مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 532|ئىنكاس: 9

ئەقىل ۋە ئەقىلنىڭ ئىلىم بىلەن ياشايدىغانلىقى توغرىسىدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 1521
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11405
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 834 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2012-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-29 02:49:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەقىل ۋە ئەقىلنىڭ ئىلىم بىلەن ياشايدىغانلىقى توغرىسىدا


ھەزرەت خوجا شەقىقى دېگەن كىشى ئۇستازلاردىن مۇنداق تۆت سۆزلۈك سۇئاللارنى سوراپتۇ:

بىرىنچى، ھەممىدىن ئاقىلراق كىشى قانداق بولىدۇ؟

جاۋاب: ئاقىل كىشى نېمە ئىشلارنىڭ گۇناھلىق ئىش بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.

ئىككىنچى، زېرەك كىشىلەر قانداق بولىدۇ؟

جاۋاب:زېرەك كىشىلەر غەزىپىنى بېسىپ ئۆزىنى تەبىئىي رەۋىشتە تۇتىدۇ. ئالدىراقسانلىق قىلمايدۇ.

ئۈچىنچى، قانداق ئادەم باي ئادەم ھېسابلىنىدۇ؟

جاۋاب:كەلگەن نېمەتكە شادلانغان، كۆكسى-قارنى كەڭ، مۇھەببەتلىك ئادەم باي ئادەم ھېسابلىنىدۇ.

تۆتىنچى، ھەممىدىن بېخىل كىشى قايسى كىشىدۇر؟

جاۋاب:ھەممىدىن بېخىل كىشى كىشىلىك سالامغا ناقابىل، تەكەببۇر كىشىدۇر.


ۋەھىب ئىبىن مۇنەببى دېگەن كىشى ئەقىلنىڭ پەزىلەتلىرى توغرىسىدا شۇنداق دەلىللەرنى بايان قىلغان ئىدى.

ئەقىلنىڭ نىشانىسى شۇكى، ئۇ كۆرگەن ھەر قانداق نەرسىسىنى ئىبرەت قىلىدۇ. مەيلى ئۇ پايدىلىق بولسۇن ياكى پايدىسىز بولسۇن، ئۇنىڭدىن ئۆزىگە يېڭى ئەقلىي بىلىم ئالىدۇ.

ئادەمنىڭ ئەقلى ئەينەككە ئوخشايدۇ. كىشى ئۆزىنىڭ ئەيبىنى ئاشۇ ئەينەكتە كۆرىدۇ.

«ئاقىلنىڭ كۆزى باتىندە بولۇر، جاھىلنىڭ كۆزى باشىدا بولۇر» ئاقىلنىڭ نىشانلىرىنى دانىشمەنلەردىن سورايلى. ئۇ نىشانلارنىڭ بېرى شۇكى، ئاقىل كىشى جاپالىق كېلىدۇ. يەنى، ئۆزىدىن كىچىك ۋە ئاجىزلارنىڭ جەبرىنى ئۆزىگە راۋا كۆرىدۇ. ئىككىنچى، خەلققە كەمتەرلىك ئىپادە قىلىدۇ. خەلقنىڭ مەنىۋى غەملىرى ئۈچۈن ھەمىشە ئىزتىراپتا تۇرىدۇ. جاھىللاردىن يىراق بولىدۇ. ئۆز سەۋەنلىكلىرى يۈزىسىدىن تولا ۋەھىمە يەيدۇ. ھەر بىر سۆزىنى ئوبدان خىيال قىلىپ ئېغىزىدىن چىقىرىدۇ. زىيانلىق سۆزنى دېمەيدۇ.

ئاقىللارنى ئۈچ تەركىبتە تەرىپ قىلدى. بىرىنچىسى، ئاقىللار، ئىككىنچىسى يېرىم ئاقىللار، ئۈچىنچىسى، ئەسلىيىتى ئاقىل ئەمەسلەر.

ئاقىللار ئالىملاردىن ئۆگىنىپ، ياخشى ئەمەل ۋە ياخشى تەرتىپتە بولىدۇ. جاھىللار بولسا ئۆزى ھەم بىلمەيدۇ، بىلگەنلەرنىڭ سۆزىگە ھەم پۈتمەيدۇ. ئاقىللار پىسقى-پۇچۇنلاردىن خالىي تۇرىدۇ. ئورۇنسىز گەپ قىلمايدۇ، دوستىغا ھەر قانداق ۋاقىتتا ئوخشاش سادىق ۋە قىزغىن بولىدۇ.ئۇنى گۇناھلىق ئىشلاردىن ئاگاھلاندۇرىدۇ. ھەر كىمنىڭ تائاملىرىغا بېرىۋەرمەيدۇ. كىشىنىڭ زىيىنىنى خالىمايدۇ. يالغان لەۋزى قىلمايدۇ. ئۆزىنى زەپەردەس ئەمەس، خامۇشراق تۇتىدۇ. ئۆز مەنپەئىتىنى كۆزلەپ يەنە بىراۋغا زىيان سالمايدۇ، ھارام خالىمايدۇ، ھالالغا قانائات قىلىدۇ. مەزلۇمەسىنى ئۆز ھالالىدا تۇتىدۇ. تەبىئەتتە خۇشخۇي بولۇپ، غەزەپلىك بولمايدۇ. تاپقىنىغا ئارتۇقچە شادلىنىپ كەتمەيدۇ. تاپالمىغىنىغا غەمكىن بولۇپ كەتمەيدۇ. ئۆزى نەھالدا بولسۇنكى، ئۆز ھاجىتىدىن چىقىدۇ. كۆكسى كەڭ، مېھماندوست بولىدۇ.

دۇنيادارغا پۈكۈلۈپ كەتمەيدۇ. پېقىرلارغا خەير-ئېھسان قىلىدۇ. ئۇيقۇغا تولا بېرىلىپ كەتمەيدۇ. غەيۋەتكە ئارىلاشمايدۇ. ئاچچىق- ھاياجانلىرىنى باسالايدۇ. زۆرۈرىيەتسىز ھالدا بازارغا بارمايدۇ. ئۆي بېساتىغا ھەشەم قىلمايدۇ. يۇرت-ۋەتىنىدىن، ئەقرىبالىرىدىن، قوشنا-قېرىنداشلىرىدىن بىزار بولمايدۇ. ھەمىشە شېرىن قەلبكارلىق بىلەن سۆزلەيدۇ. ئىشنىڭ ئاۋۋال ۋە ئاخىرىنى كۆزلىيەلەيدۇ.

يېرىم ئاقىللار بولسا راستلىق ۋە دۇرۇسلۇق بارىسىدە گەپ قىلىدۇ-يۇ، ئەمەل قىلمايدۇ. ئىلىمنىڭ پەزىلەتلىرىنى بىلىدۇ. ئالىملارغا ئىززەت قىلمايدۇ ياكى تىلىدا ئىززەتلىك سۆزلەرنى قىلىپ قويۇپ دىلىدا ناقابىل بولىدۇ. ساخاۋەت ۋاقتىدا سېخىي بولالمايدۇ. مەزلۇمەسىنىڭ ھالال-ھارامىغا ئانچە ئېرەن قىلىپ كەتمەيدۇ. دوستلىرىنى ئەل ئارىسىدا ئىززەت قىلىدۇ. تائەتنى گاھى قىلىپ، گاھى قىلمايدۇ. مۇنداقلارنى يېرىم ئاقىللاردىن ھېسابلايمىز.

ئەسلى ئاقىل ئەمەسلەر شۇنداق كىشىلەركى، ئۇلار ھەر داۋام ئەل بىلەن ئاداۋەتتە تۇرىدۇ. ئەتراپتىكىلەرگە زىيان كۆزلەپ ماڭىدۇ. بەشرىسى تەكەببۇر، ئۆزىنى ئادىل، باشقىلاردىن ئۈستۈن ھېسابلايدۇ. پاساتقا يۈگۈرەيدۇ. ئۆز ئەيىبىنى يوشۇرىدۇ. راستىنى قويۇپ يالغاننى سۆزلەيدۇ. ھالال-ھارامنى پەرق قىلمايدۇ.

«زىلچا بىلەن گىلەمنى مۇكەررەمە، ئالتۇن بىلەن دېرەمنى مەدىنە» دەپ بىلىدۇ. خوتۇن-بالىلىرىغا تەربىيە ۋە قائىدە-يوسۇن ئۆگەتمەيدۇ. ئۇلارغا نېمنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ. ئۆمرى ئەزىزىنى ھەمىشە غاپىللىق ۋە مەئىشىيەت ئىچىدە ئۆتكۈزىدۇ. مانا مۇنداقلارنى ئەقىلسىز، جاھىللاردىن ھېسابلايمىز.

ئاقىل بولساڭلار ئاڭلاڭلار! ئىبادەت ئىلىم بىلەن كامىل تاپىدۇ. ئىلىمسىز ئىبادەت بىھۇدە رەنج تارتىشتۇر. ئىلىم بولۇپ ئەقىل بولمىسا، ئۇ بىلىم يەنە بىھۇدىدۇر. ھەزرىتى ئىلى كەرىمۇللاھۇ ۋەجھۇ ئېيتىدۇر: كىشىنىڭ ئەقلى 28 يېشىدا تامام بولىدۇ. ئاندىن كېيىن كۆپ ۋە ھەر قىسمى نەرسىلەرنى كۆرە-كۆرە تەجرىبە قىلىپ خۇش يەھىم ۋە زىرەك بولىدۇ. خۇددى مېۋىلەر كامالىغا يەتكەنچە تاتلىق بولۇپ كەتكىنىدەك.




مەنبە    :       بىلدۈر تۇرايى   تورى   .

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   a.sayrami تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-29 03:57 PM  


قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوقت

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68426
يازما سانى: 811
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7996
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 642 سائەت
تىزىم: 2011-12-4
ئاخىرقى: 2012-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-29 06:16:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىما ئىگىسىگە رەخمەت

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ  ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63976
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3698
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 119 سائەت
تىزىم: 2011-11-7
ئاخىرقى: 2012-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-29 07:05:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«ئاقىلنىڭ كۆزى باتىندە بولۇر، جاھىلنىڭ كۆزى باشىدا بولۇر» ئاقىلنىڭ نىشانلىرىنى دانىشمەنلەردىن سورايلى. ئۇ نىشانلارنىڭ بېرى شۇكى، ئاقىل كىشى جاپالىق كېلىدۇ. يەنى، ئۆزىدىن كىچىك ۋە ئاجىزلارنىڭ جەبرىنى ئۆزىگە راۋا كۆرىدۇ. ئىككىنچى، خەلققە كەمتەرلىك ئىپادە قىلىدۇ. خەلقنىڭ مەنىۋى غەملىرى ئۈچۈن ھەمىشە ئىزتىراپتا تۇرىدۇ. جاھىللاردىن يىراق بولىدۇ. ئۆز سەۋەنلىكلىرى يۈزىسىدىن تولا ۋەھىمە يەيدۇ. ھەر بىر سۆزىنى ئوبدان خىيال قىلىپ ئېغىزىدىن چىقىرىدۇ. زىيانلىق سۆزنى دېمەيدۇ.


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47746
يازما سانى: 340
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5382
تۆھپە نۇمۇرى: 490
توردا: 668 سائەت
تىزىم: 2011-7-14
ئاخىرقى: 2012-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-29 07:15:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىككىنچى، زېرەك كىشىلەر قانداق بولىدۇ؟

جاۋاب:زېرەك كىشىلەر غەزىپىنى بېسىپ ئۆزىنى تەبىئىي رەۋىشتە تۇتىدۇ. ئالدىراقسانلىق قىلمايدۇ،خۇددى ماڭا ئوخشاش

ئۆلۈمدىن باشقىسى تاماششا

ئادەم ئىمانى بىلەن ئادەم .....

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82799
يازما سانى: 332
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3678
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 62 سائەت
تىزىم: 2012-7-21
ئاخىرقى: 2012-9-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-29 08:58:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قانداق ئادەم باي ئادەم ھېسابلىنىدۇ؟
مىنىڭچە ئاللاھ ئىلىم ئاتا قىلغان ئادەم باي ھىسابلىنىدۇ . ~

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80968
يازما سانى: 1391
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7335
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 421 سائەت
تىزىم: 2012-6-2
ئاخىرقى: 2012-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-29 09:41:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسىل تىما، تىمىللىرىڭىزنى ياختۇرىمەن داۋاملىق يوللاپ تۇرغايسىز

ئەتىكى ئازاپنىڭ سەۋەپچىسى بولغان بۈگۈنكى خۇشاللىقنىڭ نىمە كىرىكى !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 1521
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11405
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 834 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2012-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 07:10:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
 ▲ ئادەمنىڭ ئەڭ سەمىمىي ۋاقتى ئۆزىنىڭ يالغان ئېيتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان ۋاقتىدۇر.

  ▲ دوستلۇق ئالقاندىكى قۇمغا ئوخشايدۇ، بوش تۇتساڭ ئالقاندا تۇرىدۇ، چىڭ تۇتساڭ بارماقلىرىڭ ئارىسىدىن ئېقىپ كېتىدۇ.

  ▲ بۇ دۇنيادا ھېچكىم ھېچكىمگە قەرزدار ئەمەس. ئىچى تار ئادەملەر باشقىلارنى ئۆزىگە قەرزدار دەپ ھېس قىلىدۇ.

  ▲ دانالار كۆپ ھاللاردا باشقىلار بىلەن ئۆتكەن ئىشلار ئەمەس، بەلكى يۈز بېرىدىغان ئىشلار ھەققىدە كۆپرەك پاراڭلىشىدۇ.

  ▲باشقىلارغا يول قويۇش بىر خىل ئېسىل پەزىلەت، ئەمما ئۆزىگە يول قويۇش چوڭ خاتالىق.

  ▲ ھاياجانلانغىنىڭ تۇرمۇشۇڭنىڭ قايناق ھېسسىياتقا تولغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ، ئەمما دائىم ھاياجانلانساڭ بۇ سېنىڭ تۇرمۇشنى چۈشەنمەيدىغانلىقىڭنى چۈشەندۈرىدۇ.

  ▲ بىر دەقىقىنىڭ قىممىتىنى بىلەي دېسەڭ، ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە كۈمۈش مېدالغا ئېرىشكەن ماھىردىن سورا.

  ▲ ھېسسىيات بىلەن ياشايدىغان كىشىگە نىسبەتەن ھاياتلىق بىر تىراگېدىيە، پىكىر بىلەن ياشايدىغان كىشىگە نىسبەتەن ھاياتلىق بىر كومېدىيە.

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1041
يازما سانى: 2928
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 16015
تۆھپە نۇمۇرى: 1125
توردا: 1274 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2012-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 07:59:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خۇش يوللىغان ۋاقتى  2012-7-29 07:15 PM
ئىككىنچى، زېرەك كىشىلەر قانداق بولىدۇ؟

جاۋاب:زېرەك كى ...

زېرەك   كىشى   ئاممىۋې  سورۇندا  ؛  ‹‹  مەن  زىرەك  ››  دەپ  ماختانمايدۇ  ...

ئەقىل  ـ  پاراسەت  ،  بىلىم دېگەن  نىمە  ؟
ھالال  يول  بىلەن  كۆپرەك پۇل  تاپالىغانلىقتۇر...

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1041
يازما سانى: 2928
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 16015
تۆھپە نۇمۇرى: 1125
توردا: 1274 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2012-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 08:02:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خۇش يوللىغان ۋاقتى  2012-7-29 07:15 PM
ئىككىنچى، زېرەك كىشىلەر قانداق بولىدۇ؟

جاۋاب:زېرەك كى ...

زېرەك  كىشى  :   ئاممىۋى   سورۇندا   ئۆزىنى   ‹‹  مەن  زېرەك ››   دەپ  ماختاپ
داۋراڭ  سالمايدۇ  .  كەمتەرلىك  بىلەن  يول  تۇتىدۇ .

ئەقىل  ـ  پاراسەت  ،  بىلىم دېگەن  نىمە  ؟
ھالال  يول  بىلەن  كۆپرەك پۇل  تاپالىغانلىقتۇر...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 1521
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11405
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 834 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2012-9-15
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 03:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:ئادەم ئۆلسە ئۇ كىشىگە ساۋاپ يېتىدىغان ئەمەللەر تۈگەيدۇ.لىكىن ئۈچ نەرسىدىن ئۇنىڭغا ساۋاپ يىتىپ تۇرىدۇ.بىرىنچىسى،سەدىقە جارىيە(خەلقنىڭ ھەقسىز پايدىلىنىشى ئۈچۈن سېلىنغان مەسچىت،يول كۆۋرۈك،قۇدۇقتىن ئىبارەت)؛ئىككىنچىسى،ئىلىم ئۆگەتكەن بولسا(شۇ ئىلمى بىلەن خەلقنى توغرا يولغا باشلىغان بولسا)؛ئۈچىنچىسى،ياخشى پەرزەنتى بولسا(ئاتا-ئانىسىغا داۋاملىق دۇئا قىلىپ تۇرسا)،مۇشۇ ئەمەللەرنىڭ ساۋابى ئۇ ئادەمگە مەڭگۈ يىتىپ تۇرىدۇ.(بۇخارى رىۋايەت قىلغان)

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش