ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھەربىرىڭىزلارغا تىنىچ ئامانلىق نېسىپ بولغاي!
ۋاز كەچمە ئىنسان ياشاشتىن
ئەي ئىنسان پاتقان شۇ قوياشقا قارا،
پاتقىنى مەڭگۈلۈك ئەمەستۇر ئاڭا.
بىر پەسلىك زۇلمەتلىك كېچىدىن كېيىن ،
چېچىپ نۇر دىدارىن كۆرسىتەر ساڭا.
چىدىغىن ۋاقىتلىق دەھشەت ئازاپقا،
يول بەرگىن ۋىجدانسىز نامەرت ئاداشقا.
ياشىغىن ھەرگىزمۇ ۋاز كەچمە ئىنسان،
روھلىنىپ قايتىدىن باققىن ھاياتقا.
دۇنيانىڭ تىرنىقى پاتسىمۇ جانغا،
زار بولۇپ ئۆتسەڭمۇ بىر پارچە نانغا.
گۈزەل بۇ ھاياتتىن ۋاز كەچمە ئىنسان،
ھەممە دەرت ئەلەمگە چىدىغىن ياشا.
دەرت-ئەلەم تاشقىن بولۇپ تاشسىمۇ،
زۇلمەت ساڭا كەڭ قۇچاقنى ئاچسىمۇ.
ھەرگىزمۇ ۋاز كەچمە ئىنسان ياشاشتىن،
تەقدىر ساڭا سول كۆزىدە باقسىمۇ.
ھېچقاچان مەڭگۈلۈك بولمايدۇ كۈلكە،
ئاچ ھەم توق ياشايدۇ ھەتتا قۇۋ تۈلكە.
ھېچنەرسە ئەبەدىي ئەمەس دۇنيادا،
ئازاپمۇ ۋاقىتلىق ئەمەس مەڭگۈگە.
زىمىستان كەينىدىن كېلەر گۈزەل ياز،
توزىغان گۈللەرگە بىرەر قايتا ناز.
تۇرمۇشتا ئازاپ ھەم شاتلىق قوشكېزەك،
سەنمۇ ھەم يىغلاپ بوپ چالارسەن شوخ ساز.
مەنبەسى:ئۆز قەلىمىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا katran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-29 05:48 PM