«تىمتاس گۇگۇم»تىلۋىزىيە فىلىمى توغرىسىدا
(بۇ توققۇز قىسىملىق تىلۋىزىيە فىلىمىنى تەڭرىتاغ كىنو ستودىيىسى 1993-يىلى ئىشلىگەن.) سىنارىست ۋە رىژىسۇر-ھۆرىيەت ئىسمايىلۋا. ئاساسلىق روللاردا: سانىيە-پاشا ئۆمەر. مەردان مۇئەللىم-سۇلايمان ئىمىن. ئەنىۋەر-نىجات نىياز قاتارلىقلار فىلىمنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى: سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى-سانىيە چەتئەلدە ئوقۇپ ئوقۇشنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن ئۇستازى-مەردان مۇئەللىم بىلەن ئۆز ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىدۇ. ئۇ يۇرتىغا كەلگەندىن كىيىن ئۆز يۇرتى خۇددى يېڭىدىن ئۆزگىرىپ قالغاندەك بۆلەكچىلا كۆرىنىپ، ئىنتايىن ھاياجانلىنىدۇ. ئۇنىڭ دادىسى ئوقۇشقا بېرىشتىن بۇرۇن قازا قىلغان بولۇپ، ئائىلىسىدە ئانىسى بىلەن مومىسى بار ئىدى. ئۇلار سانىيەنىڭ چەتئەلدىن قايتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ ئىنتايىن خوشال بولىشىدۇ، بىراق سانىيە مەرھۇم دادىسىنى ئەسلەپ، كۆڭلى ئىنتايىن يېرىم بولىدۇ. ئەتىسى تۇپراق بېشىغا بېرىپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىشىدۇ. ئائىلسىدىلەر سانىيەنىڭ بالدۇرراق توي قىلىشى ھەققىدە نەسىھەت قىلىشىدۇ. بۇرۇن سانىيە ئوغۇل دوستى-ئەنىۋەرنى ياخشى كۆرەتتى. ئەنىۋەرمۇ سانىيەنى ياخشى كۆرەتتى.بۇ ئىككى ياش قايتا جەم بولۇپ، تىزدىنلا توي قىلىشقا كىرىشىدۇ. بىراق توي قىلىشقا بىر كۈن قالغاندا توساتتىن گۇلنار ئىسىملىك بىر قىز سانىيەنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ئەنىۋەرنىڭ ھاراق ئېچىپ مەست بولىۋىلىپ، ئۆزىگە باسقۇنچىلىق قىلغانلىقىنى ئېيتىپ،سانىيەنىڭ ئەنىۋەرگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتىنى يوققا چىقىرۋىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ يېقىنلىشىپ قالغان توي بۇزۇلۇپ كېتىدۇ. ئەسلىدە سانىيە ئۇستازى-مەردان مۇئەللىمنى ياخشى كۆرۈپ كەلگەن ئىدى.سانىيەمۇ، ئۆيدىكىلەرمۇ بۇ تويغا قوشۇلغان بولسىمۇ لىكىن ئۇنىڭ دوست-بۇرادەرلىرى،خىزمەتداشلىرى ۋە جەمىيەتتىكى كىشىلەر سانىيەنى:«ئۆزىدىن چوڭ قېرى ئادەمگە تېگىدىغان بوپتۇ.»دەپ مەسخىرە قىلىپ، بۇ ئىككەيلەننىڭ توي قىلىش قىزغىنلىقىغا سوغۇقسۇ چاچىدۇ. ئىلاجىسىز قالغان مەردان مۇئەللىم باشقا بىر ئايال بىلەن توي قىلىدۇ. سانىيەنىڭ روھى ئىنتايىن چۈشكۈنلىشىپ، ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادىمى بىلەن توي قىلالماي، بۇرۇقتۇرمىلىق ئىچىدە چەتئەلگە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. بۇ تىلۋىزىيە فىلىمىدە جەمىيەتتىكى ياشلارنىڭ توي-نىكاھ ئىشلىرىدىكى ئۆزى ياخشى كۆرگەن مۇھەببىتىگە ئىرشەلمەسلىكتەك مەركىزى ئېدىيە ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ياشلارنىڭ ئۆزىنىڭ لايىقىغا ئېرىشىش يولىدا باشقىلارنىڭ توسقۇنلۇق قىلىشىغا قارىتا ناچار ئىللەتنى سۆكۈپ، ئۆز نىكاھ ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش مەسىلىسى تەۋسىيە قىلىنىدۇ. يازغۇچى-ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى 2012-يىلى 29-ئىيۇن يېزىلدى. قەشقەر. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Azizim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-29 02:06 PM
|