ئەتلەس ( ئىكات) تېخىمۇ كۆپ تەتقىق قىلىشقا مۇھتاج.
دىيارىمىزدا ئەتلەس نامىدا ئاتىلىپ كېلىۋاتقان بۇ يىپەك رەخىتنىڭ تارىخى تولىمۇ ئۇزۇن. ‹‹ئۇيغۇر ئۆرپ ئادەتلىرى ›› دېگەن كىتابتا ‹‹ئەتلەس ــــــ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئېستېتىك تەپەككۇرىدا ئۆز يېرىنىڭ يەر تۈزۈلۈشىنى، گۈزەل باغۇ ـ بوستانلىرىنى، يېشىل لېنتىدەك سوزۇلۇپ ئاققان دەريالىرىنى نەپىس ۋە رەڭدار يىپەك بىلەن تەقلىدىي ئىپادە قىلغان سەنئەت خەرىتىسىدۇر›› دەپ بايان قىلىنغان.
تاڭ سۇلالىسىنىڭ غەربى يۇرت خاتىرىسدە ‹‹قەدىمكى خوتەندە پىلە يوق ئىدى، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە پىلىنى سىرىتقا چىقىرىش قاتتىق چەكلىنەتتى. خوتەن شاھى شەرق ئەل مەلىكىسىگە ئەلچى ئەۋەتكەن، مەلىكە ياتلىق بۇلىدىغان چاغدا چېچىنىڭ ئارىسىغا پىلە غوزىسى تىقىپ ئالغاچ كەلگەن، شۇنىڭ بىلەن خوتەندە ئۈجمە ئۆستىرىلىپ پىلە بېقىش تارىخى باشلانغان. شۇنىڭ بىلەن ئۆي ـ ئۆيدە پىلە بېقىلىپ، يىپەك سودىسى گۈللىنىشكە باشلىغان ... ›› دەپ خاتىرىلەپتىمىش .
يۇقىرىقى بولسا پۈتۈنلەي ئەپسانە دىگۈدەك رىۋايەت بۇلۇپ، 2000يىللار بۇرۇنقى دەۋىردە ‹‹تاڭ›› دىن ئۇدۇن دىيارىغا كېلىپ بولغىچە پىلە غوزىسى نۇرمال كىلەلمەيدۇ.
ــــــــــــــــــــ
ئەتلەسنى ھازىر خەلقئارادا ئىكات(Ikat) دىگەن نام بىلەن ئاتاپ كېلىۋاتىدۇ. ئۆزبېك ئىكاتى بىلەن ھىندوزونىيە ئىكاتى ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىۋاتىدۇ. 2005-يىلى ئوسكار دېلا رىنتا ئۆزبېك ئېكاتىدىن ئىلھاملىنىپ لاھىيلەنگەن مودا كىيىملەر ئېلان قىلىنغان، ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ ھەرقايسى مودا كىيىم لاھىيلىگۈچى ۋە ئىكات ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەتلەرنىڭ مودا كىيىملىرى ئېلان قىلىنغان.
بىز شۆھرەتپەرەسلىك تاماسى بۇنى پەقەت مىللى مەدەنىيەت دەپ پەخىرلىنىپ كەلگەن بىلەن ئۇنى تەرەققى قىلدۇرۇشنى ئۈگەنمىگەن. ھازىر دىيارىمىزدا ئەتلەس كىيىم كىيگەنلەرنى ھەتتا مەسخىرە قىلغانلارنىمۇ كۆردۈم. ئەمدى ئارتۇق گەپ قىلىشنىڭ ئورنى يوق. تىما ئىگىسى ئاۋۇ شەپكە قانداقتۇر دىيارىمىزدىكى ئەتلەستىن بۇلىشى ناتايىن.
ۋېكىپىدىيە قامۇسىدا :
Ikat is a near universal weaving style common to many world cultures. Likely, it is one of the oldest forms of textile decoration.
In Central and South America, what is labeled as ikat is still common in Argentina, Bolivia, Ecuador, Guatemala and Mexico.
دېمەك ئاسىيادىلا ئەمەس، جەنۇبى ئامېرىكا، ئارگىنتىنا، بولۋىيە، ئىكۋاتور، گۋاتېما،مېكسىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ بار.
ئىلگىرى بۇ قامۇستا ئىكات ھەققىدىكى ماتېرىياللاردا يىپەك يۇلى بۇلىمىش دىيارىمىزغا ئائىت ئۇچۇرلار يوق دىيەرلىك ئىدى، بىر نەچچە ئاينىڭ ئالدىدا بەزى تورداشلارنىڭ ئەمگىكى ئاستىدا خوتەن ۋە قەشقەر كىرگۈزۈلۈپتۇ.
بىكار ۋاقتى بار، سەۋىيىسى ياخشىراق تورداشلار بولسا ۋېكىپىدىيە قامۇسىدىن بۇ ھەققىدىكى ماتېرىياللارنى تەرجىمە قىلىپ قۇيىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
بۇ ۋېكىپىدىيە قامۇسىدىكى ئىكاتقا مۇناسىۋەتلىك ئۇلىنىش :
http://en.wikipedia.org/wiki/Ikat
ئەتلەس (ئىكات) ھەققىدە
بۇ يەردە خېلى كۆپ مۇنازىرىلەر بۇلۇنغان، قىزىقىدىغانلار كىرىپ كۆرۈپ باقساڭلار بۇلىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا elijan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-29 04:48 AM