقارغان ئەر-ئاياللاردەك ھەمكارلىشىپ ئوخشىغان تامىقىمىزدىن ھۇزۇرلۇنۇپ ئەركىن ئولتۇرۇپ تاماق يىيىشتۇق.سەن مىنى پات-پات<خوتۇن>دەپ چاقىرىپ قوياتتىڭ.كەچتە سىنىپ يىغىنى بولغاچ بالدۇرلا مەكتەپكە قايتتۇق.
   بىر-بىرىمىزنى بەك ياخشى كۆرۈپ كەتكەنلىكتىنمۇ،چىدىمايمۇ ياكى نازارەت قىلىپمۇ يەنىلا ئارامدا تېلفۇن،دەرستە ئۇچۇر دىگەندەك ئالاقىمىزنىڭ قېتىم سانى ئازلاپ قالمىدى.بىر-بىرىمىزگە بەكلا مىھرىمىز باغلىنىپ قالغان ئىدى.سەن بىر كۈنى ماڭا بىر گىپىڭ بارلىقىنى ،لىكىن خىجىل بولۇپ دىيەلمەيۋاتقانلىقىڭنى دىدىڭ.
   _دەۋىرىڭ،مىنى شۇنداق يات كۈرەمسىز؟
   _ياق،مەن سىزنى دۇنيادىكى ئەڭ يېقىن ئادىمىم دەپ ئويلايمەن.
  _دەۋىرىڭە نىمىش بولسىا.
  _نىمە بولدۇمكىن ئۆتكەن مەۋسۈمدىن باشلاپ چوڭ  تەرىتىم قان ئارلاش كىلىدىغان بولۇپ قالدى.
  _ۋاي تەكشۈرتۈپ باقسىڭىز بولمامدۇ؟
   _شۇ تەكشۈرتسەم ئۈچەيدىكى مەسىلە دەيدۇ.دورا ئىچىۋاتىمەن.تۆنۈگۈن بەكلا شۇنداقراق...
  _ئەمىسە ھازىرلا بېرىپ تەكشۈرتەيلى
  _مەن ئۆيگە بېرىپ كىلەيمىكىن دەيمەن،ئاپام ئۆزى تەكشۈرتىمەن دەيدۇ(ئاپاڭ گەرچە كېسەللەكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش پونكىتىدا ئىشلىسىمۇ،دوختۇرخانىدىكىلەرنى ئوبدان تونۇيدىغانلىقىنى سەن ماڭا دەپ بەرگەن ئىدىڭ)
   _مەيلى،پاتراق يېنىپ كىلەرسىز جۇمۇ
   _سېغىنىپ كىتەمسىزما؟ئومىقىم ئۇنداق دىمىڭە،ئۇنداق دىسىڭىز ماڭغىم كەلمەي قالىدۇ...
   سەنمۇ يۇرتۇڭغا قاراپ ماڭدىڭ.مەن ئۈچتاش بىكىتىدە سىنى ئۇزۇتۇپ خۇددى ئاكام مىنى تاشلاپ ماڭغاندا بەكلا يالغۇزلۇق ھىس قىلغانغا ئوخشاش شۇنداق يالغۇزلۇق ھىس قىلدىم.سەن كىتىپ مەن ئىككىمىزنىڭ تۇنجى قېتىم شۇ بېكەتتە نەچچە رەىت خوشلاشقان ئاشۇ مەنزىرلەرنى ئەسلىدىم.ئاتايىن نەنمېن بىكەتكە بېرىپ سىنىڭ مىنى تۇنجى رەت ساقلاپ تۇرغان ھېلىقى بانكىنىڭ ئالدىغا قاراپ كەتتىم.....
مانا زىرىكىپ  نەچچە ۋاقىتتىن بىرى بارمىغان ھاممامنىڭ ئۈيىگىمۇ بېرىپ كەلدىم.سەن كەلگۈچە كۆزلىرىم تىشىلەيلا دىدى.گەرچە تېلفۇندا كۆرۈشۈپ تۇرساقمۇ،لىكىن ساڭا پۈتۈنلەي كۆنۈپ قالغان مەن يەنىلا ھېساپ قىلمايۋاتاتتىم.
   _قاچانمۇ كىلەرسىز؟مۇشۇ يەردە داۋالانسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولاتتى.
   _يەنە 4-5 كۈندە بارىمەن تاتلىقىم،ئەنسىرمەڭ چۇقۇم ياخشى بوپكىتىمەن.
  _چاخچاخ قىلىپ قويدۇم،سەللىمازا بولغاندىن كىيىن قايتىپ كىلىڭ.
  كۈنلىرىم يەنىلا بىر خىل غېرىپلىق ئىچىدە ئۆتتى،ئەمدىلىكتە  دوستلىرىمنىڭ <مۇھەببەت مەستانىسى>دەۋالىدىغان شاڭخو ئوبىكتى بولۇپ قالدىم.سەن قايتىپ كىلىمەن دىگەن كۈنى مەن ئۈچ سائەت بۇرۇن بېكەتكە بېرىپ سىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتتۈم.ھاۋا ئسسىپ كەتكەچكە مەن 2-3 قۇتا ئىچىملىك ئىچىپ بولدۇم.
  _ۋاي نەگاراق كەلدىڭىز؟
_مانا تۇز كۆلىگەكەلدىم
  _ۋايجان قاچانمۇ كىلەرسىز؟
  _ئومىقىم بولمىسا بىردەم بازار ئايلىنىپ تۇرىڭە.
  _ساراڭ،بازار ئايلىنىپ كەلگىم بولسا بايالا ئايلىنىپ كەلگەن بۇلاتتىم،رايىم يوق.
  _سېغىندىڭىزما؟...
   سەن ماشىنىدىن چۈشۈشۈڭگە مەن يۈگۈرۈپ باردىم،مەن خۇددى كىچىك بالىلاردەك خوشال بولۇپ كەتكەن ئىدىم.
   _جىنتەك،ساقلاپ كەتتىڭىزمۇ؟
   _مەيلى مەن رازى...
  سەن ئوقۇش پۈتتۈرشىڭگە ئازلا قالغان بولغاچقا كىيىملىرىڭنى ئېلىپ ماڭغان چاماداننى ياندۇرۇپ ئەكەلمەي قۇلۇڭدا كىچىكلا بىر سومكا بار ئىدى.بىز ئۇدۇللا تاماق يىيىش ئۈچۈن بىر ئاشخانىغا باردۇق.
   مانا 6-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرى بولۇپ قالدى.سەن مەمۇرلىققا ئىمتاھان بىرىش ئۈچۈن بەكلا ئالدىراش بولۇپ كەتتىڭ.شۇنداقتىمۇ يەنىلا كۈندە ئۇچرۇشۇپ تۇراتتۇق.سىەنمۇ ئىمتاھاننى غەلبىلىك بەردىڭ . بىزنىڭ مەۋسۈملۈك ئىمتاھانىمىزمۇ تۈگەپمۇ قالغان ئىدى.سىنىڭ خېلىلا ياخشى بىرىپ چىققانلىقىڭنى تەبرىكلەپ سىنى مىھمان قىلدىم.مەنمۇ كىلەركى مەۋسۈم پىراكتىكىغا چىقاتتىم.سەنمۇ ئوقۇش پۈتتۈردۈڭ.
    يازلىق تەتىلدە كۈنلىرىم يەنىلا مەڭگۈ پاراڭلاشساممۇ زىرىكمەيدىغان سەن بىلەن ھارماي ئالاقىلىشىش بىلەن ئۆتتى.سەن  ئىمتاھان نەتىجەڭ چىقمىغانچە جىددلىشىپمۇ بىلمىدىم ئۆزەڭچە تىرىكىدىغان شۇنداق بىر خىل بولۇپ قالغان ئىدىڭ. شۇنداقتىمۇ مەن يەنە توغرا چۈشۈنەندىم. سەن ئارلىقتا 2 قېتىم كىلىپ كەتتىڭ.تەتىلمۇ ئاخىرلىشاي دەپ قالدى. بىر كۈنى سەن شۇنداق جىددىلىشىپ تېل قىلدىڭ.
   _ئومىقىم مەن ئۈتۈپتىمەن.
   _ۋاي نىمانداق ياخشى ،بىرلا قېتىمدا ،نىمانداق تەلىيىڭىز با؟
  _ھى ھى ھى ،شۇنى دەڭە، تەلىيىم بىر كىپتۇ.يۈز تۇرانە ئىمتاھاندا ئۈتەلەرمەنمۇ؟
   _ئىشىنىمەن سىز چۇقۇم ئۆتۈپ كىتىسىز.
سەن بىزنىڭ ۋىلايەتتىكى مەلۇم بىر ئىدارىغا ئىمتاھان بەرگەن ئىدىڭ.بىز تەبرىكلەش ئۈچۈن ۋىلايەتكە بارماقچى بولدۇق.ئاچامغا بىر تالاي يالغان گەپلەرنى دەپ ئىككى كۈنلۈك رۇخسەت ئالدىم.بولمىسا ئاچام مەن بىلەن كۈرۈشەلمەي قالغان كۈنلىرى ماڭا 2-3 ۋاخ تېل قىلاتتى.<نەدە سەن ؟>دەپ باشقىلارنىڭ ئۆيىدە قونۇپ قېلىشىمنى خالىمايتتى.شۇڭا مەنمۇ دوستلار بىلەن يىغىلماقچى بولساق بىزنىڭ ئۆيگە كىلىڭلار دەپ تۇرۋالاتتىم.بىر ساۋاغدىشىم بار ئىدى.ئۇ تۇلۇقسىزدىنلا ئۇقۇشقا بارغان.ئۇ خىزمەتكە چىقىپ بولغان بولۇپ ناھىيە ئىچىدىكى دوختۇرخانىدا سېستىرا ئىدى.ئۇنىڭ ئۈيى يېزىدا بولغاچقا داۋاملىق بىزنىڭ ئۆيگە كىلىپ قۇنىۋالاتتى.نىمىشقىكىن ئۇ ھازىر ئۆزگۈرۈپ چوڭ ئادەملەر بىلەن ئارلىشىدىغان بوپكىتىپتۇ دەپ ئاڭلىغانتىم.تېخى بەزىدە يېرىم كېچىدە ئۆيۈمگە كەلسە بۇلىدىغان بولمايدىغانلىقىنى دەپ تېل قىلاتتى.ئاچام 2-3 قېتىم قۇنۇپ كەتكىن دەپ تېل قىلغاندا مەن بارالمايدىغانلىقىمنى ئۇ دوستۇمنىڭ كەلگەنلىكىنى ئېيتسام ئاچام غۇدۇراپ كىتەتتى.بىر كۈنى ئاچامنىڭ ئۈيىگە بارسام مىنى بەك تىللاپ كەتتى.
  _بىلەمسەن ئۇ قايسى يولدىكى قىز؟سەن قايسى يولدىكى قىز؟ئۇنىڭ قانداق نامى چىقىپ،نىمە ئىشلارنى قىلىپ يۈ رىۋاتقانلىقىنى بىلەمسەن؟تولا ئاقكۆڭۈللۈك قىلماي كاللاڭنى ئىشلەت...
مەنمۇ شۇنىڭدىن كىيىن ئۇنىڭدىن تېل كەلسىمۇ ئالمايدىغان،بىرەر يەردە كۆرۈپ قالساممۇ قاچىدىغان بولدۇم.ئۇمۇ كاللىسى بار ئادەم بولغانكىن تەبئىلا كەلمىدى.
   بىز ۋىلايەتكە باردۇق،دوستلىرىڭ ۋە 3-4 قىزلار بىلەن ئويناپ كەلدۇق.كەچتە مەن بىر دوستۇڭنىڭ قىز دوستىمۇ بىلمىدىم شۇنىڭكىگە كىرىپ كەتتىم.ئەتىسى ئەتتىگەندىلا سىلەر يەنە بىزگە تېل قىلىپ يەنە بازار چۆگىلەپ،خېلى جىق يەرلەرگە باردۇق.سەن ماڭا بىر پۇل قاپچۇقى ئېلىپ بەردىڭ.چۈشتىن كىيىنراق بىز يۇرتقا قاراپ ماڭدۇق،سەن يۇرتۇڭدا چۈشۈپ قالىدىغان ئادەم چۈشۈپ قالماي مىنى يۇرتۇمغا ئاپىرۋىتىپ ئارقىڭغا شۇ كېچىدە قايتتىڭ.مەن ئۇ كۈنلەرنى ھەرگىزمۇ ئۇنتىمايمەن.سەن يەنە يۈز تۇرانە ئىمتاھانغا تەييارلىق قىلىۋاتاتتىڭ.مەنمۇ يەنە ئەڭ ئاخىرقى يىللىق ئوقۇشۇمنى تاماملاش ئۈچۈن مەكتەپكە ماڭدىم.سەن شۇ كۈنى كەلمەكچىمۇ بولدۇڭ ،لىكىن يەنىلا ئاچا-ئاكىللىرىمدىن خىجىل بولۇپ كەلمەڭ دەپ تۇرىۋالدىم. مەكتەپكە بېرىپ بىز ئۇزۇن ئۆتمەيلا پىراكتىكىغا چىقتۇق.سەنمۇ يۈز تۇرانە ئىمتاھان بىرىپ بولۇپ نەتىجىسىنى كۈتۈپ تۇراتتىڭ.
     پىراكتىكا قىلۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە سەن يۈز تۇرانە ئىمتاھاندىن ئۆتكەنلىكىڭ،سالامەتلىك تەكشۈرۈشتىنمۇ مۇۋەپپىقىيەتلىك ئۆتكەنلىكىڭ توغرۇلۇق تېلفۇن قىلدىڭ.خوشاللىقىڭدا ئاغزىڭ ئاران گەپكە كىلەتتى،مەنمۇ خوشاللىقىمدا سەكرەپ كەتتىم.توۋا سەن راستىنلا توڭگۇز تەلەيكەنسەن.راستىنلا ئۆتۈپ كەتتىڭ.
  _ئومىقىم مەن 10-ئاي بايرامدا بارغاندا چۇقۇم ياخشى تەبرىكلەيلى ھە.
   _مەن ئىش ئورنۇمغا 2كۈندىن كىيىن بېرىپ باۋمىڭ قىلىمەن،يەنە بايراملىق يېنىپ كىلەرمەنمۇ؟
  _يوغان ئىش ،بولسا بايرامدا 7 كۈن خەقنىڭ يۇرتىدا ئوتتىرالا،دەپ دومسايدىم.
  _ۋاي بىر چاخچاخ قىلغىلىمۇ بولسۇنچۇ...
  مەن 10-ئاي بايرامدا ئاچاملار بىلەن بىزنىڭ ئۆيدە ئۆتكۈزدۈم..10-ئاينىڭ 2- كۈنى چۈشلەردە 4-چىسىلا بارىمەن دىگەن ئادەم تۇيۇقسىز كىلىپ مىنى جىددىلەشتۈرۋەتتىڭ.
   _نەدە؟
  _مەن ئۆيدە.
  _بۇلىڭە،كىنوخانىنىڭ ئالدىغا كىلىڭە.
   _ۋاي ئىككى كۈندىن كىيىن كىلىمەن دەپ يۈرەتتىڭىزغۇ.
  _گەپنى ئاز قىلىپ تېز كىلىڭە.
مەن ئالدىراپ -تىنەپ تەييارلىق قىلىپ كىنوخانىنىڭ ئالدىغا باردىم.يىراقتىن سىنىڭ يول بۇيىدىكى تۈۋرۈكنى تۇتۇپ تۇرغان ھالىتىڭغا قاراپ كۆزۈمگە ئىختىيارسىز ياش ئولاشتى.ماشىنىدىن چۈشۈپلا ئۇرۇقلاپ كەتكەن تۇرقۇڭغا قاراپ يىغلاپ كەتتىم.
  _نىمە بولدى جېنىم؟تىنىچلىقمۇ سورىماي نىمىگە يىغلايسىز؟مىنى بەك سېغىنىپ كەتتىڭىزما؟دەپ چاخچاخ قىلدىڭ.مەن تېزلىكتە ئۆزەمنى ئوڭشىۋىلىشقا تىرىشتىميۇ يەنىلا ئىچىمدىن ھېقىغداپ يىغلاپ كەتتىم.ئۆزەمنىڭ نىمىگە يىغلاۋاتقىنىمنىمۇ،بۇ چاغدىكى ھەقىقى ھىسىياتىمنىمۇ ئۆزەم ئېنىق بىر نىمە دەپ بىرەلمەيتتىم.
   _ۋاي نىمە بولدى،بىرەر ئىش بولدىما؟
دەرھال ئۆزەمنى ئوڭشاپ :ياق،شۇ سىزنى سېغىنىپ كەتتىم
  _ۋاي تېخى بىرەر ئاي بولدىغۇ،ھەجەپ جەلىپ قىلىش كۈچۈم باركىنا مىنىڭ؟
  _شۇ،تېخى بىلمىگەنما؟..نىمانچە ئۇرۇقلاپ كەتتىڭىز؟
  _ۋاي شۇ ئىمتاھاندىن ئۆتەلەرمەنمۇ دەپ يىگىنىممۇ سىڭمىدى...
ئىككىمىز تاماقخانىغا باردۇق.سەن تېخى بىر-ئىككى كۈنلا بولغا خىزمەت ئورنۇڭنى،مەن بولسام پىراكتىكا خىزمەت ئورنۇمنى تەسۋىرلىشىپ ئاغزىمىزدىن كۆپۈك ئۆرلەپ كەتتى.سەن ئىككىمىزنىڭ ئىشىنى تېخى تۈنۈگۈن ئىنىڭغا دىگەنلىكىڭنى ئېيتتىڭ.
  _نىمە دىدى؟
  _ۋاي نىمانداق ياخشى،يەڭگەم بىلەن ئىزدىشىپ ئۆتەيچۇ دىدى.
  _ساراڭ بىكار دەپسىز.
   _ھىچنىمە بولمايدۇ،تېلفۇن نۇمۇرىڭىزنىمۇ دەپ بىرەي ھە؟سىزمۇ ئۇنىڭكىنى كىرگۈزىۋىلىڭە...
سەن شۇ كۈنى بىزنىڭ ناھىيىدىكى بىر دوستۇڭنىڭكىدە قۇنۇپ قالدىڭ.ئەتىسى مەن ئەتتىگەندىلا ئاكاملارنىڭكىگە كەتكەن ئىدىم.چۈشكە يېقىن سەن قايتىدىغانلىقىڭنى ئېيتىپ تېل قىلدىڭ.مەن ئەتىگەندىن بىرى ساڭا ھەمرا بۇلالمىغىنىمغا ئۆزرە ئېيتىپ چۈشتىن كىيىن كۈرىشىدىغان بولدۇق.چۈشتىن كىيىنلەردە كۈرۈشتۇق.بىز كۆرۈشكەن  باغچىدا بۇرۇنقى يۈرگىنىمنى ئۇچۇرتۇپ قالدۇق.ئۇ  شۇ يەردىن ئۆزى يالغۇز ئۈتۈپ كىتىپ بېرىپتىكەن.مەن نىمىشقىكىن بىر ئاز جىددىلەشتىم.سەن بەك سەزگۈر بولغاچ بىر مۇنچە ماڭا خاپا بۇلۇپ ئىككىمىز بىكاردىن-بىكار ئۇرۇشۇپ قالدۇق. سەن بالدۇرلا قايتىپ كەتتىڭ.سىنى ئۇزۇتۇپ يەنە بىر يەرلىرىمدىن يىغا ئولاشتى.بەلكىم بايا يولسىزلىق قىلغىنىڭغا كۆڭلۈم يېرىم بولغان بۇلىشى مۈمكىن.ئۇنىڭدىن سىرت قاملاشقان بوي- بەستىڭ ئۇرۇقلاپ،مەن ئامراق بىر جۈپ ئوماق كۆزلىرىڭ نۇرسىزلاشقاندەك بولۇپ قالغان ئىدى.
مەنمۇ يەنە  پىراكتىكا ئورنۇمغا قايتتىم.مەن ئۈرۈمچىدە پىراكتىكا قىلغاچقا كۈندە مەكتەپتىكى ياتىقىمغا قايتىپ كىلەتتىم.پىراكتىكا دىگەن ئايرىم بىر بىلىم ئېلىش سورۇنى ئىكەنلىكىنى بارغانسىرى ھىس قىلىۋاتاتتىم.ئۆگەنگەن نەزىرىيىۋى بىلىملەرنى ئەمەلىيەتكە باغلاپ پىششىقلاۋاتاتتىم.توۋا بۇرۇن شۇنچە ئۆگەنسەممۇ ئېسىمدە قالمىغان نەرسە .ئەمدىلىكتە بىر قېتىم ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپلا مېڭەمگە مۆھۈر باسقاندەك ئورناپ قېلىۋاتاتتى.ئەمەلىيەت دىگەن نىمە دىگەن جانلىق ھادىسە ھە.
   ئىككىمىز يەنە ئالاقىمىزنى ياخشى ساقلاپ كىلىۋاتاتتۇق.بىر كۈنى بىز كامىرانى ئېچىپ پاراڭلاشتۇق.سەن خىزمەت قىلىشنىڭ ئۇنچىلىك ئاسان ئەمەسلىكىنى،جەمىيەت دىگەن ئايرىم بىر داشۆ ئىكەنلىكىنى ،مەن يوق بەك ئىچىڭ پۇشقانلىقىنى ئېيتىپ بەك ئۇزۇن پاراڭلاشتۇق.سەن پۇللىرىڭنى يىغىپ مىنىڭ سەن بار يەردىكى بىرەر يەرگە خىزمەتكە چىقىشىمغا تەييارلىق قىلىدىغانلىقىڭنى، گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلىرىڭنى سۆزلەپلا كەتتىڭ.مەن نىمە دىيىشنى بىلمەي گىپىڭغا كۈلۈپلا قۇيۇپ تۇردۇم.
   _***(سەن ئىسمىمنى بوش چاقىرىپ)،سەن يۇرتۇڭدىن ئايرىلىپ مۇشۇ يەرگە كىلىپ مەن بىلەن توي قىلىشنى خالامسەن؟(سەن نىمىشقىكىن ماڭا يۈرەك سۆزلىرىڭنى دىگەن ۋاقىتلىرىڭدا مىنى سەنلەيتتىڭ،مەنمۇ بەزىدە سەنلەپ قوياتتىم)
   گەرچە بىز <كىيىن مۇنداق قىلساق،ئانداق قىلساق> دەپ  ئارزۇ-ئارمانلىرىمىزنى كەڭ-كۇشادە دىيىشكىنىمىز بىلەن ئەمدىلىكتە بىرەر قەغەزدىن ياسالغان  بولسىمۇ ئۈزۈك يوق بۇ توي تەكلىپىگە ھاڭ-تاڭدا قېلىپ نىمە دىيىشمنى بىلمەيلا قالدىم.توۋا ئۆزەم بىلەن ئۆزەم قىزىرىپ كەتكەن ئىدىم.دەرھاللا كامىرانى ئىتىۋەتتىم.
  _گەپ قىلىڭە ،دىگەن خەت كەلدى.
  _ئەگەر مەن ئۇ يەرگە ئورۇنلىشالمىسامچۇ؟
  _مەيلى ،ئورۇنلاشقىچە بىرەر يەردە ئىشلەپ تۇرۇپ،ئىمتاھاندىن ئۆتكىچە ئىمتاھان بىرىسىز،كەسپى ئورۇنلارغا بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ.قانداقلىكى ئىمتاھان بولسا قاتنىشىسىز،بەك ئۆتەلمىسىڭىز خىزمەت قىلمىسىڭىزمۇ مەيلى،پەقەت ئىككىمىز بىللە بولساقلا مەيلى.
  _دىمەكقۇ ئوڭاي،لىكىن ئەمەلىيەتتە نەدە شۇنداق ئاسان ئىش .مەنغۇ دۆت ئەمەس ،ئۆتۈپ كىتىشكە ئىشەنچىم بار.لىكىن ھەممە ئادەم سىزدەك توڭگۇز تەلەي ئەمەس دەڭە،
   _ھا ھا ھا ،ھەي
  _نىمە؟
   _مەن ئاپامغا دەيمىكىن.
  _نىمىنى؟
   _ئىككىمىزنىڭ ئىشىنىچۇ
  _ياق دىمەي تۇرۇڭ،ئۇقىشىم پۈتسۇن
  _نىمىشقا؟
  _دىسىڭىزمۇ بىر خىزمەتلىرىڭىزنى تەرتىپكە سېلىۋالغاندىن كىيىن ئاندىن دەڭ.
  _ھە مەيلى،پىراكتىكىنى ياخشى قىلىڭ جۇمۇڭ ئالماس قۇلاق
  _ۋاي ئاڭلىدىم،سىز بولمىغانكىن شۇ ئىشنى قىلماي نىمىش قىلىمەن،ئۆگىنىشمۇ قىلىپ قويىۋاتىمەن.
_مەن بولمىساممۇ تاماقنى ۋاختىدا يەپ،ۋاختىدا ئۇخلاڭ ،ئاڭلىدىڭىزمۇ؟باشقا يەردە يۈرمەڭ ھە،بولمىسا...
  _سىزمۇ شۇ...
بىر شەنبە كۈنى مەن ئىنىڭغا تېل قىلدىم،ئىككىمىز يەنئەنلۇدا ئۇچراشتۇق.بىرگە تاماق يەپ قىلىشىدىغان گەپ تاپالماي پەقەت ئالاقىلىشىپ تۇرۇش توغرىلىقلا دىيىشىپ بالدۇرلا ئايرىلدۇق.بىر كۈنى مەن ساڭا تېل قىلسام بىر قىز ئالدى.مەن سىنى سورىسام ئۇ< مەن ئۇنىڭ خىزمەتدېشى،***بىر يىغىنغا كىرىپ كەتكەن ،تېلفۇنىنى ئۇنتۇپتۇ...>نىمىشقىكىن شۇنداق ئاچچىقىم كەلدى.سەن بىردەمدىن كىيىن تېل قايتۇردۇڭ.
  _تېل قىلغانمىتىڭىز؟
  _ھە،بىر قىز ئالغانتى،سىزنى يىغىنغا چىقىپ كەتتى دىدىغۇ
  _ۋاي شۇ تېلفۇنۇمنى تاشلاپ قۇيۇپ چىقىپ كىتىپتىمەن.
  _سىزنىڭ تېلفۇنىڭىزنى ھەجەپ بىمالال ئالالايدىكىنە ئۇ خېنىم
  _ۋاي نىمە بولدى سىزگە؟...
ئىككىمىز گەپ تالىشىپ قالدۇق.ھەتتا بىر كۈن ماڭا تېلمۇ قىلمىدىڭ.مەن بەكلا ئازاپلىنىپ كەتتىم ھەم سىنىڭ ئۆز ۋاختىدا بەرگەن <مەڭگۈ ئازاپ تارتقۇزمايمەن،دىلىڭىزغا ئازار بەرمەيمەن،سىزنى بەخىتلىك قىلىمەن...> دىگەن سۆزلىرىڭنى ئويلاپ بەك يىغلاپ كەتتىم.ئۆز-ئۆزەمگە <تېلفۇن كەلسە ھەرگىز ئالمايمەن >دەپ ۋەدە قىلدىم.لىكىن تېلفۇن كىلىش بىلەنلا ھەممىنى ئۇنتۇپ خۇددى پەقەت سىنىڭ تېلفۇنىڭنى ساخلاپ تۇرغان ئادەمدەك دومسۇيۇپ ئالغان تېلفۇنۇمدا ئىككى تال تاتلىق گىپىڭ بىلەنلا ئىرىپ كەتكەنتىم.  كۈنلىرىمىز يەنىلا بىردەم تاتلىقلىشىپ بىردەم ئاچچىقلىشىپ ئۆتمەكتە ئىدى.
   پىراكتىكىمۇ تۈگەيدىغانغا ئازلا قالغان ئىدى.مانا چۈشمۇ بولدى تېلمۇ قىلىپ قويمۇدۇڭ.مەن ئۇردۇم ،تېلفۇنۇڭ ئىتىۋىتىلگەن ئىدى.ئۇچۇر دىگەننى ياغدۇرۋەتتىم ،يەنىلا سادا يوق.ئۆزەمچە سىنى <مۇشۇ كۈنلەردە يوقىلاڭ ئىشلار بىلەن ئۇرۇشىدىغان بوپقالدى ،چۇقۇم ئۆزگەردى ...>دەپ ئويلىدىم.ۋە ھەقىقى ئەھۋالنى بىلىشكە بەكلا ئالدىرىدىم.ئىچىم تىتىلداپ شۇ پېتى ئىككى كۈن تۈزۈك بىرنىمىمۇ يىمىدىم.پىراكتىكا ئورنۇمدىن رۇخسەت سوراپ تېلفۇننى قۇچاقلاپ يېتىپ ،تولا يىغلاپ ساراڭ بولايلا دىدىم.بىرەرى تېلفۇن ئۇرۇپ بولغىچە يۈرەكلىرىم سوقۇپ كىتەتتى.ئەپسۇس يەنىلا سەن ئەمەس ئىدىڭ.ئورنىمدىن تۇرۇپ ۋاڭباغا چىقتىم.كۇكۇرىڭغا شۇنداق جىق خەتلەرنى يېزىۋەتتىم.ئاساسلىق مەزمۇنى<نىمە ئىش بولىشىدىن قەتئىنەزەر ماڭا ئېنىق چۈشەنچە بىرىشىڭنى،باشقىلارنى تېپىۋالغان تەغدىردىمۇ ماڭا ئېنىق گەپ قىلىشىڭنى...>دىگەندەك خەتلەرنى قالدۇردۇم.يەنىلا كۇكۇرىڭدىكى رەسىم ھامان قارا تۇراتتى.ھەتتا خەت ساندۇقىڭغىمۇ خەت يوللىدىم،يەنىلا سادا يوق.پىراكتىكىمۇ تۈگەيلا دىدى.مۇشۇ تەرىقىدە مەن ساراڭلاردەك خىزمەتمۇ خوشياقماي شۇنداق روھسىز ھالەتتە نەچچە كۈنۈمنى ئۆتكۈزگىنىمنىمۇ بىلمەيمەن.
   دەل شۇ كۈنى ،11-ئاينىڭ 22-كۈنى مەڭگۈ ئىسىمدىن چىقمايدۇ.تېلفۇنۇم جىرىڭلاپ كەتتى....
تېلفۇن سىنىڭ ئىنىڭدىن كەلگەن ئىدى.
    _ۋەي،ياخشىمۇ سىز؟
    _ياخشى،سىز نەدە؟
    مەن پىراكتىكا ئورنۇمدا ئىكەنلىكىمنى ئىنىڭغا ئېيتتىم.
    _ئاپاملار كىپتىكەن ،ئاكامنى تەكشۈرتكىلى.
   _ۋوي قاچان؟
   _تۆنۈگۈن،ئاكامنىڭ شۇ سىز بىلەن كۆرۈشكىسى باركەنتۇق. ئىنىڭنىڭ ئاۋازى بارغانسىرى بىر خىل بۇغۇلۇپ چىقىۋاتاتتى.
   _ئاكىڭىزغا نىمە بوپتۇ؟
   _كۆرۈشكەندە دىيىشەيلى،مەن ئەمىسە سىزنىڭ يېنىڭىزغا باراي ھە.
   _ماقۇل،يېرىم سائەتتىن كىيىن كۆرۈشەيلى ھە......
   كاللامدىن جىق ئىشلار ئۆتۈپ كەتكەچكە يۈرىكىم بىر نەرسىنى سىزىپلا تۇراتتى.مەن دەرھال تەييارلىقىمنى پۈتتۈرۈپ پىراكتىكا ئورنۇمنىڭ ئالدىغا چىقىپ ئىنىڭنى ساقلاپ تۇردۇم.ئاپتۇۋۇزدا بارغىچە ئادەمنىڭ تولالىقىدا تۈزۈكمۇ گەپلەشمىدۇق.ئاپتۇۋۇزدىن چۈشۈپلا مەن يەنە سۇئالىمنى تەكرارلىدىم.
   _ئاكىڭىزغا نىمە بوپتۇ؟
   _شۇ ئاشقازىنى ئاغرىپ تەكشۈرتۈپتىكەن ،دوختۇرلار ئەنسىرەپ چوڭ دوختۇرخانىغا ئاپىرىڭلار دەپتۇ.
   _قاچانراق؟
   _5-6 كۈن بوپتۇ.شۇ ۋىلايەتكە ئاپىرىش ياكى بۇ يەرگە ئەكىلىشنى مەسلىھەتلىشىپ تېخى 2 كۈننىڭ ئالدىدا ئەكەلدى.
   _بىرەر ھەپتە بولغان ئىككىمىزنىڭمۇ ئالاقىلاشمىغىنىغا،تېلفۇن قىلسام تېلفۇن ئېلىنمىدى،يا ئۆزى تېلفۇن قىلمىدى،دەپ يىغلاپ سالدىم.
  _كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ،شۇ بەك ئاغرىپ قېلىپ ھىچ ئىشقا رايى بارمىغان بولىشى مۈمكىن.
  _ياقەي،توغرا چۈشىنىمەن،مەنمۇ شۇ ئەنسىرەپ ئۆلەيلا دىگەن....
  بىز يىشۆيۇەننىڭ ئالدىدىكى بىر دۇكانغا كىردۇق، ھەر خىل مىۋە-چىۋە قاچىلانغان بىر سېۋەتلىك بولاقنى ئالدىم.ئىنىڭنىڭ ئارقىدىن تەڭ ئەگىشىپ سەن ياتقان ياتاققا كىردىم.كىرىپلا ئۆزەمنى تۇتۇۋالالماي يىغلاپ سالدىم.ئاپاڭ-داداڭ ھاڭ-تاڭ قالدى.مەن دەرھال ئۆزەمنى ئوڭشاپ ئاپاڭ بىلەن داداڭدىن ھال ئەھۋال سوراپ سەندىن ئارانلا:
  _قانداقراق تۇرىسىز؟دەپ سورىيالىدىم.
  _خېلى يامان ئەمەس.ماۋۇ يەردە ئولتۇرىڭە دەپ پۇتۇڭنى سەل بىر تەرەپكە سۈردۈڭ.
  ئاپاڭ بىلەن داداڭ ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئازراق چۈشەندىمۇ بىلمىدىم ئاپاڭ ماڭا ئۇرۇندۇقتىن بىرنى ەكىلىپ بەردى.تىگى-تىگىدىن ساغىرىپ كەتكەن،ئۇرۇقلاپ كەتكەن چىرايىڭغا قاراپ ھېلىلا پارتىلاپ كىتىدىغاندەك تۇرغان ئۆزەمنى چىشىمنى-چىشىمغا چىشلەپ قاتتىق تۇتۇۋالدىم.ئۆيەڭدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ بېشى ساڭگلاپ شۇنداق روھسىز كۆرىنەتتى.ئاپاڭ شۇنداقتىمۇ چاندۇرماي چاي قۇيۇپ بەردى ھەم خېلىلا ئىللىق مۇئامىلە قىلدى. ئاپاڭدىن شۇنچە خىجىل بولغان بولساممۇ يەنىلا غەيرەتكە كىلىپ سورىدىم.
  _تەكشۈرتۈپ بولدىڭلارمۇ؟
  _ھەئە،ئاشقازاننى ۋىيجىڭدا تەكشۈرتۈپ بولدۇق،خوجىيەن قىلغان نەتىجىسى ئۆگۈنلىككە چىقدىكەن
    سەن بىر يەرلىرىڭ ئاغرىغان بولسىمۇ يەنىلا مىنى كۆرۈپ كۆزلىرىڭ بىر خىل جانلىنىپ كەتكەندەك بىلىنىپ كەتتىڭ.
  _پىراكتىكىڭىز تۈگىدىمۇ؟
  _ئەتە چۈشتىن كىيىن مەكتەپكە قايتىمىز.
  _پىراكتىكا نەتىجىڭىز قانداقراق؟
  _ھەر-ھالدا ياخشى ،بوپقالىدۇ.خىزمەتلىرىڭىزچۇ؟
  _خېلى ياخشى ئىدى،شۇ ئاشقازىنىم تۇيۇقسىز بەك ئاغرىپ كىتىپ يۇرتقا قايتىپ بارغان...
   مەن سىنىڭ يېنىڭدا خېلى ئۇزۇن ئولتۇردۇم.ئىنىڭ بىر ۋاقىتتا كەچلىك تاماق ئەكىرگىلى چىقىپ كەتتى.شۇنداق جىق مۇڭداشقىم،سىنى ئۆزەم بىر قوللۇق بېقىپ،ھالىڭدىن خەۋەر ئالغىم بولسىمۇ يەنىلا قىزلىق غۇرۇرۇم ئالدىدا ئاجىزلىق قىلىپ قايتىپ كەتمەكچى بولدۇم.كىتىدىغاندا يەنە غەيرەتكە كىلىپ سەندىن:
  _ھېلى تېلفۇن قىلىمەن ،تېلفۇنىڭىزنى ئالغاچ كەلگەنمۇ؟دەپ سورىدىم.
_ياق،تېلفۇنۇممۇ ئۆيدە قالدىمۇ ،شۇنىمۇ بىلمەيمەن جۇمۇڭ.ئاپامنىڭ تېلفۇنىغا يېڭى بىر كارتا ئەكىرىپتىكەن ئۇكام،شۇنىڭغا تېل قىلىڭ.
_ھە،بولىدۇ.
  سىنىڭ قىيالمايۋاتقانلىقىڭنى تۇيۇپ تۇراتتىم،سەن بوش ئاۋازدا:
  _ئەتە كىلىڭ ھە دىگەن ئىشارىنى قىلدىڭ.مەنمۇ چۇقۇم دىگەندەك ئىككىمىزلا بىلىشىدىغان  قول ئىشارىمىزنى كۆرسەتتىم.داداڭ بىلەن سۇسلا خوشلىشىپ ماڭدىم.ئاپاڭ مىنىڭ يوقلاپ كەلگەنلىكىمگە كۆپ رەھمەت ئېيتىپ لىفىتنىڭ يېنىغىچە ئۇزىتىپ بارغاچ باياتىن ياقى يۇشۇرۇپ كەلگەن ياشلىرى قۇيۇلۇپلا كەتتى.ئاپاڭدىن ئېنىق ئۇقۇۋىلىش ئۈچۈن يەنە سورىدىم.
  _ۋىيجىڭدا قانداق چىقتى
_يامان كېسەل ئوخشايدۇ.ئوغلۇمغا بىر ئىش بولۇپ قالسا مەن قانداقمۇ قىلارمەن.قۇلىدا تۇتۇۋالغان قولياغلىقى بىلەن كۆز-بۇرۇنلىرىنى ئېيتىپ ھېقىغداپ يىغلاپ ئاران تۇرۇۋاتقان مىنى ئېتىلدۇرىۋەتتى.مەن بېرىپلا ئاپاڭنىڭ بېشىنى مۈرەمگە قۇيۇپ  مەنمۇ ئوخشاشلا بىئارام بۇلىۋاتقان بولساممۇ يەنىلا ئۇنىڭغا تەسەللى بىرىشكە باشلىدىم.
  _ئۇنچىۋالا ئويلاپ كەتمەڭ.ياخشى سۈپەتلىك چىقىدۇ چۇقۇم.10 كۈننىڭ ئالدىدا سۆزلەشكەن ۋاختىمىزدا خېلىلا ياخشى ئىدى.روھى-ھالىتىمۇ شۇنداق ياخشى ئىدى.
  _شۇ،داۋاملىق ئىچىمدىن قان ئارلاش بىر نىمەكىلدۇ دىسە بىز شۇ ئۈچەيلىرىنىلا داۋالىتىپ يۈرۈپتۇق،ئەسلى ئاشقازاننىڭ ئىشى ئىكەنلىكلىنى مەن بىر دوختۇر تۇرۇپ بىلمەي يۈرگىنىمنى دىمەمسىز
  _كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ،چۇقۇم ياخشى بولۇپ كىتىدۇ،ھازىر داۋالاش تېخنىكىللىرى شۇنداق ئىلغار،ھەر-ھەر كېسەللەر ياخشى بوپكەتكەن يەردە چۇقۇم ياخشى بولۇپ كىتىدۇ.
  ئاپاڭ ئاستا مۈرەمدىن كاللىسىنى ئېلىپ مىنىڭ تەسەللىرىمگە رەھمەت ئېيتىپ،مىنىڭمۇ ئېقىپ كىتىۋاتقان يېشىمغا قولياغلىقىنى ئۇزاتتى.مەن ئىتتىك سومكامدىن قەغەزنى ئېلىپ ئاپاڭغىمۇ ئىككى ۋاراق ئۇزاتتىم.
  _قىزىم سىزنى مالال قىلىپ قويدۇم،بىللە تاماق يەپ ماڭسىڭىز بولمامدۇ؟
  _رەھمەت ئاچا ،باشقا كۈنى بىللە يەمىز،مەن ئەتە يەنە كەلىمەن.
  ئاپاڭ مەن لىفىتقا چىقىپ ئىشىك يېپىلغىچە قاراپ تۇردى.لىفىتنىڭ ئىچىدە ئادەم شۇنداق جىق ئىدى.خۇددى ماڭا ئاپام ئېسىلىپ يىغلاپ كەتكەندەك ئاستىنقى كالپۇكىمنى چىڭ چىشلەپ تۇرىۋالساممۇ ياشلىرىم يەنىلا يول-يول بۇلۇپ قۇيۇلۇپ كىتىپ باراتتى.تاكى ئاپتۇۋۇزغا چىققىچە يول بۇيى يۈرىكىم قاتتىق ئاغرىپ يىغلاپ ماڭدىم.
  مەكتەپكە كىلىپ سىرتقا پىراكتىكىغا چىقىپ كەتكەن دوستلىرىمغا تېل قىلدىم.ئۇلار ئەتە كەچتە قايتىپ كىلىدىغانلىقىنى ئېيتىشىپ ،سېغىنغان-سېغىنمىغانلىقىمنى سوراپ چۇرقىرىشىپ كەتتى.ياتاقتا بىز پەقەت يەنە بىر قازاق ياتاقدىشىم ئىككىمىزلا قالغان ئىدۇق،لىكىن ئۇ ھە دىسىلا قازاقلار بار ياتاققا چىقىپ كىتەتتى.ئۆزەم يالغۇز نەچچە كۈندىن بىرى سەندىن بىكار يامانلاپ سىنى ھەتتا  <خۇدايىم كۆرسىتە...> دەپ قارغىغان گەپلىرىمگە ئەمدىلىكتە مىڭ-مىڭ لەنەت ئۇقۇپ ئاللادىن سىنىڭ يامان كېسەل چىقماسلىقىڭنى تىلەپ يىغلاپ كەتتىم.تېلفۇنۇمدىكى ئىككىمىز بىللە چۈشكەن رەسىملەرگە ھاڭۋاققىنىمچە ئۇزۇن-ئۇزۇن قاراپ ئولتۇردۇم.
  ئەتىسى بىزمۇ پىراكتىكا خۇلاسىسى قىلىپ چۈشتە سىنىڭ يېنىڭغا بارالمىدىم.چۈشتىن كىيىن مەن سىنىپ مەسئۇلىمغا <مىنىڭ چۈشتىن كىيىنلا بىر نەرسىللىرىمنى ئېلىپ مەكتەپكە قايتىپ كىتىدىغانلىقىمنى،ئەتە بىر كۈن رۇخسەت بىرىشنى،بەك-بەك مۇھىم ئىشىم چىقىپ قالغىنىنى>ئېيتىپ تېلفۇن قىلدىم.سىنىپ مەسئۇلىمىز ھىچكىمگە قىلمىغان كەڭچىلىكنى ماڭا قىلاتتى.بەلكىم دىلىمنىڭ سۇنۇقلىقىنى دەپ شۇنداق قىلسا كېرەك.
   چۈشتە كىرىپلا تاماقمۇ يىمەستىن نەرسىللىرىمنى يىغىشتۇرۇپ،قالغان نەرسىلەرنى بىرگە پىراكتىكا قىلىۋاتقان ئىككى ساۋاقدىشىمغا تاپشۇرۇپ مەكتەپكە قايتتىم.مەن بۈگۈن سىنىڭ روھىڭنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ياسىنىپ بارماقچى بولدۇم.ئالدى بىلەن تاماق يەۋىلىپ،ئاندىن مۇنچىغا چۈشۈپ كىردىم.قىسقا مىيەنيى چاپىنىمغا ماسلاشتۇرۇپ،ئۇزۇنراق مايكام،نىيۇزەي ئىشتىنىمنى كىيىپ ،سۇس گىرىم قىلىپ ،چېچىمنى قۇيۇپ بەردىم.يىشۆيۈەننىڭ ئالدىغا بارغاندا ناننىڭ ئارىسىغا  كاۋاپ سىيرىتىپ سىنىڭ يېنىڭغا كىردىم.سەن ياتقان ياتاقنىڭ ئالدىغا كىلىشىمگە داداڭ ئارقىمدىن يىتىشىپ كەلدى.
  _كەلدىڭىزما؟
  _ياخشىمۇ سىز؟***قانداقراق؟
  _خېلى ياخشى،ئۇخلاپ قالغان.  كىرىشىمگە ئاپاڭ:
  _ۋو يەنە نىمە كۆتۈرۈپ يۈرۈيسىز ،تۈنۈگۈن تېخى بىر مۇنچە نەرسە ئەكىلىپ...
  _ھىچقىسى يوق ،شۇ نىمە ئېلىشنى بىلمەي.
  _ئۇقۇغۇچى تۇرسىڭىز،ئارتۇق كايىماڭ،يوقلاپ كەلگىنىڭىزنىڭ ئۆزىمۇ چوڭ ئىش...
  سەن ئويغۇنۇپ كەتتىڭ،ماڭا قاراپ مەسلىگىڭ كەلگەندەك
  _توڭلىدىڭىزمۇ؟
  _ئانچە توڭلاپ كەتمىدىمغۇ
  _قېلىنراق كىيىنمەي،قارىڭە بۇرۇنلىرىڭىزنىڭ ئۇچى قىزىرىپ كىتىپتۇ...
توۋا باياتىن ياقى نىمىشلا قىلسام ئېس- يادىم سەندە بولغاچقىمىكىن پەقەت توڭلىغىنىمنى ھىس قىلماپتىكەنمەن،ئەمدى راستلا پەلەي ئىچىدە تۇرغان قۇلۇمنىڭمۇ قىزىرىپ كەتكىنىنى كۆردۈم.
  _كاۋاپ ئەكەلگەنتىم ،ئىسسىقىدا يەۋىلىڭە.
  ئاپاڭ چاي دەملەپ ئەكەلدى.سەز ئازراقلا يىدىڭ.مەن سىنىڭ ئازراق بولسىمۇ يىگىنىڭگە قاراپ ئولتۇرۇپ كەتتىم.كەچمۇ بۇلۇپ قالاي دىدى داداڭ تاماق ئەكىرگىلى،ئاپاڭ چايغا چىقىپ كەتتى.
  _بەك ئوماق جۇمۇ سىز؟
  _سىزگە يەتمەيمەن ئومىقىم بۈگۈن قانداقراق؟
  _بەكلا زىرىكىشلىك(سەن ئاغزىڭنى دومسايتتىڭ)،سىزنى قاچان كىلەركىن دەپ بەك ئىچىم پۇشتى
  _ۋاي شۇ پىراكتىكا خۇلاسىسى قىلىمىز دەپ چۈشكىچە ئاران تۈگىدى.چۈشتىن كىيىن مەكتەپكە بىر نەرسىللىرىمنى ئەكىرۋىتىپ كەلدىم. ئەتە سىزگە بىر كۈن ھەمرا بولىمەن ئومىقىم ،رۇخسەت سورىدىم.
  _ۋاي نىمانداق ياخشى،ئەتە نەتىجەم چىقىدۇ
  _ئەتە ئەتتىگەندە كىلەي ھە.......
  ئاپاڭ كىرىپ كەلدى.مەن يەنە شۇ كۈنىمۇ خېلى بىر ۋاققىچە ئولتۇرۇپ قايتتىم. ئىنىڭ ئىككىمىزنىڭ ئىشىنى ئاپاڭغا دىگەن بۇلىشى مۈمكىن،ئاپاڭ ماڭا باشقىچىلا مۇئامىلە قىلىپ كەتتى.
  مەكتەپكە كەلسەم ساۋاقداشلىرىم ھەممىسى قايتىپ كىلىپ ئالدىراش ياتاق يىغىشتۇرۋاتاتتى.ھەممىسى بىلەن قۇچاقلىشىپ كۈرۈشۈپ كەتتىم.مەن ئۇلارغا سىنىڭ ئاغرىپ قېلىپ يىشۆيۈەنگە تەكشۈرتكىلى كەلگەنلىكىڭنى ،نەتىجىسى تېخى ئەتە چىقىدىغانلىقىنى قىسقىچىلا ئېيتتىم.ئۇلار ھەممىسى كۆڭلى يېرىم بۇلۇشقىنىنى ئېيتىپ تەسەللى بەردى.بىز بىر تەرەپتىن ياتاق رەتلىگەچ،بىر تەرەپتىن پىراكتىكا جەريانىدىكى ئىشلارنى دىيىشىپ كۆڭلۈم بىردەم بولسىمۇ كۆتۈرۈلۈپ قالدى.
    ئەتىسى ئەتتىگەندە مەن سەھەر قوپۇپ نامىزىمدا تەكشۈرۈش نەتىجەڭنىڭ ياخشى چىقىشىنى ھەممىگە قادىر ئاللادىن تىلەپ يىغلاپ كەتتىم،دوستلىرىم بىلەن مەكتەپ ئاشخانىسىغا  چىقىپ بىللە ناشتا قىلدىم. ئەتتىگەندىلا يەنە سىنىڭ يېنىڭغا ماڭدىم.يولدا بارغۇچە ئەلھەمدۇ بىلەن قۇلھۇەللاھۇ ئەھەد نى قانچە قېتىم ئۇقۇغانلىقىمنى بىلمەيمەن(رەھمەتلىك ئاپامنىڭ دىيىشىچە مۇشۇ ئىككى سۈرىنى تەرەت بىلەن 40 قېتىم ئۇقۇسا مۈشكۈلاتلىرىغا ئاللا ئاسانلىق بىرىدىكەن دەپ ئاڭلىغان ئىدىم).بارسام ئىنىڭمۇ كىلىپ بوپتۇ.يەنە بىر ئادەممۇ داداڭنىڭ يېنىدا تۇراتتى.ئاپاڭ كېچىچە ئۇخلىمىغاندەكلا قىلاتتى.كۆزلىرى ئولتۇرۇشۇپ، كۆزئەتراپى قارىداپ كەتكەن ئىدى.
  _كىلىڭ قىزىم،ناشتا قىلدىڭىزمۇ؟
  _ھەئە سىلەرچۇ؟
  _بىزمۇ سەھەردىلا قىلغان. مەن ساڭا قاراپ مىيىقىمدا كۈلۈپ قويدۇم.سەن ماڭا بوش ئاۋازدا  :
  _ھەجەپ ئەتتىگەن كىپسىزغۇ؟
  مەن كۈلۈپ قۇيۇپ :_ قانداراق تۇرىسىز؟
  _خېلى ياخشى........
   تەكشۈرۈش نەتىجەڭ سائەت 9 لار بىلەن چىقاتتى.ھەممىمىز قىلىدىغان ئىشىمىزنى تاپالمىغان ئادەمدەك يۈرەتتۇق.داداڭ بىلەن ھېلىقى ئادەم بىردەم كىرىپ بىردەم چىقىپ يۈردى.ئاپاڭ بىچارە سىنى ھېلى ئۇنى يەپ باقامسە،ھېلى بۇنى يەپ باقامسە ؟دەپ سوراپ كارۋىتىڭنى ھېلى ئىگىزلىتىپ ھېلى پەسلىتىپ بىر ئىشقا ھەقىقى قۇلى بارمىغان ئادەمدەك ئىشلارنى قىلاتتى ،مەنمۇ بىردەم چاي ئىچكەن قاچىلارنى يۇيۇپ باقاتتىم،بىردەم ئەخلەتلەرنى تىرىپ يۈرەتتىم.
اپاڭغا داداڭ تېل قىلدى.ئاپاڭ بىلەن ئىنىڭ دەرھاللا چىقىپ كەتتى.مەن سىنىڭ يېنىڭدا قالغان ئىدىم.
  _ئەسلى بالدۇرراق ئاغرىپ قالسام بوپتىكەن ھە،كۈندە كۆرۈشۈپ تۇراركەنمىز. نىمىشقىكىن ساڭا بىر خىل ئىچىم سىيرىلىپ كەتتى.بىلىمەن ،سىنىڭ ھازىرقى بېسىمىڭ ھەممىمىزنىڭكىدىن ئېغىر،سەنمۇ پۈتۈن ئېس-يادىڭ شۇ نەتىجىدە،ئاغرىۋاتقان يەرنىڭ ئازابى ھەممىمىزدىن ئۆزەڭگە ئەڭ ئايان،شۇنداقتىمۇ سىنىڭ خۇددى مەندىن  بىرەر تەسەللى تىلىگەندەك گەپنى چاخچاخقا ئاپىرىپ كەيپىياتنى تەڭشىمەكچى بولغىنىڭدىن ساڭا بەكمۇ بەكمۇ ئىچىم ئاغرىدى.مەنمۇ چاندۇرماستىن:
  _ساراڭ،دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كىيىن تەتىلدە ئىدارىڭىزغا بېرىپ تۇرىۋالاي ئەمىسە ھە؟
   _ ۋاي تاڭ جۇمۇ؟سىنىڭ بۇ گەپنى نىمە مەخسەتتە دىگەنلىكىڭنى پەقەتلا چۈشەنمىدىم.بۇرۇن بىرەر گىپىڭنى چۈشەنمەي قالسام زادى سەن  ماڭا پايدىلىق چۈشەنچە بەرمىگىچە بولدى قىلمايدىغان مەن ئەمدىلىكتە چۈشەنمىسەممۇ بۇنىڭغا نىمە دەپمۇ چۈشەنچە بىرىڭ دەپ ئېيتالايتتىم.مەن ئارىمىزدىكى سۈكۈتنى بۇزۇشقا تىرىشىپ:
  _ئومىقىم ،كىيىم-كېچەكلىرىڭىزنى مەن يۇيۇپ بىرەي،ئاپىڭىزغا دەڭ بۇلامدۇ؟ئۇنىڭغىمۇ ئۇۋال،ئاغرىق باقماقنىڭ قىيىنلىقىنى مەن ئوبدان بىلىمەن.ئادەمنىڭ دىلى ھېرىپمۇ ھېرىپ قالىدۇ دوختۇرخانا دىگەندە.
  _بەك ياخشى ھە سىز...سەن بۇ قېتىم كۆرۈشكەندىن بۇيان تۇنجى قېتىم قۇلۇمنىڭ ئۇچىنىراق بوشقىنا سىقتىڭ.
  خېلى ۋاقىت ئۈتۈپ ئاپاڭلار كىرىپ كەلدى.سەن ئالدىراپلا:
  _نەتىجىسى چىقىپتىمۇ؟نىمە كېسەلكەنمەن؟
  داداڭ ئارانلا:_ھىچقانچە چوڭ كېسەل ئەمەسكەن،ئاشقازىنىڭنىڭ ئازراق يىرىنى كىسىۋىتىمىز دەيدۇ،ئوپراتسىيە قىلسا ساقىيىپ كىتىدىكەنسەن.
  _نىمىشقا؟
  _شۇ ئازراق يىرىڭلىق گادادەك بىر نىمە باركەن.سەن ئىشەنمەيمۇ نىمە ئامالىڭ،ھەم شۇنداق بۇلىشىنى ئەلۋەتتە تولىمۇ  ئارزۇ قىلىدىغان تۇرساڭ...سەن خېلىلا خوشال بولدۇڭ...
لىكىن مەن داداڭنىڭ گەپ-سۆز ھالىتى،ئاپاڭنىڭ قىزىرىپ كەتكەن كۆزلىرىگە قاراپ ئاللىبۇرۇن بىر يامان كېسەل بۇلۇپ قالغانلىقىڭنى پەملەپ بولدۇم.ئۆزەمنى شۇنداق،شۇنداق چىڭ تۇتىۋىلىپ:
  _ھەنىم بولسا، ئەنسىرمەڭ ئوپىراتسىيەدىن كىيىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئىشقىمۇ بارىسىز تېخى.......مەن پەقەتلا چىدىمىدىم.ئاخىرى ئىنىڭنى چاقىرىپ ئۆزەمگە دوختۇرخانا ئالدىدىكى دورىخانىدىن دورا ئەكىرۋىلىشنى باھانە قىلىپ ئىنىڭنى بىللە چىقىشىپ بىرىشنى ئېيتتىم.ئىنىڭمۇ كۆڭلۈمنى چۈشەنگەندەكلا بىللە ماڭدى. سىنىڭ ئاڭلاپ قېلىشىڭدىن ئەنسىرەپ مەن يەنە باشقا تەرەپكە (بۇ ۋاقىتتا قايزىغا ماڭغىنىمنىمۇ بىلمەيتتىم)كىتىپ باراتتىم.20-30 مىتىردەك مېڭىپ سولغا قايرىلىپلا ئىنىڭدىن دەرھال سورىدىم:
  _ئاكىڭىز نىمە كېسەلكەن؟
ئۇ يىغلاپ كەتتى.
  _دەڭە
  _ئاكام ئاشقازان راكىكەن،3-باسقۇچقا ئۆتۈپتۇ.ئۇ تېخمۇ ئۈزىنى تۇتۇۋالالماي  يىغلاپ كەتتى.مەن خۇددى كاللام توختاپ قالغان ئادەمدەك تامغا قاراپ خۇدۇم ئۆزەمنىڭ ئەمەس،كۆز-ياشلىرىم دەريا بولۇپ قۇيۇلىۋاتاتتى.تۇيۇقسىزلا يۈگۈردۈم.لىفىتقا يۈگۈرمەي قانداق قىلىپ بىخەتەرلىك پەشتىقىغا كىلىپ قانداق يۈگۈرۈپ پەسكە چۈشكەنلىكىمنىمۇ بىلمەيمەن.پەسكە چۈشۈپ 1- قەۋەتتىكى كۈتۈش زالىدىكى ئورۇندۇققا قانداق كىلىپ ئولتۇردۇم ئۇنىمۇ بىلمەيمەن.  
  _ ياق،ياق،ياق ،مۈمكىن ئەمەس،ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس،ھەرگىزمۇ....ئۇلار خاتالاشتى،ئۇلار خاتالاشتى،ئۇلارنىڭ دىگىنى يالغان،يالغان....ئورۇندۇقنىڭ ئارقا يۆلەنچىكىگە قۇيىۋاغان جەينىكىمگە بېشىمنى قۇيۇپ يېڭىمنى چىشلىپ ساراڭ بوپقالغان ئادەمدەك ئۆز-ئۆز ەمگە سۆزلەپ يىغلاۋاتاتتىم. ئىنىڭ قاچانلاردا يىتىشكىنىنى ئۆزەممۇ بىىلمەپتىمەن.
  _كۆڭلىڭىزنى چۈشىنىمەن،سىزگە ئارقا-ئارقىدىن كەلگەن ئازاپلارنى ئاكام دەپ بەرگەن.بىزنىڭمۇ كۆڭلىمىز بەك يېرىم،ئاپام نەتىجىنى ئاڭلاپ جايىدىلا جېنى چىقىپ كەتكەن ئادەمدەك ئولتۇرۇپ قالدى،دادام-ئاپاملار بەك بەك يىغلاشتۇق.بىزگىمۇ نىمە ئامال؟........
   مەن ساراڭدەك كۆزلىرىمدىن ئۈزۈلمەي ئېقىۋاتقان ياشلارنى سۈرتىۋەتمەي بىر نوختىغا تىكىلىپ قاراپ ئولتۇراتتىم،نىمىنى خىيال قىلىۋاتقىنىمنىمۇ بىلمەيتىم.ئىنىڭنىڭ گەپلىرى چالا-پۇلا قۇلىقىمغا كىرىپ تۇرىۋاتاتتى.لىكىن كاللام قۇپقۇرۇق ئىدى. مۇشۇ پېتى قانچىلىك ئولتۇرغۇنىمىزنىمۇ بىلمەيمەن.خېلىلا ئۇزۇن ئولتۇرۇپلا قالدىم.
  _يېشىڭىزنى سۈرتىۋالامسىز؟
  مەن شۇندىلا باياتىن بىرى ھىچنىمىنى ئېيتىۋەتمەي كۆز ياشلىرىمنىڭ ئۆرە ياقىلىق مايكامنىڭ ئىچىگە كىرىپ ياقىسىنى خېلىلا ھۆل قىلغانلىقىنى،يېڭىمنىڭ ھۆل بۇلۇپ خەرىتە بولۇپ كەتكىنىنى ھىس قىلدىم.
  _ كىرىپ كىتەيلىمۇ؟
  مەن ماقۇللىقىمنى بىلدۈرۈپ بېشىمنى لىڭشىتتىم.
  _تۇرۇپ تۇرۇڭ،مەن بىرەر تازلىق ئۆيى تېپىپ يۈزۈمنى يۇيىۋالاي،سىز باش ئاغرىقى دارىسىدىن خالىغان بىرنى ئەكىرىڭ،ئاكىڭىز بولمىسا سوراپ قالسا ....
مەن يۈزلىرىمنى يۇيىۋىلىپ باياقى ئورۇندۇقتا ئىنىڭنى ساقلاپ ئەمدىلا ئولتۇرۇپ تۇرسام ئىنىڭمۇ كىردى....
   ياتاققا كىرىپلا يەنە يىغلىغۇم بەك كەلدى.سەن ماڭا تىگى-تىگىڭدىن بىچارە كۆرۈنۈپ كىتىپ باراتتىڭ.ئاپاڭغا قاراپ ئىچىم بەك ئاغرىدى.مەن ئۇنىڭ ھازىرقى روھى-ھالىتىنى چۈشىنەتتىم.ئەمدىلا خىزمەتكە ئۇلاشقان،ئەمدىلا جەمىيەتتە ئورنىنى تېپىشقا ئاتلىنىۋاتقان،ئەمدىلا ھاياتنىڭ ھەقىقى جەۋر-جاپا،بەخت-سائادىتىنى كۈتىۋالماقچى بولغان بىر كۆتەكتەك ئوغلىنىڭ كېسەل ئالدىدا ئاجىز كىلىپ مۇشۇ ھالەتكە كىلىپ قالغىنى ئۇنىڭ ئۈچۈن چىدىغۇسىز ئازاپ ئىدى.داداڭ بولسا ھېلىقى ئادەم بىلەن نەگە چىقىپ كەتكىنىنىمۇ بىلمىدىم ،بەلكىم دوختۇرنىڭ يېنىغا چىقىپ كەتكەندۇ...
   _مىۋە يەمسىز؟مىۋە ئاخلاپ بىرەي ھە
  ئۆزەمنى يوقۇتۇپ قويماسلىق ئۈچۈن ئۆزەمنى ئامال بار گەپكە تۇتىۋاتاتتىم.
  _سىزمۇ يەڭە،بۇرنىڭىز نىمانداق قىزىرىپ كەتتى؟
  _ۋاي شۇ تالا بەك سوغۇقكەن.
   **** ئاچا سىزمۇ يەپ بېقىڭە....قۇلۇمدا ئاخلاۋاتقان ئالمىنىڭ يېرىمىنى كىسىپ ئاپاڭغا ئۇزاتتىم.ئاپاڭمۇ خۇددى روھى چىقىپ كەتكەن ئادەمدەك ئالمىنى ئالدى.
  ھەممىمىز ئېغىر سۈكۈتتە ئولتۇرۇشۇپ كەتتۇق.يەنىلا سەن نىمىگىدۇ ر ئۈمۈدۈڭ  باردەك ئولتۇراتتىڭ.توۋا سەن مۇشۇنداق روھلۇق ئولتۇرغان يەردە ،بىز نىمىشقا بۇنداق ئۆزىمىزنى يوقىتىپ قويىمىز؟كاللامنى ئىدىيەمدە قاتتىق بىر سىلكىۋىتىپ ئوپىراتسىيە قىلسا چۇقۇم ئۈمۈد بار،بىز چۇقۇم روھلۇق،قەيسەر بولىشىمىز كېرەك دەپ ئورنۇمدىن قانداق دەس تۇرۇپ كەتكىنىمنى بىلمەي قاپتىمەن.ئاپاڭغا:
  _**** ئاچا ،پەسكە چۈشۈپ ****گە ئۇخلاش كىيىمى ئېلىپ كىرەيلىمۇ؟
  ئاپاڭمۇ ئاران تۇرغاندەك:-ھە مەيلى....
  ئىككىمىز ھەتتا بىنادىن چىقىپمۇ گەپ قىلىشمىدۇق.ئاپاڭ پۈتۈنلەي خۇدىنى يوقاتقان ئادەمدەك بولۇپ قالغان ئىدى.مەن ساڭا قېلىنراق بىر قۇر ئۇخلاش كىيىمى،ئىككى قۇر ئىچ كىيىم تاللاپ ئالدىم.پۇل تۆلەي دىگەندە ئاپاڭ ئاندىن ئىسىگە كەلگەندەك:
  _تۇرۇپ تۇرۇڭ مەن تۆلەي
  _ بولدى ئاچا،مەن ئۇنىڭ ماڭا  قىلغانلىرىنى مۇشۇ ماددى بۇۇملار بىلەن بولسىمۇ تۇلۇقلىغاچ تۇراي دەپ ئاۋازىم تىتىرەپ كەتتى.ئاران تۇرغان ئاپاڭ ئادەمنىڭ ئىچىنى ئىزىپ ئاۋازىنى چىقارماي كىچىك بالىدەك يىغلاپ كىتىپ باراتتى. دۇكاننىڭ  ئىگىسى بەلكىم بۇنداق كۈرۈنۈشنى تولا كۈرۈپ كەتكەن بولسا كېرەك بىزگە پەقەت ھىسداشلىق نەزىرىدە قاراپ قويدى...
كىرگىچە ئاپاڭ ئىككىلىمىز بىر-بىرىمىزگە يەنە گەپ قىلماي ئۆز-ئۆزىمىزگە«ئۇھھھھھھھھھھھھھھ.....»دەپ ئېغىر تىنىپ ئەمدىلا توختاي دەۋاتقان ياشلىرىمىز يەنە نەلەردىندۇ قايتا باشلىنىپ 1-قەۋەتكە كىرىپ بايا مەن ئولتۇرغان ئورۇندۇقنىڭ يېنىدىكى ئورۇندۇققا كىلىپ ئاپاڭنى بىردەم ئولتۇرايلى دىدىم.ئاپاڭ ئولتۇرۇپلا ئىچىدە يىغلاۋاتقان يىغىسىنى بىراقلا پارتىلىتىپ ماڭا ئېسىلىپ يىغلاپ كەتتى.
  _وغلۇم تېخى كىچىك ئەمەسمىدى،ئۇ شۇنداق ياخشى بالىتىغۇ،گىپىمنى شۇنداق ئاڭلايتىغۇ،ئۇنىڭغا بۇ كېسەل چاپلاشقىچە ماڭا چاپلاشسا بولمامدۇ؟مەن بىر ئانا تۇرۇپ،بىر دوختۇر تۇرۇپ مۇشۇنىڭمۇ ئالدىنى ئالالماپتىمەنغۇ؟ئۇنىڭغا ئالىمادىس بىر ئىش بوپقاسا مەن قانداق ياشايمەن؟ئۆزەمگە قانداق يۈز كىلەلەيمەن؟مەن تىرىك ئۆلسەم بۇلىدىغۇ....ئاپاڭ ساڭا ئىچ-ئىچىدىن ئېچىنىپ،ئۆزىنى ئەيىپلەپ شۇنداق يىغلاپ كەتتى.مەنمۇ بۇ جەرياندا پەقەت:
  _يىغلىمىسىلا ئاچا،ئوپىراتسىيە قىلسا ئوڭشىلىپ كىتىدۇ،ئۆزلىرىنى ئەيىپلەۋەرمىسىلە،ئاللادىن كەلگەن ئىشلارنى بەندە تۇسۇپ قالالمايدۇ،بۇمۇ تەقدىر...دەپ ئارانلا شۇنچىلىك تەسەللى بىرىپ تەڭ يىغلىدىم.خېلى ئۇزۇن يىغلاشتۇق،يىغلاپمۇ ھاردۇق.توۋا  ھەر قانچە چوڭ كۆلنىڭ سۈيىمۇ ھامان بىر كۈنى قۇرۇپ تۈگەيدۇ،لىكىن ئادەمنىڭ يېشىنىڭ تۈگەپ قالمايدىغانلىقىغا ھەقلىم ھەيران....
  _ئوپىراتسىيە قاچانلىققىراقكىن؟(ئاپاڭدىن تۆۋەن ئاۋازدا سورىدىم.)
   _ قۇشۇلساقلا قىلىدىغان ئوخشايدۇ،نىمىلا بولمىسۇن چوڭلارغا،ئۇرۇق-تۇققانلارغا مەسلىھەتلەشمىسەك بولماس.مەن بېشىمنى لىڭشىتتىم.
  _ئۇنداقتا بۈگۈنلا مەسلىھەتنى پىشۇرۇپ ۋاختىدا ئوپىراتسىيە قىلسا بولغىدەك.ۋاقىتنى سوزمايلى
ئۆزەم بۇ گەپنى قىلىپ قۇيۇپ خۇددى ئاتىكاچىلىق قىلغاندەك ھۆپپىدە قىزىرىپ كەتتىم.ئاپاڭمۇ چاندۇرماي :
  _شۇ بولسا ھازىرنىڭ ئۈزىدىلا قىلسا دەيمەن مەنمۇ.دادىسى تۇققانلارغا خەۋىرىنى بىرىۋىتىپ دوختۇر بىلەن مەسلىھەتلىشىپ باقايلى دىگەن ،قانداق بولدىكىن بىلمىدىم.  
  مەن بېشىمنى لىڭشىتىپ ئاپاڭنىڭ گىپىنىڭ توغرىلىقىنى تەستىقلاپ ئولتۇردۇم.
   _سىىلەرنى چۈشىنىمەن،ئۇ دىگەن سىلەرنىڭ يۈرەك پارەڭلار ،ئوغلۇڭلارغا ھەرگىز،ھەرگىزمۇ چىدىمايسىلەر ،شۇنداقتىمۇ سىلەر ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ ئالدىدا چاندۇرماي قەيسەر بۇلۇڭلار.ھەممىمىزدە ئىشەنچ بولسۇن. ھازىر مىدىتسىنا شۇنداق تەرەققى قىلىپ كەتتى،ھەر-ھەر كېسەللەر ساقىيىپ كىتىپ بارىدۇ ،تېخى مۆجىزە يۈز بىرىپ 40-50 يىل ياشاپمۇ قالامدۇ تېخى؟
  _مىنىڭمۇ بىر ھاممامنىڭ يولدىشىنڭ ئاشقازىنىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى ياش ۋاختىدا ئېلىۋىتىپتىكەن دەپ ئاڭلىغان.ئۇ ئادەممۇ 60 ياشتىن ئاشتى ،تېخىغىچە ھايات بولمىسا.
  _ۋوي راستما؟،بىزنىڭ بىر مۇئەللىمنىڭمۇ ئاشقازىنىنىڭ يېرىمى يوق دەمدۇ ئىشقىلىپ خېلى جىق يىرىنى ئېلىۋىتىپتىكەن ،يەنە ساپ-ساق دەرس ئۆتۈپ يۈرۈيدۇ بولمىسا،چۇقۇم ياخشى بولۇپ كىتىدۇ.
  ئاپاڭ خۇددى ئالتۇن تېپىۋالغاندەك كۆزلىرىگە جان كىرىپ مىيىقىدا كۈلۈپ ياشلىرىنى سۈرتتى.
   _ئاچا ئاكاشقىمۇ سىز تەسەللى بىرىڭ،ئوپىراتسىيە مۇۋەپپىقىيەتلىك بولسا چۇقۇم ياخشى بولۇپ كىتىدۇ....
بۇ جاسارەتنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنىمۇ ئۆزۈممۇ بىلمەيتتىم،خۇددى چوڭ ئادەملەردەك كىشىنىڭ يۇرتىدا ئاپاڭغا بىردىنبىر يېقىن ھەمدەمدە بولۇپ تەسەللى بىرىۋاتقان ئۆزۈمدىن بىر خىل رازىمەنلىك ھىس قىلدىم.ئاپاڭنى بايا مەن كىرگەن تازلىق ئۆيىگەباشلاپ كىرىپ يۈزىنى يۇيدۇردۇم.ئىككىمىز خۇددى قۇياش كۆتۈرۈلۈپ زىمىننى يۇرۇتقاندەك روھلۇق قەدەملەر بىلەن يېنىڭغا ماڭدۇق....
_ۋاي نىمانداق ئۇزۇندا كىرىسىلەر؟ما قوساق ئېچىپ كەتتى.  ئاپاڭ ئالدىراپلا:
  _شۇ ساڭا بىر بەرسە تاللاپ بولالماي،****قىزىم ساڭا شۇنداق سۈپەتلىك كىيىملەرنى ئالدى كۆرۈپ باقە
  _ۋۇييۇ مەرتلىشىپ كىتىپسىززا،ماڭا كىلىدىغاننى ئالدىڭلارمۇ يە؟......
   چۈشلۈك تاماق ۋاختىدا ئىنىڭ يەنىلا ساڭا قاراپ قالدى.<مەن قېپقېپ تۇراي ،سىلەر يەپ كىرىڭلار> دىسەم ئاپاڭ قەتئى ئۇنىمىدى،مىنىڭمۇ نىمىشقىكىن ئاپاڭغاھەمرا بولغۇم كەلدى. داداڭ-ئاپاڭ،باياقى ئادەم، مەن بىللە تاماققا چىقتۇق .مەن داداڭدىن خىجىل بولۇپ ئارانلا ئولتۇردۇم .تاماقخانىدا ئۇلارنىڭ مەسلىھەتلىرى بىلەن تاماقمۇ بىردەمدە چىقىپ قالغىنىنى بىلمەي قاپتۇق.داداڭ ئاپاڭغا:
  _ئاكامغا دىدىم،ئاپامغا دىمەي تۇرىدىغان بولدى،سىلىنىڭ ئاكاڭلىغىمۇ دىدىم،ئۇلار تۇققانلارنى خەۋەرلەندۈرىدىغان بولدى،ھەر ئىككىلىسى تېزدىن ئوپىراتسىيە قىلىشنى ئېيتتى.دوختۇرنىڭ دىيىشىچە ئوپىراتسىيە مۇۋەپپىقىيەتلىك بولسا ئاز دىگەندىمۇ 6-7 يىل ئۆمۈر كۈرىدىكەن،قالغانلىرى ئۆزىنىڭ روھى-ھالىتىگە باغلىقكەن.مۆجىزە يۈز بىرىشنىمۇ يوق دىگىلى بولمايدۇ دەيدۇ.داداڭ ئۆزىنى شۇنداق بېسىۋالغان ئادەمدەك چېيىنى ئوتلىدى.ئاپاڭ:
   _قاچانراق ئوپراتسىيە قىلىشنى مەسلىھەتلەشتىڭلار؟
   _ئاز بولغاندىمۇ يەنە ئۈچ كۈندىن كىيىن دەيدۇ.ئوپىراتسىيە بەك كۆپكەن.
   _بالدۇرغا ئامالىنى قىلغىلى بولماسمۇ؟ئاپاڭ داداڭغا ئۈمۈتلۈك قاراپ ئولتۇراتتى.
  _بوپمۇ قالا،بىر ئىككى كۈننىڭ نىمە پەرقى،بوپتۇ ساقلايلى
  _مۇشۇندا دەپمۇ بولغان ئىش مۇشۇ ،بىر مىنۇت بولسىمۇ بالدۇرراق بولغىنى ياخشى.(بۇ مەن سىلەر بىلەن كۆرۈشكەندىن بۇيان ئاپاڭنىڭ تۇنجى قېتىم ئاچچىقلىنىپ كىتىشى ئىدى.)
    داداڭ بىر ئېغىز گەپ قىلمىدى.ھېلىقى ئادەم:
  _ئۆزىڭىزنى بېسىۋىلىڭ،كۆڭلىڭىزنى ھەممىمىز چۈشىنىمىز،****(داداڭنىڭ ئىسمى)نىڭمۇ كۆڭلىمۇ سىزدەكلا يېرىم،ئۇنىڭمۇ بولسا ھازىرلا قىلسا دەيدىغان نىيىتى بار،دوختۇرغىمۇ شۇنداق يالۋۇرۇپ كەتتى.شارائىت شۇ توغرا چۈشىنىڭ.بىزمۇ ئامالىنى قىلىشقا تىرىشايلى......
   ھەممىمىز سىنى پەقەت ئاشقازىنىڭدا بىر قاپلىق يىرىڭ بار ئىكەن ،شۇنى ئوپراتسىيە قىلىپ ئالىدىكەن دەپ ئالدىدۇق.سەنمۇ خۇددى كىچىكلا كېسەلدەك چۇقۇم ساقىيىپ كىتىدىغاندەك ،ھىچ ئىش بولمىغاندەك غېمىڭدە يوق ئولتۇراتتىڭ.كەچتە مەن يەنە مەكتەپكە قايتتىم..ياتاققا كىلىپ ياتاقداشلىرىمغا نەتىجەڭنى ئېيتىپ بىر ھازا يىغلىدىم.ئۇلارنىڭ تەسەللىلىرى بۇرۇنقىدىن تېخىمۇ ئارتۇق بولغان بولسىمۇ ،يەنىلا ئۇرۇنىمغا كىرىۋىلىپ يىغلاپ ياتتىم.ھەممىسى ماڭا قاراپ ئىچى سىيرىلىپ كىتىپ باراتتى.......
   3 كۈندىن كىيىن كەچ سائەت 8 لەر بىلەن شۇ كېچىدە سىنى ئوپىراتسىيە قىلدى.ئوپىراتسىيەگە ماڭغاندا خېلىلا جىددىيلەشكەن ئىدىڭ.ھەممىمىز ساڭا مەدەت بىرىۋاتاتتۇق.
  _ئۆزىڭىزنى ئەركىن تۇتۇڭ،چوڭ-چوڭ نەپەس ئېلىڭ،خۇدايىم بۇيرىسا مۇۋەپپىقىيەتلىك بولىدۇ.....دەپ مەدەتلىرىمنى ساڭا ئېيتتىم.
   ئوپراتسىيەخانا ئالدىدىكى ئورۇندۇقتا بىرسىمىز قوپساق بىرسىمىز ئولتۇرۇپ،كارىدورنى ئۇ باشتىن-بۇ باشقا مېڭىپ دىگەندەك 6 سائەت ۋاقىتنى 60 يىل ساقلىغاندەك ھەممىمىز تىت-تىت بولۇپ،بىر-بىرىمىزگە گەپ قىلىشقا رايىمىز يوق ساقلاپ تۇردۇق.دادامنى ساقلىغان ۋاختىم كۆز ئالدىمغا كىلىپ شۇنداق قەيسەر بولاي دىسەممۇ يەنىلا كۆزلىرىمدىن ياش قۇيۇلاتتى.
  ئاخىرى سەنمۇ ئوپىراتسىيەدىن چىقتىڭ.نىمىلا بولمىسۇن ئوپىراتسىيە مۇۋەپپىقىيەتلىك بولغان ئىدى.سەن خۇدۇڭنى بىلمەيتتىڭ،ھۇشۇڭدىن كىتىپ شۇنداق ساغىرىپ كەتكەن ئىدىڭ،ھەممىمىز سىنى چۆرىدەپ ئولتۇراتتۇق.ئادەمنىڭ ئەڭ ئۇيقىسى ئېچىلمايدىغان ۋاقىت بولۇپ قالغان بولسىمۇ ھىچ قايسىمىزدا ئۇيقۇدىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى.تاڭغا يېقىن سەنمۇ ھۇشۇڭغا سەل كەلگەندەك بولدۇڭ.
   بارغانسىرى خېلىلا ياخشى بولۇپ قېلىۋاتقاندەك تۇيۇلىۋاتاتتى.لىكىن ھەر بىر ئوپىراتسىيە قىلغان يەرنى تازلىغاندا سىنىڭ جېنىڭنىڭ قانداق قاخشاپ كىتىدىغىنى ماڭا  ئايان ئىدى.(كىچىك ئاچامدەكلا)
  بۇ كۈنلەردە كۈنلىرىم ئاساسەن سىنىڭ يېنىڭغا بېرىش بىلەن ئۆتەۋاتاتتى.ئاپتۇۋۇزغا چىقسام سىرىتقا بىر قارىۋالسام سىرىتنىڭ مەنزىرلىرى قانداق،ئاپتۇۋۇزغا كىم چىقىپ كىم چۈشىۋاتىدۇ .......كارىم يوق بىر نوختىغا ئىزچىل تىكىلىپ يىشۆيۈەننىڭ ئالدىغا كەلگەندە رېفلىكىس تۇيغۇم ئۆز ئىپادىسىنى تېپىپ چۈشۈپ قالاتتىم.كۈچۈمنىڭ يىتىشىچە سىنىڭ ھالىڭدىن خەۋەر ئېلىشقا تىرىشىۋاتاتتىم.ئاپاڭ-داداڭلاردىنمۇ خىجىل بولماس بولۇپ قالدىم.ئۇلارمۇ بارغانسىرى ئۈمۈتلۈك ياشاشقا باشلىدى.ئۇرۇق-تۇققانلىرىڭمۇ كىلىپ يوخلاپ تۇرۇۋاتاتتى.ئۇلارمۇ ئاساسەن ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىلدى بولغاي......
   سىنى ئوپىراتسىيەدىن كىيىن بىر ئاي بولغاندا خۇلىياۋ قىلماقچى ئىدى،لىكىن سىنى نەچچە نەچچە قېتىم ھەر خىل تەكشۈرۈپ ھازىرچە قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ يەنىلا بەدەن ساپايىڭنىڭ خۇلىياۋنى كۆتۈرەلىگىدەك ھالەتكە يىتىشىنى تۆت كۈزىمىز بىلەن ساقلاۋاتاتتۇق.
  ئەتە مەن  تەتىلگە چىقماقچى. مەن ئۆيگە بىر بېرىپ كىلشنى ئويلىدىم.سەنمۇ <بېرىپ كىلىڭ ،لىكىن چۇقۇم يېنىپ كەلسىڭىز ....>دەپ تۇرۇۋالدىڭ.مىنىڭمۇ سەندىن بىر مىنۇتمۇ ئايرىلغۇم يوقلىقىنى چۇقۇم تېزدىن قايتىپ كىلىدىغانلىقىمنى ئېتىپ ئەتىسى يۇرتقا ماڭدىم.
   ئۆيگە بېرىپلا ئاچامغا ئىككىمىزنىڭ ئىشىنى، سىنىڭ ئەھۋالىڭنى ئۇنىڭغا قويماي دىدىم ،مىنى ئەڭ-ئەڭ چۈشىنىدىغان ئاچاممۇ مىنىڭ ھالىڭدىن خەۋەر ئېلىشىمنى توغرا كۆردىيۇ ،لىكىن نىمىنى ئويلىدىكىن بىلمىدىم مىنىڭ ھەممە ئىشنى لايىقىدا قىلىشىمنى بەكلا تاپىلاپ كەتتى. ئەتە يەنە ئۈرۈمچىگە قاراپ ماڭماقچى ئىدىم.ئاچام ماڭىدىغان كۈنۈم مىنىڭ بەك يىغلاپ كەتكىنىمنى كۈرۈپ يەنىلا ماڭا يەنە بىر قېتىم ئازاپ ئېلىپ كىلىش ئالدىدا تۇرغان رىئاللىقنىڭ قارا كۆلەڭگىسىنى كۆرۈپ يەتكەندەك ماڭا ئېچىنىپ يىغلاپ كەتتى ۋە ماڭا نەچچە كۈندىن بىرى قىلغان گەپلىرىنى تۈزىتىپ تەسەللى بەردى.
   _ئەنسىرمە،ياخشى داۋالانسا چۇقۇم ياخشى بوپكىتىدۇ.سەن ھەرگىزمۇ  ئۇنىڭ دىلىغا ئازار بەرمە ،بەك كۆڭلىنى ئايا،ئۇنى ئەنسىرىتىدىغان ئىش قىلما،ئۇنى خوش قىلىش ئۈچۈن ۋۇجۇدۇڭ بىلەن كۆيۈنگىن ...
  مەنمۇ ئاپام سۈپەت ئاچامنى قۇچاقلاپ:
  _ئاچا،سەن نىمەدىگەن ياخشى ھە،ھېلىمۇ سەن بوپقاپتىكەنسەن،مەن قانداقمۇ قىلاتتىم بولمىسا
  ئاچام چاچلىرىمغا سۈيۈپ بالىسىنى ئىللىق باغرىغا باسقان ئانىدەك مىنى باغرىغا بېسىپ ماڭا تەسەللى-نەسھەتلىرىنى داۋام ئىتىۋاتاتتى....
   مەن ئۆيدە 3-4 كۈن تۇرۇپلا ئۈرۈمچىگە قاراپ ماڭدىم.ئاكام مىنى يولغا سېلىپ قويدى،كارتامغىمۇ خېلىلا جىق پۇل سېلىپ قويغان ئىدى.ئىچىمدە كۆڭلىگە ئالەمچە ئىنساپ بەرگەن قېرىنداشلىرىمغا چىن كۆڭلىمدىن رەھمىتىمنى ئېيتتىم.مەن تەتىلدە ھاممامنىڭ ئۆيىدە يېتىپ قوپتۇم.ھاممام بىلەن لالەمۇ ماڭا بەكلا ئېچىندى.
  بارغانسىرى ئۇرۇقلاپ كىتىپ باراتتىڭ.سىمىزمۇ ئەمەس،ئۇرۇقمۇ ئەمەس، خېلىلا ئىگىز قاملاشقان بوي بەستىڭ ئەمدىلىكتە جەينەكتەكلا قالغان ئىدى.مەن ئامراق بىر جۈپ قاپقارا كۆزۈڭ بەكلا ئولتۇرۇشۇپ ئىچىگە كىرىپ كەتكەن ئىدى.ئىچىم سىيرىلسىمۇ ئاللىبۇرۇن قەيسەرلىشىپ كەتكەن مەن بۇنداق ۋاقىتتا يەنىلا پۇت-قۇلۇڭنى تۇتۇپ كىتەتتىم.ئاپاڭمۇ ھېرىپ ھالىدىن كىتەيلا دەپ قالغان ئىدى.بىر كۈنى ئاپاڭ ئولتۇرۇپلا ئۇخلاپ قالغان ئىدى. 2ئايچە تۈزۈكمۇ ئۇخلىمىغان ئاپاڭغا بەك ئىچىم ئاغرىدى.
   _***** ئاچا ،بۈگۈن سىزمۇ ئاكاش بىلەن ئۆيگە بېرىپ قۇنۇپ كىلىڭ.(داداڭ بىلەن ئىنىڭ يىشۆيۈەننىڭ يېنىدىراق سىلەرنىڭ بىر يۇرتلىقنىڭ ئۆيىدە قۇنۇپ كىلىۋاتاتتى،ئۆي ئىگىللىرى بېيجىڭدا ئىدى)بۈگۈن مەن قاراي
   _ۋاي ياقەي،ھارمىدىم،سىز يالغۇز قاراپ بۇلالمايسىز.
  _قارالايمەن
  مەن قولايسىز تەرەپلىرىنى ئەسلا ئويلىمىغانلىقىمنى ھىس قىلىپ قالدىم.
  _ئەمىسە ****(ئىنىڭنىڭ ئىسمىنى دىدىم)ئىككىمىز قارايلى.
  ئىنىڭمۇ ئاپاڭنىڭ بىرەر كۈن بولسىمۇ كەڭرىراق يەردە ئۇخلاپ چىقىشىنى ئۈمۈد قىلدى بولغاي<چىققىن>دەپ تۇرۇۋالدى.
  مەنمۇ ھاممامغا تېلفۇن قىلىپ ئەھۋالنى دىسەم ئۇمۇ ئىلمى بولغاچقا <بوپتۇ>دىدى.سىنىڭ قانچىلىك خوشال بولۇپ كەتكىنىڭنى كۆزلىرىڭدىن بىلىۋالدىم.بۇ كۈنلەردە ئاپاڭ كەچلىك تاماق بىلەن ئەتتىگەنلىك تاماقنى ئاشۇ ياتاقتىلا بىر توك قازىنىدا ھىچ بولمىسا ساڭا چۇشلۇق بولسىمۇ ئىتىۋاتاتتى.ئاپاڭ ئۈچىمىزگە چۇشلۇق كەچلىك تاماقنى  ئىتىشكە تەييارلىق قىلدى.توخۇ شورپىسى قىلىپ سۈيىگە خۇيمىيەن قىلغان ئىدى،مەنمۇ تەڭ چۆگىلەپ يۈرەتتىم.ئىككىمىز چۆپنى تاشلىغان ۋاقىتتا مەنمۇ خۇددى ئۆزەمنى بۇ ئائىلىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىدەك ئويلاپ كەتتىم.خۇيمىيەن تاشلاۋىتىپ ساڭا ئىختىيارسىز قاراپتىكەنمەن سەن مەسلىكىڭ كەلگەندەك ماڭا شۇنداق تاتلىق كۈلۈپ قويدۇڭ.بۇرۇن قېلىنلىق قىلىپ تويماي قارىۋالىدىغان كۆزلىرىڭگە ئامراقلىقىم كىلىپ جاۋابەن كۈلۈپ قويدۇم.
  ئاپاڭ بىلەن داداڭ بىز ئۆيگە چىقىپ بىر نەرسە قىلىپ يەيمىز دەپ تۈزۈكمۇ يىمىدى.ئاپاڭ يەنىلا بىر كېچىمۇ ئايرىلمىغان سەندىن ئەنسىرەۋاتقندەكمۇ ياكى قىيالمايمۇ بىلمىدىم شۇنداق تەستە ماڭدى.مەن قاچىلارنى يۇيىۋىتىپ ئىسسىق سۇغا پاكىز لۈڭگىنى سېلىپ چىڭ سىقىۋىتىپ سىنىڭ يۈز-بويان،قوللىرىڭنى جەينىكىڭگىچە سۈرتتىم،پۇتۇڭنى پۇت لۈڭگىسىدە بىرمۇ-بىر ئېيتىپ تۈزۈكمۇ ئۆسمىگەن تىرناقلىرىڭنى يەنە ئالدىم،ئۆزەم سىرتقا چىقىپ تۇرۇپ ئىنىڭغا بەدەنلىرىڭنى سۈرتۈپ كىيىمىڭنى ئالماشتۇرۇشنى ئېيتتىم.كۆزۈمگە سەن باشقىچىلا روھلىنىپ كەتكەندەك بىلىنىپ كەتتىڭ.مەن كىرلىرىڭنى يۇيۇش ئۈچۈن ئۇبۇرنىغا ماڭسام سەن<مۇشۇ يەردە يۇيۇڭ >دەپ تۇرىۋالدىڭ،مەن داسلارنى ئالدىمغا تىزىۋىلىپ سەن بىلەن پاراڭلاشقاچ كىر يۇيدۇم.سەن شۇنداق خوشال ئىدىڭ،ماڭا مەسلىكىڭ كىلىپ :
   _*****(ئىسمىمنى بوش چاقىردىڭ)
  _خوپ باشلىق
  _ھى ھى ھى ،ئوماقلىقىنى،ئۇرۇق بولغىنىڭىز بىلەن جېنىڭىز بەك چىڭ ھە
   _مەنمۇ ئاتا-ئانامنىڭ ئەتىۋارلىق بالىسى ئىدىم ،تۇرمۇش شۇنداق چىداملىق قىلىۋىتىدىكەن.
  سەن خۇددى خاتا گەپ قىلىپ قويغان ئادەمدەك:
  _كەچۈرۈڭ ھە
  _نىمىگە دەيسىز ؟سىز ھىچقانداق خاتا گەپ قىلمىدىڭىز ئومىقىم(ئىنىڭنىڭ بارلىقى ئىسىمگە ئېلىپ ۋىللىدە قىزاردىم)ئىككىمىز بىر-بىرىمىزگە قاراپ كۈلۈپ كەتتۇق.
كىرلەرنى يۇيۇپ بۇلۇپ ساڭا يەنە ئازراق تاماق بىرىپ ، ئىنىڭ سىنى ئۇبۇرنىغا ئەكىرىپ چىقىپ بىر پاكار كارۋاتتەك بىر نەرسىنى ئەكىرىپ دەرىزە تۈۋىدە بىردەم ئۇخلىۋىلىش ئۈچۈن بالدۇرلا ياتتى.مەن چىراقنى ئۆچۈرۋىتىپ كارۋىتىڭنىڭ يېنىغا ئورۇندۇق ئەكىلىپ ئولتۇردۇم.10-ئاي بايرامدىن بىرى تۈزۈكمۇ تۇتۇپ باقمىغان قۇلۇڭنى ئالقانلىرىم بىلەن سىلاپ ساڭا قاراپ ئولتۇراتتىم.سەن ئۇيقۇڭ كەلمىگەنلىكىنى ئېيتىپ تۇرۋىلىپ مەن بىلەن پىسىرلىشىپ پاراڭلاشتىڭ.بىز شۇنداق جىق ئوماق گەپلەرنى دىيىشىپ كەتتۇق. لىكىن ئىچىمنى ئىزگۈدەك نەچچە ئېغىز گىپىڭ ھەرگىز يادىمدىن چىقمايدۇ.
   _مەنمۇ ساقىيىپ كىتەرمەن ھە
  _ئەنسىرمەڭ،نىمىشقا ساقايمايسىز ،ھەممىسى ۋاقىت مەسىلىسى ،مانا ئوپىراتسىيە قىلغان يەرمۇ ياخشى تۇتتىغۇ،كۈتۈنۈشلىرىڭىز،ئۇرغان دورا-ئۇكۇللارنىڭمۇ تىپىدىغان ۋاختى ئەمدى بولدى ئومىقىم،ئالدىرماڭ ياخشى بولۇپ كىتىسىز....
   سەنمۇ ئۇخلاپ قالدىڭ.مىنى شۇنچە ئۇخلاڭ دىسەڭمۇ سەن ئۇخلىمىغىچە قەتئى ئۇنىمىدىم.كېچىدە سەن يەنە 2-3 قېتىم ھاجەتخانىغا كىردىڭ.ھەر قېتىم كىرگەندە يىگەن نەرسەڭنى ياندۇراتتىڭ.يېرىم كېچىدىن ئاشقاندا مەنمۇ ئاپاڭ ياتىدىغان كارۋاتتا ئازراق ئۇخلىۋالدىم.ئەتىسى تاڭ سەھەردە سىنىڭ يەنە قېقىلىپ ياندۇرىۋاتقان ئاۋازىڭنى ئاڭلاپ ئويغۇنۇپ ساڭا بەك سەت ئىچىم ئاغرىپ كەتتى.ئاشۇ كېسىلىڭنى مەن تارتىشىپ بىرەلەيدىغان ئىش بولسا مەنلا تارتسام دەپ ئىختىيارسىز ئۇبۇرنىنىڭ ئالدىغا باردىم.
  _****ئاكىڭىز قانداقراق؟
  _ئەنسىرمەي ئۇخلاۋىرىڭ،مەن بار
  مەن شۇنداقتىمۇ ئۇبۇرنىنىڭ ئالدىدىن كەتمەي تۇردۇم.سەن ئۇبۇرنىدىن چىققاندا كۆزلىرىڭ ئارقىغا كىتىپ قالغان ئادەمدەك شۇنداق ئادەمنى قورقىتىۋەتتىڭ.سىنى كارۋاتقا يۆلەپ ئەچىقىپ ساڭا سوغۇق-قىززىق قايناقسۇنى ئارلاشتۇرۇپ بىر ئىستاكانغا تەڭشەپ ساڭا ئىچۈردۈم.يەنە سىنىڭ يېنىڭدا ئولتۇراتتىم.سەھەردە نامىزىمنى ئۆتەپ شوۋا گۈرۈچ ئەتتىم.ئاپاڭلارمۇ ئەتتىگەندىلا يىتىپ كىردى.
   _ۋوي تاماق ئەتتىڭىزما تېخى،داداڭ شۇنداق خوشال بولغاندەك  يېقىملىق سوراپ كەتتى.ھەممىمىز ئىنىڭ ئەكىرگەن يۇتازا،لىئاڭسەيلەر بىلەن مەن ئەتكەن شوۋىگۈرۈچنى ماختىشىپ ناشتا قىلدۇق.
  _قۇلىڭىز تاتلىقكەن جۇمۇ ،شۇنداق ئوخشاپتۇ.ئاپاڭنىڭ ماختىشىدىن شۇنداق خوشال بۇلۇپ كەتتىميۇ يەنىلا كەلگۈسىدە ئاپاڭ-داداڭ قېرىغاندا  مۇشۇنداق تاماق ئىتىپ بىرىپ ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالارمەنمۇ دەپ كۆڭلۈم يېرىم بولدى.
   كۈنلەر ئۈتىۋاتىدۇ.لىكىن سىنىڭ يىگەن تاماقلىرىڭ پۈتۈنلەي دىگۈدەك سىڭمەي ئۇزاق ئۆتمەيلا ياندۇرۇپ كۈندىن-كۈنگە ئۇرۇقلاپ كىتىپ باراتتىڭ.مانا خېمىيىلىك داۋالايمىز دىگەن كۈندىنمۇ 1 ئايدەك ئېشىپ بولدى،ھىچبىر ياخشىلىنىش بولمايۋاتاتتى.تۈگىمەس تەكشۈرۈشلەردىن سەن خېمىيىلىك داۋالاش قۇبۇل قىلاممىغاچ راك ھۈجەيرىسى يامراپ جىگەرگىمۇ ئۈتۈپ بولغانلىقى مەلۇم بولدى.بۇ چاغدىكى ھەممىمىزنىڭ يەنە بىر بالداق ئۆرتىنىپ قانچىلىك دەرىجىدە ئازابلانغىنىمىزنى دىمىسەممۇ ئۇقۇرمەنلەرنىڭ چۈشىنىشىگە ئىشەنچىم كامىل.
   دوختۇرلارمۇ خېمىيىلىك داۋالاش قىلىنمىسا ئۆمۈرنى ئۇزارتىش قەتئى مۈمكىن ئەمەسلىكىنى ئېيتىپ نەچچە ۋاقىتتىن بىرى سىنىڭ ئوراتسىيە قىلىپ تارتقان ئازاپ-ئوقۇبەتلىرىڭ نۆلگە تەڭ بولدى.دوختۇرنىڭ باشتىلا دىگەن بارلىق مۈمكىنچىلىكلەر ئىچىدە بۇ  نەتىجىمۇ بولغاچقا ھەممىمىز دوختۇرلاردىنمۇ كۆپ ئاغرىنىمىدۇق.دىمىسىمۇ ئۇلار خۇدا ئەمەستە،ئۇلارمۇ بىزگە ئوخشاشلا ئىنساندە.ئۇلارمۇ بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتتى.بارلىق ئاماللارنى قىلىپ باقتى.ئاپاڭمۇ دوختۇر بولغاچ يىقلاپ-يىغلاپ ئەلەھمۇللا دىمەي ئامالى بولمىدى.  
   2-ئاينىڭ باشلىرى سىنى ئۆيدە بېقىۋىلىش ئۈچۈن يۇرتقا ئېلىپ ماڭدۇق.......
ئايرۇدۇرومغا بارغىچە سەن خۇددى كىچىك بالىلاردەك سوراپ كەتتىڭ.
   _ئاپا ،خېمىيىلىك داۋالاشنى قاچان قىلىدىكەن؟
   _بالام  قىلمىسىمۇ بولىدىكەن،ئۆيدە بىر مەزگىل داۋالانساڭلا ساقىيىپ كىتىدىكەنسەن.
   —دىمىدىممۇ ،مەن ساقىيىپ كىتىمەن دىسەم ئىشەنمەيسىلەر...مەن سىنىڭ ساددىلارچە دىگەن سۆزلىرىڭگە قاراپ ئىچىم سىيرىلىپ كىتىپ باراتتى.تەسەللىگە مۇھتاج كۆڭلۈڭگە نىمە دىيىشىمنى بىلمەي چاندۇرماستىن :
  _مانا ساقادىڭىزغۇ،شۇڭا سىزنى دوختۇرخانىدىن قايتۇرۇپ چىقتۇق.
  _قاچانمۇ ئىشقا بارارمەن؟ ئاپاڭ كۈلۈپ تۇرۇپ زورىغا :
  _ۋاي شۇ ئىشقىمۇ تۇيىسەن بالام،ئاز قالدى. داداڭ بىلەن ئىنىڭ لام-جىم دىمەي ئولتۇراتتى.ئىنىڭ ئىككىمىز سىلەرنى يولغا سېلىۋىتىپ ئۈچ تاش بېكىتىگە قاراپ ماڭدۇق.مەن يۇرتۇمدا چۈشۈپ قېلىپ ئىنىڭ كەتتى.سىنىڭ يېنىڭغا بارغۇم كىلىپلا تۇراتتى.ئاخىرقى ئۆمرۈڭدە سىنى بىر مىنۇت بولسىمۇ ئارتۇقراق كۈتىۋىلىش،ئارتۇقراق بىللە تۇرۋىلىش ئۈچۈن مەن ئاچامدىن رۇخسەت سوراپ 2 كۈندىن كىيىنلا سىلەرنىڭ يۇرتقا باردىم. بۇ جەرياندا  ئاپام ئۆلۈپ كەتكەندىن كىيىن ئىزدەشمىگەن تۇققانلارنىڭ ئۈيىگە بېرىپ قوندۇم.ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتىنى مىنىڭچە ئايىقى ئۈزۈلمەي سىنى يوقلاۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك ئاساسەن بىلىپ بولدى.شۇنداقتىمۇ مەن بىر يۈزۈمنى كۆتۈرەلمىگىدەك ئىش قىلمىغاندىكىن ھەم ئۆزۈم ھەقىقى چىن يۈرۈكىمدىن سۆيگەن يىگىتىمنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى توغرا كۆرگەچكە كىمنىڭ نىمە دىيىشىگە پەرۋامۇ قىلىپ كەتمىدىم.ئاپاڭ بىچارە كۈندۈزلىرى مىھمان ئۇزاتسا كېچىللىرى سىنى بېقىپ ئوبدانلا ئۇرۇقلاپ قالدى،مەنمۇ كۈچۈمنىڭ يىتىشىچە ئاپاڭغا قارىشىپ قۇلىغا-قول،پۇتىغا-پۇت بۇلۇشقا تىرىشتىم.
  تەتىلمۇ توشتى.مەن دەرىجىدىن تاشقىرى قىيالماسلىق تۇيغۇسىدا سەندىن ئايرىلىپ ئەڭ ئاخىرقى ئوقۇش مەۋسۈمىمنى تاماملاش ئۈچۈن يەنە مەكتەپكە ماڭدىم.مەن مەكتەپكە بېرىپ مۇئەللىمگە بولغان ئەھۋاللارنى غەيرەتكە كىلىپ دىدىم.ئوقۇتقۇچۇم  خېلىلا سەۋىيەلىك ئاەم بولغاچ كۆڭلۈمدىكى ئازاپلارنى بايالا چۈشىنىپ بولدى.ماڭا جىق تەسەللىلەرنى بىرىپ نىمە ئىش بولسا تارتىنماي دىيىشىمنى ئېيتتى.ساۋاقداشلىرىم كىلىپلا تىزىملىتىشكە باشلىغان ئىمتاھانلارغا مەنمۇ بىر ئىككىسىگە ئەگىشىپ تىزىملىتىپ قويدۇم.مەن بىر ئايدا بىر قېتىم بەزىدە 3 ھەپتىدە بىر قېتىم سىنىڭ يېنىڭغا بېرىپ تۇردۇم. سەن كۈندىن كۈنگە ئاجىزلىشىپ كىتىپ باراتتىڭ.بارغانسىرى ئۈمۈت قالمايۋاتاتتى.5-ئاي بايرامدا بارغاندا سەن ئۆزۈڭمۇ ئاللىبۇرۇن سىزىپ بولغان ئىدىڭ.مەن قايتىپ ماڭغاندا سەن ئولتۇرۇشۇپ ئىچىگە بەكلا كىرىپ كەتكەن كۆزلىرىڭدىن مۇنچاقتەك ياشلىرىڭنى تاراملىتىپ ،قۇرۇپ قاخشال بوپقالاي دىگەن قوللىرىڭدا قولۇمنى چىڭ سىقىپ،ئىچىمنى ئىزىپ،سىنىڭ ئالدىڭدا پەقەتلا يىغلىماسلىقنى قەسەم قىلىۋاتقان مىنى ئىختىيارسىز ياش تۈكۈشكە مەجبۇر قىلدىڭ.مەن ئۆزەمنى تۇتۇۋالالماي بوينۇڭغا ئېسىلىپ تازا قانغىچە يىغلىۋالدىم.ئاپاڭ بىلەن ھامماڭمۇ ئىككىمىزنىڭ بۇ كۆرۈنىشىگە قاراپ يىغلاپ كەتتى.يەنە ئۆزەمنى قاتتىق تۇتىۋىلىپ:
  _پات ئارىدا يەنە كىلىمەن ،ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ دەپ تەسەللىلەرنى ئېيتىپ ماڭدىم.
  6-ئايدا كەلگەندە سەن مىنىڭ كىرگىنىمنى كۈرۈپ يۇم-يۇم يىغلاپ كەتتىڭ، سەن يۇپيېشىل زەرداپنى 5 مىنۇتتا بىر دىگۈدەك تۈكۈرۈپ ياتاتتىڭ.ھەر بىر تۈكۈرۈپ بولساڭ ئاپاڭ ئىلمان سۇدا ئاغزىڭنى چايقىۋىلىش ئۈچۈن سۇنى تەييار قىلىپ تۇراتتى.بۇ كۈنلەردە ئاپاڭ سىنىڭ يېنىڭدىن مىدىرماي كېچىمۇ-كۈندۈز قوپماي بېقىۋاتاتتى.كىرىپ يوخلاۋاتقانلارنى بولسا ھامماڭ ئۇزىتىۋاتاتتى.داداڭمۇ ئىشقا بارماي سىنىڭ ھالىڭدىن خەۋەر ئېلىۋاتاتتى.ئاپاڭغا بەكمۇ ئىچىم ئاغرىدى.مەن جېنىمدا تېخى بىر ياستۇققا بېشىمىزنى قويمىغان تۇرۇقلۇق كۈچۈمنىڭ يىتىشىچە بېقىۋىلىپ،ھەمرا بۇلۇشنى ئارزۇ قىلىۋاتسام ،يۈرەك باغرىنى يېرىپ چۈشكەن ئوغلىنى بېقىۋىلىش ئۈچۈن بارلىقىنى ئاتىۋەتكەن ئاپاڭنى چۈشىنەتتىم.ئوقۇش پۈتتۈرۈش يىلىم بولغاچقا مەن يەنە ئامالسىز مەكتەپكە ماڭدىم.مەنچە بولسا مىدىرماي تۇرسامكەن دەيتتىم،لىكىن سەنمۇ غۇلاچ تۈگەپ غېرىچ قالغان ئۇقۇشىمنى تاشلىۋىتىشكە ئەسلا  ئۇنىمايتتىڭ.مەلۇم سەۋەپلەر بىلەن بالدۇرلا ئوقۇش پۈتتەردۇق.سىنى يۇرتقا بېرىپلا يوقلاپ كىلىپ قىلچىمۇ تەييارلىق قىلمىغان مەمۇرلىق ئىمتىھانىغا يەنىلا سىنىڭ زورىڭ بىلەن قاتنىشىپ كەلدىم،لىكىن ياخشى بىرەلمىدىم.ئىمتاھاننى بىرىپ بۇلۇپ مەن يەنىلا كۈندىن كۈنگە پەسلەپ كىتىۋاتقان سىنىڭ يېنىڭغا ئۇچتۇم.سەن بۇ قېتىم ئاغزىڭ گەپكە كەلمەسراق بولۇپ قالغان ئىدىڭ.ھەممىمىزنىڭ ئىدىيىسىدە تەييارلىق بولۇپ بولغان ئىدى.ئورۇق-تۇققا ن،دوست-بۇرادەرلىرىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەي رازىلىق ئېلىشقا كىرىپ-چىقىۋاتاتتى.مەنمۇ كىيىملىرىمنى تەييارلاپ كەلگىلى يۇرتۇمغا بېرىپ ئەتىسىلا يەنە كەلدىم.سەن چورتلا گەپ قىلالماس بولۇپ قالغان ئىدىڭ.قارىلار،ئۇرۇق-تۇققانلىرىڭ ھەممىسى بېشىڭدا ئىدى.تاڭمۇ ئاتتى،ساڭا يەرلىك كولاپمۇ بولغان ئىدى،مەن  يەنە بىر قېتىم نېرۋام تۇرمۇزلىنىپ قالغان ئادەمدەك كاللام گاراڭ ئىدى.چۈشمۇ بولدى،ئېغىزىمغا گىيامۇ سالمىدىم ،چۈشتىن كىيىن سائەت 4 لەر بىلەن ھەممەيلەننى سەن ياتقان ھوجرىنىڭ يېنىغا كىلىشىمىزنى دىدى،مىنى ھامماڭ چاقىرىپ قاتمۇ-قات چۆرىدەپ تۇرغان تۇققانلىرىڭنىڭ ئىككىنجى رېتىگە ئەكىلىپ قويدى. قارىملار توختىماستىن ئايەت ئۇقىۋاتاتتى.قارىمنىڭ <ئەلەھمۇللا> دىگەن سۆزىنى ئاڭلاش بىلەنلا بار ئاۋازىمنى قۇيىۋىتىپ ساراڭلاردەك يىغلىدىم. كىملەركىن بىلمەيمەن ئېسىلىپ ھىچقانداق سۆزمۇ يوق ۋاقىراپ يىغلىدىم.بىرى كىلىپ كىيىمىمنى ئالماشتۇرۋىلىشنى ئېيتتى.كىيىملىرىمنى ئۇدۇل خوشناڭنىڭ ئۆيىگە چىقىپ كىيىپ كىرگۈچە ئەل-جامائەتمۇ بىردەمدە خېلىلا جىق كىلىپ بولغان ئىدى.يەنە بىر قېتىم باغلانغان ئاقنى ئۆز كۈزۈم كۈرۈپ تۇرىۋاتاتتى.
  ئاللاھ سەن نىمە دىگەن رەھىمسىز،مەن زادى نىمە گۇناھ  قىلغان،مەن ھىچكىمگە يامانلىق قىلمىغانغۇ، مەن نىمىشقا يەنە بىر ئەڭ يېقىن ئادىمىمدىن ئايرىلىمەن،سەن شۇنچە شەپقەتسىزمۇ؟باشقىلارمۇ كۈلۈپ ياشايدىكەنغۇ،ماڭا بىر ئۆمۈرلۈك يىغلاشنى تەقدىر قىلغانمىتىڭ.پاك تىنىمنى پەقەت ۋە پەقەت شۇنىڭغىلا ساقلاپ كىلىۋاتاتتىمغۇ،ئەمدى ياشىغىنىمنىڭ نىمە ئەھمىيىتى؟ئۆلگەن جىسمىمنىڭ تىرىك مۇردىدىن نىمە پەرقى؟شۇنداق بالدۇرلا مۇشۇنچىلىك كۆپ ئازاپلارنى ماڭا ئارقا-ئارقىدىن بىرىۋەتتىڭغۇ.مەن قانداق بەرداشلىق بىرىمەن،ئاينىڭ ئون بەشى ئايدىڭ ئون بەشى قاراڭغۇ  بۇلىتىغۇ،بۇ نىمە ئىش،مەن قانداقمۇ چىدايمەن؟.........
    مەن چوڭ ئاپامنىڭ ھاممام داۋاملىق يىغلىسا:
   _قىزىم  ھىچقىسى يوق،ئاللا ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن ئادەملىرىنىڭ كۆڭلىنى يېرىم ئۆتۈشكە بۇيرۇپتىكەنمىش،يىغلاپلا يۈرمە،بۇ دۇنيادا كۆرمىگەن خۇۋلۇقلارنى،خوشاللىقلارنى ئۇ ئالەمدە كۆرۈپمۇ قالارسەن .سەن ئاللانىڭ يېقىن بەندىسى ئوخشايسەن دەپ تەسەللى بەرگىنىنى ئاڭلىغان ئىدىم.ئاللا مەنمۇ ئۇ دۇنيادا بولسىمۇ كۈلۈپ ياشارمەنمۇ؟....
    ياشاۋاتىمەن،مەن ياشاۋاتامدىم ياكى مىنىڭ جىسمىمدىكى روھى سەن بىلەن تەڭ ئۆلگەن بىرىمۇ ئۇنىمۇ بىلمەيمەن.خەق نىمە دىيىشىۋاتىدۇ نىمە ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ،نىمە يەپ-نىمە كىيىۋاتىدۇ ئەسلا كارىم يوق.بىر كۈنلۈك پۈتۈن مەشغۇلاتىم ئەتىگىنى قوپۇپ ئىككىمىزنىڭ كۇكۇدا سۆزلەشكەن خاتىرىسىنى قايتا-قايتا،كۈرۈپ بولسام يەنە كۈرۈپ ،چۈشكەن قاچىلىۋالغان رەسىملىرىمىزگە ھاڭۋېقىپ قاراش ،ئاپاڭ  ساقلاپ قۇيۇڭ دەپ بەرگەن كىيىملىرىڭنى پۇراپ يۇم-يۇم يىغلاش ،يۈرۈكۈم ئاغرىپ پەقەت بولالمىغاندا يەنە توختاپ ھاڭۋېقىپ ئولتۇرۇش بىلەن ئۆتىۋاتاتتى.بىچارە ئاچام مىنىڭ  خامۇشچىراي روھى-ھالىتىمدىن ئەنسىرەپ بىزنىڭ ئۆيدە تۇرۇۋاتاتتى.ئۇ كىلىپ تاماق ئىتىپ تاماقنى زورلاپ قىلسا ساراڭ بوپقالغان ئادەمدەك يەنىلا كىچىككىنە يەيتتىم.مۇشۇنداق قىلىپ يۈرۈپ سىنىڭ قىرىق نەزىرىڭمۇ بولدى،مەن بارغانسىرى خامۇشلۇق كېسىلى بۇلۇپ قېلىۋاتقاندەك قىلاتتىم.مۇشۇ تەرىقىدە يەنە 3 ئاي ئۆتتى.
ئاچام مىنىڭ ھالىتىمگە تولا يىغلاپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالدى.ئاكاممۇ ئۆينى چۆرگىلەپلا كىتەلمەيتتى.مانا ئاپام-دادامدىن،سەندىن ،كىچىك ئاچامدىن ئايرىلىپ قالغان مەن ئەمدى ئاچامدىن ئايرىلىپ قالسام بولمايتتى.مەن يەنىلا بارغانسىرى غەپلەتكە پېتىپ كىتىۋاتقان ئۆزەمنى قاتتىق سىلكىۋىتىپ <توختاپ تۇر،مەن نۇرغۇن نەرسىللىرىمدىن ئايرىلىپ قالدىم،ئەمدى مىنىڭ سەۋەبىمدىن ئايرىلماسلىققا تىگىشلىك بولغانلارنى نابۇت قىلسام بولمايدۇ،ئاچامنىڭ 2 بالىسى بار ،كۈيۈمچان يولدىشى بار،ئۇ دۇنيادىكى يېقىنلىرىمنىڭ ھەممىسى مىنىڭ بۇ ھالەتتە ياشىشىمنى ھەرگىزمۇ خالىمايدۇ.ئۇلار مىنىڭ قەيسەرلىك بىلەن روھلۇق ياشىشىمنى ئۈمۈت قىلىدۇ.تېزدىن رۇسلان!>دەپ ئۆزەمگە ختاپ قىلدىم،ۋە قاتتىق ئىرادىگە كىلىپ ھاياتىمنى قايتىدىن باشلىماقچى بولدۇم......
مەن ئاساسەن يىغلاپ ئۆتكۈزىدىغان ۋاختىمنى ئۆگۈنۈشكە مېلىكىت قىلىپ پۈتۈن ئىرادەم بىلەن ئىمتاھانلارغا تەييارلىق قىلدىم.
    مانا سىنىڭ يىل نەزىرىڭمۇ بولدى،مەن بۇ ئارلىقتا ئۆيۈڭگە نەچچە قېتىم بېرىپ ئۆيۈڭدىكىلەرنى يوخلاپ تۇردۇم. ھەر بىر بارغاندا بىز ئۇزۇندىن-ئۇزۇن يىغلىشىپ كىتەتتۇق.يەنىلا مەن ئاپاڭ-داداڭغا زور مەدەتلەرنى بىرىپ  ئۆزىنى تاشلىۋەتمىسلىكىنى ئۆتىنەتتىم....
مەنمۇ بىزنىڭ ناھىيىدىكى بىر كەسپى ئورۇنغا ئىمتاھان بىرىپ ئۆتتۈم.(ئاكامنىڭ تۆھپىسىمۇ جىق ئىدى).
مەن بىر كۈنى پۇل ئالاي دەپ ئاپتۇماتىك پۇل ئېلىش ئۆيىنىڭ ئالدىدا ئۆچىرەت ساقلاپ تۇرۋاتاتتىم،بىرى ئىشىكىنى ئېچىپ شۇنداق قارا دىگەندەك قىلدى ساڭا شۇنداق ئوخشايدىغان بىرى چىقتى.مەن قاراپ ھاڭ-تاڭ قالدىم.ئۇ بالىمۇ ماڭا قاراپلا قالدى...
خىزمەت ئورنۇمدا پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن خىزمىتىمنى قىزغىن سۈيۈپ،ئىزدىنىپ يۈرۈپ بىر يىل ئىچىدىلا كۆزگە كۈرۈندۈم. ئىدارىدىكىلەر ماڭا بەك ئامراق ئىدى
   مانا سەندىن ئارىلغىلىمۇ ئىككى يىل بولغان ئىدى.ئىدارىدىكى بىر ئاچاش بىر كۈنى :
   _**** يىگىتىڭىز بارمۇ؟
   _ياق
ئۇنىڭ قەستەن بىلىپ تۇرۇپ سوراۋاتقانلىقىدىن سەل ئاچچىقىم كەلدى.
  _سىزنى بىرى بىرىگە تۇنۇشتۇرۇپ قويساق دىگەن،بىر كۆرۈشۈپ باقسىڭىز بوپتىكەن.
  مەن نىمە دىيىشىمنى بىلمەي:
  _يەنە بىر 2-3 يىل تۇرۇپ تۇرايمىكىن
  _سىڭلىم مەنمۇ بىلىمەن،لىكىن بىر ئۆمۈر يالغۇز ئۆتكىلى بولمايدۇ. ئۇ دۇنيادىكىلەرمۇ سىزنىڭ بۇنداق يۈرىشىڭىزنى ھەرگىز خالىمايدۇ،بەختىڭىزنى تاپسىڭىز چۇقۇم خوشال بۇلىدۇ،مەنمۇ پەقەت تۇنۇشتۇرۇپ قويساملا بولدى.قالغان ئىش ئۆزىڭىزگە باغلىق،ئەگەر ياختۇرمىسىڭىز  توختاپ قالسىڭىز بولىدۇ.ھەرگىز ئاغرىنىش يوق.كۆرۈشۈپ باققانغا ھىچنىمە بولمايدۇ،بىر كۆرۈشۈپ بېقىڭ دەپ بەكلا يالۋۇردى.مەنمۇ ئاچاشنىڭ كۆڭلىنى ياندۇرغىم كەلمىدى.نىمىلا دىگەن بىلەن مەندىن خېلىلا چوڭ ئادەمنىڭ گىپىنى ئىلىك ئالماسلىقنى خالىمىدىم.دىمىسىمۇ كۆرۈشكەنگە نىمە بولماقچى؟مەنمۇ قانچىلىك بىر ئادەمتىم.خەقتىمۇ ماڭا ئوخشاشلا نازۇك كۆڭۈل باردە.....
   مەن نىمىلا بولمىسۇن كۆرۈشىشنىڭ يۈزىنى قىلىپ 2 يىلدىن ياقى تۈزۈكمۇ گىرىم قىلمىغان يۈزۈمگە سۇس گىرىم قىلىپ شەنبە چۈشتە دىيىشىپ قويغان تاماقخانىغا باردىم.مەن كىرىپلا ھېلىقى كۈنى ئاپتۇماتىك پۇل ئېلىش ماشنىسىنىڭ ئالدىدا  كۆرگەن ساڭا تولىمۇ ئوخشايدىغان يىگىتنى كۆرۈپ قالدىم.
   _شۇ بولمىسۇن يەنە؟
   ئۇ بالا مىنىڭ ئالدىمغا كىلىۋاتاتتى.
  _كەلدىڭىزما؟
   مەن ھاڭ-تاڭدا نىمە دەپ جاۋاپ بەرگىنىمنىمۇ بىلمىدىم.ھەركەتلىرىم پەقەتلا قولاشمايۋاتاتتى...........
   شۇنداق قىلىپ بىزمۇ تىلفندا بولسىمۇ ئالاقىلىشىپ يۈرىۋاتقىلى 1 ئايچە بولدى.بارغانسىرى ئۇنىڭمۇمىجەزىنى ساڭا ئوخشىتىپ قېلىۋاتاتتىم ھەم بىر خىل سەن بىلەن مۇڭدىشىۋاتقاندەك ھىسىياتقا كىلىپ قېلىۋاتقىنىمغا ئۆزەممۇ ھەيران ئىدىم.بىر كۈنى نىمىشقىكىن ئۇنىڭدىن بىر سۇئالنى سورىغىم كەلدى.
   _سىز مىنى بۇرۇندىن تۇنۇمتىڭىز؟قانداق قىلىپ مەن بىلەن كۆرىشىشنى ئويلاپ قالغان ئىدىڭىز؟
   ئۇ گەپ قىلماي جىممىدە تۇراتتى.بىر ئازدىن كىيىن بالدۇرراق ئارام ئېلىشىمنى تاپىلاپ تېلفۇننى قۇيىۋەتتۇق.جاۋاپسىز قالغان سۇئالىمدىن بىر خىل كۆڭلۈم يېرىم بولدى.كېچىچە تۈزۈكمۇ ئۇيقۇم كەلمىدى.قانداق ۋاقىتتا ئۇخلاپ قالغىنىمنى ئۆزەممۇ بىلمەيتتىم.تاڭ سەھەردە ئويغۇنۇپ ئاخشام ئىتىۋەتكەن تېلفۇنۇمنى ئاچتىم،ئېچىشىمغىلا ئۇچۇر كەلگەن خەۋەر كەلدى.ئۇچۇر ئۇنىڭدىن كەلگەن ئىدى.مەزمۇنى:
    _بىر كۈرۈپ كۆيۈپ قېلىشقا ئىشىنەمسىز؟ ....
   مەن نىمىشقىكىن شۇنداق خوشال بولدۇم.روھلۇق قەدەملەر بىلەن تاھارەت ئېلىشقا ماڭدىم.نامىزىمنى ئۆتەپ بولۇپ ئاپام-دادام،سەن،ئاچام ۋە باشقا ئۇرۇق -تۇققانلىرىمنىڭ روھىغا ئاتاپ ئۇزۇندىن ئۇزۇن دۇئا قىلىپ كەتتىم.ئاخىرىدا  ئاللادىن بەختىمنى تىلىدىم.جەينامازدىن چۈشۈپ تېلفۇننى قۇلۇمغا ئېلىپ مىيىقىمدا نىمىلەرگىدۇ كۈلۈپ قويدۇم ۋە ئاددىلا قىلىپ:
  _ئىشىنىمەن.دىگەن ئۇچۇرنى قايتۇرىۋەتتىم......

تۈگىدى . مەنبە : بىر دوستۇم

ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
zvmrat + 218 تەسىرلىك،ھارمىغايسىز.
gulbaxikar + 120 بەك تەسىرلىككەن !
sazguri + 110 1.......................................

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 448   باھا خاتىرىسى

ئاپتاپ+جەڭگاھ= ھاياتى

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12462
يازما سانى: 1392
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15985
تۆھپە نۇمۇرى: 2246
توردا: 7075 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2012-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-30 06:14:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر كۆرۈپ ياخشى كۆرۈپ قىلىش ، پاخالغا ئوت كەتكەندەك بىر ئىش  ....

ئىنكاس تەھرىرلەنۋاتىدۇ ........................

ئىنكاسىمنى قەتئى نەقىل ئالماڭ ، نەقىل ئالغان ئادەم چوقۇم ئادەم ئەمەس ، چۈنكى ئەسكەرتىشنى كۆردىڭىز ئەمەسمۇ ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82570
يازما سانى: 221
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4389
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 350 سائەت
تىزىم: 2012-7-7
ئاخىرقى: 2012-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-30 07:20:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقۇپ تۈگەتكۈچە كۆز ياشلىرىمنى توختىتالمىدىم. نېمىسىنى دەي، شۇنچىلىك تەسىر قىلىدىكىن شۇ تاپتا يۈرىكىم ئاغرىۋاتىدۇ... بەك ياخشى يېزىپسىز، كىنو كۆرسەممۇ مۇشۇنچىلىك ئېنىق كۆرۈنەر ئىدى بۇ تەسۋېرلەر؟

مۇھەببەت بىلەن نەپرەت قوشكېزەك. لېكىن نەپرەت مېھر-مۇھەببەتنى پۈتۈنلەي يوق قىلىۋېىتىشكە قادىر.

ئاللاھ بەرگەن بەختكە شۈكرى!

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90
يازما سانى: 2048
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 27813
تۆھپە نۇمۇرى: 853
توردا: 7857 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-30 07:49:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمانچە تەسىرلىك ھىكايە بۇ؟ ئوقۇپ تۈگەتكۈچە سىز بىلەن تەڭ كۈلۈپ، تەڭ يىغلاپ...ھەي...ئۇلۇغ ئاللاھ ئاتا-ئانىڭىزنىڭ،سۆيگەن مۇھەببىتىڭىزنىڭ ياتقان يىرىنى جەننەت قىلغاي!
ئوقۇپ تۈگەتكۈچە نەچچە قىتىم بۇغۇزۇمغا بىرنەرسە كەپلىشىپ قالغاندەك ئىچىم بەكمۇ ئىچىشىپ كەتتى. ئەسەرنىڭ ئىچىگە چۆكۈپلا كىتىپتىمەن، بۇ تىمىنى تەستىقلىغان ۋاقتىمدىلا بىر نادىر تىما ئىكەنلىكىگە كۆزۈم يەتكەن ئىدى، ئويلىغىنىمدەكلا بولدى.

سەۋر قىلغىنىڭىزغا لايىق رەھمەتلىك مۇھەببىتىڭىزگە ئوخشاش بىر يىگىتنى تىپىپسىز،بۇ قۇرلارنى ئوقۇغۇنىمدا گەرچە بەك خۇش بولۇپ كەتمىگەن بولساممۇ،ھىچ بولمىغاندا يالغۇزلىقىڭىزغا ھەمرا تىپىلغانلىقىدىن كۆڭلۈم بەكلا سۆيۈندى.

توۋا...بۇ بىر ئەسەر-ھە؟ راستتەكلا ھىس قىلىپ كەتتىم. سىزگە ئامەت تىلەيمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەلىكە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-30 09:43 PM  


ھەر قىتىم بەختىمنىڭ ماڭا كۈلۈپ كىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمدە ھەر قتىىم ئاللاھقا شۈكرى دەيمەن!
چۈنكى ھەممە ئىش نىيەتكە باغلىق ئەمەسمۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57210
يازما سانى: 161
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3442
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2335 سائەت
تىزىم: 2011-9-20
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-30 07:55:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[img][/img]خەت نۇسخىسى غەيرىغۇ؟ ئوقۇيالمىدىم؛

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63958
يازما سانى: 51
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4848
تۆھپە نۇمۇرى: 289
توردا: 56 سائەت
تىزىم: 2011-11-7
ئاخىرقى: 2012-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-30 07:57:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياقتۇرغان ئەزىزلەرگە رەھمەت . ئوقۇمىغان مۇنبەرداشلارنىڭ ئازىراق ۋاقتىنى چىقىرىپ تولۇق بىر ئوقۇپ چىقىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن . ( ھەقىقەتەن تەسىرلىك ھەم ئەمەلىيەتچانلىقى كۈچلۈك)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82963
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4096
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 85 سائەت
تىزىم: 2012-7-25
ئاخىرقى: 2012-9-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-30 08:09:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەجەپ ياخشى يىزىلغان ئەسەر ئىكەن. 2 سائەتكە يىقىن ۋاقىت ئىچىدە توختىماي ئوقۇۋىتىپتىمەن. بەك ياخشى يىزىپسىز، خۇددى مەنمۇ مۇشۇ ھىكايىدىكى پىرسوناژدەك، كۆز ئالدىمدىكى ئىشلارنى كۆرۈۋاتقاندەك بولۇپ بىر نەچچە قىتىم كۆزۈمگە ياش كەپكەتتى. رەخمەت مۇشۇنداق ئىسىل ئەسەرنى سوۋغا قىلغىنىڭىزغا.

ئۇلۇغ اللاھتىن ك

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 5771
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى : 44123
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 2389 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-30 08:52:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆتكەندە مەلۇم بىر مۇنبەردە كۆرۈپ ،ئوقۇپ بەك تەسىرلەنگەن ئىدىم،ۋەقەلىكى شۇنداق ئەمەلىيەتچىل،تەسىرلىك چىقىپتۇ...

مەيلى ئادەم بار چاغدا بولسۇن ياكى يالغۇز قالغان  ۋاقىتتا بولسۇن،ئازىراقمۇ يامان ئىش قىلما،ئۆز ئىززىتىنى بىلىش ھەممىدىن مۇھىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73612
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3208
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 68 سائەت
تىزىم: 2012-1-21
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-30 09:00:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنكاسلارغا قارىغاندا بىر ئوقۇمىسام بولماپتۇ،ئىپتاردىن كېيىن ئوقاي ھە

قوياش كۆتۈرۈلدى...

كۆزلىرىمدە ياش!!!!!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49
يازما سانى: 1028
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6369
تۆھپە نۇمۇرى: 697
توردا: 6391 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-30 09:13:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك تەسرلىك ئىكەن...بىر كۆرۈپ كۆيۈپ قېلىش.............................

مۇشت ئاتمىغان ئادەمنى كىم ئاجىز دەيدۇ؟بەلكىم ئۇنىڭ قوينىدا خەنجەر بولىشى مۈمكىن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش