مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 8324|ئىنكاس: 43

جۇڭگونىڭ ئافغانىستاندىكى ئويۇن پىلانى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4456
يازما سانى: 675
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 22499
تۆھپە نۇمۇرى: 933
توردا: 7489 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2012-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-28 10:41:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

جۇڭگونىڭ ئافغانىستاندىكى ئويۇن پىلانى
ئاپتورى: شلومو بىن-ئامى (تەرجىمىدە:نەپرەت2009)


ھېنرىي كىسىنگىر ئۆزىنىڭ يېڭى كىتابى «جۇڭگو ھەققىدە» دە، جۇڭگو ۋە غەربنىڭ ئەنئەنىۋى ئويۇنى قورشاۋ شاھمات ۋە خەلقئارالىق شاھمات ئارقىلىق ئىككى تەرەپنىڭ خەلقئارالىق ھوقوق ۋە سىياسىي جەھەتتىكى ئوخشىمىغان پوزىتسىيىسىنى چۈشەندۈرگەن. خەلقئارالىق شاھماتنىڭ نىشانى پۈتۈنلەي غەلبە قىلىپ، كلاۋسىۋىتزنىڭ ئاتالمىش «ئېغىرلىق مەركىزى» نى تارتىۋېلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا دۈشمەننى پۈتۈنلەي يوقىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ، قورشاۋ شاھمات بولسا بىۋاستە توقۇنۇشتىن ساقلىشى ئارقىلىق قورشاش ئىستراتىگىيىسى بىلەن نىسپىي ئۈستۈنلۈككە ئېرىشمەكچى بولىدۇ.

بۇ مەدەنىيەت پەرقىنى جۇڭگونىڭ نۆۋەتتىكى غەرب بىلەن بولغان ماجراسىنى قانداق باشقۇرۇشىنى كۆزىتىشكە يېتەكچى قىلىشقا بولىدۇ. جۇڭگونىڭ ئافغانىستان سىياسىتى رىقابەتتىكى بىر تۈر ھەمدە قورشاۋ شاھماتنىڭ يولىغا ناھايىتى ماس كېلىدۇ. ئامېرىكا ئافغانىستاندىن قوشۇن چېكىندۈرۈشكە تەييارلىق قىلىش بىلەن بىرگە، جۇڭگو چوقۇم ئېنىقسىزلىقى ناھايىتى يۇقىرى بولغان ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئەھۋاللارنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

جۇڭگونىڭ ئافغانىستاندا ھەل قىلغۇچ ئىستراتىگىيىلىك مەنپەئەتى بار، ئەمما جۇڭگو رەھبەرلىرى ئەزەلدىن ئۇرۇش ئارقىلىق بۇ مەنپەئەتىنى قوغداشنى ئويلىشىپ باققىنى يوق. ئافغانىستان جۇڭگونىڭ غەربىي چېگرىسىدىكى ھەل قىلغۇچ بىخەتەرلىك رايونى، جۇڭگونىڭ پاكىستاندىكى مەنپەئەتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتىكى مۇھىم كارىدور ھەم جۇڭگونىڭ بۇ رايوندىكى ھەل قىلغۇچ تەبىئىي بايلىقلارغا ئىگە بولىشىدىكى يول. بۇنىڭدىن سىرت، ئافغانىستان بىلەن چېگىرلىنىدىغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مۇسۇلمانلارنىڭ نوپۇسى ئۈستۈنلۈككە ئىگە، ۋەزىيىتى مۇقىم ئەمەس، تالىبان ۋە شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە ئاسانلا ئۇچرايدۇ.

ئافغانىستان ئۇرۇشى ئامېرىكا قىلغان ئەڭ ئۇزۇن ئۇرۇش، ئۇرۇش چىقىمى ھازىرغا قەدەر 555 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتتى، نەچچە ئون مىڭ ئافغانىستان خەلقى ۋە 3100 ئامېرىكا ئەسكىرى ھاياتىدىن ئايرىلدى. ئەمما جۇڭگونىڭ ئافغانىستاندىكى ئىستراتىگىيىسى ئاساسىي جەھەتتە سودا يولىنى ئېچىپ، ئۆزىنىڭ ئېنىرگىيە ۋە كان مەھسۇلاتلىرىغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى نىشان قىلغان. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ مۆلچەرلىشىگە ئاساسلانغاندا، ئافغانىستاننىڭ ئېچىشنى كۈتۈپ تۇرغان كان مەھسۇلات مىقدارىنىڭ قىممىتى تەخمىنەن 1 تىرىلىئون ئامېرىكا دوللىرى كېلىدىكەن. بۈگۈنكى كۈندە ئافغانىستاندا بۇ بايلىقلارنىڭ كۆپ قىسىمىنى قولغا كەلتۈرۈۋالغىنى دەل جۇڭگو.

ئەمەلىيەتتە، جۇڭگونىڭ ئەينەك مىس كانىنى ئېچىش تۈرى ئافغانىستان تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ يەككە بىر چەتئەل دۆلىتى مەبلەغ سالغان تۈر. جۇڭگو يەنە 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق ئېلىكتىر ئىستانسىسى تۈرى ۋە تاجىكىستان-پاكىستان تۆمۈر يول قۇرۇلىشى تۈرىگە قاتناشتى. 2011-يىلى 12-ئايدا، جۇڭگو نېفىت شىركىتى بىلەن ئافغانىستان دائىرلىرى بىر كېلىشىم ئىمزالاپ، ئافغانىستاننىڭ نېفىتى ۋە تەبئىي گاز زاپىسىنى قازىدىغان تۇنجى چەتئەل شىركىتى بولۇپ قالغان.

مۇبادا جۇڭگونىڭ ئافغانىستاندىكى غايەت زور ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىك مەنپەئەتىنى ئامېرىكا ئارمىيىسىنى كۈچى بوغۇپ تۇرمىسا، جۇڭگو شەكسىز ئافغانىستاندا ئافغانىستانلىقلار ئۈمىد قىلغان «ئىستراتىگىيىلىك تەڭپۇڭلۇق» يېتىشتەك مۇھىم رول ئوينايدۇ. جۇڭگو ئۆزىنىڭ يۇمشاق كۈچلىرىنى ئىشقا سېلىش شەكلىدە بۇ قەدەمنى تاماملايدۇ، يۇمشاق كۈچىنى نامايەن قىلىش ھەم «ئەنئەنىۋى بولمىغان بىخەتەرلىك رايونى» ئارقىلىق بۇ نىشانغا يېتىشى مۇمكىن، بۇمۇ جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئافغانىستان پرېزىدېنتى ھەمىد كارزاي 6-ئاينىڭ بېشىدا بېيجىڭنى زىيارەت قىلغاندىكى قارشى.

جۇڭگونىڭ دۇنيانىڭ باشقا رايونلىرىدىكى قىلمىشىغا ئاساسەن ھۆكۈم قىلغاندا، ھەربىي ھەمكارلىقتا ئېھتىمال ئىنتايىن مۇلايىم ۋە ئېھتىياتچان بولىدۇ. جۇڭگو ئافغانىستان دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيىسىنىڭ 4 مىليارد 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق كۆپ دۆلەتلىك مەبلىغىنى ساقلاشتا كۈچ چىقارمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈردى.

ئىككى دۆلەت ئەڭ يېقىندا ئىمزالىغان ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئارقىلىق «ئافغانىستان دۆلىتىنىڭ مۇقىملىقى» ساقلاشنى نىشان قىلغان. جۇڭگو زەھەر توشۇش قىلمىشىغا زەربە بېرىشكە ئالاھىدە قىزغىن، ئافغانىستاننىڭ چۈنكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن چېگىرلىنىدىغان بەدەخشان ئۆلكىسى ئافغانىستان ئەپيۇنلىرىنىڭ ئاساسلىق توشۇش يولى بولۇپ قالدى. تالىبان ئاشقۇنلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا سىڭىپ كىرىشىنى توساشمۇ يەنىلا ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىلەرنىڭ بىرى.

يېقىنقى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بېيجىڭ يىغىنىدا، جۇڭگو پۈتۈن كۈچى بلەن رايونلۇق مەنپەئەتى ئالاقىدارلارنىڭ مەنپەئەت تەڭپۇڭلىقى ۋەزىيىتىنى ياراتماقچى بولدى. بۇنىڭدىن سىرت، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يەنە مەزكۇر رايوننىڭ «رايون سىرتىدىكى داۋالغۇشلارنىڭ زەربىسى» (خۇ جىنتاۋنىڭ سۆزى) گە ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشتى.

ئەمما، جۇڭگو ئافغانىستان ئۇرۇشىدا يۇمشاق ئەمەلىي كۈچلرىنى قانداقلا مەركەزلەشتۈرسۇن، ئىنتايىن مۇرەككەپ ھەمدە تارىخىي توقۇنۇشقا تولغان بۇ رايوندا ساقچىلىق رولىنى ئوينىيالىشىنىڭ تەسلىكىنى بايقىغىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، جۇڭگونىڭ رايونلۇق ھەرىكىتى مەزكۇر رايوندىكى باشقا دۆلەتلەر (مەسىلەن روسىيە ۋە ھىنىدستان) بىلەن توقۇنۇشۇپ قالىدۇ. ئىتتىپاقدىشى پاكىستانمۇ قوشنىلىرىنىڭ (جۇڭگومۇ قوشنىلىرىنىڭ بىرى) بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىۋاتقان تېرورىزىم گۇرۇھلىرىنى تازىلاشقا ئالدىرىمايدۇ.

پاكىستان ئېھتىمال ئىتتىپاقدىشى جۇڭگونىڭ بىخەتەرلىكى بىلەن پاكىستاننىڭ ھىندىستان بىلەن ئەمەلىيەتتىكى ۋاكالىتەن ئۇرۇشىنى ماسلاشتۇرۇشىنىڭ ئىنتايىن مۈشكۈل ئىكەنلىكىنى بايقىشى مۇمكىن. شۇڭا، جۇڭگو ئېھتىمال پاكىستان ۋە ئافغانىستان چېگرىسىدىكى قەبىلىلەر رايونىدا قوشۇن تۇرغۇزۇشنى كۈچەيتىشكە مەجبۇر بولۇپ، تېرورىزىم گۇرۇھلىرىغا تاقابىل تۇرىشى مۇمكىن، مەسىلەن پاكىستاندىكى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتى (جۇڭگو بۇ تەشكىلاتنى ئۈرۈمچى توپىلىڭىنىڭ باش جىنايەتچىسى دەپ قارايدۇ).

جۇڭگو ياخشى كۆرىدىغان ئۇسۇل ھەمكارلىق ۋە سۆزلىشىش. ئەمەلىيەتتە، جۇڭگو دېپلوماتىيە مىنىستىرلىكى يېقىندا پاكىستان ۋە ئافغانىستاندا تالىبان بىلەن يارىشىشنى مەقسەت قىلغان ئۈچ تەرەپلىك سۆزلىشىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. جۇڭگومۇ ئىتتىپاقدىشى پاكىستان ۋە رەقىبى ھىندىستان ئارىسىدىكى توقۇنۇشنى مەقسەسىز ھالدا قۇترىتىپ كەلدى. ئەكسىچە، جۇڭگو كۆپ يىللاردىن بېرى ئافغانىستان مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئاساسلىق مەسىلە ھىندىستان-پاكىستان ۋاكالىتەن ئۇرۇشى، شۇڭا كەشمىر تىنچلىقى ئاندىن ئافغانىستان تىنچلىقىنىڭ ئاچقۇچى بولالايدۇ دەپ كۆرسىتىپ كەلدى.

ئامېرىكا قوشۇن چېكىندۈرگەندىن كېيىن ئافغانىستاندىكى مەنپەئەتىنى قانداق قوغداش جۇڭگو دېپلوماتىيىسى دۇچ كەلگەن ھەقىقىي ئېغىر خىرىس. ئەمما، جۇڭگونىڭ ئامېرىكىغا ئوخشاش كەڭ كۆلەمدە ھەربىي ئارىلىشىش ئېلىپ بارىدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق ئالامەت يوق. جۇڭگوغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئافغانىستان سىنىقى ئېھتىمال خەلقئارالىق شاھمات ۋە قورشاۋ شاھماتنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ھازىرلىغان بولىشى مۇمكىن.

مەنبە: ئاپتورى شلومو بېن-ئامى ئىسرائىلىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى، پارلامېنت ئەزاسى بولۇشتىن ئىلگىرى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىسپانىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى بولغان. نەپرەت 2009تەرجىمە قىلدى.


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
باھادىر + 100 ماختاشقا تېگىشلىك
Dakyanos + 100 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 200   باھا خاتىرىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85
يازما سانى: 315
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 6600
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 458 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-10-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-28 11:28:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئافغانىستاننى نامرات تاغلىق دۆلەت دەپ بىلەتتىم قارىغاندا قىزىلما بايلىقلىرى ئاز ئەمەس ئۇخشايدۇ.جۇڭگونىڭ ئافرىقا بىلەن ئىقتىسادى ھەمكارلىقى ناھايتتى غەلبىلىك بۇلدى. تىنىچ قەد كۆتۈرۈش، ئىقتىسادى ھەمكارلىقنى ئاساس قىلىشنى ئىزچىل يولغا قۇيۇش شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تەسىر دائىرسىنى كىڭەيتىش جۇڭگونىڭ نامرات دۆلەتلەرگە بولغان دىپلۇماتىيسىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولسا كېرەك. ئەينى چاغدا ئىسلاتنى ئەمدىلا باشلىغاندا چەتئەل مەبلىغىنى جەلىپ قىلش ئۈچۈن تىرىشاتتى. مانا ئىسلاھات- ئىچىۋىتىشنىڭ نەتىجسى كۆرۈلۈپ، باشقىلارغا مەبلەغ سالغۇدەك بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ دۆلىتىمىزگە بولغان مەيدانىغا تەسىر كۆرسەتكۈدەك بۇپتۇ. ئامېرىكا ئارمىيسى ئافغانىستاندىن چىقىپ كەتسە تەسىرى تىزدىن ئاجىزلىشىپ كىتەمدۇ؟ ئۇنداقتا ئامرىكانىڭ شۇنچە داۋراڭ سلىپ، زور چىقىملار  بىلەن 10يىلدىن ئارتۇق قىلغان ئۇرۇشنىڭ ئەھمىيتى قانچىلىك؟ ئامېرىكانىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇش باھانىلىرىدىن بىرى بىن لادىن ئاللىقاچان يۇقىتىلغان بولسمۇ تالىبان تىخى يۇقىتىلمىدى دىمەك يەنىلا باھانىسى بار دىيىشكە بۇلىدۇ. روسىيە ۋە جۇڭگوغا يىقىندىن تىكىلپ تۇرىدىغان ئافغانىستاندىن ئىبارەت بۇ جايدىن ئايرىلىش ئامېرىكانىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇنمۇ؟

سەن ۋەتەن، مىللەت دىسەڭ، تارىختا نامىڭ قالغۇسى،
بول جەسور، ئالىي نىشان ،كۆلچەك بۇلاققا قانمىغىل!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82350
يازما سانى: 412
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3104
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 279 سائەت
تىزىم: 2012-7-1
ئاخىرقى: 2012-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-28 11:34:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئامىركا شۇنچە ئۇزۇن يىل ئۇرۇش قىلىپ بۇ لوك گوشنى ئاسانلا ئۆتۈنۈپ بېرەرمۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە رۇسيەمۇ جوڭگۇنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا بەك سىڭىپ كىرشىنى خالىمايدۇ.جۇڭگۇنىڭ ئاففانىستانغا قارتا ھازىرقى سىياسىتى ئاففانىستان خەلقى تەرپىدىن قارشى ئېلنىشى مومكىن.لىكىن ۋاقىت ئۇزارغانسىرى جوڭگۇنىڭ ئەرزان ئەمگەك كۈچلىرى ئاففانىستان بازارلىرنى ئىگەللىسە ئۇچاغدا ئىككى دۆلەت خەلقى ئارسىغا سوغۇقچىلىق چۈششى مومكىن.

ئۆمىد بىلەن ياشايمەن.

كامال تاپ ئۇيغۇركارخانىلىرى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7631
يازما سانى: 666
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14215
تۆھپە نۇمۇرى: 1501
توردا: 3339 سائەت
تىزىم: 2010-8-24
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-28 11:35:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                       مەن سۈكۈتتە تۇراي
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Jim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-28 11:37 PM  


1335039424.jpg
ئۈزەڭنى بىلەي دىسەڭ تارىخىڭنى ئىزدە .يۇقالماي دىسەڭ تىلىڭنى .مەدەنىيىتىڭنى قوغدا.

غەلبە مۆئمىنلەرگە مەنسۇپ!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3235
يازما سانى: 3115
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15399
تۆھپە نۇمۇرى: 2247
توردا: 2473 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2012-11-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-29 12:43:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئامىرىكا 2014-يىلى ئەسكەر چىكىندۈرىدۇ،بىراق ئافغانىستاندا مەڭگۈلۈك بازا قۇرىدىغاننىڭ گىپى با،ئۇلار ئىراقتىن چىكىنگەن بىلەن ئافغانىستاندىن ھەرگىز چىكىنمەيدۇ،چۈنكى بۇلار ئاسىياغا جۈملىدىن ئوتتۇرا ۋە غەربىي ئاسىياغا ئەمدى كەلدى،بۇلار ئۆتمۈشتىكى بىرتانىيە ئىمپىريىسىنىڭ ئىزىنى باسىدۇ!بۇ روسىيە بىلەن جۇڭگۇغا پايدىلىقمۇ؟ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس،شۇڭا جۇڭگۇمۇ بار كۈچى بىلەن ئافغانىستانغا ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا سىڭىپ كىرىدۇ! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tumurkala تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-29 12:45 AM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
nap--rat + 10 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

بىز ئەسىرلەردىن بىرى بىراۋلارنىڭ قۇربانلىقى بولۇپ كەلدۇق،بۇنىڭ ھەممىسى ئاللاھتىن يىراقلاشقىنىمىز ئۈچۈن،ناباب كىشلەرنى كۆتۈرۈپ ئىسىل كىشلىرىمىزنى چۆكۈرۈگىنىمىز ئۈچۈن،بىز ئاللاھقا يىقىنلاشماي تۇرۇپ قىلغان ئىشلىرىمىزنىڭ ھىچقايسىسى پايدا بەرمەيدۇ!

بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوقت

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68426
يازما سانى: 839
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8067
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 666 سائەت
تىزىم: 2011-12-4
ئاخىرقى: 2012-11-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-29 12:50:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇنداق ئىشلانى بۇلمەيدىكەنمەن

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ  ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14887
يازما سانى: 1807
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2197
تۆھپە نۇمۇرى: 1064
توردا: 7199 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2012-11-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-29 01:14:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىزقىپ قېلۋاتىمەن     قېنى تەھلىلچىلە   تەھلىلىڭلانى ئوتتۇرغا  تۈكۈپبېقىڭلا    كۈرۈپ باقلى  

ئىنسان چىرايلىق گېپى بىلەن ئىككىلى دۇنيالىق ئەزىز ...
تىلىمىز ئەقلىمىزنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالمىسۇن . ھەر ۋاقىت ئەقلىمىز تىلىمىزنىڭ ئۈستىدە تۇرسۇن .
بولمىسا ئەخلاقىمىزنى يوقۇتۇپ قويىمىز .

فورمات

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74255
يازما سانى: 1287
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8326
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 846 سائەت
تىزىم: 2012-1-29
ئاخىرقى: 2012-9-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-29 01:31:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

زەنجىردەك بوغارمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81203
يازما سانى: 1624
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5273
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 653 سائەت
تىزىم: 2012-6-7
ئاخىرقى: 2012-11-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-29 01:40:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Jim يوللىغان ۋاقتى  2012-7-28 11:35 PM
مەن سۈكۈتتە تۇراي


مىڭ  يىل  بۇرۇنلا  ئەژداتلىرمىز  بۇ  ماڭقۇرتلارنىڭ  شۇملىقىنى  بىلىپ  بولغان  دەيلى .،.،.
كونىلار شۇڭا  بىكا  دىمەپتىكەن  .،قاپاق  تۈرگەندىن  قورقما ،ھىجايغاندىن قورق دەپ .،.،. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zanjir34 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-29 01:40 AM  


قاغا ئۇچسا  قاناتىگە قاراڭلار ، گۇناھ قىلسا زەنجىر بىلەن  باغلاپ  تاناۋىنى  تارتىڭلار !!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64306
يازما سانى: 330
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5354
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 1542 سائەت
تىزىم: 2011-11-10
ئاخىرقى: 2012-10-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-29 02:49:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جۇڭگۇنىڭ مىليۇنلىغان ئاتوم بومبىسىدىنمۇ كۈچلۈك ھەم ئۈنۈملۈك بىر قورالى بار، ئۇ بولسىمۇ ___ سۆھبەت ئۈستىلى.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش