قىزچاق ساڭا دەيدىغانلىرىم بار
قىزچاق ياق سىڭلىم سېنى سىڭلىم دەپ ئاتاشنى تېخىمۇ لايىق كۆردۈم ،ئاڭلا سىڭلىم سەن شۇنچىلىك ئوماق شۇنچىلىك ئەقىللىق ھەم شۇنچىلىك ساددىدۇرسەن ،سەن ئەمدىلا بەرگىلىرى ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان بىرتال قىزىل گۈلسەن ،سەن شۇنچىلىك خۇشپۇراقسەنكى سېنى ھەممە ھەممىنىڭ پۇراپ باققۇسى ،بەرگىلىرىڭنى ئۈزۈپ باققۇسى كېلىدۇ ، ھىممىدە تۇرغان غۇنچەڭنى ، مەجبۇرى ئېچىلدۇرۇپ ئۇنىڭ خۇشبۇي ھىدىدىن تېخىمۇ ھۇزۇر ئالغۇسى كېلىدۇ .
سىنىڭ شۇ تاپ كۆزۈڭ كور،قۇلىغىڭ گاس.چۈنكى سېنىڭمۇ ھۈپپىدە ئېچىلىپ كەتكەن شۇ گۈللەرنىڭ سېپىگە قوشۇلغۇڭ كىلىپ تۇرىدۇ .ۋاقتى سائىتى كەلمىگەنلىكىنى بىلسەڭمۇ ،ھېچنىمە سېنى تۇسۇپ قالالمايۋاتىدۇ. كاشكى بالدۇر ئېچىلغان گۈلنىڭ بالدۇر تۇزۇ كېتىدىغىنىنى بىلسەڭ ئىدىڭ،كاشكى بەرگىلىرىڭنىڭ تۆكۈلۈپ كېتىدىغىنىنى بىلسەڭ ئىدىڭ،كاشكى شۇ تاتلىق ھىدلىرىڭنىڭ يوقاپ ،پۇراقسىز گۈلگە ئايلىنىپ قېلىشىڭنى بىلسەڭ ئىدىڭ ......كاشكى سىنىڭ گۈزەللىكىڭنىڭ ئەسلى نېمە ئىكەنلىكىنى بىلسەڭ ئىدىڭ؟
ئەسلى ھەممە ئادەم يوقلۇققا ئىنتىلىدۇ ،بىر يېپىقلىق كورا بىلەن ئاغىزى ئۇچۇق كورا بولسا ،ھەممىسىنىڭ ،ئېغىزى يېپىقنىڭ ئىچىدە نېمە بارلىقىنى بىلىپ باققۇسى كېلىدۇ .چۈنكى ئۇچۇق تۇرغىنىدا نېمە تېپىشماق قالدى دەيسەن ؟
سىڭلىم ئۆزۈڭنى ئايا، ساڭا ئىنتىلىپ تۇرغانلاردىن ھەزەر ئەيلە .
توغرا، گۈلنىڭ ھەممىسىنىڭلا خۇشپۇراق بۇلىشى ناتايىن خۇددى ھەممىلا خۇشپۇراق نەرسىنىڭ پەقەت گۈللە ئەمەسلىكىدەك
.
مېنىڭدىن نارازى بولغىنىڭنى بىلىپ تۇرۇپتىمەن .ئەمما بىز سەنكى مۇشۇ ياشتا بىز شۇنچىلىك ھايا ئىچىدە ئىدۇق،ئۇغۇللارغا تىكىلىپمۇ قارىيالمايتتۇق،مۇھەببەت خەتلىرىنى ئۇقۇپ قالساق خىجىللىقتا گۇناھ ئۆتكۈزگەندەك گېلىمدىن تاماقمۇ ئوتمەيتتى،ئەگەر سەن مۇشۇ ھالىتىڭدە ماڭساڭ بىزنىڭ يېشىمىزغا بارغىنىڭدا نېمە ئىشلار يۈز بىرىپ كىتەر....
تېخى بورنا كۈنى بىرسى سېنى مېنىڭ يۈرگەن قىزىم دىۋىدى.تۈنۈگۈنلا باشقا بىريىگىت بىلەن مۇ ڭ ئەسراغا چۆكۈپ كىتىپسەن ،بۈگۈن باشقا بىرسىنىڭ كەينىدىن ماڭغىنىڭنى كۆزلىرىم كۆرمىگەن بولسىچۇ كاشكى ....
سىڭلىم ئۆزۈڭنى ئايا،سەن كېلىچەكنىڭ ئانىسەن ،سەن كەلگۈسىنىڭ تەربىيىچىسىسەن ،سەن ئەۋلاتلارنىڭ ئۈلگىسىسەن ....ساڭا دەيدىغان نۇرغۇن سۆزلىرىم بار ئىدى ھېلىھەم بورنا كۈنى سەن بىلەن يۈرگەن يىگىتنىڭ غەزىۋىنى بېسىپ تۇرمىغىم ئاسانغا چۈشمىدى شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ساڭا ئارتۇقچە سۆزلىگۈم يوق. ئامان بول.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kuzum تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-30 01:38 AM