{ گلادىئاتور }
پۇت- قۇلۇم كىشەندە باغلانغان مەھكەم،
قامچىلار دۈمچەمنى بىر ۋەھشى ئادەم.
زەنجىرگە چىرمىشىپ ماڭىمەن ئاستا،
بىلىمەن مەنزىلدە ئۆلگەن كۆپ ئادەم.
كىردىممەن يەر ئاستى قەپەس ئۈيىگە،
ئۈستۈمدە باشلاندى قىقاس ۋە چوقان.
كىشەنلەر يىشىلدى، باغلاندى جىسمىم،
تاشلاندى قۇلۇمغا قىلىچ ھەم قالقان.
كۆپ ئۆتمەي ئېچىلدى قەپەس ئىشىگى،
گۆكىرگەن ئاۋازلار ئاڭلاندى شۇدەم.
مەيدانغا چىقىپلا بۇغۇلدى نەپسىم،
بۇ قېتىم رەقىبىم ئەمەسكەن ئادەم.
ئالدىمدا تۇرغىنى بىر ۋەھشى ھايۋان،
ئاغزىدىن قان تامار چىشى ھەم يۇغان.
دوئىلدا خۇدۇمنى يۇقۇتۇپ قويسام،
كاپ قىلىپ يەۋىتەر مىنى ھەرقاچان.
قىلىچنى چىڭ تۇتتۇم تىترەيدۇ قۇلۇم،
يىرتقۇچقا ئېتىلدىم،چىقتى چوڭ قۇيۇن.
مۆجىزە يۈز بىرىپ ھايات قېپ قالسام،
ھۆرلۈككە ئىرىشىپ، نۇرچاچار يۇلۇم.
مەنبە : گلادىئاتور
2011 - يىلى 11 ئايدا يېزىلىپ 2012 - يىلى 7 ئاينىڭ 27 - كۈنى قايتا رەتلەندى .
{ i ll be back }
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-28 10:07 AM