ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى
ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى(جامعة الدول العربية) قىسقارتىلىپ ئەرەب ئىتتىپاقى دېيىلدۇ.ئەرەب ئىتتىپاقى 1945-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ ئەرەب دۆلەتلىرىدىن تەركىب تاپقان رايون خاراكتېرلىك خەلقئارالىق تەشكىلات.ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى ئاسىيا ۋە ئافرىقا قىتئەلىرىگە جايلاشقان.ئاساسىي نىشانى ئەزا دۆلەتلەر ئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلكىنى بىرلىكتە قوغداش ۋە ئىقتىساد،مەدەنىيەت جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كەڭ قانات يايدۇرۇش.ئەرەب ئىتتىپاقىنىڭ ھازىر 22 ئەزا دۆلىتى بولۇپ،باش شىتابى مىسىرنىڭ باشكەنتى قاھىرەگە جايلاشقان.مىسىر بىلەن ئىسرائىليە تىنىچلىق كېلىشىمى ئىمزالىغانلىقى تۈپەيلىدىن 1979-يىلى 31-مارت ئەرەب ئەللىرى تاشقى ئىشلار ۋە ئىقتىساد مىنىستىرلىرى يىغىنىدا ئەرەب ئىتتىپاقىنىڭ باش شىتابىنى تۇنىسقا يۆتكەش قارار قىلىنغان،بىراق 1991-يىلى31-ئۆكتەبىر ئەرەب ئىتتىپاقى باش شىتابىنى يەنە قاھىرە يۆتكەپ كەلگەن.ئەرەب ئىتتىپاقنىڭ ھازىرقى باش كاتىبى مىسىرلىق نابىل ئەرەبىدۇر.
ئەرەب ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ۋە ئىتتىپاققا كىرگەن ۋاقتى:
1.مىسىر _1945-يىل22-مارت(قۇرغۇچى دۆلەت) 2.ئىراق_1945-يىل22-مارت(قۇرغۇچى دۆلەت) 3.ئىئوردانىيە_1945-يىل22-مارت(قۇرغۇچى دۆلەت) 4.لىۋان_1945-يىل22-مارت(قۇرغۇچى دۆلەت) 5.سەئۇدى ئەرەبىستان_1945-يىل22-مارت(قۇرغۇچى دۆلەت) 6.سۈرىيە_1945-يىل22-مارت(قۇرغۇچى دۆلەت،2011-يىل16-نويابىردىن باشلاپ سالاھىيتى توختىپ قويۇلغان) 7.يەمەن_1945-يىل22-مارت(قۇرغۇچى دۆلەت) 8.لىبىيە_1953-يىل28-مارت(2011-يىل23-فېبرال ئەزالىق سالاھىيتى توختىتىپ قويۇلغان،2011-يىل ئاۋغۇستنىڭ ئاخىردا ئۆتكۈنچى كوممېتېت ۋەكىلى لىبىيەنىڭ ئەزالىق سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن) 9.سۇدان_1956-يىل19-يانۋار 10.ماراكەش_1958-يىل1-ئۆكتەبىر 11.تۇنىس_1958-يىل1-ئۆكتەبىر 12.كۇۋەيت_1961-يىل20-ئىيۇل 13.ئالجىرىيە_1962-يىل16-ئاۋغۇست 14.ئەرەب بىرلەشمە ئەمىرلىكى_1972-يىل 12-ئىيۇن 15.بەھرەيىن_1971-يىل11-سېنتەبىر 16.قاتار_1971-يىل11-سېنتەبىر 17.ئومان_1971-يىل29-سېنتەبىر 18.ماۋرىتانىيە_1973-يىل23-سېنتەبىر 19.سومالىيە_1974-يىل14-فېبرال 20.پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى_1974-يىل 21.جىبۇتى_1977-يىل9-ئاپرېل 22.كومورو_1993-يىل20-نويابىر
كۆزەتكۈچى دۆلەتلەر:
1.ئېرىتىرىيە_2003-يىل يانۋار 2.ھىندىستان_2007-يىل ئاپرېل 3.برازىلىيە 4.ۋېنسۇئېلا
جۇغراپىيسى
ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئومۇمى يەر مەيدانى 14مىليون كىۋادارت كلومېتېر بولۇپ غەربى ئاسىيا،شىمالى ئافرىقا ۋە شەرقى-شىمالى ئافرىقىلارغا جايلاشقان.ھىلال ئاي مۇنبەت زېمىنى،نىل دەريا ۋادىسى،ئاتلاس تاغلىرى باغرىدىكى مۇنبەت تۇپراقلار ۋە سەھرايى كەبىر قۇملۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.بۇ جايلاردا ئىلگىرى قەدىمقى مىسىر،ئاسسۇرىيە،بابىلون،فىنىكىيە،كارفاگېن،كۇش،ناباتى قاتارلىق قەدىمقى مەدەنيىەتلەر پەيدا بولغان.
ئىقتىسادى
ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى زور مىقداردا نېفىت ۋە تەبىئىي گاز مەنبەسىگە ئىگە،سۇداننىڭ جەنۇبىدىكى مۇنبەت تۇپراق ئەرەب دۇنياسىدىكى يېمەكلىكنىڭ ئاساسلىق كېلىش مەنبەسى.ساياھەتچىلىك ۋە ئالاقە بولسا رايون ئىچىدىكى تەرەقىياتى تېز كەسىپتۇر. ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادى تەرەقىيات سەۋيىسىدە پەرق زور بولۇپ نېفىت دۆلەتلىرى مەسلەن ئەرەب بىرلەشمە ئەمىرلىكى،قاتار،كۇۋەيت قاتارلىقلار ئىنتايىن باي ،كومورو،ماۋرىتانىيە،جىبۇتى قاتارلىق دۆلەتلەردە بولسا نامراتلىق مەسلىسى ئىنتايىن ئېغىر.خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتنىڭ 2008-يىل ئاپرېلدىكى سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىچىدە سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە مىسىرنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرش ئومۇمى قىممىتى ئەڭ يۇقىرى،جىبۇتى بىلەن كومورونىڭ ئەڭ تۆۋەن بولغان.
ئەرەب ئىتتىپاقىنىڭ قاھىرەدىكى تاھىر مەيدانىغا جايلاشقان باش شىتاب بىناسى نوپۇسى
ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى 22 ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەت ۋە ئىرىقلاردىكى دۆلەتلەردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ كۆپ قىسىم ئاھالىسى ئەرەبلەردۇر.ئەڭ يېڭى مۆلچەرگە ئاساسلانغاندا ئەرەب ئىتتىپاقىنىڭ ئومۇمى نوپۇسى 350مىليوندىن ئاشىدىغان بولۇپ نوپۇسنىڭ كۆپىيىش سۈرئىتى دۇنيادىكى باشقا جايلارغا سېلىشتۇرغاندا بىر قەدەر تېز بولغان.مىسىر نوپۇسى ئەك كۆپ ئەزا دۆلەت بولۇپ نوپۇسى تەخنىمەن 79مىليون100مىڭ ،نوپۇسى ئەڭ ئاز ئەزا دۆلەت موروككو بولۇپ پەقەت 690مىڭ نوپۇسى بار .كۆپ قىسىم يەرلىرى قۇملۇق بولغانلىقى ئۈچۈن كۆپ قىسىم نوپۇس ئاساسلىقى سودا ۋە سانائەت پائالىيەتلىرى بىر قەدەر زىچ بولغان شەھەرلەرگە ۋە ئەتراپتىكى جايلارغا مەركەزلەشكەن.ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى ئەڭ چوڭ شەھەر قاھىرە،ئۇندىن قالسا باغداد،خارتوم،گىزا،دەمەشىق،رىياد،داربەيدالاردىن ئىبارەت.
مەنبەسى:ۋىكىپىدىيە تەرجىمىدە:بىلگە بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Bilge تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-29 07:33 PM
تولۇقلىما مەزمۇن (2012-7-30 12:07 PM):
بۇئىتتىپاقىدىكى نوپۇسى ئەڭ ئازدۆلەت كوموروئۈسىتىدەموروككو خاتابوپقاپتۇ
|