ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەركاتۇھ!
بۈگۈن رامزان توغۇرلۇق يىڭى سۇرالغان سۇئاللارغا جاۋاپ بەرگەن پەتىۋۋالارنى كۈرۈپ باقاي دەپ سەئۇدىيدا قۇرۇلغان بىر پەتىۋا بىرىش تور بېتىگە كىردىم.
ئۇنىڭدا ئالىمنى يىغلاتقان سۇئال دەپ ماۋزۇ قۇيۇلغان بىر تىمىنى كۆردۇم. ۋە ئالىمنى يىغلاتقان بۇ سۇئالنىڭ قانداقلىقىنى بىلىش ئۈچۈن شۇ ماۋزۇنى چىكىپ ئاچتىم.
مەن كۆڭلۇمدە بۇ بىرەر قىيىن سۇئال بولسا كىرەك دىگەنلەرنى ئويلاپ تىمىغا قىزىقسىنىپ قارىدىم.
تىمىدا مۇنداق يېزىلغانىكەن.
«مەن كۈندىلىك ئادىتىم بۇيىچە يوللانغان پەتىۋالارغا جاۋاپ بىرىش ئۈچۈن قۇيۇلغان سۇئاللارغا لايىقىدا جاۋاپ بىرىپ كىلىپ بىر سۇئالغا كەلگەندە ئۇنى ئوقۇپ ئاخىرغا چىقىشقا كۈزۈمدىن تۇكۇلگەن ياشلار تۇسۋالدى.
بۇ سۇئال سۇمالىدىن كەلگەن بۇلۇپ سۇئالدا مۇنداق دىيىلگەنىدى«ھۆرمەتلىك ئۇستاز. مەن سۇمالىدىن بۇلىمەن. مەن ۋە مىنىڭ ئائىلەمدىكىلەر بەزى كۈنلىرى يەيدىغان يىمەكلىك تاپالمىغانلىق سەۋەبلىك سوھۇرلۇقسىز،ئىپتارسىز رۇزا تۇتۇشقا دۇچار بۇلىمىز.
مەن سىلىدىن سۇراپ باقسام، سوھۇرلۇق يىمەي،ئىپتار قىلماي رۇزا تۇتساق بۇلامدۇ؟..»
مەن مۇشۇ قۇرلانى ئوقۇۋېتىپ بۇرنۇم ئېچىشىپ كۈزۈمدىن ئىختيارسىز ياشلار تۇكۇلۇپ كەتتى. كۆز ئالدىمغا بىزلەردىكى يىيىشكە نەۋەت تەگمەيدىغان ھەر خىل مىزىلىك تائاملار كەپكەتتى.
سۇمالىدىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئاچارچىلىققا قالغانلىقىنى پۇتۇن دۇنيا بىلىدۇ. ئۇلار يەيدىغان نەرسە تاپالمىسىمۇ يەنە ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا ئەمەل قىلىپ كىلۋتىپتۇ. ئۆز دۆلىتىدىكى ھەر تۆت مىنۇتتا بىردىن ئۈلىۋاتقان ناراسىدىلەر ئۇلارنىڭ دىننىي ئىرادىسىنى قىلچە بۇشتالماپتۇ.
قېرىنداشلار: ئۇلارمۇ بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز،ئۇلارغا ياردەم بىرىش بىزنىڭ ئۇستىمىزدىكى مەجبۇرىيەت. بىز بۇ مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلالمايمىز. ئەمما ئۇلارغا دۇئا ئارقىلىق ياردىمىمىزنى يەتكۈزەلەيمىز. بىز مۇشۇ مەنۋىي ياردەم ئارقىلىق بولسىمۇ ئۇلارغا ياردەم قۇلىمىزنى سۇنايلى... ئۇلارمۇ بىزگە ئوخشاشلا ئادەم،ئۇلارمۇ ھاياتلىقنى سۇيىدۇ،خاتىرجەملىكنى سۇيىدۇ،باياشاتلىقنى سۇيىدۇ...ئەمما ئامال قانچە...بۇ ئۇلارغا كەلگەن ئاللاھنىڭ سىنىقى... بۇ سىناقنى بىزنىڭ بېشىمىزغىمۇ كەلمەيدۇ دەپ ھېچكىم كاپالەت بىرەلمەيدۇ. بۇنداق كۈن بىزگە ئەتىلا كىلىشىمۇ مۇمكىن.... بىز سۇمالىدىكى قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم بىرەلمىسەكمۇ ئەتراپىمىزدىكى شۇلارغا ئوخشاش قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم قۇلىمىزنى سۇنايلى.
ئەتراپىمىزدىكى نامرات قېرىنداشلىرىمىز سۇمالىدىكى قېرىنداشلىرىمىزدەك ئاچارچىلىقنى تارتمىسىمۇ ئۇنىڭدىن تۇۋەنراقىنى تارتىۋاتىدۇ.
بىزلەر ئۇزۇقلۇق ماددىسى يۇقرى بولغان يىمەكلەرنى ئىستىمال قىلغىنىمىز بىلەن ئۇلار ئۇنداق قىلالمايدۇ. قۇربان ھېيتتىن باشقا ۋاقىتلاردا گۆش قارىسى كۈرۈپ باقمىغان قېرىنداشلىرىمىز نۇرغۇن.
ئۇلارنى ئۇنتۇپ قالمايلى. بىز يىگەن ئۆزىمىز ياخشى كۆرگەن نەرسىلەردە نامرات قېرىنداشلىرىمىزنىڭمۇ ھەققى بار،.
بىر ھەدىستە شۇ نامرات كىشىلەر تۇپەيلى بايلارغا رىزىق بىرلىدىغانلىقى سۆزلەنگەن.
بۇلارنى ئاچلىق مۇشۇنداق قىلىپ قويغان.
قۇرساق ئاچلىقىنى بېسىش ئۈچۈن بىلىنى مەھكەم تېڭۋېتىپتۇ..
ئاھ تاماق.... بۇلارنىڭ ھەممسىنىڭ مەخسىتى بىرلا... ئۇ بولسىمۇ تويغىدەك بىر نەرسە يىيىش
ئاچلىق....بۇ بالىنىڭ ئانىسىمۇ ئاچلىقنىڭ قۇربانى بولغان ئوخشايدۇ
بۇلارغا قاراپ ئەيدىز مىكىن دەپ قالماڭ...ئاچلىقتىن مۇشۇنداق ئىسكىلىتتەك بۇپ كەتكەن..
جان چىقمىسا ئۈلۋاغىلى بومايدۇ..
ئەمدى تۇۋەندەكىلەرگە قاراپ بېقىڭ.
بۇلار نىمە دىگەن خاتىرجەم ھە؟؟!!