غىچىرلاپ ئايلىنار ۋاقىتنىڭ چاقى،
ئىس-تۈتەك قاپلىغان غېرىپ شەھەردە،
يىلاندەك تولغىنار مەست بولغان كوچا ،
نامراتلىق قاپلىغان تۇيغۇ قەسرىدە.
نۇر چۈشمەس زەررىچە قاراڭغۇ ۋۇجۇد،
چەكسىمۇ ئېچىلماس قەلب ئىشىكى ،
قان ساقىپ تۇرىدۇ تېشىلگەن يۈرەك،
ئۇرۇلغان رەھىمسىز نەزەر خەنجىرى.
مۈگدەيدۇ كوچىلار مۈگدەيدۇ بىنا،
مۈگدەيدۇ شىر-كەيىپ بولغان بۇ شەھەر،
كېلەلمەس ئادەملەر ئۇيقۇ شەھرىدىن ،
خورازمۇ چىللىماس ئەمدى تاڭ سەھەر.
قان رەڭگى ئۇپۇققا تۇتاشقان ئۇزۇن،
گىرىمسەن يوللاردا تەنھا بىر كارۋان،
مەنزىلى دۇچ كەلدى ئۇشبۇ شەھەرگە،
ئاداشتى ،ئۇنۇتتى نىشانى قايان.