|
|
|
|
تىمىسى:
«شەپەرەڭ پالۋان3» مىكسىكىدا تۇنجى قېتىم قويۇلۇپلا ئوت ئاپىتىگە دۇچ كەلدى، 800 ئادەم جىددىي تارقاقلاشتۇرۇلدى
«شەپەرەڭ پالۋان 3» مېكسىكىدا تۇنجى قېتىم قويۇلغان كۈنى ئوت ئاپىتىگە دۇچ كەلدى
800 نەپەر تاماشىبىن جىددىي تارقاقلاشتۇرۇلدى
شۇ يەر ۋاقتى 27-چىسلا، يەنى ئېتىشىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىنكى تۇنجى ھەپتىسى، «شەپەرەڭ پالۋان 3» مىكسىكىنىڭ 2-چوڭ شەھىرى گۇئادالاخارادىكى بىر چوڭ تىپتىكى كىنوخانىدا تۇنجى قويۇلىۋاتقان چاغدا تۇيۇقسىز ئوت كەتكەن، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىنىڭ تېزلىكتە يېتىپ كېلىشى بىلەن 800 نەپەر تاماشىبىن دەرھال تارقاقلاشتۇرۇلغان، ئوت ئۆچۈرگۈچى تارماقنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا بۇ قېتىمقى ۋەقەدە يارلانغانلار يوقكەن، بىر نەپەر نەخ مەيداندىكى تاماشىبىننىڭ دېيىشىچە، ئەينى چاغدا ئوت ئاپىتى ترېۋوگىسى چېلىنغاندا تاماشىبىنلار نىمە قىلىشىنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قالغان، سەۋەبى بۇ ترېۋوگانىڭ راست ئىكەنلىكى ياكى كىنودىن چىقىۋاتقانلىقىنى بىلەلمىگەن.
ئېتىشىش ۋەقەسىدىكى جىنايەت گۇماندارى جامېس ھولمىس
ئالدىنقى جۈمە كۈنى (7-ئاينىڭ 20-كۈنى) ئامىرېكا كولورادو شىتاتىنىڭ مەركىزى دېنۋېرنىڭ ئەتراپىدىكى ئاۋرورادىكى بىر كىنوخانىدا بۇ كىنو تۇنجى قېتىم قويۇلغاندا ئېتىشىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 12 ئادەم ئۆلگەن، 58 ئادەم يارلانغان. بۇ قېتىمقى ئېتىشىشنىڭ تەسىرىدە مەزكۇرر كىنونىڭ مىكسىكىدىكى تەشۋىقات پائالىيتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان، جىنايەت گۇماندارى جامېس ھولمىس قولغا ئېلىنغان ۋە 23-چىسلا تۇنجى قېتىم سوتقا ئېلىپ چىقىلىپ ئەيىپلەشنى قوبۇل قىلغان، جامېس 30-چىسلا يەنە بىر قېتىم سوتقا ئېلىپ چىقىلىپ رەسمىي ئەيىپلىنىدۇ.
2012-يىلى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى
دەۋر ئالاقە تورى خەۋىرى؛ مەنبە: Mtime时光网
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئايچىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-29 10:42 PM
|
|
|
|
|
|