ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك مۇنبەرداشلار! لوندون ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىڭ 1-كۈنى سىلەرگە يىڭى خەۋەرلەرنى يەتكۈزۈش باھانىسىدا سىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشۈپتىمەن. ئەمىسە مەن ۋاقىتنى سوزىماي خوش خەۋىرمنى دەي.
بۈگۈن يەنى ئولىمپىكنىڭ 1-كۈنى چۈشتىن كىيىن سائەت 16:00 (ئۈرۈمچى ۋاقتى) جۇڭگو كوماندىسىغا ۋاكالىتەن قاتناشقان 10 مىتىرلىق مىلتىق ئېتىش ماھىرى يى سى لىيىڭ 10 مىتىرلىق مىلتىق ئېتىش تۈرىدە بىر ئالتۇن مىدالغا ئېرىشتى. بۇ ئالتۇن مىدال جۇڭگو كوماندىسىنىڭ بۇ قىتىمقى يىغىندىكى تۇنجى ئالتۇن مىدالى ھەم لوندون ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ تۇنجى ئالتۇن مىدالى.
7-ئاينىڭ 28 -كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن لوندون ئولىمپىك يىغىنىڭ ئاياللار ۋاسكىتبول گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدا جۇڭگو كوماندىسى رەقىبى چېخ كوماندىسىنى 57گە قارشى 65 نومۇر بىلەن يېڭىپ تۇنجى مەيدان غەلبىسىنى قولغا كەلتۈردى.
مۇسابىقە كۈن تەرتىپلىرى:2012-يىلى 07-ئاينىڭ 28-كۈنى 20:30 ئەرلەر 10 مىترلىق قول تاپانچا قارىغا ئېتىش مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانىسى ئولىمپىك قانىلى نەق مەيداندىن بىۋاستە تارقىتىدۇ.
2012-يىلى 07-ئاينىڭ 28-كۈنى 20:30 ئاياللار 48 كىلوگراملىقلار بويىچە شىتانكا كۆتۈرۈش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانىسى ئونۋېرسال قانىلى نەق مەيداندىن بىۋاستە تارقىتىدۇ.
2012-يىلى 07-ئاينىڭ 29-كۈنى 00:49 ئەرلەر 400 مىتىر ئەركىن سۇ ئۈزۈش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانىسى ئولىمپىك قانىلى نەق مەيداندىن بىۋاستە تارقىتىدۇ.
2012-يىلى 07-ئاينىڭ 29-كۈنى 01:40 ئاياللار 4×100 كۈچ ئۇلاپ سۇ ئۈزۈش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانىسى ئولىمپىك قانىلى نەق مەيداندىن بىۋاستە تارقىتىدۇ.
2012-يىلى 07-ئاينىڭ 28-كۈنى 21:00 ئاياللار رۇداۋچە چىلىشىش 48 كىلوگراملىقلار ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى
2012-يىلى 07-ئاينىڭ 28-كۈنى 21:30 ئەرلەر رۇداۋچە چىلىشىش 60 كىلوگراملىقلار ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى
2012-يىلى 07-ئاينىڭ 29-كۈنى 10:00 ئاياللار تاشيول ۋېلىسپىت مۇسابىقىسى
يۇقارقى مۇسابىقىلەرنىڭ ۋاقتى (ئۈرۈمچى ۋاقتى)
7-ئاينىڭ 29-كۈنىدىكى باشقا مۇسابقىلەر (بېيجىڭ ۋاقتى)
بۈگۈنكى ئالتۇن مىدال ئەھۋالى:
1-ئورۇندا تۇرىدىغىنى جۇڭگو 1ئالتۇن مىدال،1مىس مىدال ئومۇمىي مىدال سانى 2
2- ئورۇندا تۇرىدىغىنى پولشا 1 كۈمۈش مىدال ئومۇمىي مىدال سانى 1
پاكزات فىلىم ستۇدىيىسى
پەخىردىن تۇرسۇن ئوتياشى
مەنبە: ئۆزۈم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قارلۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-29 02:23 PM