ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر ، ئۇلۇغ ئاي - ئۇلۇغ كۈنلەردە سىلەرگە شۇم خەۋەر يەتكۈزگۈم يوق ئىدى ، ئەمما مۇسىبەت خەۋىرىنى بېرىش مەجبۇرىيىتىمىز بولغانلىقتىن سىلەرگە بۇ شۇم خەۋەرنى يەتكۈزمەكچىمەن .
ھازىرلا غۇلجا تەرەپتىكى ئىشەنچىلىك مەلۇماتلار تەرەپ - تەرەپتىن كېلىپ شۇم خەۋەر يەنى ئىلى خەلقىنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى ئەل سۆيگەن چاقچاقچى تۇداخۇن (كۆپچىلىك ئالماشتۇرۇپ قويماسلىقى ئۈچۈن لەقىمى بىلەن يوللىدۇق ، يەنى غۇلجا تۇققۇستارا ناھىيىسىدىكى تۇداخۇن پاكار) نىڭ قازا قىلغانلىقىدىن خەۋەر تاپتۇق .
رەھمەتلىكنىڭ يۈرەك كېسىلى بار بولۇپ بۈگۈن چۈشتىن كېين سائەت 4:00 لەر بىلەن توققۇستارا ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغانكەن . رەھمەتلىكنىڭ نامىزىنى كۆپچىلىك ئەتىلىككە چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10:00 لار بىلەن چۈشۈرۈشنى قارار قىلغانلىقىدىن خەۋەر تاپتۇق ... مەرھۇمنىڭ نامىزىغا قاتنىشىشنى ئويلىغان يېقىنلىرىنىڭ ۋاقتىدا قاتنىشىپ بېرىشىنى سورايمىز !
تۇداخۇن ئايالى بىلەن بىللە
تۇداخۇن ئايالى ،پەرزەتىتى دوسلىرى بىلەن بىللە
تۇداخۇنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ۋاقتى
ئۇچۇر مەنبەسى قانچىلىك ئىشەنچىلىك بولسىمۇ يەنىلا بىرەر قېتىم تېلېفۇن ئارقىلىق سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن !
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا zvmrat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-29 11:07 AM