|
|
|
|
ئۆزىنىڭ ماختىنىشىچەئىمتىھانلارنى “پۇل بىلەن توغىرلاپ”، بىر ئاماللار بىلەن ئوقۇشنى پۇتتۇرۇپ كەلگەن سەنجار بىزگە يېقىندا بالىلار دوختۇرى بولۇپ ئىشقا كەلدى. بۈگۈن بىرىنچى قىتىم ھەمشىرەسى بىلەن چاقىرىق بويىچە بېمار بالىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئۆيىگە بېرىشتى. كېچدىن بېرى بىئارام بولۇپ تۇرغان ئۈچ ئايلىق بوۋاقنى ئۇ ياق بۇ يىقىنى ئايلاندۇرۇپ كۆردى، تۇتۇپ كۆردى، تەكشۈرۈش ئەسۋابى بىلەن ئوپكسىنى، يۇرىكىنى ۋە قورسىقىنى ئاڭلىغان بولدى. پېشانىسىنى تەر بسىپ بىر ھازا ئويلاندى. ئوقىغان كىتاپلارنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ، ئەسلەشكە ھەرىكەت قىلدى. لېكىن قىرىشقاندەك كاللىسى قۇپقۇرۇق ئېدى-. پېشانىسى تۇتۇپ گەپ قىلماي تۇرۇۋەردى. بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ ئاغزىنى ئاچماي تۇرىشىدىن زېرىكىشىپ، ئامالسىز سوراشقا مەجبۇر بولۇشتى:
– دۇختۇر، بالامىزغا نىمە بولۇپدۇ؟ ئەھۋالى قانداقراق؟
سەنجار دەررۇ جاۋاب بەرمەي يەنە بىرئاز ئۆينىڭ ئىشىكلىرىگە، ئەينەكلىرىگە قاراپ ئويلىنىپ تۇردى-دە، كېيىن بىردىن:
– چەنچۇۋ! – دېدى غالىبانە، توساتتىن كاللىسىغا كېلىپ قالغان پىكىردىن خۇشال بولۇپ.
– نىمە؟! – بېمار بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى قورقۇپ كېتىپ، ھەيرانلىقتا يەنە سورىدى: – نىمە دېدىڭىز؟
– چەنچۇۋ. چەن-چۇ-ئۇۋۋ... – دېدى سەنجار ئۇلاردىن كۆزىنى ئېلىپ قىچىپ. ئۆي ئېگىلىرى بىر-بىرىگە قاراپ يەلكە قىسىشتى، لېكىن قايتا سوراشقا جۈرئەت قىلىشالمىدى.
– سىز بالىغا بىرەر تىنىچلاندۇرغۇچى ئۇكول قىلىپ قويۇڭ... مەن ھالبۇكى ئىككىنچى چاقىرىق بويىچە نۆۋەتتىكى بېمارنىڭ ئۆيىگە تېز بارمىسام بولمايدۇ. ئۇنى ئېغىرراق دېيىشكەن ئېدى. مەن كەتتىم. سىز ئارقىمدىن يىتىپ بىرىڭ... – دەپ سەنجار ھەمشىرەسىگە قاراپ قويۇپ ئالدىراپ-تىنەپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتى. نىمىشقىدۇر بېمارغا داۋالىنىش ئۈچۈن دارا-دەرمان بۇيرۇش ھەم ئېسىدەن چىقتى. دوختۇر كەتكەچ، ئاتا-ئانىسى ھەمشىرەدەن سورىدى:
– دوختۇر نىمە دېدى؟ چۈشۈنەلمىدۇق. چەڭ-چۇڭ دېدىمۇ؟
ئۇزاق يىللاردىن بېرى ئىشلەپ كېلىۋاتقان ھەمشىرە دوختۇرنىڭ گېپىنى ئومۇملاشتۇرۇپ چۈشەندۈرۈپ قويدى:
– دوختۇرىمىز بالىڭىزسانجىق بولۇپدۇ، يەنى بىرئاز شامالدىغان دەيدۇ. چەنچۇۋ دېگىنى ياپۇنچە تەشخىس. ئۆزبېكچەسىگە سانجىق دېگىنى-دە...
– ھە-ھە. سانجىق دەڭ. خەيرىيەت-ياخشى. بىز بالىمىزدا بىرەر ئېغىر كىسەللىق تىپىپ ئىيىتتىمىكىن دەپ قورقۇپ تۇرغان ئېدۇق. بۇ ياپۇنچە سۆزلار ھەم ئۆزىمىزنىڭ سۆزلىرىگە ئوخشاپ كېتەر ئىكەن-ھە؟! چەن-چۇۋ – سانجىق. سانجىق – چەن-چۇۋ... – دەپ ئىختىيارسىز كۈلۈپ كەتتى بېمارنىڭ ئاتىسى.
– ھە، شۇنداق، شۇنداق... چەنچۇۋ دېگىنى سانجىق دېگىنى، – دەپ ھەمشىرە ئۆز بىلگىنىچە سۆزلەپ بالىغا قاراپ قويدى ۋە يەنە بىرەر نەرسىنى سوراپ قالمىسۇن دېگەندەك ئوپۇل-توپۇل ئۆيدىن چىقىپ كەتتى. ئۇنى ئىشىك ئالدىغىچە ئۇزاتقان، ئۆي ئېگىسى ھېلى ھەم:
– چەن-چۇۋ – سانجىق، چەن-چۇۋ – سانجىق،.. قانداق ئوخشاش سۆزلەر-ھە بۇ ياپۇنچە تەشخىس – دەپ بىر ھەيران بولار، بىر كۇلەر ئېدى. كۆڭلىدا ھالبۇكى بالىسىنى يەنە باشقا بىر دوختۇرغا كۆرسەتسەم، دېگەن ئوي ئۆتتى.
مەنبە-www.ziyouz.com
ئۆزبېكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى -مەن ئۆزۈم
|
|
|
|
|
|