مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 689|ئىنكاس: 9

قوش كەسىپتىن قوش نەتىجە ياراتقان تۆھپىكار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81715
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 694
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 40 سائەت
تىزىم: 2012-6-17
ئاخىرقى: 2012-7-31
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

           قوش كەسىپتىن قوش نەتىجە ياراتقان تۆھپىكار




(ئاتاغلىق كىنو تىلۋىزىيە سەنئەتكارى ۋە دوختۇر ۋىراچ مىرادىل ھاجى مىر ئالىمى توغرىسىدا )

مەن 2001-يىلى 10-ئايدا ئاتاغلىق سەنئەتكار ۋە دوختۇر ۋىراچ مىر ئادىل ھاجىم بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇم. شۇندىن بۇيان ئۇنىڭ بىلەن سىردىشىش ئارقىلىق، بېرىش-كېلىش قىلىپ،يېقىن دوست-بۇرادەرلەردىن بولۇپ قالدۇق. بۇ جەر ياندا  ئۇنىڭ خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدا پاراڭلىشىپ،تۆۋەندىكى ماتىريالغا ئىگە بولدۇم.

مىرھادىلھاجى مىرئالىمى  1938-يىلى 30-دىكابىر كۈنى  قەشقەردە ئۆزبىك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇ باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتىن تارتىپ، ئەدىبىيات-سەنئەت ئىشلىرىغا ئالاھىدە قىزىقىپ، مەكتەپنىڭ سەنئەت كۇرژىكلىرىغا قاتنىشىدۇ-دە، سەھنىدە رول ئېلىشقا باشلايدۇ. ئۇ 1960-يىلى شىنجاڭ مىدىتسىنا ئىنىستىتوتىدا ئوقىۋاتقان مەزگىلدە پىشقەدەم درامماتۇرۇگ-زۇنۇن قادىر يازغان «گۇلنىسا» دراممىسىدا قىمارۋاز- قادىرنىڭ رولىنى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىك بىلەن تىپىكلەشتۈرۈپ ئوبراز يارىتىپ، تاماشىبىنلارنىڭ ماختىشىغا ئېرىشىدۇ. كىيىن ئۇ ئۆزىنىڭ دوختۇرلۇق كەسپىدىن سىرىت ئىكرانغا يۈزلىنىپ، جەمىيەتتىكى كىشىلەرگە تونۇلىدۇ.

1961-يىلى شىنجاڭ كىنو ستودىيىسى ئوت يۈرەك شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ گومىنداڭ ئەكسىيەتچىللىرىنىڭ زۇلۇمىغا قارشى ئېلىپ بارغان ئىنقىلاۋىي كۆرىشى ۋە ئىجادىيەت پائالىيەتلىرى تەسۋىرلىنىدىغان ھىكايە فىلىم:«يىراقتىكى ئۇچقۇنلار»نى ئىشلەش ئالدىدا كىنو ستودىيىسى شىنجاڭ مىدىتسىنا ئىنىستىتوتىغا بېرىپ،

مىرادىلجاننى كىنو سىتودىيىسىگە تاللاپ ئېلىپ كىلىپ،ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئۇنى سەلبىي پىرسۇناژ،ساتقىن باقى رولىغا تاللايدۇ. بۇ ئۇنىڭ ھاياتىدىكى بىر بۇرۇلۇش بولۇپ قالىدۇ. شۇندىن بۇيان ئۇنىڭ ئىكران ھاياتى باشلىنىدۇ. ئۇ فىلىمگە رول ئېلىش جەريانىدا مۇناسىۋەتلىك كىنولارنى تەكرار-تەكرار كۆرۈپ، سەلبىي پىرسۇناژلارنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشلىرى، چىراي ئۆزگىرىشلىرى، خاراكتىرى قاتارلىق تەرەپلەرنى چوڭقۇر كۈزۈتىدۇ. پىشقەدەم ئارتىستلار ۋە رىژىسۇرلاردىن مەسىلەھەت سوراپ، رولنى مۇۋاپىقيەتلىك ئېلىپ چىقىدۇ.ئۇ ئارقىدىنلا يەنە «ئانارخان»فىلىمىدە يەر ئىسلاھاتى خىزمەت ئەتىرتىنىڭ كادىرى ۋە دىھقاننىڭ رولىنى ئالىدۇ. 1979-يىلى بۇ ستودىيە تەڭرىتاغ كىنو ستودىيىسىگە ئۆزگەرتىلگەندىن كىيىن ھىكايە فىلىم ئىشلەش خىزمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈدۇ. مىرئادىلھاجىم يەنە ئىكرانغا يۈزلىنىدۇ. ئۇ «يول باشلىغۇچى» فىلىمىدە چەتئەل دىن تارقاتقۇچىسىنىڭ رولىنى ئالىدۇ. ئارقىدىنلا 1980-يىلى «نەسىردىن ئەپەندى» فىلىمدە ھىندى سودىگىرى رولىنى ئالىدۇ. 1984-يىلى «سىرلىق كارۋان» فىلىمىدە ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيىسىنىڭ مايۇرى ئوبرازىنى يارتىدۇ. ئۇنىڭ بويى ئىگىز، تەققى-تۇرقى بەستلىك بولغاچقا، ئۇنىڭ ئوبرازى كىنو تاماشىبىنلىرىنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر ئورۇن ئالىدۇ. يەنە 1984-يىلى شىنجاڭ تىلۋىزىيە ئىستانسىسى «ئۈچ ياش»ناملىق ئىككى قىسىملىق تىلۋىزىيە تىياتىرىنى ئىشلەيدۇ. مىرادىلھاجىم بۇ فىلىمدە 11-ئەسىردە ئۆتكەن ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى، تىلشۇناس مەخمۇت قەشقىرى ئوبرازىنى يارتىدۇ ھەمدە مەخمۇت قەشقىرىنىڭ مازىرىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان تارىخىي ھۆججەتنى ساقلىغۇچى ئالىم،ئۆلىما- ئىمىر ھۈسۈيىن قازى ئاخۇنۇمنىڭ ئوبرازىنى يارتىدۇ. 1990-يىلدىن كىيىن ئۇ يەنە تۆت قىسىملىق تىلۋىزىيە تىياتىرى «نەسىردىن ئەپەندى»دە موللىنىياز ئوبرازىنى، تىلۋىزىيە تىياتىرى «مەدەتكار»دا بانكا باشلىقى يۈسۈپنىڭ ئوبرازىنى مۇۋاپىقيەتلىك ھالدا يارىتىپ، ئۇيغۇر كىنو-تىلۋىزىيە ساھىسىدە كەم بولسا بولمايدىغان تۆھپىكار شەخسىگە ئايلىنىدۇ.

مىرھادىلھاجىم تىببىي مۇئارىپ ساھىسىدىمۇ كۆپلەپ ئەجىر سىڭدۈرۈپ، تىببىي مەكتەپ، تىببىي تىخنىكوملارنىڭ تەربىيلەش كۇرۇسلىرى ۋە دوختۇرخانىلاردا داۋاملىق ھالدا دەرس ئۆتۈپ، تىببىي دەرسلىك قوللانمىسى تۈزۈپ ۋە تەرجىمە قىلىپ، ياش تىببىي خادىملارنى تەربىيلەشتە ئالاھىدە تۆھپە قوشىدۇ. ئۇنىڭ ھاياتى ھازىرغا قەدەر كىنو-تىلۋىزىيە ئارتىسلىقى، تىببىي داۋالاش، تىببىي مۇئارىپ، تىببىي تەرجىمىچىلىك، ژورنالىستلىق قاتارلىق ئىنتايىن جاپالىق خىزمەتلەر بىلەن ئۆتتى. پارتىيە ۋە ھۆكىمەت ئۇنىڭ تۆھپىللىرى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا يۇقىرى شان-شەرەپ، خەلىق ئۇنىڭغا ئالاھىدە ھۆرمەت ئاتا قىلدى.

ئۇ 1983-يىلى دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتىتى، ئەمگەك كادىرلار مىنىستىرلىگى، جوڭگۇ پەن-تىخنىكا جەمىيىتى تەرىپىدىن «ئىلغار پەن-تىخنىكا خادىمى» دېگەن شەرەپلىك نامغا،1984-يىلى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مىللەتلەر ئىشلىرى باشقارمىسى، ئەمگەك كادىرلار باشقارمىسى ۋە پەن-تىخنىكا جەمىيىتى تەرىپىدىن ۋىلايەت بويىچە «ئىلغار پەن-تىخنىكا  خادىمى»دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى. 1989-يىلى ۋە 1992-يىلى قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىكوم تەشكىلات بۆلىمى ئۇنىڭغا «مۇنەۋۋەر مۇتىخەس»«كۆزگە كۆرۈنگەن ئىختىساسلىق خادىم»«مۇنەۋۋەر كەسپى پەن-تىخنىكا خادىمى» دەپ شەرەپلىك نام بەردى. ئۇنىڭ ئىشلىرى كۆپ قىتىم مەمىلكەت ۋە ئاپتۇنۇم رايۇن دەرجىلىك گېزىت-ژورناللاردا تونۇشتۇرۇلدى.

مىرھادىلھاجىم ھازىر جوڭخۇا تىببىي ئىلمىي جەمىيىتى قەشقەر شۆبىسىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، تىببىي ئىلمىي  جەمىيەت پەننى ئومۇملاشتۇرۇش  كومىتىتىنىڭ مەسىلەھەتچىسى. «قەشقەر سەھيىسى» ژورنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى.ھەر مىللەت خەلقى ئۇنىڭ ئىكران ھاياتى ۋە كەسپىي خىزمىتىگە زور ئۇتۇق تىلەيدۇ. بىز ئۇنىڭ تېنىنىڭ سالامەت، تۇرمۇشىنىڭ بەخىتلىك، ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز.


قەشقەر شەھەر 16-ئوتتۇرا مەكتەپتىن-ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى. 2012-يىلى 28- ئىيۇن يېزىلدى. قەشقەر     

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زامانى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-28 04:40 PM  


cap10.jpg

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81715
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 694
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 40 سائەت
تىزىم: 2012-6-17
ئاخىرقى: 2012-7-31
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تۆھپىكارنى بەلكىم شىنجاڭدىكى كىنو كۆرگەن تاماشىبىنلار تونۇيدۇ دەپ قارايمەن. ماقالىنىڭ سىلەرگە زوق ئاتا قىلىشىنى تىلەيمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76572
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 166
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 44 سائەت
تىزىم: 2012-2-26
ئاخىرقى: 2012-7-28
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھاھاھاھاھ مۇئەللىم سىز ياش ۋاقىتلىرىڭىزدا خىزمەت ئىشلىمەي كىنو كۆرگەنمۇ نىمە؟  سىز نىڭ يوللىغان ماقالىلىرىڭىزنىڭ كۆپىنچىسى دىگۈ دەك شۇ قەدىمى فىلىملەر توغرىسىدىغۇ  سىزھازىر كىنو كۆرمەمسىز

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12462
يازما سانى: 1021
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13604
تۆھپە نۇمۇرى: 2156
توردا: 6824 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2012-8-1
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزىپسىز مۇئەللىم ، بولسا يەنە يوللاڭ . تورداشلارنىڭ ئاچچىقىنى ئۆزلىرى كەلتۈرۈپ قويۇپلا مۇئەللىم ، بولسا پىلىم ھۆججىتىنى يوللىغان بولسىلىرى ئۇنچىۋىلا ئىشلار يۈز بەرمەيتى ،،،

ئۇيغۇرسەن مىللەتتىن  تانما ،
ئوغۇزسەن كەينىڭگە يانما .
قوشقاردىگەن ھايۋان  ئۇ .
سەن ئىنسان ئۇنى دورىما .
70% ئۇيغۇر يوققا ھىساپ ، پەقەت 30 پىرسەنتى ھايات بولسىلا .

نېمىلەرنى ئويلا

مەستانە ئـــەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12654
يازما سانى: 1605
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9116
تۆھپە نۇمۇرى: 251
توردا: 3034 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2012-7-31
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tabhakiyik يوللىغان ۋاقتى  2012-7-28 05:12 PM
ھاھاھاھاھ مۇئەللىم سىز ياش ۋاقىتلىرىڭىزدا خىزمەت ئىشل ...

ما ئىنكاسنى ئۇقۇپ ئىختىيارسىز كۈلۈپ تاشلىدىم............

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 780
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6249
تۆھپە نۇمۇرى: 1099
توردا: 645 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2012-7-31
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باغۋەن  مۇئەللىم   ، سىلى  قايسى كۈنى بىر  تېمىلىرىدا   ‹‹  ساھىپجامالنىڭ ئۆلۈمى  ››  ناملىق كىنونى تەتقىق  قىلىپ چىققانتىلە    ،   ئەمما  سىلە  ‹‹  ساھىپجامال  ››  نى تەتقىق قىلىپ   ‹‹  ئۆلۈم  ››   ئاتالغۇسىنى تەتقىق قىلمىدىلا   .
ئۇنىمۇ تەتقىق  قىلىپ  قويالا    ، مۇنبەرگە  يوللاپ  قويالا    .   بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bugaltir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-28 06:28 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
azizgul + 10 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

پۇل تۇتتۇڭ ئوت تۇتتۇڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81119
يازما سانى: 456
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1904
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 151 سائەت
تىزىم: 2012-6-5
ئاخىرقى: 2012-7-31
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bugaltir يوللىغان ۋاقتى  2012-7-28 06:23 PM
باغۋەن  مۇئەللىم   ، سىلى  قايسى كۈنى بىر  تېمىلىرىدا   ‹ ...

جانلىق ئىنكاس ................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82350
يازما سانى: 225
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 315
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 118 سائەت
تىزىم: 2012-7-1
ئاخىرقى: 2012-8-1
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
لىكىن ماۋۇ تىمىڭىز باشقىلرىدىن ياخشىكەن.ئوقۇشقا ئەرزىيدۇ.

ئۆمىد بىلەن ياشايمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59309
يازما سانى: 439
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1624 سائەت
تىزىم: 2011-10-6
ئاخىرقى: 2012-8-1
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تېمىڭىزنى خېلى ياقتۇردۇم.

QQ : 770148110

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80808
يازما سانى: 601
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1752
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 98 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2012-8-1
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىزگە مىنىڭچە جىن چاپلىشىپ قاپتۇ .

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
tumurkala + 10 مەنچىمۇ كىنو جىنى چاپ.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

بىر كۈنى شۇنداق ۋاقىت بولىدۇ ، كۆزگە  - كۆزلەر قادىلىدۇ !

كۆرىمىز ! ھىم ~! كىمنىڭ كۆزىدىن ياشلار ئاقىدۇ !!!!



ANSWER
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش