مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3916|ئىنكاس: 25

ھۆكۈمەت باشلىقلىرىنىڭ نامى نىمىشقا ئوخشىمايدۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

دەقيانوس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85
يازما سانى: 469
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4791
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 755 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-28 01:47:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ھۆكۈمەت باشلىقلىرىنىڭ نامى نېمىشقا ئوخشىمايدۇ؟





     دۇنيادىكى دۆلەتلەرنىڭ مەمورى تۈزۈمى بىر-بىرگە ئوخشىمىغاچقا بىز خەۋەرلەردە ئاڭلايدىغان ھۆكۈمەت باشلىقلىرىنىڭ نامىمۇ ئوخشىمايدۇ، بەزى دۆلەتلەرنىڭ زۇڭتۇڭ، بەزىلىرىنىڭ زۇڭلى يەنە بەزىلىرىنىڭ بولسا باش ۋەزىر دىيىلدۇ.
دۆلەتلەرنىڭ مەمورى تۈزۈمىنى تۈرگە ئايرىشتا ئاساسەن، دۆلەت باشلىقى ، قانۇن تۇرغۇزۇش ۋە مەمۇرى ئورگانلارنىڭ مۇناسىۋىتى ۋە شۇنداقلا ھۆكۇمەت تەشكىللەش شەكىلىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن بەشكە بۆلۈنىدۇ ، ئۇلار ئىچكى كابىنىت تۈزۈمى، زۇڭتۇڭلۇق تۈزۈمى،يېرىم زۇڭتۇڭلۇق تۈزۈمى،كومېتىت تۈزۈمى ۋە خەلق خوجايىن بۇلۇش تۈزۈمىدىن ئىبارەت. تۆۋەندە بىز ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى كۆرۇپ باقايلى.   
1.ئىچكى كابىنىت تۈزۈمى  
ئىچكى كابېنىت تۈزۈمىنىڭ مەنبەسى ئەنگىلىيە، ئىچكى كابېنىت تۈزۈمىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىچىدە ئەنگىلىيە ، ياپۇنىيەدەك پادىشاھلىق ئاساسى قانونلۇق دۆلەتلەرمۇ، ھىندىستان ۋە ئىسرائىليەدەك جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىدىكى دۆلەتلەرمۇ بار. بۇ خىل تۈزۈمنىڭ ئالاھىدىلىكى تۆۋەندىكىچە:
1.پارلامىنىتنى ھەممىنىڭ ئۇستىگە قۇيۇش.  
پارلامىنىتلىق تۈزۈم شارائىتىدا پارلامىنىت دۆلەت سىياسى تۇرمۇشىنىڭ مەركىزى بۇلىدۇ، دۆلەتنىڭ ئەڭ ھۇقۇقلۇق ئورگىنى ، قانون چىقىرىش ۋە ئىچكى كابىنىتنى تەشكىللەش ۋە نازارەت قىلش ھۇقۇقى بۇلىدۇ.ئىچكى كابىنىت پارلامىنىتتا پەيدا بۇلىدۇ، ۋە پارلامىنىت ئالدىدا مەسئولىيەتنى ئۇستىگە ئالىدۇ، ئىچكى كابىنىتتىكى باش مىنىستىر ياكى باش ۋەزىر پارلامىنىتقا قەرەللىك خىزمەت دۇكلات سۇنىدۇ ۋە پارلامىنىت نازارىتىنى قۇبۇل قىلىدۇ.
2.ئىچكى كابىنىت تەشكىللەشتىكى خاسلىق.   
ئىچكى كابېنىت پارلامېنىت تۆۋەن پالاتادا كۆپ سانلىق ئورۇننى ئىگىلگەن بىر پارتىيە ياكى پارتىيە ئىتتىپاقىدىن دۆلەت باشلىقىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن تەشكىللىنىدۇ. ئىچكى كابىنىت زۇڭلىسى ياكى باش ۋەزىر دۆلەت باشلىقى بۇلۇپ تەيىنلەنمىسىمۇ، ئەمەلىيەتتە دۆلەت باشلىقىنىڭ ھۈقۇقىنى يۈگۈزىدۇ.
3. دۆلەت باشلىقى شەكىلگە بۇلىدۇ.
دۆلەت باشلىقى بىر سىمۋول بۇلۇپ،ئەمەلىي ھوقۇق بولمايدۇ ھەمدە ھىچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. زۇڭلى ياكى باش ۋەزىر دۆلەت باشلىقى ئالدىدا جاۋاپكار بولمايدۇ.دۆلەت باشلىقىنىڭ ئۆز ئالدىغا ھۇقۇقى بولمايدۇ، ئاساسى قانوندا بەلگىلەنگەن ئالاھىدە ئەھۋال ئاستىدا، گوۋۇيۇننىڭ قۇشۇلىشى ئاستىدا بەزى ھۇقۇقلارنى يۈرگۇزىدۇ.
4.ئىچكى كابىنىت مەمورى ھۇقۇقنى يۈرگۈزىدۇ.  
بۇ خىل تۈزۈم شارائىتىدا، ئىچكى كابىنىت دۆلەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى ھۇقۇقلۇق مەمورى ئورگىنى بۇلۇپ،ئىچكى كابىنىت باشلىقى ئەمەلىي ھۇقۇقىنى قولىدا تۇتقان بۇلىدۇ. ھۇقۇق يۈرگۈزگۇچى پارتىيەنىڭ رەھبىرى ھۈكۇمەتنىڭ باشلىقى بۇلۇپ، ئۆز پارتىيىسىنىڭ پارلامىنىتتىدا كۆپ سانلىق بۇلۇشدىن پايدىلنىپ پارلامىنىتنى كونتۇرۇل قىلىدۇ ۋەيەنە ئەمەلىيەتتە قانون چىقىرىش ھۇقۇقىنى قولىدا تۇتۇپ تۇرىدۇ.ئىچكى كابىنىت ئەزالىرى بىر ۋاقىتتا پالامىنىت ئەزاسى بولغاچقا، ئىچكى كابىنىت خىزمەت جەريانىدا پارلامىنىتنى ئىگلىۋالىدۇ.
5.ھۆكۈمەت پارلامىنىت ئالدىدا جاۋاپ بېرىدۇ.
ھۆكۈمەت پارلامېنت ئالدىداجاۋاپ بېرىدۇ، پارلامىنىت ئەزالىرىنىڭ سۇئالىغا جاۋاپ بېرىش، ئىچكى كابىنىت قارارى ۋە ھۈكۇمەتنىڭ سىياسىتىنى چۇشەندۇرىدۇ.پارلامىنىتتا ھۈكۇمەتنىڭ سىياسىتى ۋە سىياسى ھەركىتى مۇئەييەنلەشتۇرۇلگەندىن كىيىن ئاندىن داۋاملىق يۈگۇزىلىدۇ.ئەگەر پارلامىنىتتا ھۈكۇمەتكە ئىشەنمەسلىك ياكى ھۈكۇمەتكە ئىشىنىش رەت قىلىنسا پارلامىنىت ئەزالىرى كوللىكتىپ ئىستىپا بېرىدۇ ياكى ئىچكى كابىنىت باشلىقى دۆلەت باشلىقىغا پارلامىنىتنى تارقىتىش تەكلىپىنى بېرىدۇ،ئالدىن پارلامىنىت سايلىمى ئىلىپ بېرىلىپ، يىڭى پارلامىنىت ھۈكۇمەتنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدۇ.


2.زۇڭتۇڭلۇق تۈزۈمى

زۇڭتۇڭلۇق تۈزۈمى بولسا زۇڭتۇڭ بىرلا ۋاقىتتا دۆلەت باشلىقى ۋە ھۆكۈمەت باشلىقى ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدىغان تۈزۈم شەكلى. 18-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئامېرىكىدا مەيدانغا كەلگەن. ئامىرىكا ھۇقۇقنى ئۈچكە ئايرىش تەلىماتى بۇيىچە ،مۇستەبىتلىككە، پادىشاھلىق تۈزۈمگە قارىشى تۇرۇش ئاساسىدا بۇ خىل تۈزۈمنى بەرپا قلغان. ئارگىنتىنا ،بىرازىليە، مىسىر، ھىندونۇزىيە ،مىكسىكا قاتارلىق كۆپلىگەن دۆلەتلەردە  مۇشۇ تۈزۈم يۈرگۈزىلىدۇ.

1)زۇڭتۇڭ مۇستەقىل ھالدا پارلامېنىتتىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ.
زۇڭتۇڭلۇق تۈزۈمدە زۇڭتۇڭ پارلامېنىتقا بېقىنمايدىغان مۇستەقىل گەۋدە ھېساپلىنىدۇ. بۇ خىل مۇستەقىللىق ، زۇڭتۇڭنىڭ خەلق بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك سايلىمىدا مەيدانغا كېلىشى، ھەرگىز پارلامىنىتتا مەيدانغا كەلمەسلىكى،زۇڭتۇڭنىڭ ھۇقۇقى ئاساسى قانوندا ئىنىق بەلگىلەنگەن بۇلۇشى ،پارلامېنىتنىڭ ئارلىشۋالماسلىقى، زۇڭتۇڭنىڭ ۋەزىپە مۇددىتى قانوندا بەلگىلەنگەن ،بۇلۇپ پارلامىنىتنىڭ ئىشىنىش ئىشەنمەسلىكى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولغانلىقى، ئەگەر زۇڭتۇڭ ئېغىر دەرىجىدە قانونغا خىلاپىلق قىلسا پارلامىنىت ئەيىبلەيدۇ، بىراق ۋەزىپىسىدىن ئىلىپ تاشلىيالمايدىغانلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ.

2).زۇڭتۇڭ بىر ئادەم ھەم دۆلەت باشلىقى ھەم ھۆكۈمەت باشلىقى بۇلىدۇ.
زۇڭتۇڭلۇق تۈزۈم يۈرگۈزىلىدىغان دۆلەتتە ، زۇڭتۇڭ بۇ ئىككى ۋەزىپىنى بىراق ئۈستىگە ئالىدۇ.بۇ دۆلەت باشلىقى ئاساسى قانون ۋە باشقا قانونلار ئاساسىدا ئەمەلى ھۇقۇق يۈرگۇزىدۇ.ئادەتتە زۇڭتۇڭ ھەر قايسى مىنىستىرلار ئارقلىق كابىنىت تەشكىللەيدۇ ھەمدە يەنە كابىنىت باشلىقى بۇلۇپ، چوڭ مەمۇرى ھۇقۇقنى يۈرگۇزىدۇ،دۆلەتنىڭ ئۈچ ئارمىيىسىنىڭ قۇماندانى بۇلىدۇ. يۈرگۇزىدىغان مەمۇرى بۇيرۇقلاردا گوۋۇيۈەن ئىجازىتىنى ئىلشى ھاجەتسىز .

3). ھۈكۇمەت بىلەن پارلامىنىت پۇتۇنلەي ئايرىلغان بۇلىدۇ.
بۇ خىل تۈزۈمدە ھۆكۈمەت ئەزاسى بىرلا ۋاقىتتا پارلامىنىت ئەزاسى بۇلۇشىغا بولمايدۇ، ھەمدە پارلامىنىت قانون چىقىرىش مۇنازىرىسى ۋە ئاخىرقى قارار چىقىرىش يىغىنىغا قاتناشسا بولمايدۇ.يەنە پارلامىنىتقا قانون ۋە قانون لايھىسى سۇنۇشىغا بولمايدۇ.
4)ھۆكۈمەت ئەزالىرى بىلەن زۇڭتۇڭ يۇقىرى –تۇۋەنلىك مۇناسىۋىتىگە ئىگە.
زۇڭتۇڭلۇق تۈزۈمدە ھۈكۇمەت ئەزالىرىنى زۇڭتۇڭ ۋەزىپىگە قۇيىدۇ ، ئۇلار زۇڭتۇڭ ئالدىدا خىزمىتىدىن دۇكلات بېرىدۇ. ھۈكۇمەت ئەزالىرى زۇڭتۇڭنىڭ قارارىغابويسۇنۇشى لازىم ،زۇڭتۇڭ ھەر ۋاقىت ئۇلارنى ۋەزىپىدىن قالدۇرالايدۇ.

5)ھۈكۇمەت پارلامىنىت ئالدىدا جاۋاپكار بولمايدۇ.
زۇڭتۇڭلۇق تۈزۈم شارائىتىدا ھۈكۇمەت ھەرگىز پارلامىنىت ئالدىدا جاۋاپكار ئەمەس بەلكى زۇڭتۇڭ ئالدىدا جاۋاپكار ،زۇڭتۇڭ بولسا سايلىغۇچىلار ئالدىدا جاۋاپكار بۇلىدۇ. پارلامىنىت قانون بۇيىچە زۇڭتۇڭنى نازارەت قىلشتىن باشقا، ئىشەنمەسلىك بىلتى تاشلاپ زۇڭتۇڭنى ئىستىپا بېرىشكە قىستىيالمايدۇ.زۇڭتۇڭمۇ پارلامىنىتنى تارقىتۋىتەلمەيدۇ.زۇڭتۇڭ پارلامىنىتقا دۆلەت ئەھۋالدىن دۇكلات بېرىدۇ،پارلامىنىت تۈزگەن قانون زۇڭتۇڭ ئىمزا قويسا كۇچكە ئىگە بۇلىدۇ،زۇڭتۇڭ قۇشۇلمىسا رەت قىلش ھۇقۇقى يوق. بىراق پارلامىنىت 3تىن2قىسم ئەزانىڭ قايتا ماقۇللۇقتىن ئۈتكۈزسە، بۇ قانوننى يۈرگۈزگىلى بۇلىدۇ.


3.يېرىم زۇڭتۇڭلۇق تۈزۈمى
يېرىم زۇڭتۇڭلۇق تۈزۈمى ئەڭ دەسلەپ فىرانىسيەدە مەيدانغا كەلگەن ، ئۇ ئىچكى كابىنىت تۈزۈمى بىلەن زۇڭتۇڭ تۈزۈمىنىڭ ئارلىقىدىكى بىر خىل تۈزۈم بۇلۇپ ئۇنىڭدا يۇقىرىقى ھەرئىككى تۈزۈمنىڭ ئالاھىدىلىكى بار.بۇ خىل تۈزۈمنى يولغا قويغان دۆلەتلەر ئاساسلىقى فىرانسىيە، ئاۋىستىرىيە،فىنلاندىيە،ئىسلاندىيە ۋە پورتۇگالىيە قاتارلىقىلار.سوۋىت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كىيىنكى روسىيە ۋە ئۇنىڭ ئىلگىرىكى شەرقى ياۋرۇپادىكى ئىتتىپاقداشلىرى مۇشۇ خىل تۈزۈمنى يولغا قۇيۇشقا باشلىدى. بۇخىل تۈزۈمنىڭ مۇھىم
ئالاھىدىلىكى تۆۋەندىكىچە:

1)شەكىلدە ئىككى مەمۇرى باشلىق تەسىس قىلىنغان بۇلىدۇ(زۇڭتۇڭ ۋە زۇڭلى)
يېرىم زۇڭتۇڭلۇق تۈزۈمدە، شەكىلدە ئىككى مەمۇرى باشلىق بۇلىدۇ يەنى خەلق سايلىغان زۇڭتۇڭ ۋە زۇڭتۇڭ ۋەزىپىگە قويغان زۇڭلى. بۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى بولسا ئالدىنقىسى چوڭ سىياسەت فاڭجىنلارنى قارار قىلىدۇ ، كىيىنكىسى كۇنكرىت مەمۇرى ئىشلارغا مەسئول بۇلىدۇ.

2)ھۈكۇمەت زۇڭتۇڭ ئالدىدا جاراپ بەرمەيدۇ، بەلكى پارلامىنىت ئالدىدا جاۋاپ بېرىدۇ.
بۇ خىل تۈزۈم يۈرگۇزىلىدىغان دۆلەتلەردە، زۇڭلى، دۇلەت ئىشلىرى مىنىستىرى، ھەرقايسى مىنىستىرلار ۋە دۆلەت ئىشلىرى كاتىپىدىن تەشكىللەنگەن ھۈكۇمەت زۇڭتۇڭ ئالدىدا جاۋاپ بەرمەي، ئەكسىچە پارلامىنىتقا جاۋاپ بېرىدۇ. پارلامىنىت ھۈكۇمەتىنى بىكار قىلالايدۇ. پارلامىنىت بىكار قىلش لايھىسى تاكى ئىشەنمەسلىك بىلتى تاشلاش باياناتىنى ئېلان قىلىپ، ھۈكۇمەت پىروگىراممىسى ياكى باش سىياسەتنى رەت قىلغاندا، زۇڭلى جەزمەن كۇللىكتىپ ئىستىپا بېرىشنى ئۇتتۇرغا قۇيىشى كېرەك.مانا بۇجەھەتتە يېرىم زۇڭتۇڭلۇق تۈزۈمدە ئىچكى كابىنىت تۈزۈمىنىڭ ئالاھىدىلكى بولغان بۇلىدۇ.

3)زۇڭتۇڭ ئەمەلى ھۇكۇمرانلىق ھۇقۇقىنى قولغا ئالغان بۇلۇپ،دۆلەتنىڭ ھۇقۇق مەركىزى بۇلىدۇ.
بۇ خىل تۈزۈمدىكى دۆلەتتە زۇڭتۇڭ ئەمەلىي ھۇقۇقنى تۇتۇپ، ھۇقۇق مەركىزىدە تۇرىدۇ ،ھىچقانداق ئورگان ئالدىدا جاۋاپ بەرمەيدۇ. زۇڭتۇڭ دۆلەت باشلىقى بۇلۇش سۇپىتى بىلەن، پارلامىنىت يىغىنلىرىنى تەشكىللەش، قانونغا ئىمزا قۇيۇش ۋە ئۇنى ئېلان قىلش، بۇيرۇق ئېلان قىلش، تاشقى سىياسەت بىكىتىش، ئۈچ خىل ئارمىيىگە قۇماندانلىق قىلش قاتارلىق ھۇقۇقلىرى بار. ئۇنىڭدىن باشقا بىۋاستە چوڭ مەمورى ھۇقۇقنى ئىگلىگەن بۇلۇپ، پارلامىنىت قۇشۇلىشىدىن ئۈتكۈزمەيلا زۇڭلى ۋە مىنىستىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش، ئىچكى كابىنىت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىش قاتارلىق ھۇقۇقلىرى بۇلۇپ، بۇنىڭدىن كۆرۋىلىشقا بۇلىدۇكى يېرىم زۇڭتۇڭلۇق تۈزۈمىدىكى زۇڭتۇڭنىڭ ھۇقۇقى مەلوم مەنىدىن ئېيىتقاندا ئادەتتىكى زۇڭتۇڭلۇق تۈزۈم شارائىتىدىكى زۇڭتۇڭنىڭ ھۇقۇقىدىنمۇ چوڭراق دىيىشكە بۇلىدۇ.

4.كومىتىت تۈزۈمى
كومىتىت تۈزۈمى يەنە كىڭىشىش تۈزۈمى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.بۇ خىل تۈزۈمدە دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي مەمۇرى ھۇقۇقى دۆلەت باشلىقى ياكى ھۈكۇمەت باشلىقىدىن ئىبارەت بىر كىشنىڭ قولىغا مەركەزلەشكەن بولماستىن، بەلكى پارلامىنىتتا مەيدانغا كەلگەن كومىتىت ئەزالىرى كۇللىكتىپ بۇ ھۇقۇقنى يۈرگۇزىدىغان مەمۇرى تۈزۈم شەكلى.دۇنيادا پەقەت شىۋىتسارىيە بۇ خىل تۈزۈمنى ئەڭ ئۇزۇن داۋاملاشتۇرغان دۆلەت بۇلۇپ،1848-يىلدىن بۇيان ئىزچىل بۇ تۈزۈم يولغا قۇيۇلماقتا،بىراق شىۋىتسارىيەدىن بۇرۇن قىرانسىيە بۇيۇك ئىنقىلاپ ۋاقتىدا 1789-يىلى ياكوبىنچىلار بۇخىل تۈزۈمنى يولغا قويغان، بۇ كىيىن شىۋىتسارىيەگە تەسىر كۆرسەتكەن. نۆۋەتتە باشقا دۆلەت بۇخىل تۈزۈمنى قوللانمايدۇ. شىۋىتسارىيەنىڭ يېرىم مۇستەقىل شىتات ۋە جۇمھورىيەتلەردىن تەركىپ تاپقانلىقى، بىر مىللەتتىن تەركىپلەنگەن مىللىي دۆلەت بولماي، نىمىس، فىرانسوز ۋە ئىتالىيان قاتارلىق مىللەتلەردىن تۈزۈلگەن بولغانلىقى، مەركەز ھۇقۇقىنىڭ ئاجىز ،يەرلىك ھۇقۇقىنىڭ كۈچلۈك بولغانلىقى بۇ خىل تۈزۈمنىڭ يولغا قۇيۇلىشغا شارائىت ھازىرلىغان.ياۋرۇپا ئىتتىپاقى كىيىن بىرلەشسە بۇ خىل تۈزۈمنى يولغا قۇيىشى مۇمكىن دەپ قارالماقتا.
بۇ خىل تۈزۈمنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى تۆۋەندىكىچە:
1)پارلامىنىت ھەممىدىن ئۇستۇن ئورۇندا تۇرىدۇ.
شىۋىتسارىيەدە، پارلامىنىت قانون چىقىرىش ھۇقۇقى بۇلۇپلا قالماي، بەلكى مەمۇرى قارار، فاڭجىنلارنى چىقىرىدىغان ئەڭ ئالىي مەمۇرى ئورگان ھىساپىنىدۇ.پارلامىنىت بولسا كومىتىتنىڭ ئۇستىدە بۇلۇپ، كومىتىتنى نازارەت قىلش ھۇقۇقى بۇلۇپلا قالماي كومىتىت قارارلىرىنى ئۆزگەرتىش ۋە كەينىگە سۈرۈش ھۇقۇقىمۇ بار.پارلامىنىتتا ماقۇللاشتىن ئۇتكەن قانون لايھىسىگە قارىتا كومىتىت قايتا قاراپ چىقىشىنى تەلەپ قىلش ياكى رەت قىلش ھۇقۇقى يوق پەقەت بويسۇنۇشى كېرەك. كومىتىت پارلامىنىتنى تارقىتۋىتەلمەيدۇ، پارلامىنىتمۇ كومىتىتنى تارقىتۋىتەلمەيدۇ.
2)كومىتىت ئەزالىرىنىڭ ھۇقۇقى باراۋەر بۇلىدۇ.
بۇ خىل تۈزۈم يولغا قۇيۇلغان دۆلەتتە، فىدراتسىيە رەئىسى گەرچە دۆلەت باشلىقى ۋە ھۈكۇمەت باشلىقى ھىسابلىنىپ، مۇراسىم خاراكتىرلىك ۋە سىمۋول خاراكتىلىك بەزى ھۇقۇقلاردىن بەھرىمەن بۇلۇپ، دىپلۇماتىيە جەھەتتىن دۆلەتكە ۋەكىللىك قىلسىمۇ، بىراق ئىچكى جەھەتتە فىدراتسىيە يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلشىتىن باشقا ھۇقۇقلىرى بارلىق كومىتىت ئەزالىرىنىڭ بىلەن ئوخشاش بۇلىدۇ.قارار چىقىرىدىغان چاغدا ئاز دىگەندە 4 كومىتىت ئەزاسى قۇشۇلغاندا قولغا قويغىلى بۇلىدۇ، فىدراتسىيە رەئىسىنىڭ ئۆزئالدىغا قارار قىلش ھۇقۇقى يوق.
3)مۇھىم ئىشلار كىڭىشىپ قارار قىلىنىدۇ.
بۇ خىل تۈزۈمدە ھەربىر كومىتىت ئەزاسى بىر مىنىستىرلىكنىڭ مىنىستىرى بولسىمۇ، يەنىلا يالغۇز بۇ مىنىستىرلىكنىڭ چوڭ ئىشلىرىنى قارار قىلالمايدۇ. ئازدىگەندە مۇناسىۋەتلىك ئۈچ مىنىستىر لايھىنى تەتقىق قىلىپ قارار چىقىرىدۇ. بارلىق چوڭ ئىشلار كۇللىكتىپ مۇھاكىمە قىلىنىپ، ئازسانلىق كۆپ سانلىققا بويسۇنۇش، كۇللىكتىپ مەسئول بۇلۇش پىرىنسىپى بۇيىچە ئىش تۇتىدۇ.

5.خەلق خۇجايىن بۇلۇش تۈزۈمى
خەلق خۇجايىن بۇلۇش تۈزۈمى يەنە گوۋۇيۇەن تۈزۈمى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ ئاساسەن دۆلىتىمىز يولغا قويغان ئەڭ يۇقىرى مەمۇرى ئورگان- گوۋۇيۇەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا مەيدانغا كىلىدىغان ۋە ئۇنىڭ ئالدىدا مەسئول بۇلىدىغان، نازارىتىنى قۇبۇل قىلىدىغان مەمۇرى تۈزۈم شەكلى ھىسابلىنىدۇ.
1)گوۋۇيۇەن خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بىۋاستە قارمىقىدا بۇلىدۇ.
بۇ ئاساسەن گوۋۇيۇەننىڭ خەلق قۇرۇلتىيدا مەيدانغا كىلىشى،خەلق قۇرۇلتىيىغا خىزمەت دۇكلاتى بېرىشى ۋە خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نازارىتىنى قۇبۇل قىلىشىدا ئىپادىلىنىدۇ.
2)دىمۇكراتىيە –مەركەزلەشتۇرۇش ئاساسىدىكى زۇڭلى مەسئول بۇلۇش تۈزۈمى يولغا قۇيۇلىدۇ.
دۆلىتىمىز يولغا قويغان بۇ تۈزۈم كىڭىشىش تۈزۈمى بىلەن رەھبەر تۈزۈمىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى مۇجەسسەملىگەن، بۇ ئىككى تۈزۈمنىڭ كەمچىللىكىدىن ساقلانغان.



تەرجىمىدە : ياسىن ئەبەيدۇللا
(جۇڭگو ۋە چەتئەلنىڭ مەمۇرى تۈزۈمنى سىلىشتۇرۇش )ناملىق كىتاپتىن تەرجىمە قىلىندى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   elijan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-28 04:18 PM  


سەن ۋەتەن، مىللەت دىسەڭ، تارىختا نامىڭ قالغۇسى،
بول جەسور، ئالىي نىشان ،كۆلچەك بۇلاققا قانمىغىل!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29519
يازما سانى: 1450
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9311
تۆھپە نۇمۇرى: 392
توردا: 985 سائەت
تىزىم: 2011-2-7
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-28 02:02:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئىلگىرى چۈشەنچەم كەمچىل ئىدى .بۇگۈن بۇ يازما ئارقىلىق تەپشىلى بىلۋالسىم .رەھمەت سىزگە .

@ئۆزەمنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقىم ئۈچۈن پەخىرلىنىمەن@

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47565
يازما سانى: 210
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3909
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1332 سائەت
تىزىم: 2011-7-12
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-28 02:14:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ بەك ئۇقۇپ كەتمەيىتتىم ، ئوبدان بىلىۋالدىم .        تېما ئىگىسىگە رەھمەت !

ئادەم ئىمانى بىلەن ئادەم .....

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82799
يازما سانى: 308
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3691
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 63 سائەت
تىزىم: 2012-7-21
ئاخىرقى: 2013-8-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-28 02:36:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنچىلىك تەپسىلى بىلمەيتتىم . تېمىڭىزغا رەھمەت .

نېمىلەرنى ئويلا

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12654
يازما سانى: 3011
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15429
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 3323 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2015-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-28 02:47:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تېمىڭىز ئارقىلىق بۇ ھەقتىكى چۈشەنچەم  بىر قەدەر چۇڭقۇرلاشتى ، تەشەككۈر سىزگە !

ئىنسان ئىمان بىلەن  بەخىتلىكتۇر .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79425
يازما سانى: 322
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3772
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 181 سائەت
تىزىم: 2012-4-28
ئاخىرقى: 2013-8-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-28 04:22:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80496
يازما سانى: 973
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7596
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 606 سائەت
تىزىم: 2012-5-22
ئاخىرقى: 2015-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-28 04:49:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن شەخسەن فېدېراتسىيە تۈزۈمىنى ياقتۇرىمەن.

غەزەبلىنىش دۆتلۈكتىن باشلىنىپ،پۇشايمان بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32152
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3363 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-28 05:47:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چۈنكى، دۆۋلەت باشقۇرۇش تۈزۈمى ئوخشىمىغان بىلەن ماھيىتى ئوخشاش.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14537
يازما سانى: 1244
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7000
تۆھپە نۇمۇرى: 1582
توردا: 10547 سائەت
تىزىم: 2010-10-19
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-28 07:58:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ جەھەتتە خېلى كۆپ نەرسىلەرنى بىلىمەن دەپ يۈرەتتىم، لىكىن «يېرىم زۇڭتۇڭلۇق تۈزۈمى
» نى تېخىچە بىلمەيدىكەنمەن، تېما ئىگىسىگە رەھمەت!

~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~
دادىسى زۇڭتۇڭ بولسا بالىسىمۇ زۇڭتۇڭ بولىدىغان، زۇڭتۇڭ ئەڭ ئالى ھوقوقنى ئىگەنلەيدىغان بەشىر ئەسەد ھۆكۈمىتىنى يۇقىردىكىلەرنىڭ ھېچقايسىغا سالالمىدىمغۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14537
يازما سانى: 1244
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7000
تۆھپە نۇمۇرى: 1582
توردا: 10547 سائەت
تىزىم: 2010-10-19
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-28 08:02:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Bilge يوللىغان ۋاقتى  2012-7-28 04:49 PM
مەن شەخسەن فېدېراتسىيە تۈزۈمىنى ياقتۇرىمەن.

بىرەيلەن ماڭا «تۈرۈكلەرنىڭ ئوسمانلى ۋاقتىسىدىكى دۆلەت باشقۇرۇش تۈزۈمى دەل ھازىرقى فىدىراتسىيە تۈزۈمىگە ئوخشايدۇ» دىگەن ئىدى، سىزنىڭچە بۇ سۆزنىڭ ئاساسى بارمۇ؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش