مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسى
مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسى(رۇسچە:Содружество Независимых Государств) بولسا سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن بىر قىسىم ئەسلىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلىرى بىرلىشىپ قۇرغان دۆلەتلەر ئىتتىپاقى بولۇپ بىر رايون خاراكتېرلىك،سىياسىي خاراكتېرلىك ھۆكۈمەتلەر ئارا خەلقئارالىق تەشكىلات،باش شىتابى بېلارۇسسىيەنىڭ باشكەنتى مىنىسكى شەھرىگە جايلاشقان.
مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسى1991 -يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندا ئەسلىدىكى ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلەردىن رۇسسىيە،بېلارۇسسىيە،ئۇكرائىنالار 1991-يىل 8-دېكابىر بېلارۇسسىيەنىڭ مىنىسىكى شەھرىدە كېلىشىم ئىمزالاپ قۇرۇلغان.
1991-يىل 22-دېكابىرغىچە 11 ئەسىلىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقداش جۇمھۇريىتى مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىگە ئەزا بولۇپ كىردى.ئۇلارئەزەربەيجان،ئەرمېنىيە،بېلارۇسسىيە،قازاقىستان،قىرغىزىستان،مولدوۋا، رۇسسىيە،تاجىكىستان،تۈركمەنىستان،ئۆزبېكىستان ۋە ئۇكرائىنالاردىن ئىبارەت.تۈركمەنىستان 2005-يىل 26-ئاۋغۇستتىكى قازان يىغىنىدا مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى جاكارلىغان.گرۇزىيە 1993-يىل دېكابىردا بۇ تەشكىلاتقا كىرگەن بولسىمۇ،بىراق 2008-يىل ئاۋغۇستتا چېكىنىپ چىققانلىقىنى جاكارلىدى.بارلىق سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلىرى ئىچىدە پەقەت بالتىق دېڭىزى دۆلەتلىرىدىن لىتۋانىيە،لاتۋىيەۋەئېستونىيەلەرلا بۇ تەشكىلاتقا ئەزا بولۇشنى باشتىن-ئاخىر رەت قىلىپ كەلدى.بۇ تەشكىلاتنىڭ ھازىرقى باش كاتىبى رۇسسىيەلىك سېرگېي لېبېدېۋ.
1992-يىل ئىسپانىيەنىڭ بارسېلونادا ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك مۇسابىقىسىدا مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىنىڭ 11 قۇرغۇچى دۆلىتى بىرلەشمە كوماندا قۇرۇپ تۇنجى قېتىم مۇستەقىل بىرلەشمىسىنىڭ نامىدا مۇسابىقىگە قاتناشتى، شۇ يىلى مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىغا ئەزا ھەرقايسى دۆلەتلەر باشقا خەلقئارالىق تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىگە قاتناشقاندا يەنىلا بىرلەشمە كوماندا قۇرۇپ مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىنىڭ نامىدا قاتناشقانىدى.
2011-يىل مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىىسىگە ئەزا دۆلەتلەر سانكت پېتېربۇرگدا كېلىشىم ئىمزالاپ ئەركىن سودا رايونى قۇردى.
ھازىر مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىنىڭ 9 ئەزا دۆلىتى ۋە 1 قاتناشقۇچى دۆلىتى بولۇپ ئۇلار تۆۋەندىكىدەك:
ئەزا دۆلەتلەر:
رۇسسىيە بېلارۇسسىيە ئەرمېنىيە قازاقىستان قىرغىزىستان ئۆزبېكىستان تاجىكىستان مولدوۋا ئەزەربەيجان
قاتناشقۇچى دۆلەت:
ئۇكرائىنا
مەنبە:ۋىكىپىدىيە تەرجىمىدە:بىلگە بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Bilge تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-30 02:11 PM
|