|
|
|
|
بۈركۈت تاغقا خۇمار، كاككۇك باغقا خۇمار، پىرىخون داپقا خۇمار، قاغا تاپقا خۇمار، پاقا كۆلگە خۇمار، تورغاي چۆلگە خۇمار، بۇلبۇل گۈلگە خۇمار، كاززاپ گۆلگە خۇمار، موللام تۆرگە خۇمار، ئۆلۈك گۆرگە خۇمار، لاپچى پوغا خۇمار، ماختانچاق خوغا خۇمار، قۇشقاچ قۇرتقا خۇمار، يىگىت بۇرتقا خۇمار، داخان دۇرتقا خۇمار، قاش ئوسمىغا خۇمار، باش پوسمىغا خۇمار، مىشچان ياشقا خۇمار، تاز چاچقا خۇمار، سېمىز ئورۇققا خۇمار، ئۇرۇق قۇيرۇققا خۇمار، كەمبىغەل چۇرۇققا خۇمار، ئەما يۇرۇققا خۇمار، قۇماندان بۇيرۇققا خۇمار، كىسەل دۇرىغا خۇمار، چامغۇر ئورىغا خۇمار، كەپە بورىغا خۇمار، ئاشىق كۆيۈشكە خۇمار، مۇھەببەت سۆيۈشكە خۇمار، ئات تاقىغا خۇمار، بىشەم خوتۇن ياقىغا خۇمار. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-30 05:11 PM
|
|
|
|
|
|