مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1510|ئىنكاس: 42

تاماكا چېكىش نېمىشقا چەكلىنىدۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74433
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 27
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1 سائەت
تىزىم: 2012-2-1
ئاخىرقى: 2012-8-1
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاماكا چېكىش ھارامدۇر. بۇنىڭ ئىككى تۈرلۈك دەلىلى بار؛ بىرى ئەقلىي دەلىل، يەنە بىرى نەقلىي دەلىل. ئەقلىي دەلىل: ئىسلام دىنى بەدەنگە، ئەقىلگە، مالغا، جەمئىيەتكە ۋە ئەخلاققا زىيانلىق بولغان ھەرقانداق نەرسىدىن مەنئى قىلىدۇ. تاماكا يۇقىرىدىكى بەش خىل نەرسىنىڭ ھەممىگە زىيانلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى چېكىش قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ. تۆۋەندە ئۇ زىيانلارنى بىر - بىرلەپ ئوتتۇرىغا قويىمىز: 1 -  تاماكا بەدەنگە زىيانلىق. بەدەن ئاللاھ تەئالانىڭ ئىنسانغا بەرگەن ئامانىتى بولۇپ، ئۇ ئىنساننىڭ ئۆز مۈلكى ئەمەس. ئۇنىڭدىن ئاللاھ تەئالا كۆرسەتكەن يول بويىچە پايدىلىنىپ، ئاخىرىدا ئاللاھ تەئالاغا تەسلىم قىلىش لازىم. بىر ئادەمنىڭ، ئۆزۈمنىڭ دەپ قولىنى ياكى پۇتىنى ۋە ياكى قانداقلا بىر ئەزاسىنى كېسىۋېتىش ئارقىلىق ئۆز ۋۇجۇدىغا زىيان يەتكۈزۈشى توغرا بولمىغاندەك تاماكا چېكىش ئارقىلىق ئۆز ۋۇجۇدىغا زىيان يەتكۈزىشىمۇ توغرا ئەمەس. تاماكىنىڭ بەدەنگە زىيانلىق بىر نەرسە ئىكەنلىكى مۇتەخەسسىس دوختۇرلار تەرىپىدىن ئىسپاتلىنىپ پۈتۈن دۇنياغا ئېلان قىلىندى. جۈملىدىن دۇنيا بويىچە راك كېسىلىگە مۇپتىلا بولغۇچىلارنىڭ 90 % تاماكا چەككۈچىلەردىن بولغانلىقى ئىسپاتلىنىپ، بۇ توغرىدا ماقالىلار يېزىلدى. مانا بۇ تاماكىنىڭ بەدەنگە زىيانلىق ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتى. پۈتۈن دۇنيادىكى تاماكا ئىشلەپچىقىرىش شىركەتلىرى تاماكىنىڭ قېپىغا «تاماكا ساقلىڭىزغا زىيانلق» دېگەن مەزمۇندا بىر ئاگاھلاندۇرۇش يېزىپ قويىدۇ. ئۇلار بۇنى، تاماكا چېكىپ زىيانغا ئۇچراپ، شىركەتلىرى ئۈستىدىن سوتقا ئەرز قىلغۇچىلار بولۇپ قالسا، سوت مەھكىمىسىدە بىز «تاماكا زىيانلىق» دەپ قېپىغا يازغان ئىدۇق، دەپ ئۆزلىرىنى ئاقلاش ئۈچۈن يازىدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تاماكا چەككۈچىلەر بىلەن تاماكا ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەتلەر ئوتتۇرىسىدا بۇنداق دەۋا - دەستۇرلەر بولۇپ تۇرىدۇ. خەلقئارالىق گېزىت - ژورناللاردا بۇنداق ۋەقەلەرنىڭ خەۋەرلىرى چىقىپ تۇرىدۇ.  2- تاماكا ئەقىلگە زىيانلىق. چۈنكى تاماكىنى چېكىپ باقمىغان كىشى چەكسە، ياكى چېكىپ ئادەتلەنگەن كىشى كۆپ چەكسە ياكى قاتتىق شۇرىسا ئازراق مەست قىلىدۇ. بۇ مۇ دوختۇرلار تەرىپىدىن ئىسپاتلانغان.  پەيغەمبىرىمىز ئەلەيھىسسالام: «كۆپى مەست قىلىدىغان نەرسىنىڭ ئېزىمۇ ھارام» دېگەن. (بۇ ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان) 3- تاماكا مالغا (ئىقتىسادقا) زىيانلىق. چۈنكى چېكىدىغان تاماكىنى پۇلغا ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ. تاماكا ئالغان پۇل ھېچبىر پايدا ئېلىپ كەلمەستىن قولدا قالغان پۇلنىڭ ئاز قېلىشىغا سەۋەب بولىدۇ. بۇ، ھەرقانداق كىشى ئاسانلا بىلەلەيدىغان بىر ھەقىقەت. ئۇنىڭ ئۈستىگە تاماكا چەككەن كىشى ئائىلىسىگە يىمەك - ئىچمەك ۋە كىيىم - كېچەك ئېلىشنىڭ ئورنىغا تاماكا ئېلىپ چېكىدۇ. ئەگەر ئۇ ھەر كۈن تاماكىغا سەرپ قىلىدىغان پۇلنى يىغسا، يىغىلغان پۇل بىلەن تۇرمۇشىنى راھەت - پاراغت ئىچىدە ئۆتكۈزۈشى، بالىلىرىنى ئۇبدان ئوقۇتۇپ جەمئىيەتكە پايدىلىق بىر ئادەم قىلىپ سۇنۇشى مۇمكىن. 4- تاماكا جەمىيەتكە زىيانلىق. مەسىلەن: تاماكنىڭ ئىسى ھاۋانى بۇلغايدىغان بىر زەھەر بولغاچقا تاماكا چەككەن كىشى ئايالىغا، بالىلىرىغا، ھەمراھلىرىغا، شۇنداقلا پۈتكۈل جەمئىيەتكە زىيان يەتكۈزىدۇ. دوختۇرلارنىڭ دېيىشىچە تاماكا چەككۈچىلەر بىلەن بىر ئۆيدە 4 سائەت بىللە ئولتۇرغان كىشى 10 دانە تاماكا چەككەندەك بولىدىكەن. تاماكا چېكىپ ئۆپكە، زۇكام ۋە باشقا كېسەللەرگە مۇپتىلا بولغان كىشىنىڭ كېسىلى باشقىلارغا يۇقىدۇ. بولۇپمۇ يۆتەلگەن چېغىدا شۇنداق بولىدۇ. سۇ ۋە ھاۋا ھايات ئۈچۈن ئاساسلىق ئىككى ماددە. سۇنى بۇلغىۋېتىش مەنئى قىلىنغاندەك ھاۋانى بۇلغىۋېتىشمۇ مەنئى قىلىنىدۇ. بىر كۆلنىڭ سۈيىگە بىر زەمبىل پوقنى تۆكۈش قانچىلىق يامان ئىش بولسا، تاماكا چېكىپ ھاۋانى بۇلغاشمۇ ئاز دېگەندە شۇنچىلىك يامان ئىش. بۇنى ئەقىل-  پاراسەت ئىگىلىرى بايقىيالايدۇ. 5- تاماكا ئەخلاققا زىيانلىق. چۈنكى تاماكا ھەرگىز مۇسۇلماننىڭ ئەخلاقى ئەمەس. ئەكسىچە بۇ ئەجنەبىيلەرنىڭ ئادىتىدۇر. بىر مۇسۇلماننىڭ ئەخلاقنى دىنىدىن ئۆگىنىشى لازىم. دىنى نېمىگە بۇيرۇسا، ئۇنى قىلىش، نېمىدىن چەكلىسە ئۇنىڭدىن يېنىش دىنىمىز بىزگە ئۆگەتكەن ئەخلاقتۇر. دۇنياسىغا، ئاخىرىتىگە، ئۆزىگە ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا پايدىسى بولمىغان، ھەتتا زىيىنى بولغان ئىشنى تەرك ئېتىش مۇسۇلماننىڭ ئەخلاقىدۇر. ئاللا تەئالا مۇنداق دەيدۇ: «مۆمىنلەر بىھۈدە سۆز- ھەرىكەتتىن يۈز ئۆرۈگۈچى كىشىلەردۇر» (مۇئمىنۇن سۈرىسى 23/3). تاماكا چېكىدىغان كىشى تاماكا ئېلىشقا پۇل تاپالمىغان چاغلاردا جىلە بولۇپ بىكاردىن- بىكار باشقىلارغا ئاچچىقلايدۇ. بەزىلەر بىلەن تىللىشىدۇ. بەزىلەرنى ھاقارەتلەيدۇ. بەزىدە ھېچنېمىدىن ھېچنېمە يوق كىشىلەر ئۇرۇشىدۇ. تاماكا چېكىدىغان كىشىنىڭ ئىنسانلار بىلەن بولغان مۇئامىلىسى، ئائىلىسى بىلەن بولغان مۇئامىلىسى تاماكا چەكمەيدىغان كىشىگە نىسبەتەن ناچار بولىدۇ. تاماكا چىكىدىغان كىشى بەزىدە بالىلىرىغا ئازار بېرىدۇ. ئايالىغا دەشنەم قىلىدۇ. بەزىدە ئۆزىچە چىچاڭلاپ ئايالىنى تالاق قىلىۋېتىپ ئايالىنى تۇل، بالىلىرىنى يېتىم، ئۆزىنى دىۋانە قىلىپ قويىدۇ. تاماكا چېكىدىغان كىشىنىڭ ئاغزى سېسىق، يۈزى نۇرسىز بولۇپ قالىدۇ. تاماكىنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن زىيانلىرى بار. بۇ زىيانلار تۆۋەنكىچە: ئا - ھەر كۈن تاماكا، چاقماق ياكى سەرەڭگە ئېلىشقا چىقىم بولغان پۇلنىڭ ھېسابىنى قىلىدىغان بولساق، مۇدھىش بىر رەقەم ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بۇنى ئىسلام دۇنياسى مىقياسىدا ھېسابلاپ باقايلى قېنى. ئاندىن بۇنىڭغا تاماكىنىڭ سەۋەبىدىن بولغان كېسەللەرنى داۋالاشقا كەتكەن مەبلەغنى قوشۇپ باقايلى. بۇنى تەسەۋۋۇر قىلىش ئۈچۈن ماتېماتىك بولۇش كېرەك ئەمەس. ب - تاماكا چېكىش دۇكان، ئۆي، زاۋۇت - فابرىكا، ماي ئىسكىلاتلىرى ۋە باسما زاۋۇتلىرى قاتارلىق جايلارغا ئوت كېتىشكە سەۋەب بولىدۇ. كۆيۈپ كەتكەن ئۆي، كارخانا، ئاپتومۇبىل ۋەھاكازالارنىڭ كۆيۈپ كېتىش سەۋەبلىرىنى تەكشۈرگەن چېغىمىزدا يەنە تاماكا ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئۇچقۇندىن يانغىن چىقىدۇ ئەمەسمۇ. نەقلىي دەلىل تاماكا چېكىشنىڭ ھاراملىقىغا يۇقىرىدىكى ئەقلىي دەلىللەرنى كەلتۈرگەندىن كېيىن تۆۋەندە نەقلىي دەلىللەر كەلتۈرىمىز: تاماكا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا يوق ئىدى. لېكىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن ئىسلام دىنى ۋۇجۇتقا، قوشنىغا ۋە ئىقتىسادقا زىيانلىق ھەرقانداق نەرسىنى ھارام قىلىدىغان كەڭ دائىرىلىك ھۆكۈملەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. تۆۋەندە ئۇ ھۆكۈملەرنىڭ بىر قىسمىنى بايان قىلىمىز: 1- اللە تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ پەيغەمبەر ئۇلارغا پاك نەرسىلەرنى ھالال قىلىدۇ. ناپاك نەرسىلەرنى ھارام قىلىدۇ» (ئەئراف 157- ئايەت). (تاماكا زىيانلىق، ناپاك، سېسىق نەرسىلەرنىڭ قاتارىدىندۇر). 2- اللە تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئۆزۈڭلارنى ئۆز قوللىرىڭلار بىلەن تەھلىكىگە ئاتماڭلار» بەقەرە 195- ئايەت). (تاماكا راك ۋە ئۆپكە كېسىلىگە ئوخشاش تەھلىكىلىك كېسەللەرنى كەلتۈرىدۇ. تاماكا چەككەن كىشى ئۆزىنى ئۆزى تەھلىكىگە ئاتقان بولىدۇ). 3- اللە تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئۆزۈڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار» (نىسا 29- ئايەت) (تاماكا چېكىش ئۆزىنى ئالدىرىماي ئۆلتۈرگەنلىك بولىدۇ)‹ 4- اللە تائالا مۇنداق دەيدۇ: «تۇغقانغا، يوقسۇلغا، يولدا قالغۇچىغا ھەققىنى بەرگىن. بۇزۇپ چاچمىغىن. چۈنكى بۇزۇپ چاچقۇچىلار شەيتانلارنىڭ قېرىنداشلىرىدۇر. شەيتان بولسا دائىما رەببىگە نان كوردۇر» (ئىسرا 26 - 27- ئايەتلەر ) (تاماكا چېكىش مالنى بۇزۇپ چاچقانلىقتۇر ۋە ئىسراپ قىلىشتۇر). 5- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «زىيان سېلىشقا ۋە زىيان تارتىشقا بولمايدۇ» (بۇ ھەدىسنى بەيھەقى، نەۋەۋى ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان). (تاماكا چېكىش بالا - چاقىلارغا، دوست - بۇرادەرلەرگە، قولۇم - قوشنىلارغا ۋە پۇل- ماللارغا زىيان سالغانلىقتۇر).   6 - پەيغەمبەر ئەلەھىسسالام مۇنداق دەيدۇ : «كىمكى ئاللاھغا ۋە قىيامەت كۈنىگە ئىشىنىدىغان بولسا، قوشنىسىغا ئازار بەرمىسۇن» (بۇ خارى رىۋايەت قىلغان). (تاماكا چەككەن كىشى ئۆزىنىڭ سېسىق پۇرىقى بىلەن ئايالىغا، بالىلىرىغا ۋە قوشنىلىرىغا، بولۇپمۇ پەرىشتىلەرگە ۋە ناماز ئوقۇغۇچىلارغا ئەزىيەت بېرىدۇ). 7- پەيغەمبەر ئەلەھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «بەندە قىيامەت كۈنى تۆۋەندىكى تۆت نەرسىدىن سورالمىغۇچە ئۇنىڭ ئىككى قەدىمى مىدىرلىمايدۇ: ئۆمرىڭنى نېمىدە تۈگەتتىڭ؟ ئىلمىڭ بىلەن نېمە ئىش قىلدىڭ؟ مېلىڭنى نەدىن تاپتىڭ ۋە نەگە خەجلىدىڭ؟ جىسمىڭنى نېمىدە چىرىتتىڭ؟» (تىرمىزى). (تاماكا چېكىدىغان كىشى مېلىنى تاماكىغا خەجلەپ جىسمىنى ئۇنىڭ بىلەن چىرىتىدۇ). خۇلاسە قىلىپ ئېتقاندا ئىسلام دىنى جاننى، ئەقىلنى، مالنى ۋە نومۇسنى ساقلاشقا بۇيرۇيدۇ. اللە تائالا ھەممىمىزنى، بۇلارنى ساقلاپ ئاخىرەتكە پاكىز ئىمان ۋە ياخشى ئەمەل بىلەن كەتكىلى نېسىپ قىلسۇن.
http://www.2094.com.cn/article/2094_mezmun.php?aid=93&catid=111
مەنبە:

QQ : 770148110

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80808
يازما سانى: 662
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2137
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 108 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2012-8-3
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پايدىلىق تىمىدىن بىرنى يوللاپسىز ، تەشەككۇر !

بىر كۈنى شۇنداق ۋاقىت بولىدۇ ، كۆزگە  - كۆزلەر قادىلىدۇ !

كۆرىمىز ! ھىم ~! كىمنىڭ كۆزىدىن ياشلار ئاقىدۇ !!!!


                                                                     ANSWER

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78856
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 100
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 12 سائەت
تىزىم: 2012-4-14
ئاخىرقى: 2012-7-30
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر تىجارەت خارەكتىردىكى ئامىۋى سۇرۇندا تاماكا چىكىش  چەكلىندۇ  لىكىن ھاراق  ئىچىشنى چەكلىسىڭىز  جەرىمانە تۆلەپ قالىسزغۇ بىرمۇنچە باش ئاغرىقى.  بىر مۇنچە چەكلەشلەرمۇ بارغۇ   بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كۇچار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-30 02:08 AM  


ئۇيغۇر ئازات ۋەتەن؟

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12462
يازما سانى: 1046
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12913
تۆھپە نۇمۇرى: 2156
توردا: 6849 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2012-8-3
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاماكا  بايان .....   

ئۇيغۇرسەن مىللەتتىن  تانما ،
ئوغۇزسەن كەينىڭگە يانما .
قوشقاردىگەن ھايۋان  ئۇ .
سەن ئىنسان ئۇنى دورىما .
70% ئۇيغۇر يوققا ھىساپ ، پەقەت 30 پىرسەنتى ھايات بولسىلا .

jula 0997  misranimdiki barl

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13458
يازما سانى: 411
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7173
تۆھپە نۇمۇرى: 318
توردا: 1545 سائەت
تىزىم: 2010-10-11
ئاخىرقى: 2012-8-3
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يازمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن سىزگە ۋە بارلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمغا  اللە ھىدايەت قىلسۇن !!!
منىمۇ ھەم گۇناھلاردىن پاك قىلسۇن ،تاماكا چېكىشىمدىن ساقلىسۇن !!!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jula0997 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-30 02:02 AM  


ئى ئاللاھ،بىلىپ-بىلمەي ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىمنى مەغفىرەت قىلغايسەن،ماڭا شۇنداقلا بارلىق مۇسۇلمان مۆئىمىنلەرگە ئىمان ئاتا قىلغايسەن،ئامىن!!!...

jula 0997  misranimdiki barl

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13458
يازما سانى: 411
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7173
تۆھپە نۇمۇرى: 318
توردا: 1545 سائەت
تىزىم: 2010-10-11
ئاخىرقى: 2012-8-3
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
AM
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jula0997 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-30 02:17 AM  


ئى ئاللاھ،بىلىپ-بىلمەي ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىمنى مەغفىرەت قىلغايسەن،ماڭا شۇنداقلا بارلىق مۇسۇلمان مۆئىمىنلەرگە ئىمان ئاتا قىلغايسەن،ئامىن!!!...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78856
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 100
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 12 سائەت
تىزىم: 2012-4-14
ئاخىرقى: 2012-7-30
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
jula0997 يوللىغان ۋاقتى  2012-7-30 02:04 AM
پاكەن ئەمەس ، جەرىمانە .....
كەچۈرۈڭ ،

ئۆزگەرتىۋاتتىم  رەخمەت .پەلەكنىڭ چاققى مەڭگۈ تەتۈر چۈگلەۋەرمەس.

ئۇيغۇر ئازات ۋەتەن؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 685
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 60 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2012-8-3
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يوللاپسىز، مۇشۇ تاماكا دېگەن نىجىسقا زادى يېقىن يوللىمىغان ياخشى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78756
يازما سانى: 545
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1447
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 131 سائەت
تىزىم: 2012-4-13
ئاخىرقى: 2012-8-2
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم!
بىرقىسىم قېرىنداشلىرىمىز ھازىرغىچە مەكرۇ دەۋالىدۇ ئەمەسمۇ

بىر ئاللادىن باش

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51146
يازما سانى: 431
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3491
تۆھپە نۇمۇرى: 794
توردا: 1845 سائەت
تىزىم: 2011-8-10
ئاخىرقى: 2012-8-3
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زىيانلىق دىمىسە قانچە چىكىدىكىن تاڭ بۇ ئوغۇللا

ئالدىراپ كۇلمىگىن تەڭشەپ تۇردۇ، دەت_ئەلەم كۆزۇڭنى ياشلاپ قويدۇ. ئۇنۇتما بىرگە-بىر تەڭشەلگەن جاھان، نامەرتلە سىنىمۇ ئالداپ قويىدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش