|
|
|
|
«پارتىيە قىزى» فىلىمى توغرىسىدا
(بۇ فىلىمنى چاڭچۈن كىنو سىتودىيىسى 1958-يىلى ئىشلىگەن.) سىنارىست-لىن شەن.رىژىسۇر-لىن نوڭ. فىلىمنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى: 1- ئاۋغۇست ئارمىيە قۇرلۇش بايرىمىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا بىر قىز ناخشا ئېيتىدۇ. پەستە ئولتۇرغان بىر گىنرال ئۇنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلاپ چوڭقۇر خىيالغا پاتىدۇ. ئەسلىدە گىنرالنىڭ ئىسمى-ۋاڭجىې بولۇپ، ئۇ 20 نەچچە يىل ئىلگىرى قىزىل ئارمىيە شىمالغا يۈرۈش قىلغاندا ئايالى-يۈمىي بىلەن قىزىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. ناخشا تۈگىگەندىن كىيىن گىنرال قىز بىلەن ئەھۋاللىشىپ، ئۇنىڭ 20نەچچە يىل ئىلگىرى ئايرىلىپ كەتكەن قىزى-شاۋنىيۇ ئىكەنلىكىنى بىلىپ قاتتىق يىغلاپ كېتىدۇ. ئۇنىڭدىن ئانىسىنى سورايدۇ. قىزى كۆرگەن-بىلگەنلىرىنى سۆزلەپ بېرىدۇ. دادىسى كەتكەندىن كىيىن دۈشمەنلەر يىزىغا باستۇرۇپ كىرىپ، بارلىق پارتىيە ئەزالىرىنى تۇتۇۋالىدۇ. يىزىلىق پارتىكوم شۇجىسى «ياشىسۇن كومپارتىيە» دەپ شۇ ئار توۋلىغاندا ئۇنى يەتتە نەپەر پارتىيە ئەزاسى بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرىۋىتىدۇ. يۈمىي ئۆلمەي قىلىپ،يېنىدا ئىڭراپ تۇرغان شۇجىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئاغزىدىن:« يېنىمىزدا خائىن بار، ماجاخۇيغا ئەھۋالنى ئېيتىڭ» دەپ جان ئۈزۈدۇ. ئەسلىدە ماجاخۇي خائىن بولۇپ، تاۋخۇا يېزىسىدىكى پارتىيە ئەزالىرىنى دۈشمەنلەرگە ئاشكارىلاپ قويىدۇ. يۈمىي ماجاخۇينى ئىزدەپ ئۇنىڭ ئۆيىگە كىلىدۇ. ئايالى ئۇنىڭغا ماجاخۇينىڭ خائىن ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاپ قويغاندا ماجاخۇي ئايالىنى ئېتىپ ئۆلتۈرىۋىتىدۇ. دۈشمەنلەر ئۆلتۈرىۋەتكەن يەتتە نەپەر كومىنىستنىڭ جەسىدىنى دۈشمەنلەر دەرەخكە ئېسىپ قويغاندا شىيۇيىڭنىڭ بوۋىسى جەسەتلەرنى يوشۇرۇنچە دەپىنە قىلىپ قويىدۇ. يۈمىي ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كىيىن يوشۇرۇنچە پارتىيە خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. دۈشمەنلەر يوشۇرۇن مارىلاپ يۈرۈپ يۈمىينىڭ ئىشلىرىنى سىزىپ قېلىپ،ئۇنىڭ ئۆيىنى قورشىۋالىدۇ. يۈمىي دۈشمەنلەر بىلەن باتۇرلارچە ئېلىشىپ،دۈشمەنلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالىدۇ. مەھەللىنىڭ ئىچى ئىس-تۈتەككە ئايلىنىدۇ. يۈيمىنى دۈشمەنلەر ئوتتا كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرىۋىتىدۇ. شاۋنىيۇ دادىسىغا بولغان ئىشلارنى تەپسىلى سۆزلەپ بېرىدۇ ھەمدە گىنرالنىڭ ئۆزىنىڭ دادىسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۇنىڭغا ئانىسى قالدۇرغان پارتىيە ئەزالىق كىنىشكىسى بىلەن ئىككى تەڭگە پۇلنى تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. داىسى-قىزىغا:«قىزىم،ئانىڭىز ھەقىقىتەنمۇ پارتىيىنىڭ ياخشى قىزى، سىز ئۇنىڭدىن ئۆگىنىڭ»دەيدۇ. بۇ فىلىم بىزگە يېڭى جوڭگۇنىڭ ئازاتلىقى ئۈچۈن قۇربان بولغان بولغان ئىنقىلاۋىي قۇربانلارنىڭ ئىنقىلاۋىي ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىش ھەققىدە ئېدىيىۋىي تەربىيە بېرىدۇ. يازغۇچى-ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى 2012-يىلى 27-ئىيۇن يېزىلدى.قەشقەر بۇ يازمىنى ئاخىرىدا شةۋقصي تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-28 03:31 PM
|
|
|
|
|
|