يۇمۇرلار
مۇسابىقە
توشقان بىلەن تاشپاقىنىڭ مۇسابىقىسى باشلىنىپتۇ،مۇسابىقە باشلىنىشى بىلەن توشقان خېلىلا ئۇزاپ كېتىپتۇ،تاشپاقا ئۆز مېڭىشىدا مىسىلداپ كېتىۋاتسا ئېغىر قېپىنى يۈدۈپ ئاران كېتىۋاتقان قۇلۇلىنى كۆرۈپ ئىچى ئاغرىپ دۈمبىسىگە مىندۈرىۋاپتۇ،ماڭە – ماڭ بىريەرگە كەلسە بىر چۈمۈلە كېتىۋاتقان ئۇنىمۇ ئېلىۋاپتۇ.چۈمۈلە تاشپاقىنىڭ دۈمبىسىدە قۇلۇلىنى كۆرۈپ “ ياخشىمۇ سىز “ دىيىشىگە قۇلۇلە قوپۇپ ”چىڭ ئولتا ،ما ئاداش يامان تېز ماڭىدىكەن “ دىگۈدەك .
قىممەت
-دۆڭ كۆۋرۈككە قانچە ئالىسەن؟
-15سوم
-خوتۇنۇم بىلەن چىقسامچۇ؟
-ئوخشاش 15 سوم
-دىدىمغۇ مانا،سېنىڭ ھىچقانداق قىممىتىڭ يوق دەپ..
تىلەمچىگە
مالىم..ئىشىكتە بىر تىلەمچى تۇرىدۇ،سىزنى بىرنەرسە بەرسىكەن دەيدۇ..
-تۈنۈگۈن سىلەرگە بەرگەن تاپشۇرۇقنى بېرىڭلار..
ياخشى ئەسكەر
ئىشلەپ تېرىكىپ كەتكەن ئەسكەر:
-كوماندىر..بىز نىمىشكە ئاكوپ كولايمىز؟
-دۈشمەن ھۇجۇم قىلىپ كەلسە پايدىسى بولىدۇ!
-بولدىلا بىز ھۇجۇم قىلايلى،ئۇلار ئاكوپ كولىسۇن
بالىنىڭ جاۋابى
ئوغلۇم:
-دادا…دادا….گىپىم بار!
-قىسقا،چۈشىنىشلىك بولسۇن!
-100 سوم!
بالىنىڭ جاۋابى2
بالىسى يېغلاپ ئۆيىگە كىرىپتۇ؛
-بالام،نىمىگە يېغلايسەن؟
-دادام…..دادام قولىغا بولقا ئۇرىۋالدى..
-ئەمىسە سەن نىمىگە يىغلايسەن؟
-مەن كۈلىۋەتكەنتىم………………..
زابويلار
زابويلار ئىچىشىپ ئولتۇرۇپتۇ؛
-ئاڭلىدىڭلارمۇ؟ تۆت زابوينىڭ بىرى راك كېسىلى بىلەن ئۆلىدىكەن.
-نىمە بوپتۇ؟!!!…بىز ئۈچ تۇرساق..
قەلەم
دوختۇر:
-سىزگە رېستىپ يىزىپ بىرەي دىسەم قەلىمىمنى تاپالمايۋاتىمەن.
-باياتىن قەلىمىڭىزنى قولتۇقۇمغا قىستۇرۇپ قويغان ئىدىڭىزغۇ؟
مەنبە؛مەن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قارلۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-29 02:36 PM