مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2210|ئىنكاس: 23

سىز يەنە مۇسۇلمان بولامسىز؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

سەمىمى بولۇڭ!!!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25217
يازما سانى: 218
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5578
تۆھپە نۇمۇرى: 201
توردا: 175 سائەت
تىزىم: 2011-1-6
ئاخىرقى: 2012-8-2
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بىسمىللارھىر رەھمانىر رەھىم

قېرىنداشلار!

ھازىر بىز مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئىبادەت مەۋسۇمى ھېسابلىنىدىغان رامزان ئېيى باشلىنىپ، دىنى بايراملىرىمىزنىڭ بىرى بولغان روزا ھېيتمۇ باشلىناي دەپ قالدى. مەن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بەزى مۇھىم نۇقتىلارغا دىققىتىڭلارنى جەلپ قىلىشنى ئۇيغۇن كۆردۈم.

ئاللاھ تەئالا رامزان ئېيىدا روزا تۇتۇشنى پەرز قىلغان ئايەتتە يەنى بەقەرە سۈرىسىنىڭ 183- ئايىتىدە مۇنداق دەيدۇ:
«ئى مۇئمىنلار! سىلەرگە روزا پەرز قىلىندى، بۇ سىلەردىن بۇرۇنقى ئۈممەتلەرگىمۇ پەرز قىلىنغان. روزا تۇتۇپ تەقۋادار بولغايسىلەر!».

دېمەك، روزا تۇتۇشتىن مەقسەت، بىر ئاي بويىچە نەپسىمىزگە ۋە شەيتانغا قارشى كۈرەش قىلىپ ئۆزىمىزگە تەقۋادارلىق سۈپىتىنى ئۆزلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت.
بىر ئاي رامزان ئىچىدە روزا تۇتۇپ رامزان چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئەمەل ئىبادەتنى تاشلاش يەنى روزا تۇتۇپ تەقۋادار بولالماسلىق، تۇتقان روزىنىڭ پايدىسى بولمىغانلىقنىڭ ئالامىتىدۇر.
بىر ئاي روزا تۇتۇپ بولغاندىن كېيىن ھېيت قىلىشىمىزمۇ، ياخشى ئىرادىنىڭ ھاۋايى – ھەۋەس ئۈستىدىن غالىپ كەلگەنلىكى ۋە شەيتاننىڭ يېڭىلىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈندۇر.  
شۇڭا بۇ روزا ھېيت بىز مۇسۇلمانلارنىڭ دىنى بايرىمىمىزدۇر يەنى ئىسلامنىڭ بەش ئەركانىنىڭ بىرى بولغان روزا ئىبادىتىنى ئادا قىلىش ئارقىلىق نەپسىمىزنى ۋە شەيتاننى يېڭىۋەتكەنلىكىمىز ئۈچۈن ئېلىپ بارىدىغان بىر بايرىمىزدۇر.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «روزا تۇتقۇچىغا ئىككى خۇشاللىق بولىدۇ؛ بىرى ئېغىز ئاچقاندا، يەنە بىرى پەرۋەردىگارىغا مۇلاقات بولغاندا»- (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان) دېگەن ھەدىسىدىكى بىرىنچى خۇشاللىقمۇ بۇنى كۆرسىتىدۇ، يەنى روزا تۇتقۇچى بىر ئايلىق روزا ئىبادىتىنى تۈگىتىپ يوقارقى ئىككى دۈشمەن ئۈستىدىن غالىپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن خوشال بولۇپ بايرام قىلىدۇ.
قېرىنداشلار!

بىر ئاي داۋامىدا بىز يەڭگەن ئىككى دۈشمەننى يەنى نەپسىمىز بىلەن شەيتاننى رامزان چىقىپ كەتكەندىن كېيىنمۇ يېڭىشكە داۋام قىلايلى. رامزان ئېيىدا ئۆزىمىزگە ئۆزلەشتۈرگەن تەقۋالىقىمىز ئەينەن داۋام قىلسۇن. رەھمەت ۋە مەغپىرەت ئېيى چىقىپ كەتكەن بىلەن رەھمەت ۋە مەغپىرەتنىڭ تۈگەپ قالغىنى يوق. ئاللاھنىڭ رەھمىتى چەكسىز، مەغپىرىتى كۆپتۇر. لىكىن شۇنى ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەككى: )!
«ئاللاھنىڭ رەھمىتى ياخشىلىق قىلغۇچىلارغا يېقىندۇر»- (ئەئراف7/56)

«پەرۋەردىگارىدىن كۆرمەي تۇرۇپ قورققانلار مەغپىرەتكە ۋە كاتتا ساۋاپقا ئېرىشىدۇ»- (مۈلك 67/12).  
قېرىنداشلار!


بىز ئىنسانلار ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە مەغپىرىتىدىن ئايرىلىپ بىر لەھزىمۇ ياشىيالمايمىز. بۇنى پەرق ئېتىپ شۇ رەھمەتنىڭ شۈكرانىسىنى ئادا قىلغان ۋەشۇ مەغپىرەتنى ئىزدىگەنلەر مۇسۇلمان ھېسابلىنىدۇ؛ ئەكسىچە بۇنى پەرق ئەتمەستىن ياشىغانلار يەنى ئاللاھنىڭ رەھمىتىنىڭ شۇكرانىسىنى ئادا قىلمىغان ۋە ئاللاھنىڭ مەغپىرىتىنى ئىزدىمىگەنلەر غەيرىيمۇسۇلمان ھېسابلىنىدۇ.
ئەلھەمدۇ لىللاھ بىز بۇ ئىككى تۈرلۈك ئىنساننىڭ بىرىنچىسىدۇرمىز، لېكىن دىققەت قىلمىساق ئىككىنچى خىلدىكى ئىنساننىڭ قاتارىدىن بولۇپ قېلىشىمىز ئېھتىمالدىن يېراق ئەمەس. چۈنكى بىزنىڭ «مۇسۇلمان» دېگەن ئىسمىمىز، ئاتا – ئانىمىز قويغان «پالانى ئاخۇن، پۇستانى خان» دېگەن ئىسمىمىزغا ئوخشىمايدۇ.

شۇڭا بىز ئاغزىمىزدىن چىققان ھەر سۆزنىڭ ۋە بىزدىن سادىر بولغان ھەر بىر ئىش – ھەرىكەتنىڭ ھېسابىنىڭ بىزدىن ئېلىنىدىغانلىقىنى ئېسىمىزدىن چىقىرۋەتمەسلىكىمىز لازىم. «مۇسۇلمان» لىقنىڭ تەقەززاسى دەل بۇنىڭدىن ئىبارەت. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«قىيامەت كۈنى ئىنسان قىلمىشىنى ئەسلەيدۇ. قارىغۇچىلارغا جەھەننەم ئوچۇق كۆرسىتىلىدۇ. ھەددىدىن ئاشقان ۋە دۇنيا ھاياتىنى ئارتۇق كۆرگەنلەرنىڭ جايى چۇقۇم جەھەننەم بولىدۇ. پەرۋەردىگارىنىڭ ھۇزۇرىدا تۇرۇپ ھېساب بېرىشتىن قورققان ۋە نەپسىنى ھاۋايى – ھەۋەستىن توسقانلارنىڭ جايى چۇقۇم جەننەت بولىدۇ»- (نازىئات 79/35-41).
ئاللاھ ھەممىمىزنى تەقۋالىقتىن ئايرىمىسۇن! )
مەنبە :رامزانلىق توپلام

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
musilina + 100 ماختاشقا تېگىشلىك
aptap104 + 77 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 177   باھا خاتىرىسى

ئى مۇسلىمە قېرىندىشىم ئۇنۇتماڭ، سىز قەدىرلىك ئىنسانسىز، بىر نەچچە كۈنلىكلا قەدىرىڭىزنى قىلىش سىزنى ئالداپ كەتمىسۇن. قاراڭكى ئىسلام بىلەن سىز مەڭگۈ ھۆرمەتلىكسىز !!ھىكمەت مۇئمىننىڭ يۈتۈرۈپ قويغان نەرسىسى مۇئمىن ئۇنى نەدىن تاپسا ئۇنىڭغا ھەقلىق!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82545
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 278
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2012-7-6
ئاخىرقى: 2012-8-3
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم بەكمۇ ياخشى تىما ئىكەن

ھەقىقەتەنمۇ ئاللاھ رامىزان ئايلىرىدا ئادەمگە باشقىچە كۈچ قۇۋۋوت ئاتا قىلىدىكەن
رامىزان تۇغۇرلۇق يازىدىغان تىمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   شاتۇتى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-30 05:40 PM  


تاڭ ساباسى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3506
يازما سانى: 388
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8569
تۆھپە نۇمۇرى: 362
توردا: 2769 سائەت
تىزىم: 2010-7-7
ئاخىرقى: 2012-8-2
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم ، ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز ، ئاللاھ ئەجىرىڭىزنى بەرسۇن.
بارلىق موئمىن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ بىر ئايلا ئەمەس ، تاكى نەپسى توختىغىچە تائەت ئىبادەتلەرنى ۋاختىدا تەردىل - ئەركان بىلەن قىلىشىنى ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئىرشىپ جەننەتتىن ئورۇن ئېلىشىنى ئولۇغ ئاللاھتىن تېلەيمەن .«ئامىن»

ھايات شامى ئۆچىدۇ تۇرمايدۇ يىنىق ،
كەلدىڭمۇ دۇنياغا كەتمىگىڭ ئىنىق .
شۇ كىلىپ كىتىشنىڭ ئۆزى بىر سۇئال ،
تەييار بول سۇئالغا پۇتكىچە تىنىق .

*گۇناھنىڭ كىچىكلىكىگە قارىمىغىن ،لكىن ئۆزۈڭ ئاسىيلىق قىلىۋاتقان زاتنىڭ كاتتىلىقىغا قارىغىن!

سەن بۇ دۇنياغا نىمە ئۈچۈن كەلد

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31520
يازما سانى: 1083
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2141
تۆھپە نۇمۇرى: 114
توردا: 259 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2012-8-2
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق ياىشى تىمىلار رامىزان ئېيى چىقىپ كەتكەندىن كىيىنمۇ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىنى ئۈمۈت قىلىمەن.

كىمىكى زەررچلىك ياخشلىق قىلدىكەن  ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزى كۆرىدۇ !كىمىكى زەررچىلىك يامانلىق قىلدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى ئۆزى تارتىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80968
يازما سانى: 694
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1265
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 206 سائەت
تىزىم: 2012-6-2
ئاخىرقى: 2012-8-3
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق ئۇلۇغ ئايلاردا ئىسىل تىمىڭىزنى ھوزۇرىمىزغا سۇنغىنىڭىزغا رەخمەت.

ئەتىكى ئازاپنىڭ سەۋەپچىسى بولغان بۈگۈنكى خۇشاللىقنىڭ نىمە كىرىكى

بىر يۈز يىگىرمە

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22875
يازما سانى: 489
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4270
تۆھپە نۇمۇرى: 250
توردا: 1992 سائەت
تىزىم: 2010-12-19
ئاخىرقى: 2012-8-3
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
اللەھ    نىڭ رەھمىتى بولسۇن .

دىللار ئاللاھ نى ياد ئېتىش بىلەن ئارام تاپىدۇ .

رامىزان مۇبارەك !!!

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82799
يازما سانى: 157
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 364
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 22 سائەت
تىزىم: 2012-7-21
ئاخىرقى: 2012-8-2
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجرىڭىزگە رەھمەت ، ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن !!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82832
يازما سانى: 119
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 149
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 29 سائەت
تىزىم: 2012-7-22
ئاخىرقى: 2012-8-2
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم بۇتىما بەك ئەھمىيەتلىك تىمىكەن  توغرادەيسىز قېرىندىشىم مەن سىزنىڭ  پىكىرىڭىز نى قوللايمەن

تۇگىمەيدىغان ئىش يوق قونمايدىغان قۇش يوق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82250
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 125
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 48 سائەت
تىزىم: 2012-6-28
ئاخىرقى: 2012-8-3
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنكاس تەھرىرلىنىۋاتىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81879
يازما سانى: 64
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 154
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 24 سائەت
تىزىم: 2012-6-20
ئاخىرقى: 2012-8-2
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رامزاندا ئاللاھ ئىمانىمىزنى كامىل قىلغاي.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش