دادام ،ئاناملارنىڭ تۇپراق بېشىدىن قايتىپ كەلدىم،يول بويى كۆز ياشلىرىم يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۆكۈلۈپ تۇردى،ئۆيگە كېلىپ بالىلىرىمنىڭ بوينۇمغا ئېسىلىپ تۇرۇپ ‹‹ئانا،ئايىمىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن››دېگەن ھېيتلىق سالىمىغا ‹‹بىرگە بولسۇن ››دېيەلىدىم سۇسقىنا،يولدۇشۇممۇ كەيپىياتىمنى چۈشەنگەچكە ئارتۇق گەپ قىلماي،بالىلارغا ھېيتلىق پۇل بەرگەچ‹‹ئايىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن بالىلىرىم ››دېدى.ئىتتىكلا ياتاق ئۆيگە كىرىپ كەتتىم.
كۆزلىرىمدىن ئىختىيارىمغا بويسۇنمىغان ھالدا تاراملاپ ياشلار تۆكۈلدى.
‹‹ئايىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن دادا، ئانا››‹‹بىرگە بولسۇن قىزىم،سىزنىڭمۇ ئايىمىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن››‹‹چوڭ دادا،چوڭ ئانا ،ئايىمىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن››‹‹بىرگە بولسۇن بالىلىرىم››....دېگەن جاراڭلىق،خۇشال ئاۋازلار قۇلۇقۇمغا ئاڭلانغاندەك بولدى،ئىتتىك بېشىمنى كۆتۈردۈم،بىراق سەزگۈم مېنى ئالدىغان ئىدى،ھەر ھېيت كەلگەندە ئايىمىمنى تەبرىكلەيدىغان،قوي سويۇپ،گۆشلەرنى پىشۇرۇپ،ئالدىمىغا قويىدىغان،بىزگە خۇشاللىق بەخش ئېتىدىغان دادام،ئاناملار بىزدىن ئايرىلغان،يۈرىكىمىزگە ئۆچمەس داغ –ئەلەملەرنى سېلىپ، قارا تۇپراق ئاستىغا كىرىپ كەتكەن ئىدى.
دادام،ئاناملارنىڭ رامكىغا ئېلىنغان سۆرىتىگە قاراپ،يەنە ئۆزەمنى تۇتالماي قالدىم،‹‹بىزنى تاشلاپ كەتتىڭلارغۇ!بىزنى ھەسرەتلەرگە قويۇپ كەتتىڭلارغۇ دادا،ئانا!يۆلەنچۈكىمىز،تېغىمىز ئىدىڭىز دادا،يايرايدىغان بېغىمىز ئىدىڭىز ئانا ! ››
‹‹ھەر ھېيتتا ھەممىمىزنى بىر ئۆيگە جەم قىلىپ ،ئاتا –ئانىلىق مېھرى –مۇھاببىتىڭلارنى يەتكۈزەتتىڭلار دادا،ئانا ،ئەمدى سىىلەردىن ئايلىرىپ يېتىم بولدۇق،قانىتى سۇنغان بىچارە قۇشقا ئايلاندۇق،كىم بىزنى چوڭ ئۆيگە جەم قىلىدۇ؟كىم سىلەردەك ئايىمىمىزنى تەبرىكلەيدۇ؟››ئىچ –ئىچىمدىن بوغۇلۇپ تۇرۇپ ئۈنسىز نىدا قىلدىم.
بىر ھازا يىغلاپ ئىچىمنى بوشىتىۋالغاندىن كېيىن سۆرەتكە يەنە قارىدىم،دادام ،ئانامنىڭ سۆرەتتىكى كۈلۈپ تۇرغان چىرايى ماڭا
تەسەللىي بېرىۋاتقاندەك قىلاتتى.
گەرچە ئىككى بالىغا ئانا بولغان بولساممۇ،ئازىراق ئاغرىپ بولغۇچە دادام –ئاناملارنىڭ ئەتراپىمدا پەرۋانە بولۇشلىرى،دوختۇرخانىغا ئاپارماقچى بولۇشلىرى،مېنى بېقىپ جاپا تارتقىنى ئاز كەلگەندەك، ئىككى بالامنى بېقىپ قاتارغا قوشۇپ بېرىش جەريانىدا تارتقان مۇشەققەتلىرى،بارلىقىنى بىز ئۈچۈن ئاتاپ،بىر ئۆمۈر جاپا ئىچىدە ئۆتۈپ،ئەمدى قانات –قۇيرۇقلىرىمىز تەڭشەلگەن بىزنىڭ راھىتىمىزنى كۆرەي دېگەندە ،بىزنى تاشلاپ كېتىشلىرىنى ...چوڭقۇر قايغۇ ئىچىدە ئەسلەپ چىقتىم.
ئۆزۈمگە ‹‹مەن دادام،ئاناملارغا يۈز كەلگۈدەك ئىشلارنى قىلالىدىممۇ؟ئۇلارغا پەرزەنتلىك بۇرچۇمنى ئادا قىلالىدىممۇ؟ئۇلارنى رازى قىلالىدىممۇ؟››دېگەنلەرنى ئويلۇدۇم،ئويلاپ باقسام، ھېيت –بايراملاردا دادام ،ئاناملارغا ئېلىپ بەرگەن كىيىملىرىم.ئاغرىپ قالغانلاردا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ كېسىلىنى كۆرسىتىشلىرىم،ھەپتىدە بىر بېرىپ ئۆيلەرنى تازىلاپ،كىر –قاتلىرىنى يۇيۇپ بېرىشلىرىمنى...چوڭ ۋاپادارلىق يەتكۈزۈش،پەرزەنتلىك بۇرچۇمنى ئادا قىلىش دەپ ھېساپلاپتىمەن،ئۇلارنىڭ بىز ئۈچۈن قانچىلىك ھەرەجلەرنى تارتقانلىقىنى تازا چوڭقۇر ھېس قىلالماپتىمەن،بۇ جاپالارنى تارتىشى ئۇلارنىڭ بۇرچى دەپ ئويلىغاندىمەن بەلكىم،خىزمەت ئالدىراشلىمنى باھانىداپ،ئۇلار بىلەن مۇڭدۇشۇپ ئىچكى سۆزلىرىنى تىڭشاشقا،ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئۆتمۈشلىرىنى سۆزلەپ بېرىشلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاشقا سەل قاراپتىمەن...
نۇرغۇن –نۇرغۇن ئىشلاردا سەل قاراپتىمەن،ئەمدى ئەقلىمنى تېپىپ،بۇ ئىشلارنى قىلىپ بېرەي دېگەندە ئۇلار يوق،چوڭقۇر ئۆكۈنۈش ئىچ –ئىچىمنى تىلغىماقتا.
‹‹دادا،ئانا ،سىلەر يوق ،بۇ ھېيتنى قانداقمۇ ئۆتكۈزەرمەن؟ كىملەرنىڭ ئاتا –ئانىسىغا تەلمۈرەمەن؟....››دېگەن ھەسرەتلىك ئويلار خىياللىرىمنى چۇلغىدى.
‹‹ئاچام تېلىفون قىپتۇ،بالىلارنى ئېلىپ بىزنىڭ ئۆيگە ھېيتلاپ كېلىڭلار دەيدۇ››دېدى يولدۇشۇم قېشىمغا كىرىپ،راست ،ئاچامنى ئەجەب ئېسىمگە كەلتۈرمەپتىمىنا؟ئاچام،ئىنىم،سىڭىللىرىمچۇ؟ بۈگۈن خاسىيەتلىك ھېيت كۈنى گەرچە دادام،ئاناملار بولمىسىمۇ ،ئۇرۇق –تۇققانلىرىم بارغۇ؟
ئۆزەمنى بەزلەپ ،كىيىملىرىمنى ئالماشتۇرۇپ ،يولدۇشۇم بىلەن بالىلارنى ئېلىپ ئاچامنىڭ ئۆيىگە ماڭدۇق،ئىنى –سىڭىللىرىم ئاللىقاچان كېلىپ بولغان ئىكەن،بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى جەم بولۇپ ،ئاچامنىڭ ئۆيىدە ھېيت ئۆتكۈزدۇق،بالىلىرىمىزنىڭ خۇشال قىقاس –چۇقانلىرى ئۆينى بىر ئالغان ئىدى،ھەممىمىزنىڭ چېھرىدە ئۇھسىنىش ئىچىدىكى خۇشاللىق جىلۋىسى ئەكس ئېتەتتى.
‹‹دادا،ئانا ،بىزدىن خاتىرجەم بولۇڭلار ،بىز بۈگۈن بىر ئائىلىگە جەم بولۇپ،سىلەر باردىكىدەك،ئايەم شادلىقىغا چۆمدۇق،بىز بىر قورساق قېرىنداشلار بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ،بىر –بىرىمىزگە قېرىنداشلىق مېھرى –مۇھاببىتىمىزنى يەتكۈزىمىز، دادا،ئانا ،مەن يالغۇز ئەمەس! ياراتقۇچى ئىگەم اللاھ ماڭا يول كۆرسەتكۈچى! سىلەرنىڭ روھىڭلار ماڭا مەدەتكار ! يولدۇشۇم،پەرزەنتلىرىم ،قېرىنداشلىرىم ماڭا يار- يۆلەك!!مېنىڭ ۋاپادار قېرىنداشلىرىم بار،سىلەرنى سېغىنىپ كۆز يېشى قىلغان مەن يالغۇس ئەمەس!يالغۇز ئەمەس سىلەرنى سېغىنىپ يىغلىغان يۈرەك !››دەپ ئۈنسىز نىدا قىلدىم ئاستاغىنە قېرىنداشلىرىمنىڭ كۈلكە يېغىپ تۇرغان چېھرىگە قاراپ.....!
مەنبە : ئۆز قەلىمىم
ئەسكەرتىش: مۇشۇ ئىككى ھەپتە جەريانىدا بىرنەچچە نامازغا بېرىپ كەلدىم،كۆڭلۈم بەكمۇ بەسەرەمجان بولۇپ كەتتى،ھەممىمىز ئۆلۈمنىڭ بەندىلىرى،بۇ دۇنيالىقنىلا ئەمەس،ئۇ دۇنيالىقنمۇ ئويلايلى.....