ليۇ شاۋچىنىڭ ئۆلۈمى
گۇندىپاينىڭ بايانى
لى يوڭخۇ: خۇبېي 2-گېنىراتۇرلار زاۋۇتىنىڭ پېنسىيىگە چىققان كادىرى. ئۇ بۇرۇن خېنەن جامائەت خەۋپسىزلىك باش ئەترىتىنىڭ سىياسىي يېتەكچىسى بولغان. ئۇ خېنەن جامائەت خەۋسىزلىك باش ئەترىتى 3-تارماق ئەترەت 7-ئوتتۇرا ئەترەتنىڭ سىياسىي يېتەكچىسى بولغان مەزگىلدە كەيفېڭدە قاماقتا ياتقان ليۇ شاۋچىنى نازارەت قىلىش ۋەزىپىسىنى ئارتقۇرغان. بۈگۈنكى كۈندە ئاللىقاچان كۈچ-ماغدۇرىدىن قېلىپ قەدەملىرى ئېغىرلاشقان لى يوڭخۇ بوۋاي ئېچىنغان، ھەسرەتلەنگەن ھالدا ئاشۇ پەۋقۇلئاددە مەزگىلدىكى ئېچىنىشلىق ھېكايىنى ئەسلەيدۇ.
«جىددىي ۋەزىپە»نى ئىجرا قىلىش
1969-يىلى 10ئاينىڭ 17-كۈنى چۈشتىن كېيىن مەركەزنىڭ نۇقتىلىق تەكشۈرۈش ئوبيېكتى بولغان بىرەيلەننىڭ كېچىدە كەيفېڭغا يۆتكەپ كېلىنىدىغانلىقى، يەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئورنىنىڭ يالاپ مېڭىش، نازارەت قىلىش خىزمىتىگە ماسلىشىش ھەققىدىكى بۇيرۇقنى تاپشۇرۋالدۇق. بۇيرۇق بەكلا جىددىي ئىدى. ئەينى چاغدا مەركەزنىڭ نۇقتىلىق تەكشۈرۈش ئوبيېكتىنىڭ كىملىكىنى بىلمەيتتۇق. كۆڭلىمىزدە بۇ ئادەمنىڭ ئادەتتىكى ئادەم ئەمەسلىكىنىلا جەزم قىلالايتۇق. تەخمىنەن كەچ سائەت توققۇز يېرىم ئەتراپىدا ئىل-14 تىپلىق مەخسۇس ئايرۇپىلان كەيفېڭ ئايرۇدرىمىغا قوندى. بىز بىر قانچە داۋالاش خادىمى بىلەن بىرگە ئاسما شوتا ئارقىلىق ئايرۇپىلانغا چىقىپ، ئايرۇپىلان بۆلمىسىنىڭ ئارقا تەرىپىگە ئۆتتۇق. بۆلمىنىڭ ئارقا تەرىپىگە ئۆتكەندىن كېيىن ناسىلكىغا ياتقۇزۇپ قويۇلغان ئورۇقلاپ بىر تېرە بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغان ئاق چاچلىق بىر بوۋاينى كۆردۇق. بوۋاينىڭ بۇرنىغا بۇرۇندىن ئوزۇقلىنىش نەيچىسى كىرگۈزۈلۈپ، گېلىغا بەلغەم سۈمۈرۈش ئەسۋابى ئورنىتىلغانئىدى. بېلىكىدە ئاسما ئوكۇل بولۇپ، ئاقىرىپ كەتكەن ئورۇق يۈزىدە قان دىدارى كۆرۈنمەيتتى. «بۇ رەئىسىمىز ليۇ شاۋچىغۇ؟» مەن ھەيران قالدىم. ۋەزىپىنى تاپشۇرۋالغان ھەممەيلەننىڭ ھەيران قالغانلىقى ئېنىق ئىدى. ئەمما ھېچكىم ئۈن چىقرالمىدى. ئۇ چاغدا ليۇ شاۋچىنىڭ ئاغدۇرۇلغانلىقىنى ھەممىمىز بىلسەكمۇ ئەمما ئۇنى بۇ ھالغا كەلتۈرۈپ قويار دەپ ئويلىماپتىكەنمىز. شۇ پەيتتە ھەممىمىزنىڭ قەلبىنى ئازاب چۇلغىۋالغانىدى.
«ئەركىنلىك»تىن مەھرۇم بولدۇق
قۇتقۇزۇش ماشىنىسى كەيفېڭ شەھەرلىك «ئىنقىلاۋىي كومىتېت» ئورگىنىڭ 1-نومۇرلۇق بىناسى تيەنجىن قورۇسىغا ئېلىپ كېلىندى. شۇ كېچىدىن باشلاپ قورۇنىڭ ئىچى-تېشىدا قاتتىق ئېھتىيات تەدبىرلىرى قوللىنىلدى. قورۇنىڭ تېمى ئېگىز ھەم پۇختا بولۇپ، ئۈستىگە توك سىملىرى تارتىلغان ئىدى. پەقەت بىرلا تۆمۈر ئىشىكتىن كىرىپ چىققىلى بولاتتى. بىز ئاتالمىش «17-نومۇرلۇق ۋەزىپە» (10-ئاينىڭ 17-كۈنى ليۇ شاۋچى كەيفېڭغا ئېلىپ كېلىنگەنىدى) دېيىلىدىغان بۇ ئىشنىڭ نازارەت قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيتتۇق. ئۇ چاغدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىش بىلەن تەڭ ئەركىنىلىكىمىزدىنمۇ مەھرۇم بولغانىدۇق: تالاغا چىقىشقا، خەت يېزىشقا، ئائىلىمىزدىكىلەر ، دوستلار بىلەن ھەر قانداق شەكىلدىكى بېرىپ كېلىشكە رۇخسەت قىلىنمايتتى. يەنە كېلىپ بۇنىڭغا پارتىيىۋىلىكىمىز، ھاياتىمىز بىلەن كاپالەت بېرىشىمىز كېرەك ئىدى. ئەمەلىيەتتە بىزمۇ نەزەربەنت قىلىنغان بولۇپ سىرت بىلەن ئالاقىمىز چورت ئۈزۈلگەنىدى.
تۆمۈر ئىشىكتە ۋە ليۇشاۋچىنىڭ ياتىقى ئالدىدا ئېھتىيات سىزىقى بار ئىدى. ئۇنىڭ كارۋىتى يېنىدىمۇ پوسلار 24 سائەت نۆۋەتچىلىك قىلاتتى. ئەينى چاغدا ھايات شامى ئاران-ئاران پىلىلداپ قالغان ئەشۇ ئاجىز بوۋايغا ئەشەددىي دۈشمەن تەقلىدىدە تەدبىر قوللىنىلغانىدى. ھازىر ئويلىسام ھەقىقەتەن قاملاشمىغانلا ئىش بولغانىكەن.
مەركەزدىن كەلگەنلەر قايتىپ كەتتى
رەئىس ليۇشاۋچىنىڭ خانىسىنىڭ ئەينەكلىرى چېقىۋېتىلگەن بولغاچقا كەچكۈزنىڭ سوغۇق شامىلى ئۇنىڭ ئاجىز بەدىنىگە ئۇرۇلاتتى. كەيفېڭگە ئېلىپ كېلىنگەن كېچىسى ئۇنىڭ ئۆپكە ياللۇغى قوزغالغاچقا قىزىتمىسى 39 غا چىقىپ قەي قىلىشى ئەدەپ كەتتى. ليۇ شاۋچىنىڭ كېسىلى ئېغىر بولغاچقا دورا-ئوكۇلغا جىددىي ئېھتىياجلىق ئىدى. ئەمما بۇيرۇقتا بېيجىڭدىن كەلتۈرۈلگەن دورىلارنىڭ بىر قىسمىنىلا ئىشلىتىش، خېنەن تەرەپنىڭ تەييارلىغانلىرىدىن بىر قىسىملىرىنى قايتۇرىۋېتىش، سىرتىن كىرگۈزۈشنى مەنئىي قىلىش دېيىلگەن ئىدى. مۇشۇ ئەھۋالدا ليۇ شاۋچىنى داۋالاش گۇرۇپپىسىنىڭ ھېچقانداق رولى قالمىغان بولۇپ، داۋالاشتىن سۆز ئاچقىلىمۇ بولمايتتى.
11-ئاينىڭ 5-كۈنىگە كەلگەندە ليۇ شاۋچىنىڭ قىزىتمىسى يەنە ئۆرلەپ كەتتى. توپتوغرا ئىككى كۈن قۇتقۇزۇش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن قىزىتمىسىنى 37.2 گىرادۇسقا چۈشۈرگىلى بولدى. شۇ چاغدا ليۇ شاۋچىنىڭ يېنىدا بولغانلارنىڭ ئېيتىشىچە ليۇ شاۋچى لام-جىم دېمىگىنى بىلەن ئەس- ھۇشى جايىدا بولۇپ داۋالاشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن ماسلىشىپتۇ. قارىغاندا ئۇ ياشاپ قېلىشقا تىرىشقان، ياشاي دەپ ئويلىغان....
ليۇ شاۋچىنىڭ قىزىتمىسى يېنىپ ئىككىنچى كۈنى يەنى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى مەركەزدىن كەلگەنلەر بۇيرۇققا بىنائەن قايتىپ كەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ليۇ شاۋچىنى نازارەت قىلىش، داۋالاش ۋەزىپىسىنى كەيفېڭدە تۇرۇشلۇق ئارمىيە ۋە جامائەت خەۋسىزلىك ئورنى ئۈستىگە ئالدى.
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاق كىرلىك يېپىپ قويدۇق
رەئىس ليۇ شاۋچى ھەركۈنى كۆزىنى چىڭ يۇمۇۋېلىپ، بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمايتتى. ئۇنىڭ تاماق يىيىشى مۇمكىن بولمىغاچقا داۋالاش خادىملىرىغا ماسلىشىپ بۇرۇن نەيچىسىدىن ئوزۇقلۇق ماڭغۇزۇپ ھاياتىنى ساقلاپ كېلىۋاتاتتۇق. ئۇ بىر ئېغىزمۇ سۆزلىمەيتتى، ھەتتا ئىڭراپمۇ قويمايتتى. ليۇ شاۋچى ئۆز ھاجىتىدىن ئۆزى چىقالماي، ھاياتنىڭ ئاخىرقى دەملىرىگە قاراپ ماڭغاندا ئۈنۈملۈك داۋالاش، كۈتۈشكە ئېرىشەلمەي كېسىلى كۈنسېرى يامانلاپ كەتتى. شۇ چاغدا ئۇنىڭ يېنىدا بىرەرمۇ قېرىندىشى يوق بولۇپ خوتۇن-بالىلرىنىڭ نەدىلىكىنى، قانداق قىسمەتلەرگە ئۇچرىغانلىقىنى بىلمەيتتى. بىلىدىغىنى ئۆزىنى سايىدەك ئەگىپ كېچە-كۈندۈز قىلىنىۋاتقان نازارەتچىلىك ئىدى.
11-ئاينىڭ 10-كۈنى ليۇ شاۋچىنىڭ 3-قېتىم قىزىتمىسى ئۆرلەپ كەتتى. قىزىتمىسى قايتا-قايتا ئۆرلەپ تېرمومېتىرنى قويۇپ بەش سائەتتىن كېيىن قىزىتمىسى 39.7 گە چىقتى. دوختۇرنىڭ داۋالاش سەۋىيىسى ۋە شارائىت چەكلىك بولغانلىقى، يەنە كېلىپ كېسەللىك تارىخىدىن بىخەۋەر بولغانلىقتىن ئۆپكە ياللۇغى بويىچىلا داۋالاشقا توغرا كەلگەنىدى. دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالاشقا رۇخسەت قىلىنمىغاچقا يېرىم كېچە بولغاندا ليۇ شاۋچىنىڭ كالپۇكلىرى سۆسۈن رەڭگە كىرىپ، ئېغىزى بىلەن نەپەسلىنىشكە باشلىدى. ئوكسىگىن سۈمۈرتىشنىڭمۇ ئۈنۈمى بولمىدى. كۆزلىرىنىڭ نۇرى ئۆچۈپ قىزىتمىسى 40.1 گىرادۇسقا چىقتى. ئەمما نۆۋەتچى سىستىرا يەنىلا كونا رېتسىپ بويىچە دورا بەردى. ئىكككىنچى كۈنى سەھەر سائەت 6دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە ئىش يامانلىشىپ باشقا دوختۇرلار جىددىي چاقىرتىپ كېلىنگەن بولسىمۇ ئاللىقاچان كېچىككەن ئىدى.
6دىن 42 مىنۇت ئۆتكەندە دوختۇرلار تولۇق كېلىپ بولدى. ئۈچ مىنۇتتىن كېيىن يەنى 1969-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى 6دىن 45 مىنىۇت ئۆتكەندە ھەدىدىن زىيادە ئېزىلىشكە ئۇچرىغان يۈرەك سوقۇشتىن توختىدى.
مەن ليۇ شاۋچى ۋاپات بولۇشنىڭ ئالدىدا بىر پىلاستىك قۇتىنى سىقىملاپ قاپاق شەكلىگە كەلتۈرگەنلىكىنى بايقىغانىدىم. مەن چاندۇرماي كۆز جىيەكلىرىمدىكى ياشنى سۈرتىۋېتىپ جۇمھۇريىتىمىزنىڭ رەئىسى ليۇ شاۋچىنىڭ جەسىدى ئۈستىگە ئاق كىرلىك يېپىپ قويدۇم.
«ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كېسەل» كۆيدۈرۈلدى
1969-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى كېچە سائەت 12 دە ليۇ شاۋچىنىڭ جەسىدى بىر جىپ ماشىنىسىغا سېلىندى. ماشىنا بۇ قامەتلىك بەدەننى سىغدۇرالمىغاچقا پۇتلىرى ماشىنىنىڭ سىرتىغا چىقىپ قالدى. بۇ چاغدا مېيىت كۆيدۈرۈش ئورنى ئاللىقاچان «ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كېسەل»نى كۆيدۈرۈش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۋالغانلىقتىن ئىككى كۆيدۈرۈش خادىمى تەق بولۇپ تۇراتتى.
مېيىت ماشىنىسى قەدىمىي شەھەرنىڭ كوچىسىدا ئاستا ئىلگىرلەيتتى. ھەر قانداق شەكىلدىكى مۇراسىم ئۆتكۈزۈلمىدى، بىرەر تۇغقىنىمۇ يېنىدا بولالمىدى. بىر دۆلەت رەئىسى مانا مۇشۇنداق ئۈن-تىۋىشسىز ھالدا بۇ تېنچسىز جاھاندىن كەتتى. ئۇنىڭ كەيفېڭ دىيارىدا قالغان بارلىق ماددىي بويۇملىرى ئۇنىڭ بىلەن تەڭ كۆيدۈرۈلدى. قېپ قالغىنى پەقەت جەسەت كۈلى ئىسپاتى بولۇپ ئۇنىڭغا: ئىسمى ليۇ ۋېيخۇاڭ، كەسپى يوق دەپ يېزىلغانىدى. بىرەيلەن ليۇ شاۋچىنىڭ ئوغلى نامىدا «ليۇ يۇەن» دەپ ئىمزا قويۇپ ساقلاش رەسمىيىتىنى بېجىردى. ليۇ شاۋچىنىڭ جەسەت كۈلى ماگىزىندىن سېتىۋېلىنغان ئاددىي ياغاچ قۇتىغا قاچىلىنىپ ھەق تاپشۇرۇلغاندىن كېيىن جەسەت كۆيدۈرۈش ئورنىغا ساقلاشقا تاپشۇرۇلدى. شۇنىڭدىن كېيىن مەخسۇس ئەنزە گۇرۇپپىسى بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرنى ھەر قاندىقىمىزنىڭ ئاشكارىلاشقا بولمايدىغانلىقى ھەققىدىكى ئىنتىزامنى ئېلان قىلدى.
1980-يىلى 2-ئايدا مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى ئاياقلىشىپ تۆت يىلدىن كېيىن 11 نۆۋەتلىك 5-ئومۇمىي يىغىندا ليۇ شاۋچىنى ئۈزۈل-كېسىل ئاقلاپ، نامىنى تولۇق ئەسلىگە كەلتۈردى. يېڭى جۇڭگو ئەڭ چوڭ ناھەق ئەنزە 14 يىل ئۆتكەندە ئاقلاندى.
«شەھەر ئىستىمالى» گېزىتىدىن ئەسقەر ياسىن تەرجىمە قىلدى.
ئادرېس: «كروران» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمى
مەنبە :
http://www.bilqut.com/
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا AgRaNoM تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-28 09:10 PM