مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1944|ئىنكاس: 14

رامىزان ئېيىدا بۇ ئاينىڭ ھۆرمىتىنى ساقلاۋاتامسىز؟؟؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

سەمىمى بولۇڭ!!!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25217
يازما سانى: 258
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9627
تۆھپە نۇمۇرى: 291
توردا: 203 سائەت
تىزىم: 2011-1-6
ئاخىرقى: 2012-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-28 06:27:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم :
مانا مۇشۇنداق ئۇلۇغ-ئاي ئۇلۇغ كۈنلەردە پۈتكۈل دۇنيادىكى بارلىق مۇسۇلمانلار بۇ ئاينى غەنىيمەت بىلىپ نۇرغۇنلىغان ياخشى ئىش پائالىيەت بىلەن مەشغۇل بولماقتا ...لىكىن بىرقىسىم قىرىنداشلىرىمىز ئىسلامنى كەمتۈك چۈشۈنۈپ قالغانلىقى ،سەل قارىغانلىقى...ئىرادىسىزلىكى تۈپەيلىدىن روزا تۇتىۋاتقان بولسىمۇ يەنە بىر قىسىم جىنايى قىلمىشلار بىلەن ئاشكارە ياكى يوشۇرۇن  مەشغۇل بولماقتا ..بۇ قىرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ قىلمىشلىرىدىن يىنىشى ھەمدە بۇ ئۇلۇغ ئايدىكى ئاللاھنىڭ مەغپىرتىگە ئىرىشىنى ئۈمۈت قىلىپ بۇ مەزمۇنلارنى تەييارلىدىم ...ئاللا ھەممىمىزنىڭ ئىلگىرى-كىيىنكى ،ئاشكارە ياكى يوشۇرۇن گۇناھلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلسۇن ..ھەممىمىزنى توغىرا يولغا باشلىسۇن...ئامىين!!!
بۇ ئۇلۇغ ئايدا رىئايە قىلىش زۆرۈر بولغان مۇھىم ئەدەپ-قائىدىلەر.

ئەلۋەتتە روزا تۇتقان كىشى ئىنسانىي كامالەت ۋە ئىنسانىي تەرەققىياتنى كۆزلەيدۇ، شۇڭا ئۇ ئۆزىدىكى يامان ئىللەتلەرنى تاشلاشقا ئۆزىنى زورلىشى كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا ئۇنىڭ روزىسى جانابى ئاللاھ ئۈچۈن بولغان بولىدۇ، روزىنىڭ ھەقىقىي پايدىسى كۆرۈلۈشى ئۈچۈن روزىدار مۆمىن كىشىگە ياراشمايدىغان بارلىق نالايىق ئىش-ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىشى لازىمدۇر، بۇنى پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ سۆزى ئارقىلىق ئىپادىلىگەندۇر: ((كۆپىنچە روزىدارلار تۇتقان روزىسىدىن ئاچلىقتىن باشقا نەرسە قولغا كەلتۈرەلمەيدۇ، كۆپىنچە كېچىدە تەراۋىھ ئوقۇغانلار ئۇيقۇسىز قېلىشتىن باشقا ئىشقا ئېرىشمەيدۇ)).

دېمەك: روزا تۇتقان كىشى دېگەن يېمەك-ئىچمەك، شۇنداقلا ناچار سۆز ۋە ئىش-ھەرىكەتلەردىن ئۆزىنى تۇتىۋالغان، تىلىنى گەپ توشۇش، غەيۋەت ۋە يالغان-ياپىداق سۆزلەرنى قىلىشتىن تۇتىۋالغان، قولىنى ھارام پۇل تېپىش ۋە باشقىلارغا ئازار بېرىشتىن تۇتىۋالغان، پۇتىنى يامان يولغا مېڭىشتىن، بۇزۇقچىلىق قىلىشتىن تۇتىۋالغان كىشىدۇر، شۇڭا ئەرەب تىلىدا روزا تۇتۇشنىڭ مەنىسى تۇتۇش دېگەننى بىلدۈرىدۇ، يەنى سۆز جەھەتتىن بولسۇن، ئىش-ھەرىكەت جەھەتتىن بولسۇن ئومۇميۈزلۈك ناچار قىلىقتىن ئۆزىنى تۇتۇشتۇر. باشقىلار ئۇنى تىللىغان ئەھۋالدىمۇ پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كۆرسەتكەن بويىچە: مەن روزا تۇتقان، دەپ روزىغا رىئايە قىلىشى، روزىسىنى بۇزماسلىقى، پەسلەر بىلەن تەڭ بولماسلىقى كېرەكتۇر، ئالىملار روزى تۇتقان كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىككى تۈرگە ئايرىشىدۇ: ئاۋامۇنناس روزىسى، خاس زاتلارنىڭ روزىسى.

ئاۋامۇنناس روزىسى دېگىنى: قورساق ۋە جىما شەھۋېتىدىن ئۆزىنى تۇتۇش.

خاس زاتلارنىڭ روزىسى دېگىنى: كۆزىنى نامەھرەمگە قاراشتىن، تىلىنى، قولىنى، پۇتىنى، قۇلىقىنى ۋە بارلىق ئەزالىرىنى گۇناھ ئىشلاردىن ساقلاش.

يەنە تېخىمۇ خاس زاتلارنىڭ روزىسى دەپ ئۈچىنچى تۈرگە ئايرىغان بولۇپ، بۇ دىلىنى ھەرقانداق پەس ئوي-خىيال ۋە ئاللاھدىن يىراقلاشتۇرىدىغان تەپەككۇرلاردىن ساقلاش دەپ كۆرسىتىشكەن. ئەلۋەتتە كىشىلەر بۇ ھەقتە ئوخشىمىغان دەرىجىدە بولىدۇ، تۇتقان روزىلىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.

بۇ ئۇلۇغ ئايدا قىلىش زۆرۈر بولغان يەنە باشقا مۇھىم ئىبادەتلەر.

1. مالنىڭ يىللىق زاكىتىنى بېرىش.

پەرز زاكات باي كىشىلەرگە ھەر يىلى 2.5% مىقداردا بېرىش بەلگىلەنگەن بولۇپ بۇنى مۇسۇلمانلار رامىزان ئېيىدا بېرىپ ئادەتلەنگەندۇر، بىز يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ھىجرىي كالېندار ئىسلام پائالىيەتلىرىنى قىلىشتا ئاساس قىلىنغانلىقى ئۈچۈن زاكات بەرگەندە ھىجرىي كالىندارغا تايانماي مىلادى كالېندار بويىچە زاكات بەرگەن تەقدىردە ھەر 33 يىلدا بىر يىلنىڭ زاكىتىنى يەپ كېتىش ئەھۋالى يۈز بېرىدۇ، شۇڭا زاكات بەرگەندە بىرىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى دەپ مىلادى كالېندار بويىچە بەرمەي، ھىجرىي كالېندار بويىچە بېرىشكە دىققەت قىلىش كېرەك، رامزاندا بېرىپ ئادەتلەنسەك تېخى ياخشى.

2. قۇرئان ئوقۇش ۋە تىڭشىشىش.

رامىزان ئېيى قۇرئان ئېيى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، رامىزان ئېيىدا ھەر يىلى پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جىبرىيل ئەلەيھىسسالام بىلەن قۇرئان تىڭشىشىپ تۇراتتى، ۋاپات بولغان يىلىدا 2 قېتىم تىڭشاشقان، بۇنىڭغا ئاساسەن مۇسۇلمانلار تاراۋىھتا خەتمە قىلىشقا ھەم رامىزان كۈنلىرىدە قۇرئان ئوقۇشقا ئادەتلەنگەن.

بۇ ئۇلۇغ ئايدا ئادەتتىكى ئايلاردا قۇرئان ئوقۇيالمايدىغان كىشىلەر قۇرئاننى كۈندە بىر پارىدىن ئوقۇپ 30 كۈندە بىر تامام قىلىۋالسا بولىدۇ، ئوقۇشنى بىلمەيدىغانلار 30 كۈن ئىچىدە يېرىم سائەتتىن ۋاقىت چىقارسا رامىزان ئىچىدە قۇرئان ئوقۇشنى تولۇق ئۆگىنىۋالالايدۇ.

3. خەيرى-ساخاۋەتنى كۆپ قىلىش.

بۇ ئۇلۇغ ئاي خەير-ساخاۋەتنى كۆپ قىلىش ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك بولغان ئاي بولۇپ، پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم باشقا ئايلارغا قارىغاندا بۇ ئايدا ئىنتايىن بەك كۆپ خەير-ئېھسان قىلاتتى، شۇڭا باشقىلارنى ئىپتارلىتىۋېلىش، كەمبەغەللەرگە ياردەم قىلىش ۋە يوقلاش ئىشلىرىنى كۆپ قىلىپ بۇ پۇرسەتنى قولدىن بەرمەسلىككە تىرىشىش لازىم.

4. يامان ئىللەت ۋە ئادەتلەردىن قۇتۇلۇش.

روزا تۇتۇش بارلىق يامان ئادەتلەرنى شۇنداقلا گۇناھ ئىشلارنى تاشلاشقا ۋە ئۇنىڭدىن ئۈزۈل-كېسىل ئاجراشقا مۇھىم بىر پۇرسەتتۇر، بىر ئاي جەريانىدا يامان ئادەتنى تاشلىيالىغان تەقدىردە ئۇنىڭدىن تولۇق ئاجراپ كەتكىلى بولىدۇ، مەسىلەن: تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش، تىل-ھاقارەتلىك سۆزلەرنى ئىشلىتىش، ناخشا ئاڭلاش، تېلېۋىزورنى كۆپ كۆرۈش، تاماقنى كۆپ يېيىش قاتارلىقلار.

رامىزان ئېيىدا ئىبادەت قىلىش ئاسان بولىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەزرىتى ئەبى ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان سەھىھەيندىكى بىر ھەدىستە مۇنداق دېگەن: ((رامىزان ئېيى كەلسە جەننەت دەرۋازىلىرى ئېچىلىدۇ، دوزاخ دەرۋازىلىرى تاقىلىدۇ، شەيتانلار باغلىنىدۇ))

بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسى: ئاللاھ تائالا بۇ ئۇلۇغ ئايدا بەندىلىرىنى ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا مۇيەسسەر قىلىدۇ، نەتىجىدە ئۇلار روزا ۋە تەھەججۇدتەك كۆپ ساۋابلىق ئىشلارنى قىلىپ جەننەتكە كىرەلەيدۇ، شۇنداقلا كىشىلەردە قەيسەر ئىرادە ۋە ئاللاھ مېنى كۆزىتىدۇ دەيدىغان تۇيغۇ كۈچلەنگەچكە ئۇلار دوزاخقا كىرگۈزىدىغان گۇناھلارنى قىلمايدۇ، دېمەك بۇ پەزىلەتلىك ئايدا ساۋاب ھەسسىلەپ بېرىلىدۇ، كۆپ مۇسۇلمانلار گۇناھلارنى تاشلايدۇ. جەننەت دەرۋازىلىرى ئېچىلىدۇ دېگەن سۆزنىڭ مەجاز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان باشقا بىر ھەدىستە مۇنداق دەپمۇ كەلگەن: ((رامىزان ئېيى كەلسە رەھمەت دەرۋازىلىرى ئېچىلىدۇ)).

شەيتانلارنىڭ باغلىنىشىغا كەلسەك بەزى ئالىملار شەيتانلارنىڭ باغلىنىشىنى ھەقىقەت دەپ قارىسا يەنە بەزى ئالىملار بۇ ماجاز دەپ قارىغان.

ماجاز دېگەن ئالىملار مۇنداق دېگەن: شەيتانلارنىڭ باغلىنىشى ئۇلارنىڭ ئىنسانلارنى ئازدۇرالماسلىقى، ئىنسانلارنىڭمۇ ئۇلارنىڭ ۋەسۋەسە ۋە ئازدۇرۇشىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقى، ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىنسانلارنى ئازدۇرۇشقا ھېچ تەمە قىلالماسلىقىدىن ماجازدۇر، چۈنكى رامىزان ئېيى كىرسە كىشىلەر روزا تۇتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن كىشىلەردىكى ھايۋانىي شەھۋەت ئاجىزلايدۇ، گۇناھلارغا تۈرتكە بولىدىغان ھايۋانىي شەھۋەت ئاجىزلىغاچقا كۆڭۇللىرى ئەينەكتەك ساپ ۋە سۈزۈك بولىدۇ، ئەقىللىرى پايدىلىق ۋە ساۋابلىق ئىشلارنى قىلىشقا، گۇناھلارنى قىلماسلىققا ئۈندەيدۇ، نەتىجىدە ئۇلار بارلىق ياخشى ئەمەل-ئىبادەتلەرگە يۈزلىنىپ گۇناھلاردىن يۈز ئۆرۈيدۇ، شۇڭا ئۇلارغا جەننەت دەرۋازىلىرى ئېچىلىپ دوزاخ دەرۋازىلىرى تاقىلىدۇ، شەيتان ئۇلارغا ھېچ تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ، شەيتان ئۇلارغا ۋەسۋەسە سېلىشقا يېقىنلاشسا، ئۇلاردىكى ئىيمان ۋە تائەت نۇرى شەيتاننى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ)).

شەيتانلارنىڭ باغلىنىشىنى ھەقىقەت دەپ قارىغان بەزى ئالىملار مۇنداق دېگەن: ”شەيتانلارنىڭ ھەممىسى رامىزان ئېيىدا ھەقىقەتەن باغلىنىدۇ، شۇڭا ئۇلار كىشىلەرگە ۋەسۋەسە سالالمايدۇ، ياكى شەيتانلارنىڭ يامانلىرى باغلىنىدۇ، كىچىك ۋە ئاجىزلىرى باغلانمايدۇ دېيىشكىمۇ بولىدۇ، چۈنكى بەزى ھەدىستە ((رامىزان كەلسە شەيتانلارنىڭ يامانلىرى باغلىنىدۇ)) دېيىلگەن، دېمەك بۇ ئايدا شەيتانلارنىڭ ھەممىسى ياكى يامانلىرى باغلانغانلىقى ئۈچۈن باشقا ئايلارغا قارىغاندا بۇ ئايدا گۇناھ ئىشلار ئاز بولىدۇ، شەيتانلار باغلانغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئايدا ھېچقانداق گۇناھ سادىر بولماسلىقى كېرەك ئىدى، ئەمەلىيەتتە بۇ ئايدىمۇ گۇناھلار سادىر بولىدۇغۇ؟ دېيىش ئورۇنسىز، چۈنكى گۇناھلارنىڭ مەنبەسى شەيتانلارلا ئەمەس، بەلكى پەس كىشىلەر، ئوسال ئادەتلەر ۋە ئىنسىي شەيتانلارمۇ گۇناھلارغا سەۋەب بولىدۇ“.

بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسىگە ھەقىقىي ياكى ماجازىي مەنە بەرسەك ھەر ئىككى ئەھۋالدا بۇ ھەدىس ئەمەلىيەتكە زىت كەلمەيدۇ، چۈنكى يامان ئىشلار ۋە گۇناھلار باشقا ئايلارغا قارىغاندا رامزاندا ئاز سادىر بولىدۇ، باشقا ئايلاردا ئەمەل-ئىبادەتكە يۈزلەنمەي قالغانلارمۇ بۇ ئايدا ناماز ئوقۇپ روزا تۇتۇش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ تائىتىنى قىلىشقا قولايلىق تاپىدۇ، ئادەتتە باشقا ئايلاردا تائەت-ئىيادەت بىلەن شۇغۇللانغانلار رامىزان ئېيى كەلسە تېخىمۇ كۆپ ئەمەل-ئىبادەت قىلالايدۇ، قۇرئان ئوقۇش، تەراۋىھ نامىزى ئوقۇش، كېچىدە تەھەججۇد ئوقۇش، خەير-ساخاۋەت قىلىش ئىشلىرىنى تېخىمۇ كۆپ قىلالايدۇ، باشقا ئايلاردا ئانچە-مۇنچە كىچىك گۇناھلارنى قىلىپ سالىدىغانلار بۇ ئايدا ئاشۇ كىچىك گۇناھلارنىمۇ قىلماي تاشلىيالايدۇ.

ئەمەلىيەتتە بىز ھەممىمىز كۆرگەن بۇ ھەقىقەتنى ئىلمىي جەھەتتىن يۇقىرىقى ھەدىس بىلەن بىللە تەھلىل قىلىدىغان بولساق، بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەق پەيغەمبەر ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە دەلىل بولالايدىغان بىر مۆجىزە ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى رامزاندا تائەت-ئىبادەتكە يۈزلىنىش ۋە تۈرلۈك گۇناھلارنى تاشلاشمۇ باشقا ئايلاردىن كۆپرەك بولىۋاتىدۇ ۋە بولماقتا.

مەنبە:رامزانلىق توپلاملاردىن

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   katran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-28 07:30 PM  


ئى مۇسلىمە قېرىندىشىم ئۇنۇتماڭ، سىز قەدىرلىك ئىنسانسىز، بىر نەچچە كۈنلىكلا قەدىرىڭىزنى قىلىش سىزنى ئالداپ كەتمىسۇن. قاراڭكى ئىسلام بىلەن سىز مەڭگۈ ھۆرمەتلىكسىز !!ھىكمەت مۇئمىننىڭ يۈتۈرۈپ قويغان نەرسىسى مۇئمىن ئۇنى نەدىن تاپسا ئۇنىڭغا ھەقلىق!!!

نېمىلەرنى ئويلا

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12654
يازما سانى: 1889
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12990
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 3095 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-28 06:54:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم ، اللە ئىلىمىڭىزنى زىيادە قىلسۇن ، اميىن !
مۇبارەك رامىزان ئېيى بىر ئايلىق تەربىيلىنىش كۇرسى بۇلۇپ ، بۇ كۇرسقا كىرگەنلەرنىڭ قانچىلىك كۆپ نەرسىلەرنى ئۈگىنىۋېلىشى ياكىي كىرگەن پېتى چىقىپ كىتىشى ھەر كىمنىڭ ئۆزىگە باغلىق ئىش . رامىزان ئېيىدىكى بۇ ياخشى ئەمەللەرنى ، گۈزەل پەزىلەتلەرنى ئۈگىنىدىغان ئايدا ، ياخشى ئەمەللەرنى كۆپلەپ قىلىشقا ، سۈيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد مۇستافا سەللەللەھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ گۈزەل پەزىلەتلىرىنى ئۆزىمىزدە يىتىلدۈرۈشكە ، ئىللەتلىرىمىزنى تۈگتشكە تىرىشايلى !
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   azizgul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-28 06:59 PM  


ھوشۇڭنى تاپ،ئەر

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23801
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6247
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 14 سائەت
تىزىم: 2010-12-25
ئاخىرقى: 2012-8-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-28 06:56:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاختىدا چىققان شامال.

دۇنياداسەن بىرلىمۇ قىينما جنم

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 1195
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6392
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 173 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-28 07:34:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەۋسىيە   

سىنى ياخشى كۆرۈپ قالغىنىم ئۈچۈن مۇشۇ كۈنگە قالدىممۇ
ئي ئۇلۇغ اللە دەرتمەننڭ ئىگىسى سەن يالغۇزنىڭ يارىسەن

ئادەم ئىمانى بىلەن ئادەم .....

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82799
يازما سانى: 333
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3684
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 62 سائەت
تىزىم: 2012-7-21
ئاخىرقى: 2012-9-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-28 08:01:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسىل تېما !!
كۆرۈپلا خىسلەتنىڭ تېمىسىمىكى دەپ پەرەز قىلغانىدىم ..

بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوقت

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68426
يازما سانى: 821
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8031
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 654 سائەت
تىزىم: 2011-12-4
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-28 09:00:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا ئەجىرىڭىزنى بەرسۇن

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ  ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82956
يازما سانى: 164
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4037
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 185 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-28 10:31:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رامىزاننىڭ ھۆرمىتىنى ھەقىقى  ئادا قىلىش ئۈچۈن، مۇشۇ رامىزاننى ھۆرمەتلىك قىلىۋەتكەن
قۇرئاننىڭ، مۇسۇلمان جامائىتىگە بىر پۈتۈن تەدبىق قىلىنىشى ئۈچۈن تېرىشىش كېرەك.

قۇش ئاسماندا ئەركىن پەرۋازلايدۇ، بېلىق سۇدا خوشال يايرايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81936
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3078
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 10 سائەت
تىزىم: 2012-6-22
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-29 11:31:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رامىزان مۇبارەك

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81936
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3078
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 10 سائەت
تىزىم: 2012-6-22
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-29 11:43:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رامىزان مۇبارەك

سەمىمى بولۇڭ!!!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25217
يازما سانى: 258
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9627
تۆھپە نۇمۇرى: 291
توردا: 203 سائەت
تىزىم: 2011-1-6
ئاخىرقى: 2012-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-29 01:05:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلىپ ئەمەل قىلىش ياخشى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Hislet تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-29 04:25 PM  


ئى مۇسلىمە قېرىندىشىم ئۇنۇتماڭ، سىز قەدىرلىك ئىنسانسىز، بىر نەچچە كۈنلىكلا قەدىرىڭىزنى قىلىش سىزنى ئالداپ كەتمىسۇن. قاراڭكى ئىسلام بىلەن سىز مەڭگۈ ھۆرمەتلىكسىز !!ھىكمەت مۇئمىننىڭ يۈتۈرۈپ قويغان نەرسىسى مۇئمىن ئۇنى نەدىن تاپسا ئۇنىڭغا ھەقلىق!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش