ئەسلى تېمىسى: لوندون ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىغا مۇناسىۋەتلىك سىز بىلىشكە تېگشىلىك 5 ئىش
2012-يىللىق لوندون ئولىمپىك يىغىنى نۇرغۇن كىشىلەر تەشنالىق بىلەن كۈتۈۋاتقان زور ئىش، بۇنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى مۇھىمنىڭ مۇھىمى
دەۋر ئالاقە تورى7-ئاينىڭ 27-كۈنى ماقالىسى: ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان بىر توپ «قوي» دىن پائول مىك كارتىنېي (Paul McCartney) نىڭ ناخشا-مۇزىكىلىرىغىچە، كىنو رىژېسسورى داننېي بويېل (Danny Boyle ) ئىجاد قىلغان ئاجايىپ مەنزىرىلەرگە ئادەم ھەيران بولماي تۇرالمايدۇ.
1. خان جەمەتى مۇراسىمغا قاتناشتى
ئەنگىلىيە خان جەمەتىنىڭ ئىشتىراك قىلىشىمۇ كىشىلەرنى تولىمۇ قىزىقتۇردى
بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئەنگىلىيە خان جەمەت ئەزالىرىنىڭمۇ قاتنىششى يەنىلا بىخەتەرلىك خىزمىتىنىڭ مۇھىم ئوبېكتى بولۇپ قالدى. ئەنگىلىيە ئايال پادىشاھى، شاھزادە ۋېليام ۋە ئايالى كاتې مېدېلتون (Kate Middleton) شۇنداقلا شاھزادە ھارلې ( Harley) لار لوندون ۋاقتى كەچ سائەت 9 دا ئېچىلىش مۇراسىمىدا پەيدا بولدى. ئۇلار پۈتكۈل مۇراسىمنى تولۇق كۆرەمدۇ-يوق بۇ تېخى ئېنىق ئەمەس. بىراق ، ئەگەر ئۇلار مۇراسىمغا ئاخىرىغىچە قاتناشسا پائول مىك كاتىنېينىڭ مۇزىكىلىرىدىن بەھىرلىنىدۇ. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا پائول مىك كارتېنېي مەخسۇس ئولىمپىكقا ئاتاپ ئىجاد قىلىنغان ۋە كىلاسسىك ناخشىلارنى ئېيتىدكەن.
2. ئاجايىپ كۆرۈش سەزگۈ مەنزىرىسى
«ئارال مەنزىرىسى» دەپ ئاتالغان مۇراسىم كىشىلەرنى بەك قىزىقتۇردى
ئىگىلىنىشىچە، داننېي بويېل رېژوسسورلۇق قىلغان ئېچىلىش مۇراسىمىنىڭ نەخ مەيدان كۆرنۈشى ئاجايىپ ھەيۋەتلىك بولۇپلا قالماي، يەنە ئېنگىلادچە ئالاھىدىلىك ۋە سەھراچە پۇراق قىستۇرۇلغان. مۇراسىمنىڭ ئىسمى «ئارال مەنزىرىسى» (Isles of Wonder岛屿奇景) بولۇپ، شىكىسپىرنىڭ ئەسىرى «بوران-چاپقۇن» دىن ئىلھام ئېلىنغان. بۇ قېتىمقى نومۇرلاردا بىۋاستە ئۇلاپ تارقىتىلىدىغان تېلىۋىزىيە پروگراممىلىرىنىڭ «كىچىك بالا بىلەن ھايۋانلار سەھنىگە چىقىشقا بولمايدۇ» دىگەن چەكلىمىلەرنى دادىللىق بىلەن بۇزۇپ تاشلىغان. مۇراسىمدا 12 تۇياق ئات، 10 دانە توخۇ، 9 دانە غاز ۋە 70 تۇياق قوي شۇنداقلا نۇرغۇن بالىلار سەھنىگە چىقىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە داڭلىق گلاستونبۇرى تېغى، تېمىس دەرياسى، ماي تۈۋرۈكى قاتارلىقلارنىڭ مودېللىرى مەيدانغا چىقىرلىدۇ. كوللېكتىپ ئۇسۇل ۋە پالاق توپ مۇسابىقىسى قاتارلىق ئەنگىليىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەنلا توختاپ قالماي، سۈنئى بۇلۇت ۋە تۇمان ، يامغۇر قاتارلىق لوندوننىڭ ئالاھىدە ھاۋارايىنى ئىپادىلەيدىغان نەرسىلەرمۇ مۇراسىم سەھنىسىدە پەيدا بولىدۇ. شۇنىڭغا ئەگىشىپ دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ گارمونېك دولۇقۇنلۇق سائەتنىڭ جاڭ ئاۋازى، ئوت تۇتاشتۇرۇلغان ئولىمپىكنىڭ 5 ھالقىسى سەھنىدە يۇقۇرى كۆتۈرلىدۇ.
3. لوندون يۇقۇرى دولقۇنى
مۇراسىمدا ئوينىلىدىغان ئۇسۇل
مۇزىكا بولسا بويېل ئورۇنلايدىغان كۆرۈش سەزگۈ مەنزىرىسىنىڭ يادرولۇق مەزمۇنى. پۈتكۈل ئارتىستلار سەكرەش، يۈگۈرەش قاتارلىق ھەركەتلەرنى مۇزىكا رېتىمىغا ئەگىشىپ ئېلىپ بارىدۇ. بۇ قېتىمقى ئېچىلىش مۇراسىمىغا مەخسۇس ئاتاپ ئىجاد قىلىنغان مۇزىكىلىق ئەسەر بار بولۇپ، بۇ بويېلنىڭ «پويىزنى پەرەز قىلىش» دىگەن ئەسىرىنىڭ ئەسلى مۇزىكىسىغا ماسلاشتۇرۇلىدۇ.
4. پەردە ئارقىسىدىكى جاپا-مۇشەققەتلەر
بارلىق چوڭ تىپتىكى نومۇرلار، بولۇپمۇ ئولىمپىك ئېچىلىش مۇراسىمىنىڭ مۇشۇ خىل ئۆلچەمدىكى ئارقا كۆرنۈشىدىن ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ قانچىلىك بەدەل تۆلىگەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ.
لوندون ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا تەييارلىق قىلىش جەريانى ئۇنچە توسالغۇسىز بولمىدى. ئېچىلىش مۇراسىمىغا بىر ھەپتىمۇ قالمىغان ۋاقىت ئالدىدا، داننېي بويېل ئەتىرىتى بىلەن ئولىمپىكنى ئۇلاپ تارقىتىش گورۇپپىسىدىكىلەر ئوتتۇرسىدا سىنتارتقۇ قويۇش ئورنى بىلەن ئادەم كۈچىنى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق مەسلىلەردە پىكىر ئوخشىماسلىق ۋە ئىككى ئوتتۇرىدا كەسكىن تالاش-تارتىش يۈز بەردى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ھەر ئىككى تەرەپ قارشى تەرەپكە ھۆرمەت قىلىپ، بىر قەدەمدىن چېكىنگەن ۋە ماجرانى ھەل قىلغان.
5. رېپېتىتسىيە ياخشى باھاغا ئېرىشتى