مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1453|ئىنكاس: 32

ئېشەكنىڭ ئىش ئىزدىشى(فېليەتون) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82634
يازما سانى: 406
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5000
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 217 سائەت
تىزىم: 2012-7-8
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-28 10:11:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئېشەكنىڭ ئىش  ئىزدىشى(فېليەتون)

ئاپتورى:شىدەي فېنچىڭ

تەرجىمەقىلغۇچى: بارچۇق دىيارىدىن ئىلھامجان نىياز

    مەن بىر ئېشەك،بۇيىل 18 ياشقا كىردىم.كىشىلەر مېنى يېشڭمۇ بىر يەرلەرگە بېرىپ قالدى بىرەر خىزمەت تېپىپ ئۆزۈڭنى قامدىشىڭ كېرەك دىيىشىۋاتىدۇ.ھازىر ئېشەكلەر بەك كۆپ ،ئىش ئورنى تېپىش ئاسان ئەمەس.ئاڭلىسام ناھايىتى نۇرغۇن ئېشەكلەر مۇۋاپىق ئىش ئورنى تاپالماي ئۆيدە ئولتۇرۇشۇپتۇ،بىراق ئولتۇرۇۋەرگەن بىلەن بولمايدۇ-دە!.ئائىلىمىزنىڭ ئىختىسادى شارائىتى بەك ناچار شۇڭا مەن بىر ئىش ئورنى تاپمىسام بولمايدۇ.
      مەن ئۆزۈمنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردىكى شارائىتىمنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق يەنىلا ئۇن تارتىش،يۈك كۆتۈرۈشتىن ئىبارەت كونا دەسمايەمنى ئىشقا سالسام بولغۇدەك دىگەن قارارغا كەلدىم،بىراق يۈك كۆتۈرۈشنى تازا خالىمىدىم، بۇنىڭدا ھە دىدى سىرتقا كوماندىروپكىغا چىقىدىغان گەپ،ھازىر سىرت بەك قالايمىقان، بىرەر بالا-قازاغا يولۇقۇپقالسام مۇۋەپپىقىيەتتىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ.
      ئوھوي ،تەلىيىم راسا ئوڭدىن كەلدى-دىسە! كالا ئاكامنىڭ ئۇن زاۋۇتىغا تۈگمەن تېشى تارتىشقا ئىككى بۇرادەر لازىم ئىكەن. بىراق كالا ئاكامنىڭ شەرتى بەك ئۈستۈن بولۇپ،تولۇق كۇرستىن يۇقۇرى ئوقۇش تارىخى بولۇشى،ئېنگىلىس تىلى سەۋىيىسى 6-دەرىجىگە يەتكەن بولىشى كېرەك ئىكەن. بىر تۈگمەن تېشى تارتىدىغانغا بۇنچە يۇقۇرى دىپلوم سۈرۈشتۈرۈپ نىمە قىلىدىكىن؟!. بىراق مەن بۇ خىزمەتنى بەك ياختۇتۇرپ قالغان ئىدىم، شۇنىڭ بىلەن تۈلكىنىڭ يېنىغا بېرىپ بىر ساختا دىپلوم سېتىۋالدىم.بۇ رىقابەتلىك جاھاندا كۈچلۈكلەر بىلەن تەڭ بولۇش ئۈچۈن تۈلكىنىڭ تەكلىۋى بىلەن ئوقۇش تارخىىم تۈگمەن تېشى تارتىش بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئۆستۈرلدى. تەكلىپ قىلىنىش جەريانىدا كالا خوجايىننىڭ باشلانغۇچ مەكتەپ ساۋادىدا ئىكەنلىگىنىمۇ بىلىۋالدىم. ئىشقىلىپ ئاخىرى چۈشۈمدىمۇ ئارزۇ قىلىپ كەلگەن بۇ خىزمەتكە ئېرىشتىم.
    ئىشقا چىققان بىرىنچى كۈنى كالا خوجايىن ماڭا—سېنىڭ خىزمېتىڭ تۈگمەن تېشىنى ياخشى تارتىش، مۇقىم تارتىش.خىزمەتكە كېچىكمەيسەن،بالدۇر قايتمايسەن، كارتىغا پۇل سېلىنىدۇ،ھەربىر كېچىككەن،بالدۇر قايتقان ۋاختىڭ ئۈچۈن پۇل تۇتۇلىدۇ، خىزمەت ۋاختىدا ھاڭۋاختىلىق قىلىشقا بولمايدۇ، ئومۇمنىڭ تېلفۇنىنى سەخسى ئىشقا ئۇرۇشقا بولمايدۇ، يەنە...ئىشقىلىپ بىرمۇنچە ‹‹بولمايدۇ›› لارنى دەپ كەتتى ،ئىسىمدىمۇ تۇتۇۋالالمىدىم.
   ئاندىن كالا خوجايىن ماڭا يەنە-- تاش تارتىش دىگەن بۇ خىزمەت ئىنتايىن موھىم خىزمەت،خېلى يۇقۇرى پەن-تېخنىكىلىق خۇسۇسىيەتكە ئىەگە،ئەگەر بۇ ئىشتا سەۋىيە،ئۇسلۇب ياراتساڭ نەتىجە قازانغان بولىسەن،ئېشەكلەر توپى ئىچىدە پەن-تېخنىكا بويىچە ئىقتىدارلىق كىشى سانىلىسەن—دىگەنلەرنى ئېيتتى.
      بۇ گەپلەر مېنى ئىنتايىن ھاياجانلاندۇرىۋەتكەن ئىدى،ئىچىمدە چوقۇم ياخشى ئىشلەپ ئۆز قىممىتىمنى ئاشۇرىمەن دىگەنلەرنى ئويلىدىم.
    ئىشقا چۈشكەن بىرىنچى كۈنى كالا خوجايىن بىر پارچە قارا رەختنى ئېلىپ كۆزۈمنى تېڭىپ قويماقچى بولدى،مەن ئۇنىمىسام ئۇ،--بۇ سېنى قالايمىقان ئوي-خىيالدىن خالى قىلىدۇ،كۆڭۈل قويۇپ خىزمەت قىلىشىڭغا پايدىلىق—دىدى. مەن كالا خوجايىن ھەقىقىتەن ياخشى ئادەم ئىكەن، كۈچىنىڭ بارىچە مېنىڭ تېزرەك بىر داڭدار ئېشەك بولۇپ چىقىشىمغا ياردەم قىلىشنىلا ئويلايدىكەن،دىگەنلەرنى ئويلۇدۇم.
    شۇنداق قىلىپ خىزمىتىم باشلىنىپ كەتتى، مەن توختىماي بىر چەمبىرەك ھالىتىدە چۆرگىلەيتتىم، تۈگمەن توختىماي تاراڭلايتتى،قانچىلىك ئىشلىدىمكىن بىلمىدىم، ئاخىرى كالا خوجايىن مېنى توختاتتى، كۆزۈمدىكى قارا رەخىتنىمۇ ئېلىۋەتتى، شۇنداق قاراپ –ياپىرىم !—دەۋەتتىم ، شۇنچىلىك كۆپ ئۇن تارتىۋېتىپتىمەن ئەمەسمۇ. مەن چىقارغان بۇ ئۇنلارنى نۇرغۇن ئادەملەر يەيدۇ-دە ،دىگەنلەرخىيالىمنى كەزدى-دە بىردىنلا قەلبىمنى مۇۋەپپىقىيەت تۇيغۇسى چىرمىۋالدى.
    بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن گېزىتكە ‹‹خۇسۇسى تىىجارەت ئىگىلىرىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى خورلىسا بولمايدىغانلىقى، ئاقىۋەتتە كالا خوجايىننىڭ ئىسمى ئاتىلىپ تەنقىتلەنگەنلىكى ،كۆزۈمنى ئېتىپ قويغانلىقى ئېشەكلەرنىڭ قائىدىسىگە خىلاپ بولۇپ ئېشەكلەرنى كۆرۈش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلغانلىق بولىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بېسىلدى.مەن بۇ توغرۇلۇق كۆپ ئويلاپ ئولتۇرمىدىم،كالا خوجايىن ماڭا مۇئاشىمنى بەرسىلا بولدى،ئۆزۈم كەسىپتە مەلۇم نەتىجە يارىتالىسام باشقا ئىشلار بىلەن نىمە كارىم.
    كالا خوجايىن ئىسمى ئاتىلىپ تەنقىتلەنگەندىن كېيىن، بىرخىل پىسخىلوگىيە ئىلمى بويىچە ئىدارە قىلىشنى يولغا قويدى. ئاڭلىشىمچە بۇ خەلقارالىق ئىلغار سەۋىيگە ئىەگە ئاددى تەدبىر ئىكەن. بۇنىڭدا ئالدىمغا بىر باغلام كۆك ئوت قويۇپ قويىدىكەن، ئۇنى يىيەلمەيدىكەنمەن،ئۇ مەڭگۈ ئالدىمدا تۇرىۋېرىدىكەن. كۆپچىلىككە مەلۇم، بىز ئېشەكلەرنىڭ خىزمەت قىلىش مەخسىدىمىز ئاشۇ بىر باغلام كۆك ئوت ئۈچۈن،شۇڭا ئۇ ماڭا نىسبەتەن ئالاھىدە روھلاندۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. شۇندىن كېيىن ۋەزىپە ئورۇنلىشىم بۇرۇنقىغا باققاندا 8 ھەسسە ئېشىپ ئۇن تارتىش ساھەسى بويىچە ئەڭ ياخشى نەتىجە ياراتقان بولدۇم.
    كالا خوجايىننىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدا ،ھەم ئۆزۈمنىڭ تىرىشىشى ئارقىلىق ئاخىرى ئازراق نەتىجىگە ئېرىشتىم .ئېشەكلەر توپى ئىچىدە يامان ئەمەس ئاتىقىممۇ چىقىپ قالدى.كالا خوجايىن يىللىق مۇئاشىم 1000جىڭ كۆك ئوتنى 2000 جىڭ كۆك ئوتقا ئۆستۈرۈپ بەردى.بۇنداق تەمىنات ئېشەكلەر دۇنياسىدا ئەڭ يۇقۇرى تەمىنات ھىساپلىنىدۇ.
   بولدى، شۇنچىلىك بولسۇن. مەن چوقۇم تاشنى ئوبدان سۆرەپ تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىمەن.

杂文月刊  دىن ئېلىندى باغداش تورى
  

                                    

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەھرا ئوغلى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-28 10:19 AM  


ھەقىقەت چۈمىلىنىڭ قولىدا بولسا پىلمۇ سالامغا كىلىدۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48371
يازما سانى: 2060
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8057
تۆھپە نۇمۇرى: 1537
توردا: 5045 سائەت
تىزىم: 2011-7-19
ئاخىرقى: 2012-9-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-28 10:33:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بايقى بىر تىمىمۇ باغداشتىن كەلگەن ...ماۋۇمۇ شۇ ...


بىزنىڭ جەمىيىتىمىزكەنغۇ بۇ ...ئاۋۇ كالا بۇرادەر ماۋۇ خەخلىرىمىزدەكلا پەملىككەن دىسە

خەپ  ئىچكى دۈشمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82634
يازما سانى: 406
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5000
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 217 سائەت
تىزىم: 2012-7-8
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-28 10:36:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sazguri يوللىغان ۋاقتى  2012-7-28 10:33 AM
بايقى بىر تىمىمۇ باغداشتىن كەلگەن ...ماۋۇمۇ شۇ ...


پايدىلىنىش قىممىتى بولسىلا بولىدىغۇ . تىكىنى سورغۇچە ئۈزىمىنى يە دەيدىغان ھىكمىتىمىز بار .

ھەقىقەت چۈمىلىنىڭ قولىدا بولسا پىلمۇ سالامغا كىلىدۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57398
يازما سانى: 465
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5442
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 269 سائەت
تىزىم: 2011-9-21
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-28 10:43:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھا ھا ھا ھا بۇ تىمىنى ئۇقۇپ كۈلگۈم كىلىپ كەتتى. ماڭا بەك قىزىقارلىق بىلىندى

ھويلامىنى بىزەپ قويدۇم.كۈرۈپ بىقىڭلار (كۈلگەن  چىراي ئىپادىسى )

—Face Book—

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34430
يازما سانى: 738
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6276
تۆھپە نۇمۇرى: 197
توردا: 672 سائەت
تىزىم: 2011-3-19
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-28 11:08:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىم ،

     جۇڭگو جەمىيتى تەسۋىرلىنىپتۇ .

سۈيۈملۇك دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغان ‹ئاتا-ئانام›غا رەھمەت ئېيتىمەن ،

ھېكمەت ئىلى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78611
يازما سانى: 1002
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5332
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 309 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-28 11:12:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىممتى بار تىما ،ھازىرقى جەمىئيەتنى ئەكىس ئەتتۈرۈپتۇ. ھازىر دىپلوم بولىمسا ......

«كىمىكى ئىلىم ئىلىش يولىغا قەدەم قويسا،ئاللاھ ئۇنىڭغا جەننەتكە ماڭىدىغان يولنى ئىچىپ بەرگەن بولىدۇ!»

تاجىڭ~ئەخلاق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20758
يازما سانى: 2006
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10492
تۆھپە نۇمۇرى: 705
توردا: 7433 سائەت
تىزىم: 2010-12-4
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-28 11:15:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھە ئازراق بولسىمۇ چۈشەنگەندەك بولدۇم ،ئەتراپىمىزدىكى بەزى بىر ئىشلار يورۇتۇلۇپتۇ.

قىزلار سۇدىن ياسىلىدۇ.ئۇنىڭغا سوغۇق مۇئامىلە قىلماڭ.نۆل سىلسىيە گىرادۇستىن چۈشۈپ كەتسىلا ئۇ مۇزغا ئايلىنىپ سىزنى توڭلىتىپ ئۆلتۈرىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82484
يازما سانى: 401
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3800
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 62 سائەت
تىزىم: 2012-7-4
ئاخىرقى: 2012-10-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-28 11:33:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ئوخشىتىش بوپتۇ ..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57928
يازما سانى: 2919
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 264
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 992 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2012-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-28 11:34:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزى ئىشلار خېلى قىزىقارلىق تەسۋېلىنىپتۇ...........................

بىر كۈنۈڭ ئۆتسە قەبرىگە بىرقەدەم يېقىنلايسەن . .....
                                         ئۆلۈمگە ياخشى تەييارلىق قىل  ...........

ياخشىلىق قىل قۇلۇڭدىن كەلسە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72237
يازما سانى: 1900
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4929
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1246 سائەت
تىزىم: 2011-12-29
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-28 11:45:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆزى تىڭىلغان ئىشەكتەك ياشاپ قىلىشتىن ئۆزەڭ ساقلا ئاللاھ

ئادەمنىڭ كۆزى قارا ،يۇرىكى قىزىل بۇلدۇ،لىكىن ھازىر ئادەملەرنىڭ كۆزى  قىزىل يۇرىكى قارا .............
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش