مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1452|ئىنكاس: 25

ساۋاتسىزلارنىڭ سىياقى ‹سۆزئويۇنى› [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32154
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3364 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-28 05:17:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ساۋاتسىزلار سىياقى



سۆز ئۇيۇنى




سالما سىياق سازاڭدەك،

ساۋاتسىزلار ساماندەك.

ساۋاتسىزلار سۆزلەيدۇ،

ساقايمىغان ساراڭدەك.


                                            




       سودىگەرلەرنىڭ سۇنى سوغاق ساقلايدىغان ساندۇقلىرىدا،ساخاۋەتچىلەرنىڭ سامان ساقلايدىغان ساڭلىرىدا ساقلانغان، ساراڭلار ساناتورىيسدە ساچقاننىڭ سۈتۈنى سەكسەن سەككىز سوتكا سۈمۈرۈپمۇ ساقايمىغان ساۋاتسىزلار؛-ساياھەتچىلەرنىڭ سالمىسىدەك سەكرەپ، سۈت ساتقۇچىلارنىڭ سۆۋىتىدە سازاڭدەك سايراپ،سەركەردىلەرنىڭ ساسلىقتىكى سېرىق سۆگەت سايىسىدا سايىداپ،ساراڭ سوپىلارنىڭ سېرىق سەللىسىنى  ساغساغرىسىغا ساڭگىلىتىپ، سەپەرداشلىرىغا سۆرەمدەك سۆرۈلىۋىلىپ،سەپەرداشلىق سالاھىتىنى ساقلىيالمىدى.سىياسىتىمىز ساۋاتسىزلارنىڭ سالاھىتىدىكى سۈپەتسىزلىكنىڭ سەۋەپلىرىنى سىستىمىلىق سۈرۈشتۈردى.


     سەۋەپ؛-سىياسىتىمىزنىڭ سەمىمىلىكىدىن ساۋاتسىزلارنىڭ سالاھىتى سىستىمىلىق سۈرۈشتۇرۈلمىگەن.ساۋاتسىزلارنى ساھەلەرنىڭ سىزىقلىرىغا سىستىمىلىق سەپلەپ ساھەلەرنىڭ سۈزۈك سۇلىرىنى سىكىن-سىكىن سۈمۈرۈتىپ ساغلام سەمرىتىش.


      ساۋاتسىزلار سەپلەنگەن ساھەلەرنىڭ ساپ، سۈزۈك سۇلىرىنى سىستىمىلىق سۈمۈرەلمىگەچكە سەمىمى، ساغلام سەمرىيەلمىدى. ساھەلەرنىڭ سالاپەتلىك سەيناسىنى سەتلەشتۈرۋەتتى، سەپەر سۈرئىتىنى سۇسلاشتۇرىۋەتتى.سەپداشلار سورۇنلىرىنىڭ سۆھبىتىنى سويتىۋەتتى،سەپداشلىرىنى سەسكەندۈرىۋەتتى.


      ساۋاتسىزلارنىڭ سالاھيەت سۈپۈتىنى ساۋاتلىقلارنىڭكىگە سېلىشتۇرساق؛ ساۋاتلىقلار سانسىزلىغان سەھنە-سەپەرلەردە سەمىمى،سىياسەتكە سادىق، سالام-سائەتتە سالاپەتلىك،سۆزلىرى سۈزۈك سۇدەك.سەييارىلەردەك سەزگۈر.


      ساۋاتسىزلار؛-سەھنىلەردە سىلىق-سىپايە سۆزلەيدۇ، سورۇنلاردا سۆزلىگەن سۆزلىرى ساغلىقنىڭ سۈدىكىدەك سېسىك. سىماسى ساماندەك، سىياقى سالمىدەك،سۆڭنىڭ سۆڭكى سۇنۇق،سوڭىدا سېسىق سۇ سازاڭدەك سايراپ سالمىدەك ساڭگىلايدۇ، سىماسى سۇنىڭ سايىسىدەك،سويمىغان سامساقتەك،ساسلىقتىكى سۆرەمدەك.سۆلىتى سۆيگىنىنى سۆيەلمەي سۇغا سەكرىگەن سەتەڭدەك.سەمىمى سۆزلىمەيدۇ، سۆزلىرى سەت،سەبىيلەرنى سوتلايدۇ،ساقچىلىق سالاھىتىدە سۆزلىگەندە سەۋەپلەرنى سەمىمى سۈرۈشتۈرمەي سېسىق سۆزلەردە سوتلاپ، ساغرىسىغا ساۋاپ،سۆڭەكلىرىنى سېستىۋىتىدۇ. سەھىيە سىستىمىسىدىكى ساۋاتسىزلار؛-ساغلاملارنىمۇ ساناتوريەگە سولاپ، سېغىزخاننىڭ سۈتىنى سانتىلاپ سېتىپ،ساغلىقنى ساغماي،سەركىنى سېغىپ سىپىرلاپ ساقايتىشقا سۆزلىشىدۇ،ساقايسا ساقايدى ساقايمىسا ساراڭلار ساناتوريىسىگە سېتىۋىتىدۇ.


      ساۋاتسىز سودىگەرلەر؛- سۇنى ساغلىقنىڭ سۈيدۈك سىياسىدا سىرلاپ، سامساق سۈيىدە ساڭزا سېلىپ، سەينىڭ سەركەردىسى سەۋزىنى سامانلىقتا ساقلاپ سودا- سانائەت سارىيىدا سولاشتۇرۇپ ساتىدۇ.


      ساۋاتسىز سىكىرتارلار؛-سۇنى سايدا ساقلاپ سۇ سالىدىغانلارغا سېسىق سۇنى سانتىلاپ سېتىپ،ساپ-سۈزۈك سۇنى ساسلىققا سىلجىتىۋىتىدۇ،سەھرادىكى ساددا سەبداشلىرىنى سوقا-سۆرەملىرىنى سۆرۈتۈپ،سايغا سامانلىق سالدۇرۇپ سىياقىنى ساماندەك سارغايتىپ ساپ-سالقىن سەھرادىن سەسكەندۈرۋىتىدۇ.


       سوت ساھەسىدىكى ساۋاتسىز ساقچىلار؛-سۆگەتنى سۈرۈشتۈرمەي سايىنى سوتلايدۇ، ساننى سۈرۈۋىتىپ،سۈپەتنى سىرلاپ،سومنى سومكىغا سالالمىغانلارنى سولىتىۋىتىدۇ. ساۋاتسىز ساخاۋەتچىلەر؛-سەبىلارنى ساننىڭ سىرتىغا سۈرۈۋىتىپ،سىمىزلەرنىڭ ساغرىسىنى سىلايدۇ.


    ساۋاتسىز سالاچىلار؛-سەمىمى سۆزلىگەنلەرنىڭ سۆزىنى سۇسلاشتۇرۇپ، ساختا سۆزلىگەنلەرنى سۈپەتلەپ سەبداشلار سورۇنىنى سۈلھى-سالا سۈيىدە سۇغۇرۇپ سالام سائەتنى سوغۇق سۇغا سېلىۋاتىدۇ. سامسپەزلەر؛- سامانلىقتا ساقلىغان ساغلىق سامساقنىڭ سىڭلىسى-سۇڭپىيازنىڭ سۈتىنى سىڭدۈرۈپ سېتىپ سەبداشلىرىنى سەمرىتىۋاتىدۇ.


      سۆھبەتداشلار!،ساۋاتسىزلار سەھىپىسىدىكى سۆھبەتتە سۆزلىسەك ؛-ساۋاتسىزلارنىڭ ساۋاتسىزلىق سەۋەنلىكلىرى سامانلىقتىكى سېسىق ساماندەك،ساسلىقتىكى سېسىق سۇدەك سان- ساناقسىز.سۆزۈمنىڭ سەھنىمىزدىكى سەركەردىسى ساۋاتسىزلارغا ساۋاتسىزلىقنىڭ ساۋاقلىرىنى سەمىمى سەزدۈرۈپ، ساۋاتسىزلارنى ساۋاتلىق ساناتوريەسىنىڭ ساپ، سۈزۈك سۈيىدە سۇغۇرۇپ، ساھەلەرگە سەپلەنگەن ساۋاتسىزلارنى سوغۇق ساقلاش ساندۇقىدا ساقلاۋەرمەي ساھەلەرنىڭ سەپەر سەيناسىغا ساغلام سەكرىتەيلى!


           ئاپتورى :  مەخەت ئابدۇرېھىم


     



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   elijan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-28 05:45 PM  


قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76572
يازما سانى: 100
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3277
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 67 سائەت
تىزىم: 2012-2-26
ئاخىرقى: 2013-8-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-28 05:32:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يىزىلىپتۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83007
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3013
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2012-7-26
ئاخىرقى: 2012-7-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-28 05:43:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاۋۇ شىئىر مۇ تازا ماسلىشىپتۇ ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28541
يازما سانى: 137
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4926
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 157 سائەت
تىزىم: 2011-1-31
ئاخىرقى: 2013-12-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-28 05:49:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇندامۇ دەپ كەتمەيلى...كىمنىڭ ئوقوغۇسى يوق .بەزى ساۋاتسىز كىشىلەر خىلى ئوقومۇشلۇق كىشىلەردىن ياخشى .ئەتراپلىق ئىش بىر تەرەپ قىلىدۇ...ھەممە ئادەمنى بىر تاياختا ھەيدىسەك ياخشى بولماسمىكى .

ھەر گۈلنىڭ پۇرىقى باشقا !!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82832
يازما سانى: 171
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3262
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 37 سائەت
تىزىم: 2012-7-22
ئاخىرقى: 2012-10-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-28 06:06:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يىزىلىپتۇ

تۇگىمەيدىغان ئىش يوق قونمايدىغان قۇش يوق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82788
يازما سانى: 740
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6175
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 948 سائەت
تىزىم: 2012-7-21
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-28 06:11:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
س ھەرپى بىلەن باشلانغان بۇ سۆز ئويۇنى ياخشى يىزلىپتۇ. مەزمۇنىمۇ شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ.

خارلانماسلىقنىڭ يولى - خارلىماسلىق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78604
يازما سانى: 207
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3432
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 196 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2014-7-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-28 06:25:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راسىت،س ھەرىپى بىلەن باشلانغان سۆزئويۇنى ياخشى يىزلىپتۇ.

شۇنچە كۆپ ھەرىلەر بىر كۆنەكتە بىر-بىرىنى چېقىشمايدىكەن،
ۋە لىكىن ئادەملەر بۇ دۇنياغا پىتىشمايدىكەن.

نېمىلەرنى ئويلا

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12654
يازما سانى: 3011
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15429
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 3323 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2015-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-28 06:26:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقىي ساۋاتسىزلار كىملەر ؟

ئىنسان ئىمان بىلەن  بەخىتلىكتۇر .

شۈكرى ئاللاھ

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 52311
يازما سانى: 687
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7974
تۆھپە نۇمۇرى: 697
توردا: 4395 سائەت
تىزىم: 2011-8-20
ئاخىرقى: 2015-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-28 06:31:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
س ھەرىپىدىن ئىس چىقىرۋېتىپتىغۇ،،، ناھايىتى ياخشى يىزىلىپتۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59309
يازما سانى: 636
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3829
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 2172 سائەت
تىزىم: 2011-10-6
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-28 06:42:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنى سۈكەپلىۋېتىپسىزغۇ؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش